wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:36:07

تىرىشىۋىدىم ،قىلالىدىم !پوزىتسىيە بەك مۇھىم



بىر قارىسام پو ئېتىپ ئۆزىنى ماختاۋاتقاندەك گەپلەر ئىكەن بۇ دەپ يازغانلىرىمنى يۇيىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم ،لېكىن ئاكتىپ پوزىتسىيە ،ئوچۇق روھىي ھالەتنىڭ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى  قېزىپ ،روھىي ھالىتىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىپ  كۆزلىگەن نىشانىغا ئېلىپ بارالايدىغان ئىشەنىچ ۋە كۈچ ئاتا قىلالايدىغانلىقى  ھەققىدە  مېنىڭ راس ئىشلار خاتىرەمنى  يەنىلا يازدىم ،ئۈمىدىم بىرەر ياش  قېرىندىشىم بولسىمۇ ئىلھام مەدەت ئېلىپ كۆز قاراشلىرى ئۆزگىرىپ ئاكتىپ روھىي ھالەتلىك  كىشىلەر قاتارى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
   ۋاپادارىم912

2009-يىلىنىڭ 11-ئايلىرى ئىدى ، شېركەتنىڭ ھەر يىللىق ياشلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە تۈر قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن -ئوچۇقىنى ئېيىتقاندا  سان  تولدۇرۇش ئۈچۈن  ،بىزنىڭ تارماق شېركەتتىن كەسپىمىزگە ئائىت بىر كىچىك يېڭىلىقنى  تېزلىك بىلەن پۈتتۈرۈپ  تەييار قىلىپ بولدۇق ،لېكىن بۇ تۈرنى سەككىز مىنۇتلۇق دەرىسلىك قىلىپ نەق مەيداندا سۆزلەش ۋەزىپىسى  بۆلۈمدىكى  يېشى ئەڭ كىچىك ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان ماڭا يۈكلەندى ،شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم ،چۈنكى سەھنىگە چىقىپ سەككىز مىنۇت  سۆزلەپ چۈشۈشكە ئىشەنچىم يوق ئىدى .باشلىققا دېدىم ،مەن قىلالمەيمەن ،لېكىن ئۇ سەن تىرىشماي تۇرۇپ قانداق بىلىسەن ،سەن چوقۇم سۆزلەيسەن ،باھانە كۆرسەتمەي ئاۋال دەرىسلىكنى ياخشى تەييارلا ،ئاندىن رەسمىي مۇسابىقە بولغۇچە يىغىن زالىدا رەپىدىس قىلىمىز دېدى .
-ئامال بولمىدى ،ماڭا ۋاز كېچىش پۇرسىتى قالمىدى ،قانداق قىلىش لازىم ،چوقۇم تىرىشىپ  بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش لازىم ،ھەپتە ئون كۈنلۈك  تەييارلىقتىن كىيىن مۇسابىقە باشلىنىپ ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ  ئېلان قىلغان تۈرۈم ياشلار يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى .قانچىلىك ھايا جانلانغىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ،شۇنىڭدىن كىيىن ئىختىيارسىزلا بۇ ئىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم ،ئەلبەتتە بىر ئىشنى ياخشى كۆرسىڭىز كۈنۇ-تۈن شۇنىڭ كويىدا يۈرىدىغان گەپ ئىكەن ،خۇددى ئاشىقى بىقارار بولغان يارى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقمىغاندەك ،ياندۇرقى يىلىدىن باشلاپ  بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاكتىپ بىر خىل روھىي ھالەتتە نەق مەيداندا ئۇچىرىغان قىيىنچىلىقلارنى ،ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىلىلەرنى ئويلايدىغان ،قانداق قىلغاندا ھازىرقىدىنمۇ ياخشى قىلغۇلى بولىدۇ ،تېخىمۇ ياخشى  ئامالى بارغۇ بۇنىڭ دەپ شۇنىڭ كويىدا يۈرىدىغان ،چارە ئىزدەيدىغان بولدۇم ، دېگەندەك  توكچىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ،ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ  ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلغان  ئىككىنچى تۈرۈم 2012-يىللىق ياشلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئېرىشتى ...بۇ ئىشقا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى .شۇنداق قىلىپ نەق مەيداندا ئۇنىڭ بۇنىڭ كويىدا يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم . بەش يىلدا سەككىز تۈرنى  سەھنىگە ئەپچىقىپتىمەن ،بەش تۈر بىرىنچىلىككە ،بىرى ئىككىنچىلىككە ،ئىككى تۈر  مۇنەۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى .  قول تۇتۇپ ئىشلىگەن بۇ تۈرلىرىمنىڭ ئىچىدە شېركىتىمىزنىڭ تۇنجى كەشپىيات پاتېنىتى ۋە يەنە ئىككى قوللىنىشچان پاتېنىت بارلىققا كېلىپ پاتىنىت گۇۋاھنامىسىدىن ئۈچى بار بىر "كەشپىيات"چىغا ئايلىنىپ قالدىم ،ئويلاپ باقسام بۇ تۈرلەر ھېچقانداق يۇقىرى تېخنىكىلىق  نەرسىلەرمۇ ئەمەس ،پەقەت توك كەسپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۆنۈم ئاشۇرۇدىغان ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇلمىلار ئىدى .قىلالايدىغان دائىرە ئىچىدە تىرىشىۋىدىم  تىرشچانلىق  بىكارغا كەتمىدى ،ئىقتىسادى جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى ۋە باشقا ئەگەشمە مۇكاپاتمۇ يىغسام 60مىڭغا يېقىن  بولۇپ قاپتۇ ،بەش يىلدىن كىيىنكى ھازىر ئويلاپ باقسام شۇ ۋاقتىدىكى پوزىتسىيەم يەنى ئاكتىپ روھىي ھالەتتە تۇتقان پوزىتسىيەم كەسپىي ھاياتىمدا  مۇشۇ بىر يولنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەپ  بولۇپتۇ .ناۋادا شۇ ۋەزىپە ماڭا يۈكلەنگىنىدە ۋاز كەچگەن بولسام ئىدىم بۈگۈنكى بۇ بىر تارماق غەلبە شەرەپ ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلار ماڭا نىسىپ بولماس بولۇرئىدى .
-ناپالىئون خىئول -مەغلۇپ بولۇش نورمال ئىش ،چۈشكۈنلىشىش نومۇسسىزلىق ،مەغلۇبىيەتنى تەكىرارلاش ئاپەتتۇر  دېگەن ئىكەن ،
مەيلى نېمە ئىش قىلىڭ دۇرۇس ئىش قىلىۋاتقان بولسىڭىزلا تىرىشساق يەتكىلى بولمايدىغان نىشان يوق ئىكەن .
مەن تىرىشتىم ،لېكىن تېخى كۆزلىگەن پەللىگە يەتمىدىم ،مەن تېخىمۇ تىرىشىشىم ،تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ گۈزەل غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەڭ گۈزەل كۈنلەرنى بەرپا قىلىشىم كېرەك ،بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل ،چۈنكى مەن قىلالايمەن .تىرىشىڭ ،سىزمۇ قىلالايسىز ...
  خەۋەردە يېزىلىپ قالدىيا ، ئۇسۇلدا مەسلە باردۇ ،لېكىن نىيىتىم بەك ساپ ۋە دۇرۇس ،پەقەت يازغىنىم بىرەر ئىنسانغا بولسىمۇ مەدەت ئىلھام بولۇپ قالسا شۇنىڭغا رازىمەن ...:loveliness:

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:52:11

ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق. ئەلانى بېسىۋەتتىم.

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:03:01

ئەيساجان يازسسا يۈرەككە تىگىدۇ  ئەلا

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:03:20

مەدەت ئالدىغان ئادەم بىر داننى سۆرەپ كىتىۋاتقان چۈملىدىنمۇ ئالەمچە ئىلھام  ئالالايدۇ

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:30:37

رەھمەت ئەزىزلەر ، ۋاقىت ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتىدۇر ،مەيلى نېمە ئىش ،نېمە كەسىپتە بولايلى ،تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك قەدىر  قىممىتىنى يارىتىپ ياشايلى .:)

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:35:58

مەنمۇ سىناپ باقاي

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 01:57:16

راست دەيسىز ۋاقىت ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىغا بەرىكەت بەرسۇن!
كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ئېسىل تېما!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 07:55:39

ۋاقت -ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر!

ئۆيگە ئېسىل ھۆسنىخەت قىلىپ يېزىۋالغۇدەك گەپ بوپتۇ بۇ.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:10:04

ھەممە ئادەمدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممە ئادەمدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان جۈرئەت ۋە ئەستايىدىللىق بولۇشى ناتايىن. سىزگە تېخىمۇ زور نەتىجىلەر تىلەيمەن.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 16:12:34

ئىنساننىڭ كامىللىقى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنى بىلىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەم ئۆزىنى پەقەت تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ئۆزىنى چۈشۈرمەسلىكى، ھەر ۋاقىت ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە تەپەككۈرنى ھەمراھ قىلىشى زۆرۈر. ئەيساجاننىڭ يۇقارقى يازمىسىدىن مۇشۇنداقراق مەنانى چۈشەندىم. :)

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:15:49

كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بولۇشى مۇمكىن ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىزگە چوقۇم قىلالايمەن دەيدىغان بىر تىرىشچانلىقنى ئاتا قىلسا ،پاسسىپ پوزىتسىيە بىزگە «نېمانچە شور پىشانىمەن ،نېمىشقا مەن بولىمەن ،باشقىلارچۇ »بىر تالاي باھانە سەۋەپلەرنى ئاتا قىلىدۇ ، ھەر بىر پۇرسەت بىزگە بىر دوقمۇشتۇركى بۇ دوقمۇشتىن قايرىلساق تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەر بىزنى كۈتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .
ئۆز ئارمانلىرى يولىدا تىرىشىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە گۈزەل ئىقبال يار بولغاي .

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 21:02:11

مەسىلە ئاقىل ئۈچۈن سۇئال، نادان ئۈچۈن باھانە!
مانا بۇ مەن ئۆزىمگە ھەم ئوقۇغۇچىلىرىمغا دائىم دەيدىغىنىم!
ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭ بولسۇن، ئەيساجان! سالامەت بولۇڭ!

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 01:40:57

رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:38:42

توغرا دەيسىز. ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئۈچۈن شۇ ئىشقا تۇتقان پوزۇتسىيە ھەممىدىن مۇھۇم ،دەپ قارايمەن.تىرىشىشمۇ مۇھىم. لىكىن ئالدى بىلەن شۇ ئىشقا قانداق پوزۇتسىيە قىلسا بىزگە شۇنداق پوزۇتسىيە بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. نىيەت ئەلا دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ. ئاللا ئىلىرىڭىزنى بەركەتلىك قىلسۇن.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 22:38:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەيساجان!سىز بىلەن ئاللاھ بۇيرىسا بىر يۈز كۆرۈشىمەن.

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 06:51:55

gapbar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 23:03 static/image/common/back.gif
مەدەت ئالدىغان ئادەم بىر داننى سۆرەپ كىتىۋاتقان چۈملى ...

سىز يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى چىقىرۋەتسىڭىز بولاتتى  ئادەمنى تەقەززا قىلماي {:181:} .  مەن تېخى سىزنى تورغا چىقمىغان چېغى دەپتىمەن  ئەسلى باشقىلانىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ يۈرۈپسىزدە  ،   بىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ!!{:181:} {:181:}

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 06:52:50

تىمىڭىز ئادەمگە ئېلھام ، مەدەت بولىدىكەن   ،  رەھمەت!!!

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:05:45

ئېسىل تىما {:112:}

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:31:57

ئادەمگە ئۇنداق پۇرسەتلەر نەچچە كېلىدۇ مۇھىمى شۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتا.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:09:07

سىزنىڭ شۇ چاغدىكى تىرىشچانلىقىڭىز قىلالمايمەن دىگەن ئىدىيەدىن كەلگەن.  باشقىلار قىلالايمەن دەپ  دەپ ئويلاپ كۇچىماغان بولسا سىز قىلالمايمەن دەپ ئەنسىرەپ راۋرۇس كىچىغان. تۇنجى غەلبە سىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان قىلغان. قالغىنى بولسا سىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز
بەت: [1] 2
: تىرىشىۋىدىم ،قىلالىدىم !پوزىتسىيە بەك مۇھىم