پوچتىدا تونۇشۇڭلار بارمۇ؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جەنۇبدىتىكى مەلۇم ناھىيىدىن شىمالدىكى مەلۇم ناھىيىگە سېلىۋىتىلگەن شەخسىي ئارخپىم بۈگۈنگىچە يېتىپ بارمىغان گەپ. سالغان چاغدا كادىرلار ئىدارىسى، جىياۋ شەكلىدە سېلىۋەتكەن ئىكەن. توردىن تەكشۈرۈشكە بولمايدىكەن.شۇڭلاشقا ئىچىكى قىسىمدا تەكشۈرۈش مۇمكىنمۇ ئەمەسمۇ؟ ياردەم سوراپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Emperor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 14:00خاتا يېزىلىپ قاپتۇ، ئالدىنقى ئاينىڭ 24- كۈنى. بۈگۈن 16 كۈن بوپتۇ.
جىياۋ دېگىنى مەخپى، مۇھىم ماتىرىياللار يەتكۈزدىغان مۇلازىمىتى ئىكەن. خەنزۇچە
机要
دەپ ئاتىلدىكەن.
ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا خەت قالدۇرساڭلار، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. 11-ئاينىڭ 24-نى 10-ئاينىڭ 24-گە ئۆزگەرتسىڭىز ئارخىپىڭىزنى تاپالايسىز. تېز يوللانما قىلىپ سالغان بولسىڭىز بەش مىنۇت ئىچىدە نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى... كەچۈرۈڭ خاتا يېزىپ ساپتىمەن ئەسلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى دەپ يازماقچى ئىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Emperor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 14:12
مەمۇرى، كەسپى ئورگانلار، دۆلەت كارخانلىرىنىڭ بەزى مۇھىم ماتىرىياللىرى، كادىرلار ئارخىپىنى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئەۋەتىدىكەن. ئارخىپنى كادىرلار ئىدارىسى ئۆزى ئەۋەتىدىكەن، شەخسىينىڭ قولىغا تۇتقۇزمايدىكەن. بۇ خىل يوللانمىنى توردىن تەكشۈرگىلى بولماسمىش. تېز يوللانمىدىن ئەۋەتكەن بولسا ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ بەش كۈن كېتەتتى. خىزمەت ئالمىشىش ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، سەل ئەنسىرەپ قالدىم. سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ،بەك ئالدىراپ كەتسىڭىز جەنۇپتىكى كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئارخىپ بۆلۈمى ياكى كادىر يۆتكەش بۆلۈمىدىكىلەردىن ئارخىپنى راس ئەۋەتكەن ياكى ئەۋەتمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. سۈرۈشتۈردۈم، ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ. ئەۋەتكەن ۋاقتى ۋە يوللانما نومۇرىنى دەپ بەردى. يوللانما نومۇرى ئۈچ خانلىق سانكەن سىز بىۋاستە ئەۋەتمىگەندىكىن قەتئى ئەنىسىرىمەڭ ، ئەۋەتكەن ئۇرۇن ئۆزلىرى سۈرۈشتە قىلىدۇ ، يۇقاپ كەتسىمۇ ئۆزلىرى مەسئۇل بۇلىدۇ .....
ئۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ دىپلۇم ۋە باشقا مۇھىم كىنىشكىلىرىڭىز يوق بولغىيتتى ،..... يوقاپ كەتسىغۇ بۇنىڭغا شۇلار مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرمىدىم. ئەنسىرەۋاتقىنىم، شۇ سەۋەبلىك ياكى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەت يۆتكىلىشىمگە تەسىر يېتىش. شۇڭلاشقا ئارخىپنىڭ ھازىر قايەرگە كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ باقماقچى بولدۇم. .... ساقلاڭ ......... ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا 机要室 مەخسۇس ئىشخانىلىرى بار شۇلار بىر تەرەپ قىلىدۇ . 机要 بولغانىكەن ھۆكۈمەت باشقا ئىشخانىلاردىكىلەرمۇ خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ ۋاقتىدا بىرىپ مىنىڭ ئارخىپىم كەلدىمۇ دەپ سوراڭ،مىنىڭ خىزمەتدىشىمنىڭ ئايالىنىڭمۇ ئارخىپىنى يوللاپتىكەن بىرىپ سۈرۈشتۈرسەك كەلدى دەيدۇ،قانداق بولدى دىسەك ئارخىپنى ئىچىپ كۆرۈپ بىر مۇنچە باھانە تاپتى،بىز دىگەن تەلەپلەرنى يىزۋىلىپ يىنىپ چىقتۇق، نەتىجىسى چىقتىمۇ ؟ بۈگۈن كەلمەكچى بولغان ناھىيىلىك كادىرلار ئىدارىسىدىن، كادىرلار ئىدارىسى ئارقىلىق پوچتىخانىدىن سۈرۈشتۈرسەك تېخىچە كەلمەپتۇ. بىر ئىككى كۈن ساقلاپ بېقىڭلار دەيدۇ @ekram8100
قايەردىن قايەرگە ئەۋەتىلگەن ئارخىپكەن؟ قانچە كۈندە بېرىپتۇ ئارخىۋىڭىزنىڭ يوقاپ كىتىش مۈمكىنچىلىگى ئاساسەن يوق دىيەرلىك. بۈگۈنگە قەدەر، ئارخىپ مەنزىلگە يېتىپ بارمىدى. سۈرۈشتۈرگىلىمۇ بولمايۋاتىدۇ. مەندىن بەكىرەك ئۆيدىلەر تىت-تىت بولۇپ ئولتۇرالمايۋاتىدۇ.
مېنىڭچە بىر قانچە ئېھتىماللىق بار
1. پوسۇلكا تېخى يولدا، بەلكىم مەلۇم بىر نۇقتىدا بېسىلىپ قالغان بولسا، ۋاقتىدا بارمايۋاتقان گەپ.
2.مەلۇم بېسىملار تۈپەيلىدىن جەنۇپ تەرەپتىكى كادىرلار ئىدارىسى ماڭا سېلىۋەتتۇق دەپ قويۇپ ئەمىلىيەتتە سالمىغان بولىشى مۇمكىن.
3. نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پوچتىخانا قەستەن باسۇرۇپ قويۇپ ۋاقتىدا سالمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پەقەت كادىرلار ئىدارىسى ماڭا تەمىنلەپ بەرگەن، پوسۇلكا نومۇرى ۋە سالغان ۋاقىتقا ئاساسەن شۇ پوسۇلكىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى بىلگىلى بولسا، ھەممە ئىشلار ئايدىڭ بولاتتى. ئامما بۇنى شەخىسلەرنىڭ سۈرۈشكە يول قويمايدىكەن. ھەجەپ تەس بولۇپ كەتتى بۇ ئىشلار. بۈگۈن ئۆزۈم ئارخىپ سالغان جايدىكى پوچتا ئىدارىسىنىڭ مەخپى يوللانما ئىشخانىسىغا بېرىپ، ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ، خىزمەتچى يولداشنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بىرمۇ- ىر ھەرقايسى پوچتا يوللانما نۇقتىلىرىغا تېلفون قىلىش ئارقىلىق، ئارخىپنىڭ ھازىرقى ئورنىنى تېپىپ چىقتىم. ئەسلىدە ئارخىپ 28- چىسىلالا مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ بولۇپتىكەن. ئىشلار ئايدىڭلاشتى. كۆپچىلىكنى ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن. رەھمەت ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-14 15:30
ئارخىپنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ . مۇشۇ باھانىدا بىر ئىشنى سۇرىۋالسام؟ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئارخىپىمىزنى سىنىپتىكى بىر قانچەيلەن ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقساسلىقلار بازىرىمۇ شۇنداق بىر يەرگە ئاپىرىپ بەرگەن. ئۇ يەر ئايلىقىغا شۇ چاغدا 20 نەچچە يۈەنمۇ ؟ئىسىمدا قالماپتۇ ئىشقىلىپ بىرەر يۈز يۈەن بىرىپ نەچچە ئايلىق ساقلاتقان.
كىيىن خۇسۇسىي شىركەتتە ئىشلىگىنىمچە مۇشۇ ۋاقىتقچە ئىشلەپ كەپتىمەن ،ئۇ نەرسىمۇ لازىم بولمىدى ،ھەم بۇ ئۈمرەمدە لازىم بولماس دەپ ،مەنمۇ سۇرۇشتۈردىم.ھازىر مانا ئۇن يىل بولاي دەپتۇ.2009-يىلىمۇ ھەدەم شۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن بىرىپ،سۈرۈشتۈرەپ 4000 يۈەن ئەتراپىدا ساقلاش ھەققى بۇلۇپ كىتىپتۇ دەپ كەپتىكەن.ھازىرغىچە 10000يۈەن بۇلۇپ قالغاندۇ پەمىمچە.
ئەمدى گەپ ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەش نىيىتىم يوق. ئارخىپ شۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق يەرلەردە لازىم بۇلىدۇ.شۇ يەردە تۇرىۋەرسۇنمۇ ياكى ۋاقتىدا تۈلەيدىغاننى تۈلەپ ،پۇل تۈلىمەيدىغان يەرگە يۈتكىۋىتەيمۇ؟
بەت:
[1]
2