waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:53:57

تەڭرىتاغ كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 19:56  

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، شاڭخەي ۋاسكېتبول ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى باشتىن ئاخىرى ئۈستۇنلۈكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 118-90  نەتىجە بىلەن رەقىبى  شاڭخەي كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى   ئاندىرى بىراچ  15 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ جوردان كىراۋفورد  25 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە  ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  ليۇۋېي  24 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 16 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  سۇۋىي 9 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 8 نومۇر،  4قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 7 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 7 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىياۋنېڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 20:45:57

خەۋەر يوللاش سۆرىتىڭىز نىمانچە تىز؟تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەيمەن.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:04:22

تەڭرىتاغ كوماندسى دىگەن بۇرۇنقى گۇاڭخۇي كوماندسى شۇمۇ ياكې بۇكوماندا يېڭدىن قۇرۇلدۇمۇ ؟

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:11:30

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:04 static/image/common/back.gif
تەڭرىتاغ كوماندسى دىگەن بۇرۇنقى گۇاڭخۇي كوماندسى شۇمۇ ...

بۇرۇنقى گۇاڭخۇي كوماندىسى شۇ

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 06:39:35

قېرىندىشىمىز شىرئەلىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن .
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسىنى يەڭدى