گورباچېۋ ئامېرىكىنى ئەيپلىدى
گورباچېۋ ئامېرىكىنى ئەيپلىدى(ئەسلى ماۋزۇسى: گورباچېۋ گېرمانىيەدە ئامېرىكىنى پۇتىنچە ئەيپلىدى)
http://www.CRNTT.com 2014-11-07 22:08:35
جۇڭگو ئوبزور ئاگىنتلىقى 7- نويابىر تېلگراممىسى. خەلق تورىنىڭ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتناشقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلباشى گورباچېۋ، روسىيە ئەلباشى پۇتىننىڭ ئوكرائىنا سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىڭتوننى ئەيىپلىگەن.
بۇ ھەپتە بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلباشى گورباچېۋ 6- كۈنى گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، روسىيەنىڭ ئوكرائىنا سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن: "ئىشىنىمەنكى، پۇتىننىڭ روسىيەنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئىشتىياقى ھەرقانداق ئادەمدىن كۈچلىك". گورباچېۋ يەنە نۆۋەتتىكى ئوكرائىنا كىرزىسى- ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا "باھانە" بولدى، دىدى.
6- كۈنى گورباچېۋ روسىيە تاراتقۇلىرىغا: "روسىيە يېڭى مۇناسىۋەتلەرگە قوبۇل قىلش پوزىتسىيىسىدە بولدى ھەمدە يېڭى ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى ئورناتتى. ھەممە ئاكتىپ يۆنۈلىشكە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلشى ناتايىن." دىدى.
گورباچېۋ ۋاشىڭتوننى ئەيىپلىدى: "ئۇلارنىڭ باشقا پىلانى بار، ئۇلارغا باشقىچە ۋەزىيەت- ھەممە ئىشلارغا قول تىقىش پۇرسىتى كېرەك، مەيلى نەتىجىسىنىڭ ياخشى، يامان بولىشىدىن قەتئى نەزەر. "
http://www.crntt.com/doc/1034/6/7/3/103467301.html?coluid=70&kindid=1850&docid=103467301&mdate=1107220835 بۇ ئادەم تېخى ھاياتما ؟ گورباچىۋنىڭ پۇتىننى قوللىماقتىن باشقا ئامالى يوق، نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ رۇسسىيە پۇقراسى ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىدىكى سەۋەب دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پۇتىننى ئەيىبلىشى مۇمكىن ئەمەس، كونا ھىساباتنى سۈرۇشتۇرۇپ تۈرمىگە سالمىسىلا خوش بولسا بۇلىدۇ. پۇتىننى ئەيىبلىشى ئۈچۇن باشقا دۆلەتكە چىقىپ كەتسە بۇلىدۇ.{:101:} گورباچېۋ arslan428 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:29 static/image/common/back.gif
گورباچىۋنىڭ پۇتىننى قوللىماقتىن باشقا ئامالى يوق، نىم ...
سوۋېت پارچىلىنىپ ،ئۇ نوبىل تىنىشلىق مۇكاپاتىنى ئىلىپ، ئامىركا پۇخراسى بوپ ياشاۋاتقىلى خېلى زامان بوپ قالدى،قايسى يىلنىسى ئۇنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىمۇ ئامىركىدا تەبىرىكلىنىپ تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغانتى. روسلاردىن مەن بىردىن بىر ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم . eltabir9 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 14:05 static/image/common/back.gif
سوۋېت پارچىلىنىپ ،ئۇ نوبىل تىنىشلىق مۇكاپاتىنى ئ ...
مۇنداق دەڭ، كوچۇپ كىتىپتۇدە، قەلبى يەنىلا رۇسسىيەدە ئوخشايدۇ تېخى ئۆلمىدىما بۇ يىتىم خوشامەت قىپتۇ ئېنىقلا ... سۆۋىتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى گورباچېۋنىڭ تۆھپىسى ياكى گۇناھى ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ تاللىشى، گورباچېۋ پەقەت شۇ تارىخى نوقتىغا گۇۋاھچى ۋە ئىجراچى بولدى خالاس. ئەگەر ھەقىقى تۆھپە يېزىشقا توغرا كەلسە بۇ تۆھپە ئامېرىكىغا يېزىلىشى كېرەك، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاتالمىش «ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى» سىتىراتىگىيىسى سۆۋىت ئىتتىپاقىنى %70 ج د پ نى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربى سانائەتكە مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر قىلغان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغۇزۇپ خەلقارا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پىرۋوت كېرىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ سۆۋىتنىڭ پۇلىنى پاخالغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ئەھۋالدا سۆۋىتلىكلەرنىڭ «ئىتتىپاق» تىن ئىبارەت بۇ كېلەڭسىز ئېغىر ھارۋىنى سۆرىگۈدەك ھالى قالمىغان. ئەشۇ ئىككى دۆلەت قاچان بىر-بىرىنى ئەيىپلىمەي، بىر-بىرىنى قوللاپ پاراڭ قىلغان؟
چوڭ بۇش ئامىركىنى، گورباچوف روسىيەنى ئەيىپلىگەن پارىڭى بولسا ئاندىن نىمىشتۇ بۇ، دىگىلى بۇلار؟ بۇ گورباچېف غەلىتە سۆزلەپتىغۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن ھالدا…
ئورۇسلار سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىدا گورباچېۋنىڭ تۆھپىسى چوڭ. ئەگەرئۇ بولمىغان بولسا ھازىرقى ھالەتكە بىرنەرسە دېيىش قىيىن. ئاشۇنداق چوڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلەردە بىرەر شەخسنىڭ رولى ئالاھىدە بولۇپ كېتىدىكەن زادى. ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ شەخس بولمىسىمۇ بەرىبىر شۇنداق بولاتتى دەپ تەھلىل قىلىدىغان گەپكەن.
بەت:
[1]