officeدىن ئىككىنى تەڭ قاچىلاش.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىككى نەشىردىكى office تەڭ قاچىلىغىلى بولىسمۇ، ھەرقېتىم ئالماشتۇرۇپ ئاچقاندا، رىمۇنىت قىلىپ قاچىلاش كۆزنىكى چىقىپ ئاندىن نورمال ئىشلەيدۇ. ھەم ھۆججەت تىپى بىلەن باغلىنىشى توغرا بولمايدۇ. office 2003 نىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ، بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارغا سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشتا يەنىلا لازىم بولىدۇ. يېڭى نەشىردىكى office لاردىن 2007، 2010، 2013 چىقىپ بولدى. بۇلاردىن بىرسىنى قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ.قاچىلاش تەرتىپى ئاۋال، 2003 نى قاچىلايمىز.ئاندىن كېيىن يۇقىرى نەشىردىكىدىن بىرسىنى قاچىلايمىز. قاچىلىغاندا كونا نەشىرىنى ساقلاپ قېلىش دىگەن ھالەتتە قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز. (تەپسىلاتىنى قاچىلاش جەريانىدا كۆرۈڭ. قاچىلاش جەريانىدا يەنە تاللاپ قاچىلاش تۈرى بار بولۇپ، ھەر بىر تارماقنى ئېنىق تاللاپ ئاندىن كېيىن قاچىلاڭ. دىسكا بوشلۇقىڭىز چوڭ بولسا تولۇق ھالەتتە قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ)
ئىككى نەشىرنىڭ بىربىرسىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن Access نى بىر نەشىرىگىلا تاللاڭ، يۇقىرى نەشىرى بولسا بولىدۇ. word excel powerpoint لارنىڭ ھەر ئىككى نەشىرىنى تەڭ تاللىسڭىز بولىدۇ. publisher visio لارنى يۇقىرى نەشىرىگە تاللاڭ.
ئاخىرىدا يۇقىرى نەشىرىنىڭ ئۆزىنى رىمۇنىت قىلىش ھالىتىنى توختۇتۇپ قويىمىز. يەنى:
C:\Program Files\Common Files\Microsoft Shared\OFFICE12\Office Setup Controller
نىڭ ئىچىدىكى setup.exe نىڭ ئىسمىنى ئۆزگرتىۋېتىڭ. مەسىلەن: ___setup.exe دەپ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆججەت قۇرۇپ قويۇڭ. تېكىت ھۆججىتى بولسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى setup.exe گە ئۆزگەرتىڭ. يەنى ئىجرا بولىدىغان ھۆججەت ھالىتىگە. ئەمىلىيىتتە بۇ ھۆججەت ئىجرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ خارەكتىرىدىن بىخەتەرلىك تۈرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھەلەشنىڭ ئىچىدىن ئاسىتىدكى بىر توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋتىڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ ساقلاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت يۇقىرى دەرىجىلىك office نىڭ رىمۇنىت قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق بۇ ئەسلى ھۆججەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. (ئەگەر رىمۇنىت قىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ئەكسىچە مەشغۇلات قىلىسىز) مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككى خىل نەشىردىكى office بىر بىرسىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئاۋۇ ئادرىس قۇرىدىكى مۇندەرىجە 64 خانىلىق سېستىمىدا ئوخشاش بولمايدۇ. 2007، 2010، 2013 لەردىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يۇقارقىسى 32 خانىلىق سېستىمىدىكى 2007 نىڭ.
ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆججەت بىۋاستە تۆۋەن دەرىجىلىك Office تا ئېچىلسۇن دسىسڭىز توۆۋەن دەرىجىلكىنى بىر قىتىم قايتا قاچىڭلاڭ. كونترول تاختىسىدىكى قاچىلاش ئۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر قېتىم رىمۇنىت قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. (يۇقىرى درىجىلىكنى شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە قانداق قىلدىغانلىقىڭىزنى يۇقىرىدا دەپ بولدۇم.
تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆججەتلەر doc xls ppt دىگەنلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت بولسا xlsx docx pptx دىگەنلەر يەنى كېڭەيتىلگەن نامى.
بىر ئىشقا دىققەت قىلىڭ يۇقارقىدەك قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك نەشىردىكى ئوخشاش ئىككى يۇمتالنى ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ قىيىن. ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز تەشەككۈر! مىنىڭ كومپىيوتىرىمدىمۇ office نىڭ 2003 ،2007 ئىككى خىل نۇسخسى قاچىلانغان.2003نىڭ كۆرۈنىشى ئىشلىتىشكە ئەپىلىك(ئۆزۈمگە شۇنداق) 2007نىڭ ۋورد ھۆججىتىنى پ د ف شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان. شۇغىنىسى ھەر قىتىم قايسىسىنى ئاچسام 2007 قوزغىلىدۇ. قوزغىلىپ بولۇپ ‹‹بىخەتەرلىك ئۇقتۇرىشى : خوڭ ئىشلىتىلىشتىن چەكلەندى›› دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. ئاندىن تور بەتتىن بىرەر خەتنى كىسىپ چاپلىسام(ئۇيغۇرچە) ، پىنيىنچە قىزىل رەڭدە ۇ ك ي دەپ ئۈچ ھەرىپلا چىقىپ قاراپتۇردۇ. ئەسكەرتمىدىن تاللاشنى تاللاپ ئىچىدىن بۇ مەزمۇننى قوزغىتىش دىگەننى تاللىغاندىن كېيىن ئاندىن نورمال خەت كۆچۈگىلى بولدۇ. بىزنىڭ باش ئىدارىدىن ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ بارلىق Microsoft Office نى تازلىتىپ WPS office نى قاچىلاتتى . ئەمدى Microsoft قا پۇل تۆلىمەيدىكەن.
قىزىق يېرى بىز ئىشلىتىۋاتقان بىخەتەرلىك سېستىمىسى windows xp دىن يۇقىرى نەشىردە ئىشلىمىگەچكە windows7 ،windows8قاچىلانغان كومپىيۇتېرلارغا مەجبۇرى ھالدا XP قاچىلايمىز ئەمىلىيەتتە ئاۋۇ بىخەتەرلىك دېتالىنىڭ نەشىرىنى كۆتەرسە بولاتتى.ھازىر چىققان كومپىيۇتېرلارنىڭ XP مۇھىتىدىكى قاتتىق دېتال قوزغاتقۇللىرىنى تاپقىلى بولمايدىكەن ، يامان تەستە تاپتىم قوزغاتقۇللىرىنى . ئوفىس 2003 ياكى 2007 نى چۈشۈرەي دېسەم ۋپس چۈشۈپ قالدى،ئامالسىز شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن،ئىقتىدارى شۇنداق ناچاركەن،نەدىن تاپارمەن ئوفىسنى بەك لازىم بولغاندا جىلە قىپ ئادەمنى...
بىرەرىڭلار ئەۋەتىپ بېرەلەمسىلەر چۈشۈرۈش ئادرىىسىنى gulmisal يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 10:00 static/image/common/back.gif
ئوفىس 2003 ياكى 2007 نى چۈشۈرەي دېسەم ۋپس چۈشۈپ قالدى،ئاما ...
http://xiazai.zol.com.cn/detail/20/196587.shtml
http://xiazai.zol.com.cn/detail/36/357450.shtml
بۇنى چۈشۈرۈپ بېقىڭ.
خېلى كۆپ تور بەتلەر باركەن، بىرەر يۇمشاق دېتالنىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ قۇيۇپ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاللاشتا خاتا تاللاتقۇزۇپ قويىدۇ. بەتنىڭ ھەممە يېرىدە يۇغان قىلىپ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى قىلىپ قويىدۇ. سىز چۈشۈرمەكچى بولغان نەرسە ئەمەس. سىز چۈشۈرمەكچى بولغان نەرسىمۇ شۇ يەردە بار، ئەمماسىز ئاسان تاپالماي قالىسىز.
ئۇلار قەستەن شۇنداق لايىھەلەپ قويغانكەن. سىز شۇنداق خاتا چۈشۈرسىڭىز شۇ دېدالنى بىر قېتىم چۈشۈرگەن ھىساپلىنىسىز. ئۇ تور بەت شۇنداق تور ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق پۇل تاپىمىشكەن.
HEZINE يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 10:33 static/image/common/back.gif
http://xiazai.zol.com.cn/detail/20/196587.shtml
http://xiazai.zol.com.cn/detail/36/357450.shtml
...
رەھمەت ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈشتىن ئاۋال ۋ پ س نى ئۆچۈرىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟ 86 يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 10:58 static/image/common/back.gif
خېلى كۆپ تور بەتلەر باركەن، بىرەر يۇمشاق دېتالنىڭ ئېلا ...
ھە شۇ مېنىڭمۇ شۇنداق بوپ قاپتۇ،ئىشقىپ بەيدۇدىن ئىزلەپ نېمىلا چۈشۈرسەم ئاشۇنداق جىلە قىپ كەتتى يېقىندىن،خېلى دىققەت قىلساممۇچۈشۈرمەكچى بولغىنىم چۈشمەي بارچە ئەسكى تۈسكىلەر چۈشۈۋېلىپ... چۈشۈرگىچە ھۆججەتنىڭ سىغىمى ۋە نامىغا دىقەت قىپ قويسىڭىز خاتا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. ساقلاش بۇيرۇقىنى بەرگىچە نامى ۋە سبغىمى چىقىدۇ. gulmisal يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 11:40 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈشتىن ئاۋال ۋ پ س نى ئۆچۈرىۋې ...
ھاجىتى يوق، ئىككىسى توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. بولسا مىكروسوفتنىڭكىنىلائىشلىتىڭ. 2013كە يىتەمدۇ سادىغان كىتەي ... 2013 نەدىن چۈشۈرىدۇ ئەمىسە ...تەمىنلىمەمسىز ئادرىسىنى ماۋۇ بولىدىغان تېما{:112:}
بەت:
[1]