ace يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:52:34

كومپىيۇتىر تەۋسىيە قىلساڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
يىقىندىن بىرى كومپىيۇتىرىم تولا قاتىدىغان بولىۋالدى ، سەپلىمە كۆتۈرەي دىسەم 1-ئەۋلاد ئاساسى تاختىكەن ھازىر بۇنىڭ سەپلىمىسى يوق دەمدۇ ئىشقىلىپ .....
شۇڭا كومپىيۇتىردىن بىرنى سەپلىتەي دىگەن ، ئانچە مۇنچە ئويۇن ئويناپ قويىمەن ، 2000 دىن 2500 گىچە بولسا بولاتتى .(ئىكران مەندە بار) ، دوسلار ئوبدانراق سەپلىمە تەۋسىيە قىلساڭلار .
مەن جىڭدوڭدا ما نى كۆردۈم بولامدىغاندۇ ؟
http://item.jd.com/1124340346.html#product-detail

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:38:59

ئالغاندىكىن 4000 بىلەن 5000 نىڭ ئارىلىقىدىكى ئىلغارراقنى ئالمامسىز؟  يەنىلا لىيەنشىياڭ ماركىلىق، دىل ماركىلىقىنى ئالسىڭىز ياخشى چىقىدۇ.
.......................................................................................................................................................
ئەسكەرتىش : تىما ئىگىسى ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

بەزى كىشىلەر (بەلكىم دوس- يارەنلىرى بولىشى مۇمكىن ) ئۆزى ناچىرىنى، ئەرزىنىنى ئىلىپ ، خەقنىڭ ئالىي كومپىيۇتىرلىرىنى كۆرسە،  چىدىماسلىق قىلىدىغان، كۆز قىزارتىپ، ئىچى تارلىق قىلىپ يۈرۈيدىغانلار تازا كۆزۆمگە سىغمايدۇ.
ئاز- تولا ئالدىمدىن ئۆتكەننى دەپ قويدۇم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:43:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 14:45  

11.11 كۈنى  

مانا بۈگۈن  تىيەنمىياۋدىن 5480 يۈەنگە sharp ماركىلىق 50 سۇڭلۇق تىلىۋىزۇردىن بىرنى ئالاي دىسەم، ساتقۇچى تەرەپ بىخەتەر تاپشۇرۇۋىلىشىمغا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن.

تازا ئىچىم پۇشۇپلا تۇرىدۇ.

شىنتوڭ، يۇەنتوڭ، جوڭتوڭ، جۇڭگۇ پوچتىسىدىنمۇ بىخەتەر ئەۋەتەلمەيدىكەن.
物流快递   دەمدۇ؟ ئاشۇنداق مال يەتكۈزۈش ئورنى بولسا بولىدىكەن. توردىن تەكشۈرۈپ خوتەندە  يوقكەن دەيدۇ.
پويىز تاۋباۋنىڭ ماللىرىنى توشوپ بەرمەمدىغاندۇ؟ قوتا پويىز مۇشۇنداق ئىشلاردا رول ئوينىمامدۇ؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:37:09

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 12:43 static/image/common/back.gif
11.11 كۈنى  

مانا بۈگۈن  تىيەنمىياۋدىن 5480 يۈەنگە sharp ماركى ...

ئۈرۈمچىدە تونۇش بولسا شۇنىڭغا سالغۇزۇپ
ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ماڭىدىغان ماشىنىغا تاپىلاپ سالغۇزسىلىرى قانداق بولا؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 13:42:34

زىلتار ،باچكا قاتارلىقلار يامان كومپىيۇتىر دىگەنگە زىلتار ئىنىم يوقاپ كەتتىغۇ تاڭ؟
مەنمۇ لەپتوپنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ئالماشتۇراي دىگەن
128گ لىقى SSD دىن بىرگە لىكىن قايسى ماركىلىقنى ئىلىشنى بىلەلمىدىم
سان دىسىك نى ئالايمۇ ياكى كىڭ سىتوننىمۇ تازا بىلەلمەي تۇرىمەن 4ك ئېقتىدار دەمدۇ
ئىشنى قىلىپ مەسلەت كۆسىتىڭلار  دوسلار

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:44:45

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 12:43 static/image/common/back.gif
11.11 كۈنى  

مانا بۈگۈن  تىيەنمىياۋدىن 5480 يۈەنگە sharp ماركى ...

تېخى ئالدىنقى ھەپتە شياۋمى تېلېۋىزورىدىن بىرنى تاۋباۋدىن ئالغان، دېباڭ مال يەتكۈزۈش شىركىتى ئارقىلىق ئەۋەتىپتىكەن، قەشقەر شەھىرىدە تارماق ئورنى باركەن، شۇ يەردىن تاپشۇرۇپ ئالدۇق، مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلىشى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە بىخەتەر ئىكەن. مالمۇ ياخشى چىقتى دەپ يۈردۇق ھازىرچە.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:52:44

udun007@ بۇرادەر ،ئادەتتە تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىنى سالغۇچى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغۇچىغا شۇ شىركەتنىڭ خادىمى يەتكۈزۈپ بەرگەن بىلەن .پويىز ئايرۇپىلان ،پاراخۇت قاتارلىق غۇل لىنىيەلەردە مال باسىدىغان،يۈتكەيدىغان ئىشلارغا باشقا ئادەملەر ئىشلەيدىكەن.چاتاق مانا مۇشۇنداق يەرلەردىن چىقىدىكەن،تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ بېشىنى ،ئاغرىتىۋاتقان ئىشلارمۇ دەل شۇ.شۇڭا بۇ ئىشقا ئىچىڭىزنى پوشۇرماڭ!
شۇڭا دەتتىكوم دەپ ئېلىشقا تۇغرا كىلىدۇ.تۇردىن خوتەن شەھەر ئىچىدە sharp نىڭ سېىتىش نۇقتىسى بارمۇ-يۇق تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ چۇقۇم sharp  بولمىسىمۇ سوني ياكى ئوخشاش تۈردىكى كورىيە ،باشقا ياپون ماللىرىمۇ يامان ئەمەس !!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:00:43

http://detail.tmall.com/item.htm?spm=608.7065813.ne.1.Jax44h&id=15026668832&tracelog=jubuybigpic
ئىككىلەنمەي مانى ئېلىۋېرىڭ  

مەنمۇ ئالغانتىم بەك يارامكەن
13 سكۇنتتا ئېچىلىپ بولىدۇ
ھەرقانداق ئويۇننىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالايدۇ
مەن 使命召唤11 مۇشۇ كومپىيوتېردا ئويناۋاتىمەن قەتئى ئىنجىقلىمايدۇ
ھەقىقى بولىدىغان ساندۇقكەن

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:07:47

ئايمەك ئېلىڭ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:20:31

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 12:43 static/image/common/back.gif
11.11 كۈنى  

مانا بۈگۈن  تىيەنمىياۋدىن 5480 يۈەنگە sharp ماركى ...

ئاۋۋال مالنى سېتىۋېلىڭ، بۈگۈن باھاسى چۈشتى دە، :lol
ئاندىن مال تاپشۇرۇۋالدىغان ئادرېسقا بىرەر ئۈرۈمچىدىكى تونۇشلارنى دىيىشىپ سالدۇرۇپ، ئۇلار  ئۈرۈمچىدىكى مال يەتكۈزۈشتىن سېلىپ بەرسە بولىدۇ .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:23:18

تاللىغىنىڭىز بولىدىكەن ،باھامۇ ئەرزانكەن. جىڭدوڭدىكى ئاشۇ تاللىغىنىڭىزنى ئېلىۋرىڭ مېنىڭچە.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 17:09:40

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 15:37 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدە تونۇش بولسا شۇنىڭغا سالغۇزۇپ
ئۈرۈمچىدىن خ ...

ئۇ ۋاقىتتا چاتاق چىقسا ھەممىگە مەن ئىگە بوپ قالىمەن. مىنىڭچە بىۋاستە كەلمىگەن مالدىن ئەنسىرمەي بولمايدۇ.
چۈنكى ئۇ دىگەن قىممەت باھالىق تىلىۋىزۇردە!

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 17:25:21

بۈگۈن باھاسى چۈشتى دىگەن قۇرۇق گەپمۇ نىمە؟  htc 816vنى پەملەپ يۈرگەن نەچچە كۈن ئىلگىرى 天猫دا 1663 يۈەن دەپ تۇراتتى.بۈگۈن قارىسام ئەسلى باھاسى 2200يۈەن ،1660 يۈەن دەپ تۇرىدۇ.:lol

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 19:04:43

مەن مۇشۇ تاۋباۋ ، جىڭدوڭ ............. ئۇچى بۇچى دىگەن نىمىلىدىن مال سالدۇرۇشنى قەتئى خالىمايمەن . پۇلنى بىۋاستە يولداشلىغا يەتكۈزۈپ بەرگىچە ئاشۇ پۇلنى مۇشۇ يەردىكى تىجارەتچىلىگە بەرسىمۇ ئوخشاش قۇراشتۇرۇپ بىرىدىغۇ ؟؟؟
ئاۋال سەپلىمىسىنى ئۆزىڭىز ياخشى ئويلىنىۋېلىپ ئۇندىن كىيىن دىيىشىپ ، تاللاپ ، تالىشىپ ، چىڭقاپ ئالسىڭىز ، يامىنى كەلسە بىر - ئىككى يۈزكوي قىممەت ئالىسىز . سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلسە دەرھال ئاپىرالايسىز ئەمەسمۇ .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 19:58:37

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 19:04 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ تاۋباۋ ، جىڭدوڭ ............. ئۇچى بۇچى دىگەن نىمىلى ...

بىرەر-ئىككى يۈز كوينىڭ  كارايىتى چاغلىق ، ئۇلاردىكى مال قولدىن قولغا ئۆتۈپ قىممەتشىپ كىتىدۇ دەيمە!

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 20:58:04

نەچچە يۈز سوملۇق ئەرزان مال بولسا كارايىتى چاغلىق، نەچچە مىڭ سوملۇق مالدىن ناۋادا چاتاق چىقىپ قالسا، ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ.
قىممەت پۇللۇق ماللارنى توردىن سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. كۆپ بولسا 300 ياكى 400 سوم ئەرزان، كۆڭۈلدىكىدەك چىقسا ياخشى، ئۇنداق بولمىسا، پۇشايمان قىلىدىغان ئىش. سودا قىلىدىغانلارغا ماس كەلگەن بىلەن، بىر ئىككى قېتىم مال ئالىدىغان خېرىدارلارغا پەقەت ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ئىلكترون بويۇملىرى، مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەر چىققان چاتاقنى قانداق ئوڭشاشنى بىلمەيدۇ، رېمونىتچى ئىزلەيدىغان ئىش ئاخىرىدا، مال قايتۇرۋەتكىلى بولمايدۇ، چاتاق بولسا يەڭگۈشلەپ بېرىدۇ، لىكىن پۇلنى قايتۇرمايدۇ، يەڭگۈشلەش جەريانىدا ئاز دىگەندىمۇ 15 كۈن ساقلاش كېرەك. ئىشقىلىپ ئاۋارچىلىقى جىق.
ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئالسا،ئۆزىمىز ئۇرۇپ چاقمىغان بولساقلا،  چاتاق چىقسىلا كۆتۈرۈپ ئاپارساق رېمونىتلاپ بېرىدۇ.
قىممەت پۇللۇق ماللارنى توردىن ئالماقچى بولغانلار يەنە ئويلىشىپ قويۇڭلار.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:45:28

تاپشۇرىۋىلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مەل قايتۇرۇشقا بولىدىكەنغۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 23:04:52

ئۇدۇن
مەنمۇ ئۆتكەندە توردىن ئالدىم تېلۋىزوردىن بىرنى
نەدە ئىگە بولمايدۇ،بىكار گەپ،بۇزۇۋەتسە مال يەتكۈزۈش شىركىتى ئىگە
快递物流خوتەندە يوق دەپ كىم دەيدۇ،پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپتۇ،ناھىيىلەردىمۇ بار ئىككى ئۈچتىن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 23:06:10

خوتەندە يەتتە مىڭ دىگەننى 3800گە ئالدىم،راۋۇرۇس چىقىۋاتىدۇ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 23:07:29

3د كىنۇلارنى قانداق كۆرۋاتىسىز؟ ئاۋاز چىقمايۋاتىدۇ دىگەندەك قىلغان ؟قانداق بولدى ھازىر؟
بەت: [1] 2
: كومپىيۇتىر تەۋسىيە قىلساڭلار