تاشپولات: تەكشۈرگۈچى ماشىنا تارىختا بىرىنچى قېتىم كومېتاغا قوندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 10:07تەكشۈرگۈچى ماشىنا تارىختا بىرىنچى قېتىم كومېتاغا قوندى
تاشپولات روزى
لوس ئانجېلېس شەھىرى ئۈستىدىكى كومېتا
بۈگۈن يەنە 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياۋروپا ئالەم كېمە ئورگىنى، 10 يىلنىڭ ئالدىدا قويۇپ بەرگەن روسەتا دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم كېمىسىدىن ئېتىلغان كىچىك تەكشۈرۈش ماشىنىنىڭ، كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) نىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى. روسەتا ئالەم كېمىسى بۇ كومېتاغا 3 كىلومېتىرغىچە يېقىنلىشىپ ئاندىن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىچىك تەكشۈرگۈچى ماشىنىنى كومېتاغا قويۇپ بەرگەن. بۇ كىچىك ماشىنا كومېتانىڭ ئۈستىگە قونغاندا ئىككى قېتىم قاڭقىپ كەتكەن بۇنداق بۆلىشى بۇ كومېتانىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىكەن. بىراق ئۇ ئېتىراپىغا ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان قوزۇقلارنى قېقىپ ھازىر مۇقىم ھالەتكە كەلگەن.بۇ تەكشۈرگۈچى كىچىك ماشىنىنىڭ كومېتاغا قونۇشى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
كومېتا دېگىنىمىز ئاساسەن مۇزدىن تەركىب تاپقان قۇياش سىستېمىسىدىكى كىچىك جىسىم بولۇپ، ئۇ قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا ئىسسىپ مۇز پارغا ئايلىنىپ، كومېتانىڭ ئاتموسفېراسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئاتموسفېرادىن ئېتىلىپ قېچىپ چىققان پار، كىچىك تاش ۋە پاسكىنا نەرسىلەر كومېتادا قۇيرۇق ھاسىل قىلىدىكەن. بۇ قېتىم تەكشۈرۈش ماشىنىسى قونغان كومېتانىڭ ئىسمى <<67P/C–G>> دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى رۇسىيەلىك قازاقىستاندا بايقىغان ئىكەن. ئۇنۇڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 4 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ كومېتانىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن. بۇ كومېتانىڭ مەركىزى قۇم ۋە كىچىك تاشلاردىن تەركىب تاپقان مۇز جىسىم ئىكەن. بۇ كومېتادا قۇياش سىستېمىسى ھاسىل بولغان 4.6 مىليارد يىل بۇرۇنقى ماددىلار بۆلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. بۇنداق بولسا ئىنسانلارنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان جەريانلىرىنى، يەر شارىدىكى سۇنىڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەلىرىنى بىلىشىگە كوپ ياردەمدە بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.
http://www.nbcnews.com/science/space/historic-europes-philae-probe-lands-comet-317-million-miles-away-n246671
بۇ كومىتانى تۇتۇۋالالىغان بولساق ھە!
يەر شارىغا ئەكەپ ئىچىنى مانتىلاپ كومىتانىڭ تەركىبىنى ئىنىقلاپ چىقار ئىدۇق. قارغاندا ئىنسانلار بىرەر كومىتانىڭ سۇقۇلۇش خەۋىپىگە ئوچراپ قالسا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرۇ قۇرالىرىنى ئېلىپ چىقىپ پارتىلتىپ خەتەرىنى تۈۋەنلىتىش ياكى ئوربىتىنى ئۈزگەرتىۋىتىش دىگەندەك ئىشلارنى راستلا قىلالىغۇدەك.
تەكشۇرۇش ئەسۋابىنى بۇ كىچىك پىلانىتقا قوندۈرۈش ،ئون يىل بۇرۇن قۇيۇپ بىرىلگەن روسەتانىڭ بىردىن -بىر ۋەزىپىسىمىدۇ ياكى قۇشۇمچە ۋەزىپىسمىدۇ؟ ئەگەر كومىتاغا قۇنۇشقا ئالەم كىيمىسىنى ئۇچۇرۇپ يەنە ئون يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان بولسا ،بۇ ئىلىم-پەن ساھىسىدىكى كىشلەرنىڭ سەۋىرچانلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردىكەن. تېخى باياتىن يۇقاپ كېتىپتىكەن بۇ تېما udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 09:21:35 static/image/common/back.gif
بۇ كومىتانى تۇتۇۋالالىغان بولساق ھە!
يەر شارىغا ئەكە
ئىچىگە مانتا تۈگەمتىڭىز:lol salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 14:21 static/image/common/back.gif
ئىچىگە مانتا تۈگەمتىڭىز
بەلكىم............. كەپ قالمىسۇن بۇ يەرگە :funk: ھاللىي كومىتاسىنى كۆرگەنلەر بارمىدۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا 76يىلدا بىر يەرشارىغا يېقىنلىشارمىش
ھاللىي كومىتاسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى يەرشارىغا يېقىنلاشقانلىق خاتىرىلىرى بار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار ئون يىل. ھىم. harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 15:37 static/image/common/back.gif
ھاللىي كومىتاسىنى كۆرگەنلەر بارمىدۇ ئېيتىشلارغا قارى ...
75-76 يىلدا بىر كۆرۈنىدىغان ھاللىي كومېىتىسىنى ئۆمرۈڭلار يار بەرسە 2061 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۆرەلەيدىكەنسىلەر ... :lol :lol
ۋىكىپىدىيە ئۇچۇرى... udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 09:21 static/image/common/back.gif
بۇ كومىتانى تۇتۇۋالالىغان بولساق ھە!
يەر شارىغا ئەكە ...
ئۇنداق قىلغىلى بولماسمىكى، چۈنكى ئۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز غايەت زور مىقداردىكى سۇنى ئۆ ئىچىگە ئالغاچقا، يە شارىغا چۈشۈش جەريانىدا ئاتموسفىرا بىلەن شىددەتلىك سۈركىلىپ ئېرىپ (بۇنداق سۈركىلىش جەريانىدا تاش مېتىئورتلارمۇ ئېرىپ كۆيۈپ كېتىدىغان تۇرسا) پارغا ئايلىنىپ، كىيىنچە ئاستا-ئستا سوۋۇپ يەر شارىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن يامغۇر ئاپىتىنى كەلتۈرۈشى مۈمكىن.
غەرپتىكى بەزى ئىنجىلشۇناس ئالىملار ۋە باشقا ئالىملار بىرلىشىپ تارىختىكى توپان بالاسىنىڭ ئىزلىرىنى بايقاش بىلەن بىرگە، بۇ غايەت زور كۆلەملىك ئاپەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىمۇ «ئادىتى بويچە» ماددىي سەۋەپلەرگىلا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، شۇ زاماندا غايەت زور قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارى ئاتموسفىراسىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىدىن بۇ توپان بالاسى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدىكەن.
ئەمما بىز ئەڭ ئاخىرقى نۇرلۇق كىتاب بېرىلگەن ئۈممەت بولۇش ئېتىبارىمىز بىلەن ئۇ مەشھۇر توپان بالاسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى شۇ زامان ئىنسانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇزۇلۇشتا چېكىگە يېتىپ ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ھالاكىتى مۇقەررەرلەشكەن چاغدا اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇشۇنىڭدەك ماددىي سەۋەپلەر ئۇدۇل كېلىپ ئاسماندىن دەھشەتلىك يامغۇر يېغىش، زىمىندىن سۇ ئېتىلىپ چىقىش نەتىجىسىدە بولغان دەپ قارايمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-14 14:27
بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ يەر شارىدىن چىقىپ بۇ كومېتاغا يېتىپ بارغىچە بېسىپ ئوتكەن ئومۇمى يول ئارىلىقى تەخمىنەن 6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن. بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ بۇ كومېتا بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 400 مىليون كىلومېتىر ئىكەن. ---
ئەمما بىز ئەڭ ئاخىرقى نۇرلۇق كىتاب بېرىلگەن ئۈممەت بولۇش ئېتىبارىمىز بىلەن ئۇ مەشھۇر توپان بالاسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى شۇ زامان ئىنسانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇزۇلۇشتا چېكىگە يېتىپ ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ھالاكىتى مۇقەررەرلەشكەن چاغدا اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇشۇنىڭدەك ماددىي سەۋەپلەر ئۇدۇل كېلىپ ئاسماندىن دەھشەتلىك يامغۇر يېغىش، زىمىندىن سۇ ئېتىلىپ چىقىش نەتىجىسىدە بولغان دەپ قارايمىز.
---
مۇشۇ توغرىسىدا ئىشەنچىلىك مەلۇمات بارمۇ ياكى شەخسىي پەرەزمۇ ؟ رەھمەت. بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە يەر شارىدىكى تۆمۈر بىلەن سۇ سىرتقى ئالەمدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن دىيىلگەن ئىكەن. بۇ پەرەزنىڭ توغرا خاتالىقى ئىنىق ئەمەسكەن.
بەت:
[1]