يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ئۈرۈمچى-قومۇل بۆلىكى قاتناش باشلايدۇ، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن قومۇلغىچە بولغان 5 سائەتلىك يول يۈرۈش ۋاقتى 3 سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.
لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى لەنجۇ غەربى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى، گەنسۇ جاڭيې، جيۇچۈەن، جيايۈگۈەن، قومۇل، تۇرپاندىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى بېكىتىگە كىرىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى يول يۈرۈش سۈرئىتى ھەر سائەتتە 200 كىلومېتىر.
ئالدىنئالا ئېچىلغان لەنجۇ—شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ئۈرۈمچى—قومۇل بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى، تۇرپان شىمالى ۋوگزالى، پىچان شىمالى ۋوگزالى، تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكى قاتارلىق 5 بېكەت تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر لىنىيەگە 2010-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەزكۇر لىنىيەدە D ھەرپى بىلەن باشلانغان 4 گۇرۇپپا پويىز قاتنايدىكەن. 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تۇنجى قاتناش كۈنىدە 3 گۇرۇپپا پويىز يولغا چىقىدىغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ 4 گۇرۇپپا پويىز يولغا چىقىدىكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتىنى ئادەتتىكى پويىز بېلەتلىرىگە ئوخشاش ئىنتېرنېت، تېلېفون قاتارلىقلاردا 20 كۈن بۇرۇن زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن. ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى، ۋوگزالدىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكى قاتارلىقلاردا 18 كۈن بۇرۇن سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
تۇنجى قېتىم يولغا چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ بېلىتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11 دىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىغان. ئىنتېرنېت، تېلېفون قاتارلىقلاردا زاكاز قىلىشنى باشلاش ۋاقتىمۇ بېيجىڭ ۋاقتى 11 ئىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 196 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 163.5 يۈەن. ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكىگىچە بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 104 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 86.5 يۈەن. ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن پىچان شىمالى ۋوگزالىغىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 92 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ باھاسى 77 يۈەن. ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن تۇرپان شىمالى ۋوگزالىغىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 58.5 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 49 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
ھازىر ئۇرۇمچىدىن ۋۇخەنگە ماڭىدىغان تىز پويىز يوقما تېخى . سۇراپ باقسام كىملىكنىڭ ماگىنىتى بۇلالمىغاندا (تەكشۇرۇش ئۇسكۇنىلىرىگە قويسا ھېچ قاندا سىگىنال چىقمايدىغان بۇلۇپ قالغاندا ) ئايرۇپىلاندا ئۇچۇش ئۇچۇن قانداق ئاۋارچىلىقلا يۇز بىرىدۇ . ئەپ قاچتى گەپلەدىن ئاڭلىسام ئاۋارچىلىق بەك كۆپكەن .
بۇنداق بولغاندا قايتا كىملىككە چۇشۇش كىرەكمۇ ياكى كىملىكنى ئوڭشىغىلى بۇلامدۇ ؟ تۇرپانغا 1 سائەتتە بارغىنىغا قارىغاندا ماۋۇ پويىز تاغدىن قورقمايدىكەن. كورلىغا 3 سائەت، قەشقەرگە 8سائەتتە بېرىپ كەتسەك -ھە. bagzad12 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:56 static/image/common/back.gif
سۇراپ باقسام كىملىكنىڭ ماگىنىتى بۇلالمىغاندا (تەكشۇرۇ ...
ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ج خ نازارىىنىڭ مەلۇم يېرىدا ماگىنىت جالايدىغان يەر بارمىش
ئەڭ ياخشىسى قايتىدىن چۈشۈڭ رەسىمگە بۇندىن كىيىن سىرىتقا چىقساق چۇقۇم ئالام دىكەممىز ماۋۇ خۇتەنگە يەنە يۈز يىلدا كىلەرمۇ ئۇ پويىز؟ bagzad12 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:56 static/image/common/back.gif
سۇراپ باقسام كىملىكنىڭ ماگىنىتى بۇلالمىغاندا (تەكشۇرۇ ...
ئۈرۈمچىدە چاڭجىياڭ يۇلىدا بىر زالى بار،شۇ يەردە ئالماشتۇرۇپ بىرىدۇ،بىرھەپتىدە چىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا acid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 18:52
bagzad12 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:56 static/image/common/back.gif
سۇراپ باقسام كىملىكنىڭ ماگىنىتى بۇلالمىغاندا (تەكشۇرۇ ...
ج خ نازارىتى دەرۋازىسىدىن يۇقىرغا قاراپ 100 مىتىرچە ماڭسىڭىز سودا-سانائەت بانكىسى بار دوقمۇشقا كىلىسىز،يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۈتۈپ كوچىنىڭ ئىچىگە 50 مىتىرچە ماڭسىڭىز سول قول تەرەپتە بىر مۇلازىمەت زالى بار،پاسپورت ۋە يۇقىرقى كىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىجىرىدۇ.كىرىپ ئەڭ ئىچى تەرەپتىكى بىرىنچى كۆزنەككە بېرىپ كىملىكىڭىزنى بەرسىڭىز،بىر ھەپتىدىن كېيىن كەل،دەيدۇ.ماگىنىتنى تۇلۇقلىغىلى بولمايدىكەن.يېڭى كىملىك چىقىرىپ بىرىدىكەن،رايۇن چەكلىمىسى يوق،ھەقسىز. سەنشىخاڭزىدىن 602. يول ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇرۇپ،7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېكىتىدە چۈشۈپ شەرققە قارىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەپسۇس مەن خۇتەندىندە ، ئىچكىرگە ماڭماقچىتىم ،ئايرۇپىلاندىلا ماڭاي دىسەم باشقىلار بۇرمۇنچە گەپ قىلىپ قورقۇتۇپ قويدى ، شۇڭا مۇشۇ يەردىلا ئاددىلا ھەل قىلغىلى بولسا كىملىكنىڭ ئىششىنى ھەل قىلىپ ماڭاي دىگەن ، بولدىلا پويىزدىلا ماڭاي ، ھەراس ۋخەنگە تىز پويىز ماڭامدا ؟
بەت:
[1]