pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:38:23

كورلا -گولمۇد تۆمۈر يولى كىلەر ئايدا قۇرۇلۇش باشلايدۇ



بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە پىلان كومېتىتى تەستىقلىغان بولۇپ، ئومۇمى سېلىنىدىغان مەبلەغ 37مىليات 640 مىليۇن يۈەن .
قۇرۇلۇش 5 يىلدا تاماملىنىپ، يۈك ۋە يولۇچى توشۇشنى ئاساس قىلغان ، ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 1214.6 كىلومېتىر بولۇپ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇزۇنلىقى 711.9كىلومېتىر ئىكەن .
شىنجاڭ دائىرسىدىن ئۆتۈدىغان ئاساسلىق بىكەتلەر : كورلا- لوپنۇر- چارقىلىق- مىرەن قاتارلىقلار .
بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ياسىلىشى ئېلىمىزنىڭ رايۇن قاتناش تورىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ، قارا دېڭىز ، ئوتتۇرا دېڭىز قاتناش ۋە ئېنىرگىيە كارىدورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ رايۇننىڭ  بىخەتەرلىكى ئۇچۇن ئىستىراگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئگە ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە  چىگرا رايۇننىڭ مۇقىملىقى ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى »نىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك ھۇل سالىدىكەن .



pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:31:03

نەچچە كۈن ئاۋۋال تەرەققىيات كومېتىتى تەستىقلىغان تۈرلەر، بۇنىڭ ئىچىدە كورلا -گولمۇد تۆمۈر يولىمۇ بار

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:48:47

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئۈرۇمچىگە بېرىش ئۈچۈن كارتا بىجىرىمىز ، ئاقسۇدىن قەشقەرگە بېرىش ئۈچۈن كارتا بېجىرەمدۇق؟

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:51:36

ئىچكىردىن شىنجاڭغا كىرىدىغان لىنىيە كۆپىيىپتۇ..... قىسمەن مۇساپە قىسقىراپتۇ.....

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:01:34

بىزنىڭ خۇتەندىغۇ يېزىدىن شەھەرگە چىقىپ ئىشلىسىمۇ كىتىدىكەن ئۇ كارتا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:03:09

ئاۋۇ لىنىيە ئەجەپ تۈپتۈز ئىكەن ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:05:07

  يېشىل كارتا بولمىسا ناھىيە سىرتىغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ، خوجايىن بۇلۇشقا مۇتلەق يول قۇيۇلمايدۇ .....

  ساياھەت قىلسا ، بەزى جايلاردا بىر نەرسە دىمەيدىغان ئوخشايدۇ

18690305555 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 15:30:33

3يۇل دىن چىقۇدەك مىز {:87:}

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:32:57

بىزنىڭ  يۇقىرى  يىللىقتىكى  بىر بالا نوپۇسنى  كۇلىغا يۆتكەپ  كەپتىكەن ،ئوقۇش  پۈتكەندە ئەكەتمەي قەشقەردىن ئۆي ئىجارە  ئالسا يىشىل كارتا كۆرسىتىشنى  تەلەپ  قىپتۇ ،مەھەللسىگە بارسا ئۇلار نوپۇسىڭ  يوقكەن دەپ چىقىرىپ  بەمەپتىكەن ،كۇلىدا  ئۇندا  بىر  نەسە  يوق ،قانداق  قىلىشنى  بىلمەي كاللىسى  قىتىپ  قاپتۇ .قانداق  قىلىش كىرەك  ئىزدىنىشداشلار ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:40:25

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 19:32 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ  يۇقىرى  يىللىقتىكى  بىر بالا نوپۇسنى  كۇلىغا يۆ ...

مىللەتكە قارىتا بىكىتىلگەن سىياسەتمۇ ياكى نوپوس تەۋەلىكىگە قارىتا بىكىتىلگەن سىياسەتمۇ بۇ؟ ئىچكىرىدىن قەشقەرگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئالغانلار قانداق قىلغان قىلسا شۇنداق قىلسىلا بولمىدىمۇ؟ بۇ يېشىل كارتا دىگەننى مەخسۇس ئۇيغۇر ئۈچۈنلا چىقارمىغان بولغىيتتى؟

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:44:01

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 19:40 static/image/common/back.gif
مىللەتكە قارىتا بىكىتىلگەن سىياسەتمۇ ياكى نوپوس تەۋە ...

بىلمىدىم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:28:10

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 19:40 static/image/common/back.gif
مىللەتكە قارىتا بىكىتىلگەن سىياسەتمۇ ياكى نوپوس تەۋە ...

تىما نەدە قالدى، ئىنكاس نەدە ؟ :(
----------------
مۇشۇ نەرسىنىڭ زادى قانداق  نەرسە ئىكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە بىلمىگەن بولساڭلار،  ئۆزەڭلىنى شىنجاڭلىق دەپ چاغلىماڭلار :P .
بۇ نەرسە يولغا قويۇلغىنى 5 ئايدىن ئاشتى ، بۇ پەقەت كۆچمە نوپۇسنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش ، مۇقىملىقنى تېخىمۇ مۇكەممەل قوغداش،  يەرلىك ئاممىنىڭ يات يۇرتلاردا تەمتىراپ قالماسلىق ئۈچۈن چىقارغان قۇلاي كارت .
ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ بۇ سىياسەتنى مىللەتكە چېتىپ پىتنە تېىشىغا قارشى تۇرۇمىز . :lol
http://xj.people.com.cn/n/2014/0815/c188514-21994213.html
ئۇنداق بولسا ، بۇ كارتنى كىملەر قانداق بېجىرىدۇ؟
http://news.ts.cn/content/2014-08/15/content_10417288_all.htm
بەت: [1]
: كورلا -گولمۇد تۆمۈر يولى كىلەر ئايدا قۇرۇلۇش باشلايدۇ