ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:08:45

شىر قايتىپ كەلدى

ھىندىستاننىڭ 2014 قويغان كىنوسى.
شىر قايتىپ كەلدى ( شىر2) (Singham Returns)
ئىشلىگەن شىركەت: Ajay Devgn Films
ھىندى تىلىدا، خەنسۇچە خەتلىك

كىنو ياخشىكەن، بولۇپمۇ ئاخىرى.
قىسقا مەزمۇنى: ساقچى Singham ھەق- ئادالەت يولىدا قاتتىق كۆرەش قىلىپ ئاخىرى غەلىبە قىلىدۇ.
بۇنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلى خېلىلا ئاز،  قىزىقىدىغانلار كۆرەرسىلەر.
mkv پىچىمدىكىنى كودنى كۆچۈرۈپ چۈشۈرۈڭed2k://|file|%E9%9B%84%E7%8B%AE%E5%BD%92%E6%9D%A5.1080p.HD%E4%B8%AD%E5%AD%97%E3%80%906v%E7%94%B5%E5%BD%B1www.6vhao.net%E3%80%91.mkv|3227462919|22D84EC7F6E9B55B040906FF7BDF8772|h=FAZ6NF4WNS6DD3254ZVWYMY3AO4I52KP|/

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:20:19

يېقىندىن بۇيان ھىندىستان كىنولىرى ئاساسەن سىياسىنىڭ رەزىللىكىنى قامچىلاپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. كىنو ئارقىلىق پۇقرانىڭ دەردىنى تۆكۈۋاتىدۇ.مەيلى تېمىدىكى كىنو بولسۇن، سالماننىڭ KICKدېگەن كىنوسى ۋە ياكى ئامىنتاپنىڭ
گۇينات2، ياشىلىقستان...دېگەندەك كىنولارمۇ شۇنداق.سالماننىڭ داباڭ نامىدىكى ئىككى بۆلۈملۈك كىنوسى نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى كىچىك ۋەقەلىكلەرتى، ئاجاي مەيلى سىڭھامنىڭ 1-بۆلۈمى ياكى ماۋۇ بۆلۈمىدە بولسۇن، تېمىنى ياخشى تاللاپتىكەن. ھىدىستان كىنوچىلىقى پۇقرالىرىنىڭ دەرد ئاھىنى چولپانلارغا يۈكلەپ ئىپادىلەۋاتىدۇ. سېسىپ كەتكەن كونا مۇھەببەت ۋەقەلىك ئەندىزىلىرىدىن ئاز-تولا قۇتۇلغان چىراي. مەن ھىندىستاننىڭ مۇنۇ ئىككى كىنوسىنى تەۋسىيە قىلاي.

1. RAAJNEET
تۇپراق

2.Youngistaan
ياشلىقىستان

ئىككىلىسى سايلام ئويۇنى ھەققىدە. بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:07:50

رەھمەت     تۈركيەنڭ فەتھ ئىستانبۇل دىگەنگە ئوخشاش نادىر كىنولىرى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 15:28:12

ھىندىستان كىنولىرى بارغانسېرى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 16:11:28

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 16:24:15

ماۋۇ كىنو بوپ قۇيىدۇ، كۆرۈپبېقىڭلار .

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 17:22:02

ھازىرمۇ ھىندىستاننىڭ كىنۆلىرىنى كۇرىدىغانلار بارما  .  :lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 18:58:38

Emperor يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 15:28 static/image/common/back.gif
ھىندىستان كىنولىرى بارغانسېرى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ

شۇنداق.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 19:24:32

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 16:11 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ ھىندى كىنولىرىنى ئەڭ ئاز كۆرگۈچىلەرنىڭ بىرى ھ ...

transformer نىڭ 2- بۆلۈمى 1- بۆلۈمىدەك نوچى چىقمىغاندەك ھېس قىلساممۇ يەنىلا ياقتۇرۇپ كۆردۈم.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 19:26:53

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:20 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيان ھىندىستان كىنولىرى ئاساسەن سىياسىنىڭ ر ...

ئۇلۇنىشىنى بەرمەپسىزغۇ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:04:54

ئۇرۇشقان يەرلىرىنى بەك ساختا ئىشلىگەن فىلىم بۇ.
مۇشتلاشقان جايلىرىنى ئاستىلىتىپ كۆرسەڭلا پۇت - قولى تەگمەيلا ئىنجىقلاۋاتقان يەرلىرى كۆپكەن بۇ فىلىمنىڭ.:lol

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:43:09

ئۈچ ئەخمەق دېگەن كىنومۇ بوپ قويىدۇ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:22:05

ما كىنوسى بولدىكەن ، ئوبدان ئىشلەپتۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن . رەھمەت

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:45:19

ھېندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىلىق كۆپ، خىلى نوچى كىنولارنى ئىشلەۋاتىدۇ...ئىلگىرى مەنمۇ كۆرمەس بولۇپ كەتكەن غىتمەك كىنولىرىنىڭ دەستىدىن، كېيىن بىرەيلەننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىنى كۆردۈم، ئاندىن ئامىرخاننىڭ يەنە بىر نادىر فىلىمى «زىمىندىكى يۇلتۇزلار»نى كۆردۈم، شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى كىنولىرىغا دېققەت قىلىپ قويىمەن.
بەت: [1]
: شىر قايتىپ كەلدى