xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 23:46:15

ئەۋرەز(شەھلا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 00:58  

ئەۋرەز





مەلۇم بىرسى كىچىكىدىن مەلۇم بىر رىتىمغا ئەگىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ تۇغۇلىۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتتا، تۇغۇت ئۆيىدىكى تۇغۇت ئانىسىنىڭ ساپما ئايىقىنىڭ يۇمشاق چەمىنىڭ  ياغاچ پولغا سۈركىلىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز، ياغاچ راملىق دەھلىزنىڭ سىرتىدىكى كۆكتېرەكنىڭ يۇپۇرماقلىرىنىڭ مەيىن شامالدا بوش شىلدىرلىشى، سېستىرانىڭ كىسەلخانا ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇررۇش ئۈچۈن سىياھ قەلەمنى قەغەزگە بېسىپ خەت يېزىۋاتقاندا چىقارغان ئاۋاز، ئانىسىنىڭ تولغاق ئازابىدا ھالسىزلىنىپ ئېغىر تىنىشى، يۈرىكىنىڭ قالايماقان سوقۇشىدىن پەيدا بولىۋاتقان ھالسىرىشى، تۇربىدىكى سۇنىڭ ئېقىشى، ئوپراتسىيە پىچاقلىرىنىڭ تاراق-تۇرۇقلىرى،  ئىشىكنىڭ غىچىرلىشى، ئومۇمەن بىرلا ۋاقىتتا ھەر قايسى ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئاۋازلار يىغىلىپ پەيدا قىلغان، دىققەتنى بەك يىغمىسا بايقىغىلى بولمايدىغان رىتىم ئۇنى تۇنجى بولۇپ قارشى ئالغان ئىدى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇ رېتىمنىڭ يىتەكلىشىدىن ئايرىلىپ باقمىدى، ھەتتا ئانىسىنى ئېمىۋىتىپمۇ سۈتنى چىشسىز يۇمران ئاغزىدا شوراش ھەركىتىنىڭمۇ رىتىم پەيدا قېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۆمۈلەش، ئۆرە تۇرۇش، ئايىقى چىقىپ مىڭىش، بۇ جەريانلار بايقۇغۇسىز دەرىجىدە مۇجىمەل سىلكىنىشتىن پەيدا بولىدىغان رىتىملارنىڭ كۈچىيىشى ئىدى، ئۇ قورسىقىنىڭ، بولجۇڭ گۆشلىرىنىڭ، ئىچىكى ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بەزىدە بۇ رىتىملار ناخشا مۇزىكىلارنىڭ رىتىمىغا قوشۇلسا، تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئايلىنىشىنى كۆرگەندەك بولاتتى، قانغا نىسبەتەن تۇنجى تونۇشقا كەلگەن ۋاقىتلىرى چوڭلار ئۇنى ئەقلىگە كەلدى دەپ ئېتراپ قېلىشتى، ئەمما ئۇنىڭ ئەقلىگە كەلگەنلىكىنى ھېچكىم مەلۇم مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىمىدى، تۇغۇلغان كۈنلىرىدە قۇبۇل قىلغان سوغاتلارمۇ ئەقلىنى بىلگەنلىكىنى ئېتراپ قېلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى، تۇغۇلغان كۈنىگە سوغات بەرگۈچىلەر ئۇنىڭ ئەقلىنى بىلگەنلىكىنى تەبرىكلىشى كېرەكلىكنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاچقا، بەزىدە ئازاپلىنىدىغان بولۇپ قالدى، ھەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە  بارغانسىرى چوڭ رازمىنلىق كىيىملەرنى كىيىۋاتقان بولسىمۇ، باشقىلار ئۇنىڭ تېخى كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى، يېشىغا بىر ياش قوشۇلغانلىقنىڭ چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشتى، ئاپىسى ئۇنى كىچىك تۇرۇپلا مەن بىلەن تەڭ ئاياق كېيىدىغان بولۇپ قالدى دەپ ۋايساپ تۇرۇپ، تاماق قاچىسى بىلەن قوشۇقلىرىنى چوڭايتىپ بەردى، ياتاق ئۆيىدىكى رىشاتكىلىك كارۋىتىنى يۇمشاق ماتراسلىق كاتقا ئالماشتۇرۇپ بەردى، ھەم مېھمانلىق يوتقان كۆرپىلەردىن بىر يۈرۈش ئېلىپ كىرىپ، ئۆسمۈرلەرگە لايىق كىچىك يۆگەكسىمان يوتقان-كۆرپىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىگە تەۋە بوشلۇقنىڭ كىڭەيگەنلىكىدىن خوش بولدى. ھەر كۈنى ھۇجۇرسىنىڭ سۆسۈن پەردە تارتىلغان دەرىزىسىگە يۆلەپ قويۇلغان يېزىق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، دەرىس تەييارلىغاچ ئاسمانغا قارايتتى، كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يۇلتۇزنى كۆزۈتۈش تولىمۇ ھوزۇرلۇق ئىدى، ئۇ ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئاشۇ يېقىملىق ئاۋازىدا ناخشا ئېيتىشنى، ناخشىسىنىڭ رېتىمىغا تەڭكەش قېلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ھەركەتلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى، چوڭ يولدا كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا جۇشقۇن مېڭىش ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئايلاندى، رەتلىك ياسالغان قوڭۈر چاچلىرىنى سىلكىپ، قارا ھەم نۇرلۇق كۆزلىرىدىن سوغاق نۇر تارىتىپ، مەيدىسىنى كېرىپ مەغرۇر مېڭىپ كەتسە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپ قېلىشاتتى، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ئىچىدىكى ئوي-خىياللىرىنى يۇشۇرۇپ قالالمايتتى.

ئۇ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ ياشلىقىغىچە ئاڭلىغان نۇرغۇن ئوخشاش ئاۋازلارنى رەتلەپ، كېرەكلىك رىتىمغا ئايلاندۇرۇپ، ئەقلىنى بىلگەندە بايقىۋالغان قاننىڭ ئايلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاۋاز بىلەن يانداشتۇرۇپ، ئولتۇرۇپ-قوپۇش، مېڭىش تۇرۇشلىرىغا ئۆلچەملىك رىتىم ھاسىل قىلدى، ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ئۇنىڭ دۇنياسىدا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار ھېچكىمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىدىم، كىملا بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا يەنى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان رىتىمغا قوشىۋالماقچى بولاتتى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇ باشقىلارنى تولىمۇ شەخسىيەتچىكەن دەپ ئويلاپ قالدى، ئۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئورتاقلاشقۇدەك رىتىمنىڭ يوقلىقىدىن ئىچى پۇشتى، بۇۋاق ۋاقىتلىرىدا كىملا بولسا ئۇنى كۈلدۈرەلەيتتى، ۋىلىقلاپ كۈلۈپ بەرسە ھەممىسى خوش بولاتتى، ھەر بىر قىلىقىغا دىققەت قېلىپ ئەستائىدىل خاتىرلەيتتى، ئۇ ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزىدە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قېلىپ پەخىرلىنەتتى، ئەمدى بولسا ئۇ باشقىلارنى دەۋىر قېلىپ ئايلىنىشقا مەجبۇر بولىۋاتاتتى، تىركىشىش باشلىنىشى مۇمكىن، ئەركىلىككە يول قويۇش ئاياقلاشقاندەك قېلىدۇ، يوللاردىكى مەغرۇرلۇق، تېنىق ئاسماندىكى ئاق بۇلۇت، تۈن كېچىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز، شاماللار، كۆكتېرەك يۇپۇرماقلىرى، سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشى، ساپ ھەم سۈزۈك تۇيغۇلاردىن پەيدا بولغان ئىچكى ئاۋازلار، قانلىرىنىڭ ئايلىنىشىدا بەزىدە بەدىنىنىڭ ئەڭ پەس قىسمىغا ئېقىپ كېتەتتى، بىر تۇرۇپ چوڭ مىڭىسىگە قايتىپ كېلەتتى، يەنە كېتەتتى، يەنە كېلەتتى، بىراق جىسمىدىن چىقىپ كېتەلمەيتتى، چەكسىزلىككە قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسى قانچە كۈچەيگەنسىرى تېرىلىرى تېشىلىپ كەتمەيتتى، ياكى جېنى پاتقۇدەك كېڭىيىپ بەرمەيتتى، سان-ساناقسىز باش چايقاش كومۈلىچى ياۋالغاندەك قورسىقىنىڭ قاراڭغۇ دىۋارىدا دولقۇنلاپ تۇرغان چۈشۈنۈكسىز بىر رىتىمغا ئارام ئالماي چايقىلاتتى. توختاۋسىز تەكرارلىقتىن چارچىغاندا،   چۈش كۈرۈش ئۈچۈن ئۇخلايدىغان بولىۋالدى، كۈندە پەققەت تۆت سائەت ئەتىراپىدا ئۇخلىۋالسىلا بولاتتى، بۇ ۋاقىت بىر كۈن ئىچىدە چوڭ مىڭىسىگە  ئورۇنلىشىۋالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قېلىۋىلىشىغا يېتەتتى، كۈنلىكى پەققەت تۆت سائەتلا ئۇخلىسىلا بولدى، ياش چوڭايغانسىرى جوغلانما ئۈزلۈكسىز ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭغا يەنە بۇندىن بۇرۇن چوڭ مىڭەمگە بۆسۈپ كىرگەن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قېلىشىنىڭ شۇ قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي، سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ قالغان ھەتتا ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەر قوشۇلۇپ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن بىرلىشىپ بىشى كىچىكىرەك ۋاقتىدا بىر ئېغىز قازناق ئۆيدەك بارغانسىرى تاغدەك ئاندىن بىراقلا كېڭىيىپ پۈتۈن يەر شارىدەك ھەجىمگە ئىگە بولدى، نۇرغۇنلىغان ۋاقىت كەسمىسىدە خاتىرلىنىپ ماڭغان بۇ ئىشلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا شۇنچە ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىغا ئىشىنەلمەيلا قالدى، بىراق ھازىر يۈز بىرىپ بولغان ھەم يۈز بىرىۋاتقان، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇردىغان ۋەقەلەرگە ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلمىسا بولمىدى، قاراڭغۇ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا يىتىم بالىدەك ھەتتا جىن-ئالۋاستىلاردەك لاغايلاپ يۈرگەن ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھېساپتا ئۇ ئىدىم، ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يۇندا ئازگاللىرىدا تەمتىرەپ بۇيۇن قىسىپ يۈرۈشىگە چىداپ تۇرالمىدى، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇلارنى يىغىۋىلىشقا كىرىشتى، باشتا ئازراق سەل قارىدى، نىمىلا بولمىسۇن بۇلار ۋاقتى ئۆتكەن تاشلاندۇقلار ئىدى، ئارىسىدا بەزى ئەخلەتلەرمۇ بار بولغاچقا يىرگىنىپ يىغىشتىن ۋاز كېچىش خىيالىغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى، ئەمما گاھىدا خېلى يامان ئەمەس ئىشلارمۇ ئۇچراپ قېلىپ، قىزغىنلىقى قايتا قوزغۇلۇپ تۇردى، ئۆزى بولسا بىر تۇرۇپ يىللار بۇرۇنقى بالىلىقىغا بېرىپ قالسا، بىر تۇرۇپ تېخى بايىقى تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولدى، باشتا بۇ ئىشلارنى نەرسىلەر دەپ ئاتىدى، بارغانسىرى سۆيۈنۈش ھېسياتى بىلەن ئەسلىمىلىرىم دىدى، بارا-بارا ھايات كارتىنىلىرىم دەپ دەبدەبىلىك ئات قويۇپ، ھەر بىر كارتىنىنى تۈرى، ئوخشاشلىقى بىلەن گۇرۇپپىلاپ، كىيىم ئىشكابىنى ياكى كىتاپ ئىشكابىنى رەتلىگەندەك ئەستائىدىل ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، بۇ جەرياندا بەزى كارتىنىلارنى كەيپىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ باشتا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك چۈش قېلىپ كۆرۈۋالدىغان بولدى، بەزىدە ۋاقىتنى توغرا مولچەرلىيەلمەي قالسا بۇ تۆت سائەت يەتمەي قالاتتى، يەنە بەزىدە بالدۇر ئاياقلىشىپ قېلىپ كۈلرەڭ كۆرۈنۈشلۈك چۈش ئېكرانىدا چىلىشىپ يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. بىراق مەڭگۈ ھازىرنى تاپالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارىسا ھەممە ئىش ۋاقىت تەرتىۋى بىلەن تىزىلىپ كېلەتتىيۇ، بىراق ھازىر ئىز دېرەكسىز يوقىلاتتى. قېرىشقاندەك ھەممە ئىش ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىپ گۆشۈيۈپ تۇرىۋىلىپ تەڭقىسلىققا سالاتتى، ئۇ خۇددى ھازىرغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك چارچاشقا باشلىدى، ئەڭ زور تىرىشچانلىقلىرىمۇ ھازىرنى رازى قېلىپ بولالماي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق كارتىنىلىرىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى خاتىرلەيمەن دىگەن ئۇلۇغۋار قەسىمى سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك شۇمشۇيۇپ ئۆتمۈشكە ئايلاندى. بەزىدە تەقدىرگە تەن بىرىشمۇ يامان ئىش ئەمەس، قاشاقلىق بىلەن تىركىشىۋەرسە ئۈنۈم تۈۋەنلەپ كەتكەندىن تاشقىرى ئۆزىمۇ چارچاپ ئۈمۈدسىزلىنىپ لەززەتلىك چۈش كارتىنىلىرىنى توپلاشقا سۇس قارايدىغان بولۇپ قالدىكەن، شۇنىڭ بىلەن  ئۇ ھازىرغا ئېسىلىۋىلىشتىن ۋاز كەچتى،  ھازىر گويا سۈزۈك سۇدا ئېقىپ كەتكەن بىر تال يېشىل يۇپۇرماقتەك ئەركىن لەيلىگىنىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلدى،لېكىن ھازىرنىڭ  لەيلەپ ئېقىپ قاياققا كېتىۋاتقىنىغا دىققەت قىلمىدى، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن چىقتى، رىتىم بۇزۇلدى،  ئارلىشىپ سىڭىشىپ كەتكەن كارتىنىلار قان تومۇرلىرغا پاتماي جىسمىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىغا كۈچ بىلەن ئېقىپ كىرىپ تولۇشقا باشلىدى، سۈزۈك تېرىلىرىنىڭ رەڭلىرى قالايماقان كارتىنىلارنىڭ تولىشىدىن دۇغلاشقان قۇيۇق كۆكۈچ رەڭگە ئايلاندى، ئاغزىدىن چىدىغۇسىز سىسىق بىر پۇراق پۇراشقا باشلىغاندا كىشىلەر ئۇنىڭغا قايتا دىققەت قىلىدى، ئۇ چوڭ يولدا غەيرى ئۆسمىدەك قاملاشمىغان ھەركەتلىرى بىلەن ماڭىدىغان، ھاۋا بوشلىقىدىن يات رىتىمنى قۇبۇل قېلىدىغان بولۇپ قالدى، كۆزلىرىدىكى تارالغان نۇر يوقۇلۇپ ئورنىغا ئۆچمەنلىك ھەم بىزارلىق ئالماشتى، راست ئۇ تىنجىشنى، تۇغۇت ئۆيىدىكى ئاۋازلارنى قايتا ئاڭلاشنى ئىستىسىمۇ ئارلىقتا پەيدا بولغان ئۈزۈكچىلىك مۇرادىغا يەتكۈزمىدى، ھەر كىم ئۇنىڭغا سۆز-ھەركەتلىرى  بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى، بىر سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىش بەك تەس ئىش ئەمەس، شۇنداقلا لەۋلەرنى مىدىرلىتىپ، تىلنى ئاستىن-ئۈستىن قىلساق، تىل چىشقا شۇنچىكى ئىلىنىپ ئەسلىگە قايتسا، مەقسەدنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر راۋان ھالدا ھاۋاغا يېيىلىدۇ، سۆزلەرنىڭ ھاۋاغا يېيىلىش دائىرىسىنى قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ئارلىققا قاراپ تەڭشىگىلى بولىدۇ، گەرچە تاۋۇشلارنى ئەينەك ئىستاكانغا سولاپ قويغىلى بولمىسىمۇ، يۇمشاق بوتقىسىمان چوڭ مىڭىگە سولىۋەتكىلى بولىدۇ.

ئاۋازنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ھەم ساقلىنىش ۋاقتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر مۇتەخەسىس نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرىپ قېلىپ ئاۋازنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن، بىراق مەقسەدنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاۋازغا قوشۇلۇپ شەكىللىنىدىغان چىراي ئىپادىسى، ئاھاڭى، شەكىلسىز ھەم شەكىللىك قوللىنىدىغان ھەركەتلەرنىڭ پەيدا قىلىدىغان تالاپىتىنى بۇ سان-سىفىرلاردىن كۆرىۋالغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ تىنقىدىن تارىلىۋاتقان سېسىق پۇراق تېخىمۇ سېسىق ھەم مەينەت نەرسىلەرنى جەلىپ قىلاتتى، تىنىم تاپماس قان باشقىلانىڭ سۆز-ھەركىتى بىلەن قىلغان ھۆجۈملىرىنى سۇيۇقلۇققا ياكى ئىس-تۈتەكتەك نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ  ئاشۇ مەينەتلەرگە ئارلاشتۇرۇپ، يىغىپ –يۆگەپ ئۇمۇرتقىسىغا يېقىن بىر جايغا توپلايتتى.

ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى، ئۇ ئەينەكتىكى دانخورەك باسقان يۈزىنى كۆردى، بۇغدىيىكىمۇ كۆرۈندى، كۆزىنىڭ ئېقى سارغىيىپ قاپتۇ، چىشىلىرى قارايغان، پۈتۈن بەدىنىنى تۈك بېسىپ كېتىپتۇ، قان تومۇرلىرىمۇ كۆرۈندى، قاننىڭ ئورنىدا ئېقىۋاتقان يۇندىدەك بىر سۇيۇقلۇقنىمۇ كۆردى، چوققىسىدىلا چاچ يوقكەن، كۈچلۈك قوياش نۇرىدا ئالقاندەك چوققىسى پارقىراپ تۇرۇپتۇ، چوققىسىنىڭ تېرىسىنىڭ ئاستىدىكى باش سۇڭىكىنى ھېس قىلىدى، لېكىن ئەينەكتە سۆڭەك ھەم سۆڭەكنىڭ ئاستىدىكى مىڭىسى، مىڭىسىدىن ئېقىپ چىققان يۇلۇن، يولۇن قاچىلانغان ئۇمۇرتقىسىغا ئېسىلىپ قالغاندەك تۇرغان ئازگال ھەم تېنىدىكى بارلىق مەينەتچىلىكنى كۆرەلمىسىمۇ ھېس قىلدى، ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ساپ ھاۋاغا مۇھتاجلىقىنى سېزىپ قالدى، ئاشقازىنىنى چۈشتە يىگەن تاماقنىڭ ئاچچىقى بېسىپ تۇراتتى، ئۆي ئىچىدىكى بۇلغانغان ھاۋا بۇ ئاچچىقنى يوق قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆچەيتىۋىتەتتى.

ئۇ مۇنچىغا چوشۇپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇن يۇيۇندى، ئاندىن قاچاندۇ بىر چاغدا ئاپىسى ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى ئەسلىگەچ  ئەڭ ئېسىل ھەم پاكىز كىيىملىرىنى كەيدى، ئايىقىنى مايلاپ پاقىرتىۋەتتى، ئاشقازىنىنىڭ ئاچچىقى تېخىچە بىسىلمىغان بولسىمۇ يەنىلا چىداپ تۇرۇپ سىرتقا چىقتى، ئەڭ تىز سۈرئەتتە مېڭىپ شەھەردىكى ئەڭ كەڭرى مەيدانغا كەلدى، كۆكرىكىنى كېرىپ تۇرۇپ بىر پارچە سۆرەتكە چۈشتى، ئىچىنىڭ ئىچىدىن غايەت زور دۇمباقنىڭ گوم-گوم قېلىپ ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرى ھېس قىلغان رېتىمى بولۇپ قالدى، چوققىسىكى چاچسىز قالغان ئالقاندەك يەرنىڭ سۆڭىكى ئاشۇ ئاۋازنىڭ زەربىسىگە ئۇ سۆرەتكە چۈشۈپ بولغۇچە بەرداشلىق بەردى، ئاپپاراتنىڭ كۇنۈپكىسى چاراس قېلىپ بېسىلغان ئاۋازى بىلەن دۇمباقنىڭ كۈچلۈك گوم-گوم ئاۋازى بىرلىشىپ ئۇنىڭ ئاشۇ تېرىسى بىلەن ئوخشاش كۆكۈچ رەڭلىك چوڭ مىڭىسىگە پاتماي،  چوققىسىنىڭ ئالقاندەك سۆڭىكىنى قاڭقىتىپ ئېچىۋەتتى-دە، مىقدارىنى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدىغان قۇيۇق-سۇيۇق ئارلاشمىلار فونتاندەك چاچىراپ چىقىپ، تاكى تۈن قاراڭغۇسىغىچە توختىماي ئاقتى.

ئىككىنچى كۈنى تازلىق ئىشچىلىرى مەيداننى تازلاۋىتىپ كۇچانىڭ سوپىنىدا كىر يۇغاندا پەيدا بولىدىغان يۇندىدەك سۇيۇقلۇقتىن ھاسىل بولغان ئېقىننىڭ قۇرۇپ قالغان شالتىقىنى كۆردى.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:25:46

گەرچە «دەرىزە» گە يەتمىسىمۇ يەنىلا ياخشى يېزىلىپتۇ، خاسلىقىڭىزنى ساقلاپ قاپسىز. شۇڭا ئەلانى بېسىۋەتتىم. قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن شەھلا ئاچا!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:42:32

، ئاپپاراتنىڭ كۇنۈپكىسى چاراس قېلىپ بېسىلغان ئاۋازى بىلەن دۇمباقنىڭ كۈچلۈك گوم-گوم ئاۋازى بىرلىشىپ ئۇنىڭ ئاشۇ تېرىسى بىلەن ئوخشاش كۆكۈچ رەڭلىك چوڭ مىڭىسىگە پاتماي،  چوققىسىنىڭ ئالقاندەك سۆڭىكىنى قاڭقىتىپ ئېچىۋەتتى-دە، مىقدارىنى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدىغان قۇيۇق-سۇيۇق ئارلاشمىلار فونتاندەك چاچىراپ چىقىپ، تاكى تۈن قاراڭغۇسىغىچە توختىماي ئاقتى.

ئىككىنچى كۈنى تازلىق ئىشچىلىرى مەيداننى تازلاۋىتىپ كۇچانىڭ سوپىنىدا كىر يۇغاندا پەيدا بولىدىغان يۇندىدەك سۇيۇقلۇقتىن ھاسىل بولغان ئېقىننىڭ قۇرۇپ قالغان شالتىقىنى كۆردى.
ماۋۇ يەرلىرىنى سېھرى رېيالىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان دېسەك بولامدۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:42:05

مەنمۇ ئەلادىن بىرنى بېسىۋەتتىم!

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:16:58

ۋۇييۇ...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:43:04

ئوقۇپ بولغۇچە ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
شەھلا ئايلا راھەت، يىقىملىق،تەلۋە،جەسۇر،
قانلارنى ئۇرغۇتىۋىتىدىغان ،ئەسەرلەرنى يازغان بولسىڭىز ،مەن بەك ياقتۇرتۇم

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:58:20

ئەدبىياتنى چۈشەنمىسەم كىرەك ،،يەنە بىرقانچە قىتىم ئوقۇپباقسام باشقىلاردەك ھوزۇرلىنارلانمەنمۇ ......

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:28:09

مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.
شەھلا قىزنىڭ يىزىقچىلىغى ئۆزگىچىكەن....

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:33:05

شەھلا ھەدە، دىىققتىمنى يىغىپ ئۇقىمىغاچقىمۇ ئىككى قېتىم ئوقۇپ ئاندىن بىر نەرسىنى غۇۋا ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
ئەسەرىڭىزدە ھېچنىمىزمچىلارنىڭ ئامىلى باردەك تۇرۇدۇ،،،:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:59:45

«ئايشەمگۈل»دەك ھېكايە يازسىڭىز بولاتتى...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:05:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 15:08  

ماۋزۇ ھەجەپ سەت قويۇلۇپتە؟:dizzy:

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:19:53

{:99:}

ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قۇر ۋەھشەد تەسىر قىلدى ......

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:04:53

ئۇنىڭ تىنقىدىن تارىلىۋاتقان سېسىق پۇراق تېخىمۇ سېسىق ھەم مەينەت نەرسىلەرنى جەلىپ قىلاتتى، تىنىم تاپماس قان باشقىلانىڭ سۆز-ھەركىتى بىلەن قىلغان ھۆجۈملىرىنى سۇيۇقلۇققا ياكى ئىس-تۈتەكتەك نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ  ئاشۇ مەينەتلەرگە ئارلاشتۇرۇپ، يىغىپ –يۆگەپ ئۇمۇرتقىسىغا يېقىن بىر جايغا توپلايتتى.
..............................................................................
ئاجايىپ تەسۋىردە! {:87:}           ئەلا كەتتى{:112:}


Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:50:02

شەھلا ئۆزىنى پوست مودىرنىزىملىق يىزىقچىلىقتا سىناۋاتقاندەك قىلىدۇ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:13:12

dolkun531 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 20:01 static/image/common/back.gif
ز نى ت غا ئۆزگەرتىۋەركەن بولسىڭىز چىكىلىشى تىز ئاشتى.

ئۇكا،سەن شۇ ئۆزگەرتكەنگە ئامراق ئوخشىمامسەن،چىدىمىساڭ ئوبۇرنىغا كىرىپ ئېلان يېزىپ قۇيۇپ چىقە ماڭ،بۇ يەردە لاۋزىلاشماي...

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:15:18

نىمدەيدا ماۋۇ چاپان شال.

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:39:50

رەھمەت سىزگە شەھلا ھەدە
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: ئەۋرەز(شەھلا)