kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:53:47

[خەتلىك فىلىم] ماركو



فىلىم نامى: ماركو: 3000 چاقىرىملىق ئانىنى ئىزدەش سەپىرى
ئېنگىلىزچە نامى: Marco:From the Apennines to the Andes
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1999-يىلى
دۆلىتى: ياپونىيە
تۈرى: ۋەقەلىك / كارتون فىلىم
تىلى: ياپونچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 6.7
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.2GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:29:45
رېژىسسور: Kôzô Kusuba
يازغۇچى:  Edmondo De Amicis
باش روللاردا:  Chieko Higuchi, Rumi Sakakibara, Takayuki Sugô

فىلىم ھەققىدە:
ماركو ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىتالىيەدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئاپىسى ئاننا ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن يىراقتىكى دۆلەت ئارگېنتىناغا ئىشلىگىلى كېتىدۇ، ھەر ئايدا خەت يېزىۋاتقان ئاپىسىدىن كېيىنكى كۈنلەردە خەت كەلمەيدۇ، ئاپىسىدىن ئەنسىرىگەن ماركو، ئۆزى يالغۇز ئارگېنتىناغا قاراپ ئاپىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ، يول بويى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاپىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ.

كەسمە رەسىملەر:
http://www.kowruk.cn/post_image/marco/01.jpg

http://www.kowruk.cn/post_image/marco/02.jpg

http://www.kowruk.cn/post_image/marco/03.jpg

http://www.kowruk.cn/post_image/marco/04.jpg

http://www.kowruk.cn/post_image/marco/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

قوشۇمچە:
كۆۋرۈك كىنو توربېكىتىنىڭ iOS نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، ئەپكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://www.kowruk.cn/post_image/appads.jpg

بۇ ئەپنى بۇ بەتتىن ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.
http://www.kowruk.cn/post_image/ios_qr.png

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:40:43

رەھمەت، قىسىملىقىنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ تېپىلسا بولىتى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:48:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 13:51  

ماركونىڭ اپىسىنى ىزدىشى دىگەن كۆپ قىسملىق كارتۇننى 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىر قېتم كۆرگنتىم.
بىزنىڭكىلەرمۇ مۇشۇنداق بالىلارغا تەربىيە ەھمىيى بار كارتۇن فىلىملەرنى ىشلىيەلمەسمۇ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:49:36

«جەننەت خاندانلىقى» قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:30:56

بۇ كۆپقىسىملىقىمۇ ؟ ئەمەسمۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:35:27

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 14:30 static/image/common/back.gif
بۇ كۆپقىسىملىقىمۇ ؟ ئەمەسمۇ

بۇ بىر قىسىملىقى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:37:12

yarkin92 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 13:49 static/image/common/back.gif
«جەننەت خاندانلىقى» قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

تەرجىمىسىنى مۇنبەردىكى @iltersh قىلىۋاتقان ...

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:45:04

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 13:48 static/image/common/back.gif
ماركونىڭ اپىسىنى ىزدىشى دىگەن كۆپ قىسملىق كارتۇننى 80- ...

ھازىر ئاساسەن ئىشلىيەلەيدۇ.
ئەمما ئارمانغا تۇشلۇق ۋاقىت، ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئىشلەپچىققان كارتوننى بازارغا ئەكىرىش بىلەنلا ساختا نەشرى قاپلاپ كېتىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئاچچىق ھېسلار ئىچىدە بارمىقىنى چىشەپلا قالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەشنى بىلگۈچە خېلى زامان كېتىپ قالارمىكىن. ئەمەلىيەتتە بىر فىلىمدىن 10 مىڭ تال ئەسلى نەشىرى مېڭىپلا بەرسە ئىشلىگۈچىلەرنىڭمۇ ھاردۇقى چىقاتتى. بازار ئېھتىياجى بولغانكەن، ئۇلارغا كۆرۈرمەن بولغان خەلقمۇ تەلەپنى تېخىمۇ يۇقىرى قويالايتتى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:32:18

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 13:48 static/image/common/back.gif
ماركونىڭ اپىسىنى ىزدىشى دىگەن كۆپ قىسملىق كارتۇننى 80- ...

كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئىقتىساد، تېخنىكىلىق خادىم ۋە قاتتىق دېتاللارغا بولغان تەلەپ يۇقىرى، ۋاقىتمۇ كۆپ كېتىدۇ.
مەن بىلىدىغان ۋە تونۇيدىغانلاردىن كومپيۇتېر گرافىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلار ئاساسەن يەككە خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئېلان شىركەتلىرىدە ئىشلەيدۇ، ئۇلاردا تاق رەسىم ياكى 2~3 مىنۇتلۇق كارتون فىلىملەرنى چەتئەلنىڭ كارتون فىلىملىرىنىڭ سۈپىتىگە يېقىن سەۋىيەدە قىلالىغۇدەكلىرى بار، ئەمما ئۇلار يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتى ئۇزۇن بولغان فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىرىشى بەسى مۈشكۈل، ۋاقىت ۋە زېھىن كۆپ كېتىدۇ.
كۆپچىلىك بىلىدىغان بىر قانچە چوڭ مېدىئا شىركەتلىرىمۇ بار، ۋاقتى ئۇزۇن كارتون فىلىملەرنى بەلكىم ئۇلار قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلاردىمۇ تېخنىكىلىق خادىملار كۆپ ئەمەس، قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يېتىشمەيدۇ. كوللىكتىپ ئىش قىلغاندا مۇناسىۋەت ۋە ماسلىشىپ ئىشلەش ئاسان ئەمەس. ئاندىن ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى ياكى باشقىلار مەبلەغ سېلىپ ئىشلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ نۆۋەتتە پايدا ئېلىش بۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا سالغان مەبلەغنىمۇ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەلىشى ئاسان ئەمەس.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:39:22

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 14:35 static/image/common/back.gif
بۇ بىر قىسىملىقى.

شۇ فىلىمنىڭ ئىتتىگەرەك پۈتۈپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن ....

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:45:16

كىچىككىنە قوشۇمچە:
سانلار 10 دىن كىچىك بولسا جۈملە ئىچىدە خەتچىلاپ يېزىلامدۇ قانداق ؟ شۇنداقراق ئېسىمدە قاپتۇ .
ئاۋۇ يەردىكى 3 خەتچىلاپ يېزىلامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:08:57

ئوننىڭ ئىچىدىكى سانلار خەتچە يېزىلىدۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 18:09:20

ئۆزەمنىڭ بىلگىنى بويىچە كارتون فىلىمنىڭ تېخنىكىلىق قىسىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد كېتىدىغانلىقىنى قىسقىچە دەپ باقسام.



بىر 3D ئىشلەنگەن كارتون فىلىمدە رەڭ، ھەرىكەت، ئاۋاز ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەر بار بولىدۇ، يۇقارىقىدەك مىدىراۋاتقان كارتوننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، رەسساملار ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئۇقۇم رەسىمىنى سىزىدۇ.


ئۇقۇم رەسىمى پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ 3D مودېلى ياسىلىدۇ، بۇ خۇددى رېئاللىقتىكى ھەيكەلتراشلىققا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كومپيوتېردىكى مودېل ياسايدىغانلارنىڭمۇ ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئاناتومىيەسىدىن خەۋرى بولىشى كېرەك.


مودېل پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىنەلىشى ئۈچۈن ئۇستىخان سەپلىنىدۇ.


ئۇستىخان پۈتكەندىن كېيىن ھەرىكەت بېرىدىغانلار ھەرىكەت ئىشلەيدۇ، ھەرىكەت ئىشلەيدىغانلار ئادەم ۋە ھايۋانارلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىنى بىلىشى كېرەك، ھەرىكەت ئىشلەيدىغانلار سەپلەنگەن ئۇستىخاننى بىردىن-بىردىن مىدرىتىپ پۇت-قول ھەركىتى، چىراي ئىپادىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى دەقىقە، سېكونت بويىچە ھېساپلاپ تۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇنداق قولدا ئىشلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن ۋاقىت كۆپ كېتىدىغان بولغاچقا ھوللىۋودا ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىملەرنىڭ بەزىسىدە ھەركىتىنى ھەرىكەت ئاكتىيورلىرى ئىشلەپ، ھەركىتىنى مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتپ تۇتىۋالىدۇ، تۇتىۋالغان ھەرىكەتنى ئاندىن كارتونغا بېرىدۇ.


كارتون فىلىملەردە يەنە قار-يامغۇر، پارتىلاش، سوقۇشۇش دېگەندەك ئۈنۈملەر بار. چاچ، ئوت-چۆپ، سۇيۇقلۇق ۋە كارتون ئوبراز كىيىۋالغان كىيىم كېچەكنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قولدا بېرىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇلارنى تەقلىدلەپ چىقىرىدىغان ئايرىم تېخنىكلار بار بولۇپ، دىنامىكا دېگەندەك پەنلەردىن خەۋىرى بولىشى كېرەك. بۇنى تەقلىدلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سەپلىمىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.


يۇقارىقى ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ماتېرىيال ۋە رەڭ بېرىلىشى كېرەك، ماتېرىيال بېرىدىغانلار مۇھىت ۋە كارتون پېرسوناژنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماتېرىيال تەڭشەيدۇ، مەسىلەن: ئىستاكان ئۈچۈن ئەينەكنىڭ ماتېرىيالىنى، تېرە ئۈچۈن يېرىم نۇر ئۆتكۈزىدىغان گۆشنىڭ ماتېرىيالىنى دېگەندەك. بۇلار تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە چىراق يېقىلىپ ئۈنۈمى چىقىرىلىدۇ.


يۇقارىقى ئىشلار بىر قۇر تامام بولغاندىن كېيىن 3D مەيدان ۋە ئوبرازلار ھاسىللاپ 2D رەسىم قىلىپ چىقىرىلىدۇ، ھەر بىر ئوبراز، مۇھىت قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم رەسىم قەۋىتى قىلىنىپ ھەمدە ھەر بىر ئوبراز ۋە جابدۇقتىكى ئەسلى رەڭ، پارقىراق رايون، سايە قەۋىتى، ئالفا قەۋەت، مۇھىت چوڭقۇرلىقى... دېگەندەكلەرمۇ ئايرىم-ئايرىم چىقىرىلىپ، ئاخىرقى بېرىكتۈرۈش ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ھاسىللانغاندا ھەرىكەتنىڭ سىلىق ۋە نورمال كۆرۈنىشى ئۈچۈن بىر سېكونتلۇق كۆرۈنۈش ئۈچۈن 25~30 پارچىگىچە رەسىم ھاسىللىنىدۇ، بۇنداق كۆپ مىقداردىكى رەسىملەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ھاسىللىنىپ چىقىشى ئۈچۈن قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىپىمۇ بەك يۇقۇرى، مەخسۇس ھاسىللاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلارنىڭ باھاسىمۇ بەكلا قىممەت. دېسنىي-پىكسار(Pixar)، چۈش زاۋۇتى(Dreeam Works) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس ھاسىللاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلىرى بولغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم شىركەتلەر ھاسىللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان render farm نى ئىجارە ئېلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.


كارتون فىلىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتۈپ چىققاندا ئۇنىڭغا ئاۋاز بېرىلىدۇ، چوڭ تىپتىكى كارتون فىلىملەر ئۈچۈن داڭلىق كىنو چولپانلىرى ياكى مەخسۇس ئاۋاز ئارتېستلىرىنى ئاۋاز بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندىن باشقا، مۇزىكا ۋا ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنىمۇ ئايرىم شىركەتلەر ئىشلەپ چىقىدۇ.
....
يۇقارىقى دەپ ئۆتكەن خىزمەتلەرنى چوڭ شىركەتلەردە ئايرىم-ئايرىم ئادەملەر قىلىدۇ، ئىنچىكىلەپ كەلسەك بۇلار يەنە ئۆز ئىچىدىن ئايرىم تۈرلەرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بەزى تۈرلەرنى مەخسۇس ئۆگنىش ئۈچۈنمۇ نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخسۇس تۈرلەرنىمۇ قىلىدىغان شىركەتلەر ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ. شۇڭىلاشقا سودا خارەكتېرىدىكى بىر كارتون فىلىمنىڭ بازارغا چىقىشى ئۈچۈن، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ۋە ئالمىغان خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر تۈركۈم خادىملار تەشكىللىنىشى كېرەك، ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سەپلىمىسىمۇ يۇقۇرى بولۇشى كېرەك.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:09:41

كۆپ قىسىملىمىكىن دەپتىمەن. كىچىكىمىزدە ئائىلە بويىچە ئولتۇرۇپ ھەجەپ كۆرۈپ كېتەتتۇق.
بىر قىسىملىق كىنو قىلىپ ئىشلەنگىنىنى كۆرمىگەنكەنمەن. ساھىبخانغا رەھمەت!

selam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 05:14:40

سىزدىن سوراپ باقسام،چالىقۇشى دېگەن كىنوغا ئۆزۈڭلار ئاۋاز بېرىۋاتامسىلەر?ئاۋاز بەك ياخشى بېرىلىپتۇ،بىراق يېڭىلىنىشى بەك ئاستا،مەن تاقەت قىلىپ بولالماي تۈرۈكچىسىنى كۆرۈپ تۈگەتتىم،لېكىن
پەقەت ياخشى ئاياقلاشمىدى،كىنوسىدىغۇ بىرىنجى بۆلۈم دەپ خەت چىقىدىكەن،شۇڭا كېيىنكى بۆلۈملىرى بارمۇ،شۇ توغىرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز،كۆپ رەھمەت.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:34:37

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 18:09 static/image/common/back.gif
ئۆزەمنىڭ بىلگىنى بويىچە كارتون فىلىمنىڭ تېخنىكىلىق قى ...

3D ئىشلەتمەي 2D كارتون ئىشلىسىچۇ ؟ ياپوننىڭ بىز ياقتۇرىدىغان نۇرغۇن كارتونلىرى 2D تېخنىكىسىدا ئىشلەنگەنغۇ ؟؟

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:42:12

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 14:35 static/image/common/back.gif
بۇ بىر قىسىملىقى.

بالىلىقىمنى ئەسلەتتىڭىز {:252:}

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:27:18

selam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 05:14 static/image/common/back.gif
سىزدىن سوراپ باقسام،چالىقۇشى دېگەن كىنوغا ئۆزۈڭلار ئا ...

ياق، بىز فىلىملەرگە ئاۋاز بەرمەيمىز.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:28:54

سىزدىن سورىۋالاي، بىرىنچى تامچە قان بېتىڭلاردا باركەن، تولۇق چۈشۈرۈش ئادرىسىنى نەدىن تاپىمىز؟ سىلەرنىڭ بەتتە يوخكەن

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:50:10

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 09:34 static/image/common/back.gif
3D ئىشلەتمەي 2D كارتون ئىشلىسىچۇ ؟ ياپوننىڭ بىز ياقتۇر ...

2D كارتونغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەرنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭدىمۇ 3D كارتون ئىشلەش ئۈچۈن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان ۋە ئالمىغان بىر قىسىم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ، مەسىلەن: ئۇقۇم لايىھىسى سىزىش، كۆرۈنۈشكە ئايرىش، ھەرىكەت بېرىش دېگەندەك، بۇ خىزمەتلەرنىڭ مىقدارىمۇ ئاساسەن 3D كارتونلارنىڭكىدىن ئاز ئەمەس، توردىن ئاختۇرۇپ كۆرسەم رەسىملەر بەك كۆپ سىزىلىدىغان ئوخشايدۇ.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] ماركو