kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 04:11:06

2015-يىلى تارىختىكى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 04:15  

كىنو تارىخىغا نەزەر سالساق 1994-يىلىنى ئېسىل كىنولار ئىشلەنگەن كىنو يىلى دەپ تەرىپلەيمىز. بۇ بىر يىلدا قۇيۇلغان فىلىملەردىن   شاۋشانىكنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى肖申克的救赎، فورست گامپ阿甘正传، شىر پادىشاھ، لىئون 这个杀手不太冷، ھەقىقەت ۋە يالغانچىلىق، ئېد ۋۇد  Ed Wood، پەسكەشلىك 低俗小说، ھايات ماماتلىق پەيت 生死时速 قاتارلىق فىلىملەر ھازىرغىچە نادىر فىلىملەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە. 1994-يىلدىن ھازىرغىچە20 يىل ئۆتتى. گەرچە  بۇ 20 يىل جەريانىدا خاككىر ئىمپىرىيىسى، ھۆكۈمران ئۈزۈك، ئۆمۈچۈك پالۋان، ئاۋاتار، شەپەرەڭ پالۋان، خاررى پوتتېر، پىلانتلار ئارا ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار كىلاسسىك فىلىملەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ كىلەر يىلى يەنى 2015-يىلى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ دەپ قارالماقتا. 2015-يىلى قۇيۇلىدىغان فىلىملەر مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرىدۇ.كىلەر يىلى نۇرغۇن يىڭى فىلىملەر ئىشلىنىدۇ شۇنداقلا بۇرۇن ئالقىشقا ئېرشكەن نۇرغۇن ئابىدە خاراكتىرلىق فىلىملەرنىڭ داۋامى ئىشلىنىدۇ. تۆۋەندە 2015-يىلى قۇيۇلىدىغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ قۇيۇلۇش ۋاقتىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ فىلىملەر ئىچىدە چۇقۇم سىز ياقتۇرىدىغان بىر نەچچە فىلىم بار.
(ئالاھىدە ئەسكەرتىش : خەنزوچە سەۋىيەم ناھايتى چەكلىك،كەچلىك سىمىنا خىزمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىلغان بولغاچقا فىلىم ئىسىملېرىنى ئۆزۈم بىلگىنىمچە تەرجىمە قىلدىم. توغرىسىنى كۆپچىلىك توغرىلاپ بەرسەڭلار، قالايمىقان تەرجىمە بۇلۇپ قاپتۇ دەپ كايىپ قالمىساڭلار)


دەھشەتلىك بوراندىن قۇتقۇزۇش --飓风营救3 (ئەنگىلىيە)
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015 -يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى (ئەنگىلىيە)
رېژىسسور: ئولىۋېر مىكادون
باش رول: لېئام نېسسىن


يەتتىنچى ئوغۇل --第七子
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى
رېژىسسور: سېرگى.بودروۋ
باش رول: بېن بارنېس، جۇلىئان مۇر


سۈرئەت ۋە ھېسيات 7 --速度与激情7
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى.
رېژىسسور : جېيمىس ۋان
باش رول: مىكائىل رودرىگىز، ۋىن دىسېل..پائۇل ۋوكېر قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئىنىسى كود ۋوكېر ئۇنىڭ ئورنىدا رول ئالىدىغان ئوخشايدۇ. ماۋۇ فىلىمدە شۇنداق قىلىپ دانىئېل، مىكائىل، ۋېن دىسېئىل ئۈچ تاقىرباش رول ئالىدىغان بوپتۇ.

قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 --复仇者联盟2:奥创纪元
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
رېژىسسور: جوس ۋېىدون
بۇ فىلىم قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ داۋامى. يېشىل گىگانت، تۆمۈر ئادەم، ئۆمۈچۈك پالۋان، ئامېرىكا كاپىتانى قاتارلىق بىر پاتمان قەھرىمانلارنى بىر فىلىمنىڭ ئىچىدىلا كۆرەلەيسىز.
فىلىم ئىشلىگۈچى شىركەت: دېسنى

يۇرا دۇنياسى ---侏罗纪世界
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ فىلىم سىزنى 65 مىليون يىل بۇرۇنقى يۇرا دەۋرىگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۈچ بۆلۈم يۇرا دەۋرى 侏罗纪公园 دىگەن فىلىمنى كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يىڭى تۆت پالۋان---新神奇四侠
بۇ فىلىم تۆت پالۋاننىڭ داۋامى.


ئاخىر زامان ئۇرۇشى2(زومبىلار دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ داۋامى)--末日之战2
بىرەد پىت باش رول ئالغان بۇ فىلىم 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

قارا كېيىملىك ئادەم4---黑衣人4
ئاۋالقى ئۈچ قىسمى خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇدا ۋېل شىمىس بىلەن چېڭلۇڭ بىرلىشىپ تۆتىنچى قىسىمنى ئىشلەپتۇ. 2015-يىلى 7-ئايدا قۇيۇش پىلانلانغان.

ئاخىرلاشتۇرغۇچى5---终结者:创世纪
ئاخىرلاشتۇرۇغۇچى بۇ بۆلەكتە سىۋاشىنگىر ئۆزى باش رول ئالىدىكەن.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

مۇستەققىللىق كۈنى 2 ---独立日2
تاشقى پىلانت ئادەملېرى بىلەن بولىدىغان جەڭ. زۇڭتۇڭمۇ ئايرۇپىلان ھەيدەپ جەڭگە قاتنىشاتتى بىرىنچى بۆلۈمدە. 14 يىلدىن كېيىن ئىككىنچى بۆلۈم ئىشلىنىدىغان بوپتۇ.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


چۈمۈلە ئادەم---蚁人
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

خاسىيەتلىك ئادەم---超人:钢铁之躯2
خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ تازا كونا نۇسخىسىنى ھەممىمىز كۆرگەن. بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن خاسىيەتلىك ئادەم قايتىپ كەلدى(超人归来) بىلەن شەپەرەڭ پالۋان (蝙蝠侠) نىڭ ھەممە قىسىملېرىنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى يىڭىدىن ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەم بىلەن شەپەرەڭ پالۋان تۇتىشىپ قالىدىغاننىڭ گىپى بار.
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

قەستلەش قائىدىسى---刺客信条
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

زىرەكچاقلار سارىيى2---精灵旅社2
ئەلۋەتتە بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن يەنىلا بىرىنچى بۆلۈمنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرۈڭ. بىرىنچى بۆلۈممۇ بەك ئېسىل ئىشلەنگەن. بۇ كارتون 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

بوند 24---邦德24
يەنە شۇ دانىئىل دىگەن تاقىرباش رول ئالغان 007 نىڭ كىنوسىكەن.
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئاچلىق ئۇيۇنى 3---饥饿游戏3:嘲笑鸟(下)
ئاچلىق ئۇيۇنىنىڭ ئاۋالقى قىسىملېرى خېلى ياخشى چىقتى. ئەمدى ۋەقەلىكنىڭ تازا كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كەلدى. بۇ فىلىم 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

كىلەر يىلقى فىلىملەرنىڭ سەركىسى يەنىلا مۇشۇ .
پىلانتلار ئارا ئۇرۇش 7 ---星球大战7
پىلانتلار ئارا ئۇرۇش ئېھتىمال تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىش مۇمكىن دىگەن ئىدى. ھەر نىم بولسا يەنە كۆرەلىگۈدەكمىز. يەنە خاررىسۇن فۇت باش رول ئالغۇدەك. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


دانتىنىڭ دوزاخ سەپىرى---但丁的地狱
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ. رەسىم بىلەن فىلىم ئىسمى ماس كەلمىگەندەكلا بۇ كىنونى دانتىنىڭ ئىلاھ كۈيىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن دىگەنتى. ماۋۇ رەسىمدە دەن بىروۋننىڭ داۋىنچىنىڭ كودى دىگەن گەپلەر تۇرىدۇ. تام كىرۇس رول ئالغان كىنوكەن چۇقۇم ياخشى چىقتى. تام كىرۇس يىقىندا رول ئالغان 明日边缘 بىلەن 遗落战境 ئىككى فىلىم بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.

ئالۋاستىلار ئۇرۇشى--魔兽争霸---魔兽世界
ۋار كىرافت ناملىق شۇ ئۇيۇنغا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىم. بۇ ئۇيۇن يىقىنقى بىر قانچە يىلدا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور ئويۇنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ فىلىم 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

گۇمپىچى مۈشۈكئىيىق3--功夫熊猫3
ئىلگىركى ئىككى قىسمىمۇ خېلى قىزىقارلىق ئىشلەنگەن. لېكىن خەنسو خىزمەتداشلېرىم بىز جوڭگولۇقلارنى مازاق قىلغان فىلىمكەن دەپ قاقشاپ يۈرەتتى. مەن قارىسامغۇ ئۇنداقمۇ ئەمەستەك. بەلكىم كۈنۈپ قالغاندىمەن. ئىشقىلىپ بوپقويىدۇ بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلارمۇ خېلى ئامراق بۇ كارتونغا.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


ئىمكانسىز ۋەزىپە5---碟中谍5
تام كىرۇس باش رول ئالغان. ئىلگىركى تۆت فىلىممۇ بەك ياخشى ئىشلەنگەن. بۇداقىسىمۇ ياخشى چىقتى ھەقىچان. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇيۇلىدىكەن.


ئاكىرا---阿基拉
ئىشقىلىپ كىلەر يىلى يىل ئاخىرى قۇيۇلىدىكەن. ماۋۇ موتو ئاخىرقى فانتازىيە 7-قىسمىدىكى كىلوئۇد مىنىدىغان موتونى ئەسلىتىدىكەن.

مەن ماشنا ئادەم2---我,机器人2
机械公敌 دىگەن فىلىمنىڭ ئىككىنچىسىكەن. ۋېل سىمىس باش رول ئالغان.

مەن بىر رىۋايەت 2---我是传奇2

ئەسەبى ئىپتىدائى ئادەملەر2---疯狂原始人2
ماۋۇ كارتوننىڭ بىرىنچىسى قىزىقارلىق چىققان. ئەمدى ئىككىنچىسى چىققۇدەك.

تىراۋۇس مەگگى---特拉维斯·麦基
لىئوناردو دىكاپرىئو باش رول ئالغان ناھايتى داڭلىق رازۋىدكا رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىمكەن.

كىلەر يىلى قۇيۇلىدىغان فىلىملەردىن يەنە كارىپ دىڭىز قاراقچىلېرى، پىلانتلار ئارا ئىزىپ قىلىش(星际迷航3)، دىڭىز ئاستى دۇنياسى (海底总动员2)، بۇزغۇنچى (无敌破坏王2)، يەتتە ئەزىمەت (豪勇七蛟龙)، تېد (泰迪熊2 ) قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەر بار.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 07:31:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayawat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 08:48  

◑▂◐

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 08:26:34

نادىر كىنولار راس جىقكەن. {:87:}. كىيكى يىللى ئاللا كۆرۈشكە نىسىپ قىلسا ھەممىنىڭ 3d نوسخسىنى چۈشۈرۈپ تازا بىر كۆرمىسەم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 08:29:04

bayawat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 07:31:17 static/image/common/back.gif
بۇ فىلىملەر بىۋاستە كۆردىغان توربەتنىمۇ تەۋسىيە قىلغا
تۇغۇلمىغان موزايغا قوزۇق قېقىپما:funk:

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 08:40:50

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 08:29:04 static/image/common/back.gif

تۇغۇلمىغان موزايغا قوزۇق قېقىپما:funk:
ما گەپ ئاجايىپ كەپتۇ ئەمما ،ئۈستىدىكى بۇرادەر تىما تەپسىلى ئوقومايلا ئىنكاس يازغاندەك تۇرىدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 08:47:04

ئالدى كەينى بولۇپ تۆت قىسىملىق كارىب دېڭىز قاراقچىلىرىنى قانچە قېتىم كۆرىۋەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
بەشىنچى بۆلىمىنى 2016-يىلى چىقىدۇ دەپ كۆرگەنتىم خەۋەردە.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 08:49:46

RE: 2015-يىلى تارىختىكى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 08:29 static/image/common/back.gif
تۇغۇلمىغان موزايغا قوزۇق قېقىپما

ھى ھى ھى

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:08:51

تېخى مەن گۇمپىچى مۇشۇك ئېيىقنى دۆلىتىمىز ئىشلىگەن دەپ يۈرۈپتىكەنمەن:lol

asabi007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:16:49

شاۋشانىكنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى،ما كىنونى بىر كۇرەي دىسەم تاپالمىدىم،ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى،ياكى خەتلىكى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.!1030034926@qq.com

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:42:10

ئاۋۇ «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق» گۇمپا ساتىدىغان مۈشۈكئېيىقمىكەن؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:57:47

گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق  كارتونىنىڭ سەۋىيەسىگە دەۋلىتىمىز تېخى بالدۇر .
خوبىتلار 3 چىقمايدىغان ئوخشىمامدۇ كىلەر يىلى ؟

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:24:53

قەستلەش قائىدىسى ئەمەس، قاتىل ئەقىدىسى
ئاچلىق ئويۇنى ئەمەس، ئېچىرقىغانلار ئويۇنى
كېلەر يىلىغا پۇختا تەييارلىق قىلىپ جىققىدە پۇل يىغايلى، تاپقان پۇل كىنو كۆرۈشكە كېتىدىغاندەك قىلىدۇ:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:40:41

ئاللاھ نىسىپ قىلسا كۆرەرمىز

terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 11:16:27

ئاۋاتار2 نىمۇ كىلەر يىلى قويىلىدىكەن دەۋاتقان ... ئۇ فىلىم ھەققىدە ئۇچۇر يوقيا .

eltabir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 11:44:52

terhemek يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 11:16 static/image/common/back.gif
ئاۋاتار2 نىمۇ كىلەر يىلى قويىلىدىكەن دەۋاتقان ... ئۇ فىل ...

2016-يىلغا سوزىۋەتتى،مەخسەت كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇشقا پۇختا تەييارلىنىش بولسا كىرەك.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:44:06

كويۇلىدىغان كىنولارنى ئىچىمدە ‹بىر بىرىدىن ئىسىل كىنولاركەن› دېگەچ باشتىن بىر قۇر كۆرۈۋىتىپ، 我是传奇2 نىڭ رەسىمىنى كۆرگەندە تۇرۇپلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم.  1-سى ماڭا بەك يارايدىغان كىنولارنىڭ بىرىتى...

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:55:02

راست نوچى كىنۇلار ئىكەن، لىكىن قانداقراق ئىشلەيدۇ گەپ شۇنىڭدا،    ياخشى كىنۇلار جىق لىكىن شاۋشىنكىدىن قۇتۇلۇش، ئۇزۇك شاھ دىگەندەك كىنۇلار يىلدا بىر چىقىشىمۇ ناتايىن

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:30:14

جىددىي پەيىتتە دېگەن فىلىمچۇ؟
چىڭلوڭنىڭ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:35:25

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7982-1-1.html
ماۋۇ تېمىدا تولۇقى بار. يەنە بەك جىق كىنولارنىڭ تىزىملىكى ئايرىلىپ قاپتۇ:lol

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:46:12

شاۋشانىكنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى،ما كىنونى بىر كۇرەي دىسەم تاپالمىدىم…………………………مەن خۇيۈ تورىدىن كۆرگەنتىم
بەت: [1] 2 3
: 2015-يىلى تارىختىكى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ