dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 19:51:49

تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر توپلىمى

1گىلەمدىكى سۈيدۈك دېغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى: كىچىك بالا گىلەم ئۈستىگە سىيىپ قويغاندا ، نىپىز پاختا، جەغەھ ياكى بىر پارچە لاتا بىلىن سۈرتىۋېتىپ ئاندىن كېيىن بۇلۇتنى ئىسسىق سۇغا تەككۈزۈپ پاكىز سۈرتۈپ قۇرۇتىۋەتسە، سۈيدۈكنىڭ دېغى چىقىپ كېتىدۇ ياكى بولمىسا ئۈچ قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇغا تازىلاش سۇيۇقلۇغى ئارلاشتۇرۇپ سۈيدۈك دېغى بار ئورۇنغا تېمىتىپ، 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىپ قۇرۇتىۋەتسە، داغ چىقىپ كىتىدۇ.

2ئاۋاز پەردىسى زىيادە چارچىغاندا : سۇس تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز چايقاپ بەرسە ھەمدە بىر يۇتۇم يۇتۇۋەتسە، بىئاراملىق يوقايدۇ. كانايدىكى ئارامسىزلىنىشمۇ تۇز تەمىنىڭ كېتىشى بىلەن يوقاپ كېتىدۇ.

3توڭلاتقۇنىڭ سىرتىنى تازىلاش ئۇسۇلى: توڭلاتقۇنىڭ سىرتىدىكى كىر داغلىرى زادى چىقىپ كەتمىگەندە، لاتىنى چىش پاستىسىغا ئازراق تەككۈزۈپ ئاستا- ئاستا سۈرتۈۋەتسە كىر چىقىپ كىتىدۇ. يەنىلاچىقىپ كەتمىسە لاتىنى چىش پاستىسىغا كۆپرەك تەككۈزۈپ تەكرار سۈرتكەندە ، توڭلااتقۇنىڭ پارقىراقلىقى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ پارقىراپ كېتىدۇ.

4ئەينەك سۈرتكەندە: ئىشىك -دەرىزىلەرنىڭ ئەينىكىنى كونا گېزىتنى نەمدەپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ سۈرتكەندە، ئەينەك پاكىزلىنىپ پاقىرايدۇ. ئەينەككە سىر يۇقۇپ قالغان بولسا، گېزىتنى ئاچچىقسۇغا تەككۈزۈپ سۈرتسە چىقىپ كېتىدۇ. ئاشخانىلارنىڭ ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن ئەينەكلىرىنى سۈرتكەندە شولتىسى كۈچلۈك بولغان كىر چىقىرىش پاراشوكى بىلەن سۈرتۈپ، ئەينەكتىكى داغ ئىزلىرى يوقالغاندىن كېيىن يۇقىرىدا ئېيىتىلغان ئۇسۇل بويىچە سۈرتسە چىقىپ كېتىدۇ.  

5كىتاپ قۇرۇتۇشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى: كىتاپىڭىز  ھۆل بولۇپ كەتسە كىتاپنى ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق كىتابىڭىز پۈرلىشىپ قالىدۇ؛ ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشمۇ ياخشى چارە ئەمەس. چەتئەلدىكى بىر تەجرىبىخانىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ھۆل بولۇپ كەتكەن كىتاپنى تەكشى قىلىپ تۈزلىگەندىن كېيىن توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ قويسا ئىككى كۈندىن كېيىن كىتاپ قۇرۇپ ئۆز ئەسلىگە قايتىدىكەن.

6 ئاپلېسىن پوستىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش ئۇسۇلى: ئۆي ئىچىدە بىر نەچچە تال ئاپلېسىن پوستىنى كۆيدۈرۈپ قويسىڭىز چىۋىن، پاشا قاتارلىقلارنى قوغلايدۇ. ئۇندىن باشقا ئاپلېسىن پوستىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىڭىز، توڭلاتقۇدىكى غەيرى پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.
قىنى سىلەرمۇ بىلسەڭلار دەپ بىقىڭلار كۆپچىلىك تەڭ مەنپەتلىنەيلى.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:27:06

ياغاچ كۆمۈرنى ۋە ئوتۇندىن چالا كۆيۈپ قالغان قارا كۈسەي يەرلىرى توڭلاتقۇ ئىچىدىكى غەيرى پۇراقنى تارتىدۇ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 23:24:14

كىتاپنى توڭلاتقۇنىڭ ئۇستىگىمۇ ئاستىغا

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 01:27:25

كىتاپ قۇرتۇش چارىسىنى سىناپ باقسام بولغۇدەك {:92:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:40:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   choice تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 08:42  

7. باش ئاغرىغاندا  بىر چىنە  قىززىق قايناقسۇغا تۇز سېلىپ ئىچىۋەتسە، ياكى بولمىسا قولنى بېغىشقا كەلگۈچە قىززىق سۇغا چىلاپ تۇرسا پۇررىدە تەرلەپ باش ئاغرىق قويىۋېتىدۇ، بۇ ئۇسۇلغا قوشۇپ داسقا قىززىق سۇ  ئېلىپ پۇتنى چىلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ( بۇ ئۇسۇللارنى مەن سىناپ باققان، دورا يىگەندىن ياخشى)
8. يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قوساق ئاغرىپ قالغاندا مەيلى بالىلار ياكى چوڭلارغا بولسۇن تەرخەمەكنى سويۇپ يالپاغلاپ توغراپ ئۈستىگە شىكەر سېلىپ 10مىنۇتچە دۈملەپ قويساق سۈيى چىقىدۇ،  سۈيىنى ئىچىپ تەرخەمەكنىمۇ  قوشۇپيىسە ناھايىتى ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.(بۇ ئۇسۇلنى دائىم ئىشلىتىمەن، ئاپامدىن ئۆگەنگەن)
9.ئاشقازان ئاغرىغاندا ئىگىر، قارمۇچ، پىننە ياغىچى ۋە ناۋات قوشۇپ دەملەپ ئىچسە بىردەمدە  كېكىرىك قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ،دائىم ئاشقازىنى ئاغرىيدىغانلار كۈندە ئىچىپ بەرسىمۇ زىيان قىلمايدۇ،(بۇ ئۇسۇلنى مومام ئاپامغا ئۆگۈتۈپتىكەن، ئۆيىمىزدە كىمنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىسا شۇ ئۇسۇلنى قوللۇنىمىز)
10. قەرزىيەت بولغانلار كۈندە كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن كىندىكنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ قوساق قىسىمنى ئايلاندۇرۇپ ئۇۋىلاپ بەرسە شۇ كۈنىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرسا ئورۇقلايدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بىراق سىجىللىق كېرەك بولىدۇ.
11. ئۆيدىكى يېڭى جاھازلارنى ئاق ئاچچىقسۇدا سۈرتسە پۇراقنى ئالىدۇ.
12. گۆش سېتىۋالغاندا سەل قاتتىق گۆشكە ئۇچراپ قالساق گۆشنى كىراخمال بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر ئاز دۇملەپ قويۇپ ئاندىن ئىشلەتسە گۆش ناھايىتى يۇمشاق ھەم يىيىشلىك بولىدۇ( دادامنىڭ چىشى يوق بولغاچقا ئاپام دائىم مۇشۇنداق قىلاتتى)
13. ئۆپكە ھېسىپ قويغاندا ھېسىپ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، ھېسىپنى سۇغا سالماي جىمبىلدا پىشۇرسا پەقەتلا چىقىپ كەتمەيدۇ( ئاپامنىڭ ھۈنىرى بۇ)
ئىلگىرى مەنمۇ ئۆزەم بىلگەن ، چوڭلاردىن ئۆگۈنىۋالغان تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ئەپچىل چارىلەرنى توپلاپ قويۇشنى ئويلىۋىدىم ، ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس دەپ ئەتىگە قويۇپ ھازىرغىچە يېزىلماي قالغان ، بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئېسىمگە كەلگەنلىرىنى يېزىپ قويدۇم ، ۋاقتىنچە ئېسىمگە كەلمەي قالغانلىرىنى كېييىنچە تولۇقلايمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:53:11

ياخشى تېما ھەممىمىز تەجرىبىدىن ئۆتكەن چارىلەرنى يوللاپ قويايلى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:18:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 09:27  

  1. ئسسىقلىق تاماق يىسىلا بېشى چىڭقىلىدىغان، گەجگىسى تارتىشىدىغان قېرىنداشلار نەچچە كۈن ئۇدا ياكى كۈن ئاتلاپ روزا تۇتۇپ قويۇڭلار! ئاجايىپ ئۈنۈمى يۇقرىكەن، بەلكى بۇ ئۇسۇل ھېلىقى «ئاچ قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى»دىن ياخشىراق.(ساۋاپتىنمۇ ئېلىۋالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس:lol)
   2. زۇكام ياكى يۇتقۇنچاق ياللۇغى(ئانگىنا دىگەن شۇمىكى) بولۇپ قىززىپ قالغاندا دورا-ئوكۇلغا ئالدىراپ يۈرمەي، ئىسسىق ھەسەلسۈيىدىن كۆپرەك ئىچىپ ئاندىن مايسىز شۆۋگۈرۈچتىن(سەۋزىسى كۆپرەك بولسۇن) زورلاپ ئىچىپ، بەدەننى تولۇق چۈمكەپ راسا تەرلىنىڭ،ئسسىقنىڭ دەستىدىن چىدىيالمىسىڭىزمۇ چىداپ تەرلىنىڭ، مۇشۇنداق ئۈچلا قېتىم داۋالىنىڭ، چىقىمسىز ساقىيىسىز-ئىنشااللە.:)
   3. كۆيۈك يارىسىغا توخۇ يېغى بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلىھەم قىلىپ سۈركەپ بەرسىڭىز تارتۇق قالماي ساقىيىدىكەن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 15:35:03

ئېسىل چارىلەركەن. رەھمەت.
بەت: [1]
: تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر توپلىمى