umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:31:25

ۋەسىيەت(ئۇمۇن)

ۋەسىيەت

ئۇمۇن

ئەڭ ئاخىرىدا،
سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ قىسمەتلىرىدە،
دەلدەڭشىگەن كوچىدىكى ئارچا سايىسدا،
يىغلاپ ئولتۇرغان ماڭا تەسىللى بىرىۋاتاتتىم.
ئىچىدىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان يۈرەككە ئىنسانلارنىڭ پەلسەپەۋى ئۇتۇقلىرىنى چۈشەندۇرۇپ تىنجىتىشقا ئۇرىنىۋاتاتتىم.
ئەپسۇس كەلمىسىگە تەكرار ئۈسسۈگىنىمدە قەلبىم مەندىن ئەقىللىق چىقتى.
ياشاش نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن سوئالنى ئاڭلىغاندا،
يۈرۈكۈم توختىدى مەن يىغلاشقا باشلىدىم.
ھەقىقەتكە قەلبىم سۆيدى.
ئەقلىم ئۆكۈنۈشلىرىنى ئۆكسۈشكە ئايلاندۇرۋەتتى.
باھارنىڭ كەلگىنى بىلەن قىشنىڭ كەلگىنى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟؟
رەھىمسىز ۋە مەنىسىز ھىچنىمىدىن.
كۈنلەر قىش ۋە ياز تونىنى كىيىۋىلىپ كىشىلەرنى مازاق قىلىدۇ.
كىشىلەر كۈنلەرنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلماسلىق ئۈچۈن مازاق بولىدۇ.
كۈنلەرنىڭ بوينىغا رەھىىمسىز مەنىسىزلىك مىنىۋالغاندا كىشىلەر ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ.
ئۆلۈشنى ئۇنتۇش ئۈچۈن،
يوقۇلۇشنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن،
كۈنلەرگە ئۇنتۇلىدۇ ۋە ئۇزۇتىلىدۇ.
دىڭىز بويىدا،
چىڭدالغان قۇمدەك،
دولقۇنلارنىڭ قۇسۇشى،
كۆپۈكلەرنىڭ ئىتىلىشىدەك،
ھىچنىمىگە تەۋە بولمايدىغان دىڭىزغا چۈشكەن يامغۇردەك،
پەرىقسىز سىڭىشىپ كەتكەن مەنگە نەپرەت بىلەن قارايدۇ كۆڭلۈم.
پالما دەرىخىنىڭ ئەڭ ئاجىز يوپۇرمىقىنى تاتلىق-تاتلىق سۆيگەن شامالغا نەپرەت بىلەن ئالايغىنىمدا،
قىلبىمدە بىرنەرسە تىپراۋاتتى،تىپچەكلەۋاتاتتى.
ئەقلىم بىلەن يەلكىسىدىن بىسىپ تۇرغان تۇيغۇلىرىم پاچاقلىنىشىم بىلەن قەلبىمنى قورشاپ ئالدى.
گۇمران بولۇش ئىستىكىنىڭ قۇلى بولغان چىغىمدا ھۆرلۈككە ئەڭ يىقىن ئىنسان بولىمەن.
يوقۇلۇش.....
ھىچنىمىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بۇ نىجىس تىنىم پىدا بولسۇن ....
يوقۇلۇشقا ئىنتىلىش يوقۇلۇشتەك لەززەتلىك ئەمەس.
ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىش پەيتىمدە مىنى ئۆلدى ئەمەس ھىچنىمىگە ئايلىنىپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ دىيىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلاي.  

تەشنالىق

ئۇمۇن

تۇپراقلاردا،
ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۆرگۈم يوق پەقەت.
مەجنۇنتالنىڭ ياپراقلىرىدا،
ئۆزمگە قاراپ كۈلىدۇ نەپرەت.
ھەميىنىمدىكى رەسىمىمنى تەتۈرگە ئۆرۈپ قويدۇم.
ئالبۇملارنى كارۋىتىمنىڭ ئاستىغا چۆرۈپ قويدۇم.
چىدىغۇسىز شاۋقۇن ئاستىدا،
جىمجىتنىڭ كۆكسىدىن نەپەس ئىلىۋاتىمەن.
غەزەپلىرىمنى ئاپتاپقا سىلىۋاتىمەن.
ئەللەي كىبى ئانامنىڭ قۇچۇقىدا تاتلىق-تاتلىق ئۇخلىۋالسام،
سۆيگۈنۈمنىڭ كۆكسىدە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىۋالسام،
بالامنىڭ مەڭزىگە قىنىپ-قىنىپ سۆيىۋالسام،
قاغجىرغان تۇپراقتەك چاڭقاق كۆڭلۈم قىستا-قىستاڭ يالغۇزلۇقنى يانجاپ تاشلىۋىتەتتى.
دىڭىزلارغا ئارلىشىپ،
يامغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكىنىمدە،
ئۆتمۈشلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ،كىلەچىككە يىتەلمىگەن مىنى،
ئەسلەش ھارۋىسىغا سىلىپ بىر ئۆمۈر سۆرەيدىغان كۆڭۈلگە غايىۋىي ئاشىق بولدۇم،
ھاياجانغا تولدۇم.
ئازاپلىنىۋاتىمەن......
نىمىگە ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تىخىمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن.
كۈنلەر يەلكەمنى تاغدەك بىسىۋاتىدۇ.
مىنۇتلار كۈچلۈك قولغا ئايلىنىپ گىلىمنى سىقىۋاتىدۇ.
دەقىقىلەر مەنىللىرىمنى دارغا ئىسىۋاتىدۇ.
كەچكۈز ئەڭ ئاخىرقى قىزىل يوپۇرماقنى دوزاققا ئۇزاتقاندا قەبرە تىشىمنى قۇچاقلاپ ياتقان ساڭا سالاملار بولسۇن.  

مەنىسىزلىك

ئۇمۇن

قان تامدۇرۇپ تۇرغاندا تەغدىر،
ياشاشقا كىم بىرىدۇ جۈرئەت.
بوشلۇققا ئوخشاپ قالغاندا يىللار.
تەسەللى بىرىدۇ سارغايغان سۈرەت.

ئۆلۈمگە خىتاپ قىلغاندا قىممەت،
نەقەدەر بىچچارە قالىدۇ ياشاش.
قاراڭغۇ كەينىدىن كۈلىدۇ شەپەق،
كىچىنى دەپسەندە قىلغاندا قۇياش،

چەكسىز ئۇپۇققا قاتقاندا قارچۇق.
دەرىتكە مىنگىشىپ قالىدۇ تۇيغۇ.
مەنىسىز قالىدۇ تارىخ،كىلەچەك .
روھىڭ ئىسياندا،قۇترايدۇ قايغۇ.

ھەربىر ھاياتلىق ئاخىرقى ئۆمۈد.
ئۆچىدۇ يالقۇنجاپ ھامان بىر كۈنى،
ئۆلۈم ۋە ياشاشقا ئوقۇيدۇ نەپرەت،
يانجىپ تاشلانغان ئەقىلنىڭ ئۈنى.  

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 08:54:21

مەن تېخى تېمىنىڭ  ماۇزۇسىغا قاراپ،ئۇمۇن نەسىھەتشۇناس بوپ قالسا، ئۇيغۇر خەلقىگە دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغان ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ماڭغان ئوخشايدۇ دەپ ئىتتىكلام كىرىپتىمەن.:lol

heptohta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 09:11:04

تۇيغۇلار  ئوخشاش  بىر  نۇقتىدا  كېسشكەندە  ئوقۇلغۇچىنىڭ  قەلبى چۇل- چۇل  بولدى.
شائىر  قەلبىدىكى  پاجىئە  ئوقۇلغۇچىنىڭ  قەلبىگە  سىزىلدى- دە، بۇ  پاجىئە  ئورتاق  مۈلۈككە  ئايلاندى

484848 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 10:10:16

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:22:11

مەكرىزىي ئىدىيەسىنى كىم چۈشەندى ؟
جاۋاپ : مەن ! مەن ! مەن ! مەن !
بەلكىم پەقەت شۇ تۆتلا ئادەم چۈشەنگەندۇ ...

دىمەك بۇ ژانىرنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى يوق . ئەگەر بۇ ئۇسلۇپ مەلۇم سىياسىي مۇددانى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولسا ئۇ چاغدا بۇ ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغۇسى .
مەلۇم بىر ئىستەكنى ئىستىگەن بولسا ئۇ چاغدا ئۇلار ھېچكىم ئەمەس .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 15:47:49

   ئازاپلىنىۋاتىمەن......
نىمىگە ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تىخىمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن.
كۈنلەر يەلكەمنى تاغدەك بىسىۋاتىدۇ.
مىنۇتلار كۈچلۈك قولغا ئايلىنىپ گىلىمنى سىقىۋاتىدۇ.
دەقىقىلەر مەنىللىرىمنى دارغا ئىسىۋاتىدۇ.

   ئۇمۇن99 ئەپەندى،يۇقۇرقى مىسرالىرىڭىزنى سىزنىڭ نۆۋەتتىكى چىن روھىي تۇيغۇلىرىڭىز دىيىشكە بولامدۇ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 15:52:00

ھىچنىمىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بۇ نىجىس تىنىم پىدا بولسۇن ....
يوقۇلۇشقا ئىنتىلىش يوقۇلۇشتەك لەززەتلىك ئەمەس.
ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىش پەيتىمدە مىنى ئۆلدى ئەمەس ھىچنىمىگە ئايلىنىپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ دىيىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلاي.  

   نىمىشقا ئۆز تېنىڭىزنى «نىجىس» دەيسىز؟ ئىنسان ئۈچۈن نىجىسلىق تەندىمۇ روھتىمۇ؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 16:11:30

شىئىر ئىلمىي ماقالە ياكى راتسىئونال بايان ئەمەس.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 16:29:25

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر!



كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جەھانغا يازدى «دىۋانى لۇغەت»،
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 16:31:12

تولىمۇ يوشۇرۇن سىمۋوللۇق ئىپادىلەر بىلەن مەلۇم مەقسەتنى ئىپادىلەش........... ئۆزىنىڭ ھېچىكىم ئىشلىتەلمىگەن سىمۋوللاردىن پايدىلىنىپ مەلۇم پىكىرنى ئىپادىلىيەلىگەنلىكىدىن سۆيۈنۈش..............

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 16:34:54

ۋەسىيەت دېگىنى ھەممىدىن ياخشى چىقىپتۇ. مەن ياقتۇردۇم.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 22:04:55

مەنىسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، روھى قۇرغاقلىق

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 22:23:05

ئىلىمگە ئارىلىشىپ كەلسە بىر غەرەز،                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئۇ ئىلىم ئەمەستۇر بەلكى بىر مەرەز!                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                  - كامالىدىن بىنايى  

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:22:05

ھىچنىمىزىم

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:27:45

تىمىغا قاراپلا ئۇمۇننى سەكراتقا چۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.:lol

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:15:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 16:18  

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 16:11 static/image/common/back.gif
شىئىر ئىلمىي ماقالە ياكى راتسىئونال بايان ئەمەس.

ھوي ئادىشوي، نىمە بۇ يازغانلىرىڭ ،،،،،،،،،،،،. جاھاندا ھەرقانداق ئىشنىڭ تەبىرى بار. ئە كىشىگە قىلغىلى بومايتقان ئىش يوق. ئۇلىۋالىمەن شۇمۇ گەپ بولدىمۇ. ھەقەنچە بولسىمۇ لاتا قۇزۇقنى بىرقىتىم يەگە پاتۇغۇلۇق، ياكى بومىسا قۇلنىڭ ئۇچچىنى چىشلەپ ئۇزىۋاتقۇلۇق. ئۇمتسىز بولمايلى ، كۇنلە ئۇزاققۇ؟

ما ئۇكامغا نىمە دەت تەككەندۇ مانا؟ ئازىراق ئەنسىرەپ قالدىم.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 17:06:44

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 16:15 static/image/common/back.gif
ھوي ئادىشوي، نىمە بۇ يازغانلىرىڭ ،،،،،،،،،،،،. جاھان ...

ئەنسىرگىنىڭىزگە رەھمەت.بەك تەسىرلەندىم

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 18:44:33

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 17:06 static/image/common/back.gif
ئەنسىرگىنىڭىزگە رەھمەت.بەك تەسىرلەندىم

ۋوي،،،،،،،،،،،،،،، باكەن ھاما.

ۇكام بۇ گەپ قىل دىسە، بۇشەدىن قىلمايسە. نىمە .ۇ؟يازغانلىرىڭ،،،،،،،،

شىىر دەيسە، شىىر دىگەننىڭ مۇنداق قاپىيسى بولمامدۇ؟ سەن مەن تەن دىگەندەك.  پەىلاتۇن پەىلاتۇن دەپ بۇغۇن سانايدىغان ىشلىرى بار ىدى. يابۇغۇم يامىسرا ياكۇپلىت بولمىسا، ااڭ قىلسام شىىردا دۇتتارنىڭ تارىسىدەك زىل قىلدىن ىنچىكە ھىسياتەن تەپەككۇرلىرى بارمىش، شۇنى بىر تەڭكەش قىلاي دىسەم تىخى. شىىردىگەن يامىنى سۆز وينايدىغان نەرسە، مىنداغ نوچى بىركۇن قالاپ ولتۇرغىدەك پاساھەتلىرى بولسا بۇلىدۇ.

نىمە بۇ يۇتۇپ كىتىمە يۇقاپ كىتىمە، ادەمنى ەنسىرتىپ. ماۋۇ شىرىڭدىكى تۆت اناسۇرنىڭ بىرىنجىسى تۇپراق دىگەن سۆزنى ىلىۋەتسەڭ بولغىدەك، سەل چاپان سۆرەپ ساپتىكەنمە خىجىل بولاپ قالدىم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 18:57:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 20:55  

   ئۇمۇن99 ئەپەندى مۇشۇ شىئىرى ئارقىلىق قەلبىدىكى ئاجايىپ چوڭقۇر ھەسرەت ۋە ئۈمۈتسىزلىكنى ئەينەن ئىپادىلەپتۇ. ئەشۇ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان شىپالىق ئەڭگۈشتەرگىمۇ بىر نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ باققان بولسا ئۆزىگىمۇ ۋە دوسلىرىغىمۇ ياخشى ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ بۇرۇنقى بەزى يازمىسىنى ئوقۇغانتىم، مۇشۇنداق بىر بىلىملىك كىشىنىڭ خاتا يولغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەقىيقەتەن ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئىي ئۇلۇق ئاللاھ، ئۇنى ھىدايەت قىلغىن!
بەت: [1] 2
: ۋەسىيەت(ئۇمۇن)