parxat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 18:47:43

بەيدۇ ھەميانى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەنلەر كاتتا سوۋغىغا ئېرىشىدىك...


بەيدۇ ھەميانى –بەيدۇ شىركىتىنىڭ توردا چىقىم قىلىش سۇپىسى، ئۇ بەيدۇ شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى بارلىق مەھسۇلات تۈرلىرى ۋە كۈرمىڭلىغان كارخان شۇنداقلا ئابونتلار ئوتتۇرىسىدا «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينايدىغان تور بانكىسى بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە ھېساب ئاغدۇرۇش، پۇل ئۇرۇش، ھەق تۆلەش، قىممەت تولۇقلاش قاتارلىق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەيدۇ ھەميانى يەنە «بەيدۇ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ھېساب باشقۇرۇش، قەرز ئېلىش، مەبلەغ توپلاش» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاشۇرۇلما قىممەت مۇلازىمەتلىرى بار…
قىسقىسى، بەيدۇ ھەميانى ئالى بابا گوروھى بايرىقى ئاستىدىكى جىفۇباۋ بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى تور بانكىسى، توردا چىقىم قىلىش سۇپىسىدۇر.
تەۋسىيە قىلىشتىكى سەۋەب:
بەيدۇ ھەميانى مۇلازىمىتى ئابونتلار سانىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، شۇنداقلا «قوش 11» تەنھالار بايرىمىنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن، كەڭ ئابونتلارغا يېڭىدىن ئىتىبار مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويغان.
1. يېڭىدىن تېزىملاتقان ئابونتلار بەيدۇ ھەميانىنى ئىشلەتسە، 10 يۈەن سوۋغا قىلىنىدۇ. شەرتى پەقەت بەيدۇ ھەميانىغا تېزىملاتقاندىن كىيىن، بانكا كارتىسى ئارقىلىق پەقەت ۋە پەقەت 0.01 يۈەن، يەنى بىر پۇڭ يۆتكىسىڭىزلا، ھېساباتىڭىزغا 10 يۈەن قاچىلىنىدۇ، سىز بۇ پۇلنى يانفونىڭىزغا تېلفون ھەققى قىلىپ قاچىلىۋالسىڭىزمۇ ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەيدۇ ھەميانىغا تېزىملىتىش ئادرىسى:
http://qianbao.baidu.com/hd/bb?invite_code=7SUY5BCN
كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودىنى ئىشلەتسەڭلا بولىدۇ؛
http://qianbao.baidu.com/huodong/0/qrcode?size=4&text=http://qianbao.baidu.com/hd/bb?invite_code=7SUY5BCN
2. بىر پۇڭ بىلەن ئالاھىدە ئەرزان باھادا مال سېتىۋىلىش مۇلازىمىتى
بۇنىڭدا بەيدۇ ھەميانىغا تېزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، بىر پۇڭ بىلەن مال سېتىۋىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ، ئاددىي مىسال، بىر پۇڭ تۆلەپ 100 مىگابايت ئېقىم مىقدارى سېتىۋىلىش دىگەندەك، سېتىۋىلىشقا بولىدىغان مال تۈرلىرى بەك كۆپ....
بەيدۇ ھەميانىغا تېزىملىتىش ئادرىسى:
http://1.baidu.com/?invite_code=7SUY5BCN
كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى ئىشلىتىپ چۈشۈرسەڭلا بولىدۇ؛
http://qianbao.baidu.com/huodong/0/qrcode?size=4&text=http://1.baidu.com/?invite_code=7SUY5BCN
ئەسكەرتىش: يېڭىدىن تېزىملاتقۇچىلار يۇقارقى ئىككى خىل ئىتىبار مۇلازىمىتىنىڭ پەقەت بىر خىلىدىن پايدىلىنالايدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 19:45:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 19:49  

....

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 19:51:37

بىر سىنىتقا نىمىمۇ كېلەر؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 19:52:11

بولدىلا
ئالىپاي ئىشلىتىۋېرەي

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 19:55:10

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 04:49:35

biotech0990 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 19:55 static/image/common/back.gif
ئىمران ھۈسەيىن لىكسىيەلىرىدە كۆپ قېتىم ئالتۇننىڭ ئورن ...

راس ئاز بولمىغان يېقىن كەلگۈسىدە قەغەز پۇل ياۋرۇپادا ئەمەلدىن قالىدىغان ئوخشايدۇ، نەدە كۆردۈم بىر يەردە كۆرگەن تازا ئىسىمدە قالماپتۇ. شىۋېتسىيەمۇ ئىشقىلىپ بىر دۆلەت پات يېقىندا قەغەز پۇلنىڭ ئىزىغا باشقا بىر نەرسە چىقارغۇدەك.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:29:42

نەچچە كۈن بۇرۇن بەيدۇنىڭ ئاقسۇدىكى تارمىقىدىن ئادەم كېلىپتىكەن بىزنىڭ بازارغا. مەخسۇس شۇ بەيدۇنىڭ ئاشۇ ھەميانىنى تەشۋىق قىلىپ دېتال چۈشۈرۈپ خەققە قاچىلاپ بەرسەڭ پۇل كىرىدۇ. كىرگەن پۇلنى بەيدۇ ھەميانى ئارقىلىق چىقىرۋېلىپ خەجلەيسەن دەپ. بەيدۇدىن مەخسۇس ھېسابات ئېچىپ بېرىپ كەتتى تېخى. بۇلار ئالىپاينىڭ ئورنىغا دەسسىگىلى كۈچەۋاتقان ئوخشايدۇ قارىسام.

paylasof يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 10:04:53

قەغەز پۇل ئەمەلدىن قىلىپ  لاتا پۇل چىقسا  شىم كاستيۇم تىككۈزۈپ  كەيسەم ھى ھى ھى .....

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 11:46:45

مەن ئىمران ھۆسەيىندىن بۇرۇنراق پەرەز قىپ بولغان
پۇل دىگىنىمىز  شۇ رەقەم يىزىلغان قەغەز باشقا نەرسە ئەمەس ،ئەمدى نىمىشقا ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئالدى دىسەك شۇ مەلۇم مىقداردىكى ئالتۇننىڭ قىمىتىگە ئىگە بولغاچقا ، نىمىشقا رەقەم يىزلغان قەغەزنى ئالتۇننىڭ ئورنىغا ئىشلىتىمىز؟ چۈنكى بىر باغلام غولپىيازغا لايىق ئالتۇن پارچىلاپ ئىشلىتىش سەل قولايسىز،ئۇنىڭدىنمۇ قۇلايلىق نەرسە نىمە؟ قەغەز چۈنكى ھەرخىل قىممەت بىرىپ ھەرخىل قولايلىققىغا ئېرىشتۈرىدۇ ،كىيىنكى تەرەققىيەت نىمە؟ قەغەز ئىسراپ قىلمايلى قەغەزگە يازغان رەقەمنى ،رەقەم پىتى ئىشلەتسەك تېخىمۇ قولايلىق ،قەغەز ئىسراپ بولمايدۇ 0.001سىنىتنىمۇ خەجلەش مۇمكىن بولىدۇ ،قولايلىق ھەممەيلەن يانفۇن كومپىيۇتىر قاتارلىق ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ھەميان قىلىش ئارقىلىق ، مەسەلەن بىر دېھقان بىر باغلام كۈدە باھاسى 0.5سىنىت بولسا دېھقاننىڭ تېلفۇنىغا  ئۆزۈمنىڭ تىلفۇنىدىن ئاغدۇرۇپ بەرسەم ()ئارلىقتىكى مەشخۇلاتلار راۋان قولايلىقلاشتۇرۇش كىرەك
ھەرقايسى ياش ،ئىلىم پەرقى بارلارمۇ ئىشلىتەلەگۈدەك
قۇلايلىق بولسا ، ساختا پۇلچىلار ئوغرىلار  ئۈمۈتسىزلىنىپ كىتەتتى

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:01:06

مال دۇنيارىمىزنى  بانكىدا قويۇپ رەقەملىشىپ كەتسەك ئىش چاتاق . قىلدىن قېيىق كەتسىڭىز ھىساپنى گۈم توڭلىتىدۇ دە بىردەمدە قەلەندەرگە ئايلىنىدىغان گەپ ، شۇڭلاشقا يەنىلا ئاز تولا ئالتۇن ساقلىغان ياخشى :P

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:14:28

XXXXYXXXX 发表于 2014-11-9 12:01:06 static/image/common/back.gif
مال دۇنيارىمىزنى  بانكىدا قويۇپ رەقەملىشىپ كەتسەك ئىش چاتاق . قىلدىن قېيىق كەتسىڭىز ھىساپنى گۈم توڭل

دەل توغرا ئېيتىڭىز

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:25:41

لازىملىق نەرسىلەرنى قانداق سېتىۋالىدىكەنمىز؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:10:43

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 09:29 static/image/common/back.gif
نەچچە كۈن بۇرۇن بەيدۇنىڭ ئاقسۇدىكى تارمىقىدىن ئادەم ك ...

مۇمكىن بولسا سەل تەپسىلىرەك ئېيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، مەن بىر تىجارەت زالىدا سېتىلغان يانفۇنلارنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى قىلاتتىم، ئاساسەن يانفۇنلارغا سىستىما ۋە ئەپ قاچىلايتىم، قولايلىقراق بولسا مەنمۇ سىناپ باقسام بوپتىكەن...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:18:01

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 13:10 static/image/common/back.gif
مۇمكىن بولسا سەل تەپسىلىرەك ئېيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ...

كومپيۇتېر دېتاللىرىنى قاچىلاشكەنتۇق. يانفوننىڭ يوقكەن .

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:16:15

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:52:25

ئەمدى بۇلار كىيۇ كىيۇ نىڭ پەي پەي بىلەن ياكى جىڭدۇڭنىڭ  پۇل تۈلەش سۇپىسى بىلەن ھەمكاشلاشسا بولىدۇ:lol:lol:lol:lol:lol

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:52:59

مەن ئىسىمىمنى كىرگۈزسەم چېكىتنى تۇنىمىدىغۇ سىلەر قانداق تۇنۇتتىڭلار ؟:)

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 16:13:16

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 17:36:11

@ilter   نىمىگە قۇشۇۋالدۇق غۇجام  

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 18:07:42

بەت: [1] 2
: بەيدۇ ھەميانى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەنلەر كاتتا سوۋغىغا ئېرىشىدىك...