bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:28:43

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 14:02  

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
بىلگەجان تەرجىمىسى

ئىلاۋە: نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بىر قەدەر كەمچىللىكى تۈپەيلى، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ۋە ئېغىر كېسەللەرنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋالاشنى تاللاش بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى (يەنى ۋىتامىنلار، ئاقسىللار، قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى... دېگەندەك ساغلاملىق يېمەكلىرى ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان دورا يېمەكلىكلەر، تولۇقلىمىلار) ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولۇپ، دورىلار مەلۇم ئېنىق بىر كېسەلنى داۋالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن بازارغا سېلىنىدۇ؛ ساغلاملىق يېمەكلىرى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ياكى مەلۇم ماددا كەمچىللىكى تۈپەيلى كۆرۈلگەن بىنورماللىقلارنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلىنىدۇ ۋە كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بولۇشى ناتايىن ياكى شۇنداق ئۈنۈمى ئىسپاتلانمىسىمۇ بازارغا سېلىنسا بولىۋىرىدۇ. بۇ ماقالە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن دەپ قاراپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. ئەسلى تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.cancer.org/treatment/treatmentsandsideeffects/complementaryandalternativemedicine/dietarysupplements/dietary-supplements-misconceptions

1. كۆپ مېقداردا ئىستىمال قىلىش: «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى» ئەپسانىسى

نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دوختۇرنىڭ رىتسىپى بولمىسىمۇ سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسىمۇ بىخەتەر دەپ قارايدۇ. 1990-يىللاردا ئامېرىكىدا ۋىتامىن C، بىتا كاروتىن ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلارنى مىگامىقداردا (ناھايىتى زور مىقداردا) ئىستىمال قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. گەرچە ھېچقانداق تەتقىقات نەتىجىسى ۋىتامىن C نىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ھازىرمۇ بەزى ساغلاملىق يېمەكلىرىنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان  تەشۋىقاتلارنى كۆرىمىز، ئەمما بۇ خىل يەكۈنلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.

ئەمەلىيەتتە زور مىقداردا ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ خەتەرلىك، ھەتتا زەھەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ھەدىدىن زىيادە كۆپ ۋىتامىن C بەدەننىڭ مىس سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. كۆپ مىقداردىكى فوسفور بەدەننى كالتىسىي سۈمۈرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئادەم بەدىنى زور مىقداردىكى ۋىتامىن A, D, K لەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ، كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق» ئەپسانىسى

ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر ئاساسەن سۈنئىي ياسالغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى، تەبئىي ھالىتىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى قوللىمايدۇ. ئەمما «پۈتۈنلەي تەبئىي» دەپ ئاتالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىم پىششىقلاشتىن ئۆتكەن ياكى سۈنئىي سېنتىزلەنگەن ماددىدىن ياخشى بولۇسىمۇ ناتايىن.

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈز زەھەرلىك ماددىلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەبئىي ماددىلاردۇر. مەسىلەن، زەھەرلىك موگۇ پۈتۈنلەي تەبئىي، ئەمما ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۆتكۈز زەھەرلىك. نۇرغۇنلىغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەر ياكى ماددىلارمۇ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك خېمىيىلىك تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن ۋە ئىنسان ھەزىم قىلسا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇنلىغان بوتانىكىلىق تولۇقلىمىلار (مەسىلەن، سامساق، زەنجىۋىل ۋە باشقىلار) ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن بولغاچقا، تەبئىي مەھسۇلات دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۆسۈملۈكلەر خېمىيىلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. بۇ خېمىيىلىك ماددىلار ئىچىدە بەزىلىرى پايدىلىق بولسا يەنە بەزىلىرى زىيانلىق ۋە ئىنسانلاردا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت پايدىلىق بولۇشى ناتايىن چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق خېمىيىلىك تەركىبلەر چىقىرىپ تاشلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلار ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى، گۈلى، يوپۇرمىقى، چىڭى ياكى شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ بىر نەچچە خىلى ياكى ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئۆسۈملۈكنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، مامكاپ يىلتىزى چوڭ ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، ئەمما مامكاپ يوپۇرمىقى ئىچى سۈرگۈچى خېميىلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى زادى قايسى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بەدەنگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ، بولمىسا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى زادى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تەسىرىنى ئېنىق سوراڭ.

شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىخەتەرلىك بىلەن مىقدار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك. كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقى ئاز مىقداردا چاي (چاي دورا) ئورنىدا بىخەتەر ئىستىمال قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۇيۇقلۇق ياكى تابلىت سۈپىتىدە سېتىلغان قويۇقلاشتۇرۇلغان ئاجراتمىلار بىخەتەر بولغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خېمىيىلىك تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار» ئەپسانىسى

ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ئاممىباپ ياكى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا مىڭ يىللار ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ بىلىپ قويۇش پايدىلىق، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى بارلىقى ياكى بىخەتەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى بولالمايدۇ. ئەگەر ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك دورىسى دەرھال ئازاپلىق ياكى ھاياتقا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. ئەمما ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىسىدا يۈز يىل ياكى مىڭ يىللار ئىلگىرى دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەكىس تەسىرىنى تەكشۈرىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار يوق ئىدى. شۇڭا، ئەگەر بىر ئۆسۈملۈك قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈملۈكتەك قىلغان بىلەن، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۋەتسە (مەسىلەن، راك كېسىلى، يۈرەك ئاجىزلىقى ياكى بۆرەك زەئىبلىشىش) بۇنى ئەنئەنىۋى مىدىتسىنادا بايقىغىلى بولمايتتى. يەنە كىلىپ، ئەگەر بىمارنىڭ سالامەتلىكى شۇ ئۆسۈملۈك دورىسىنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۆلۈپ كېتىشمۇ ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى، ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغىنى ھەر خىل ياشتىكى بىمارلار ھازىر پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا بەزى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىلىرىدا، چاي دورىلار ئىچ سۈرگۈزۈش ياكى قۇستۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. بۇ خىل تەسىرلەر  بۇنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاشنى ئويلاشقاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم چاي دورىلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ئۇسۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتىش ياكى بىمارنى ياخشىراق ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ. بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئەلۋەتتە ساقىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بار بىمارلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئاقىۋىىتنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى. ئىشەنچلىك ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زامانىمىزدىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىلار كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:

1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار

2) ئورۇقلاش، مۇسكۇل چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار

3) سىتىروئىدلىق ھورمۇنلارغا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە ھورمۇنسىز مەھسۇلات دېيىلگەنلىرى

ئەسكەرتىش: مەن (بىلگەجان) يازغان بارلىق ماقالىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋال شەخسىي بىلوگىمدا (بىلگە بىلوگى) ئېلان قىلىنىدۇ. مەن يازغان ماقالىلارغا قىزىققۇچىلارنىڭ بىلوگىمغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمەن. ئەگەر مەن يازغان ماقالىلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بوسىڭىز بىلگە بىلوگىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:45:12

مۇشۇ قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىنى بەك داڭلايدۇ
زادى مۇشۇنىڭ تەركىبىدە راستلا ئادەم بەدىنىگە قۇۋۋەت بولغۇدەك بەرسە بارمۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:50:23

كالتىسىي تولۇقلاشمۇ خاتا ئەمەستۇ ؟  ياشانغانلار كالتىسي تولۇقلاپ تۇرمىسا، سۆڭەك شالاڭشىيدۇ دەپ ئىلان بېرىدىغۇ ؟:lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:55:56

ALGA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:49:43

بىلوگ ئېچىلمايدىغۇ؟............

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:04:20

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 13:55 static/image/common/back.gif
تىمىڭىزنى ئىزدىنىشتىن كۆرۈپ
سۇئالنىمۇ ئىزدىنىشتىن سو ...

ئىزدىنىشتا چېنقىپ مۇسكۇلى شىۋاشىنىگىرنىڭكىدەك بولاي دەپ قالغان ئىزچىلار دەپ بىرەيلەن بار ،مېنڭچە بولغاندا ئاشۇ ئىزچىلاردىنمۇ سوراپ بېقىڭ. مۇنبەرگە كىرمىگىلى خېلى بوپ قالدى. بۇرۇن مۇشۇ چېنقش توغرىسىدا ئىككى تېما يوللىغان.
چېنىقۋاتقان ئادەم ئاقسىل يىمىسە بەدىنى تومشىمايدىكەن،ئاقسىل يەپ بەرسە بەدەن تومشىپ يوغىنايدىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:13:28

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 13:55 static/image/common/back.gif
تىمىڭىزنى ئىزدىنىشتىن كۆرۈپ
سۇئالنىمۇ ئىزدىنىشتىن سو ...

قۇۋەتلىك يەپ ئۈزۈپ قويماي قانداقلا چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىز ئۈنۈمى بولىۋېرىدۇ .
مەن مەكتەپتىكى چاغدا تورنىڭ تارتاتتىم ئۈچ يىل كۈنى تارتتىم كۆكرەك مۇسكۇلۇم يامان ئەمەس چىقتى لىكىن قولۇم ئۇزىراپ تىزىمغا يەتكىلى 10 سانتىمىتىرلا قاپتۇ {:181:}

ئۈزمەي مەشق قىلسىڭىز قورساقمۇ ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ باشقا ھەرقانداق نىمە بىكارچە {:196:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:16:37

مۇشۇ يىمەكلىك توغرىسىدا گەپ بولۇندى سورىۋالسام:

بويۇم 180 سانتىمېتىر
ئېغىرلىقىم 64 كىلوگرام
مەن سەل سېمىرىسەم بولىتتى
پەقەت ئامال بولمىدى  چوڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە لەغمەن يەپ ، سۇ ئىچىپ يېتىپمۇ باقتىم  پەقەت سېمىرەلمىدىم

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:17:03

ئۈزۈپراق مەشىقى قىلىڭ ،ئىككى كۈن چېنىقىپ بىر كۈن ئارام ئېلىپ دىگەندەك بولمىسا چارچاپ قالسىز.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:22:08

ئۆتكەندە ئۈندىدارىمغا بىر خەۋەر كەپتۇ، ئامېركىلىق بىر بالا 14 يېشىدا نېمى بىنىمە راكى بوپ قېپتىكەن. كېيىن قاتىق ئىرادە ،ئاتا-ئانسىنىڭ قوللىشى، قىز دوستىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن كۈنلۈكى ئالتە ۋاقتىن سەككىز ۋاققىچە تاماق يەپ ،ئۆزلۈكسىز چېنىقىپتۇ. ھازىر نامى پۈتۈن ئامېرىكىغا پۇر كېتىپتۇ.

رەسىمىنى تاپالىسام يوللاپ قويىمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:29:26

كوللاگېنلىق پېپىدىد، ۋېگرا، ماكا... دېگەنلەرمۇ ساختىما؟:lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:33:25

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 15:16 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يىمەكلىك توغرىسىدا گەپ بولۇندى سورىۋالسام:

بويۇم ...

خېمىر تۇرۇچ يەپ باقامسىزيا ..........چاخچاق.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:33:54











lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:34:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 15:42  

بىر قېتىم يوللاي تېمىنى پاخال قىلىپ،ئىككى قېتىم يوللىنىپ كېتىپتۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:45:06

ئۇيغۇرلار ئاقسىلنى كۆپ ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق ئەمەس ، شۇڭا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئازىراق يىيىشى كېرەك دەپ كۆرگەن بىر ماقالىدا ، ھازىر ھەممە شىركەتلەر ئاقسىل  تالقىنى چىقىرىپ  بازرنى قاپلاپ كەتتى . يەپ باققانلار قانداق تەسىرى باركەن سۆزلەپ بەرساڭلار بوپتىكەن .
كوللااگىنلىق پىپىدىتنى باش زاۋۇتتىن ئانامغا زاكاس قىلىپ بەرگەن ، بېلىق ياكى  كالا سۆڭىكىدە ياسلغىنى باركەن ، بېيجىڭغۇ دېڭىزغا يېقىن بېلىقتىن چىقارسىمۇ چىقارغاندۇ ، كالا سۆڭكىدە ياسلغىنىغا سەل گۇمانلىنىپ قالدىم ، باشقا سۆڭەكنىڭ ئارلىشىپ قالماسلىق ئىھتىماللىقى قانچىلىكتۇ ؟
قەشقەردە بىزنىڭ ئۆيگە يىراق بولمىغان جايدا بىر تېتىتقۇ ياسايدىغان زاۋۇت باتتى ، كەچقۇرۇن سۆڭەك كۆيدۈرگەن پۇراقتا تالادا تۇرۇش مۇمكىن بولمايتى . نەچچە يىل ئەرىز قىلىپ تاقىتەلمىگەن . نۇرغۇن قېتىم ئېشەكنىڭ يېرىم چىرىگگن تاپلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان سوپەكلەرنى ئۇچراتقان ئىدىم . كىيىن شۇ زاۋۇتنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا بىر ھەربى  بازىنى يۆتكەپ كىلىۋىدى ھەربىلەرمۇ بۇ پۇرققا چىقدىمىغان بولسا كېرەك ئۇزۇن ئۆتمەيلا يوقالغان .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:54:21

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:10:32

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 15:54 static/image/common/back.gif
رەھمەت مەنمۇ لوقمان ئاقسىلىنى يەپ بىرەيمىكىن دەپ ئوي ...

خام تۇخۇم يەڭ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 17:21:19

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 17:16 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يىمەكلىك توغرىسىدا گەپ بولۇندى سورىۋالسام:

بويۇم ...

خوتون ئالغاندا تەبىئىي سەمىرىللا، گىپىم راس ،

ئۇرۇقلىيالماي ئاۋارە بوپ كىتىللا، ھەتتا تەرەت ئالماقلىرىمۇ تەسلىشىپ كىتىدۇ.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 17:45:49

ۋاھ ، مەنمۇ دەل مۇشۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى توغۇرلۇق تەپسىلى بىر ماقالە يېزىپ قويغان ئىدىم . ئالدى بىلەن بىر ماقالە ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ، رولى، دۇنيادىكى سېتىلىش ئەھۋاللىرىنى ، جۇڭگودىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ ئاندىن ئۆزەم ياخشى بىلگەن ، باھاسى مۇۋاپىق مەھسۇلاتلاردىن تونۇشتۇراي دەپ پىلان قىلغانتىم. ھەممە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى بىراقلا ئىنكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. مەنچە مۇھىمى قانداق ھۆكۈم قىلىپ قانداق تاللاشتا.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 17:48:48

دوختۇر ماڭا ئادەمنىڭ بويى 27 ياشقىچە ئۆسىدۇ دىگەن مۇشۇ بوي ئۆستۈرۈشكە توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار؟
بەت: [1] 2 3
: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر