تەڭرىتاغ كوماندىسى لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ بەشىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى جوردان كىراۋفورد 49 نۇمۇر ئالغان بۇلسىمۇ بىراق خودوسۇن 41 نۇمۇر ئالدى، ھالقىلىق توپنى تارتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاخىرى 111-112 نەتىجە بىلەن رەقىبى لىياۋنىڭ كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى جوردان كىراۋفورد 49 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئاندىرى بىراچ 20 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 12 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي 10 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇشۇنەن 7 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇ چى 7 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
1 نۇمۇر پەرق بىلەن . . . .
ۋاي ، ۋاي ، ۋاي . . . .
نىمەدىگەن ئېچىنىشلىق . . . . . . ئالامەت ئەپتا ئا گۇي نومۇر دېگەننى. ئالامەت لاۋزا بىر ئۇتتۇرۇش بولدى بۇ. خېلى ئۇزۇنغىچە 20 نومۇردەك ئالدىدا كېتىپ بارغان. بىر خادىسوننى باقالمىدى. تېرىنىردا مەسىلە بار... خادىسىن كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى، كېرافوردنى ئارام ئالدۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بوپ كەتتى،
ئەمما ئەڭ لاۋزا ئۇتتۇرۇش بولدى، بىر نوومۇر ھېي بىر نومۇر
تېرنىر راستىنلا ناچاردەك. بۇيىلقى مۇسابىقە پەسىلىدە چېمپيۇن تۈگەل بۇلتۇرقى ئىككىچنى نەتىجىنى ساقلاپ قالشىمۇ تەستەك قلىدۇ.... بۇيىل ئەزالار ئۆتكەن يىلقىدىن ياخشىدەك قىلىدۇ(خادىسېن كەتمىگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى)،لېكىن تېرنىر بۇرۇنقىسىغا يەتمەيدىغاندەك،لېكىن بۇ ئۇتتۇرىشىمۇ بىر ھېسابتا تېرنېرغا نىسبەتەن بىر تەجىربە يەكۈنلەش بولدى،باشقا ئەزالارمۇ ئازراق ئۇتتۇرغاندىكى بېسىمنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك! ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، كۇشى دۇبى باشچىلىقىدىكى تىيەنجىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ۋاختىدا كۈرشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
توردا كۈرۈش ئادىرىسى؛ http://waskitbol.com/plugin.php?id=damei_tv:tv
waskitbol يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 21:44:01 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينى
خەۋەردىن باشقا تالاش_تارتش گەپلىرى چىقمامدا سىلىنىڭ كومدىن؟ ... تېما يوللاپلا قاچقان:o لىياۋنىڭ كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى.
___
لىياۋنىڭلىقلارنى ئۇتۇۋالغىچە 300 يىل كېتىدۇ ئەمدى.
بىز ئۇلاردىن 300 يىل كىيىن، 300 ياش كىچىك جۈمەخۇن 300 يىلغا باشقىچە ئاشىق بولۇپلا جۇمۇ كۇنشى دۇبى، چارلىز،خادىسون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى نومۇر ئالغۇچىلار ئىدى، شۇلارنى تۇتۇپ قالالماي يىلدا ئادەم يەڭگۈشلەپ يۈرۈيدۇ. ئەجابا ئاشۇلارغا باشقا كۇلۇپلار بەرگەن پۇلنى شىنجاڭ بېرەلمەسما ؟ پۇل بەرسە خەق چوقۇم شىنجاڭ ئۈچۈن ئوينايتتى.
بەت:
[1]