ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:31:33

يامغۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 09:40  

                                                     يامغۇر  
ئارتور ئۇسلار پىئېترى (ۋېنېسۇئېلا)  ئەلا ئۆمەر باقى تەرجىمىسى
سۈتتەك ئاي نۇرى كەپىنىڭ ئۈستىدىكى ئاراشلاردىن ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى. قوناقلىق تەرەپتىن يامغۇر يېغىۋاتقاندەك شارىلدىغان ئاۋاز كېلەتتى.
كەپىدە ياشانغان زونبو (زونبو-نېگىرلار بىلەن ئىندىئانلاردىن بولغان شالغۇتلار)سەگۈنچەكتە ئاستا تەۋىنىپ ياتاتتى، سەرگۈنچەكنىڭ ئارغامچىغا چىگىلگەن يېرىدىن غىچىر ـ غىچىر قىلىپ رېتىملىق ئاۋاز چىقاتتى، بۇنىڭغا بۇلۇڭدىكى بېرىزېنت كارىۋاتتا ياتقان ئايالنىڭ قىسقا ۋە ئاجىز نەپەس ئېلىشلىرى جۆر بولۇپ تۇراتتى. قۇرۇپ قالغان دەرەخ ۋە قوناق شاخلىرى مەيىن شامالدا يامغۇر يېغىۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىراتتى، چاڭ ـ توزانلىق تىنىق ھاۋادىن كىشى دىمىقىغا يامغۇر ھىدى ئۇرۇلغاندەك بولاتتى.
گويا يەرنىڭ يۈرىكى چوڭقۇر ياش قاتلىمىدا گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقاندەك، قانلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى.  ئايال قارا تەرگە چۆمۈپ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدى. كېيىن قورقۇمسىرىغان ھالدا ئەتراپقا قۇلاق سالدى. كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ كەپىگە چۈشۈۋاتقان ئاي شولىسىغا قارىدى.
بىردەم سەپسېلىپ قارىغاندىن كېيىن جىمجىت، ئېغىر سەگۈنچۈككە قاراپ، خىرقىراق ئاۋازدا چاقىرىدى:  - خېسۇسۇ! ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقىنىنى. ھۇ يارىماس، تىرىك تاپ...  ئۇخلاۋاتقان ئادەم ئويغاندى، ئۇ تازا بىر كېرىلىۋالغاندىن كېيىن ئاچچىقلانغان ھالدا:  - نېمە قىلغىنىڭ بۇ، ئۇسېۋىيا؟ بىشەملىك قىلمىساڭچۇ، كېچە بولسىلا ئادەمگە ئارام يوق، ـ دېدى.
ـ گېپىڭنى قويۇپ، قۇلۇقىڭنى دىڭ تۇت.  ـ نېمىگە؟ ـ يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، خېسۇسۇ، يامغۇر! ئاڭلىدىڭمۇ؟ يالغاندىن پاڭ بولىۋالغىنىنى بۇنىڭ!  بوۋاي سەگۈنچۈكتىن تەستە قوپۇپ، ئىتتىك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئاسماندا نۇرلۇق ئاي، يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. كۈمۈشرەك شولا ئۇنىڭ يۈزى ۋە يالىڭاچ دېگۈدەك بەدىنىگە چۈشتى. شۇئان ئېتىزلىق تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىسسىق شامال ئۇرۇلدى. ئالقىنىنى سىرتقا چىقىرىۋېدى، بىر تامچىمۇ يامغۇر چۈشمىدى، سوزۇلغان قوللىرى ئىختىيارسىز چۈشۈپ كەتتى. دەرمانسىزلىنىپ، ئىشىككە يۆلىنىپ قالدى.
  - ۋۇي ساراڭ خوتۇن، قېنى سەن دېگەن يامغۇر؟ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار!  ئايال چەكچەيگەن ھالدا ئىشىكتىن چۈشۈپ تۇرغان سۈتتەك ئاي نۇرىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. پۇرچاقتەك بىر تامچە تەر ئۇنىڭ يۈزىنى بويلاپ تۆۋەنلىدى، كەپە ئىچىنى ئىسسىق تۈتەك قاپلىدى.  خېسۇسۇ ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ئاستا سەگۈنچۈككە كەلدى، ئاندىن كېرىلىپ قويدى. سەگۈنچۈكتىن يەنە غىچىر ـ غىچىر ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان بىر قولى يەرگە سۈركۈلۈپ تەۋرىنىپ تۇراتتى.  قۇرغاقچىلىق دەستىدىن يەرلەر قاغجىراپ ئۆسۈملۈكلەر ئاپئاق سۆڭەككىلا ئوخشاپ قالغانىدى. دىماققا ئىسسىق تەپ ئۇرۇلۇپ، كىشىلەرنى تەھلىكىگە سالاتتى.

بۇلۇتلار بەجايىكى خىيالىي تۇيغۇ ۋە چۈشكە ئوخشاش بىردەمدىلا تاغ كەينىگە ئۆتۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى. كۈندۈزى قانداق ئىسسىق بولسا، يۇلتۇزلۇق ئايدىڭ كېچىسىمۇ شۇنداق ئىسسىق ئىدى. قاقاس تاغ ـ جىلغىلار گويا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغاندەك چاك ـ چاك يېرىلىپ كەتكەنىدى. ئادەملەر بوشاشقان ھالدا، گۈزەل يامغۇر ئىلاھىنىڭ كېلىشىنى تىلەيتتى. ئۇلار ھەممە ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، تۈرلۈك بىشارەتلەرنى ئىزدەيتتى...  تۆپىلىكتە، جىلغىدا، ھەر بىر كەپىدە، پەقەت ئوخشاش بىرلا سۆز تەكرارلىناتتى: «كۆكقۇتان سايرىدى، يامغۇر ياغىدىغان بولدى...»، «ياق ، ياغمايدۇ!» كىشىلەر گويا بىر ـ بىرىگە جىددىي خەۋەر يەتكۈزۈۋاتقاندەك سۆزلىشەتتى. «دېڭىز تەرەپتىن شامال چىقىۋاتىدۇ، يامغۇر ياغىدىغان بولدى...» ، «ياغمايدۇ!» كىشىلەر بۇ سۆزنى تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەدەت بەرمەكچىدەك قىلىشاتتى.  «تومۇزغا چىرىلداشتىن توختىدى، يامغۇر ياغىدىغان بولدى...»،«ياغمايدۇ!» كۈچلۈك كۈن نۇرى ھاكقا ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆزىنى كۆيدۈرۈپ، دېمىنى سىقاتتى.  
- خېسۇسۇ، يامغۇر ياغسا قانداق بولۇپ كېتەر؟  بوۋاي بېرىزىنت كارىۋاتتا ئۆرۈلۈۋاتقان قارا كۆلەڭگىگە قاراپ قويدى. ئايالىنىڭ بۇ سۇئالىنىڭ ئازابىنى كۆپەيتىشتىن باشقا مەنە بوقلۇقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئايالىغا ئىككى ئېغىز گەپ ياندۇرماقچى بولدى. ئەمما، قاتتىق ھارغىنلىق ئۇنى بوشىتىۋەتكەچكە، ھايال ئۆتمەي كۆزلىرى يۇمۇلۇپ ئۇيقۇغا كەتتى.  ئەتىسى، خېسۇسۇ تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئېتىزغا باردى. ئېتىزلارنى ئارىلاپ ئالدىرىماي ماڭدى. قۇرۇغان يوپۇرماقلار ئۇنىڭ يالىڭاياق پۇتلىرى ئاستىدا پاراس ـ پۇرۇس قىلاتتى. ئۇ كېتىۋېتىپ ئىككى ياقتىكى سارغىيىپ كەتكەن رەت ـ رەت قوناقلارغا، يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەرگە، تاغ چوققىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توق يېشىل پېتەككۈلگە نەزەر سالدى. ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى ۋە قۇرۇپ قالغان بىر تال كۆكپۇرچاقنى ئۈزۈۋېلىپ ئۇۋۇلاپ ئەزدى. پىشماي قالغان پۇرچاق دانلىرى بارماقلار ئارىسىدىن يەرگە سىرغىپ چۈشتى.

كۈن ئۆرلىگەنسېرى، يەر -جاھان تېخىمۇ قىزىشقا باشلىدى. كۆك ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. خېسۇسۇ ئادىتى بويىچە ئېتىزلىق ئارىسىدىكى چىغىر يول بىلەن ئاستا كېتىۋاتاتتى. ئەتراپتىن ھاياتلىقنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. يەر يۈزىدىكى سايىلەر بارغانسېرى تارايغان، ھەتتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆچكەنىدى.
يەر جاھان ھېلىلا لاۋۇلداپ كۆيۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. خېسۇسۇ بىردىنلا مېڭىشتىن توختاپ، يەرگە سىنچىلاپ قارىدى، ئاندىن ئۆز ـ ئۆزىگە: «ئېھ، شەپقەتلىك تەڭرىم! مۇشۇنداق قۇرغاقچىلىقتا يوقسۇزلار قانداقمۇ قىلار! بۇ يىل بىر تېمىممۇ يامغۇر ياغمىدى، بۇلتۇر يىل بويى يامغۇر يېغىپ جاھاننى سۇ بېسىپ كەتكەن، كۆۋرۈكلەرنى بۇزۇۋەتكەنىدى، بۇنىڭغا نېمە ئامال!... تەڭرىنىڭ ياغدۇرغۇسى كەلمىسە بىر تېمىممۇ بەرمەيدىكەن...» دەپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇ يەنە گاچىغا ئوخشاش جىمىپلا كەتتى. ئاندىن يەردىن بېشىنى ئالماي ئېرىنچەكلىك بىلەن مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئېتىز ئارىسىدىكى چىغىر يولنىڭ باش تەرىپىدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قېلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. ئۇ يەردە ئورۇق، ۋىجىك بىر بالا تۇراتتى. بالا بوۋايغا كەينىنى قىلىپ، پۈتۈن ئەس ـ يادى بىلەن يەرگە تىكىلىپ ئولتۇراتتى. خېسۇسۇ تۇيدۇرماي ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ نېمىش قىلىۋاتقانلىقىغا قارىدى.
بالا بېرىلىپ سۈيدۈكىنى ئويناۋاتقاچقا، ئۇنىڭ كەلگىنىنى تۇيمىدى. يەردە ئەگرى ـ بۈگرى كىچىك بىر ئېقىن پەيدا بولغانىدى. ئېقىننىڭ بىر ئۇچى كەڭرەك، سۈيى لاي ئىدى. ئېقىندا ئۇششاق يوپۇرماق پارچىلىرى لەيلەپ يۈرەتتى. دەل شۇ چاغدا بېلىنىڭ پاسكىنا قولىدىن بىر قارا چۈمۈلە چۈشۈپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە توغان يار ئېلىپ كەتتى.
  گۈلدۈر ... گۈلدۈر... گۈلدۈر... كەلكۈن سۈيى ئۆركەشلەيتتى، كىشىلەر جېننىڭ بارىچە قېچىشاتتى... كەلكۈن پاقا تاغىنى ئېقىتىپ كەتتى... چېكەتكە ھەدىنىڭ يەم ـ خەشەك ئامبىرىنى يۈتۈۋەتتى... دەرەخلەر قاراس ـ قۇرۇس ئۆرۈلۈشكە باشلىدى... چۈمۈلە يەڭگىمۇ قاينامغا كىرىپ قالدى...  بالا بىراۋنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى پەملەپ قالدى بولغاي، ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. بوۋاينىڭ قورۇق باسقان يۈزىگە ھودۇققىنىچە تىكىلىپ، ھەم ئاچچىقلانغان ھەم خىجىل بولغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى.

بالا تولىمۇ چىرايلىق، زېرەك، پۇت ـ قوللىرى ئۇزۇن ھەم يارىشىملىق ئىدى. ئۇچىسىدىكى كۈلرەڭ يوللۇق كۆينىكىنىڭ ئوچۇق يەرلىرىدىن مىس رەڭ بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چىرايىدىن ئەقىللىقلىقى، نۇرلۇق كۆزلىرىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇراتتى. بۇرنى ئېلىپتەك، ئېغىزى ئويماقتەك ئىدى. بېشىدا كونىراپ كەتكەن شىلەپە بار ئىدى. شىلەپە جېكىلىكىنىڭ ئىككى يېنى پەسكە ساڭگىلاپ قالغانىدى. خېسۇسۇ ئۇنى بىردەم كۆزەتكەندىن كېيىن، سورىدى.  - ئاۋۇ يەردىن...  ـ نەدىن؟  ـ ئاۋۇ يەردىن دېدىمغۇ... ـ بالا خۇشياقمىغاندەك قولى بىلەن ئۇدۇلىدىكى دالانى كۆرسەتتى.  - نېمىش قىلىۋاتىسەن؟
- ئويناۋاتىمەن.- بالا تەكەببۇر تۇرۇپ، ھەيۋە قىلغاندەك جاۋاب بەردى، بوۋاي بۇنىڭغا ھەيران قالدى.  ـ ئىسمىڭ نېمە؟  - ئىسمىمنى دەمسىز؟ پوپ ئويغان ئىسىم شۇ.  خېسۇسۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى. بالىنىڭ جاھىل ھەم غەلىتە مىجەزى ئۇنى بەكمۇ خاپا قىلغانىدى. بالىمۇ بۇنى سەزگەن بولسا كېرەك، چىرايىدا شۇ زامان دوستانىلىق ئىپادىلەندى.  ـ ئەدەپسىزلىك قىلمىغىن، ـ دېدى بوۋاي ئۇ بالىنىڭ شوخلۇقىغا قاراپ، تۇرۇپ ئېرىپ قالدى ۋە مۇلايىم تەلەپپۇزدا سورىدى، ـ نېمىشقا جاۋاب بەرمەيسەن؟  - سىز نېمىشقا سورايسىز؟ ـ دېدى بالىمۇ گۆدەكلىكىگە ئېلىپ.  - مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتىسەن، ئۆيدىن قېچىپ چىقتىڭمۇ ـ يا؟  - ياق، ئەپەندى.  بوۋاي بالىغا قىلچە قىزىقمىغاندەك، بالا بىلەن چېقىشىپ ئويناۋاتقاندەك يەنە سورىدى:  ـ نېمە ئەسكىلىك قىلغانتىڭ؟  -ئەسكىلىك قىلمىدىم، ئەپەندى.  - ئۆزۈڭ ئەسكى بولغاچقا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتىمۇ ـ يا؟  - ياق، ئەپەندى.  خېسۇسۇ بېشىنى قاشلاپ قويۇپ يەنە سورىدى:  ـ تاپىنىڭ قىچىشىپ چىقىپسەندە، كىچىك سەرگەردان؟- بالا جاۋاب بېرىش ئورنىغا قوللىرىنى قوشتۇردى ـ دە، ئۇيان ـ بۇياققا تولغىنىپ تامىقىنى چىكىلدىتىپ قويدى.  ـ ئەمدى نەگە باراي دەيسەن؟  - ھېچ يەرگە.
  - ئەمىسە نېمىش قىلىسەن؟  - سىز كۆرگەن ئىشنى قىلىمەن.  - ۋۇي بەغەرەز؟ بوۋاي باشقا گەپ تاپالمىدى . ئىككىسى بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئۈن ـ تىنسىز تۇرۇشاتتى، ھېچكىم قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىشكە پېتىنالمايتتى. بۇ جىمجىتلىقتىن خېسۇسۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ بىردەم تۇرا ـ تۇرمايلا ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇنىڭ مېڭىشى بەئەينى كېلەڭسىز ھايۋاننىڭ مېڭىشىغا ئوخشايتتى ھەم ئەتەي شۇنداق مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بوۋاي ئۆزىنىڭ بۇ خىل مېڭىشىنىڭ بالىنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قىزىرىپ كەتتى.  ـ مەن بىلەن كېتەمسەن؟ ـ ئۇ ئاددىيلا سورىدى.  بالا زۇۋان سۈرمەي ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار كەپىنىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە، ئۇسېۋىيا ئوچاققا ئوت قالاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئوتۇنلارنى تۇتاشتۇرماقچى بولۇپ ھەدەپ چوغىنى پۈۋلەيتتى
.  ـ ئۇسېۋىيا، قارىغىنا، كىم كەلدى؟ ـ دېدى بوۋاي قورقۇمسىراپ تۇرۇپ.  ـ ھىم! ـ ئۇسېۋىيا قاراپمۇ قويماستىن ئوتنى پۈۋلەۋەردى.  بوۋاي ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك، بالىنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ، يوغان ھەم قارامتۇل قوللىرىنى بالىنىڭ كېلىشكەن مۈرىلىرىگە قويدى.  ـ قارىساڭچۇ!  ئۇسېۋىيا ئىتتىك ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ، ئىستىن ياشاڭغىراپ كەتكەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قارىدى.  -پاھ، ـ قانداقتۇر بىر خىل شېرىن تۇيغۇدىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئاستا ـ ئاستا مۇلايىملاشتى.  ـ ئوھۇي! ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟- بالىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراينى كۆرۈپ، ئۇسېۋىيانىڭ چىرايىدىمۇ كۈلكە پەيدا بولدى.
  - ئۇنىڭدىن سوراپ ئاۋارە بولما، بۇ يۈزدەيۈز جاۋاب بەرمەيدۇ.  ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىغا بىر قۇر سەپ سېلىپ چىقىپ، خېسۇسۇ ھېس قىلمىغان بەزى نەرسىلەرنى بايقىغاندەك بولدى. ئاندىن بۇلۇڭغا بېرىپ قىزىل خالتىنى بىر پەس ئاختۇرغاندىن كېيىن، خالتىدىن پارقىراپ كەتكەن قاتتىق بىر پارچە پېچىنىنى ئېلىپ بالىغا بەردى. بالا پېچىنىنى تەسلىكتە غاجىلاشقا باشلىدى.  ئۇسېۋىيا تېخىچىلا تەئەججۈپ ۋە ئازاپ ئارىلاش بىر دەم بالىغا، بىردەم بوۋايغا قارايتتى، ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېسىگە ئالماقچى بولۇۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.  -خېسۇسۇ، بىچارە كەسگەي ئېسىڭدىمۇ؟- ساداقەتمەن قېرى ئىتى يەنە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى. ئازابلىق تۇيغۇ ئىككىسىنىڭ ھېسىياتىنى يەنە يېقىنلاشتۇردى.
ـ كاسى ـ گەي! ـ دەپ توۋلىدى بوۋاي ھەرپلەرنى قوشۇپ ئوقۇشنى مەشق قىلىۋتقاندەك.  بالا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، پاك تۇيغۇ بىلەن بوۋايغا قارىدى. بوۋاي بولسا ئايالىغا قاراپ تۇراتتى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى تارتىنغان ھەم تەئەججۈپ ئىچىدە بىر ـ بىرسىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. كۈن تىكلەشكەنسېرى، يەر ـ جاھان كەڭرىپ، ئاسمان تېخىمۇ ئېگىزلەپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قۇياش نۇرىدا بالىنىڭ قارا قۇمچاق بەدىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ھېسسىياتقا باي تىنىق كۆزلىرىدىن شوخلۇق ئۇرغۇپ تۇراتتى.  خېسۇسۇ بىر خىل خۇشاللىق ۋە جىددىيلىك ئىچىدە يەنە ئېتىزلىققا باردى. ئۇسېۋىيا يېڭى مېھماننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ غېرىپلىقىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ـ بۇنى قىلىپ باقاتتى. قازاننى بىر دەم ئوچاققا ئاساتتى، بىردەم يەرگە چۈشۈرەتتى، ئۇيان ـ بۇيان مېڭىپ تاماققا كېتەرلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى، پات ـ پات بالىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي قاراپ كېتەتتى. بالا قوللىرىنى چاتىرىقىغا تىقىپ، پۇتىغا قاراپ جىمجىت ئولتۇراتتى. بىر پەستىن كېيىن ئۇ بوش ھەم رېتىمسىز ئىسقىرتىشقا باشلىدى.  ـ كىم ئۇ چېكەتكىنى دوراۋاتقان؟ ـ دەپ سورىدى ئوسېۋىيا گويا بالىدىن ئەمەس باشقا بىرىدىن سوراۋاتقاندەك. جاۋاب بولمىغاچقا، ئوسېۋىيا بۇنداق چاقىرىشتىن سەل ئەيمىنىپ قالدى.  بالىنىڭ «ھە»دېگەن جاۋابى ئاڭلانغاندىلا، يەنە كۆڭلى شاتلىققا تولدى.  -قانداق بولۇپ بۇ ئىسىمنى ياقتۇرۇپ قالدىڭ؟ ـ ئوسېۋىيا سەلدىن كېيىن يەنە قوشۇپ قويدى، ـ مېنىڭ ئىسىمىم ئوسېۋىيا.  شۇ ئارىدا ئۇ بالىنىڭ ئاجىز ئەكس ساداغا ئوخشاش «ياغ شام...»دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى.  ـ سەن باشقىلارغا ئىسىم قويۇشقا ئامراق ئوخشىمامسەن؟ ـ دەپ سورىدى ئۇسېۋىيا ئاچچىقلانغان ھەم چۆچۈگەن ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.  ـ سىز ماڭا ئىسىم قويدىڭىز. ـ ئۇغۇ راست.  ئۇ بالىدىن خۇشال بولغان ـ بولمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولدى. بىراق ئۇزاق غېرىپچىلىق يۈركىگە ئورناپ كەتكەچكە، ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئېغىز ئاچالمىدى. ئۇسېۋىيانىڭ تازا پاراڭلاشقۇسى، ئىچى ـ قارنىنى تازا بىر تۆكۈۋالغۇسى بار ئىدى. لېكىن يەنە سۈكۈت قىلدى. ئۆزىنى بېسىۋالاي دېگەن بولسا كېرەك، مەقسەتسىزلا ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. بالا يەنە ئىسقىرتقىلى تۇردى. كۈن بارغانسېرى قىزىپ، ئادەمنىڭ دېمىنى تېخىمۇ سىقىشقا باشلىدى.
ئۇسېۋىيا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى چوقۇم ئېيتىۋېلىش كېرەكلىكىنى، ئۇنداق قىلمىسا، يەنە غېرىپلىق دۇنياسىغا مەھكۈم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ ئەمدى بۇنداق روھىي ئازابقا تاقەت قىلىۋېتىپ سەۋىر قاچىسى تاشقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلەۋاتقىنىنى بىلگەن چېغىدا، يېرىلغان تومۇردىن چىقىۋاتقان قاننى توسۇپ قالغىلى بولمىغانغا ئوخشاش ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەي قالدى...  ـ كاسىگەي، ئەمدى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ، خېسۇسۇغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى...  مۇشۇ سۆز بىلەنلا جىمغۇر، سوغۇق مىجەز، نامرات ئۇ بوۋاينىڭ ئوبرازى سۈرەتلىنىپ بولغانىدى.
ئۇ بالىنىڭ «مۈشۈك ياپىلاق»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك بولدى. بىر تۇرۇپ يەنە، بۇ مەن سۆزلىگەن سۆزنىڭ ئەكس ساداسىمۇ يا، دەپ ئويلاپ قالدى ـ دە، بىر قىسىمىلا كۈلۈپ قويدى.  - ...ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قانداق چىداپ كەلگەنلىكىمنى ئۇقمايمەن. ئۇ بەكمۇ ئەسكى، يالغانچى، ئادەمگە كۆيۈنمەيدۇ...  ئۇ تۇرمۇشتىكى ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېرىگە يۈكلەپ، ئۇنىڭغا ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ئارتتى.  -شۇنچە ياشقا كىردى. ئېتىز ئىشىنىمۇ بىلەيدۇ. خەقلەر ئاللىبۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئەمما بىزنىڭ كۈنىمىز يىلدىن ـ يىلغا خارابلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمدى بۇ يىل، كەسىگەي...  ئۇ سۆزدىن توختاپ ئېغىر خۇرسىندى. ئاندىن يىراقتىكى ئادەممۇ ئاڭلىسۇن. دېگەندەك ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەلەپپۇزدا ئېيتتى:  - تېمىممۇ يامغۇر يوق، ياز بويى يامغۇر ياغمىدى، ھەممە نەرسە قاغجىراپ كەتتى!  ئۇسېۋىيانىڭ بوغۇق ئاۋازى قۇرۇق ئىسىسق ھاۋدا ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالقىنغا بولغان كۈچۈك تەشنالىقىنى، قۇرغاقچىلىققا بولغان ئازابلىرىنى قوزغايتتى.
قىزغۇچ سېرىق تاغلار، قۇرۇپ كەتكەن يۇپۇرماقلار ۋە چاك ـ چاك يېرىلغان يەرلەر گويا كۈچلۈك نۇر چىقىرىپ تۇرغان نەرسىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ كۆزلىرىنى چېقىپ خىياللىرىنى بۇزۇۋەتتى. خېسۇسۇ ئۇسېۋىيانىڭ چۈشلۈك تاماققا تەرەددۈت قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچ ـ ئىچىدىن خۇشال بولدى. ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە بايرام تۈسىگە كىرىپ، ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتكەندەك، ھايات ئەمدىلا باشلانغاندەك بىلىنىپ كەتتى.  - ئۇسېۋىيا، بۈگۈن ياخشى تاماق ئېتەمسەن؟  ـ بەك ياخشى تاماق، دادىسى،  سۇئاللارمۇ، جاۋابلارمۇ ئوخشاشلا غەلىتە ئىدى. بالا سىرتتا، ئۇلار ئۇنى كۆرمەيتتى، لېكىن ئۇلار بالىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇراتتى. بالىنىڭ ياداڭغۇ، غەمكىن چىرايىغا قاراپ ئۇلار نۇرغۇن خىياللارغا چۆكتى. ئىلگىرى ئۆزلىرىگە كارى چاغلىق بولۇپ تۇيۇلغان بەزى نەرسىلەرنى چېگە چورۇق، ياغاچ ئات، لىمۇن چاغلىق ھارۋا ۋە رەڭلىك ئەيەنك شارچىلارنى ئەسلىرىگە ئېلىشتى. ئورتاق كۆڭۈل خوشلۇقى ئۇلارنى يېقىنلاشتۇردى. ئۇلارغا ياشلىق دەۋىرىنى ئەسلىتىپ قويدى. ئۇلار تېخى بايىلا تونۇشقاندەك، كەلگۈسى ھايات ئارزۇسىغا چۆمگەندەك، ھەتتا بىر ـ بىرىنىڭ ئىسملىرىمۇ يېقىملىق بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىشتى.
-خېسۇسۇ...  ـ ئۇسېۋىيا...  ھاۋا ئۇ ئىككىسىگە ئەمدى ئۇنچە ئوسال تۇيۇلمايتتى. خۇددى بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدەك ئارام بەخش ئىدى. شىرە قويۇپغاندىن كېيىن. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ بالىنى چاقىرىپ كىرگىلى سىرتقا چىقتى. بالا يەردە دۈم يېتىۋېلىپ بىر قۇرتنى ئويناۋاتاتتى.  -كاسىگەي، ئۆيگە كىرىپ تامىقىڭنى يەۋال!  بالا ئاڭلىمىدى. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ھېلىقى چىرايلىق يېشىل قۇرتنى كۆزىتىۋاتاتتى. بالا كۆزلىرىنى يەرگە يېقىن ئاپىرىپ قارىدى. بۇ چاغدا قۇرۇت چوڭىيىپ ئۆزى بىلەن تەڭلەشكەندەك، ناھايىتى چوڭ قاباھەتلىك غەيرى مەخلۇققا ئايلانغاندەك بولدى. قۇرتنىڭ ماڭغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇبالىنىڭ تۈگمەس قوشاقلىرى ئىچىدە، ئىنچىكە پۇتلىرىنى يېپىپ ئورنىدىلا سەل ـ پەل مىدىرلاپ قوياتتى.  -قۇرت، قۇرت، سېنىڭ ئېتىزىڭ چوڭمۇ؟  قۇرت ئالدى پۇتلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا كېرىپ قوشاقنىڭ ۋەزىنىنى ساناۋاتقاندەك قىلاتتى. بالا قوشاقنى قۇرتنىڭ ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىۋەردى. قۇرتمۇ قوشاققا ماسلاشتۇرۇپ ھالىتىنى ئەقىلگە سىغمىغۇدەك شەكىللەرگە كىرگۈزەتتى، بالا ئاخىرى قۇرتنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىنى ئۇنتۇپ قالدى.  ـ كاسىگەي، تامىقىڭنى يەۋال!  بالا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى ـ دە، ھېلىلا ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەن ئادەمدەك ھارغىن قىياپەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوۋاينىڭ كەنىدىن ئىس ـ تۈتەككە تولغان كەپىسىگە كىردى. ئۇسېۋىيا پۇچۇق تەخسىگە قورۇما ئۇسسىۋاتاتتى. شىرەنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قوناق ئۈنىدىن قىلىغان سوغۇق بولكا قويۇلغانىدى. ئادەتتە، خېسۇسۇ كۈن بويى ئېتىزلىقتا ئايلىنىپ يۈرەتتى،لېكىن بۈگۈن ئۇنداق قىلمىدى. چۈشلۈك تامىقىنى يەپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كەلدى. ئۇ دائىم ئۆزى ئادەتلەنگەن قىياپەتتە ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى، ئاغزىدا يەنىلا شۇ كونا گەپلەر تەكرارلىناتتى، ئۇ چاغلاردا ئۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ زورىدىن ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى، كۆڭلىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئارام تاپاتتى. لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ شۇنچە بالدۇر قايتىپ كېلىشى، تۇرمۇش قانۇنىيىتىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ خىجىل بولىدىغانلىقىنى، ئۇ سېۋىيانىڭمۇ ھەيران قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئۇسېۋىياغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي ئۇددۇل بېرىپ سەگۈنچۈككە ئۆزىنى تاشلىدى.  ـ ۋاي ـ ۋۇي! بارغانچە ھورۇنلىشىپ كېتىۋاتىسەنغۇ؟  -ئۇ قاخشال دۆڭدە نېمىش قىلاتتىم؟ ـ دېدى بوۋاي ئۆزىنى ئاقلاپ.  ـ يامغۇر ياغسا بولاتتى! تەڭرىم! تازا بىر ياغقان، يەرنىڭ ئۆپكە ـ ئۆپكىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ـ ھە! ـ ئۇسېۋىيانىڭ تەلەپپۇزى ئەمدى تېخىمۇ يۇمشاپ قالغانىدى.  -ھاۋ شۇنچە ئىسسىق تۇرسا، ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بولۇپ بولمىسا، نەنىڭ يامغۇرى ياغىدۇ.  -يامغۇر ياغسا يەنە بىر ئورۇم تېرىقچىلىق قىلىۋالاتتۇق.  -راست دەيسەن يەنە بىر ئۆرۈم تېرىۋالاتتۇق.  ـ ۋاقتى كەلگەندە كۆپرەك پۇل قىلىغىلى بولاتتى.  -بىرلا يامغۇر ياغىدىغان بولسا، ئاشۇ دۆڭ ياپيېشىللىققا ئايلىناتتى.  ـ قولىمىزغا پۇل كىرسە بىر ئېشەك ئالىمىز، بىزگە ئېشەك بولمىسا بولمايدۇ. ئۇسېۋىيا، ساڭىمۇ بىر ـ ئىككى كۆڭلەك ئېلىپ بېرىمەن.
  شۇئان ئىللىق بىر ئېقىم ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئېقىپ كىرىپ، ئىككىيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى...  -خېسۇسۇ، سىزگە ياخشىراق بىر پىلاش ئالساق دەيمەن.  -كاسىگەيگە نېمە ئالساق بولاركىن؟ ـ ئىككىلىسى تەڭلا دېدى.  -ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ، ئۆزىگە تاللىتايلى.  ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كەپىگە چۈشۈۋاتقان كۈن نۇرى ئاستا ـ ئاستا ئاجىزلاشتى، لېكىن ئۇلار چۈشلۈك تاماقنى تېخى بايىلا يېگەندەك ھېس قىلىشتى. ئۆيگە نەمخۇش سالقىن ھاۋا ئېقىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرۈۋەتتى.  -قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالدى، ـ دېدى ئۇسېۋىيا ئىشىك تەرەپتىكى خىرە يورۇققا قاراپ قويۇپ.  -ھە، قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى. ـ دېدى بوۋايمۇ پەرۋاسىزلا، ئارقىدىن ئۇشتۇمتۇت سورىدى، ـ چۈشتىن كېيىن كاسىگەي نېمىش قىلدى؟  _ئېتىزلىقتا قۇرت تۇتۇپ ئويناۋاتىدۇغۇ، دەيمەن. ئالدىغا قاراپ خۇددى ئادەمگە گەپ قىلغاندەك گەپ قىلىدىكەن.  بىر ئاز ۋاقىت ئۆتتى، بوۋاي ئۆزى دېگەن سۆزلەرنى بىرمۇ ـ بىر كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن:  -مەن ئۇنى تېپىپ كېلەي، ـ دېدى.  ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن سەگۈنچەكتىن چۈشۈپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى. ئاسماننى قويۇق قارا بۇلۇتلار قاپلاپ، سارغىيىپ كەتكەن قاخشال تاغ سۆسۈن تۈسكە كىرگەنىدى. شىددەتلىك بوران قۇرۇپ كەتكەن يوپۇرماقلارنى توختىماي شالدىرلىتىۋاتاتتى.  -ئۇسېۋىيا، قارىغىنا.  -كاسىگەي قايتىپ كەپتىما؟ ـ دېدى ئۇسېۋىيا ئىشىككە مېڭىپ.  ـ ياقەي! يەر جاھاننىڭ قاراڭغۇلۇشۇپ كەتكىنىنى كۆر دەيمەن.  -نەچچە قېتىم شۇنداق بولدى، يامغۇر ياغمىدىغۇ.  موماي ئىشىك تۈۋىدە قالدى. بوۋاي كەپىدىن چىقتى ـ دە، قوللىرىنى كاناي قىلىپ ۋاقىراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى زىل، ئەمما ناھايىتى جاراڭلىق چىقاتتى.  ـ كاسىگەي! كاسىگەي!  ۋارقىرىغان ئاۋاز بوراننىڭ ۋۇشىلدىشى ، يوپۇرماقلارنىڭ شالدىرلىشى ۋە سۇنىڭ شارقىرىشىغا ئوخشاش تۈرلۈك ـ تۈمەن ئاۋزلارغا قوشۇلۇپ، تاغدىن ئەكس سادا بولۇپ قايتاتتى.
خېسۇسۇ ئېتىزلىقنىڭ ياقىسىدىكى چوڭ يولنى بويلاپ ماڭدى. باشتىكى ئەگمىگە كەلگەندە، ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، ئىشىكتە مىدىر ـ سىدىر قىلماي تۇرغان ئۇسېۋىياغا يەر تېگىدىن قاراپ قويدى ـ دە، يەنە يولنى داۋاملاشتۇردى.

يەردىكى قارىغاي يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك جانىۋارلار ئۇياقتىن ـ بۇراققا ئۆمۈلەپ شىر ـ شىر ئاۋازى چىقىراتتى. پايانسىز ئاسماندا قارا بۇلۇتلار پەس لەيلەپ يۈرەتتى. بوران شەددەتلىك گۈكىرەيتتى. قوڭۇر كەپتەر ئېچىنىشلىق بۇغۇلدايتتى. ھاۋانى نەمخۇش سوغۇق ئېقىم چۇلغىۋالغانىدى. ئۇ گاڭگىراپ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەگرى ـ توقاي، سىرلىق چىغىر يولغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ مېخانىك ھالدا ھەركەت قىلاتتى. تۇرۇپ ئىتتىك ماڭاتتى. تۇرۇپ ئاستىلايتتى، تۇرۇپلا توختاپ قالاتتى.
ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ پەقەت غۇۋا شولىسىنىلا پەرق ئېتىش مۈمكىن ئىدى، ئۇلار خۇددى سۇدىن ئاپىرىدە بولغاندەك، ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇراتتى.    خېسۇسۇ قوناقلىقتا بالىنىڭ زوڭ ئولتۇرغان ۋىجىك كۆلەڭگىسىنى نەچچە رەت كۆرگەندەك بولۇپ «كاسىگەي»دەپ ۋاقىرىدى. لېكىن ھەر قېتىم بوران ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇ كۆلەڭگىنى باشقا بىر ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. بۇلۇت بارغانسېرى قويۇقلاپ، پەسلەپ كەتكەچكە، يەر جاھان تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى. خېسۇسۇ تاغنىڭ قاپ بېلىگە چىقتى. ئېگىز دەرەخلەر تۇرخۇندىن تىك كۆتۈرۈلگەن ئىسقا ئوخشاش. قاراڭغۇلۇقتا غايىپ بولۇۋاتاتتى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى.

چۈنكى ھەممە نەرسە قاراڭغۇلۇقتا كۆلەڭگىگە ئايلانغانىدى.    ئۇ ئىلاجىسىز توختاپ، تۈرلۈك ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى. - كاسىگەي!    بوش ئاۋازلار، ئەكس سادالار ۋە سۇنغان ـ چېقىلغان ئاۋازلار قوشۇلۇپ جاراڭلىق مۇزىكا ھاسىل قىلغانىدى. شامالدا داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان ئاشۇ شاۋقۇن ـ سۈرەنلەر ئىچىدىن خېسۇسۇ بالىنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدى. -قۇرت ، قۇرت...    بۇ، قورام تاشنىڭ غۇلىغان ئاۋازىمۇ ئەمەس، يىراقتىكى قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋزىمۇ ئەمەس، ئۆزى ۋارقىرىغاندا پەيدا بولغان ئاجىز ئەكس سادامۇ ئەمەس، راستنىلا بالىنىڭ ئاۋازى ئىدى. -قۇرت، قۇرت... ئۇ مېڭىسىنى قويۇق تۇمان قاپلىۋالغاندەك پۈتۈنلەي گاراڭ بولۇپ قالدى.

ئەمما قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئاشۇ شەپقەتسىز، كۈچلۈك ھەسرەت ئۇنى تېز ماڭىشقا، تەلۋىلەرچە يۈگۈرۈشكە مەجبۇر قىلاتتى. ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ بىردەم يېتىپ، رەت ـ رەت قوناقلار ئارىسىنى ئەسەبىيلەرچە ئاختۇراتتى. تۇرۇپلا ئورنىدا توختاپ قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشايتتى. بىراق ئۆزىنىڭ تېز ـ تېز ھاسىرىشىن باشقا ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمايتتى.    ئۇ بارغانسېرى ئالاقزادە بولۇپ قالايمىقان ۋاقىراشقا، ئۇياق ـ بۇياقنى ئىزەشكە باشلىدى. قەلبىدىكى تەشۋىشلىرى ئاللىقاچان تېزگىلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنى ئادىشىپ قالغاندەك، كىشىلەر كزىنى ئىزدەۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ـ كاسىگەي! كاسىگەي!    ئۇ چۆگۈلەيتتى، ۋاقىرايتتى، ھاسىرايتتى، ئۆزىنىڭ قەيەرىلىكىىمۇ بىلمەيتتى. بىرىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ تاغقا چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلدى. ئەمدى ئۇ بۇرۇنقى مۇلايىم بوۋاي ئەمەس. بەلكى تەبىئەتنىڭ سېھرى كۈچىدىن غەلىيە مەخلۇققا ئايلانغانىدى.
ھاۋانىڭ دىمىقلىقىدىن نەپەس ئېلىشمۇ قىيىن ئىدى. ئۇ تەشۋىش ئىچىدە پىرقىراپ يۈگۈرۈۋېرىپ، ئاخىر قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى. ـ كاسىگەي! ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇ قاقاس تاغ دالىدا ئادەتتىن تاشقىرى بىر نەرسىنى تېپىش، ھايات ـ مامات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خىرقىراق ئاۋازى، گويا ھەممە ياقتىن ئۇنىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازدەك ئاڭلىناتتى. قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاشۇ يەردە، ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر نەرسە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى. ئاداققى جان تاللىشىش! قاغجىراش! يېڭىلا كولانغان ئازگالدىن ۋاقىستسىز تۆكۈلگەن يوپۇرماقلارنىڭ ھىدى كېلەتتى. بالا زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولدى. ھەتتا ئۇنىڭ چىرايى، چۈچۈك ئاۋازى ۋە بوي تۇرقىنىمۇ ئەسكە ئالغىلى بولمىدى. -كاسىگەي! مۇزدەك بىر تامچە خېسۇسۇنىڭ يەر باسقان پىشانىسىگە تامچىپ چۈشتى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، يەنە بىر تامچە لېۋىسگە، يەنە بىر تامچە توپا ـ چاڭ باسقان قولىغا چۈشتى. -كاسىگەي!    مۇزدەك يەنە بىر نەچچە تامچە ئۇنىڭ يەرىلىگەن كۆكرىكىگە ۋە خۇنۇك كۆزلىرىگە چۈشتى، كۆزلىرى تېخىمۇ خىرەلىشىپ كەتتى. -كاسىگەي! كاسىگەي! كاسىگەي!...    ئەمدى ئۇ يامغۇرنىڭ سوغۇقىنى سەزگەندى.
ھۆل كىيىملىرى بەدىنىگە چىڭ چاپلىشىپ كەتكەنىدى. يامغۇر سۈيى ماغدۇرسىز پۇت ـ قوللىرىنى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقاتتى. ھەممە يەرنى ئۆسۈملۈك، سازاڭ، بىخلانغان ئۇرۇق ھىدى ۋە قولاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك شارقىراپ تۆكۈلۈۋاتقان يامغۇر ئاۋازى قاپلاپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىمۇ پەرق ئېتەلمەي قالدى.
ۋارقىرىغان ئاۋازى يامغۇرنىڭ شارقىرىشىغا قوشۇلۇپ كېتەتتى. دېمىسمۇ ئۇ يەتكۈچە ۋارقىرىغانىدى. ئۇ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىپ، قارا يامغۇرغا قىلچە پەرۋا قىلماي مەس ـ ئەلەستەك سۆرۈلۈپ ماڭىۋەردى.
ئۇ ئىسسىق ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن سۈپسۈزۈك يامغۇر تانالىرىنىڭ نېرىسىدىكى ئىشىك بوسۇغىسىدا قاققان قوزۇقتەك مىدىر ـ سىدىر قىلماي ئۆرە تۇرغان ئۇسېۋىياغا قاراپ قويۇپ مېڭىۋەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەپە تەرەپكە ماڭغان ـ ماڭمىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
«دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1991 ـ يىل 4 ـ سانىدىن ئېلىندى.» (خەنزۇچە «لاتىن ئامېرىكىسى ھېكايىلىرىدىن تاللانما»ناملىق كىتابتىن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 10:50:45

قار ياققاندا ‹‹تۇنجى قار›› دېگەندەك ئەسەرلەرنى كۆرسە ئادەم كەيپىياتقا ماسلاشتۇرۇپ :lol

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:24:00

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 10:50 static/image/common/back.gif
قار ياققاندا ‹‹تۇنجى قار›› دېگەندەك ئەسەرلەرنى كۆرسە  ...

http://4.www.schneehoehen.de/m/image/db/165234.jpeg
مانا ئاز بولسىمۇ.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 19:07:14

بۇ ئەسەر نوچى جۇمۇ
بەت: [1]
: يامغۇر