TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 07:41:06

تاشپولات: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى ئالىم خەمىت ھىمىتتىن ئايرىلدۇق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 07:44  

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى ئالىم خەمىت ھىمىتتىن ئايرىلدۇق

ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى، ئىلىم كۆكىدىن بىر چولپان ئۆچتى



بۈگۈن ئەتىگەن يەنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇندىدار خەۋەرلىرىنى كۆرەي دەپ تېلېفونۇمنى ئاچسام مۇسبەت خەۋەرلەر كىرىپتۇ. قالدۇرغان سۆزدە “ئاكا خەمىت ھىمىت ۋاپات بوپتۇ ئۇقتىڭىزمۇ” دەپ. بۇ سۆزنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. دەررۇ ئۇندىدارغا سۆز قالدۇرۇپ بۇ يالغان خەۋەر بۆلىشى مۇمكىن دەپ يېقىن تونۇشلىرىمغا خەت يازدىم. خەتنى يوللاپ بولۇپ نەچچە مىنۇت ئىچىدە بىرقانچە دوستلاردىن خەۋەر كېلىپ خەۋەرنىڭ راسلىغىنى ئۇقتۇردى. ئۇ ئۈرۈمچىدىن يەكەنگە 2 كۈن بۇرۇن قايتىپتىكەن. يەكەندە يۈرەك قىسىلما كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بوپتۇ. مەن ۋە ئايالىم بۇ خەۋەرنىڭ راسلىغىنى ئۇقۇپ  قاتتىق قايغۇردۇق، يۈرىكىمىز ئېچىشتى، يىغلىدۇق، مەن چوڭ ئاۋازدا ۋارقىراپ تاشلىدىم. مانا مۇشۇ خەۋەرنى يېزىۋېتىپ ئۇنۇڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرغان ئاجايىپ ئىش ئىزلىرىنى ۋە دوستلۇقىمىزنى ئويلىغاچ كۈزلىرىمدىن توختىماي ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى.



دوستۇم خەمىت ھىمىت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مەكتەپ ماۋىن مۇدىرى، جۇغراپىيە پروفېسسورى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان، خىزمەت بىلەن يەكەن ناھىيىگە چۈشكەن ئىدى. ئالىم خەمىت ھىمىت، 1960-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇ ياپونىيەگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چاڭچۈن پېداگوگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياپونچە ئۆگىنىدۇ. ياپونچە ئوقۇۋاتقىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرلىققا ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ ياپونغا چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتەن ئىچىدە ئوقۇپ ئۆز خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مىللەتكە تۆھپە قوشۇش يولىنى تالىۋالىدۇ. ئۇ ئاخىرى جۇغراپىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ فاكۇلتېتنىڭ غوللۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى بولۇپ، كۆپلىگەن دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ دىيارىمىزنىڭ مۇھىت ئىشلىرى، سۇ ئىشلىرى  ۋە تەكلىماكاننىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىنتايىن قىممەتلىك ماقالىلەرنى يازىدۇ. ئۇ دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن كۆپىنى تاماملايدۇ. ئۇ ھازىرغىچە 110 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ژۇرناللاردا 15 پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنۇڭ يازغان ئىلمى ماقالىلىرى دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.



مەن ئالىم خەمىت ھىمىت بىلەن 1980-يىلى تونۇشقان ئىدىم. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان، سىنىپ ئۆگىنىش ھەيئىتى ئىدى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئەنە شۇ يىلدىن باشلانغان ئىدى. ئىككىلىمىز توي قىلغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داڭلىق بىنا 3 يېرىم قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان ئىدۇق. ئۇ ناھايىتى ئوچۇق پېئىل، خۇش چاقچاقچى، ئاسانلا باشقىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەتتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ يەنە سۆزمەن ناتىق ئىدى. ئۇ بىر قېتىم مېنى ئۆيىگە چاقىرىپ، تاشپولات ماۋۇ ۋىناس ھەيكىلىنى كۆردۈڭمۇ، بۇ ئايالنىڭ ئىككى قولى يوق. مۇشۇ ئىككى قولنىڭ يوقلۇقى ئۇنۇڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ دەپ ماڭا ئۇ ھەيكەلنىڭ گۈزەللىكى توغرىلىق ئۇزۇن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ماۋىن مۇدىرلىق ئورنىنى خەلق ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. دوستۇم خەمىت ھىمىت بۇ ئورۇنغا 10 رىقابەتچى بىلەن سايلامغا چۈشىدۇ. ئۇنۇڭ خەلق ئىچىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى، خەلق ئاممىسى قاتتىق قوللايدۇ. ئۇ ئاخىرى ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماۋىن مۇدىرلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ شىنجاڭدا خەلق ئاممىسى سايلىمى ئارقىلىق چىققان بىردىن بىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ناھايىتى كىچىك پېئىل بولۇپ ھوقۇقىنى كۆز-كۆز قىلىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ راسنى راست يالغاننى يالغان دەيدىغان مۇدىر ئىدى. شۇڭا ئۇ خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن چوڭ ئابرۇيغا ئىگە ئىدى.



2008-يىلى بىزنىڭ پەخىرلىك دۇنيادا بىردىن بىر ئەتراپ قىلغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئىلمى دوكلات سۆزلەش پۇرسىتىنى مانا مۇشۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز خەمىت ھىمىت بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. مەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ دوكلات بېرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى دوستۇم خەمىتكە ئۇقتۇرغان ئىدىم. ئۇ شۇ ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ شۆھرەت مۇتەللىپ ۋەتەندىن چىقمىغان ئىكەن دەپ ئەنسىرەپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قايىل قىلىپ ئۇنۇڭ ۋەتەنگە بېرىپ ئىلمى دوكلات بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات قىلغاندا، دوكلات يىغىنىدا سوز قىلىپ، شۆھرەت مۇتەللىپكە پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋاننى بېرىدۇ. ئۇ بېيجىڭغا مەخسۇس بىر ئادەم ئەۋەتىپ شۆھرەت مۇتەللىپنى كۈتۈۋالىدۇ.ئۇ ئامەرىكاغىمۇ كەلگەن بولۇپ بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولغان ئىدى. بىز لوس ئانجېلېستىكى ساياھەت ئورۇنلىرىغا بىرگە بېرىپ كۆپ پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن بىلىم ئىگىسى بولۇپ ۋەتەن خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى.



مەن بۇ يىل 6-ئايدا ۋەتەنگە بارغىنىمدا خەمىت ھىمىت بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇ يەكەن ناھىيىسىگە خىزمەت ئىشى بىلەن چۈشۈپتىكەن شۇڭا ئۇنۇڭ بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئۇنۇڭ ئوغلىدىن ماڭا خەت كېلىپ، كېلەر يىلى فىزىكىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋاننى ئالىدىغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكادا ئوقۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىن بولسا كەسىپ تاللاشتا ياردەمدە بۆلىشىنى سوراپتىكەن. مەن ئۇنۇڭغا خەت يېزىپ ماڭا بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىشىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى خەۋەر بېرىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنلەردىن ئۇنۇڭغا خەت يازاي دەپ ئولتۇرسام ماۋۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىمنى ئۇقالماي قالدىم. ئاھ نېمىدېگەن رەھىمسىز دۇنيا بۇ! ئوغلۇم ئىليار خاتىرجەم بولغىن ئاتاڭ بىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق ئاتاڭنىڭ بىزدەك دوستلىرى سېنى ۋە سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن مېھرىبان ئاناڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ياق بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر خەلقى ئاتاڭدەك مېھرىبان ئوغلانىنى مەڭگۈ يات ئېتىدۇ. سېنى ھەرگىزمۇ يات قويمايمىز. سېنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن نېمە كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈمىدىڭنى ئادا قىلىمەن. دوستۇم خەمىت ھىمىت، سەن ياش كەتتىڭ بىراق قالدۇرغان يۈكسەك روھۇڭ، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىرايىڭ، كىچىك پەئىللىغىڭ، دوست دېگەننى قەدىرلەيدىغان روھۇڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قالدۇرغان ئۆچمەس روھۇڭ بىزدە مەڭگۈ يات ئېتىلىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. دوستۇم ھەمىت ھىمىتنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئامىن.



ئەسكەرتىش: پروفېسسور، مەكتەپ مۇدىرى، ۋە جۇغراپىيە ئالىمى دوستۇم خەمىت ھىمىتنىڭ نامىزى ئەتە يەنە يەكشەنبە چۈشتە  نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلىدۇ…ئورنى كونسۇل كوچىسى دوقمۇشىدا.















musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:03:07

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ  ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي!

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:05:20

بۇ  ئالىمنىڭ ئوغلىمۇ ئالىم بولغاي!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:06:12

پەزىلەتلىك ئادەم ئىدى، چوڭ-كىچىك دىمەيتتى،ھەربىر سۆز-ھەركەتلىرىدىن ئىلىم ئىگىلىرىگە خاس سۈپەت چىقىپ تۇراتتى ... ئەمەلگە ھېرىسمەن بولغان بولسا بۇ ۋاقىتقىچە تېخىمۇ يۇقرى ئورۇنغا ئۆسۈپ بولاتتى،ئەمما ئۇ ئاۋۋال بىر ئالىم ئىدى...
خەيىر ...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:12:19

ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي.
ھەي، مۇشۇ يىللاردا زىيالىلىرىمىزدىن، ئېسىل ئادەملىرىمىزدىنلا ئايرىلىپ كېتىۋاتىمىز...

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:22:06

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا    فاكۇلتىتتا مۇشۇ   ئەدەم   كۆزۈمگە بەكرەك   ئىسسىق كۆرۈنەتتى، سۇ  رايى   دەرسىمىزنى   مۇشۇ  ئادەم   ئۆتىدىغان  بولاپ  كىيىن  دوكتۇر   ئاسفىرانتى  ئۆتكەنتى، خەيىر! ئىنساننىڭ   دۇنيالىق   ھاياتى   مۇشۇنداق   قىسقا، ئاللاھ  مەرھۇمنىڭ   ياتقان   يېرىنى   ئۆزى   خاھلىغان   يەدە   قىلسۇن!

tuyghu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:25:14

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان  يېرىنى جەننەتتە  قىلغاي!
نىمە  ئۈچۈن مېيتنى  ئەتە  يەرلىكتە  قويدىكىنە؟
يەرلىككە  قانچە  تىز  قويۇش  مېيىت  روھى  ئۈچۈن  ياخشى  ئىدىغۇ؟!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:48:13

چوڭ مۇسىبەت بوپتۇ ...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:48:21

راستلا بىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بوپتۇ ....
ئاللاھ تىن ئۇ دۇنيالىقىغا ئاسانلىق تىلەيمەن .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 10:09:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 10:11  

كەتكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى اللا مەغپىرەت قىلسۇن!
كەتمىگەنلىرىمىز ھەر كۈننى پۇرسەت بىلىپ، جەننەتكە لايىق بولغۇدەك ەمەللەرنى قىلىپ ياشىشىمىزنى، اخىرەتتىكى مەرتىۋىمىزنىڭ يۇقۇرى بولىشى ۈچۈن تۇغرا ېتىقاتنى ىزدىشىمىزنى ۈمىد قىلىمەن. اخىرەتكە بارغاندا پۇشايمان قىلمىغۇدەك بولىشىمىزنى ۈمىد قىلىمەن.

ھايات ىنسانغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ىنسان شۇنداق ياشىشى كېرەككى، ۆتكەن ىشلىرى ەسلىتىلىدىغان كۈنى-يەنى،زەررىچە ياخشى ىش ۋە زەررىچە يامان ىشنىڭمۇ نەتىجىسىنى كۆرىدىغان كۈنىدە خۇشال بولىدىغان بولسۇن. شۇنداقلا « يەنە قايتا ياشاش پۇرسىتى بولسىچۇ-ھەييييي!» دەپ پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن!

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 10:45:44

خەلقىمىز  ئۇچۇن  يۇقۇتوش بوپتۇ  ،مەرھۇمنىڭ ياتقان  يىرى جەننەتتە  بولسون.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 11:20:47

مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي.

ئاللا ئالىملىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 11:53:50

ئالىمىمىزغا جەننەت تىلەيمەن
ئاللاھىم ئالملىرمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بەرگىن

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 11:59:17

tuyghu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 09:25 static/image/common/back.gif
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان  يېرىنى جەننەتتە  قىلغاي!
نىمە ...

مېيىتنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلدى.

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:02:56

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:37:07

بۇ تېمىنى سەھەردە كۆرسەمچۇ، ئۆينىڭ تورى توختاپ كېتىپتىكەن، چىقىپ تور پۇلىنى تۆلەپ يېنىشىمدا، نوغاي مەسچىتنىڭ ئالدىدا ساقچىلار قاتناشقا يىتەكچىلىك قىلىۋىتىپتىكەن، بىرەر ئىش بار ئوخشايدۇ دەپراق ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، نامىزىغا قاتنىشىپ ياناتتىمكەن.
ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:41:57

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:14:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 13:16  

ئاللاھ ئالىمنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق جەننەتتە قىلسۇن، مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ بەرسۇن، بىزنىمۇ شۇلارنىڭ ئېزىنى بىسىپ مېڭىشقا نەسىب قىلسۇن.

مۇسبەتلىك يىللاردا، ئاللاھ ئەمەللىرىمىزنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىسۇن.
http://pan.baidu.com/s/1kTyvYBH

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:24:54

بۇ ئىككى يىلدا تۆۋەنگە خىزمەتكە چۈشكەن قېرىنداشلىرىمىزدىن 30 نەچچە كىشى تۇيۇقسىز كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئاللا ئىگەم ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي، ئامىن!

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:25:08

مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولسۇن !
بەت: [1] 2
: تاشپولات: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى ئالىم خەمىت ھىمىتتىن ئايرىلدۇق