gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:50:40

سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 09:57  



سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە


سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇپ
سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە ياشايمىز
ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە كېتىمىز ئۆلۈپ...

سۆيەلمەيدۇ ھېچكىم ئەسلىدە
سەن سۆيگەندەك،سەن كەچۈرگەندەك
سەنسىز ھېچنىمە ئەمەسمىز ئەسلى
ئەتر ھىدلىرى ئۆچكەن كۈنلەردەك
شۇنداق بىر كۈنلەرنى ياشىماقتىمىز
سۆيگۈلەر ئۆلگەن،ۋاپالار كۆيگەن
شۇنداق بىر يىغىلارنى باشلىماقتىمىز
يوق بىر تامچە ياش كۆزدىن تۆكۈلگەن
يۈرەك يۈرەكلەرگە سۇنۇپ قولىنى
قوللار قوللارغا سۇنۇپ مەيلىنى
كۆزلەر بىر پەسلا تىكىپ نۇرىنى
كېتەر بىر پەستە،كېتەر بىر پەستە
قېنى بايىلا سۆيۈشلەر لەۋزى
رەببىم ئۈچۈن دەپ چىققان ھەۋەستە...
ئىزدەيمىز مىڭ يىل بۇرۇنقى ئادەم
ۋە شۇ ئادەملەر ئادەملىكىنى
ئارمىنىنى يېگەن ئۇ گۈلنىڭ
كىم قىلار ئۈزۈپ بولۇپ قەدرىنى؟
بولمىدى مىڭلارچە ئىنساننىڭ قەدرى
تۆكۈلدى باغلاردىن نى جانلار سەرۋى
پۈتۈلدى نى قەبرە،نى دەپتەرلىرى
ۋاي كېتەر بولدۇقا،ۋاي كېتەر بولدۇق
دىلخەستە سېنىڭسىز بۇ دىللار خەستە

ھەئە!ئىنسان ئىنساننى يەيدۇ نان كەبى
سۆيگۈ نېمە ۋە چۈشەنمەس ھېچكىم
سەن بولمىغان بولساڭ بولمىساڭ ئەسلا
تاڭ ئاتمايدۇ ھېچ سايرىماس قۇشلار
يۈرەك يۈرەكلىكىنى كېتىدۇ تاشلاپ
بەندە بەندىلىكتىن ئۆچۈشكە باشلاپ

سۆيۈلمەك ئىستەيمىز شۇقەدەر دۇنيا
باغرىنى كەڭ ئاچار،مېھرىنى چاچار
باغلىنىپ ئۆتىمىز تاكى ئۆلگىچە
ئىچ-باغرىمىزدا بىر ئارمان ياشار
ھەرنەرسە بولىدۇ ئالقىنىمىزدا
ياكى ھەرنەرسىدىن بولارمىز جۇدا
قانداقمۇ ئارام تاپقاي دىلىمىز
سۆيگۈڭدىن بىر قەترە بەرمىسەڭ خۇدا...

سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇپ
سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە ياشايمىز
ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە كېتىمىز ئۆلۈپ




[size=5]
A Lover From Palestine

(Mahmoud Darwish)

Her eyes are Palestinian
Her name is Palestinian
Her dress and sorrow Palestinian
Her kerchief, her feet and body Palestinian
Her words and silence Palestinian
Her voice Palestinian
Her birth and her death Palestinian

پەلەستىنلىك ئاشىق

(مەھمۇد دەرۋىش)

ئۇنىڭ كۆزلىرى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ ئىسمى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ كۆڭلىكى ۋە غەم-قايغۇلىرى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ رومالى،پۇتلىرى ۋە پۈتۈن جىسمى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە سۈكۈتى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ ئاۋازى پەلەستىنلىك
ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆلۈمى پەلەستىنلىك

My People

Poems by Langston Hughes

The night is beautiful,
So the faces of my people.

The stars are beautiful,
So the eyes of my people.

Beautiful, also, is the sun.
Beautiful, also, are the souls of my people.


مېنىڭ خەلقىم

گۈزەلدۇر كېچە
خەلقىمنىڭ چېھرى بولغىنى ئۈچۈن

گۈزەلدۇر يۇلتۇزلار
خەلقىمنىڭ كۆزلىرى بولغىنى ئۈچۈن

گۈزەلدۇر ھەم قۇياش
گۈزەلدۇر ھەم خەلقىمنىڭ روھى

translated by nawal

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:48:24

ياخشى شېئىرلاركەن. ئۈندىدار چەمبىرىكىمگە چىقارسام بولامدۇ؟

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:23:09

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:48 static/image/common/back.gif
ياخشى شېئىرلاركەن. ئۈندىدار چەمبىرىكىمگە چىقارسام بول ...

بولىدۇ،مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىز

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:26:28

« مەن » نېمىشقا يازالمايمەن شۇنداق شېئىرنى !
- چۈنكى ھېسلىرىم قۇرۇغان، قەلىمىم سۇنغان.
بارماقلىرىم شۈركىنىدۇ ئويلىسام شۇنى-
پۇت-قولۇم، زېھنىم بۆشۈكتە بۇغۇلغان....

كىم ئىدى ئۇ ماھمۇد دەرۋىشىڭ!
سۆيگەنمىدى يارىنى، مەن سۆيگەندەك؟
« كۆك دالا » نى سەن تېخى كۆرمىدىڭ!
شۇڭا سەن چۆلدىكى تاشتەك....


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:11:47

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 13:26 static/image/common/back.gif
« مەن » نېمىشقا يازالمايمەن شۇنداق شېئىرنى !
- چۈنكى ھې ...

«كۆك دالا» نېمىنى كۆرسىتىدىكىن،چۈشەنمەي قالدىم :$

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:13:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 16:14  

ئاشۇرا كۈنى


ئۇنىڭدەك گۈلھىدى چاچار يەنە كىم
ئۇنىڭدەك گۈلپەسلى بولار يەنە كىم
كەربالا چۆلىدە مىڭ ھەسرەت
كېزىدۇ ھۈسەيىن كەتكەندىن كېيىن...

يىغلاڭلار ياقا يىرتىپ بۈگۈن كەربالالىقلار
يىغلاڭلار ئىراقلىقلار چاچ يۇلۇپ ۋە بايرام قىلىڭلار
ئەڭ گۈزەل بىر نەسىل خاتىمە بولدى،
چۆللىرىڭلاردا نەپسىڭلار قۇربانى بولدى،
يىغلا ئەي ئىراقلىق ھازىرىڭ قەدەر
ئاسمىنىڭلاردىن كۆزياش كەتمىدى.
كىملەر بىللە يىغلىشار،كىم كىملەرگە دەرتلىشەر؟
كىملەرنىڭ قاياشى بولار مۇجۇلغان يۈرەك؟
ئەمدى بۇ يەردىكىسى قان ۋە قاننىڭ ناخشىسى
كىم قۇلاق سالار شۇ سۇلغۇن دەشتلەردىن بۆلەك؟
ھەرنەرسە كۆزلىرىدە مۇڭ،
ھەرئىنسان باشلىرىدا غەم
ھەربەندىلىكىنى قىلاي دېگەندە ئادا
يەنە شۇ دۇنيا قىلىدۇ جۇدا.
نېمە گۇناھى بار ئىدى شۈكۈر قىلغاننىڭ
نېمە خاتاسى بار ئىدى گۈللەر ئورانسا؟
كۈزنىڭ خازانلىرى بىلەن ساپسېرىق
ياكى يۇمشاق،ئاق قاردا راسا...
باھارى بولسا نېمە يامىنى بارتى شۇ چېچەكلەرنىڭ
قىساسى يوقمۇ بىر دەرتتە ئەبەدىي كۆزى ياشلانسا؟

كەربالا،كەربالا،كەربالا...
تاڭ ئاتمايدۇ ساڭا ئەمدى شۇ كۈندىن كېيىن
ھۈسەيىن قايتىپ كەلمەيدۇ،مەيلى قان يىغلا
مەيلى ياقا يىرت،مەيلى ئۆكسىگىن،چاچلىرىڭ يۇلغىن
ئەتە بىر كۈن كېلىدۇ،كېلىدۇ بىر كۈن
قۇشلار ھۈسەيىن! دەپ چاقىرار.
بۈگۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ مەيلى بايرام قىل
ۋەياكى ماتەم تۇت ياكى ئازابىڭ ياڭرار.
بومبىلار ئاۋازىغا كۆنۈك بالىلار ئۈچۈن
سۆيگۈ ئازاۋىغا كۆنگەن دەشتلەر ئۈچۈن
ئۆلۈم خەۋىرىگە كۆنگەن شۇ قۇلاقلار ئۈچۈن
خاتىرجەم ھاياتقا كۆنگەنلەر ۋە بىزلەر ئۈچۈن
ھامان بىر خەۋەرلەر كېلىدۇ سەھەرلەردە
ئۇخلا بالام...دەۋاتقان ئانىلار ئۈچۈن
بولسۇن بولمىسۇن پۈتۈكلىرىمىز
ئەسلىرىمىز يا دۇئالىرىمىز
كەتكەنلەرگە قىلىنغان كەبى
پەرۋايىمىز يا نەپرەتلىرىمىز
دەرد كەلگىنىدە مەزلۇملاردا بولۇر نەچارە
تىللىما،ئۇلار غېرىپ ئۇلار شۇقەدەر مىسكىن
پەقەت ئىنسانلىقىمىزنى ئۇنتۇمىساق كۇپايە
بىزمۇ دەرتلەنگەنلەرغۇ قېرىندىشىم؟

ئەنە ھىجرانلار قالدى،ياشلار ۋادىسى قالدى
ئۇنىڭدەك گۈلبەرگى ئاچار يەنە كىم؟
قۇمغا سىڭىپ بارغان قىزىل قانلاردەك
ھەسرەتلىك رەڭلەرنى چاچار يەنە كىم؟
كەربالا چۆلىدە مىڭ ھەسرەت
كېزىدۇ ھۈسەيىن كەتكەندىن كېيىن...

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:19:28

مەرھابا. ھارمىغايسىز.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:21:32

MOHADDIS يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:19 static/image/common/back.gif
مەرھابا. ھارمىغايسىز.

سىلىگە ھەم مەرھابا...سالامەت باركەنلا:)

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:27:27

يازمىدىن «دەرۋىش»نىڭ پۇرىقى پۇراۋاتىدۇ جۇمۇ{:90:}{:90:}{:90:}

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:31:31

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:21 static/image/common/back.gif
سىلىگە ھەم مەرھابا...سالامەت باركەنلا

نەۋال ئۇستاز بولمىغىدى دېسەم  راستلا ئۆزلىرىكەنلا. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! دىدارلاشقانلىقىمدىن خۇشالمەن.

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:33:30

...

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:37:52

MOHADDIS يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:31 static/image/common/back.gif
نەۋال ئۇستاز بولمىغىدى دېسەم  راستلا ئۆزلىرىكەنلا. ئا ...

مەن ھەم خۇش بولدۇم ،يوقاپ كىتىۋىدىلە ئەنسىرەپ تېخى..ئەمما ئا ئۇستاز....دېگەن چاقچاقنى ما مۇمبەردە ئىشلەتمىسىلە ھە...:$ ئادەمنى خىجىل قىپ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 17:24:18

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:13 static/image/common/back.gif
ئاشۇرا كۈنى




بۇ دۈمبىسىگە پىچاق تىققاندا ئوقۇيدىغان قەسىدىمۇ؟

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 21:30:18

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 17:24 static/image/common/back.gif
بۇ دۈمبىسىگە پىچاق تىققاندا ئوقۇيدىغان قەسىدىمۇ؟

ئۇنداق ئىشلاردىن خۇدا ساقلسۇن




نان، چېكىملىك، ئاي





نىزار قەببانىي (ســـۈرېــيــە، 1923-1998)


ئەرەبچىدىن ر.ئەبدۇررەززاق تەرجىمە قىلغان


1
شەرق ئاسمانىدا ئاي تۇغسا،
ئاقئاق دالالار ئۇيقۇغا كېتەر
غۇجمەك- غۇجمەك گۈللەر ئاستىدا.
ماگازىنلاردىن چىقىپ ئادەملەر
توپ- توپ بولۇپ كېتىدۇر شۇندا
قىلىشقىلى ئاينى تاماشا.
ئالىپ چىقىپ ئۇلار
نان، پاتېفون، چىكىملىكلەرنى تاغ چوققىسىغا،
چۈشۈپ كېتىشەر
خىيال، تەسەۋۋۇرلار سودىسىغا.
شۇ پېتىچە ئۆلىدۇ ئۇلار
ئاي ئۆلمەستىن ياشايدۇ يانا.

2

قۇياشقا نىمە بار بىزنىڭ بۇ يۇرتتا؟!
بۇ يۇرت ئەزەلدىن
پەيغەمبەرلەرنىڭ...
كالۋالارنىڭ...
بەڭگىلەرنىڭ...
زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ يۇرتى تۇرسا

3

ئايغا نىمە بار بىزنىڭ بۇ يۇرتتا؟!
بىزنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىمىز بوشقا كەتتى
ئۈمىد بىلەن بېقىپ ياشاپ ئاسمانغا.
ئاسماندا نىمە بار؟
ھورۇن، مىشچان، بوشاڭ بەندەلەر
ھامان كىرەر تۇپراق ئاستىغا
ئاي ياشايدۇ ئۆلمەستىن يانا.
نالە قىلىپ تىترىتەر ئۇلار
ئەۋلىيالار قەبرىلىرىنى
ئىرىشمەك بوپ رىزق، بالىغا.
زەرباپ جايىنەمازلارنى سېپ قويۇپ قاتار
ئۆزلىرىنى بەزلەپلا ياشار
تەقدىر، قازا دېگەن ئەفيۇندا
كالۋالارغا تولغان بۇ يۇرتتا.

4

نۇر بالقىغان چاغدىمۇ:
قايسى بوشاڭلق...
چۈشكۈنلۈك ئۇ بىزنى چىرماغان؟!
جايىنەمازلار...
مىڭلىغان سېۋەتلەر...
پىيالەلەر...
بالالار...
تۆپەلىكلەرنى بىر ئالغان.
بىزنىڭ بۇ يۇرتتا
ھاماقەتلەر يىغلاپ يۈرىدۇ
ئۇلار
يورۇقلۇق قوينىدا ياشاپ تۇرۇپ، ئۇنى كۆرمەيدۇ.
بىزنىڭ بۇ يۇرتتا
ئادەملەر كۆزسىز ياشايدۇ
ھاماقەتلەر يىغلاپ يۈرىدۇ
ئۇلار ناماز ئۆتەيدۇ
زىنامۇ قىلىدۇ
يۆلىنىپلا ياشايدۇ ئۇلار
ئۇلار يارالغاندىن بىرى
يۆلىنىشكە بوپ كەلگەن خۇشتار
ئۇلار ھىلال ئايغا خىتاب قىلىپ دەيدۇ شۇنداق:
ئەي ھىلال ئاي!
ئەي بىزگە ئالماس...
چىكىملىك...
مۈگۈدەك ياغدۇرۇپ بەرگۈچى بۇلاق!
ئەي بوشلۇقتىكى ئەۋرىشىم خۇدا!
ئەي بىر نەرسە ئىشەنگۈسىزلا!
سەن دائىم بېرىپ كەلدىڭ
ساپاق- ساپاق ئالماسلارنى
بىز شەرق ئېلىگە
سەزگۈلىرى كىرەكتىن چىققان
مىليۇنلىغان كىشىگە


5


شەرق كىچەسىدە ئاي تولغاندا
شەرق ئۇچاسىدىن سالىپ تاشلار
نامۇس...
كۆرەش دېگەنلەرنى ئادا.
يالاڭ ئاياغ بولۇپ يۈگۈرۈشۈۋاتقان،
تۆت خاتۇنغا...
قىيامەتكە ئىمان ئەيتىشقان،
نان بىلەن پەقەت خىيال ئىلكىدە ئۇچرىشىدىغان،
كىچەلەرنى «يۆتەل»خانالاردا ئۆتكۈزىدىغان
مىليۇنلىغان ئادەم
بىلىشمەيدۇ دورىسىنىڭ شەكلىنى،
نۇر ئاستىدا كىيىپ ئۈستكە مۇردىنى.
بىزنىڭ بۇ يۇرتتا دېۋەڭلەر يىغلاپ يۈرىدۇ
ئاي ئۇلارغا يۈز ئاچقان چاغدا
ئۇلار يىغلىغان پېتى ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ يېغىسى ئەدەيدۇ شۈنچە
ئۇلارنى مۇڭ ئىلكىدە چايقالدۇرغانچە
ئەبجەق باربىت، «كېچىلىك»
بىز شەرقتە«كېچىلىك» دەپ ئاتايدىغان ئاشۇ ئۆلۈم، مۇزىكا يەنە.
بىزنىڭ بۇ يۇرتتا، نانقىپىلار يۇرتىدا
ئۇزۇن مۇقەددىمىلەرنى كۆشەپ يۈرىمىز
شەرقنى ۋەيران قىلغان سىل
بىزنىڭ ئەشۇ ئۇزۇن مۇقەددىمىلىرىمىز.
تارىخنى، ئىرىنچەك چۈشلەرنى
ئاغالارنىڭ خۇرافاتلىرىنى كۆشەر شەرقىمىز
ئەبۇ زەيد ھىلالىيدەك قالتىس بولۇش
بىزنىڭ دائىم ئويلار ئىشىمىز.


1954- يىل. لوندون

Ayqut1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 21:33:19

شئېرلىرىڭىزنى ياختۇرىمەن، سىڭلىم. سالامەت بولغايسىز.

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 23:16:42

قەلەملىرىڭىزنىڭ بەرىكىتى سۇنمىغاي ، سىياھلىرى قۇرىمىغاي ھەدە ! بەكمۇ ياقتۇردۇم !
بەك ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىزدە بىراق :'(

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 02:10:08

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:11 static/image/common/back.gif
«كۆك دالا» نېمىنى كۆرسىتىدىكىن،چۈشەنمەي قالدىم

«كۆك دالا » دۇر ۋەتىنىمنىڭ كۆك بوستانلىقى،
شائىرى يوق، نەزمە قاتار مۇڭ تورغايلىرى.
كەربالادا، « راماللاھ » دا  نە ئىشىم مېنىڭ!
زىيارەت قىل باغۇ ئىرەم - ئىلى ۋادىسى......

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 08:06:26

شئېرغا ئاپىرىن !

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 09:51:56

ئەسسەلامۇئەلەيكۇم نەۋال سالامەتمۇ؟ بۇ شېئىرىڭىزنى نەدە يۈرۈپ كۆرمىگەندىمەن.  تېخى بۈگۈن يوللىغان ئوخشايدۇ تۈنجى بولۇپ بىر ئىنكاس يېزىۋىتەي دەپ كىرسەم... يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا زور گەپ كەتمەيدۇ. ئىسىل نەرسىلەر ئالدىدا سۆزلەر ئۇيىلىدىكەن. سىز بەك سۈيۈملۈك نەۋال،  شېئىرلىرىڭىز ھەم، سىلەرنى سۆيىمەن!
بەت: [1] 2
: سېنىڭ ئىسمىڭ ئىچىدە