ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 22:06:40

ھەقسىز تېلېفون

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارىلىق تورداشلار، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ ئەپنى تەرجىمە قىلىپ كېلۋاتقان، بۇ قېتىمقى يېڭى نۇسخىسىنىمۇ تەرجىمە قىلدىم، بۇ قېتىم كونا نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئىشلىتىلمىدى، سۆزمۇ-سۆز قايتا تەرجىمە قىلىندى. سىن بەلگىسى ۋە ئېچىلىش رەسىمى ئۆزگەرتىلدى، بىر كەمچىلىكى بولسا 97%تەرجىمە قىلىندى، رايون تەۋەلىكنىڭ خەتلىرىنى ۋە بەزى خەتلەرنى زادى تاپالمىدىم، ئەگەر قىزىققۇچىلار تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ، شۇ كەمچىللىكلەرنى تاپالىسا كۆپ خۇرسەنمەن، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ قايتا يوللىنىدۇ. (چۈشۈرۈش ئادىرسى ئەڭ ئاستىدا)

ئەپ ئىسمى: ھەقسىز تېلېفون
ئىجرا مۇھىتى: بارلىق ئاندرويىد سېستىمىلار(4.0دىن يۇقىرى)
ئەپ چۈشەندۈرلىشى:
تېلفۇنىڭىزدا مۇقىم كارتا بولسا تىزىملىتىش ئۈچۈن بىر چېكىپلا تىزىملىتىسىز، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز تور كارتا بولسا قول سېلىپ تىزىملىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىسىز. تۇنجى تىزىملاتىسىڭىز60مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتى سوۋغا قىلىدۇ. كۈندە يوقلىمىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق 3مىنوتتىن10مىنوتقىچە سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئىگە بولىسىز.
تور سۈرئىتىڭىز تېز بولسا ياكى سىمسىز تور بولسا تور تېلفۇنى ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرىسىز، ئەگەر تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا قايتۇرما چاقىرىش ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرسىز، بۇنداق ئۇرغاندا ئاۋاز سۈپىتى يۇقىرى، سۈزۈك بولىدۇ. ئىشقىلىپ سەللا ئاۋارچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەقسىز تېلفۇن ئۇرۇپ ئىشلىتىسىز، مەيلى قايتۇرما چاقىرىش شەكلىدە ئۇرۇڭ، مەيلى تور ئارقىلىق ئۇرۇڭ سىزنىڭ مۇقىم كارتىڭىزدىن ئوشۇق پۇل تۇتمايدۇ، قارشى تەرەپكە نومۇرىڭىزنى كۆرنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ تەڭشىيەلەيسىز، تىلفۇن قىلالمايدىغان ئادەملىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز، ئاۋازلىق سۆز قالدۇرسىڭىز قارشى تەرەپكە ئاپتۇماتىك تېلېفون كېلىپ قالدۇرغان سۆز لېنتىڭىزنى قويۇپ بېرىدۇ..... ۋەھاكازالار......
ئەپتىن كۆرنۈشلەر:



بارىلىق ئەپ بازار باشقۇرغۇچىللىرنىڭ مۇشۇ يېڭى نۇسخىسىنى يوللاپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
خۇاۋېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://dl.vmall.com/c01c1hvxyq
بىۋاستە چۈشۈرۈش

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:46:36

تەرجىمىسى بەك ئىسىل ، كۆركەم چىقىپتۇ {:112:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:51:00

ھەقىقەتەن ھەقسىز بولسا تىما ئىگىسى  باغلىشامدۇق؟

ھەرگىز 60  مىنۇت ھەقسىز سۆزلىشىش ھەققىنى بىكارغا بەرمەيدۇ. ئۇرغان تىلىفۇندا ھەقسىز بولسا، قوبول قىلغان تىلىفۇنغا ئۇزۇن يوللۇق قوبول قىلىش ھەققى دۆڭگەپ قويىشى مۇمكىن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:52:16

‹‹ئارپات قۇربان تەرجىمە ئەپلىرى›› مۇشۇ خەت ئارتۇقچە

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:09:19

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 10:51 static/image/common/back.gif
ھەقىقەتەن ھەقسىز بولسا تىما ئىگىسى  باغلىشامدۇق؟

ھەرگ ...

ئاداش مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ماڭا بىر تىن پايدىسى يوق، ئىشلىتەمسىلەر ئىشلەتمەمسىلەر ئىختىيارىڭلار.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:10:31

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 10:52 static/image/common/back.gif
‹‹ئارپات قۇربان تەرجىمە ئەپلىرى›› مۇشۇ خەت ئارتۇقچە

مەن مۇشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:36:09

ياخشى ئەپتەك قىلىدۇ. ئىسمىڭىز ئارپاتمۇ ياكى ئەراپاتمۇ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:47:51

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 11:10 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

9-سۈرەتكەندە {:181:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:54:39

ئىسمى نىمە بۇ ھەقسىىز تور تېلىفونىنىڭ ؟

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 20:03:40

يارايسىز قېنى بىر ئىشلىتىپ كۆرىنى . نىمە بولسا ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ يەردە قۇيمىغاي ، يەنىمۇ كۆپ تىرىشىڭ ، بىزدەك گەپنى جىق قىلىپ ئىشنى ئاز قىلىدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا يەنىلا سىز ياخشى ، مىڭ قاغىدىن بىر لاچىن ئەۋزەل ، دەپتىكەن بوۋېللىرىمىز .بوشاشماي تىرىشىڭ .

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 00:00:17

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 11:36 static/image/common/back.gif
ياخشى ئەپتەك قىلىدۇ. ئىسمىڭىز ئارپاتمۇ ياكى ئەراپاتمۇ ...

چوڭ دادام ئەرافات قويۇپتىكەن، 3ياش ۋاقتىمدا كېتىپ قاپتۇ. ئىشقىلىپ مەن22يىل مابەينىدە ئارپات بولۇپ كەلگەچكە نەچچە قېتىم ئۇرنۇپ ئەرافاتقا ئۆزگەرتەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئارپات بولدى شۇ.

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 07:26:35

ئەندىشە قىلىشىڭلار ھاجەتسىز  مەن ئىشلىتىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى. دەسلەپ تىزىملاتقاندا 60 مىنۇت بىرىدۇ. كىيىن يەنە سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز ئۆزىنىڭ ئەپ چۈشۈرىدىغان يىرى بار ۋايپاي بار يەردە بىرنەچچە ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بۇلۇپ يۇيۋەتسىڭىز سۆزلىشىش ۋاقتى قۇشۇپ بىرىدۇ. ھەقسىز ماڭىدىغانلىقى ھەقىقەتەن راس  قارشى تەرەپكە نۇمۇر چىقمايدۇ. تېلىفۇندا كارتا بولمىسىمۇ ۋايپايدا تېلفۇن ئۇرغىلى بۇلىدۇ.

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 07:28:50

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 17:54 static/image/common/back.gif
ئىسمى نىمە بۇ ھەقسىىز تور تېلىفونىنىڭ ؟

wewe coll دەپ ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ. wewe دەپلا ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ. ئايفون ئاندرويد نۇسقىللىرى بار

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 08:26:58

بۇلىدىغان ئەپتەك قىلىدۇ، ھارمىغايسىز.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 09:45:44

微微دىگەن ئەخلەت دەڭ
بۇرۇن مەن ئىشلىتىپ باققان،ھەتتا پۇلمۇ قاچىلاپ باققان ،ئەمما شۇ قاچىلانغان پۇلۇمنىمۇ ئىشلىتەلمىدىم،توغرىسى ئىشلەتكىلى بولمىدى،قويمىچى چۇخەيلەر
بۇنداق ئەخلەتنى تەرجىمە قىلغىچە ماۋۇنى قىلىڭ
friend caller

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 21:45:04

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 09:45 static/image/common/back.gif
微微دىگەن ئەخلەت دەڭ
بۇرۇن مەن ئىشلىتىپ باققان،ھەتتا پۇ ...

تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت... راسلام.... ياخشى ئەپلەر بولسا داۋاملىق تەۋسىيە قىلىڭ...
بەت: [1]
: ھەقسىز تېلېفون