GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:25:24

4D پرىنتىرلاش تېخنىكىسى دەيدۇ

يېقىندا تېخى 3D پرىنتىرلاش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ، ھەم بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سىن ھۆججەتلىرىنى ۋە مودىل مەھسۇلاتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، يېڭى بىر پىرىنتىرلاش دەۋرىگە كىرگەنلىكىمىزگە ئىشىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، چەتئەلدە 4D پرىنتىرلاش تېخنىكىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار باشلانغان چىراي. قىزىققانلار تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

http://player.youku.com/player.php/Type/Folder/Fid/23044219/Ob/1/sid/XNzg5NDk5NTMy/v.swf

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:36:39

ئادەتتە ئۈچ ئۆلچەمدە مەلۇم ھەجىم تۇلۇق ئىپادىلىنىدۇ ، ئۇنداقتا ئۈچ ئۆلچەم بىلەن تۆت ئۆلچەمنىڭ قانداق پەرقى بار ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:46:31

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 21:36 static/image/common/back.gif
ئادەتتە ئۈچ ئۆلچەمدە مەلۇم ھەجىم تۇلۇق ئىپادىلىنىدۇ ،  ...

ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىم شەكلىنى ئۆزگەرتەلىسە 4D بولىدىكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:01:05

ئۇنداقتا 4D ماھىيەتتە ئۈچ ئۆلچەمنىڭ ئالاھىدە بىر قىسمى ئوخشايدۇ ...

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:17:38

ئۈچ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆلچەملەرنى يالغانمىكىن دەپ ئويلايمەن، مەسلەن تۆت ئۆلچەم، بەش ئۆلچەم دېگەنلەرنى

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 00:14:10

بىر ئۆلچەملىك جىسىم چىكىت،ئۇزۇنلۇق كەڭلىكى بولمايدۇ.ئىككى ئۆلچەملىك جىسىم كەڭلىك ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ مەسىلەن كىۋادىرات،تىكتۆتبۇلۇڭ.ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇق كەڭلىكىدىن باشقا قېلىنلىقى بولىدۇ.مەسىلەن بىر ئۇچىراتقان ھەر قانداق ئەمەلى جىسىم.بۇلارنىڭ ھەممىسى ماكان ئۆلچىمى،تۆتىنچى ئۆلچەم بولسا زامان ئۆلچىمى مەسىلە تۆت د كىنو دېسە شۇ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتقا بارغاندەك ھېس قىلدۇرالايدىغان كىنو دېگەندەك دەپ چۈشىنىمەنغۇ مەن.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 08:46:43

ئۈچ ئۆلچەمگە زامان ماكان قېتىلسا تۆت ئۆلچەم بولدى دېگەن گەپ ، ماۋۇ تۆت ئۆلچەملىك پىرىنتېر دېگىنى شارائىتقا بېقىپ ئۆزىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتەيدىغان قۇيمىچىلىقنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمما لېكىن بىراق بۇ ئۈچ ئۆلچەم تۆت ئۆلچەم پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى قىيامەت بوپ قالمىسىلا ئاللاھ خالىسا كەلگۈسى يىگىرمە ئوتتۇز يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ كېلىدۇ . بىر كومپيۇتېر بىر پىرىنتېر بولسا مانتا تۈگۈش ، لەغمەن خېمىرى چىقىرىش ، ئىستاكان، ئورۇندۇق ، ئاياغ ، كومپيۇتېرغا ئۈستەل ، بالىلارغا ئويۇنچۇق ، ئۆزىمىزگە ماشىنا .... ئىشقىلىپ خىيالىمىزغا كەلگەنلىكى نەرسىلەرنى بىر كۇنۇپكا بىلەن خۇددى قاپاقتىن چىققان دېۋە « تەلىۋىڭنى دە ھەممىنى ئورۇنلايمەن » دېگەندەكلا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا قىلالايمىز

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:24:00

بۇ ئادەم تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ، بۇ دىگەنلىرى ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ئۇ دىگەن يۇمشاق دىتاللارنىمۇ بىر يىل بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان. بۇ يۇمشاق دىتال قەغەزدە يازىدىغان ئىشنى كوميۇتېردا يېرىم ئاپتوماتىك قىلىپ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

يەنە يېقىندا بىر خىل ھاشارەتىنىڭ قانىتىنى يىغىش ھالىتىنى تەقلىد قىلىپ ئالەم بوشلىقىدا ئىشىلىتىدىغان سايمانلارنى يىغىلىپ كىڭىيەلەيدىغان قىلغان بىر لاھىيەنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقىنى كۆرگەن.

بەلكىم خاتا ئويلاپ قالغان بۇلۇشۇم مۇمكىن ،مېنىڭچە بۇ ئۈستىدىكى پاراڭ باشقا ted پاراڭلىرىدەك قىزىقارلىق بولماپتۇ.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 10:18:44

imirghazi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 08:46 static/image/common/back.gif
ئۈچ ئۆلچەمگە زامان ماكان قېتىلسا تۆت ئۆلچەم بولدى دېگە ...

ئاياغ  ،  ماشىنا  ، ئويۇنچۇق ، لەغمەن ۋە مانتا ............ ۋەھاكازالانى چىقىرىدىغان بولساق ئۇنداقتا ئۇنىڭ خام ماتىيالىغا ( ھازىرقى رەڭنىڭ ئورنىغا ) نىمە قۇيىمىز ؟؟ خىروممۇ ، پولات - تۈمۈرمۇ ، سوليومۇ ، ئۇن - ياغ - گۆشمۇ ؟؟؟؟؟:lol ;P

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 18:42:02

  كىيىنچە 4000د پىرىنتىرلاش چىققاندا ئالدىراپ قالسام ئۆزەمنى كۈپەيتىپ ۋاقىتتىن ئۇتىمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 18:43:57

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 10:18 static/image/common/back.gif
ئاياغ  ،  ماشىنا  ، ئويۇنچۇق ، لەغمەن ۋە مانتا ............ ۋ ...

ئوت-چۆپنى قوي-كالا يەپ خۇرۇم چىقىرىدىغۇ، كىيىنچە ئوت-چۆپنى شۇنىڭغا سالسا بىراقلا خۇرۇم ۋە گۆش چىقارمىكىن...

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 18:51:25

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 18:43 static/image/common/back.gif
ئوت-چۆپنى قوي-كالا يەپ خۇرۇم چىقىرىدىغۇ، كىيىنچە ئوت- ...

خۇرۇم ياخشى چىقماي قالسا كەينى تەرەپتىن سالسا ئالدى تەرەپتىن ئوت چۆپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:14:43

بىر چاغلاردا CINEMA 4D چىقىپ ئۈچ ئۈلچەملىك يۇمشاق دىتال ئىشلىتىدىغانلارنى ھاياجانلاندۈرۋەت.maya .3ds max لار ئۈچ ئۆلچەملىك بولسا CINEMA 4D تۈت ئۈلچەملىككەن دەپ ،ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ھەيۋەتلىك ئىسمى بىلەنلا Maxon نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىگە بولىۋالغانغۇ دەيمەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:05:36

بۇلامۇ خەنسولادىن ئۆگىنىپ ئۇقۇمنى قالايمىقان قىلغىلى تۇدىمۇ نېمە، MP5 MP6 دېگەندەك.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:57:10

شۇندقراقتەك ،،بۇ يەردە بىر خىل ئۇقۇمنى خاتالاشتۇرۇش باردەك .ئۈچ ئۈلچەم ئەمەلىيەتتىمۇماكانغا قارىتىلغان يەنە گىئومىتىريەدىكى نۈل نۇقتىدىن باشلانغان x.y.zئۇقلىرىغا نىسپەتەن مىنوس ياكى پىلۇس يۈلنىشىگە ئىگە نۇقتىلاردىن ماكان ھاسىل بۇلىدۇ،شۇڭا گىئومىترىيە ماكاننىڭ ھەرقانداق بىر نۇقتىسىنى ھىساپلاپ چىقىرىپ بىرەلەيدۇ.
ئەمدى بىر ئۈلچەملىك زاماننى قۇشۇپلا. تۈت ئۈلچەم دەۋەلسا ،سەل غەلىتە تۇرامدۇ نىمە؟
ئالىي مەكتەپتە ماتىماتىكا،گىئومىتىريەنىڭ ئالىيسىنى ئۆگەنگەنلەر دەپ بېقىڭلار.ئۈچ ئۈلچەملىك ماكانغا، بىر ئۆلچەملىك زامانى قۇشۇپ ھىساپلاش ئېلىپ بارغىلى بۇلدىغان بىرەر نەزىريەۋىي ئاساس بارمۇ -يوق؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:16:39

ئىككى كۈن ئالدىدا، «بۈيۈك گەپلەر » (The BIG Talk) پروگىراممىسىنىڭ  «3 ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى دۇنيانى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىدۇ» ناملىق بىر لېكسىيىسىنى قويدى، قىزىقۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .
http://www.iqiyi.com/v_19rrn1itao.html
سۈنئى ئىدراك بىلەن ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى بۇ 3D بېسىش بىلەن بىرلەشسە، 4- قېتىملىق ئىنقىلاپ ئېلىپ كېلىشىى مۈمكىن ئىكەن .
لەغمەن، نان،سامسىدىن تارتىپ جىگەر،  لىپەك، ... ھەممىسى مۇشۇ تېخنىكا بىلەن تامامەن ئەمەلگە ئاشىدىكەن .
سۈئى ئىدراكلىق ماشىنا ئادەملەر ئۆزىنى ئۆزى ياساپ تەدرىجى تەرەققىيات بىلەن يۇقۇرى ئاڭغا ئىگە ماشىنىلارغا ئايلانسا، ئادەم نىمە بولماقچى؟
لېكسىيە ئاخىرىدا دىيىلگەن 3 باسقۇچلۇق ئىنقىلاپ  كىشىنى ئويغا سالىدىكەن .

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 15:52:33

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 18:51 static/image/common/back.gif
خۇرۇم ياخشى چىقماي قالسا كەينى تەرەپتىن سالسا ئالدى ت ...

;P    بۇ ئىنكاسقا كۈلمەي تۇراممىدىم :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:53:43

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:16 static/image/common/back.gif
ئىككى كۈن ئالدىدا، «بۈيۈك گەپلەر » (The BIG Talk) پروگىراممى ...

  بەزى يىڭى ماشنىلارنى يولغا قۇيۇشتىن ئىلگىرى شۇ ئىشنى قىلىۋاتقان ئىشچىلارنى باشقا ئىشقا تەربىيلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۋىتىپ ئاندىن يولغا قويمىسا ئىشچىلار جەمىيەتكە بىسم بۇلىدۇ.

  
بەت: [1]
: 4D پرىنتىرلاش تېخنىكىسى دەيدۇ