Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:15:50

يېشىل بىئو پەن –تېخنىكىسىنىڭ يېقىنقى نەتىجىلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 14:24  

يېشىل بىئو پەن –تېخنىكىسى يېقىنقى ئىككى ئايدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر:
  شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2009-يىلى 10-ئايدا  تەكلىماكاندىكى ئالاھىدە بىر بايقاش تۈپەيلىدىن ،بۇ خوشاللىنارلىق نەتىجىنى تەجرىبىخانىدىن  ئېلىپ چىقىپ ،ئىنسانىيەتنى بەھرىمەن قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ،شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جاپالىق ئىزدىنىش،ۋاز كەچمەي تىرىشىش نەتىجىسىدە ،ئاخىرى بۇيىلقى ئاسىيا-ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە ئۈلگۈرتۈپ تۇنجى مەھسۇلاتىمىزنى بازارغا سالغان ئېدۇق. ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيدىلىدىن مەھسۇلاتلىرىمىزنى دەماللىققا كەڭ كۆلەمدە خەلققە يۈزلەندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز بارلىق كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ،100بىرلىك   ئۆلچەمدىكىGMPقۇملۇق ئالگاسى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈردۇق.بۇ تېخنىكاۋە مەبلەغ تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى قۇرۇلۇش بولۇپ،ئىچىدىكى بىر كۇب مېتىر بوشلۇقتا مەۋجۈت بولىدىغان مىكرۇبنىڭ سانى 100دانىدىن تۆۋەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.(ئادەتتەبىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھەر بىر كۇب مېتىر بوشلۇقتا 3مىليۇندىن10مىليۇنغىچە مىكرۇب بولىدىكەن)  .ئۇندىن بۆلەك بىز قۇملۇق ئالگاسى ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى روياپقا چىقارغان بولۇپ ،بۇ يېقىندىن بۇيان خەلقئارا دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى .
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 18~19- كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات كومىتىتى قۇياش ئېنىرگىيەسى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، گەنسۇ تەبىئىي ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇياش ئېنىرگىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ،گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇياش ئېنىرگىيە، شامال ئېنىرگىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ باشلىقى، جۇكگو ئېنىرگىيە ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى ۋېنخۇا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى زىيارەت قىلدى.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇدىر شى ۋېنخۇا يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ھەسەنجان ئابدۇللا دوكتۇر قاتارلىق شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا رايونى شىنجاڭ بىئو-مېدىتسىنا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى ئىچىدىكى شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەركىزى تەجىرىبىخانىسى، سانائەتلەشتۈرۈلگەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تەقلىدى تەجرىبىخانىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە يېشىل بىئو-تېخنىكا يۇمشاق ۋە قاتتىق دىتاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ھەسەنجان دوكتۇر شىركەت يىغىن زالىدا شى ۋېنخۇا مۇدىرغا شىركەتنىڭ ھازىرقى تەتقىقات ئىقتىدارى، ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى.9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شى ۋېنخۇا مۇدىر يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ھەسەنجان دوكتۇر قاتارلىق شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا كورلىغا بېرىپ «يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە بازىسى» نى كۆزدىن كەچۈردى.


لىيۇ يەننىڭ مۇدىر يېشىل شىركىتىدە:

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ھەيئىتى جۇڭگو مىللەتلەر سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىلمى-تەتقىقات ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى جوڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسى  مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسى ليۇ يەننىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات كومىتىتى قۇياش ئېنىرگىيەسى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، گەنسۇ تەبىئىي ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇياش ئېنىرگىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى ۋېنخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا سانائەت رايونى شىمالي سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تۈرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، كېڭەيتىش قىممىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇياش ئېنىرگىيەسى مەركىزى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېىنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان« قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات كومىتىتى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى  تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشتىن  ئىبارەت.

بۇ قېتىم ليۇ يەننىڭ مۇدىر ۋە شى ۋىنخۇا مۇدىرنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى، شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى ۋە قۇم تىزگىنلەش كەسىپلىرىنىڭ ئورگانىك بېرىكىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى شىنجاڭدىكى  ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇقېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىلىشكە ئاساس سالدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى  تۇنجى مىللىي كارخانا بولۇپ قالدى.
  2014-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شەنبە چۈشتىن كىيىن،مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيروسىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ باش سېكرىتارى يولداش جاڭ چۈنشىيەن قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.ھەمدە شىركىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان تەتقىقات مەركىزى،قۇملۇق ئالگا ئۇرۇق ئامبىرى،سانائەتلەشكەن قۇملۇق ئالگا يېتىشتۈرۈش ئورنى، يېشىل قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق تارماقلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ،خىزمەتلەرگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى.بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى خەلقئارا سەۋىيەدىكى «قۇملۇق ئالگاسى ئارقىلىق بىئولوگىيىلىك قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى »تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

زىيارەت مەزگىلىدە باش سېكرىتارجاڭ چۈنشىيەن شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ،باش دېرىكتور ھەسەنجان ئابدۇللا بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ھەمدە «يېشىل قۇملۇق ئالگا جەۋھىرى ئىچىملىكى»نى ئىچىپ كۆردى.باش سېكرىتار  باش لېدىر ھەسەنجانغا ،شىركەتنىڭ تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئىلغار تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن كىڭەيتىپ،كارخانىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشنى قاتتىق جىكىلىدى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:26:55

ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ ئىلگىرى باسسۇن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:37:56

غەيرەت قىلىڭلار
ئالگا توغرۇلۇق  سەل تەپسىلى سۆزلەپ بەرمەي ئۇنىڭ ئىقدىسادى قىممىتى ياكى كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىپ ئىچىش دىگەندەك

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:18:41

ماۋزۇدىكى يېقىندا دىگەن خەت خاتا يېزىلىپ قاپتۇ،باشقۇرغۇچى دوستلار ئېغىر كۆرمەي تەھرىرلەپ قويساڭلار! مەن تەھرىرلەيدىغان يەرنى تاپالمىدىم.

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:29:07

ھەقىقى بئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ نامايەندىسى، تەتقىقات بىلەن رايون ئالاھىدىكى زىچ بىرگەۋدىگە ئايلانغان يېشىل شىركىتىگە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن......

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 18:29:30

ئىشلىرىڭلىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:57:31

yeshil دەپ يازساڭلار توغرا بولاتتى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:10:03

خوتەنگە پويىزدا ئولتۇرۇپ بىرىپ كەلگەن ، خۇتەن بىلەن گۇمانىڭ ئارىسىدا قۇم بەك ئۈچىدىكەن ، پويىزنىڭ ئىچى قۈم  ، ئىغىزىمىزغىمۇ قۇم كىرىپ قۇم چايناپ كەلدۇق ، قاغىلىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن قۇم ئازلايدىكەن ،  تۆمۈر يول ئەتراپىغا قىلغان قۇم  تىزگىنلەش ئۈچۈن قىلغان چىغ توسۇق ……لار نىڭ زادى  ئۈنۈمى بولمىغاندەك ، قۇم تىزگىنلەيدىغان ئالگا تەتقىقاتىڭلار تىخىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا   تەكلىماكاننى پۈتۈن تىزگىنلىمىسەكمۇ    قۇملۇق كىڭىيىشىنى توسىيالىساقلا بولاتتى ، پۇلۇم بولغان بولسا سىلەرگە  بىرە مىرلىياد مەبلەغ سالاتتىم  ھى ھى ھى
  تەكلىماكاننىڭ بوستان ماكانغا ئايلىنىدىغان كۈنلىرىمۇ كىلەر ئىلاھىم

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:43:53

ئالگا دېگەن قانداق ئۆسۈملۈك ئۇ؟ ئالگا دېگەن نەچە ئاتاش؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:47:15

يازما ئاپتۇرىنىڭ بۇرۇن يوللىغان تىمىلىرىنى كۆرۈڭ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:57:04

نەچچە يەرنىڭ باشلىقى ئۇ شې ۋېنخۇا دىگەن؟ بەك چوڭ ئەرباپ ئوخشايدۇ ھە
ئەمەل مەنسەپ ناملىرىنى قويماي تولۇق يازغانغا قاراپ دەيمەنغۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:57:33

سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن

yasir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:44:43

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆز مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ  تەتقىقات مىۋىللىرى بىلەن تىزگەىنلىنىشىنى بەك ئارزۇ قىلىمەن .خۇتەندە تۇپا ياغمىسا نە قەدەر گۈزەل بۇلۇپ كېتەر ئىدى .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 10:16:29

قۇملۇقنى تىزگىنلەپ نېمىمۇ قىلار بولغىيتتىڭلار ...
تەتقىقات مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالىمىز دىسەڭلار بىر نۆرى، ھەقىقى قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلىپ قالسا سىلەرگە ناننىڭ بىر بۈرجىكىمۇ تەگمەي قالىدۇ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:51:23

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 10:16 static/image/common/back.gif
قۇملۇقنى تىزگىنلەپ نېمىمۇ قىلار بولغىيتتىڭلار ...
تەتق ...

سىز ئۇلارنى ئىشىڭلارنى توختىتىپ قويۇڭلار دېمەكچىمۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:12:14

قۇم بوراننى تىزگىنلەنسە ئاچچىقى كېلىدىغانلار بارمۇ نىمە؟ بەك ئامراقمۇ يا قۇم بورانغا

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:23:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 15:24  

شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئىلغار، يىڭى تىخنىكىسى دىگەننى باشقىلاردىن يۇشۇرۇن تۇتمامدۇ؟

ھۆكۆمەت ئورگانلىرى ئارلىشىپلا قالدىمۇ؟ بولدى، شەخسى شىركەتنىڭ تىخنىكىسى شەخسىي شىركەتكە تەۋە بولماي قالامىكىن.

قىنى، يىشىل ئالگا ئىچىملىكىنىڭ رەسىمى؟ مۇنبەرگە بولسىمۇ چىقىرىپ قويماي.

يىشىل ئالگا ئىچىملىكىنىڭ تەمى قانداقراق؟

ئىچىملىكنىڭ رەڭگى، تەمى، قويۇقلىقى، كىسلاتا- ئىشقارلىقى توغرىسىدا ئىنىق بىر چۈشەنچە بىرىۋەتسىەڭلار ؟

haktur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 19:57:36

ئالگا توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى ما تېمىدىن  كۆرۇڭ http://bbs.izdinix.com/thread-59515-1-1.html

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:29:27

شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئىلغار، يىڭى تىخنىكىسى دىگەننى باشقىلاردىن يۇشۇرۇن تۇتمامدۇ؟

ھۆكۆمەت ئورگانلىرى ئارلىشىپلا قالدىمۇ؟ بولدى، شەخسى شىركەتنىڭ تىخنىكىسى شەخسىي شىركەتكە تەۋە بولماي قالامىكىن.

قىنى، يىشىل ئالگا ئىچىملىكىنىڭ رەسىمى؟ مۇنبەرگە بولسىمۇ چىقىرىپ قويماي.

يىشىل ئالگا ئىچىملىكىنىڭ تەمى قانداقراق؟

ئىچىملىكنىڭ رەڭگى، تەمى، قويۇقلىقى، كىسلاتا- ئىشقارلىقى توغرىسىدا ئىنىق بىر چۈشەنچە بىرىۋەتسىەڭلار ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇدۇن 007 بۇرادەر ! شىركىتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ھەرقانداق شىركەت قۇرۇلۇش بىلەن شەخىسكە تەۋە بولمايدۇ،ئۇ بىر كوللىكتىپ ئاپارات بولۇپ،ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بارلىق ئىقتىسادى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ،خەلقنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ھەربىر سودا پائالىيىتىىدىن قانۇن بويىچە باج ئالىدۇ. شىركەتلەرنىڭ ھەر يىلدا تاپشۇرىدىغان ئومۇمى بېجى تەخمىنەن33%ئەتراپىدا بولۇپ،دۆلەت بۇ ئارقىلىق« بايلىقنى قايتا تەقسىملەپ، دۆلەت خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش»نى مەقسەت قىلغان. بۇ ھەرقانداق دۆلەتتە شۇنداق.  
ئەمدى مەھسۇلاتىمىز ھەققىدە توختالساق ،بىز ئاسىيا -ياۋرۇپا يەرمەنكىسىدە ئىچكىرىنىڭ بازارلىرىدىن ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلغان،بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ.  قاپنى شۇياققا ماسلاشتۇرۇپ لاھىيەلىگەن، شىنجاڭ بازىرىغا قارىتىلغان مەھسۇلاتىمىز  نىسىپ بولسا يېڭى يىلغىچە چىقىپ قالار. بۇ توغۇرلۇق خىزمەتلەرنى جىددى ئىشلەۋاتىمىز.  ۋاقتى كەلگەندە پايدىلىق پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 12:30:08

. تەكلىماكان يېشىل ئالگاسنىڭ بايقىلىشى:
يېشىل شىركىتى تەتقىقاتچىلىرى 2008-يىلىدىن باشلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئىنسان قەدىمى يەتمىگەن جايلارغا بېرىپ،  سېستىمىلىق قۇم ئېكولوگىيە تەتتقىقاتى ئېىلپ بېرىشقا باشلىغان.  شىركەت تەتقىقاتچىلىرى جاپالىق ئىزدىنىش ۋە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ-تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئالاھىدە بىئوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇملۇق ئالگا ھۈجەيرىسىنىڭ ھازىرغىچە تەكلىماكان قۇملۇقىدا مۆجىزىلەرچە ياشاۋاتقانلىقىنى بايقىدى. تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى يېشىل شىركىتى بايقىغان، تەكلىماكان قۇملۇقىدىنلا چىقىدىغان ئالاھىدە «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى» بولۇپ، ھەقىقىي ھۈجۈيرىلىك ئالگا تۈرىگە تەۋە. تەخمىنەن بىر مىليارد 500 مىليۇن يىللار ئىلگىرى، يېشىل ئالگا لەيلىگۈچى جانلىق سۈپىتىدە يەرشارىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، يەرشارىدىكى تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان ھۈجەيرە يادروسىغا ئىگە، ھەققىي يادرولۇق ھۈجەيرىسى بار جانلىق ھېسسابلىنىدۇ. يېشىل ئالگانىڭ بارلىققا كېلىشى يەرشارىدىكى ھاياتلىق مەنبەسى تەرەققىياتىدىكى بىر قېتىملىق زور ئىلگىرلەش بولۇپ، يەرشارىنى كۆك ئالگا قاتارلىق ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار ۋەكىللىك قىلغان ئەڭ قەدىمقى ئېرانى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېشىل ئالگا قاتارلىقلار ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار ۋەكىللىك قىلغان پروتېروزوي ئېراسىغا باشلاپ كىردى. ئالگا تۈرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەدرىجىي ئوزون قەۋىتى شەكىللىنىپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنى توسۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا كۆچۈش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان.
«تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى»غا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىئولوگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل ھۈجەيرە ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ مىليۇن 500 مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئىپتىدائىي تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.  بۇ بايقاش تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قەدىمدە كەڭ كەتكەن دېڭىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. شۇ چاغدىكى دېڭىز ئالگالىرى دېڭىزنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھازىرقى قۇملۇق ئالگاسىغا ئايلانغان. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش جەريانىغا شاھىد بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا دېڭىزدىن قۇملۇققا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۆتمۈشتىكى دېڭىز ئالگاسىنىڭ ھازىرقى قۇملۇق ئالگاسىغا ئايلىنىپ ئۈچ مىليۇن 500 مىڭ يىل ياشىيالىغىنى بىزگە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىقنىڭ تولىمۇ ئۇلۇغ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.
تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىدىكى بۇ خىل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتىي كۈچ دەل ئۇنىڭدىكى ئالاھىدە تەركىب- «ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF» (Chlorella Growth Factor) تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. «ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF» يېشىل ئالگا تەركىبىدىلا بولىدىغان ئاكتىپ تەركىب بولۇپ، تەركىبىدە مول مىقداردا يادرو كىسلاتاسى(RNA، DNA)، ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، پېپتىد، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار، خلوروفىل، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ساخارىد قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ماددىلار دەل يېشىل ئالگانىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شۇنداقلا يېشل ئالگا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈپ كۆپىيش جەريانىدا تەركىبىدىكى گېنلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەي ساقلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. بۇ خىل ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىدىكى ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئىنسانىيەت ساقلىقىنى ساقلاش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF» يېشىل ئالگاغا ئالاھىدە ئىقتىدار ئاتا قىلغان بولۇپ، سۇدا تولۇق ئېرىيدۇ، ئۇ ئادەم تېنىدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زەخمىلەنگەن ھۈجەيرە يادرو توقۇلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلاغا ئىگە. «ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF» يەنە، ئىمۇنىتېت كۈچى ۋە زېھنى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى:
تەكلىماكان قۇملۇقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇملۇق چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، تومۇز ئايلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 70-80 گرادۇسقا يېتىدۇ، كىچە-كۈندۈزلۈك تېمپراتۇرا پەرقى 40 گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 100مىللىمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ ئاز چاغلاردا ھەتتا 4-5 مىللىمېتىرغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەكسىچە يىللىق پارلىنىش مىقدارى 2500-3400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى مانا مۇشۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ناچار مۇھىتتا تاۋلىنىپ چىققان. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى يۇسۇن تۈرىدىكى تاق ھۈجەيرىلىك جانلىق، چوڭلۇقى ئادەم قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ باراۋېرىدە بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 مىكرومېتىر كېلىدۇ. شۇڭا ئۇنى پەقەت يۇقىرى ھەسسىلىك مىكرۇسكۇپتىلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، يېتىلگەن بىر ھۈجەيرە 24 سائەت ئىچىدە تۆت دانە بالا ھۈجەيرىگە بۆلۈنىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى كۈچلۈك فوتوسېنتىز ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئانئورگانىك ماددىلارنى سېنتىزلەپ، ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى بىرىنجى ھالقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ تەبىئى، ساپ بولغان ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئاقسىل، خىلوروفىل، سېللۇلوزا، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار، ئېنزىم، يادرو كىسلاتاسى، بىئوتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. شۇڭا، تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى ئادەم تېنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئېسىل ئوزۇقلۇق جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى سۇدا ياشايدىغان باشقا ئالگالاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان ۋە دەريالارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمىغان، بۇلغىنىشتىن يىراق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قۇملۇق مۇھىتىدىن ئېلىنغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا پەقەت تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىغىلا خاس بولغان ئالاھىدە يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
تەكلىماكاندا سۇ زىيادە كەمچىل، قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF بولغاندىلا، ئاندىن ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىدىكى CGF مىقدارىنىڭ دېڭىز ئالگاسىغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. تەكلىماكان يېشىل ئالگاسى ئۆزىگە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى توپلىغاندىلا، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈك ئوكسېدلىشىدىن ساقلىنالايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قۇملۇق يېشىل ئالگاسىدىكى تويۇنمىغان ياغ كېسلاتاسىنىڭ دېڭىز يېشىل ئالگاسىدىن 2.7 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
. تەكلىماكان ئالگاسىنىڭ رولى:
(1) ھەزىم قىلىش يوللىرىنى ياخشىلاپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛
(2) ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ؛
(3) بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ؛
(4) زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىتابولىزىمنى ياخشىلايدۇ؛
(5) ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
(1)        ھەزىم قىلىش يوللىرىنى ياخشىلاپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
تەكلىماكان ئالگاسى تەركىبىدىكى ئۆستۈرگۈچى فاكتور CGF ئۈچەي يوللىرىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەنى كۆپەيتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. CGF تەركىبىدىكى خىلوروفىل مىقدارى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەردىن 10ھەسسە كۆپ بولۇپ، خلوروفىل ھەزىم يولى شىلىمشىق پەردىسىنى قۇغدايدۇ. ئۇنىڭدا كۆپ مىقداردا سېللۇلوزا بولۇپ، ئۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
(2) ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ: تەكلىماكان ئالگاسى تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار، گلۇتائىئون قاتارلىق پايدىلىق ماددىلار كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە خىمىيەلىك ئۇسۇلدا سېنتىزلىگەن ۋىتامىنلىق دورىلارنىڭ تەركىبىدە بولمايدىغان تەبىئىي ئاقسىىل،CGF، خلوروفىل، يادرو كىسلاتاسى، زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق بەدەن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئارقىلىق، بەدەن كېسلاتالىق بەدەن مۇھىتىنى تۆۋەن ئىشقارلىق مۇھىتقا ئۆزگەرتىدۇ.
(3) بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ:
گېرمانىيە تىبابەت ئالىملىرى يېشىل ئالگانىڭ ھۈجەيرە پەردىسىدە «Soropollein» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ماددىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئېغىر مىتال ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆزىگە مەھكەم يېپىشتۇرۇپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدىكەن. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسىنىڭ كادمىينى (كادمىي تاماكىنىڭ تەركىبىدە بولىدىغان بىر خىل ئېغىر مېتال) تازىلاش رولى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان.
(4) زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىتابولىزىمنى ياخشىلايدۇ؛
تەكلىماكان ئالگاسى تەركىبىدە مول بولغان  CGFبولۇپ، ئۇ بۇزۇلغان ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى ئەزالار ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى قان تومۇردىكى تويۇنغان ياغ مۇلىكۇلىسى ۋە خولىستېرىننى پارچىلاپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قان تومۇردىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، قاننى تازىلاپ، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارنى يىلتىزىدىن ياخشىلايدۇ. دىئابىت كېسەللىرىدە  كۆرۈلىدىغان كالىي كەملىك ۋە ئاقسىلنىڭ مىتابولىزىمىنى قالايمقانلاشتۇرىشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلاپ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

(5) ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ:
تەكلىماكان ئالگاسىدىكى ئاكتىپ پولى ساخارىدلار كۆپ مىقداردا ئېنتىرفېرىئوننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى كۈچەيتىپ، زىيانلىق باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى ئازايتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ياللۇغنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ئادەم ئاسان زۇكام بولمايدۇ. شۇنداقلا، راكقا قارشى تۇرۇپ، ئۆسمە ھۈجەيرىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەكلىماكان ئالگاسى تەركىبىدە يەنە قان تولۇقلاش ۋە يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كالىي، ماگنىي، كالتىسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىقلار بولغاندىن سىرت، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان سىنىك، سېلىن ۋە يود قاتارلىق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.
بەت: [1] 2
: يېشىل بىئو پەن –تېخنىكىسىنىڭ يېقىنقى نەتىجىلىرى