97 ياشلىق جۇڭگولۇق موماينىڭ ئامېرىكا ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى
پەن چېڭيى بولسا 97 ياشقا كىرگەن جۇڭگولۇق موماي، ئۇ ئۆتكەن ئايدا رەسمىي تۈردە ئامېرىكا پۇقراسى بولدى، ھەمدە 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا قاتناشتى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىم سايلامدا بېلەت تاشلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ دېموكراتىك دۆلەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.1917-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان پەن موماي، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى جۇڭگو تىيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ بىر قىز بىر ئوغلى بار. پەن موماينىڭ ئىككى بالىسى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى، ھەمدە ئامېرىكا پۇقراسىغا ئايلاندى.
پەن موماي 1940-يىللىرى جۇڭگودىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ تىيەنجىن شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، ھەمدە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىلىق سالاھىيىتى بىلەن پېنسىيەگە چىققان.
پەن چېڭيى ياش ۋاقتىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ياردىمى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆزلىرىگە ھاۋادىن يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك بۇيۇملارنى تاشلاپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىندىياننا شىتاتىدىكى ئوغلىنىڭ يېنىدا بىر يىلدەك تۇردى، ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا مىننېسوتا شىتاتىغا بېرىپ قىزى بىلەن بىللە تۇردى. ئۇنىڭ قىزى مارىيە ئانا ئۇنۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ، ھازىر پېنسىيەگە چىققان ئىدى.
97ياشلىق پەن چېڭيى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتتى. ئامېرىكا پۇقراسى بولغاندىن كېيىن پەن موماي قىزىنىڭ ياردىمىدە 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا تەييارلىق قىلدى، بۇ پەن موماينىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بۇنداق مۇھىم سايلامغا قاتنىشىشى ئىدى.
پەن موماينىڭ قىزى ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چۈشەندۈردى، ھەمدە بۇ ئارقىلىق پەن موماينىڭ ئۆزى قارار چىقىرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. لېكىن پەن موماينىڭ كۆڭلىدە ئاللىبۇرۇن سان بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
پەن موماينىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، مۇخبىرلار ئۇنى زىيارەت قىلغاندا قىزى ئۇنىڭغا تەرجىمان بولۇپ بەردى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ”مەن ئامېرىكا پۇقراسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال، سايلامغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلىيالىغانلىقىمدىن بەك ھاياجانلاندىم، مەن بۇ دۆلەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايمەن.“
پەن موماينىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى قەدىرلىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى ئامېرىكا ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت بۇ دۆلەتتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سايلىمى پەقەت بۇ دۆلەتنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
گەرچە پەن موماي يۈز ياشقا كىرەي دېگەندە ئاران ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئامېرىكىغا چوقۇنىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ساق-سالامەت ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىغا چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”ناۋادا ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، مەن 1940-يىللاردىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىم. ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن چوڭ سايلامدا بېلەت تاشلاپ بەك پەخىرلەندىم.“
ئەمدى بونىڭغا نىمە دىگۈلۈك :o:o:o:o:o:o:o:o ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىم سايلامغا بېلەت تاشلىشىم دەپتىغۇ بۇ موماي
بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ دەيدىغان دۆلەتتە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئالجىپتىمۇ نىمە؟ بۇنى تەھلىل قىلمىغان ياخشى بىزگە شېن جى لەن(申纪兰)دەك ۋەكىللەر بولسا بولدى،پەن مومايدەك كىشىلەر جۇڭگودا ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ. BlackHand يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 21:00 static/image/common/back.gif
ماۋۇ موماينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يەتمىش ئىككى ئەۋلادىن ...
:lol :lol :lol ئېغىر دەرجىدە كالىسى يۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە ، 97 يىلدا تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلىغان بولسا....راست گەپ قىپتۇ.. بۇنداقلار جىق ھەقىچان، مىليونلاپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا{:92:} ھەي ......... ئەڭ ياخشىسى جىق گەپ قىلماي :shutup: قىززىق مومايكەن iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 20:48 static/image/common/back.gif
ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىم سايلامغا بېلەت تاشلىشىم دەپتىغ ...
:handshake :lol مىنگو دەۋرىدىمۇ سايلام يوقمىدى ئامىركا زۇڭتۇڭىنى سايلاشقا قاتنىشالىغاندىكىن تەلەيلىك مومايكەن بۇ.
مەن ئۆمرۈمدە ئىدارىمىزدىكى ئەڭ كىچىك گۇرۇپپا بېشىنى سايلاشقىمۇ قاتنىشىپ باقمىغان. http://bbs.tiexue.net/post2_8388245_1.html
مانىڭدىكى ئىنكاسلار قىزىپتۇ:lol
بەت:
[1]
2