garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:53:50

رەسىم دۇكىنى ئېچىشتىن ياردەم سورايمەن.

     ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى سىلەرگە ھاجىتىم چۇشۇپ قالدى،گېپىمنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى :مېنىڭ رەسىمگە تارتىش،رەسىم يۇيۇش ،خەت ئۇرۇش،نۇسخىلاشنى  بىر گەۋدە قىلغان بىر دۇكان ئاچقىم بار ئىدى. مېنىڭ PHOTOSHOP،WORD,EXEL قاتارلىقلاردا  ئاساسىم بار،(ئەلۋەتتە بۇلارنى بىرەر يەرگە شاگىرتلىققا كىرىپ تېخىمۇ پىششىقلاپ،تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كېلىدۇ)ئىشخانىدىكى نۇسخىلاش ماشىنىسى،پىرىنتىر قاتارلىق ماشىنىلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيمەن، كومپىيۇتىر ئىشلىتىشتە ،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە خەتلەرنى ئۇرۇشتا چوڭ مەسىلە يوق.مۇۋاپىق بىر يەردە 30كۋدرات مېتىر ئەتراپىدا دۇكانمۇ بار.
   خوش ،يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ ئەھۋالىم.گەپنىڭ پوشكاللىسىنى دېسەم ، بۇ دۇكاننى ئېچىشتا ئىشنى نەدىن باشلاش  كېرەك؟ تەخمىنەن قانچىلىك مەبلەغ سېلىشىم كېرەك؟ تېخنىكا جەھەتتىن يەنە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىىشم كېرەك؟ بەلكىم بۇ پىلانلىرىم تولىمۇ يۇزەكى ۋە ئاددى بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن،كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. رەخمەت.....

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:28:30

ئىشنى «ئىزدىنىش»تىن باشلاڭ. :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:06:02

ئاۋال دۇككاننى ئىچىۋىرىڭ بىلمىگەننى مۇنبەردە كومپيۇترنىڭ قاتىل باللىرى بار ،كۈندۈزى ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا سوراپ تۇرسىڭىز كەچكىچە جاۋابى چىقىپ قالىدۇ، ئاشىۇ تەرەققىدە ئۈگۈنۈپمۇ قالىسىز

pOison يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:47:02

دۇككانغا كېرەكلىك بويۇملارنى بىلىشىمچە دەپ ئۆتەي :
1 . كومپىيۇتىر ھازىر قىلدىغان ئىشلىرىڭىزغا2500~3000 ئەتىراپىدىكى كومپىيۇتىرلار تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ .
2 . پىرىنتىر ئىككىنجى قول ياكى يىڭىنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ 3000 يۈئەن ئەتىراپىدا راۋرۇسلىرى كېلىدۇ .
3 . رەسىم تارتىش دەپسىز بۇنىڭغا دىمىسەممۇ بىر ئاپىرات كىتىدۇ ئۇنىڭغا كەلگەندە ياخشى سۈزۈكرەكنى ئېلىڭ .

مۇشۇ نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ دۇككاننى ئېچىۋىرىڭ قالغان ئىشلار ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ .

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 20:25:52

بايام كۆرىپ باققان ،ئاپراتنى كەممىدە 3000-5000غىچە
ئاپرات

چوڭ رازمىلىڭ رەڭلىك پىرىنتىر.500-2000يۈننغىچە تاللاپ ئېلىڭ!پولى قىمىتىمى ئەلۋەتتە تېخىمۇ كەسپى چىقىدۇ.
رەڭلىك پىرىنتىر

چىراق :100-2000غىچە ئىقسادى ئەھۋالىڭزغا قاراپ ئېلىڭ!(دىققەت پولى ئەرزىنىڭ يۇرۇقلقى يىتەرلىك ئەمەس،ئاسان كۈيىدۇ)
چىراق

دىكراتسىيە.كۆك قىزىل رەڭلىكتىن ئىككىنى ئېلىپ قۇيىسىز.سەنئەتلىك رەسىم تارتىدىغانغا مەنزىرە رەسىملىرىدىن ئالىسىز!1000 مىڭ يۈەنلىك ئالسىڭىز بولىدىغاندەك.
دىكراتسىيە

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 20:30:55

كومپىيوتىر 3000 ئۈپچۈرسىدىكى بۇلىدۇ. رەڭسىز باسما ھەم نۇسىىلاش بىر گەۋدىلىكىنى قانچە پولكىن؟؟؟
ئىشنى ئاۋۋال باشلاڭ قالغىنى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئۆگۈنىسىز!!!

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:26:53

مەن تىخى رەسساملار سىزغان رەسىملەرنى ساتىدىغان دۇككان ئاچىدىغان ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن ، بۇنداق قىلغان بولسىڭىز  چوڭ يىڭىلىق بولاتتى
  
   سۆزلەرنى توغرا ئىشلىتىڭ ، رەسىم بىلەن سۈرەتنىڭ پەرقى بار ، رەسسام رەسىم سىزىدۇ ، سىزدەك كىشىلەر سۈرەت تارتىدۇ ، سىزنىڭ ئاچماقچى بولغىنىڭىز رەسىم دۈكىنى ئەمەس سۈرەتخانا   ، دوككان ئىسمىنى xx بەدىئى سۈرەتچىلىكى دەپ قويۇڭ

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:40:16

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:38:46

مەن دەل سىز دېگەندەك دۇكاننى ئاچقىلى 8ئايى بولدى. ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ. مەسلىھەت بېرەي. 18909974047

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 23:13:06

بىر نۇسخىلىغۇچ،بىر لازىرلىق رەڭسىز خەتباسقۇ،بىر رەڭلىك خەت باسقۇ،كومپىيۇتېر بىر دانە،بىر ئاپپارات،بىر سايىلىغۇچ،بىردانىدىن قىزىل،كۆك دېكراتسىيە رەخت زۆرۈر لازىم،يەنە ئۈچ ئورۇندۇق،بىر تال ۋىۋىسكالازىم

erkak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 01:37:28

ئاۋال كىنىشكە ئىلىۋاسا . ئالاھىدە كەسىپنىڭ . ؛ئەڭ مۇھىمى شۇ ..

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 01:42:30

قايسى شەھەردە ئېچىشنى دۇككان ئېچىشنى قارار قىلدىڭىز ؟{:92:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 07:44:14

      ئاچىدىغان ئۇرۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ، يېزا ، بازار دەرىجىلىك ئۇرۇنلاردا ئاچسىڭىز 2-3 تۈمەنگىچە مەبلەغ كىتىدۇ ، شەھەر دەرىجىلىك ئۇرۇندا ئاچسىڭىز جىقراق كىتىدۇ ....

     شۇنىڭغا قارىتا مەبلەغ سالىسىز ، يەنە بىرسى ، بىر نەچچە دۇكانغا رەسىمگە چۈشكىلى كىرگەچ ئۈسكۈنىلەرنى كۈرۈپ بېقىڭ ، شۇنىڭدىن ئىلغارراق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ ....

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:20:07

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 21:26 static/image/common/back.gif
مەن تىخى رەسساملار سىزغان رەسىملەرنى ساتىدىغان دۇككان ...

توغرا دەيسىز، سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ قاپتىمەن...

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:20:29

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 21:40 static/image/common/back.gif
قايسى شەھەردە ئېچىشنى خىيال قىلىۋاتىسىزكىن ؟

ئۈرۈمچى

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:21:13

erkak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 01:37 static/image/common/back.gif
ئاۋال كىنىشكە ئىلىۋاسا . ئالاھىدە كەسىپنىڭ . ؛ئەڭ مۇھىم ...

  دوستۇم بۇ كنىشكنى قانداق ئالىدۇ؟

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:21:33

karam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 01:42 static/image/common/back.gif
قايسى شەھەردە ئېچىشنى دۇككان ئېچىشنى قارار قىلدىڭىز ؟{ ...

0991

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:25:32

  مۇنبەر ئەھلىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىگە كاللامدا دەسلەپكى بىر پىلان شەكىللەنىدى، قارىغاندا دوسلار دېگەندەك بىر بازار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقسام بولغىدەك...كۆپ رەخمەت سىلەرگە..
   دوسلارنىڭ پىكىرلىرىنى يەنىمۇ ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:28:05

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 22:38 static/image/common/back.gif
مەن دەل سىز دېگەندەك دۇكاننى ئاچقىلى 8ئايى بولدى. ماڭا  ...

دوستۇم سىز قايسى شەھەردە ئېچىۋاتىسىز؟ سىزگە تېلفون قىلىمەن.

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:31:44

  جۈپ قول سۆرەتچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بولسا شاگىرتلىققا كىرىپ نەچچە مىڭ سوم تۆلەپ بىر قانچە ئاي ئۆگەنسىڭىز كەسپىي فوتوگراف بولۇپ يېتىشىڭىزغا ئاساس سالالايسىز ، مەيلى قانداقلا كەسىپ بولسۇن پەللىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇلۇق ، ئەگەر ئاداتتىكىدەك دوكان ئاچماقچى بولسىىڭىز گېپىمنى قايتۇرۋالدىم ، مېنىڭچە ھازىر مەھسۇلات سۆرىتى تارتىشنىڭ ئۆزى بىر بوشلۇق ، ئىستىقبالى پارلاق{:112:}
بەت: [1] 2
: رەسىم دۇكىنى ئېچىشتىن ياردەم سورايمەن.