tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:30:50

تارتىنچاق ئەپەندىم

تارتىنچاق ئەپەندىم



(ئارگىنتىنا) فابىيان سەيبىيا



تەرجىمان: لىيۇ جىيې



ئاچىۋاد بەكمۇ تارتىنچاق، ئىنتايىن  ئىنتايىن تارتىنچاق،  تارتىنچاقلىقىدىن ھەتتاكى ئەينەككە قارىسىمۇ ئاۋۋال «كەچۈرۈڭ!» دەپ قوياتتى. ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ئۇ قىز  دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاپتوبۇسقا چىقاتتى. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق، ئۇنىڭ دەرد-ئەلەمگە تولغان كۆزلىرى بىلەن دائىم 60-يولنىڭ7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇراتتى.



ئۇ ئەزەلدىن  ئۇ قىزغا گەپ قىلىپ باقمىغان ياكى  ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ باقمىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۇ قىزنىڭ يان تەرىپىدە تۇرۇپ كۆزەتكەنلىرى ئىدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان،  دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە بولغان ئىشقا بېرىش ئىشتىن چۈشۈش يولىدا، ئۇ دائىم تولۇق غەيرەتكە كىلىپ ئۇ قىزغا يانمۇيان كىلىدىغان كارىدوردىكى ئورۇندا ئولتۇراتتى. بىر قېتىم ئۇ گىلىنى قېقىپ ئۇ قىزنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى، لېكىن، ئۇ قىز قەتئىي ئاڭلىمىغانىدى.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان،  دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە بولغان ئىشقا بېرىش ئىشتىن چۈشۈش يولىدا، ئۇ قىز دائىم  كۈندىلىك گېزىت ئوقۇيتتى.  يەنە بىر قېتىمدا، ئاچىۋاد  ئۇنىڭغا  يالپۇز تەملىك كەمپۈت بەرمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ شۇنچىلىك تەمتىرەپ كەتكەنىدى،  نەتىجىدە ئاپتوبۇسنىڭ بىر قېتىملىق تورمۇزلىنىشى بىلەن كەمپۈت چېچىلىپ كېتىپ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى. ئەمما ئۇ قىز يەنىلا گېزىتىنى كۆرىۋاتاتتى، ئازىراقمۇ ھېس قىلمىغانىدى.



بىر كۈنى، بۇ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن تارتىنچاق ئەپەندىم زور غەيرەتكە كىلىپ، كۈندىلىك گېزىتنىڭ ئۈچىنچى بېتىگە بىر ئېلان چىقاردى.

دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىزغا:

سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟

ئېلان بەرگۈچى:  تارتىنچاق ئەپەندىم.

ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتوبۇشتا، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى كۈتكەن ئادىمىدە ئىنكاس پەيدا بولۇپ، نەتىجىدە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى، بىراق ئۈچىنچى كۈنى، ئاچىۋاد ئەپەندىم كۈندىلىك گېزىتنىڭ ئۈچىنچى  بېتىدىكى ئېلاننى كۆردى.  

تارتىنچاق  ئەپەندىمگە:

يوق.

ئېلان بەرگۈچى : دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىز.



ئۇ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي ، گېزىتنى قەھۋەگە چىلاپ قويدى، مۈڭگۈزسىمان بولكىسىنى قولتۇقىغا قىسىپلا كوچىغا چىقتى. ئۇنىڭ سەپىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى. ئۇ سۆز قىلماي سۈكۈتتە، قىز بولسا باش چۆكۈرۈپ گېزىت كۆرىۋاتاتتى.

يەنە بىر كۈنى، يەنە بىر ئېلان پەيدا بولۇپ قالغانىدى.   

دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىز:

سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

تارتىنچاق ئەپەندىم.

يەنە بىر قېتىمدا،  ئاچىۋاد ئەپەندىم ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ماگرىت ئىكەنلىكىدىن خەەر تاپتى. شۇنڭ بىلەن ئۇ گېزىتكە  يەنە بىر قېتىم  ئېلاان بەردى:

نېمىدىگەن گۈزەل ئىسىم،  خۇددى گۈلگە ئوخشاش!

تارتىنچاق ئەپەندىمدىن.

ئىككىنچى كۈنى، كۈندىلىك گېزىتنىڭ ئۈچىنچى  بېتىدە بۇ ئەپەندىم يەنە بىر ئېلاننى كۆردى.

تارتىنچاق ئەپەندىمگە:

شۇنداق،  سىز كۆرگەنمۇ؟



مۇشۇنداق تەكرار  ئېلانلار،  سەن ياز،مەن ياز قىلىپ، ئۇلار ئۆزئارا بىرى-بىرىنى چۈشىنىشىپ قالغانىدى. ئۇلار مۇشۇنداق خەت يېزىشىشلار ئارقىلىق ئاڭلىغان مۇزىكىلىرى، كۆرگەن كىنولىرى، تۈنۈگۈنكى كەچلىك غىزا ۋە  بۈگۈنكى كەچلىك غىزالىرى، گۈللۈكتىكى ھايۋاناتلار ۋە ئوخشاش بولغان قىزىقىش، سىياسەت ياكى جۇغراپىيىدىكى بىردەك كۆز قاراش، ماروژنىدىكى ئوخشاش تەم سەزگۈسى، ھەتتاكى ئەدەبىيات، ئاياق،  ياكى بولمىسا  “ch” بۇنىڭ بىر خام ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېشىپ تەھلىل قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرلەشتى.

مەلۇم بىر دۈشەنبە كۈنى، كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ئۇ قىزنىڭ ھېلىقى كۈنىدىكى ئېلاننى سىلاپ ئولتۇرىغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ئاچىۋدا بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى،  ئۇ بىلمىگەندەك بىر قاراپ قويۇپ، «راستىنلا ساراڭ بوپتىمەن، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟»

«ھەئە! راست ساراڭ بولدۇم،  لېكىن ئىنتايىن گۈزەل. »

ئېلان كەينى-كەينىدىن چىقىۋەردى، نەتىجىدە كىشىنىڭ خىيالىغا يەتمەيدىغان دومىنو ئۈنىمىنى كۆرسەتكەنىدى  

ئۇشتۇمتۇت، پۈتۈن شەھەردىكى كۆزلىرىدىن دەرد-ئەلەم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قىزلار ئۆزلىرىنى دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىز دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى. بەلكى تارتىنىدىغا بارلىق بويتاق يىگىتلەر ئۆزىنى تارتىنچاق  ئەپەندىم دەپ قارايدىغان بولىۋالدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئاچىۋادقا ئوخشاش قەلبىدە سۆيگۈنى بارلار تولۇق غەيرەتكە كىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى،  ئاشۇ  كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىزلار ئىنچىكىلىك بىلەن   قايسى بىر تارتىنچاق يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيگۈنى بولىدىغانلىقىنى كۆزىتەتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار  دائىم  ئۆزلىرىنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنىڭ تارتىنچاقلىق بىلەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بايقايتتى.

مۇشۇنداق قىلىپ بىر جۈپ بىر جۈپتىن  ئاشىق-مەشۇقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ماۋزۇلۇق خەۋەردە ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش ئېلانلىرىنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلاپ، تارتىنچاق  ئادەم بىلەن  كۆزلىرىدە  دەرد-ئەلەم تولغان قىزلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ داۋاملاشماقتا.  ئۈچىنچى بەتتە ئېلانلار  يەنىلا داۋاملاشماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاچىۋاد بىلەن ماگرىت ئاپتوبۇستا پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان  ئۇچۇرلانى ئوقۇيتتى.  ئۇ بولسا ئۆزىنىڭ  كۆز قارىشىنى سۆزلەپ قوياتتى. ئۇلارمۇ  ئۇ ئېلان توغرىسىدا  مۇنازىرلىشىپ قوياتتى. مەسىلەن:  تارتىنچاق ئەپەندىم ۋە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى دەرد-ئەلەمگە تولغان قىز كىمدۇ؟ ئۇلار نەدە تۇرىدىغاندۇ؟ ئۇلار سېرىق چاچلىقلارمىدۇ؟ قارا تەنلىكلەرمىدۇ، تاقىرباشمىدۇ؟ ئىگىزمىدۇ، پاكارمىدۇ؟  ئورۇقمىدۇ، سېمىزمىدۇ، ئۇلار يۈز كۆرىشەلەرمۇ؟

مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا قىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ھالبۇكى قىز،  كۈندە سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولىۋاتقان ئۇنى ياختۇرۇپ قىلىشقا باشلىدى.  شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈنى ئاچىۋاد ( يەنە پۈتۈن شەھەردىكى قىز) تۆۋەندىكى ئېلاننى كۆردى:

ھۆرمەتلىك  تارتىنچاق  ئەپەندىم:

مەن سىزدىن شۇنى ئۆتىنىمەن،  مەن داۋاملىق بۇنداق قىلالمايمەن،  مېنىڭ ياخش كۆرىدىغان ئادىمىم بار بولدى، سىزنى يەنە غايىبانە  خىياللارغا قويماسلىقىم كېرەك، سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرىدە ئەمدى دەرد-ئەلەم كۆرۈلمەيدىغان قىز.



پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن ئىككىنچى كۈننى كۈتتى. باغچىدا، مەيخانىدا، ئىشخانىدا،  كوچىلاردا ۋە ئاپتوبۇسلار، كىشىلەر شۇنى ئوقۇدى:

دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كېلىپ كېتىدىغان60-يولنىڭ 7- قاتارىدىكى دېرىزدە يېنىدا ئولتۇرىدىغان بەكمۇ چىرايلىق، كۆزلىرىدە ئەمدى دەرد-ئەلەم كۆرۈلمەيدىغان قىزغا:

مەن سىزنى چۈشىنىمەن،  سىزنىڭ  ئەپۇ سورىشىڭىز  ھاجەتسىز،  ياخشى كۆرگەن كىشىڭىزنىڭ سىزنى بەخىتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،  

خەيرى.

تارتىنچاق ئەي ئەپنەدىم.

ئېلان ئىككىنچى كۆرۈلمىدى، لېكىن خوشاللىنارلىق ئىش شۇكى، تارتىنچاق ئەپەندىم بىلەن كۆزلىرىدە دەرد-ئەلەم تولغان قىزلارنىڭ سانى كۆپەيمىدى،  ئۆزئارا  بىر-بىرىنى سۆيىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى تۇراقلاشتى.

ئاچىۋاد سەپىرىدە غېرىپلىق ھېس قىلمايدىغان بولدى، ماگرىتمۇ كۈندە كۈندىلىك گېزىت ئوقىمايدىغان بولدى،  دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئۇلار 60- يولنىڭ كىلىپ كېتىش ئاپتوبۇسىدا، ئاپتوبۇسنىڭ ھەرقانداق جايلىرىدا ياكى   ئورۇندۇقلىرىدا. ھالبۇكى قول يېتىلىشىپ تۇرماقتا ئىدى.

شەنبە كۈنى ۋە يەكشەنبە  كۈنى ئۇلار  شېرىن مۇھەببەت  پەيزىنى سۈرمەكتە، ئۇلار ئەمدى تارتىنىشمايدىغان بولدى.





گۈلجەننەت مۇھەممەت تەرجىمىسى

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:53:17

بېشىدا بىر تەرجىمان، ئاخىرىدا يەنە بىر تەرجىمان بارمۇ، ياكى مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:58:02

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 12:53 static/image/common/back.gif
بېشىدا بىر تەرجىمان، ئاخىرىدا يەنە بىر تەرجىمان بارمۇ ...
بېشىدىكى خەنزۇ تەرجىمان بۇ ئەسەرنى ئەسلى تىلىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئاستىدىكى ئۇيغۇر بۇ ئەسەرنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان!

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:40:57

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 12:58 static/image/common/back.gif
بېشىدىكى خەنزۇ تەرجىمان بۇ ئەسەرنى ئەسلى تىلىدىن خەنز ...

ئەمدى چۈشەندىم، رەخمەت. دىققەت قىلىنمايدىغان كىچىك ئىشلار. ئەمما سۈپەتكە دەخلە يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئامال بار قوش تەرجىمان ئىشلەتمەسلىك ياخشى. ئەگەر كۆڭلى ئۇنىماي تۇرىۋالسا، ( ئېڭگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ۋاڭ جاڭ) -دەپ، تىرناق ئىچىدە ئەسكەرتىپ قويسىلا يېتەرلىك. بۇ پەقەت 1- تەرجىماننى ئەسكەرتكەنلىك بولىدۇ.  مەسىلەن: خەنچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى گۈلجەننەت- دېگەننىڭ ئۆزىلا ، بۇ ئەسەر بىرىنچى تىلدىن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنمىدى- دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:44:16

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 13:40 static/image/common/back.gif
ئەمدى چۈشەندىم، رەخمەت. دىققەت قىلىنمايدىغان كىچىك ئ ...

توغرا دەيسىز، لېكىن مۇشۇنداق يوللاشتىمۇ يوللىغۇچىنىڭ مەلۇم قارىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن...

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 17:06:57

ھەنىم بوسا ئاۋۇ تارتىنچاق ئەپەندىم ئېغىز ئېچىپ بولغىچە باشقا بىرى ئاشۇ تارتىنچاق مەندىم ئەينا دەپ ئىگىلىۋالماپتۇ {:90:}:P

patih007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 17:10:21

مەن ئانچە بىر نەرسە سېزەلمىدىم  . شۇنداق بولسىمۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 18:12:57

مىنىڭ يەر شارى خارەكتىرلىك غۇلغۇلا قوزغىغىدەك بىر تېمام بىر يىل بولدى يوللانغىلى ھېچ بىر تەستىقلىناي دىمەيدىغۇ :lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 19:56:13

تەسىرلىككەن
بەت: [1]
: تارتىنچاق ئەپەندىم