batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 07:18:16

قەيسەر مىجىت : مىنىڭ ئامېرىكىلىق قوشنىلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 07:31  



مىنىڭ ئامېرىكىلىق قوشنىلىرىم

  قەيسەر مىجىت

      چەتئەلدە ياشاپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىغى تاكى تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بىر يەردە مۇقىم تۇرمىغۇچە نەچچە قىتىم كۆچۈپ باقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار- خىزمىتى بارلارغا قارىغاندا، بويتاقلار -توي قىلغانلارغا قارىغاندا، ئۆي ئىجارىگە ئالغانلار -ئوي سىتىۋالغانلارغا قارىغاندا كۆپرەك كۆچىدۇ.  ئۇنداق بولۇشنىڭ ھەر تۇرلۇك سەۋەپلىرى جۈملىدىن، ئائىلىۋى، ئىجتىمائى، ۋە ئىقتىسادى سەۋەپلىرى بار، ئەلۋەتتە.
       مەنمۇ چەتئەلدىكى ھاياتىمدا بۇ جەريانلاردىن مۇستەسنا بولالمىدىم.
    بىزدە "يىراقتىكى تۇققاندىن يىقىندىكى قوشنا ياخشى" دىگەن سۆز بار.  مەن مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چەتئەل مۇھىتىدا چۇشۇنۇپ ياشاشقا تىرىشىپ كەلدىم.
   مىنىڭ ھەقىقى مەنىدە قوشنام بولغان چاغلىرى - تۇنجى قىتىم خىزمەتكە چىققان چىغىمدىن باشلاندى.
    مىنىڭ كۆڭلۈم دەسلەپتىلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن شەيئىلەرگە، ئادەملەرگە باغلىنىپ قالىدۇ، ئەمىليەت ئۇلارنىڭ ساختىلىغىنى، مىنىڭ سەزگۈلۈرۈمنىڭ خاتالاشقانلىغىنى ئىسپاتلىمىغۇچە مەن ئۇلاردىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيمەن.
    شۇ مەنىدىن ئىيتقاندا،  مەندىكى ماڭا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىگە بولغان ھىسسىياتمۇ شۇنداق. شۇڭا مەن ئايالىم ئۈرۈمچىدىن يىتىپ كەلگەندىن كىيىن تۇرىدىغان  ئۆينى مەكتەپكە پىيادە 3 مىنۇت كىلىدىغان يەردىن يەنى "تۆۋەنكى روشبۇري" (lower roxbury) دىگەن رايوندىن  ئالدىم. ئىقتىسادى كەمچىللىكنىڭ ئادەمنىڭ تاللىشىنى تارايتىدىغانلىغى ئىنىق. مەن يانچۇقۇمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئايلىق ئىجارىسى 1000 دوللار بولغان ئىككى ئىغىزلىق ئوينى ئىجارىگە ئالدىم. ئۇ چاغدا مەن ئوقۇغۇچى بولۇپ مەكتەپتىن ئايدا بىرىدىغان $1500 ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق پۇلى ۋە تەتىل مەزگىللىرىدە مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسى، كومپۇتىرخانىسىدا ئىشلەش ۋە ياتاق بىناسىنى ساقلاش قاتارلىق  سائىتىگە 7 -9 دوللارلىق ئىشنى ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلاتتىم. بوستوندا ئۆي ئىجارىسى قىممەت،  خام نەرسىلەر خىلىلا ئەرزان بولۇپ يىمەك ئىچمەككە كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، بىز ئاشۇنچىلىك پۇل بىلەن سىرىق تال كۈن ئۆتكۈزۈپ جان ساقلاپ تۇردۇق.

    بوستون -ئامىرىكا بويىچە تارىخى ئۇزۇن، نوپۇسى يىلدىن يىلغا ئىشىپ بىرىۋاتقان شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا شەھەرلەرگە نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ نوپۇس تەركىۋىدە ياشلار چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ يەردە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ياكى ھۆكۈمىتىنىڭ  ياكى باشلىق ياكى تىجارەتچى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن ئۇلار ئۆي ئىجارىسىنىڭ يۇقۇرىلىغى بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيلا ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ - ئۆي ئىجارىگە بىرىش جەھەتتە ئۆي ئىگىلىرىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. يەنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مۇئامىلىسى - "ئالساڭ ئال، ئالمىساڭ ئادەم بار".

    مەن ئىجارىگە ئالغان ئۆي، قارا تەنلىكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بولغاچقىلا باھاسى شۇنداق بولدى، ئاق تەنلىكلەر رايونىدا بولغان بولسا بەلكىم 1300-1400 دوللارغىمۇ ئالغىلى بولمايتتى. چۈنكى بەزى كىشىلەر قارا تەنلىكلەر رايونىنى خەتەرلىك ھىس قىلىپ ئۇ يەردىن ئۆي ئىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ خىل قاراشقا بىر خىل ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش يوشۇرۇنغان.

     مىنىڭ نەزىرىمدە ھەر بىر مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىمىز ئۆزى ياراتقان بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقىلارغا بولۇپمۇ بولۇپمۇ ئاجىز بىر توپقا كەمسىتىش كۆزى بىلەن قاراش بىر خىل ئادالەتسىزلىك ھەم ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىناتتى. مەلۇم كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش يۇز بەرگەندە بىر توپقا ئەمەس، شۇ ئادەمگە، كونكىرىتنى شۇ ئىشنىڭ يۇز بىرىشنىڭ سەۋەبىگە قاراش لازىم، ئەلۋەتتە.
ماڭا ئوي ئىجارىگە بەرگەن خانىم - مارىيان ئىسىملىك قارا تەنلىكلەر ئىرقىدىن بولغان 50 ياشتىن ئاشقان سىستىرا ئايال بولۇپ دەسلىۋىدە بۇ ئۆيگە 1100 دوللار باھا قويغان ئىدى،ئۇنىڭغا  ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، توغرىسىنى ئىيتقاندا بۇ خوتۇننى كۈلدۈردۈم دىگەندىن كۆرە تەسىرلەندۈرۈپ ئاشۇنچىلىك باھادا ئىجارىگە ئالغان ئىدىم. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك بۇ خانىم بۇ يەردە ئولتۇرغان  4 يىل مابەينىدە ئۆي ئىجارىسىنى قەتئى ئاشۇرمىدى، ئادەتتە ھەر بىر يىل ئۆرۈلگەندە ئۆي ئىگىلىرى ئېيىغا كەم دىگەندە 50 دوللار قوشۇپ ماڭىدۇ.

     بۇ  ئۆي-مەكتەپكە، بازارغا ھەم ئاممىۋى قاتناشقا يىقىنلىغى بىلەن بىزگە ئوبدانلا ياقتى. بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يىرىم يىللىق بوۋاقلىق ھاياتىمۇ بۇ ئۆيدە ئوتتى. شۇنداق بولغانلىقتىن ھازىرمۇ شۇ مەھەللىدىن يىلدا ئىككى قىتىم ئۆتۈپ قويىمەن، شۇ چاغدىن باشلاپ مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا دۇكىنى بار ئىسپان مومايغا سالام قىلىپ كۈلدۈرۈپ قويىمەن.  

     مارىيان ياخشى نىيەتلىك خانىم ئىكەن. ئۇ ئەسلى ئىرقى كەمسىتىش ئىغىر بولغان جەنۇپتىكى بىر ئىشتاتتا تۇغۇلۇپ چوڭ  بولۇپ بوستونغا ئوقۇشقا كىلىپ تۇرمۇش قۇرۇپ تېرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشىغىنىغا خىلى يىللار بولغان ئىكەن. ئۇ - ئۆي باھاسى تۆۋەن بولغان يىللىرى  مۇشۇ رايوندىكى بىنادىن بىر نەچچە ئۆينى سىتىۋالغان بولۇپ ئۇ بۇ ئۆيلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىجارىگە بىرىدىكەن. ئۆزى تۇرمۇشتا ئاددا-ساددا ئىدى. كىچە كىچىلەپ تىرىشىپ ئىشلەيتتى.  ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ نامراتلىقتا چوڭ بولغىنىنى، ئەتراپىدىكى نامراتچىلىقنىڭ ئۆزىگە بەك تەسر قىلغانلىغىنى، ئادەملەرنىڭ ياخشى مۇئارىپ تەربىيىسى ئىلىش ئارقىلىق ۋە تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىقتىسادى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىغىغا ئىشىنىدىغانلىغىنى ھەمدە خىلى بۇرۇنلا كىيىن پۇل تاپسا مەخسۇس قارا تەنلىك بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدىغان نىيىتىنىڭ شەكىللەنگىنىنى، ئۆزىنىڭ ئىجارىدىن كىرگەن پۇلى بىلەن بىر فوند قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىغىنى ۋە بۇ پۇلنى قارا تەنلىك نامرات قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىگىنى  ئىيتىپ بەرگەن ئىدى.

     ئەينى چاغدا مەن  بۇ خانىم سۆزلەپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئاڭلاپ ئۇنى "ئالىجاناپ خانىم" ئىكەن دەپلا ئويلاپتىكەنمەن ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇپ كەتمەپتىكەنمەن. كىيىن ئويلاپ كۆرسەم بۇ ئايالدىكى خىسلەت ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان مۇھەببەتنى  بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدىكى ئاز-تولا پۇل تىپىپ قىلىپ باشقىلارغا ئۆز-ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىشقا ئاران تۇرىدىغان روھىيەت گادايلىرىغا سىلىشتۇرۇشقىمۇ بولمايدىكەن.

     بۇ يەردە بىزگە كولۇمبىيە مەملىكىتدىن كەلگەن بىر جۈپ ئەر ئايال رەسسام قوشنا بولدى. ئۇلار بىلەن  سالام سائەتلىشىپ ئۆتتۇق. ئەمما يەنە بىر قوشنام - رىككي ئىسىملىك بىر قارىسا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قالىدىغان  قارا تەنلىك (قارا تەنلىك بولغىنى بىلەن رەڭگى ئاقۇش) كىشى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ قوياتتىم. رىككي جەمىيەتنى خىلى كۈزۈتۈپ قويىدىغان،  خۇشخۇي ھەم قىزىقچى كىشى ئىدى.  مەن تۇنجى قىتىم ئۇنىڭدىن ئامىرىكىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يۈرسە قوشنىلارنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ "تازا قىزىق خەقكەن بۇ ھە" دەپ ئويلىغان ئىدىم. "ئاچمايدىغان يەرنى ئىچىۋالسا، گەپ يوق. يىپىپ يۈرسە تۇتۇپ كەتسە، نىمە گەپ بوپ كەتتى بۇ؟". چۈنكى رىككي بىر سەھەردە مىنىڭ ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا مەھەللىدىكى دۇككانغا سۈتكە چىققانلىغىمنى كۆرۈپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. . ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكى دىسەم، چىرايىدا سەمىمىلىك. شۇندىن كىيىن مەن تالاغا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن چىقىپ سالمىدىم. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ يىقىن بىرسىنىڭ ئۇخلاشتا كىيىدىغان ئىشتان بىلەن مەھەللىنىڭ كوچىسىدا ئايىلىنىپ كىتىۋاتسا ساقچىنىڭ سۈرۈشتە قىلغىنىنى ۋە ماشىنىسىغا سىلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ قويغىنىنى كورگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئىشەندىم. مۇبادا ئامىرىكىغا ئويناپ كىلىپ قالساڭلار، ئۇخلاش كىيىمىڭلار بىلەن چىقىپ سالماڭلار جۇمائائا كوچىغا، جەرىمانە يىمىسەڭلىمۇ كەم دىگەندە ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆزۈڭلار ھەققىدە "مىڭىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغانمۇ ماۋۇ ئىسقايتاخۇننىڭ" دىگەن ئويغا كەلتۇرۇپ قويىسىلە.

    مەھەللىدىكى دۇكاننىڭ ئىگىلىرى پۇئېرتە رېكولۇق ئىسپانلار بولۇپ ئىچىم پۇشقاندا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قوياتتىم. بىز ئۇ يەردە تەخمىنەن تۆت يىلچە تۇردۇق، يەنى مىنى بىر قارا تەنلىك زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغان ياش بالا 2002-يىلى 25-ئوكتەبىر كەچ سائەت 6 لەر ئەتراپىدا تاپانچا بىلەن بۇلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىخارامان ياشىدۇق. ئۇ بەختسىز ياش تاس قالغان دە- مىنى ئازغىنا پۇل ئۈچۈن ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى. شۇ ئىش يۈز بەرگەن كۈنى ئۆيدە ياتمىدۇق، شۇندىن كىيىن خاتىرجەملىكىمىز بۇزۇلدى. "بۇزۇلمىسا تۈزىمە" دىيىشىدۇ ئامىرىكىلىقلار. مەن بۇ خىل  "ھايات" نى بۇ يەردىن كۆچۈپ كىتىش ئارقلىق "تۇزەشكە" مەجبۇر بولدۇم ۋە  ئاز كۇندىن كىيىن بوستوننىڭ شەرقىدىكى، ئايرۇدۇرۇمغا يىقىن يەردىكى بىر شىركەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىناغا كۆچۈپ كەتتۇق. ئۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى 1400 دوللار بولغىنى بىلەن قىشنىڭ كۈنى ئىسسىقلىق ھەقسىز ئىدى.  بوستوننىڭ سوغۇق قىشلىرىدا ئۆينى ئىسسىتىشقىمۇ جىق پۇل كىتىدۇ. شۇڭا بۇ باھانىمۇ مۇۋاپىق كۆردۇق.

    بۇ يەردە بىزگە "قوشنىدارچىلىق" يەتكۈزگەن 2-  3ئائىلىلىك كىشى بولدى. بىرسى ساددام ھۈسەيىننىڭ زۇلۇمىدىن قىچىپ ئامىرىكىغا كەلگەن  ئىراقلىق مۇسۇلمان ئائىلىسى بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئاز-تولا تاماق سۇڭگۇتۇشتۇق. يەنە بىرى مەلبا ئىسىملىك سىستىرا  ۋە ئۇنىڭ يولدىشى  بولۇپ، ئامىرىكىلىق ئىسپانلار ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئوچۇق-يورۇق بولۇپ ھاياتنى قىزغىن سۆيۈپ ياشايتتى. يازنىڭ ئاپتاپلىق كۈنلىرى ئەر-ئايال قوروغا چىقىۋىلىپ كالا گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ قولىدا كورونانى (مىكسىكىنىڭ پىۋىسى) كۆتۈرۈۋۈلىپ كىتىپ- كىتىپ سالسا ئويناپ قويىشىدۇ، مىنى كۆرسىلا چاقىرىدۇ. كاۋىپىنى يىمەيمەن دە ئەلۋەتتە، ئەمما كوروناسىنى ئەدەپ يۇزىسىدىن بىرەرنى ئىلىپ قويىمەن. ئۆيىگە دوستلىرىنى چاقىرىپ قالسا سوراپ قويىدۇ "سالسا بار بۇگۇن، كىرەمسەن؟ دەپ.  چۇنكى ئۇلار مىنىڭ سالساغا ئىشتىياق باغلىغىنىمنى بىلىپ ئۈلگۈردى. بۇلار بىلەنمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈشتۇق. بالامنى چوڭلار ئىلىپ كەلگەندە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن ياخشى ئوينىدى.
     2007-يىلى ئىيۇندا ئايالىم نېۋ يوركتىكى دوختۇرلۇق پروگراممىسىنى تۈگەتكەندە كۋېنسىي (quincy) دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چvشتى. شۇ سەۋەپتىن بىز بوستوندىن  كۋېنسىيگە يۆتكەلدۇق. بۇ يەردە ئاران 10 ئايلا تۇردۇق- دە بوستوننىڭ جەنۇبىدىن ئۆي سىتىۋىلىپ يۆتكىلىپ كەتتۇق. ئەمما بۇ 10 ئايدا بىز ئامىرىكىدا تۇرغان ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ناچار قوشنىدارچىلىقنى كۆردۇق.
    بىزنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىمىز -4-قەۋەتتە بولۇپ 3- قەۋەتتە يىشى 50 دىن ئاشقان سۆرۈن تەلەت ئاق تەنلىك بىر ئايال تەنھا تۇرىدىكەن. بۇ بىنادا كۆپرەك ھىندىنستانلىق، پاكىستانلىق ۋە تۇركىيەلىك ئىنجىنىر، دوختۇر قاتارلىق كەسپى خادىملار تۇرىدىغان بولۇپ بۇ ئايالدا چەتئەللىكلەرگە قارىتا بىر خىل ئۆچمەنلىك شەكىللىنىپ قالغان بولسا كىرەك.
   ئۇ مەن ئۆيدە يالغۇز تۇرغان چىغىمدا ئىككى قىتىم كۈندۈزدە ئىشىكنى ئۇرۇپلا كىردى.
   - سىنىڭ ئاشخاناڭدىن مىنىڭ ئاشخانامغا سۇ ئىقىۋاتىدۇ. ئاشخاناڭغا قاراپ باقىمەن.
   ئامىرىكىدا پۇقرا ئەمەس ساقچىمۇ رۇخسەتسىز ھالدا بىرسىنىڭ ئۆيىگە بۇنداق ئۈسۈپ كىرەلمەيدۇ.

    ھەر قىتىمدا مەن ئۇنىڭغا يول قويدۇم، ئەر كىشى بولسىغۇ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتەتتىم. لىكىن ئايال كىشى بىلەن تەڭ تۇرساڭ ئاقىۋىتى ياخشى چىقمايدۇ.
   -قاراپ باق. نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ مەنمۇ ئۇقمىدىم. بىنا باشقۇرىدىغانلارغا مەلۇم قىلىپ باقاي.
   مەن بىنانى باشقۇرىدىغانلارغا ئىيتتىم بولغان ئەھۋالنى.
-كارىڭ بولمىسۇن، ئۇ بۇ ئۆيگە كىم كىرسە ئاشۇنداق پۇتاق تاپىدۇ.
    ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەن بىر شەنبە كۈنى تاڭ سەھەر 6 دە بىرسى ئىشىكنى قاتتىق ئۇردى.
بىز بۇ قاتتىق ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ ئىشىكنى ئىچىشىمىز بىلەنلا ئاۋۇ ئايال ئۆيگە بوراندەكلا ئۈسۈپ كىردى.
-يەنە سۇ ئىقىۋاتىدۇ...
ئاڭغىچە ئايالىم ئۇنىڭغا قاراپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى:
-چىقە ئۆيدىن. نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ ماۋۇ قىلغىنىڭ قانۇنسىزلىق. ھازىر ساقچى چاقىرىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ تاققىدە تۇردى ۋە ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى. مەن ئەھۋالنى كۈزۈتۈپ تۇردۇم.
-يوقال مىنىڭ دۆلىتىمدىن. ئۇنىڭ ئاغزىغا شۇ گەپلا كەلدى.
- مىنىڭ دۆلىتىم؟ بۇ سىنىڭلا دۆلىتىڭ ئەمەس، بىزنىڭمۇ دۆلىتىمىز. بىز ئىشلەپ باج تاپشۇرۇۋاتىمىز.  سەن يوقال كۆزۈمىزدىن ھازىر. سىنىڭمۇ ئاتا بوۋاڭ بىر يەردىن كەلگەن بىر چاغلاردا. ئۇلار بۇرۇن كەلگەن بىز كىيىن كەلدۇق، ۋاقىت پەرقىمىز بار پەقەت.
"زەھەرنى زەھەر قايتۇرىدۇ" دىگەن راستكەن مانا. ئايالىمنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەت ئىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا  ئارىلاشمىدىم. ئايالىمنىڭ  ئاچچىغى كەلسە مەن قورقمىغان بىلەن (ئۇنى خۇدا بىلىدۇ:)) ماۋۇ ئايال راستىنلا چۆچۈدى-دە، غىڭ قىلماي چۈشۈپ كەتتى.
-قارا، خەققە بوزەك بولماسمىز دەپ بۇ يەرگە كەلسەك، بوزەك قىلىمەن دەۋاتىدۇ ئادەمنى...غۇدۇڭشىدى ئايالىم.
-توغرا قىلدىڭ دىدىم مەن ئۇنىڭغا مەدەت بىرىپ، "شۇنداق قىلىدىغان يىرىگە كەلگەن ئىدى زادى. مەن ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن تەڭ بولماي ئايال كىشى بىلەن دىدىم."

     ئامىرىكا كۆچمەنلەردىن تەركىپ تاققان دۆلەت بولغاچقا پۇقرالىرىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتە قىلساڭ يەرلىك خەلق، ئىندىئانلاردىن باشقا ھەممىسنىڭ دىگۈدەك ئاتا-بوۋىسى كۆپ بولغاندا 400 يىل بۇرۇن ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن كەلگەن. بۇ زىمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى يەرلىك ئىندىيانلار ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
      سۈپەتسىز ئادەملەرلا ئىرقچى كىلىدۇ، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى چەتكە قاقىدۇ. لىكىن ئامىرىكىدا بۇنداق ئادەملەرنىڭ بازىرى كاسات.
مۇتتىھەملىكنىڭمۇ چىكى بولىدۇ، شۇنداققۇ؟. بۇ ئىش 3 قىتىم تەكرارلانغاچقا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىنا باشقۇرىدىغانلارغا  "چىقىپ" چىقتىم. ئەسلىدە مەن بىراۋنىڭ ئۈستىدىن بىراۋغا "چىقىمچىلىق" قىلىشنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئادەم ئىدىم، ئەمما بۇ قىتىم قوسۇغۇم كۆپتى، چۇنكى بىز بىكارغا تۇرمايۋاتىمىز-دە ئۇ يەردە، ھەم بىز ئۇنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىدۇق. بىز بۇ يەردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى ئىدۇق.

    بىنا باشقۇرىدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغىنىنى ئىيتتى، "بىنادىن كۆچۈرىۋىتىمىز توختام توشقاندا" دەپ تەھدىت قىلغان چىغى. شۇ ئىش بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئايالدىن ئىككىنجى سادا كەلمىدى. بىزنى كۆرسە ئۆزىنى تارتىپ يەرگە قاراپ گۆشۈيىپ تۇرىدۇ.
بىراۋنى ئاجىز كۆرۈپ "مەھرۇم قالدۇرىمەن دىسەڭ، ئۆزۈڭ مەھرۇم قىلىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالىسەن، مانا مۇشۇنداق ھەي گادىيەي!

    ئامىرىكىنىڭ باج سىياسىتى تەنھا ياشىغانلارغا قارىغاندا توي قىلىپ بىر ئۆيدە تۇرغانلارغا، ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغانلارغا قارىغاندا ئۆي سىتىۋالغانلارغا پايدىلىق قىلىپ تۈزۈلگەن. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ  ئاھالىلەرنىڭ جەمىيەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلغانلىقى بولۇپ توي قىلغانلارغا باج ئۆلچىمىنى نىسبەتەن تۆۋەن قىلىش ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ بىر ئۆيدە بىللە تۇرۇشى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئىقتىسات قىلىپ شەخسى ئۆيلۈك بولۇشىىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. يىقىندا ئىلان قىلىنغان ئىقتىسادى تەتقىقاتلار - ئاجراشمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلەرگە قارىغاندا بايراق بولىدىغانلىغىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يەكۇنلەپ چىققان. باي بولاي دىسىلە ھەرگىز ئاجراشمىسىلا جۇما، ئەگەر قارشى تەرەپ بىر ئادىمىلىگى يوق ساراڭ بولمىسىلا! باللىرىغا ئۇگال بولىدا، ئۆزلىرى ھەم گاداي بولىلا! ئاسىۋاخۇن، گۈلسۈمخان!:، ھەم باي بولىدىكەنمەن دەپ يەنە كوچىغا يۇگرەپ چىقىپ ئالدىراپمۇ توي قىلىۋالمىسىلا يەنە)

     بىز يىشىمىزنىڭ چوڭىيىپ بىرىۋاتقىنىنى، ئۆتكەن 10 يىلدا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تولا كۆچۈپ يۇرۇپ كەتكىنىمىزنى ئەمدى مۇقىمراق بىر يەردە ئولتۇرۇپ ياشىشىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ياخشى بولىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ سىتىۋالىدىغان ئۆي ئىزدەشكە باشلىدۇق.
    ئوخشىمىغان رايوندىكى ئوخشىمىغان باھا ۋە سۈپەتكە ئىگە ئۆيلەر، ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قوياتتى. 9 ئايدەك ئىزدىنىش  -ئۆي كۆرۈش، سودىلىشىش ئارقىلىق ئاخىر كۆڭلىمىزدىكى ئۆينى تاپتۇق. ئەمدى ئۇندىن كىيىنكى ئىشلارمۇ خىلى قول تۇتتى. مەن ئويلاپ كەتتىمكى "يا ئاللا بۇ ئۆي ئىلىش بىزنىڭ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ  خوتۇن ئېلىشىدىنمۇ تەس بوپ كەتتىيا؟".  فاكۇلتىتىمىزدىكى تۇرسۇن مۇئەللىمغۇ "تىرناقتا توختۇغۇدەك قىز ئىزدەپ" ئۇزاقراق ساقلاپ ئاخىرى، شائىر تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىمنىڭ مەسلىھەتىنى توغرا كۆردىمۇ "تىرناقتا ئەمەس، ئۆيدە توختايدىغان ئېسىل بىر خانىم بىلەن توي قىلىپ بەختىنى تاپتى.
     ئەمدى ماۋۇ ئۆي دىگەننىمۇ ئويلىشىپ ئالمىسا بولمايدۇ-دە. بىر ماشىنىنى ئالساڭ يارىمىسا سىتىۋەتسەڭ تارتىدىغان زىيىنىڭ ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۆي يارىمىسا سىتىۋەتسەڭ، تارتىدىغان زىيىنىڭ كۆپ بولىدۇ.

    2008-يىلى يازدا بىز بوستوننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان يەنى  بوستوندىن 24 كىلومىتىر يىراقتىكى يەردىن ئۆي سېتىۋالدۇق. يىڭى كۆچۈپ كەلگەن مەھەللىمىزنىڭ نامى "ياغاچلىق قىيا" دىگەن مەنىدە بولۇپ بىنا بولغىنىغا 60 يىلچە بولغان ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاق تەنلىك ئىكەن. بىز بۇ يەرگە كىرگەن تۇنجى مۇسۇلمان بولساق كىرەك. بىز كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرى مەھەللىدىكى كىشىلەر بىردىن ئىككىدىن كىلىشىپ تونۇشلۇق بىرىشتى. ئۇلار ئۆزىنى دوستانىلىق بىلەن تونۇشتۇرغاندا مەنمۇ دوستانىلىق بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم،  سۇئال سوراشقاندا بولسا ئۇلارنىڭ بەزى سوئاللىرىدىن بىراز راھەتسىز بولدۇم. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىمىزغا قاراپ "زادى نىمىلىگىمىزنى" بىلىپ باقماقچى، قوسىغىدىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى بولغاندەك سوئاللارنى سوراپ يۈرۇشتى. بۇنداقلارغا قىزغىن بولمىدىم، بىلمەكچى بولغانلىرىنى ھەم بىلدۇرمىدىم.
    كۆپىنچە ۋاقىتتا ساڭا سەمىمىلىك ۋە ساپ نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشىلەر - سىنىڭ ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ئادەملىرىڭ بولۇپ چىقىدۇ.
ئوڭ قول تەرەپتىكى ئىگىزلىكتىن يەر سىتىۋىلىپ ئۆي سالغان ئانتوني  - ئىرلاندىيەدىن كەلگەن  ئۆزى ئىنتايىن ئىشچان، قولى گۈل يىگىت بولۇپ ئۇنىڭ بىر قۇرۇلۇش شىركىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئامىرىكىدا تۇغۇلغان ئىرلاندىيە نەسلىدىن  بولغان خانىم بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتى -ئانتوني بىلەن بىر يەردىن ئىكەن.
     بىز يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ قىلغان بىرىنجى ئىش مىنىڭ خەت ساندۇقىنى بىكىتىشىم بولدى.( گەپلەرنى مانا مۇشۇنداق دىيەلىگىنىم بىلەن ئۆينىڭ ئىشىغا قەتئى ئىپىم يوق خالايىق، ماڭا تەككەن ماۋۇ ئايالىمغا ئۇۋال دەپ كىتىمەن بەزىدە.)  مەن خەت ساندۇقلىرىنى سىتىۋىلىپ ئورەك كولاپ ئۇنى ئورناتقان ئىدىم، ئەمما ئۇنى قاتتىق بوران چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشكۈدەك قىلىپ قويۇپتىمەن.  بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئانتوني بىر كۈنى كىلىپ "مەن ئۇنى ئورنىتىپ بىرەي" دەپ قايتا تارتىپ چىقىرىپ، ئورەكنى چوڭقۇر كولاپ، سىمونت قۇيۇپ پۇختا ئورنىتىپ بەردى (ئۆتكەندە MIT دىكى بىئولوگ مايسەم مىتالىپوۋا ئۆيگە كەلگەندە ماشىنىسىنى كەينىگە ياندۇرغاندا خەت ساندۇقۇمنى سوقۇپ سىلىپ سەل سىڭايان قىپ قويدى، ئۇنى سوقۇپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى مايسەم ئۆزىگە كلونلىتىۋالماپتىمەن:) ئىشلەپ تۇرسىلا ئوڭشىما "سلىق  كۆزقارىشى بويىچە ئۇنى شۇ پىتى قويۇپ قويدۇمغۇ ئەمدى::).

     قارىسام ئانتوني شۇ كەسپنىڭ ئەھلى ئىكەن، ئىشنى پۇختا قىلىدىكەن. كىيىن ئۆينىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ھەق بىرىپ قىلغۇزدۇم، ئۇمۇ ئوبدان باھادا پۇختا قىلىپ بەردى.

     ئۇدۇلدىكى قوشنامنىڭ ئىسمى سكوتت بولۇپ ئايالى بىر بانكىنىڭ مۇھىم مەسۇلى ئىكەن بانكا ئۇلارنى باشقا ئىشتاتتىن يۆتكەپ كەلگەن ئىكەن. سكوتتنىڭ ئايالى ئۆزىدىن ئازراق چوڭ بولۇپ ئەمما ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار خانىم ئىكەن. ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئۇلارغا قارايدۇ. ئانتوني ۋە  سكوتت بۇ رايونغا مەندىن بىر ئىككى يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. بىز ئۆيگە كۆچۈپ كىلىپ بەزى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، بۇلاردىن ياردەم سورىسام بۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كىرىپ ياردەمدە بولۇشتى. ھەتتا ئورنى تازا ياخشى بولمىغان يەردىكى ئىككى تال دەرەخنى ماشىنىسىنى ئەكىلىپ تارتىپ قومۇرۇشۇپ بەردى.  مەن بۇلارنىڭ ئۆزئارا سۆھبەتلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۇنچە ئارىلىشىپ كىتەلمىگىنىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ئامىرىكىدا ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن بىز ئۇيغۇرلاردەك ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بىلىشكە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ.  قىزىق يىرى بۇ ئۈچىمىز ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ناھايىتى تىزلا ئوخشاش پاراڭ تېمىللىرى چىقتى. بەزىدە سكوتتنىڭ قېيناتىسى لېومۇ كىلىپ پاراڭغا جۆر بولۇپ قويىدۇ. ئۆزى پىنسىيەگە چىققان يۇرەك كىسىلى بار (يۇرىگىگە ئاپارات قويغانمۇ ئەيتاۋۇر) بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان كىشى بولۇپ ئۇنىڭ مۇنۇ ئىككى ئىشى  ھۆرمىتىمنى قوزغىدى.
-مەن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ، يىگانىلىق ھىس قىلىشنىڭ يامانلىغىنى بىلىمەن دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ. بالاڭ مىنىڭ نەۋرىلىرىم بىلەن ئوينىسۇن. سۇ كۆلچەكلىرىمىزدە سۇ ئۈزسۇن.

     يەنە بىر قىتىم بىز 2011- يىلى ۋەتەنگە ئۈچ ھەپتىلىك مۆھلەت بىلەن كەتكەندە، ئىشىك ئالدىدىكى چۆپلىرىمىز بەك ئۆسۈپ كىتىپتۇ. لىو بىزنىڭ سۈرۈشتىمىزنى ئنتونيدىن قىپتۇ. مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن لىو دىدى:
-بۇندىن كىيىن يىراققا كەتسەڭ ماڭا دەپ قوي، چۆپلىرىڭنى كىسىپ قويىمەن.
-رەھمەت دىدىم مەن بوۋايغا.
مەن بەزى سەھەرلىرى ئىشقا ماڭغاندا ياكى ئۇ ياكى ئۇنىڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان كەمپىرى  قولىنى يىراقتا تۇرۇپ پۇلاڭشىتىپ سالام بىرىدۇ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سۆيىنىپ قالىدۇ.

      ئۆيۈمنىڭ سول تەرىپىدىكى قوشنامنىڭ ئىسمى - دەنىي بولۇپ ئۇ بىزدىن 6-7 ياش چوڭ، بەك بالىجانلىق كىشى ئىكەن. ئىككى ئۆسمۇر ئوغلى بىلەن توختىماي كالتەك توپ ئوينايدۇ. مەھەللىدىكى مەيدانىمىزغا ۋاسكىتبول گارى ئورنىتىپ قويدى، ياز كۈنلىرى بالللىرىنى راھەتلەنسۇن دەپ ئالايىتەن سۇ ئۇزۇش كۆلچىكى ياسايدۇ. قىزىنى ئولمپىك گيمناستىكىسىغا تاللىنىپ قالسىكەن دىگەن ئارزۇدا ئۇنىڭغا مەشق قىلىدىغان يەر ياساپ بەردى، قىزى كۈندە دىگۇدەك مەشق قىلىدۇ. "ئوليمپىك مۇسابىقىغە تاللىنىپ قالساڭ، ئائىلە بويىچە بىرىپ قوللايمىز سىنى" دەپ رىغبەت بىرىپ قويىمەن ئۇ قىزنى كۆرسەم. دەنىي  ئەسلى ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدە 6 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ دادىسى خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ بىر خۇسۇسى ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، ئۆزى بوستوندىكى بىر ئۇنىۋىرسىتىتىنى ئوقۇپ ئېنجىنىرلىق كەسپى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولسىمۇ ئەمما ياغاچچىلىق قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالغان كىشى ئىكەن. ئامىرىكىدا بەزى ساھەلەردە دىپلومغا قارىغاندا ھۈنەر پۇل.
ئامىرىكىدا مۇشۇنداق كىشىلەر بار، ئالى مەكتەپ تەربىيەسىنى كۆرسىمۇ شىركەتلەردە ئىشلىمەي ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىدىغان.

     بىز كۆچۈپ كەلگەن يىلى بىر قىتىم دەنىي بىلەن پاراڭلىشىپ چۆپ كىسىدىغان ماشىنا سىتىۋىلىش خىيالىمنىڭ بارلىغىنى ئىيتسام، "سىيەرىس دىگەن دۇكانغا بارساڭ ياخشى باھادا ئالالايسەن، سەن بىرىپ ئال، مەن ئۇنى چوڭ ماشىنامدا ئىلىپ كىلىپ بىرىمەن."  دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدىم. بىر كۈنى مەن دەنىي بىلەن مالنى ئالغىلى دۇكانغا باردۇق. شۇ كۈنى خىزمەت قىلىۋاتقىنى بىر ئاق تەنلىك بالا ئىكەن. ئۇ كۇنى ئۇنى ئىش بىسىۋالغانمۇ ياكى كۆڭلىنىڭ ئارامى يوقمۇ، ماڭا بىراز قوپاللىق قىلىپ قويدى.
    مەن ئادەتتە ناتونۇش ئادەملەر بىرەر قىتىم قوپاللىق قىلىپ قويسا خاپا بولۇپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۇ كىشى مىنى بىلمەيدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىدا ئۆزىگە ئايان سەۋەپ باردۇر. ھەم مەن ئۇ ئادەمنى ھاياتىمدا يەنە كۆرۈشۈم يوق گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  "پوققا چالما ئاتساڭ، ئوزۇڭگە چاچرايدۇ".

    مىنىڭ قوشنام دەنىينى ئۇقماپتىكەنمەن، ئەسكەر بولۇپ باققانلىقتىنمىكىن، ئۇنىڭ قىنى تىزلا قىزىيدىكەن.
- ھەي دىدى ئۇ بۇ ياش بالىغا. "بۇ مىنىڭ ئاغىينەم، سىنىڭ خىرىدارىڭ، نىمانداق قوپال مۇئامىلە قىلىسەن؟ قىنى سىنىڭ باشلىغىڭ". دەنىينىڭ چىرايى قىزىرىپ ھىلىقى بالىغا مۇش ئاتىدىغاندەكلا قىلدى.
- بولدى، بولدى كىرەك يوق دىدىم مەن ئۇنىڭغا. بۇنداق ئەخلەتلەر بىلەن تەڭ بولمايلى.
ئۇ بالا دەنىينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھودۇقتى ۋە دەرھاللا ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى ۋە بىزدىن ئەپۇ سورىدى.
- سىنى چەتئەللىك دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ قارا، دىدى ئۇ نارازى بولۇپ.
-سەن مىنى قىرىنداش كۆردۈڭ ئەمەسمۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى مۇھىم دىدىم مەن دەنىيگە كۇلۇپ تۇرۇپ. كىيىن مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى مەھەللىدىكىلەرگە "دەنىي مەن ئۈچۈن كۆكرەپ كىرىپ چىقتى" دەپ سۆزلەپ بەردىم. دەنىي مىنىڭ بۇ مىننەتدارلىغىمدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەن چىغى، شۇندىن كىيىن مىنى كۆرسە گىپىنىڭ ئاخىرىدا "برازىر، (قېرىنداش، ئىنىم دىگەن مەنىدە) دىگەن گەپنى قوشۇپ دەيدىغان بولدى.

    يەنى بىر قوشنامنىڭ ئىسمى دونالد بولۇپ ئامىرىكىنىڭ داڭلىق ئاممىباپ ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭشەرقى شىمال رايونىغا مەسۇل لىدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ پىنسىيەگە چىققان كىشى ئىدى. ئۆزى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسنى قوللايدىغان، ئايالى كلەيىر خانىم  تىببى مەكتەپنىڭ پروفىسسورى بولۇپ دېموكراتچىلارنى قوللايدىغان ئايال ئىدى. ئايالى پولشالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بولۇپ ياش چىغىدا ئالاھىدە كىلىشكەن ئايال ئىكەن. بىز كۆچۈپ كىرىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئەر-ئايال ئىككىسى كىلىپ ئوزىنى تونۇشتۇردى، ۋە ياردەم لازىم بولسا تارتىنماسلىقىمنى ئىيتتى، ياردەم لازىم بولمىسىمۇ تارتىنىپ كەتمەيدىغانلىغىمنى ئۇقمايدۇ دە بۇ ئادەم، :). مەن دىگەن تاغدا قىرغىز قىرىنداشلارنىڭ ئايرانىنى ئىچىپ، قۇرۇتىنى يەپ تۈزلا چوڭ بولغان ئادەم تۇرسام.

    مەھەللىگە ئاستا ئاستا سىڭىشقا باشلىدۇق. ئۇلار ئۆيلىرىدە پائالىيەت بولسا چاقىرىشقا باشلىدى. مەن ھەممىسىنىڭ كۆڭلى ئۇچۇن ھىچقايسىسىدىن قالماي چىقىپ تۇردۇم. كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ كۆپ ئۇچرۇشۇپ تۇرساڭ ئۇلارمۇ ئىسسىق كۆرىنىدىكەن كۆزۈڭگە، سەنمۇ ئىسسىق تۇيىلىدىكەنسەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە. قوشنىدارچىلىق مانا مۇشۇنداق كۈچىيىدىكەن.
    بىز كۆچۈپ كىرگەن يىلى ئوكتەبىردە دونالد 70 ياشقا كىرگەن كۈنىنى تەبرىكلەپ چوڭ بىر مۇراسىم ئوتكۇزدى. مەن سوغات كارتۇچكىسى ۋە ئاتكىرتكا ئىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ھەر ساھەدىن ئاغينىسى كۆپ ئادەم ئىكەن بۇ. شۇ كۈنى ئۇ بالىلىرىنى، تۇرمۇشلۇق بوپ كەتكەن ئىككى ئوغلى، قىزى ۋە نەۋرىلىرىنى ماڭا تونۇشتۇردى. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئانچە مۇنچە كىرىپ چىقىدىغان بولدۇم. ئۆزى كونسېرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچى بولۇپ جون مىكەيىننى قوللىسا، ئايالى لېبىرال  دېموكراتچى بولۇپ ئوبامانى قوللايتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئامىرىكا سايلىمى توغرىسىدا شۇنداق بىر پاراڭ باشلاپ قويسام بۇ ئىككىسى قىزىشىپ كىتەتتى. ئوباما ئۇنداق بۇنداق دەيتتى دونالد، ئوبامانى ئاقلاپ سۆزلەيتتى ئۇنىڭ ئايالى. مەن قىزىقىپ ئاڭلاپ كىتەتتىم. مىنى ئوت قۇيرۇقلۇق قىلدى دەپ ئويلاپ قالماڭلا ھە ئادەملەر، مەنمۇ ئۇ سايلامغا بەك قىزىققان ئىدىم شۇ چاغدا. ئەمدى مىنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرى بىرىپ قاتنىشىدىغان توي تۆكۈنلىرىم، ئەل ئاغىنىلىرىمنىڭ ئۆيى بولمىغاندىن كىيىن بۇ يەردە، تەنھالىقنى مۇشۇنداق يىڭىمەن شۇ. ئادەم بىلەن ئارىلاشماي بەك تەنھا يۈرۈپ كەتسەڭ، ئۆزۈڭدىن ۋە ھاياتتىن گۇمانلىنىپ قالىسەن-دە غەلىتە ئىشلار يۇز بىرىپ قالىدۇ، پىسخىك ساغلاملىق  بەك مۇھىم. ئامېرىكىدا قورال ئارقىلىق باشقىلارنى قىرغىن قىلغان  ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىچ-مىجەز، جىمغۇر، ئادەملەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئادەملەر ئىكەن.
مۇۋاپىق بولغان ئىجتىمائى ئالاقە بۇ ئەڭ كۈچلۈك دورا. شۇڭا بەك ئادەمدىن قاچىدىغان ئادەمدىن سىلەرمۇ قىچىڭلار جۇمائائا! زىيىنى بولمىسىمۇ، خوشاللىق ئەكەلمەيداااا....

     بۇ ئەر ئايال ئىككىسى بەك ياخشى ئۆتۈشەتتى، ئەپسۇس دونالدنىڭ ئايالى مىنىڭ رەھمەتلىك قېينىئانام بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئوخشاش تىپتىكى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەجىربە ۋە كۆڭۇل ئالماشتۇرۇشلار ۋە تەسەللى بىرىشلار بولدى. ئەپسۇس ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ھەر ئىككى خانىم 4 ئاي ئالدى كەينى بولۇپ بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى.مەن ئىنسانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ كىلەيىر خانىمنىڭ ئۆلۈمىگە قاتناشتىم. باللىرى يىغلاپ كەتمىگىنى بىلەن دونالد ئايلىنىپ چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى.
     بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ياخشى ئادىتىمىز بار. قوشنىلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈم يىتىم بوپ قالسا، قوشنىلار ئۆزئارا تاماق ئىتىپ ئۆلۈملۇك ئاھالىدىن ھال ئەھۋال سورايدۇ. ئۇيغۇر بولغانلىغىم ئۇچۇن مەندە چوڭ تەسر قالدۇرغان شۇ ئۆرپ -ئادەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇندىراق مەن بازاردىن تاماق بۇيرۇتۇپ دونالدنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم مۇرسىمى ئۈچۈن مىننوسوتادىن كەلگەن مىھمانلارغا يەتكۇزۇپ بەردىم. بۇ ئىش دونالد ۋە ئۇنىڭ باللىرىغا خىلى تەسر قىلغان چىغى بىر نەچچە رەت مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
    ئايالى كىتىپ قالدى، بوۋاي ئۆزى يالغۇز قالدى. مەن ئۇنىڭ كوڭلىنى ياسىدىم، چۈنكى بۇ بوۋاي مىنىڭ قوشنام-دە!: باللىرىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى بار، سىز يالغۇز قالدىڭىز، مەن قوشنىڭىز، ياردەم قىلىدىغان  قانداق ئىش بولسا ماڭا دەۋىرىڭ.
بىر كۈنى ئۇ مىنى ماشىنىسىنى رېمونت قىلغان يەرگە تاشلاپ قويۇشۇمنى سورىدى. بولىدۇ دەپ خوشاللىق بىلەن ئۇنى دىگەن يىرىگە يەتكۇزۇپ قويدۇم. ماشىنىدا كىتىۋىتىپ ئۇ شۇنداق دەپ قالدى:
- مەن مۇسۇلمانلارنى بىزنى ئۆچ كورىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، سەن ئۇنداق باشقىلارنى ئۆچ كورىدىغان مۇسۇلمان ئەمەس ئىكەنسەن.
    مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن ھاڭ تاڭمۇ قالمىدىم. چۇنكى ئۇ كىچىكىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى رادىكالراق ئىدىيە بىلەن چوڭ بولغان كىشى بولۇپ ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن قىلىشقان سايلام ھەققىدىكى سۆھبىتىدىن بىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
- قاراڭ دىدىم مەن ئۇنىڭغا. ھەقىقى مۇسۇلمان ئىنسانىيەتنى سۆيىدۇ. چۈنكى ئۇ پۇتۇن مەۋجۇداتنى ئاللا ياراتقان شۇنىڭ ئۇچۇن مەۋجۇت بولۇشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان باشقا ئىنسانلارنى ئۆچ كۆرگەن بولسا دۇنيا بۇگۇنكى دۇنيا بولمايتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزىگە پۇشايمان يىگەندەك بولدى ۋە ئۆزىنى چۇشەندۇرۇشكە ئۇرۇندى.
لىكىن، بۇنداق گەپ سۆزلەر بولۇپ قالىدۇغۇ ئادەملەر ئارىسىدا. مەن ئۇنىڭ سۆزى ھەققىدە كۆپ ئويلىمىدىم. چۇنكى ئەمىلى ھەركىتىم ئۇنىڭ ئويلىرىغا نىسبەتەن بىر پاكىتلىق جاۋاپ ئىدى.

    تېخى مۇشۇ ئۈچ ھەپتە بۇرۇن شەنبە سەھەردە دەرس ئوتۇۋاتسام، ئۇنىڭدىن تېلېفون كىلىپ قالدى، جىددى ئەھۋال بوپ قالغان بولسا كىرەك دەپ سەل جىددىلىشىپ دەرسنى توختىتىپ دەرھال تىلىفۇننى ئالدىم:
- قەيسەر، بۇ دونالد دىدى بوۋاي، پۇتۇمنى ئاغرىتىۋىلىپ ھاسا تاياققا چۇشۇپ قالدىم، ئەخلەتلىرىمنى ئىچىقىپ بەرگەن بولساڭ، مەن ساڭا پۇل بەرسەم...
--ھا ھا ھا كۈلۈپ كەتتىم مەن ئۇنىڭ پۇل بەرسەم دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ. مەن ھازىر بوستوندا، مەكتەپتە دەرس ئۆتۈۋاتىمەن، ئەخلىتىڭىزنى ئىلىپ چىقىپ بەرسەم بولاتتى، ئەمما ئىلىپ چىقىپ بىرەي دىگەن بۇ كۆڭلۈمنى مىليون دوللار بەرسىڭىزمۇ سىتىۋالالمايسىز.  ماۋۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىلىپ چىقىپ بىرەي.

- ياخشى ئادەم دىدى ئۇ كۈلۈپ كىتىپ، بوپتۇ مەن باشقىلارنى ئىزدەپ باقاي.
يەنە بىر ھەپتىسى مەن سەھەردە تۇرۇپ ئۇنىڭ تەييارلاپ قويغان ئەخلەت غالتىكىنى سۆرەپ يول بويىغا ئىچىقىپ قويۇپ ئىشقا كەتتىم. ئۆتكەن ھەپتە ئەخلەت يىغىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ تىلىفۇن قىلدى:
- قەيسەر، پۇتۇم خىلى ساقايدى، ئەخلەتنى ئۆزەم ئىلىپ چىقالايمەن ئاۋارە بولما.

     ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆزئارا چاقچاقلاشقاندا "ساۋۇت خوتۇندىن قورىدۇ، داۋۇت قورقمايدۇ" دەپ چاقچاق قىلىشىپ قويىدۇ. بۇرۇن مەن ۋەتەندە بىر ئىككى كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ "خوتۇنىدىن قورقىدۇ" دىگەن چاقچىقىنى راست ئىلىپ كىتىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن قورقمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ باش -كۆزىنى كوكەرتىۋەتكىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئامىرىكىلىقلارمۇ شۇنداق چاقچاقلارنى باشقىلارنى يىقىن كۆرگەن چىغىدىلا دىيىشىدىكەن.

     بىر كۈنى يامغۇر بەك يىغىپ كەتتى ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن كۆڭلۇم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى، يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ قارىسام سۇ بىسىپ ئۇ يەرگە قويغان يىنىك نەرسىلەر لەيلەپ قاپتۇ. مونچىنىڭ سۈيىنى ئىسسىتىدىغان ئەسۋاپ شۇ يەردە ئىدى، قارىسام سۇ ئۆرلەپ بىر يەرگە بىرىپتۇ، ئانتونينىڭ بىر قىتىم سۇ مۇنۇ سىزىقتىن ئوتۇپ كەتسە بۇ ئەسۋاپنى بۇزۇۋىتىدۇ 10مىڭ دوللارلىق زىيان بولىدۇ دىگىنى ئىسىمگە كەلدى. دەرھال ئىدارىگە تىلىفۇن قىلىپ رۇخسەت سورىدىم دە تۇرۇببا ئوڭشايدىغان ئادەمگە تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ ھايال بولمايلا كەلدى، ئەھۋالنى كۆردى ۋە "سۇ تارتىدىغان ماشىنىسى بار بىرسىنى تاپ، مەن ئامال قىلالمايدىكەنمەن دەپ كىتىپ قالدى. ئۇ كۈنى ياققان يامغۇردا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆيىنى سۇ بىسىپ كىتىپ سۇ تارتىدىغان كىچىك ماشىنىنىڭ قىس بوپ كەتكىنىنى نەدىن بىلەي،؟
    يەنە قوشنىلىرىمدىن ياردەم سورىغۇم كەلدى، شۇنداق كوچىغا يۇگرەپ چىقسام ئانتوني ماشىنىسى بىلەن كىلىپ قالدى. ئۇ مىنىڭ جىددىلىشىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ دەرھاللا ئۆيگە كىردى، ۋە دىدى:
    سۇ تارتىش ماشىنىسى كىتىدۇ بۇ سۇلارنى تارتىش ئۈچۇن، لىكىن بۇنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. شۇنداق دىدى-دە ئۇ سكوتتقا ۋە دەنىيگە تىلىفۇن  قىلدى.سۇ داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، ئەنتونىي چاتاقنى ئوڭشاشقا كىرىشىپ كەتتى. يەر ئاستى ئۆيىگە قىزىلغان ئىككى ئورەكنىڭ بىرسىگە بۇ ئۆينى سالغۇچىلار سۇ تارتىدىغان ئەسۋاپ ئورناتماپتىكەن، يامغۇر سۈيى كۆپ بولغانلىقتىن ئەسۋاپ بار يەنە بىرسى تارتىپ يىتىشىپ بولالمىغان گەپ ئىكەن.
سكوتت  مۇھىت ئاسراشقا ئائىت بىر شىركەتتە ئىشلەيتى، ئۇ شۇ شىركەتىڭ يوغان ماشىنىسىنى ھەيدەپ كونىراپ كەتكەن سۇ تارتىش ماشىنىسىنى ئىلىپ پەيدا بولدى، ئاڭغىچە دەنىيمۇ كىردى بىز شۇ سوغۇق سۇنى كىچىپ تۇرۇپ  6-7 سائەت ھەپىلىشىپ كەتتۇق. ئانتوني تامنى تىشىپ شىلىنكىنى سىرتقا چىقاردى. خۇدايا شۈكرى سۇمۇ تارتىلىپ بولدى، ئانتوني يەنە بىر كۆلچەككە سۇ تارتىش ئەسۋابىنى ئورنىتىشىم لازىملىغىنى ئىيتتى.
-مەن بىلمەيدىكەنمەن ھەتتا ئۇ ئەسۋاپنى، باشقىلار قىلسىمۇ شۇ ئىشنى پۇلغا قىلىدۇ، ساڭىلا بىرەي شۇ پۇلنى، قىلىپ بەرسەڭ.
     ئانتوني ئەتىسىلا سايماننى ئەكىلىپ ئۇنى ئورنىتىپ بەردى، خۇداغا شۇكرى، شۇندىن كىيىن ھەرقانچە يامغۇر ياغسىمۇ يەر ئاستى ئۆيىمىزنى سۇ باسمىدى.مەن دەنىي ۋە سكوتتقا ئۆز لايىغىدا رەھمەت ئىيتتىم ۋە يەنە بۇلارنىڭ ھەممىنى ھەپتە ئاخىرىدا مەھەللىمىزدىكى بىر رېستۇرانغا تاماققا تەكلىپ قلدىم.شۇ كۇنى مەن، ئەنتونىي ۋە سكوتت ئۈچىمىزنى سكوتنىڭ ئايالى ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويدى ۋە كەچ سائەت 12 دە بىزنى ئىلىپ كىتىدىغانلىغىنى ئىيتتى.
-سىلەر ئاز تولا ئىچىپ قالساڭلار ياخشى بولمايدۇ، ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە ھازىر ساقچىلار قولغا ئالىدۇ دەپ چۇشەندۇردى خانىم.
- ھە مۇنداق ئىكەندە دەپ ئويلىدىم مەن.
رېستۇراندا پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇپ  دەنىينىڭ چىقالمىغىنىغا ئەپسۇسلانغانلىغىمنى بىلدۇرىۋىدىم، ئۇلار كۈلۈپ كىتىشتى ۋە دىيىشتى.
- ئۇ شوخلۇق قىلىپ قويۇپتىكەن يىللار ئىلگىرى، ئايالى بىلىپ قىلىپ ئەدىۋىنى بىرىپ قويۇپتىكەن شۇندىن بۇيان كەچتە تالاغا چىقمايدۇ.تاغدىن باغدىن تازا قىزىق پاراڭلىشىپ سائەت 11؛30 بولغاندا سكوتتنىڭ ئايالىدىن تىلىفۇن كەلدى.
- يەنە 15 مىنۇتتىن كىيىن كىلىدىكەن بىزنى ئالغىلى دىدى.
ئانتوني ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ كىتىشتۇق.
- ياش يىگىتكە تىگىۋىلىپ ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغان ئوخشايدۇ بۇ ئايال" دەپ ئويلىدىم.
بىز دەل سائەت يىرىم كىچە 12 بولغاندا تالاغا چىقساق، خانىم بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
كىيىن بىر قىتىم ئانتوني شۇنداق دەپ چاقچاق قىلدى مىنى كۆرۈپ:
    قەيسەر، مۇشۇ مەھەللىدە ئەڭ خوتۇندىن قورقمايدىغىنى مەن، ئاندىن قالسا سەن، ئاۋۇ ئىككىسىنى قاتارغا تىزمايمىز. بۇ گەپنى مەن دىگەن بولساممۇ ئەنتونىينى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزاتتىم، ئەمدى چاقچاق دىگەن شۇنداق بولىدۇ-دە!بەزىدە خوتۇندىن قورقۇپ قويمىساڭ، ئائىلىنىڭ قىزىغى بولمايدۇ دەپ قويدۇم ئۇنىڭغا.ئانتوني كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياشاپ باققان بولۇپ دۇنيا قارىشى كەڭ، كۆپنى كۆرگەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى ماڭا بەك تەسر قىلدى.
-قارا قەيسەر، مەن نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياشاپ باقتىم، ئەمما مۇشۇ ئامىرىكىدا كۈنىنى ياخشى قىلالمىغان ئادەم باشقا يەردە ياخشى قىلالمايدۇ.
-ئاچام دۇبەيدە بىر ئەرەب بالا بىلەن توي قىلغان ئىدى، بۇ كۈيئوغۇل بالا قايسى بىر يىلى ئۆيىمىزگە بىرىپ  ئۆيدىكى قوي گۆشىمىزنىڭ ھەممىنى يەپ كەتتى، دادام ئۇلارنى (ئەرەبلەرنى) ئانچەا ياخشى كۆرمەيتى، ئەمدى ماۋۇ كىچىك سىڭلىممۇ بىر ئەرەپ بىلەن توي قىلىۋاپتۇ. داداممۇ بۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئالاقە قىلىشىپ ھازىر مۇسۇلمانلارمۇ ياخشى ئادەملەركەن دەپ قاپتۇ...

ئاڭلاپلا قويىدىغانلا ئەمەس، چۈشۈنۈپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان گەپلەر دە بۇ!

    2-3 يىل بولدى، قار قاتتىق ياققان كۈنلىرى سكوتت ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىغاندا ئىدارىسىنىڭ قار تازىلاش ماشىنىسىنى ئەكىلىپ يوللارنى ئىچىپ تازىلىغاندىن سرت ئانتوني بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى قارلارنىمۇ قوشۇپ تازىلىۋىتىدىغان بوپ قالدى. قۇرۇقلا رەھمەت دىيىشتىن يۈزۈم ئۇيۇلۇپ
    مەنمۇ قوشنىلىرىمنى ئۇلارنىڭ روزدىستىۋا بايرىمىدا دانكىن دوناتنىڭ قەھۋە كارتۇچكىسى بىلەن تەبرىكلەپ قويىدىغان بولدۇم.
دىمەك ھەقىقى قوشنىدارچىلىق مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش، ياردەملىشىش ۋە ئادىمىگەرچىلىك ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولغانلىقتىن ئۇمۇ ئۆز لايىغىدا مەزمۇنىنى بىيىتىپ تۇرۇشى كىرەككەن. مىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئاتركىرىتكىلرىمدا مەندىكى ئۇلارغا  بولغان بايراملىق ياخشى تىلەكلا بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىغىممۇ ۋە يۇقۇرىدىكى ھىس قىلغانلىرىممۇ ئەكس ئىتىدۇ، ئەلۋەتتە!.
رازىمەن مەھەللىمىزدىكى نۇرغۇن ئاھالىلىكلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇنۇ  ھاياتنى سۆيۈپ، قەدىرلەپ ياشايدىغان، دوستانە ھەم ئاق كۆڭۈل قوشنىلىرىمدىن!

  ئەسكەرتىش : بۇ  ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە  يوللاندى .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:12:49

ئېسىل چىقىپتۇ  :)

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:40:36

ئالدىرىماي ئوقۇغۇدەك نەرسە چىقىپتۇ ، خەتكۈچ رەھمەت .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:17:09

ئېسىل تېما. بىز ئۇيغۇرلاردىن قىلىشمايدىغان قوشنىدارچىلىق بارمۇ نېمە بۇ ئامىرىكانلاردا.
مەن ھازىر ئولتۇرغان ئۆيۈمگە كۆچۈپ كىرگىلى 4 يىل بولغان بولسىمۇ مۇشۇ كەمگىچە بىر قوشنامنىڭ قىشتا ئۆيى ئىسسىماي پارنىڭ سوغۇق سۈيىنى چىقىرۋېتىدىغانغا ئۆيۈمدە ئىشلەتكەن ئۇزۇن شىلانكىنى ئىلىپ چۈشۈپ ھاجەتخانىسىغا ئۇلاپ بىرىپ ئۆيىنى ئىسسىتىپ بەردىم، يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىگە بىر ھېيتتا ئۇدۇل كىلىپ قىلىپ كىرىپ بېقىپتىمەن. ئۇندىن باشقا ھېيتلاردا پەتىلىشىپ ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بىر بىرىمىزنى ئۆيلىرىمىزگە چاقىرشىپ باقماپتىمىز. مەن ئانچە-مۇنچە قاقشاپ قويىمەن، بۇ قانداق قوشنىدارچىلىق بولدى ئەمدى دەپ. خاتۇن بۇ يىل قۇربان ھېيتتا قوشنىلارنى ئۆيگە چاقىرۋالايلى دەپ تەكلىپ بىرىپتى. ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن كۆڭۈلشىمەي ھېيتتىنمۇ ئۇزاپ كەتتۇق.
تېمىنى ئوقۇپ بالىلىقىمدىكى قوشنىدارچىلىقلار يادىمدىن كەچتى. بىرسى ئۆي سالسا مەھەللە بويچە يېغىلىپ ياردەملىشەتتى. توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردا بىرەر كۈن بۇرۇن قوشنىلار قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھە-پە دېيىشەتتى. ئەسمەتخاننىڭ بىر گېپى بارغۇ ‹‹- ياقۇپ، سېنى شە يەپ كېتىپتۇ›› دەيدىغان. بۇ بىنا ئۆيلەردە راسلا قوشنىدارچىلىق تۈگىگەندەك بىئارام بولۇپ كېتىمەن.
تۈركيەنىڭ تېلۋىزىيە فىلىملىرىدىكى قوشنىدارچىلىق كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ مەستلىگىم كىلىپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ ‹‹ھوزۇر كوچىسى››، ‹‹قارا تاغا›› دېگەن كىنولىرىدىكى قوشنىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەققىلىرىنى ئادا قىلىشىپ شۇنداق چىرايلىق ياشاۋاتقانلىقىغا قاراپ ئادەمنىڭ مەستلىگى كىلىدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 12:15:17

ئېسىل.... داۋامى بارمىدۇ؟ تاس قاپتىكەن ھە ھېلىقى نىگىر خىرويىنكەش چاتاق چىقارغىلى...:o

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:24:19


‏  بىر ساۋاقدىشىم ئامېرىكىدا ئوقىۋاتقان ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەچ ساياەت قىلغىلى بېرىپ بىر ئاي بولغىچە  ئېنگىلىزچە  «سەنكيۇ» دېگەن سۆز بىلەن «سوررىي» دېگەن ئىككى سۆزنى ئۆگىنىۋاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ خانىمى ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە كوچىدا ئالدىراش كېتىۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر خانىمنى سوقۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەچۈرۈم سوراش مەقسىدىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «سەنكيۇ-سەنكيۇ» دەپتۇ، قايتا-قايتىدىن.
‏ئۇ ئايال بولسا كۆزىنى يوغان ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا بىر چەكچىيىپ قاراپتۇ- دە، كېتىپ قاپتۇ.
‏   ئۇ ئايال كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى قورسىقىنى تۇتۇپ راسا كۈلۈپتۇ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:04:15

بىزدە ئۆيۈڭدە تاماق ئەتسەڭ خوشناڭنىڭمۇ ھەققى بار دەيدىغان،گەپنىڭ يوغىنىنى قىلغىنىم بىلەن ئالتە يىل داۋامىدا بىر كورپۇستىكى قوشنىلار بىلەن ھېيتتىمۇ كىرىش چىقىش قىلمايمىز،بەزى قوشنىلىرىمىز بىلەن پەلەمپەيدە دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ سالام قىلىشمايمىز،بەك كۆڭلۈم بىر خىل بوپ كېتىدۇ،ئۆلۈم يىتىم توي تۆكۈنغۇيوق گەپ
ئىشقىلىپ ھېچكىم ھېچكىمگە ياخشى قوشنا بولالمىدۇق

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:26:41

ياخشى تىما.
ما ئىستانبۇلدا مەن خوشنىلىرىم كىم بىلمەيمەن، دەرۋازىدا دوقۇرۇشۇپ قالساق، ئۇلار چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، كېيىن مەنمۇ ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:37:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 16:20  

خوشنىدارچىلىقنىڭ گېپى چىقتى.
خوشنىدارچىلىق قانداق بولىشى كېرەك؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ باقساق.
مەن ئويلايمەن، ئادەم يالغۇز ياشىمىغاندىكىن، چوقۇم خوشنىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ ياشايدىغان گەپكەن. شەرىئەتتە خوشنىلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ تەكىتلەيدۇ. خوشنىمىز مۇسۇلمان بولسىمۇ ، مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىناق ئۆتۈشنى تەكىتلەيدۇ. خوشنىنىڭ بىر -بىرىدە خوشنىدارچىلىق ھەققى ۋە بۇرچى بولىدۇ.
دىنىي قېرىندىشى بىلەن خوشنا بولغاندا، خوشنىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق ئىككە تەرەپتىن ھەققى بولىدۇ.
خوشنا ئولتۇرغاندا، بىر -بىرى بىلەن سالاملىشىپ ئەھۋاللىشىپ تۇرۇش بىر-بىرىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلاردا كېتىپ بارغانلىقىنى بىلىش؛  بولۇپمۇ نامرات بىر كىشىلەر بىلەن خوشنا بولغاندا، ئۇنىڭ ئەھۋلىغا دىققەت قىلىپ، ياردەم قىلغۇدەكلا بولسا ياردەم قىلىپ تۇرۇش لازىم. بەزىدە ھەقىقى مۇھـتاج بولۇپ قالغان چېغىدىمۇ ئالدىراپ بىر كىشىلەرگە ئېغىز ئاچمايدىغانلار بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق كىشى بولسا، خېلى قىيىنچىلىق تارتىپ قالسىمۇ سىزگە ئېغىز ئاچماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، پات-پات يۇقلىشىپ ئۆزئارا ئەھۋاللاشقان ياخشى.
قىيىنچىلىقىنى كۆرگەندە، قولىمىزدىن كەلگىنىچە تىرىشىپ ياردەم قىلىش لازىم. خوشنىلار بىلەن بولغان ئىناقلىققا پايدىلىق بولىدۇ. خوشنا ئولتۇرغان كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا بەزىدە كۆڭۈلسىز ئەھۋللارغا يولىقشى مۇمكىن، شۇ چاغدا خوشنىدارلىقنى يەتكۈزۈش لازىم. خوشنىغا مۇسىبەت يەتكەن بولسا، خۇددى ئەڭ يېقىن تۇققانلاردەك مۇئامىلە قىلىپ ياردەملىشىش ۋە تەسەللى بېرىش لازىم.
خوشنا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا تۇيۇقسىز كەلگەن ئاغرىپ قېلىش ياكى شۇنىڭدەك ئۆزى يېتىشىپ بۇلالمايدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەىسلەن كىسەل بولۇپ دۇختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشتەك ئەۋاللاردا ئۇنىڭ كىچىك بالىلىرىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش لازىم. بالىسىنىڭ تامىقىنى بېرىش لازىم، ھەم كىسەلنى يۇقلاش لازىم. كۆپرەك كىشىلەر بىلەن بولىدىغان ئىشلىرىدا ھەمدەمدە بولۇش لازىم.
بەزىدە بىرەر جابدۇق ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئىشلاردىمۇ ياردەم قىلىش لازىم، ئىككى ئادەم قىلمىسىا قىلالمايدىغان، ئۇ يالغاز كېلىپ سىزنى ياردەمگە چاقىرسا دەرھال ياردەم قىلىش لازىم.
مانا مۇشۇنداق، خوشنىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم قىلىپ تۇرۇش ، ھەم ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇش لازىم.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. مۇستەقىل ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم. ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىش بولسا خوشنىڭىزنى ئىمكان قەدەر ئاۋارە قىلماي ئۆزىڭىز قىلىڭ؛
2. خوشنىڭىزغا كۆڭۈلسىزلىك كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيداندا بولۇڭكى، ھەرگىز تاماشا كۆرىدىغان ئىشنى قىلماڭ؛
3. خوشنىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ؛ ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەخلەت ياكى باشقا نەرسىلەرنى قۇيۇپ دەخلى قىلماڭ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز خوشنىڭىزغا ياردەم قىلسا قىلسۇنكى، دەخلى قىلمىسۇن.
4. خوشنىڭىزدىن سىز ياقتۇرمايدىغان ئەھۋال سادىر بولسا، ئېغىر بېسىق بولۇپ، كەڭ قۇساق بولۇڭ. بالىلارلار ئارىسىغا كىرىپ سوقۇشىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماڭ. ناۋادا سىزنىڭ بالىڭىز خوشنىڭىزنىڭ بالىسىنى ئۇرۋالغان بولسا، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراش بىلەن بىرگە بالىڭىزغا ياخشى تەربىيە قىلىڭ.
5.خوشنىڭىزنىڭ ئۆيىنى مارايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ؛
6. خوشنىڭىزنىڭ ئەيىپلىرىنى بىلىسىڭىزمۇ  باشقىلارغا ھەرگىز سۆزلىمەڭ؛
7. خوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتۈش بىلەن بىرگە، چوقۇم مەلۇم ئارىلىق ساقلاڭ. يەنى ھەممە نەرسىڭىز ئۇنىڭغا  مەخپىي قالمايدىغان دەرىجىدە بولۇپ كەتمەڭ. ھەم خوشنىڭىزنىڭمۇ ھەممە نەرسىسىنى كوچىلاپ يۈرمەڭ.
8. خوشنىڭىزنىڭكىگە كىرىدىغان قېتىم سانىڭىزمۇ ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتمىسۇن. كۈندە 5-10 قېتىم يۇقلاپ، كۈندە خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالدىىغان ئىشنىمۇ قىلماڭ؛  كۈندە بىرەر قېتىم كىرىشمۇ ئاز ئەمەس. خوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن بولسا، سىزنى چاقىرمىغان ئەھۋالدا كىرىپ ئولتۇرۋالماڭ. ياردەملىشىشكە چاقىرغان بولسا كىرىپ ياردەملىشىڭ، بولمىسا تەڭ قىسىلىشىپ يۈرمەڭ. خەقنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمان شۇ خوشنىڭىز بىلەن ئۆز بولغان بىلەن سىز بىلەن ئۆز ئەمەس؛ شۇڭا، ئۇلارنىڭ قورۇنماي كەڭ-كۈشادە ئولتۇرۋېلىشىغا دەخلى قىلماڭ؛
9. خوشنىدارچىلىقتا ئۆزىنىڭزنىڭ ئۇنىڭدىكى ھەققىنى ئويلىماي، ئۇنىىڭ سىزدىكى ھەققىنى ئويلاڭ؛ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ بۇرچىنى ئويلاڭ.
10. ئەگەر خوشنىڭىز پاسىق ئادەم بولسا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ قويىدىغان يەرلەردە ياردەم قىلىپ قۇيۇش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭدىن سەل ئارىلىق ساقلاڭ. ئىش-قۇيۇن تاش-قۇيۇن بولۇشۇپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. سىرلىرىڭىزنى ساقلاڭ. بولمىسا  كۆڭۈلسىزلىككە قېلشىڭىز مۇمكىن. دائىم باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆتىدىغان كىشى بىلەن خوشنا بولۇپ قالغان بولسىڭىز، تېخىمۇ ئارىلىق ساقلاڭ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۈركۈلۈشۈپ يۈرمەڭ.
11. تام خوشنا ئولتۇرغاندا  ئوتتۇرىدىكى تام سىزگە تەۋە بولسىمۇ، خوشنىڭىز ئۇ تامدىن پايدىلىنىۋېلىشى سىزگە دەخلى قىلمىغۇدەك ئەھۋالدا بولسا، ئۇنىڭغا رۇخىسەت قىلىڭ. لېكىن كېيىن ئۇ تامنى چاقىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا تۇغرا چۈشىنىشىنى ئالدىنالا دەپ قۇيۇڭ.  

دەماللىققا ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلار. يەنە نۇرغۇن ئىشلار بولىشى مۇمكىن، خوشنىدارچىلىقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان. تورداشلار داۋامىغا يېزىپ قويسا، بۇ جەھەتتە كۆپرەك بىلىۋالساق.

مەن بىر خوشنامنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرەي. يۇقۇرقى ئىشلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئاندىن يازغان.
خوشنام ئايال كىشى بولۇپ، يولدىشى نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىغا  كەتكەنتى،ياشانغان ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىمىش. يۇرتىدا يەنە بىرقانچە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىمۇ باركەن.  يىلدا بىر-ئىككى قېتىم كېلىپ بۇ ئۆيىنى يۇقلاپ  نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتىدۇ. بالىلىرى ئالىي مەكتەپ، ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بۇ ئايال كىشى كىسەلچان، دىيابىت كېسلى بولغاچقا تېنى ئاجىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا كۈندىزى  ئۆزى يالغۇز. شۇڭا، تولا ھاللاردا بىزنىڭكىگە كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنىلا ئىشىك چەكمەيدىغان كۈنى يوق دىيەرلىك. كىرىپ چاي ئىچىپ ياكى تاماق يەپ چىقىدۇ، ياكى ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئىش ئۆگىتىدۇ.  ئۇ ئاجىز كىسەل بولغاچقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلنىمىز.  ئايالىم ئۇنىڭدىن بىزار بولغانلىقىنى ماڭا دەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قۇپال مۇئامىلە قىلمايدۇ، ھەم بىزارلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ماڭا : مۇشۇنداق خوشنىدىن تويدۇم دىگىنىدە، بوپتۇ ئۇ يالغۇز ھەم كىسەلچان تۇرسا، ئۆيىدە يالغۇز ئولتۇرغۇسى كەلمىگەندۇ، دەپ ئارتۇق گەپ قىلماسلىقىنى دەپ قويىمەن. خوشنا بولغاندىكىن كۈندە 10 قېتىم كىرسىمۇ ئۇنىڭغا ئۆيۈڭدە ئولتۇرساڭ بولمامدۇ!؟ دەپ ئېيتساق بولمايدۇ. ئۆي ئىگىسى بولغان ئادەم ئۆيگە كىرگەن ئادەمگە كىرمەسلىكىنى ئېتساق سەت تۇرىدۇ دەپ داۋاملىق ياخشى مۇئامىلە قىلىمىز.  كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمانلار ئۇنىڭدىن بىزار بولغانلىقىنى داۋاملىق كەلسەكلا بۇ ئايالنى سىلەرنىڭكىدە كۆرىدىكەنمىز، لاپچىيىپ ئولتۇرۋالدىكەن، دەپ قاخشايدۇ.
بۇ ئايال، بىزنىڭ ئۆيدىن ئارىيەت ئالمايدىغان ھېچنىمە قالمىدى دىسەممۇ بولىدۇ. ئۆيىمىزدە تۇڭلاتقۇدا نىمە كۆتاتلار بارلىقىدىن تۇتۇپ، ئۆيىمىزدە نەچچە پىيالىمىز بارلىقىغىچە بىلىدۇ. ئۆيىدە چوڭراق بىر كورىسى بار بولغان بولسا، بىزدىن كىچىكرەك كورىنى ئەپ چىقىپ ئىشلىتىشنى سوراپ كىرىدۇ. توكقا ئۇلاپ گۈرۈچ پىشۇرىدىغان قازىنى كىچىكرەك بولغان بولسا، بىزدىن چوراقىنى ئەپ چىقىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن سوراپ كىرىدۇ. سەي قورۇشى ئۈچۈن ئىككى باش پەمىدۇر سوراپ كىرىدۇ. بالىلىرىمۇ ھەتتا بالامنىڭ ئايىقىنى كىيىپ تۇرىشىنى سوراپ كىرىدۇ. ئۆزى قىلالايدىغان ، بالىسى قىلسىمۇ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك مېنىڭ ياردەم قىلىپ قىپ بېرىشىمنى سورايدۇ. ئايالىمنىڭمۇ شۇنداق لەغمەنگە خېمىر يۇغۇرۇپ بېرىش دىگەندەك ئىشلارغا ياردەمگە چاقىرىدۇ.  ئەشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلار. شۇڭا، مەن بەزىدە بالىسى ياكى ئۆزى قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلاردا ياردەمگە چاقىرسا پەرۋا قىپ كەتمەيدىغان،. ۋاقتىم يوق دەپ رەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
دەپ كەلسەك گەپ جىق. بىزنىڭ ئۆيدىن ئۇ ئارىيەت ئالمىغان مەنلا قالدىم دىسەم  سەت گەپ قىلغان بولىمەن:lol . ئىش قىلىپ، خۇشنىدارچىلىقتا كىشىلەر بۇنداق يول تۇتىۋالسا قانداق بولىدۇ؟دەيمىنا! شۇنداق قىلىپ   باشقىلارغا  ئىبرەت ئۈچۈن بۇلارنى يېزىپ قويدۇم. چۈنكى سىزمۇ شۇنىڭدەك يول تۇتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.
ئۇ ئايال كۈندە بىزنىڭكىگە كىرىشىنى دىسەم  تورداشلار ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ يۈرمەڭلەر. مەن خۇشنا بولغاندىكىن ، ئويىدە ئادەم بولمىغاندىكىن ، ئايالىمنى دەپ كىرىدىغان بولغاندىكىن، خۇشنىدارچىلىقتا سەۋىر قىلغىن دەپ مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز. كۈندە ئۆيىمىزگە كىرىۋالماي، ئۆيىڭىز بولغاندكىن ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇڭ دىسەم سەت بولىدۇ. شۇڭا، سەل سوغاق مۇئامىلە قىلىپ كارىم بولمىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭغا ھېچ بىر گەپ قىلمايمەن. كۈندە نەچچە رەت كىرىدىغان بولغاچقا كىرسە ئورنۇمدىنمۇ قوزغالمايدىغان، چىقىپ كەتسە چىقامسىزمۇ دىمەيمەن. مېنىڭچە بولسا، ھەپتىدە بىرەر قېتىم كىرسىمۇ ئۇزاق يۇقاپ كەتكەن ھىساپلانمايتتى.
يۇقۇرقى بۇ گەپلەرنى بايان قىلىپ قۇيۇشتىكى مەقسەت، خۇشنىدارچىلىقتا مۇشۇنداق ئۆزىنى سورىمايدىغان ئەۋاللاردىن ساقلىنىش لازىم، قاتتىق ساقلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن دەپ قويدۇم.
كىچىك ۋاقتىمدا، يېزىدىكى ۋاقتىمدا بىر خۇشنىمىز بار ئىدى. ئېسىمنى بىلسەم، كۈندە بىر نەرسە سوراپ كىرەتتى،
«ئاپام ئاچچىق خېمىر بەرسۇن دەيدۇ»(ناۋادا بەزى چاغلاردا بولۇپ قالسا تۇغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋللار بولۇپ تۇرىدۇ.) ئەمما، ھەپتىدە نەچچە قېتىم شۇنداق كىرەتتى. «ئاتام چىگەنزە بېرىپ تۇرسۇن دەيدۇ»(ئىشەك ھارۋىسىنىڭ داۋاملىق يېلى تۇرمايدىكەن، ئەمما، ناسۇسنى ھەل قىلىشنى خىيال قىلمايدىكەن). «ئاتام كەتمەن بېرىپ تۇرسۇن دەيدۇ» ، بۇمۇ داۋاملىق شۇنداق.
مەن دەيمەن ھەر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا لازىم بولۇپ تۇرىدىغان نەرسىنى ھەل قىلىۋالماي، داۋاملىق خەقتىن ئارىيەت ئالامدۇ؟ دەيمەن. يەنە كېلىپ كەتمەننى ئەپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئىشلەتكەندىن كېيىن يۇيۇپمۇ قويماي پاتقاق پېتى تاشلىۋېتىدىكەن. بىزگە لازىم بولغاندا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتمىنىمزىنى قايتۇرۇپ چىقاتتىم. ھەرگىز ئۆزلىرىنى بىلىپ  قايتۇرۇپ ئەكىرىپ بەرمەيتتى. سەل ئۇزاقلاپ كەتسىغۇ بولدى، جابدۇقىمىزنى بېقىۋالاتتى.
ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىشلىتىپ بولۇپ قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان ئەھۋال يېزىمىزدا ئومۇمىيۈزلۈك بار ئىشكەن.
ھازىرمۇ كىشىلەردە باشقىلاردىن نەچچە كۈندە قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ پۇل ئېلىپ، ئاندىن ئۇنى سۈيلەپ پۇلىنى خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن قايتۇرۇپ ئالىدىغان ئەھۋللار كۆپكەن.
تۇرمۇشىدا كۈندە لازىم بولىدىغان مۇھىم نەرسىلەرنى ئېلىۋالماي، نەدىكى يوق نەرسىلەرگە پۇلىنى خەجلەپ، مۇھىم يەرگە پۇلى يوق بولىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.
ھەي تۇرمۇش!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 17:03:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 17:09  

‏قوشنىدارچىلىقنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى بىر ئەمىلىيەت بولۇپ قالدى. بۇ بىر كوللېكتىپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى پەيدىن-پەي ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
‏قەدىمقى گىرىتسىيە مەدەنىيىتىنىڭ نەقەدەر شانلىق ئىكەنلىگىنى بىلىمىز. ئەينى ۋاقىتتىكى گىرىتسىيە نۇرغۇن شەھەر گۇرۇھى(شەھەر دۆلىتى)دىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا، ئۆيى يوق كىشىلەر نۇرغۇن ئىكەنتۇق. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تالادا ياتىدىكەن. ئۇلارنىڭ جىمى پائالىيىتى تالادا بولغاچقا، ئۆز-ئارا غۇژمەكلىشىپ پاراڭ سوقىشىدىكەن. بۇ پاراڭلاردا ھېكايە، ئەپسانە، دۇنيا خەۋەرلىرى، تۇرمۇش ساۋادلىرى دېگەندەك ھەممە نېمە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بارا- بارا سوقا- سۆھبەتچىلەرنىڭ سەۋىيىسى ئېشىپ تالىس، سوقراتلارغا ئوخشاش نامى ئۆچمەس نۇرغۇن پەيلاسوپلار، ئالىملار، رىۋايەت،ئەپسانىچىلەر يېتىشىپ چىققان ئىكەن.‏ماتېماتېكا، گىئومېتىرىيە، ئارىفمېتىكا، خېمىيە، تېبابەت(4 تادو)لارنى شۇلار ئىجات قىلغان.  ئۇ چاغدا مەتبۇئاتلار يوق ھالەتتە، لېكىن جەمئىيەت تىرىك ئىدى. ئۆيگە مەھكۇم بولغان جەمئىيەت ئۆلگەن جەمئىيەتتۇر.

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:10:47

‏قەيسەركامنىمۇ ئىزدىنىشقا تەكلىپ قىلساق بۇلاتتى .

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:12:30

ئالدىرىماي ئوقۇسام بولغۇدەك.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 11:20:34

President يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 14:26 static/image/common/back.gif
ياخشى تىما.
ما ئىستانبۇلدا مەن خوشنىلىرىم كىم بىلمەيمە ...

قىززىق خەقكىنا ئۇلا،نىمىشقا باشقىچە قارايدۇدەيمە؟يا  سىزنىڭ ئىستىلىڭىزدە مەسىلە بارمۇ :lol :lol :lol چاقچاق ھە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 11:25:41

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 14:37 static/image/common/back.gif
خوشنىدارچىلىقنىڭ گېپى چىقتى.
خوشنىدارچىلىق قانداق بو ...

بىزنىڭ ئاۋۇ خوتۇندىن باشقا خوشنىلا سىزنىڭ خوشنىلارغا ئوخشايدىكەن....

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 11:45:12

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 13:24 static/image/common/back.gif
‏  بىر ساۋاقدىشىم ئامېرىكىدا ئوقىۋاتقان ئوغلىنى يوقل ...

ئا ئوغلى چۈشەندۈرۈش بەرمەي كۈلۈپ زاڭلىق قىپتا، لاتا گۇي  :shutup:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 12:04:46

ئېسىل يازما بوپتۇ. {:112:}

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 12:06:47

سىز ئۇچۇپ بارغانمۇ، كۆچۈپ بارغانمۇ؟

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:19:57

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:10:36

بىر ئەرنىڭ بەختى مۇنۇ  ئۈچ  نەرسىدە ئىپادىلىنىدۇ:
ئەدەپ ھايالىق ياخشى خۇتۇن.
ياخشى ئات.
ياخشى قوشنا.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:10:56

بىر ئەرنىڭ بەختى مۇنۇ  ئۈچ  نەرسىدە ئىپادىلىنىدۇ:
ئەدەپ ھايالىق ياخشى خۇتۇن.
ياخشى ئات.
ياخشى قوشنا.
بەت: [1] 2
: قەيسەر مىجىت : مىنىڭ ئامېرىكىلىق قوشنىلىرىم