function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:16:11

ماۋزۇسىز

        قىزىم تېخى يەسلى يېشىغىمۇ توشمىدى، ئويناپ كۈلۈپ-يىغلاپ يۈرىدۇ. خۇدايىم ئۆمرى-بەختىنى بېرەر دەپ تىلەيمەن. تۇيۇقسىز قىزىمنىڭ چوڭ بولغان مەلۇم بىر كۈنى ياتلىق بولۇپ كېتىدىغىنىنى ئويلاپ بەك بىئارام بولۇپ كەتتىم، ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان، نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئچچىق، ئىشقىلىپ شۇنداق بىر خىل ئېچىشىنىشلىق، ئازاپلىق ئىشتەك...
       شۇنچە زور ئازاپقا چىداپ ماڭا قىزىنى بەرگەن قېيناتامغا ۋە باشقا بارلىق قېيناتىلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، قانداق چىدىغاندۇ؟ قانچىلىك بىئارام بولغاندۇ؟   قىزىنىڭ توي بولغان كۈنى ئىچىدە قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ؟  ئۆزەمنىڭ قېيناتا بولىۋاتقان ھالىتىمنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم، ئۇ خىيالدىن دەرھال ئۆزۈزمنى قاچۇردۇم.
      خوتۇنۇمنى ۋاقت پۇرسەت بولسىلا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا زورلايدىغان بولدۇم، داداڭنىڭ ئەتراپىدا جىقراق يۈرگىن دەيدىغان بولدۇم، ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمىسەڭمۇ مەيلى، كىرىمنى يۇيمىساڭمۇ مەيلى، قېشىمدا ئولتامىساڭمۇ مەيلى ، داداڭغا جىقراق ھەمرا بولغىن دېدىم.
      خوتۇمنىڭ دادىسى خوتۇمنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، خۇددى مەن قىزىمنى ياخشى كۆرگەندەك، خوتۇنۇمنىڭ دادىسى خوتۇم تۇغۇلغاندا  يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولۇپ خۇشاللانغان، كېچىچىدە يىغىسىنى ئاڭلىغان.... تاكى ماڭا بەرگىچە ئۇنىڭ قېشىدا ئىدى،  تويۇقسىز تويى بولدى، باشقا بىر ئەركىشى بىلەن كەتتى......  قېيناتا، قىزىڭنى يېنىڭغا جىقراق ئەۋەتەي....
..............................................................................................................................................................

       ھېچنېمىدىن ئەسەر قالمىغان، ھەممە ئۆزگەرگەن، ئۆزگەرمەي ئەسىلى ھالىتى بىلەن قالغان ھېچنېمە قالماپتۇ.
مەن چوڭ بولغان، كىچىكلىك گۆدەك يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن، قايسى ئۆينىڭ قانداقلىقى، قايسى ئىشىكنىڭ نېمە رەڭلىكى، نەدە دېرىزە بارلىقى، نەدە تۈڭلۈك بارلىقى، قايسى ئىشىكنىڭ كەينىدە كالتا سۇپا بارلىقى شۇنداق ئېسىمدە بار دادام سالغان مەن چوڭ بولغان ئۆي ئىككى قېتىم چېقىلىپ قايتا سېلىنىپ بولدى، ئەسلى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، شۇ كىچىكىمدىكى ئۆينىڭ ھالىتى غۇۋا ئېسىمگە كەلسە، يۈرىكىم ئۆرتىنىپ كۆزۈمگە ياش تولىدۇ. ھەممە ئۆينىڭ تۈڭلىكى بار ئىدى، رۇجەكلىك ئاشخانا بار ئىدى....  قىشلىرى قاتار ئورانلار سېلىنسا، كىمنىڭ قۇچىقىدا يېتىش توغرىسىدا تالاشتا قالاتتۇق.  ھويلىدا گۈللەر بار ئىدىم ھازىر ھېچنېمە يوق، باغدا شاپتۇل-ئۈرۈكلەر بار ئىدى، ھازىر يوق... كۆللەردە چانا ئوينايتتۇق، كۆللەرمۇ قالماپتۇ، قار بەك ياغامىكىن تاڭ يولغا ياققان قارلار  ئېرىپ مۇز بولۇپ كېتەتتى، يولدىمۇ چانا ئوينايتتۇق. يول-ئېتىزلاردا تىك-تاڭ ئوينىغان، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى مەرەم ئوينىغان، كۈنلەرنى ئويلاپ ئىچىم سىيرىلدى.  
.....................................................................................................................................................
چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم ئاكام-ئاچام بالىلىرى دېگەندەك تۇققانلار باركەن، خۇشال بولدۇم، بىنا ئۆيدە قىستىلىپش ئولتۇرۇپ تاماك يېدۇق. كەچەت كەلسەم ئۇلار يەنە باركەن، خۇش بولدۇم يۇ ئارام ئالالماي كۈڭلۈم بىرقىسىم بولۇپ قالدى، ۋاراڭ چۇرۇڭ .... ئۆيدە بالامنى بېقىپ بېرىۋاتقان ئاچاممۇ بالىنى ئۇخلىتالماي بەك بىئارام بولاپتۇ.
      ئاچام دەيدۇ: بۇرۇن بۇنداق باياشاتچىلىقمۇ ئەمەستى بولمىسا، قايسى توققاننىڭ ئۆيىدە كەچ بولسا شۇ يەردە قونۇپ، ئويناپ، نەچچە كۈن قونۇپ تېخى، ھېچكىم ھېچقانداق ئويلىمايتتى، چوڭ ئۆيدە ئون نەچچە نەۋرە كۈندەك شۇ يەردە يۈرتتۇق، قوناتتۇق، ھېچكىم بىزگە ھېچنمە دېمەيتتى..... ھازىر قانداق زامان بولاپ كەتتى، بىنا ئۆيدە شۇنداق بولامدۇ يا؟  مەن ئويلىدىم بىنا ئەمەس ئۆي بولسىمۇ ھازىر دېگەن ھازىركەن، ھامىنى بىئارام بولىدكەنمىز.
....
داۋامنى بار ...

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:04:58

ياخشى سىلىشتۇرمىلار ئىكەن، داۋامىنى ساقلايمىز...

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:33:10

:o

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:01:33

بىر نىمە دىمەي تۇراي

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:27:37

تەسىرلەندىم، ئوماققىنە ياخشى يېزىلىپتۇ.:loveliness:

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 21:45:08

مەن يازغاندەكل:handshakeا يېزىپسىز رەھمەت.
بەت: [1]
: ماۋزۇسىز