waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:56:10

شىنجاڭ كوماندىسى شەنشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۇنچى  ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، شەنشى ۋاسكېتبول ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى باشتىن ئاخىرى ئۈستۇنلۈكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 119-101  نەتىجە بىلەن رەقىبى  شەنشى ۋاسكېتبول ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۇچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى   ئاندىرى بىراچ  23 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوردان كىراۋفورد  26 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە  ۋە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 18 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي  17 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 13 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 9 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 7 نومۇر،  1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:33:51

بۈگۈن بېيجىڭ كوماندىسى گۇاڭشىيا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇغۇ. شىنجاڭ كوماندىسى يەڭدى. لېكىن ماۋۇ بىرىنچى ئاۋغۇسىت كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتالمىدى دە. بىرە مەيدان غەلبە قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى پەسىل بىشىدىلا مەغلۇبىيەت بىلەن مىڭىپ كەتتى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 20:00:21

ئادىلجان تېرىنىرغا ئۇۋال بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. ھېلىمۇ نەچچە يىلدىن بېرى بىر توپ يولداشلارنى يېتەكلەپ زور تېرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇنداق كېتىۋەرسە ئايىغى قاياندىن چىقىدىكىن؟ ھېلىقى ۋاڭ جېجى دېگىنى بۇ يىلدىن باشلاپ ياردەمچى تېرىنىر بولدى. بۇنداق كېتىۋەرسە، ئىنقىلابىي يولداشلار مىللىي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ،  ئادىلجاننى قاشقا چىقىرىپ قويامىكىن دەيمەن. لىكىنغۇ چەتئەللىك يوق ئارمىيە كوماندىسىغا NBA دىن تېرىنىر ئەكەلسىمۇ پايدىسى يوق. چۈنكى باشقا كوماندىلار پۇل دېگەننى ئايىماي خەجلەپ يىلدىن_يىلغا كۈچلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.
بۇ يىل لىياۋنىڭ سەل ئىش تىرىيدىغاندەك قىلىدۇ. خادىسون قېتىلىپ تېخىمۇ ئېچىلىپ كېتىپتۇ. چارشەنبە كۈنى قانلىق جەڭ بولىدىغان بولدى.
لىيۇ ۋېينى قوشۇۋىلىپ بەك توغرا قىپتۇ. ئۇمۇ جۇڭگۇلۇق توپچىلارغا نىسبەتەن راسلا پەرقلىق ياخشى ئوينايدىكەن. شىرئەلى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلەرنى ئۆگىنىپ قويسا بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى شەنشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى