Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:59:33

قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخسى يېڭىلاندى!

ەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك توردشلار ۋە بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان شوپۇرلۇق ئۆگىنىۋاتقان دوستلار
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز تۈزۈپ چىققان قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر، يانفون ۋە تور بەت نۇسخىلىرى كەڭ شوپۇرلۇق ئۆگىنىۋاتقان دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشگە ئېرىشتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىل يەنى 2014-يىلى 7-ئايدا قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يېڭىدىن قوشۇپ چىققان 200 سوئالنى (1-پەنگە 100 سوئال، 4-پەنگە 100 سوئال) يانفون نۇسخىسىغا بىر ئاي بۇرۇن يېڭىلاپ بولغان ئىدۇق. ھەمدە شوپۇرلۇق تورىمىزدا ۋە شوپۇرلۇق ۋېيشىن سالونىمىزدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كومپيۇتېر نۇسخىسىغىمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ 200 سوئالنى ئوڭۇشلۇق يېڭىلاپ بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلدۇق. يەنى بۇرۇنقى 1.0 نەشرىنى 1.1 نەشرىگە كۆتۈرۈپ بۇرۇنقى 1-پەندىكى 1141 سوئالنىڭ سانىنى 1241 سوئالغان. 4-پەندىكى 800 سوئالنىڭ سانىنى 900 غا كۆتۈرۈپ بۇ قېتىملىق نۇسخىسىغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئىقتىدارنى قوشۇپ چىقتۇق.
كۆرۈنمە يۈزلىرى:


1-ئىقتىدار:
سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تىزىملىتىش كۆزنىكىدىكى «مۇلازىمەت نومۇرى»، «كومپيۇتېر نومۇرى» ۋە «ئىجازەت نومۇرى» نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكۈچى بىر قېتىم كىرگۈزۈپ قويۇپ كېيىنكى قېتىم سىستېما قاچىلىغاندا يوقىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ سىستېما تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا شۇ كومپيۇتېرنىڭ C رايونىغا Qutyar.png نامىدا بىر رەسىم شەكىلدە تىزىملاش ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان قىلدۇق. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:




نېمىشقا تىزىملاش ئۇچۇرىنىڭ رەسىمىنى «C» رايونىغا قىلدىڭلار؟ دەپ سورايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن.
بۇنى سەۋەبى مۇنداق: كومپيۇتېرنىڭ بارلىق دىسكا رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە D, E, F رايونلارنىڭ بولۇشى ناتايىن. ناۋادا بىز D, E, F دېگەندەك رايونلارغا ساقلايدىغان قىلىپ قويساق ناۋادا شۇ كومپيۇتېردا ئاشۇ رايونلار بولماي پەقەتلا C رايون ئاشۇ 3 رايوندىن باشقا رايونلار بولسا ئۇ چاغدا تىزىملاش ئۇچۇرىنىڭ ئۇ رەسىمى ساقلىنالمايدۇ. ئەمما ھەممە كومپيۇتېرلاردا C رايون چوقۇملا بار. شۇڭا بىز ئۈنۈمۈك ئۇسۇلنى قوللىنايلى دەپ ئۇچۇر ساقلايدىغان ئورۇننى C رايون قىلىپ بەلگىلىدۇق. ئىشلەتكۈچىلەر شۇ ئۇچۇرنى ئۆزى D ياكى باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈپ ساقلىۋالسا بولىدۇ.

2-ئىقتىدار:
بۇرۇن 1-پەن ۋە 4-پەن تەقلىدىي ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بېرىپ 1-پەندە 11 سوئالنى، 4-پەندە 6 سوئالنى خاتا ئىشلىسە داۋامىنى داۋاملىق ئىشلەشكە بولمايتتى. ئەمما بۇ قېتىم بىز ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ شۇ سوئاللارنى خاتا ئىشلەپ قويسىمۇ داۋاملىق ئىشلەيدىغان قىلدۇق.  يەنى سىز 11 سوئالنى ۋە 6 سوئالنى خاتا ئىشلەپ قويسىڭىزمۇ «بىكار قىلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق داۋاملىق ھالدا ئىمتىھان بېرەلەيسىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


سىستېمىنى يېڭىلاش ئادرېسى: www.xopurluk.com

يېڭىلاش ئۇسۇلى:
تور بېكىتىمىزدىن كومپيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرمەيلا (يەنى بۇرۇن قاچىلانغان نۇسخىسىنى ئۆچۈرمەيلا قويۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ) چۈشۈرگەن Setup.exe نى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

ئاخىرىدا ھەرقايسى قوللىغۇچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا بەرسەڭلار قارشى ئالىمىز.



قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار شوپۇرلۇق تورى
قۇتيار تور بېكىتى

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:45:19

بۇنىڭ باھاسى قانچە بوپ كەتتى يۈسۈپجان


كومپيۇتېر نۇسخىسىنى سېتىۋالغانلارغا يانفۇن نۇسخىسىنى قۇشۇپ بېرەمسىلەر يا :lol:lol:lol:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 16:29:33

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 15:45 static/image/common/back.gif
بۇنىڭ باھاسى قانچە بوپ كەتتى يۈسۈپجان




80 كوي قىلدۇق. 1-4-پەن بىللە چىقىدۇ.
ئۇنداق قىلمىدۇق. ھەممە ئادەم تەڭلا ھەممىنى ئالمايدۇ ئۆزىگە قايسى ياقسا شۇنى ئالىدۇ ئەمەسمۇ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 17:18:45

قانچە خىل تىللىقى يۈسۈپجان ئۇ ؟


Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 17:45:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 17:47  

بىزنىڭ بۇ يەردە شوپۇرلۇق ئۈگۈنۈش دېتالىنى خەلق ئاساسەن كومپىيۇتېر دۇككانلىرىدىن سېتىۋالىدۇ ۋە خېلى ئوبدان سېتىلىدۇ. ئۆتكەندە شىركىتىڭلارغا تېلفون قىلىپ ، ۋاكالەتچىلىك ۋە سېتىش يوللىرى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىمنى دېۋىدىم ،ئەمما تېلنى ئالغۇچى كۆڭۈلشىمىدى. مېنىڭچە ۋاكالەتچىلەردىن ئالدىن زاكالەت پۇلى ئېلىش ياكى بىرقېتىمدا مانچىنى ئالساڭ بولىدۇ دېيىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق.
بىرىنجى پەن ۋە تۆتىنجى پەننىڭ سىرىتقاسېتىلىش باھاسى 80 يۈەن بولسا ،ئاز پاز قىممەت ھېسابلىنىدۇ ئەمما كۆپ قىممەتمۇ ھېسابلىنىپ كەتمەيدۇ.
مەن تۇرغان شەھەردە قەشقەرسوفتنىڭ دېتالىنى (سىرىتقا سېتىلىشى 50يۈەن) ۋە خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بىر دېتالنى ساتىمىز.(بۇ بەك ئەرزان 20-30 سوم ،ئەمما ھەممىسى مۇشۇنىڭغا كۆنۈكلۈك)ئەمما بۇلاردا بىرىنجى پەن ۋە تۆتىنجى پەن ئايرىلغان.
دېمەكچىمەنكى ، بۇ دېتالنى ساتقۇچىلارغا ئارتۇق تەلەپ قويماي ،باھانى مۇقىم ۋە كونتىرول قىلىپ ، سېتىۋەرسەڭلار ياخشىمىكىن دەيمەن. چۈنكى 95%كىشى توردىن بىر نەرسە ئېلىشنى بىلمەيدۇ ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ،ئۆزى بىلىدىغان دۇككانغا بېرىشنىلا بىلىدۇ.
ۋاكالەتچىلىك بېكىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى : ئېنىق ۋە مۇقىم بولغاندەك قىلغان بىلەن ، سېتىش مىقدارى شەكسىزكى چەكلىك ۋە تۆۋەن بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۈگۈن ھەرقايسى ماركىلىق كومپىيۇتېرلارنىڭ سېتىش شەكلى شۇنچە ئەركىن قىلىنىۋىتىلىدۇ؟ (
چۈنكى بەزى چاغدا ھەتتا ۋاكالەتچىلەردىن ۋاكالەتچى ئەمەس كومپييۇتېر دۇككانلىرى كۆپرەك ساتالايدۇ)...
بىر شەھەردە سېتىش نۇقتاڭلار ئەركىن بولۇپ ،ئون دۇككاندا سېتىلسا ،بىر ۋاكالەتچىدە سېتىلغاندىن مۇقەررەر كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئون دۇككاننىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدار مەنبەسى ،ئىشەنچىسى بولىدۇ. سىلەر بىر ۋاكالەتچىگە قاراپ قارساڭلار، باشقا دۇككانغا مال بەرمىسەڭلار ،باشقا دۇككانلار چوقۇمكى ئۆزى ھەمكارلاشقان باشقا دېتاللارنى سىزنىڭكىدىن ناچار بولسىمۇ سېتىپ چىقىرىۋىرىدۇ .
كۆپ گەپ قىپ كەتتىم. بۈگۈن بىركۈن جىددى ئىشلەپ سەل چارچاپ قالدىم. بەلكىم ئويلىغانلىرىمنى تولۇق چۈشۈنۈشلۈك ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن، سېتىش يوللىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:07:11

مەنمۇ ئاقسۇ ئەسىر سودا سارىيى 2-قەۋەتتە يانفۇنغا سېستىما قاچىلاش ۋە مەخپى نۇمۇر ئېچىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.. مېنىڭ يېنىمغىمۇ بەك تولا كىلىدۇ شوپۇرلۇق ئىمتاھان سېستىمىسىنى قاچىلتىدىغانلار...مەندە 2013-يىللىق شوپۇرلۇق ئىمتاھان سېستىمىسىنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسى بار ئىدى.. باشقىلارغا 30 سومدىن قاچىلاپ بىرەتتىم.. بىراق ھازىر يېڭى يىللىق سۇئاللار يېڭىلىنىپ كەتكەچكە ئۇ كونا نۇسخىسىنى قاچىلمىدۇق...ھازىر باشقىلار كىتاپخانىنىڭ يېنىدىكى مۇئەللىم ئېلىكتىرون دۇكىنىدا قاچىلاتقىلى تۇرۇپتىمىش... يانفۇن نۇسخىسىنى 30 سومدىن.كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى 50 سومدىن قاچىلاتتۇق دەمدۇ ئىشقىلىپ ...مۈمكىن بولسا ئۈستىدىكى تورداشنىڭ دىگەنلىرىنى ئويلىشىپ بېقىڭلار....   13999064242

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:36:22

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 17:18 static/image/common/back.gif
قانچە خىل تىللىقى يۈسۈپجان ئۇ ؟

شەخسلەر نۇسخىسى پەقەتلا ئۇيغۇرچە. بىر تىللىق.
شوپۇرلۇق مەكتەپ نۇسخىسى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىللىق. لېكىن خەنزۇچە تىلىنى تېخى قوشمىدۇق. تەلەپ قىلغان مەكتەپلەرگە قوشۇپ بېرىمىز  دەپ تۇرىۋاتىمىز.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:50:30

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 17:45 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بۇ يەردە شوپۇرلۇق ئۈگۈنۈش دېتالىنى خەلق ئاساسە ...

ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلىقى راست، ئەمما بولساق بولىتى دەيدىغانلارمۇ خېلى بار ھەم بىزمۇ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭمۇ شۇ ئورۇندا مۇقىم ئادىمىمىز بولىدىكەن، ھەم شۇ رايوندىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىمۇ پايدىسى باركەن دەپ قىلىۋاتىمىز. ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئېلانلاارنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىمىز.
سىز دېگەن ئۇ قەشقەر سوفتنىڭ 50 كويلۇقىنى بىزمۇ بۇرۇن ساتقان. بىر پەننىڭ ئۆزى 50 كوي. بىز ئىككى پەننى 80 كويدىن قىلدۇق. كېلەر يىلى 3-ئايدا بىزمۇ شۇ 50 كوي باھادا قىلىپ 1-4-پەننى ئايرىۋەتمەكچى. شۇنداق بولغاندا ئاشۇلارنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلىشىدۇ دېگەن گەپ. ئىقتىدار ۋە سوئالنىڭ توغرىلىق نىسبىنى باشقىلارنىڭكىدىن خېلا يۇقىرى، بەلكىم ئۇ ئىقتىدارىڭ ۋە سوئالىڭنىڭ توغرىلىقى خېرىدار ئالدىدا ئاقمايدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن ئەمما دەماللىققا ئاقمىغان بىلەن كېيىنلىكتە يەنىلا ئاقىدۇ. چۈنكى خەق بۇ سىستېمىنى ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەرمەن دەپ سېتىۋالىدۇ، ئۇ كونا سىستېمىنى ياكى سوئال خاتا سىستېمىنى سېتىۋېلىپ ئۆتەلمىسە ساتقانلارنى ۋە ياسىغانلارنى ئىچىدە مىڭنى تىللايدۇ. بىز پۇل تېپىشنىمۇ ئويلىدۇ ق ئۆگەنگۈچىلەرنىمۇ ئويلىدۇق، سوئال يېڭىلانسا تېز سۈرئەتتە يېڭىلىدۇق، ئامال بار شۇلارغا قولايلىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق.
ئەمدى ئاۋۇ تېلېفون قىلغاننىڭ ئىشىغا كەلسەك سىز كىمگە تېلېفون قىلدىڭىز ئۇنى ئۇقمىدىم، بىز ئەزەلدىن تېلېفون كەلسە پەرۋاسىز قاراپ باقمىدۇق. بەلكىم ئۆزىڭىزگە زاكالەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا خوش ياقماي تېلېفوننى قويۇۋەتكەنسىز. شۇنداقلار بەك جىق بولدى. بىز زاكالەت ئالماي قىلساقمۇ بولۇۋرىدۇ، چۈنكى بىزدىن بەك جىق چىقىم كەتمەيدۇ. ئېلان تەشۋىقا ئىشلىرىنى قىلىشقا چىقىمنى ئۆزىمىزمۇ چىقىرىپ مېڭىۋاتىمىز، ئەمما بىز بىر تونۇمايدىغان ئادەمگە مانچە تال دەي، مانچە تال كىتانى مۇنداقلا تاشلاپ بېرىپ سېتىڭ، ئېلان مانا چاپلاڭ، شۇ ئورۇندىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىڭ دەپ قويساق ئۇلارغا خوش يېقىشى ناتايىنكەن. ھەم شۇنداقلارمۇ چىقتى. بىز ئۇ پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بىر يىل ئىچىدە شۇ ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ھەم شۇ ئادەمنىڭمۇ بىزدە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەد قىلدۇق. بۇ زاكالەتنى بەرمەيمىز دېمىدۇق، بىر يىلدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىمىز ياكى مال بېرىمىز. بۇنىڭ ئەسلا خاتاسى يوق. سىز دېگەندەك ۋاكالەتچى تۇرغۇزمىساقمۇ توردىن ساتقان سانىمىز ۋاكالەتچى ۋە دۇكىنىمىزغا كېلىپ ئالغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ. ھازىر ئۇچۇر دەرۋى بولغاچقا بىز پۇل سېلىپ بەرسىلا نومۇرنى شۇ ھامان يەتكۈزۈپ بەردۇق. (ئەمدى بەزەندە 8-9 لاردىن كېيىن قالسا كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ئەتىسى تىزىملاپ بەرگەن ئىشلارمۇ بار).

ئاخىرىدا سىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ بەرگىنڭىزگە رەھمەت.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:53:55

gherip928 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 10:07 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئاقسۇ ئەسىر سودا سارىيى 2-قەۋەتتە يانفۇنغا سېستى ...

ئاشۇ مۇئەللىمنىڭ دۇكىنىنى ئاچقىنى مېنىڭ دوستۇم مۇشۇ مۇنبەردىمۇ با ئۆزى.
سىلەرنىڭ تېلېفون بازىرىدا بىزنىڭ بۇرۇنقى ھەقسىز ئەپنى ۋە ئالماسنىڭ سىستېمىنى قاچىلاپ بېرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.
ئۇ دوستۇممۇ شۇ بىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋاتىدۇ، باھاسىمۇ شۇ بىر تۇتاش بېكىتكەن باھا. كومپيۇتېر نۇسخىسىمۇ 80 كوي، 50 كوي ئەمەس. خاتا ئاڭلىۋالغان ئوخشايسىز.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:11:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 13:14  

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 12:50 static/image/common/back.gif
ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلىقى راست، ئەم ...

ئەمدى ئاۋۇ تېلېفون قىلغاننىڭ ئىشىغا كەلسەك سىز كىمگە تېلېفون قىلدىڭىز ئۇنى ئۇقمىدىم، بىز ئەزەلدىن تېلېفون كەلسە پەرۋاسىز قاراپ باقمىدۇق. بەلكىم ئۆزىڭىزگە زاكالەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا خوش ياقماي تېلېفوننى قويۇۋەتكەنسىز.
---
بەزى چاغدا تورداش دېگەن ماڭا قېرىنداش ،سەبداش دېگەندەك ئۇقۇملارنى ھېس قىلدۇرىدۇ.بولۇپمۇ ئىزدىنىش تورىدىكىلەر شۇنداق.
شۇڭا سەمىمىي تەكلىپ بەرگىم كەلدى. مەن شىركىتىڭلارنىڭ مۇقىم تېلفونىغا ئۇردۇممۇ ياكى يانفونغىمۇ تازا ئېسىمدە يوق. ئەمما تور بېتىڭلاردىن ئىزدەپ ئۇرغان. زاكالەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويىۋەتمىدىم. بەلكى مۇشۇ پىكىرلەرگە ئوخشاش پىكىر بىرىۋىدىم قارشى تەرەپنىڭ گەپ قىلىش ئاھاڭىدا(بەلكىم چارچاپ قالغان بولىشىمۇ مۈمكىن) روشەن خۇشياقماسلىقنى ھېس قىلدىم. بىر ئەر كىشى ئېلىۋىدى.
چۈنكى مەن ئىزچىل مۇشۇ خىلدىكى دېتاللارنى سېتىش ۋە قاچىلاپ بېرىش بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. مەن تۇرغان شەھەردە ھازىر ئاساسەن ئۈگۈنىۋاتقانلار يېزا ئاممىسى 90%. ئۇلار قايسى دېتالنىڭ ياخشىلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق. قەشقەرسوفتنىڭ ئاۋۇ خەنزۇچە تەرجىمىلىكىدىن پەقەت 20 سوم قىممەت بولغىنى بىلەن ،ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ،قولاي ئوڭلۇق تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئىنتىھاندىن ئۆتۈشىگىمۇ پايدىسى بار ئىدى. شۇنچە چۈشەندۈرسەكمۇ يەنە شۇ چالا تەرجىمە قىلىنغان 20-30 سوملىقىنى سېتىۋالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئيېتقىنىمدەك : بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز بىز ئاساسەن نېمىنى تەۋسىيە قىلساق شۇنى ئېلىپ چىكىتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىزگە ئىشەنگەنلىكىدىن ،ئەلھەمدۇلىللاھ...بىزمۇ ئىمكانقەدەر ياخشىسىنى ئېيتىمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال باشقا دۇككانلاردىمۇ بار دەپ قارايمەن.
شۇڭا يۇقارقى بىر قاتار پىكىرلەرنى بېرىۋىدىم. ئىككى پەننى پارچىلاپ ئايرىم قىلىپ ،تەننەرخنى چۈشۈرۈشنى ئەمدى تېخى سىلەرگە تەۋسىيە قىلاي دىۋىدىم، ياخشى ئويلاپسىلەر.
بۇنداق بولغاندا دەماللىققا خەقنىڭ قۇبۇل قىلىشى تېز بولىدىكەن.
خۇلاسە: مەقسەت- ئۆزۈم چۈشەنگەننى، ياخشى دەپ قارىغىنىمنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىش .
خالىساڭلار مەن تېل قىلسام ، باھا ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى يەنە چۈشۈنۈپ باقسام ۋە ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆزلىشىپ باقساق بولىدۇ. مەن تۇرغان شەھەردە قۇتيار دېتالى تېخى يوق.
ھە راست ،قەشقەرسوفتنىڭكىنى بىر چىرايلىق سېتىۋاتقان تۇرۇپ ،نېمە بۇنىڭغا قىزىپ قالدىڭلار دېگۈچىلەرگە جاۋاپ :
يېقىندىن بۇيان تېلفون نۇسخىسىنى ئىزدەيدىغانلار كۆپۈيۈپ قالدى، قەشقەرسوفتنىڭ بۇ دېتالىنىڭ ئۇ خىل نۇسخىسى يوق ۋە مەن قەشقەر سوفتتىن دېتالنى بىۋاستە ئالمايدىغان بولغاچ ماڭا باھاسى ئازراق ئۆسۈپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. مانا شۇ سەۋەبلەردىن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:29:59

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:11 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئاۋۇ تېلېفون قىلغاننىڭ ئىشىغا كەلسەك سىز كىمگە  ...

بولىدۇ. ناۋادا ساتىمەن دېسىڭىز پىكىرلىشىپ باقساق بولىدۇ. بىزمۇ بىزنىڭ دېتاللارنى ساتقۇچىلارغا موھتاج. ئەلدىن ئەلگە نەپ. سىز جىق ساتسىڭىز بىزگىمۇ پايدا، سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىز كۆپەيسە سىزگىمۇ پايدا دېگەندەك:lol
ئۇنداق بولسا 18699778487 نومۇرلۇق تېلېفونغا تېلېفون قىلىڭ ياكى 2102434310 نومۇلۇرلۇق QQ غا ئۇچۇر قىلىڭ. ھەرزامان ئوچۇق.

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:13:43

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 12:53 static/image/common/back.gif
ئاشۇ مۇئەللىمنىڭ دۇكىنىنى ئاچقىنى مېنىڭ دوستۇم مۇشۇ  ...

شۇنداق... ئالماس شىركىتى تارقاتقان 1-ۋە 4- پەننى 20سومدىن قاچىلاپ بەرگەن...يېڭى چىققاندا بەزىلەرگە چۈشۈرۈش ئادىرسىنى دەپ بەرگەن بولساممۇ بىراق مەشغۇلات قىلىشنى بىلمىگەچكە ئۆلىرى رازى بۇلۇپ ھەق بەرگەن...يەنە بەزىلەرگە ھەقسىزمۇ قاچىلاپ بەردىم... لىكىن ھەممىلا ئادەمگە ھەقسىز قاچىلاپ بىرەيلى دىسەك بىزمۇ ئۇ يەرگە ئانچە-مۇنچە ئىقتىساد تىپىش ئۈچۈن چىقىمىز ..بىزنىمۇ توغرا چۈشۈنىپ قۇيۇڭ يۈسۈپجان... قىلىۋاتقان كەسىپ شۇ بولغاندىكىن مەخپى نۇمۇر ئېچىش ۋە سېستىما قاچىلاش دىگەندەكلەر توردا ئاساسى جەھەتتىن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ..بىزمۇ خېرىدارلارغا مۇۋاپىق باھادا مۇلازىمەت قىلىمىز دىگەندەك....يىغىپ كەلسەك ھۈنەر پۇل دىگەن گەپكەن شۇ:lol :lol :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 20:27:17

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:02:22

توغرا ،ئۈستىدىكى تورداش ئېيتقان ئىش بار ئىش. ئەمما قۇتيار دېتالىدا ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن. ياكى ئەسلى ئېلان قىلىنغان خەنزۇچە مەنبەدە خاتا بولىشى مۈمكىن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 09:33:26

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 20:27 static/image/common/back.gif
نىمىشقا شوپۇرلۇق سېستىمىسغا چوقۇم بىر نەچچە سوئالنى خ ...

بىزنىڭ سىستېمىنىڭ 1.0 نەشرىدە 5 سوئالنىڭ جاۋابى ئالمىشىپ قېلىش سەۋەبلىك خاتا سوئاللار بار ئىدى ئۇ سوئاللارنى بىز 1.1 نەشرىدە تولۇق ئوڭشاپ تۈگىتىپ بولدۇق. يانفون نۇسخسى ۋە تور بەت نۇسىسىدىمۇ تولۇق ئوڭشالدى. ھازىرچە سوئاللارنىڭ توغرىلىق نىسبىتى خەنزۇچە سوئال بىلەن بىردەك. خەنزۇچە سوئال خاتا بولسا بىزنىڭمۇ خاتا، توغرا بولسا بىزنىڭمۇ توغرا چىقىدۇ. چۈنكى سوئالنى بىز تۈزمەيمىز بەلكى تەرجىمە قىلىمىز.
سىز خاتا دېگەن سوئاللار قايسىسى سىستېمىنىڭكىكەن. بىزنىڭ بولسا بىز بۇرۇنلا تۈزەپ بولدۇق. بىزنىڭ بولمىسا ئۇنى بىزگە دېيىشىڭىز بىھاجەت دەپ قارايمەن. بىز ئۆزىمىزنىڭكىگە مەسئۇل بولىمىز.
كورلىدىكى 2 شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ ۋە ئاقسۇدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ 100 نەچچە تال كومپيۇتېرىغىمۇ شۇ يېڭىسىنى قاچىلاپ بولدۇق. باشقا يەرلەردە تېخى بىزنىڭ سىستېما يوق ئەمما شەخسنىڭ قولىدا بار.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:51:32

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 09:13:38

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 21:51 static/image/common/back.gif
مەن كورلا 常青شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇۋاتىمەن . بىلمىدى ...

سىز دېگەن ئۇ مەكتەپنى ئۇقمايدىكەنمەن. بىزنىڭ سىستېمىنى بايىن شوپۇرلۇق مە كتەپ بىلەن بايىن ئىنىستىتونىنىڭ بىر تارماق مەكتىپى باركەنغۇ. شۇ مەكتەپلەر ئىشلىتىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخسى يېڭىلاندى!