tuyghu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:41:03

مەسلىھەت بېرەلەمسىز؟

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىش  مۇنبىرى - ئۇيغۇر  مۇنبەرچىلىگىدىكى تەسىر كۇچى بار ، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەر بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇ  مۇنبەرگە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەردىن توپلاشقان ئىقتىدارلىق ، بىلىملىك  شۇنداقلا ئىلغار پىكىر ئېقىمىدىكى قېرىنداش ، بۇرادەرلەر توپلاشقان .

  توۋەندە  مەن  ئوتتۇرغا  قويماقچى  بولغان  مەسىلە  گەرچە  ئىسلام  شەرىئىتىگە  تەۋە مەسىلە بولۇپ، ئۆزىنى  مۇسۇلمان ھىسابلايدىغان ۋە ئىزىنى گۇنا - مەسىھەت ، ھالال - ھارامدىن يىراق تۇتۇپ  ھەر بىر مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك  ئىمان ، ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن نۇرمال ، يۇلىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىلىۋېلىشقا  شۇنداقلا ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ، شۇڭا بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ، ئىسلامنى ، ئىسلام شەرىئەتىنى چۈشىنىدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ  تۆۋەندىكى مەسىلىگە شەرىئەت جەھەتتىن پەتىۋا ، تەبىر بېرىپبېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل ئىلگىرى دادام ( رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ) خىزمەت سەۋەنلىگى بىلەن خاتالىشىپ ، ‹ يۆتكەن ئىشلەتكەن ۋە پارا ئالغان › دىگەن جىنايەت بىلەن تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . بۇ ئىش يۈز بېرىپ دادام تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان ۋاقىت جەريانىدا  قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن  دادامغا بېرىلدىغان جازانى يىنىكلىتىپ ھۆكۈم قىلغۇزۇش ياكى سىرتتا ئىجرا قىلغۇزۇش دەك مەخسەتكە يېتىش ، يەنە بىر تەرەپتىن يۈز مىڭ يۈئەندىن ئوشۇق قەرزنى تولەش ، ئۆز خۇتۇن باللىرىم ۋە  ئانام ، ئۇكا- سىڭىللىرىم ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، ئوقۇتۇش...دىگەندەك ئىشلار ئۈچۈن ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىم ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا ، تېخىمۇ  قىيىن كۈنگە قالدىم . لېكىن ، شۇ ۋاقىتتىكى زىممەمگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم ، بۇرچۇم ئىدى.

يۇقارقىدەك قىيىنچىلىقتا مەن ئەشۇ ئىشلا ۋە مەخسەتلەر ئۈچۈن ئۇرۇق - تۇققانلاردىن ، دوست - بۇرادەرلەردىن  قەرز  ئالدىم . قەرز ئالغۇدەك ئىمكانىيەت قالمىغاندا  ئائىلىمىزگە يىراقراق تۇققان كېلىدىغان بىرسىدىن قەرز سورىسام ئۇنىمىغان  ئەھۋالدا  ئىلاج يوق  كەلگۈسىدە  ئۆي  سېلىپ قالسام دەپ رەسمىيەت بىجىرىپ ئېپ قويغان بىر مو ئىككى پۇڭ كۆلەمدىكى يەرنى بەسەم ماڭا 30 مىڭ يۈئەن بېرىپ تۇرسىڭىز ، ئۈچ يىلدا قايتۇرسام دىسەم ئۇ تۇققىنىمىز دەرھال قوشۇلۇپ 30 مىڭ سوم بىرىپ تۇرغان ، مەنمۇ دىگەن مۆھلەتتە پۇلنى قايتۇرۇپ بولغان.

  بۇ ئىشلار ئىمان ، ئىسلامنى چۈشەنمەستە ، ئەمەل قىلماستا بولغان ئىشلار . ناۋادا شۇ چاغلاردا بۇ قىلمىشىمىزنىڭ شەرىئەتكە ئېغىر خىلاپ چوڭ گۇنا ھېساپلىنىدىغان جازانە ئېلىش - بىرىش قىلمىشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەك مەنمۇ ، ئۇ تۇققىنىمىزمۇ بۇ  ئىشنى قىلماس ئىكەنمىز. ئۆزىنىڭزنى مەن ئىمانلىق مۇسۇلمان دەپ شۇنىڭغا خاس ئىمان -ئىخلاس بىلەن ياشىسىڭىز كىچىك گۇناھلىرىڭىزمۇ  ھەر ۋاقىت سىزنى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام قىلىدىكەن ، ھەر  ۋاق نامازدا جەينىمازغا تۇرغاندا قىلغان ئىبادىتىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولمايۋاتقاندەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كەيپىيات قىينايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىز ھىس قىلالىغان ، تۇنۇپ يەتكەن گۇناھلىق قىلمىشلاردىن قول ئۈزىدىغان گەپ ئىكەن .  يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا  مەنمۇ ، ئاشۇ ئۆلۈك يەرنى 30 مىڭ سوم ھەققىگە قۇبۇل قىلغان تۇققىنىممۇ بۇ گۇناھىمىزنى يۇيۇپ ئاللاھتىن شاپائەت تىلەش نىيىتىگە كەلدۇق .

  ئەلۋەتتە ، بۇ مەسىلىگە يۇرتىمىزدا پەتىۋا بەرگۈدەك دىننىي ئۆلىمالار بار ، بۇ يەرگە يوللىشىمدىكى ئاساسلىق مەخسەت  پەقەت- بىزنىڭ بۇ قىلمىشىمىزدىن بىلمىگەنلەرنىڭ بىلىۋېلىش ، ئىبرەت ئېلىشى كۆزدە تۇتۇلغان .

  بىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىمىز شۇنداقلا  شەرىئەتتىن پەتىۋا بېرەلەيدىغانلارنىڭ پەتىۋا بېرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى قالدۇردۇم .

  بىرىنجى- يۇقارقى جازانە بىرىش-ئېلىش قىلمىشىمىزغا شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم با ، قانداق قىلساق بۇ گۇناھىمىزنى ئاللاھ رازى بولىدىغان دەرىجىدە يۇيالايمىز؟

  ئىككىنجى -  بۇ گۇناھتىن قۇتۇلۇشنى مەن نىيەت قىلغان ئەمما  جازانە ئالغۇچى نىيەت قىلماي ئۆزىنى قاچۇرغان ، خالىمىغان ئەھۋالدا ، شەرىئەتتە يەنە قانداق ھۆكۈم با ؟ چۈنكى ، جازانە ئالغۇچى گۇناھىنى يۇيۇشنى خالىمىسا مەن ئامالسىز قالىدىكەنمەن .
.......
  مۇشۇ ئىككى سۇئالغا شەرىئەتتىن توغرا پەتىۋا بېرىلگەندىن كىيىن يەنە مەن دۇچ كەلگەن ۋە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىغىم بولغان مەسىلە بار، شۇ چاغدا سوراي.

ئۈمىدىم- ئىزدىنىش مۇنبىرى ئونىۋېرتسال ، دۆلەتنىڭ  قانۇن - سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆز قوينىدىقى  ئۆتكۈر پىكىرلىك ، ئالىم ، يازغۇچى - شائىر ، داڭدارلارنىڭ توپلىشىپ كىشىلەر كۆڭلىگە بىر خىل  سۈيۈنۈش ،  ھۆرمەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇنبەر بولغاچقا  بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىنكاس يازماقچى بولساق مۇنبەرنىڭ يۇقارقى تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىنكاس ، مۇنازىرىدە بولساق...دىگەننى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 12:15:58

دىنىي بىلىملىرى مول بولغان ئىلىم ئەھلىلىرى جاۋاب بەرسۇن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 17:38:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 18:00  

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
تىما ئىگىسى ۋە سىز بىلەن جازانە مۇئامىلە قىلىشىپ بۇ گۇناھىغا تەۋبە قىلماقچى بولغان ئىككىڭىزلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كۆپ ئايەتلەردە ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، ناھايىتى مېھرىبان دەپ سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.  بىرەر گۇنا ئىشنى قىپ سالغاندىن  كېيىن ئاللاھدىن ئەيمىنىپ  جازاسىدىن قورقۇپ  دىلنىڭ بىئارام بولىشىمۇ ئىماننىڭ كۈچى.

بىلمەستە گۇنا قىپسىز، گۇنا ئىكەنلىكنى ئەمدى تونۇپسىز،  ئەمدى تەۋبە قىلىپ شۇنداق ئىشنى قىلماسلىققا بەل باغلاپسىز. بوپتۇغۇ ئەنە؟ قارشى تەرەپمۇ تەۋبە قىلماقچى بولسا، سىزدىن ئېلىۋالغان يەرنى قايتۇرۇپ بەرسۇن. ياكى يەرنى قايتۇرۇش ئەپسىز بولۇپ قالغان بولسا،  ھازىرقى  شۇ خلدىكى يەرنىڭ  باھاىسىغا سۇندۇرۇپ، شۇنىڭدىن سەل ئەرزان باھادا  سېتىۋالغان قاتارىدا بولسىمۇ پۇل قايتۇرۇپ بەرسۇن. شۇنىڭ بىلەن ساقىت بۇلارىسزلەر؟
ئاندىن ، مۇھىمى بۇندىن كيېىن شۇ خىل گۇنانى سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن بەل باغلاش.

قارشى تەرەپ تەۋبە قىلىشنى خالىمىسا ئۇنىڭ گۇناسىنى سىز ئۈستىڭىزگە ئالمايسىز. پەقەت  ھەقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزىسىز. ئۇنىڭ تەۋبىسى چىن بولسا، بۇ جازانىنى بىكار قىلىپ، ھەققىڭىزنى قايتۇرسا بولىدۇ.
گۇنانىڭ جاۋابىنى قىيامەتتە بەرگەندىن، ھازىر بىر تەرەپ قىلىپ تەۋبە قىلىپ  گۇنادىن  خالاس بولۇپ كەتكەن  ياخشى.
-----------------

ئىزدىنىش تورىدا دىندا پەتىۋا بېرىشقا سالاھىيەتلىك بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. پەتىۋە بېرىشكە سالىيىتىمىز توشماەدۇ.ئەزھەردە دوكتورلۇق ئوقۇغانلار تورغا كىرىگەن بولسا قانداقكى. يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا، ئۆزەمنىڭ مۇشۇ تۇغرىلۇق چۈشەنگىنىم بويىچە پىكىر بەردىم.  ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تەپسىلىي دەلىللەرنى ۋە قانداق تەدبىقىلىسا تۇغرا بولىدۇ؟ مېنىڭ يۇقۇرقىدەك چۈشەنچەم خاتامۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا، دەلىل بىلەن كۆرسىتىپ قويسا تۈزىتىمەن. ئۇنداق بولمىغاندا ھازىرقى چۈشەنچەم شۇ.

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:43:45

پەتىۋا بېرىش ئىنتايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان مول  دىننىي ۋە ئىجتىمائىي بىلىم ـــ ساپا سالاھىيتى تەلەپ قىلىدۇ …،  ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق  ئالىملىرىمىز بارمىدۇ …

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 13:41:57

بىرەر مۈلۈكنى گۆرۆگە ئېلىپ تۇرۇپ  پۇل ئۆتنە يېرىم قىلىش  جازانە ھىشاپلىنامدۇ ؟
مەسلەن مەن بىر موتونى 3000كويغا گۆرۆگە ئالدىم ھەپتىلىك دېگەن ۋاقىتتا  قايتۇرۇپ ئالسا ، دېگەندەك
  ئەلۋەتتە ھازىرقى ۋاقىتتا قەرز بېرىپ ئالماق تەسلىشىپ كەتتى

tuyghu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 07:11:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تېمىنى شەرىئەت  بىلىمى بار ، پەتىۋا بېرەلىگۈدەك ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ كۆرەلىشى ئۈچۈن 86 ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ ئۆزى بىلىدىغان ، ئىزدىنىشقا ئەزالارغا يەتكۆزۈپ ، تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 07:50:07

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 10:02:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguzhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 10:03  

ئەسسالام ئەلەيكۇم  ئاللاھ تەۋبىڭىزنى قۇبۇل قىلسۇن.
   سىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ جازانە بۇلدىغانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىڭىزنى دەپسىز ئاللاھ قۇرئان كەرىم نىسا سۈرىسىدە:)ﷲ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ﷲ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(17دېدى ،دىمەك نادانلىقتا قىلىپ سالغان گۇناھنى ئاللاھ كەچۈرىدۇ.
ئەمدى تەۋبە قانداق بۇلىدۇ دېگەندە ,پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم»تەۋبە دىگەن ،1شۇ ئىشنىڭ يامانلىقىنى تۇنۇپ يېتىش ،2 شۇ ئىشنى قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىش،3. ئۇ ئىشنى ئۆچ كۆرۈش،4. ئۇ ئىشنى قەتتى قىلماسلىق دېگەن.)يۇقىرقى ھەدىس مىنىڭ ئېسىمدە قالغان ئاساسلىق مەزمۇنى،ئەسلى لەۋزىنى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلاپ  قۇيۇشنى ئۈمۈد قىلمەن(
  

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:01:37

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 07:50 static/image/common/back.gif
گۇناھنى ئۆتكۈزۈپ بوپسىز قاراڭ . ئەمدىچۇ ياخشى ئىشلارنى ...

رەسمىي بەتتامكەنسىز جۇمۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:21:25

بۇ ئىشنى قانداق بولۇپ جازانە ئېلىش بېرىش دەپ ھۆكۈم قىلدىڭىز؟ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ جەڭ  كىيىمى بىر يەھۇدىغا گۆرۆگە قويۇلغان ئىدى.

nizafat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:57:31

goodluck تازا چۈشىنەلمەي قاپسىز 30000يۈەن پۇلنىڭ ئ‍ۆسۈمى ئۈچۈن ئۆيلۈك يەرنى بىكارغا بەرگەن ئىكەن .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 12:05:30

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 11:21 static/image/common/back.gif
بۇ ئىشنى قانداق بولۇپ جازانە ئېلىش بېرىش دەپ ھۆكۈم قىل ...

ما  چاقچاق   گەپمۇيا|:dizzy:

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 12:12:49

شۇ ھالقىلىق يېرىنى ئىپادىلەشتە سەل مەسىلە باركەن ، بىر قېتىم ئوقۇغاندا خاتا چۈشەنچىدە بوپقالىدىكەن .
مەن 86 قېرىندىشىمىزنىڭ كۆزقارىشىنى قوللىدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:10:40

ئا پۇلنىڭ ئۆسىمىگە بەرگەن دېگەن يېرىگە دېققەت قىممىغان ئوخشايمەن

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:11:26

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 14:41:09

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 13:41 static/image/common/back.gif
بىرەر مۈلۈكنى گۆرۆگە ئېلىپ تۇرۇپ  پۇل ئۆتنە يېرىم قىلى ...

بىر نەرسىنى گۆرۆگە قۇيۇپ پۇل ئۆتنە ئالسا بولىدۇ.  بۇ گۆرۆگە قۇيۇلغان نەرسە گۆرۈگە  ئالغۇچىغا ئامانەت قاتارىدا قۇيۇلىدۇ، ھەم پۇل ئۆتنە قىلغانلىقىغا ئىسپاتلىق رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ. كېلىشىپ قويغان مۇددەتتە ئىچىدە پۇلىنى قايتۇرۇپ ،شۇ ۋاقىتتا گۆرۈگە قويغان نەرسىنسى قايتۇرۋالسا بولىدۇ.
1.گۆرۈگە قويغان نەرسە ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە بولسا، گۆرۈگە ئالغۇچى ئۇنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىپ تۇرىشى جازانە ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن سىز گۆرگە قويغان موتوتنى مىنىپ ئىشلەتسە بولمايدۇ. چوقۇم ئۇنى ياخشى ساقلاپ قۇيىشى لازىم.
2. ھازىر يولداشلارنىڭ تارىخىدا شەكىللىنىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن گۆرۈ كەسپىدە جازانىنى ئاساس قىلغان. قەرىز ئالغۇچى پۇلغا يارىغۇدەك بىرەر مۈلۈكىنى گۆرۈگە قۇيۇپ ئاندىن يۇقۇرى ئۆسۈمگە پۇل قەرىز ئالىدۇ.  مۇددىتى ئۇزۇن بولغاندا 6 ئاي. كېلىشىپ قويغان ۋاقىت مۇددىتى توشقاندا قەرىز ئالغان پۇلنى ۋە ئۆسۈمىنى يەنە مۇلازىمەت ھەققى دىگەندەك پۇللارنى قۇشۇپ تاپشۇرىدۇ.  ئۆسۈمى يۇقۇرى. ئەگەر شۇ پۇللارنى تاپشۇرالمايدىغان بولسا، بۇ مۈلۈكنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ، شۇ پۇللارنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن ئاشقان پۇلنى مۈلۈك ئىگىسىگە تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. شۇڭا، ئۇلار گۆرۈگە قويغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن كۆپ پۇلنى  قەرىزگە بەرمەيدۇ.
شەرىئەتتە گۆرۈ قۇيۇش مەسىلىسىدىمۇ  ئىنچىكە ئىشلار خېلى كۆپ  بولۇپ بۇنىڭغا ئائىت ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر بار.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 14:51:45

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 19:19:31

تەۋبە گۇناھنى يەر
سەدىقە بالانى يەر

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:50:59

2525255 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 14:51 static/image/common/back.gif
بەك چۈشۈنىكسىز تىما بولۇپ قاپتۇ. بىر مو 3فۇڭ يەرنى 30مىڭ  ...

قوللايمەن...سەل چۈشۈنۈكسىزكەن.......
بەت: [1] 2
: مەسلىھەت بېرەلەمسىز؟