sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 11:15:35

قان ئالالايدىغانلار بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 12:18  

    «پەيغەمبەر تىبابىتى» دىگەن كىتابتىن بىلىشىمچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىز ئۈممەتلىرىگە قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىشنى تەۋسىيە قىپتىكەن، ھەم ئۆزىمۇ پات -پات ئوخشىمىغان جايلىرىدىن قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىپتىكەن.بۇ ھەقتىكى ھەدىس:«شىپالىق ئۈچ نەرسىدە: ھەسەل يىيىش، قان ئالدۇرۇش، داغلاپ داۋالاش،ئەمما مەن ئۈممىتىمنى داغلاپ داۋالاشتىن مەنئىي قىلدىم ». قالغىنىنى ئەشۇ كىتابنى ئوقۇساڭلار بىلەلەيسىلەر.
   ھازىرقى مۇشۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سىتاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قېتىملىق قان يوقۇتۇش تارىخى بولغانلاردا بۇ كېسەللىك ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن، كىلىمانتىرىيە(ھېيىز توختاش) مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋە ياشانغان ئەرلەردە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن . بۇنىڭ ماھىيىتى مۇنداق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ: ھەر قېتىم بەدەن قان يوقاتقاندا قان ئىشلەش ئورگانلىرى(يىلىك ۋە جىگەر) يېڭىدىن قان ئىشلەپ ئورنىنى تولۇقلايدىكەن، بۇ يېڭى قان ئالاھىدە ئاكتىپلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئالاھىدە ئىنزىم ۋە ھورمۇنلار تەسىرىدە قان تومۇرلاردىكى توسالغۇلار ئېچىلىپ كېتىدىكەن.
   خووش، قىز- ئاياللارغىغۇ بۇ تەلەي نىسپ بوپتۇ ( اللە ئادەم قىزلىرىغا پۈتۈۋەتكەن بۇ ئىشتىن ئەمدى بىئارام بولماڭلار خانىم-قىزلار!)، ئۇنداقتا ئەرلەر قانداق قىلىپ پات-پات قان يوقۇتىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى: پات-پات قان ئالدۇرۇپ تۇرۇش! (مۇشۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەي، قان سالدۇرۇشقا مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا خالىسانە قان تەقدىم قىلىپ قويساق قوش پايدا ئالىدىكەنمىز ئەمەسمۇ!)  چۈنكى پەيغەمبىرىمىز اللەنىڭ ئىنايىتى بىلەن ھەممىمىزدىن ساغلام تۇرۇپمۇ يەنىلا مۇشۇ قان ئالدۇرىدىغان ئىشنى ئۆمۈرى ئاخىرىغىچە تەرىك ئەتمىگەن ئىكەن.بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەر مۇناسىۋەتلىك تەتقىيقاتلار نەتىجىسىدە بارغانچە بىلىنگۈسى. مەن بۇ ھېكمەتكە قايىل بولغاندىن بېرى بىرەر يېرىم قاناپ كەتسىمۇ قان توختىتىشقا ئانچە كۈچەپ جىددىيلىشىپ كەتمەيدىغان بولدۇم.(ئەلۋەتتە بۇ يېنىك جاراھەتنىڭ گېپى-جۇمۇ).
   ئاخىرىدا  مۇنبەرداشلارغا تەۋسىيەم: ئەگەر مۇشۇ قان ئېلىشنى بىلىدىغان قېرىنداشلار بولساڭلار،بىلگەنلىرىڭلارنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىنى خەۋەرلەندۈرسەڭلار، بۇنى بەزىدە «لوڭقا قويۇش» دەپمۇ ئاتايدىكەن، خوتەن تەرەپلەردە بۇنى بىلىدىغانلار كۆپ دەپ ئاڭلىدىم، بۇنداق ياخشى ھۈنەر مەخپىي قالمىسۇن،(ئامال بار سۈرەتلىك ياكى سىنلىق كۆرۈنۈشلەر قىستۇرۇلسۇن). پايدىلىق بىلىم نەتىجىسىدە زامانىمىزدا  مۇشۇ دوختۇرخانىلارغىلا مۇتلەق تاينىۋالىدىغان «مودا» بولۇۋاتقان ئىللىتىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ تاشلاپ، يېنىمىزدىلا تۇرغان بۇ شىپايى ئەڭگۈشتەردىن پايدىلىنىشنى ئۈگۈنىۋالساق!  
ئۇ كىتاب مۇشۇ شۇ: «پەيغەمبەر تىبابىتى»
   تۆۋەندىكىلەر قان تومۇر توسۇلۇش ۋە قان تەقدىم قىلىشقا ئالاقىدار تەشۋىقات رەسىمى.






   

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:58:02

مەن ئالالايتتىم ئانچە _ مۇنچە...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:58:30

   خەنچە مۇنبەرلەردە قان تەقدىم قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ گەپلەر باركەن، تۆۋەندىكىسى شۇلار ئىچىدىكى بىرى:献血的好处

  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:16:40

3- نۆۋەتلىك‹‹ ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى ››ئىلتىماس ئۇقتۇرۇشى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:18:17

لوڭقا قويغاندا ئۇچچىدا ئۇششاق يىڭنىلەر بار نەرسىدە ئازراق تىشىپ لوڭقىنى قويسا شۇ ئورۇندىن قان سىرغىپ چىقىدۇ ، ئەمما ئۈنچە كۆپ چىقمايدۇ ،
     جىگەر ياللۇغى سەۋەبلىك قان تەقدىم قىلالمايمەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:18:20

مۇشۇلاردىن پايدىلانسا  بولىدۇ.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:23:58

لوڭقا قويۇپ داۋالاشنىڭ ، تىببى جەھەتتىكى زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۈنۈمى تېز. جانغا شۇنچىلىك تېز ئەسقاتىدۇ. قان قويۇقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ئاغرىقى، زۇكام، پۇت- قول تېلىپ ئاغرىش، ئىلغا ( ئاسما) بولۇش، كىزىكنىڭ باشلىنىشى، زاتىل ( قان قېتىشىپ، ئۆلۈمگە يېقىنلىشىدىغان كېسەل) قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن چوڭ. مەن 22 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ 30 ياشقىچە قان قويۇقلىقى بىلەن ئاغرىيتتىم. شۇ چاغلاردا لوڭقا قويۇپ داۋالىناتتىم. مەرھۇم داداممۇ دائىم دېگۈدەك ئىلغا بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭغىمۇ ئۆزەم  لوڭقا قويۇپ، داۋالايتتىم. بۇ ئۇسۇلنىڭ تىببى جەھەتتىن زىيانلىق تەرىىپى بولمىسىلا، ھەر ئائىلىدە ئىشلىتىپ ئادەتلەنسە بولۇدۇ. ھازىرقى پايدىلىق تەرىپىدىن زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولۇۋاتقان، ئىشەنچىسىز ھەم قىممەت  دورىلارنى ئىشلەتكەندىن مىڭ ھەسسە ياخشى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:40:08

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 15:18 static/image/common/back.gif
لوڭقا قويغاندا ئۇچچىدا ئۇششاق يىڭنىلەر بار نەرسىدە ئا ...

جىگەر ياللۇغى بارلار قان تەقدىم قىلماي، قان ئىلىپ داۋالانغاندا، جىگەر ياللۇغىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك بولار؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:02:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 15:25  

رەسۇلۇللاھ:داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشىسى لوڭقا قويۇش،دېگەن --- مۇسلىم.
رەسۇلۇللاھ بېشىغا لوڭقا قويدۇرۇپ بولۇپ،لوڭقا قويۇشقا‹‹داۋانىڭ ئانىسى››، دەپ نام بەرگەن. --- ئالبانى: سەھىھ ھەدىس توپلىمى.

مەن لوڭقا قويىدىغان پاكىز ياسالغان بىر جاينى بىلىمەن: ئادرېسى: ئۈرۈمچى شامالباغ(يەنئەن)يولىدا شەرققە مېڭىپ،بازا(جىدى)غا قايرىلىپ ئازراق مېڭىپ، يەنى ئالدىمىزدا يوپۇرغا مەھەللىسىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى قىزىل چىراغقا ئازلا قالغان جايدىكى، ئوڭ تەرەپتىكى‹‹ قورغان چوغلۇق ئامبۇلاتۇرىيىسى››غا كىرسىڭىز بولىدۇ.
ياكى بازا(جىدى) ئۈچ كوچا دوقمۇشىدىن جەنۇپ تەرەپ يەنى شامالباغ(يەنئەن)يولى تەرەپكە مېڭىپ،ئالدىمىزدىكى يوپۇرغا مەھەللىسىگە قايرىلىدىغان يول دوقمۇشىدىكى قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپلا سول تەرەپ يەنى شەرق تەرەپكە قارىساق ‹‹ قورغان چوغلۇق ئامبۇلاتۇرىيىسى››، دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:46:31

قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىش قەدىمى يۇناندىكى مەشھۇر پەيلاسۇپ ۋە ھەكىم  بۇقرات (ھىبۇقرات مۇ دىيىلىدۇ Hippokrates) تۈنجى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى 4 خىلت ( قان، سەپرا، بەلغەم ،سەۋدا) نىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلسا، شۇ ئېلىمىنىتلارنى مەلۇم نىسبەتتە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كىسەل داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.



مەسىلەن 4 خىل خىلىتتىكى كىشىلەرنى تاشقى قىياپىتى :

كېيىن بۇ ئۇسۇلنى ئېبنى سىنا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تارقاتقان .
خەنزۇلارنىڭ قان ئالدۇرۇپ داۋالاش تېخنىكىسىمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگەمىش
黄帝内经 دىمۇ قان ئاققۇزۇپ داۋالاش توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلار بار ئىكەن:
http://baike.baidu.com/view/623215.htm
ئىسىمدە قېلىشىچە، قەدىمقى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۇسۇلدا كىسەل داۋالىغان، بىر ئۇيغۇر تىۋىپنىڭ شىئەندە  بىر ئاتتىن قان چىقىرىپ ساقايتىۋەتكەن بىر ھىكايىنى كۆرگەندەك قىلغان .
ھازىرقى زاماندىكى قان ئېلىپ داۋالاش :
http://share.vrs.sohu.com/my/v.swf&topBar=1&id=60812470&autoplay=false&from=page
http://share.vrs.sohu.com/my/v.swf&topBar=1&id=60812470&autoplay=false&from=page

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 15:01:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 15:10  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 14:46 static/image/common/back.gif
قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىش قەدىمى يۇناندىكى مەشھۇر پەيلاس ...

كېيىن بۇ ئۇسۇلنى ئېبنى سىنا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تارقاتقان .
================================
ئىبنى سىنانى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش، دەپ ئويلىمايدىغانسىز؟ مەن يازغان ئىنكاستىكى لوڭقا قويۇش دېگەن: قان ئالدۇرۇش، دېگەن گەپ.
ئان ئالدۇرۇشنى ئىبنى سىنا مۇسۇلمانلارغا تارقاتمىسىمۇ ئىبنى سىنادىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلاردا بار ئىدى. پاكىتسىز گەپ قىلىشتىن خىجىل بولۇشنى ئۆگىنىپ قويايلى،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 15:22:50

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 15:01 static/image/common/back.gif
كېيىن بۇ ئۇسۇلنى ئېبنى سىنا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تا ...

ئىبنى سىنا  ئەلبەتتە رەسۇلىللادىن كېيىن ياشىغان  . سىزنىڭ زادى نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم .
مەن دەۋاتقان 4 خىلىت تەلىماتىنى يۇنانىستانلىق بۇقرات ئوتتۇرا قويۇپ  ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، كېيىن بۇ داۋالاش ئۇسۇلى ئىبنى سىنا قاتارلىق مۇسۇلمان ھەكىملىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تېخىمۇ كىڭەيگەن دەۋاتىمەن .
بۇ يەردە رەسۇلىللا بۇ ئۇسۇلنى( قان ئېلىپ داۋالاش )  ئىجات قىلىش دىگەن گەپ يوق .  بۇ ئۇسۇل ئەلبەتتە ئەرەپ رايۇنلىرىغۇ تارالغان داۋالىنىش ۋاستىسى بولىشى ئېنىق . بۇ ئۇسۇل بۇندىن 2500 يىل بۇرۇن بار ئىدى .
ئوتتۇرىدا ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن .
لوڭقا قۇيۇپ داۋالاشتىكى مەقسەتمۇ شۇ قاننى شۇراپ چىقىرىش(تومۇر بار يەردىكىسىنى بىۋاستە كسىپ ، تومۇر يوق جايدىكىسىنى لوڭقا بىلەن شۇراپ ).  
https://ritagone.files.wordpress.com/2014/06/blood-letting.jpg

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 15:44:47

ئەڭ ئاستىدىكى رەسىم نېمانداق قورقۇنچلۇق، zombie چىشىلىۋالغاندەكلا...

Harunbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 16:47:37

مەزكۇر تېمىغا تىۋىپلىقتىن خەۋىرى بار مۇنبەرداشلار يىغىلىپ قالىدىغاندەك ، مۇشۇ پۇرسەتتە مەن بىر سوراپ باقسام : ئۈچەي كىزىك دەپ كېسەللىك بارمۇ ؟  بۇ كېسەلنىڭ  ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ ؟ داۋاسىچۇ ؟

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 17:15:56

توقسۇ ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تىۋىپى ئابدۇخالىق ئوسمان  ھاجىم مەخسۇ قان ئىلىش ئارقىلىق كىسەل داۋالايدۇ

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 17:25:54

ئوھوي مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ مۇشتا يەلىرىنى زە كاساپەت
پىسپاس ئىسىملىك بۇرادەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت خىل خىلىتتىكى رەسىمىنى يوللاپ قويماي
مەن ئۆزەمنىڭ قايسى خىلىتقا تەۋەلىكىمنى تازا بىلەممەيۋاتىمەن
قەشقەردە نەدە لوڭقا قويىدىغان ئىشەنچىلىك يەر باردۇر؟ مەن بىرىپ باقسام بولاتتى  .
ھاياتىمدا قان بىرىپ باقمىغانتىم قان تىپىم ب ،بۇدا قەشقەردە كىمگە لازىم بولسا ھايت دەڭلا
چوقۇم  قان بىرىمەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 18:14:45

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 17:25 static/image/common/back.gif
ئوھوي مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ مۇشتا يەلىرىنى زە كاساپەت
پىسپ ...

مەن ئۆزەمنىڭ قايسى خىلىتقا تەۋەلىكىمنى تازا بىلەممەيۋاتىمەن
ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ، سىز قايسى خىلىتتىكى ئادەمكەنسىز .:lol
http://eser.okyan.com/eser/termiler/biliwiling/2012/0128/2479.html

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 18:23:36

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ئۇستازلار   مىنىڭ بەدەنىمدە  دانىخورەك   يەنى(سىققۇ)  بەك جىق  مەنمۇ قان ئالدۇرۇپ  داۋالىتىپ  باقسام  بولامۇ  ؟    يول كۆرسەتكەن  بولساڭلا

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 18:40:28

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 18:14 static/image/common/back.gif
ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ، سىز قايسى ...

ھەممىسىگە ھەم چۈشىدىغاندەك ھەم چۈشمەيدىغاندەك تۇرىمەن
شۇنىڭغا قارىغاندا خىلىت بۇزۇلغان ئوخشىمامدۇ

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 18:58:06

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 13:40 static/image/common/back.gif
جىگەر ياللۇغى بارلار قان تەقدىم قىلماي، قان ئىلىپ داۋ ...

0%
بەت: [1] 2 3
: قان ئالالايدىغانلار بارمۇ؟