hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 15:52:55

ئادەم تىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت (6) ( خىيالچى )

          بىز ئادەتتە چوڭلارنىڭ دۇئا قىلغاندا ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت دىگەننى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ، مەن ھەتتا ناماز دىگەن 5 ۋاق تۇرسا نىمىشقا ئون ئىككى ۋاق دەيسىلەر دەپ تالاشقان يىرىممۇ بولغان ، جوڭيى تىبابىتىگە ئائىت كىتاپلارنى كۆرىۋېتىپ مۇشۇ مەزمۇنلارنى كۈرۈپ قالدىم ، ھەم بۇنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىلمىي قاراش ئىكەنلىگىگە قىياس قىلدىم .تورداشلارنىڭ كۈرۈپ بېقىپ توغرا بولسا پايدىلىنىشىنى ، خاتا بولسا ئىلمىي رەددىيە بىرىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن ....

         ئادەم تىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت ( ئۇنى يازما ماتىرىيال بۇيىچە تەرجىمە قىلساق مېرىدىئان ئايلىنىشى ئىزاھاتى دىگەن گەپ بۇلىدىكەن ) ،ئىلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئۆلىمالار يىغىنچاقلاپ چىققان قانۇنىيەت. ئۇ بىزگە ئادەم تىنىدىكى 12 تال تۇمۇرنىڭ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورنى ئوتتۇرسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ، 12 دانە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ( ئىككى سائەتكە توغرا كىلىدىغان ۋاقىت بىرلىگى )تە خۇشاللىقمۇ قايغۇمۇ بۇلىدىغانلىقىنىئېيتىپ بىرىدۇ .

    I يېرىم كىچە ( 子时 ) ( 23 دىن بىرگىچە ) ( 23:1:00 )
    بۇ ۋاقىتتا ئۆت تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ . جۇڭگو تىبابىتى نەزەرىيىسىدە مۇنداق دىيىلىدۇ : « جىگەردىكى ئارتۇق كۈچ ئۆتكە يىغىلىدۇ ھەمدە خىللىنىپ چىقىدۇ . ئۆت ئادىل بولغان ئەزا . بەش چوڭ ئىچكى ئەزا ، ئالتە كىچىكئىچكى ئەزانىڭ ئىقتىدارى ئۆت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئادەمنىڭ يۈرىكىنى توختىتىدۇ ، يامان ئىللەتلەر كىرەلمەيدۇ . ئۆت قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا ئۇنداق بولمايدۇ . نەپەسقىيىنلىشىپ دەم سىقىلىدۇ ،پىلان تۈزلىشى كەسكىن بولمايدۇ » بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ . بەزىدە دوختۇرلار بىمارلارنىڭ ئۆتىنى ئوپىراتسىيە قىلىپئېلىۋىتىدۇ ،بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك . ئۆت سۇيۇقلىقى ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ ، يېرىم كىچە مەزگىلىدىن ئىلگىرى ئۇخلىغاندا ئۆت ماددا ئالماشتۇرۇشنى تۇللۇق تاماملىيالايدۇ . « ئۆت قانچىلىك سۈزۈك بولسا ، مىڭە شۇنچىلىك سۈزۈك بۇلىدۇ » ئۇمۇمەن يېرىم كىچە مەزگىلىدىن ئىلگىرى ئۇخلىغۇچىلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن مىڭىسى ناھايىتى سەگەك بۇلىدۇ . ئەكىسچە بولسا، ناھايىتى تاتىرىپ كىتىدۇ . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۆت سۇيۇقلىقى نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئامال بولماي قېتىپ كىرىستالغا ئايلىنىپ كىتىدۇ . بۇخۇددى دېڭىز سۈيىنى ئاپتاپقا قاقلىسا تۇزغا ئايلانغىنىغا ئوخشاش ، تاش چۈشۈش كىسەللىگى شەكىللىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنى شۇ سەۋەپتىن « قورقۇنچاق »بۇلۇپ قالىدۇ .
    II نىسبى شەب (丑时) (1:00 – 3:00 )
   بۇ ۋاقىتتا جىگەر تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتە بۇلىدۇ .« جىگەر قان ئامبىرى »، ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ۋە ھەركىتى جىگەردىكى قاننىڭ قوللىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، كونا قانلارنى چىقىرىۋىتىپ ، يېڭى قان ئىشلەپچىقىرىدۇ . بۇ خىل ماددا ئالماشتۇرۇش جىگەر تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە بولغان ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى مۇنداق دەپ قارايدۇ : « ئادەم ياتقاندا بەدەندىكى قانلار جىگەرگە قايتىدۇ » ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەم ئۇخلىمىسا جىگەر يەنىلا ئىنىرگىيە چىقىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئامال بولمايدۇ . « نىسبىي شەب » دىن بۇرۇن ئۇخلىمىغۇچىلارنىڭ رەڭگى بوز رەڭدە بۇلىدۇ ، چارچىغانلىقتىن قۇرغاقلىشىپ كىتىدۇ ،ناھايىتى ئاسانلا جىگەر كىسىلىگە گىرىپتار بۇلىدۇ .
    III بامدات ۋاقتى ( 寅时 ) 3:00 -5:00 ) (يازلىق بامدات )
    بۇ ۋاقىتتا ئۆپكە تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ .« ئۆپكە ھەممە تۇمۇرلارغا تۇتاش » جىگەر نىسبىي شەب ( 3:1 ) ۋاقتىدا كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، يېڭى قان ئىشلەپچىقىرىپ ئۆپكىنى تەمىنلەيدۇ ، ئۆپكە ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزىلىدۇ . شۇڭلاشقا سەھەردە ئادەمنىڭ مەڭزىلىرى قىپقىزىل ، روھى تۇلۇپ تاشقان بۇلىدۇ . بامدات ۋاقتىدا ئۆپكە كىسىلى بار ئادەمنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە كۈچلۈك بۇلىدۇ .
    IV بامدات ۋاقتى (卯时) 5:00 – 7:00 ) ( قىشلىق بامدات )
    بۇ ۋاقىتتا چوڭ ئۈچەي تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ « ئۆپكە بىلەن چوڭ ئۈچەي ئۆز ئارا ئىچى –تېشىدا بۇلىدۇ » ئۆپكە يىتەرلىك يېڭى قاننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزىدۇ ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا چوڭ ئۈچەي تۇمۇرىغا كىرىپ ئويغىنىش ھالىتىگە ئۈتۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . يىمەكلىك تەركىۋىدىكى سۇ بىلەن ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈشنى ئۇرۇنلاپ ، تاشلاندۇقلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . شۇ پەيت چوڭ تەرەت ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى .
    V چاي ۋاقتى ( 7:00 -9:00 ) 辰时) )
بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ . ئادەم سائەت 7 دە ئەتىگەنلىك تاماق يىسە ئەڭ ئۇڭاي ھەزىم بۇلىدۇ . بىراق ناھايىتى كۆپ كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا ئىشقا بېرىشنىڭ ئالدىراشيولى ئۈستىدە بۇلىدۇ ،يول ئۈستىدە ناشتا قىلىش ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بۇلىدۇ . ئاشقازان زىيادە قىزىپ كەتسە ، ئېغىز كالپۇكلىرى قۇرۇپ كىتىدۇ ،ئېغىر بولغاندا كالپۇكلىرى يېرىلىپ كىتىدۇ ياكى يارا چىقىپ قالىدۇ .
    VI ئىش ۋاقتى ( 9:00 – 11:00 ) 已时
    بۇ ۋاقىتتا تال تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ : « تال تۇشۇشنى باشقۇرىدۇ ، تال قان بىلەن بىر تۇتاش بۇلىدۇ » تال بولسا ھەزىم قىلىش ، سۈمۈرۈش ،ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئۇمۇمى تەڭشىگۈچىسى ، يەنە ئادەم تىنىدىكى قاننىڭ بىردەك ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىسى ، « تال ئېغىزغا تۇتاشقان بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى كالپۇكتا بۇلىدۇ » ، قاننىڭ ئىقتىدارىياخشى بولسا ھەزىم قىلىش ، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بۇلىدۇ ، قاننىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بۇلىدۇ ،ئېغىز لەۋلىرى قىپقىزىل بۇلىدۇ ،كالپۇگى ئاقىرىپ كىتىش قان كەمچىللىگىنىڭ بەلگىسى .كالپۇگى قارىداپ قېلىش ،بىنەپشە رەڭلىك بۇلۇپ قېلىش تالغا سوغوق ئۆتكەنلىگىنىڭ بەلگىسى .
    VIIچۈش ۋاقتى ( 13:00 -11:00 )
    بۇ ۋاقىتتا يۈرەك تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ .« يۈرەك روھى ھالەتنى باشقۇرىدۇ . ئېغىز بىلەن تۇتاشقان بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى يۈزىدە ئىپادىلىنىدۇ » . يۈرەك قان ئايلىنىش ، دەم ئېلىش ، ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش ،مۇسكۇل پەيلىرىنى چىڭىتىش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئادەم چۈش ۋاقتىدا 15 مىنۇت ئۇخلىيالىسا ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەشكەناھايىتى چوڭ پايدىسى بار . شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كىيىنلىك ، ھەتتا كەچكىچىلىك بولغانۋاقىتتا زىھنى تۇلۇپ تاشقان بۇلىدۇ .
    VIII پىشىن ۋاقتى ( 15:00 -13:00 )未时
    بۇ ۋاقىتتا كىچىك ئۈچەي تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە بۇلىدۇ . كىچىك ئۈچەي لاي –قۇملارنى ئېنىق ئايرىيدۇ ، سۇيۇقلۇقلارنى دوۋساققا قايتۇرۇپ كىلىپ ، تاشلاندۇقلارنى چوڭ ئۈچەيگە يوللايدۇ ، جەۋھىرىنى تالغا تۇشۇيدۇ ، كىچىك ئۈچەي تۇمۇرلىرى پىشىن ۋاقتىدا ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇزۇقلۇقىغا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ .
    IX دىگەر ۋاقتى ( 17:00 – 15:00 ) 申时
    بۇ ۋاقىتتا دوۋساق تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ . دوۋساقتاسۇيۇقلۇق ۋە خىلىتلار ساقلانغان بۇلىدۇ ،سۇيۇقلۇقلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋاتىدۇ ، خىلىتلار بەدەن ئىچىدە ئايلىنىدۇ . دوۋساق قىزىپ كەتسە يۈتەلنى پەيدا قىلىدۇ ، ھەمدە « ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قۇيۇش » نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    X دىگەر ۋاقتى ( 19:00 -17:00 ) 酉时
    بۇ ۋاقىتتا بۆرەك تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ :« بۆرەك كۈپىيىش سېستىمىسى ۋە بەش چوڭ ئىچكى ئەزا ، ئالتە كىچىڭ ئىچكى ئەزا جەۋھىرىنىڭ ئامبىرى ، بۆرەك ئىرسىيەتنىڭ ئاساسى » . ئادەم تىنى بىرىنچى دىگەر ۋاقتىدا ئوتنى ھەيدەپ زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ،بۆرەك دىگەر ۋاقتىدا « جەۋھەر» لەرنى ساقلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ .
    XI ناماز شام ۋاقتى ( 21:00 -19:00 ) 戌时
    بۇ ۋاقىتتا يۈرەك قېپى كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە بۇلىدۇ .« يۈرەك قېپى يۈرەكنىڭ سىرتقى پەردىسى بۇلۇپ ، قان تۇمۇرلىرى بۇلىدۇ ، ئۇ قاننىڭ يۈرۈش يۇلى ، ئىللەتلەر تۈزەلمىسە ، يۈرەكنى تۈزەش كېرەك » يۈرەك قېپى بولسا يۈرەكنىڭ قوغداش تۇقۇلمىسى ،يەنە قان يۇلى ، يۈرەك قېپى تۇمۇرى ناماز شام ۋاقتىدا ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە بۇلىدۇ ، يۈرەك ئەتراپىدىكى غەيرىي ئىللەتلەرنى تۈزەتكەندە ، يۈرەكنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇتقىلى بۇلىدۇ .
    XII خۇپتەن ۋاقتى ( 23:00 -21:00 ) 亥时
    بۇ چاغدا سەن جىياۋ تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە بۇلىدۇ . سەنجىياۋ تۇمۇرى بولسا ئالتە كىچىك ئىچكى ئەزا ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى ئەزا . ئۇ ئۇرۇنلارنى كونتىرول قىلىش ،سۇ يوللىرىنى تازلاش رۇلىغا ئىگە . خۇپتەن ۋاقتىدا سەن جىياۋ بارلىق تۇمۇرلارغا تۇتىشىدۇ . ئەگەر ئادەم خۇپتەن ۋاقتىدا ئۇخلىسا ، تۇمۇرلار دەم ئېلىپ ئىسىنى يىغىۋالىدۇ -دە ، ئادەم تىنىگە ناھايىتى پايدىلىق بۇلىدۇ .
    خۇپتەن ۋاقتى 21:00 دىن باشلاپ بامدات ۋاقتى 3:00 كىچە بولغان ئارىلىق ئىچىدە ئادەم تىنىدىكى ھۈجەيرىلەر ئارام ئېلىپ ئىسىنى يىغىۋالىدىغان ، كونىنى ھەيدەپ يېڭىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋاقىت ، شۇنداقلا ئادەم تىنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئۇقىدا ئايلىنىشى تۈپەيلىدىن قۇياشنىڭ يەنە بىر تەرەپكە ئۈتىدىغان ۋاقىت . بىر كۈن ئىچىدىكى « قىش پەسلى » گە باراۋەر بۇلىدۇ . مەنفى تىنچ تەرەپدارى بۇلىدۇ ، ئادەم ئۇخلشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى . مۇشۇ چاغدا ئارام ئالغاندا ، ئاندىن ياخشى بولغان بەدەن ۋە روھى ھالەتكە ئىگە بولغىلى بۇلىدۇ . بۇ ئۇخلىشى كۆپ بولغان بوۋاقلارنىڭ سىمىز ، ياخشى ئۈسىدىغانلىقى ، غەلۋىخور بالىلارنىڭ يىتىلىشى ياخشى بۇلمايدىغانلىقى بىلەن ئوخشاش داۋلى.
   XXX
   ئاتالغۇلار :
【津液】خلىت-جۇڭگو تىبابىتىدە ئادەم تىنىدىكى بارلىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلشى ، ئۇ قان سۇيۇقلىقى ، شۆلگەي سۇيۇقلىقى ، ياش سۇيۇقلىقى ، تەر سۇيۇقلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
【三焦】 سەنجىياۋ- تىلنىڭ ئاستىدىن كۆكرەككىچە بولغان ئارلىق. جۇڭگو تىبابىتىدە تىلنىڭ ئاستى قىسىمىدىن كۆكرەك بوشلىقىنى بويلاپ قورساق قىسىمىغىچە بولغان قىسىمى .
【上焦】 جۇڭگو تىبابىتىدە ئاشقازاننىڭ ئۈستى ئېغىزىدىن باشلاپ تىلنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغىچە بولغان ئارلىق يۈرەك ، ئۆپكە ،قىزىل ئۆڭگەچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئاساسلىق ئىقتىدارى نەپەسلىنىش ، قان ئايلىنىش قاتارلىقلار .
【中焦】 جۇڭگو تىبابىتىدە ئاشقازاننىڭ يۇقىرى ئېغىزىدىنۋە تۆۋەنكى ئېغىزىغىچە بولغان ئارلىق ، ئاساسلىق ئىقتىدارى ھەزىم قىلىش .
【下焦】 جۇڭگو تىبابىتىدە ئاشقازاننىڭ تۆۋەنكى ئېغىزىدىن داس بوشلىقىغىچە بولغانقىسىم . ئۇ بۆرەك ، كىچىك ئۈچەي ، چوڭ ئۈچەي ، دوۋساق قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئاساسلىق ئىقتىدارى سۈمۈرۈش ۋە چوڭ كىچىك تەرەت قىلىش .



hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:10:57

مەنبە:
      ۋاڭ لىڭنىڭ رەڭدار پەردە ئارقىلىق ساغلاملىقنى بىكىتىش (观虹膜知健康)
       چىن بوۋېينىڭ جوڭگو تىبابىتىدىن دەسلەپكى ساۋات (中医入门 )
      سەي خوڭگۇاڭنىڭ قولغا قاراپ ساغلاملىقنى بىكىتىش ۋە تۆت پەسىلللىك كۈتۈنۈش ۋە يىمەك –ئىچمەك


ئىزدىنىش مۇنبىرىگىلا خاس

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:10:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-7 16:07

جوڭگو تىبابىتىگە ئائىت مەزمۇنلاردىن مۇنبەرگە جەمئى بەش پارچە يوللانغان بۇلۇپ مەزكۇر تېما ئالتىنچىسى   ، قالغانبەشىنى كۈرۈش ئادرىسى :
      بىرىنچى :
      رەڭدار پەردە ئىلىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
      http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60354&fromuid=4520
       ئىككىنچى :
       رەڭدار پەردىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك رەڭگارەڭ بۇلۇشنىڭ سىرى
       http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60395&fromuid=4520
       ئۈچىنچى :
       ئادەم تىنىدىكىمۇھىم ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى
       http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60396&fromuid=4520
       تۆتىنچى :
       كىسلاتالىق بەدەنۋەئۇزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش
      http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60398&fromuid=4520
       بەشىنچى :
      جوڭگو تىبابىتىدىكى بەش ئىلمىنت(خىيالچى)
      http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60589&fromuid=4520
       ئالتىنچى :   
       ئادەم تىنىدىكى بىئولوگىيىلىكسائەت (6)( خىيالچى )
       http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60590&fromuid=4520

    جوڭگو تىبابىتىگە قىزىقمايدىغان دوستلارنىڭمۇ ھىچبولمىغاندا تۆتىنچى تېما بىلەن ئالتىنچى تېمىدىن ئىلمىي پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:10:59


1. كومپىيوتېردىكى رەسىمنى چىقارغاندا نىمىشقا خالىغان ئۇرۇنغاچىقارغىلى بولمايدۇ ؟
2. توردىكى رەسىمنى چىقارغاندا رەزمىسىنى قانچە قىلغاندا بەكمۇ يوغان چىقىپ كەتمەي ، بەكمۇ كىچىك بۇلۇپ قالماي تېمىدا يوللانغان رەسىمدىكىدەك چوڭلۇقتا كۈرۈنىدىغان قىلغىلى بۇلىدۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:12:04

ئون ئىككى ۋاقىتنىڭ تېخىمۇ ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى كۈتىمەن ....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 17:21:21

ھەر بىر ئەزانى قاچان قانداق خىزمەتتە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسىز، بىز شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ قاچان نىمىش قىلساق سالامەتلىكىمىزگە پايدىسى بار؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 17:39:13

ئېسىل تىما بوپتۇ بۇرادەر،بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بېسىپ ياتقان بايلىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىساڭلا مەن بىر ياقتىن ئۆگىنىپ ماڭاي دەيمەن،قۇياش ۋە ئايلىق ھەققىدىمۇ بارمۇ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 17:50:46

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 16:10 static/image/common/back.gif
1. كومپىيوتېردىكى رەسىمنى چىقارغاندا نىمىشقا خالىغان...

ماۋۇ تىمىنىڭ 17-قەۋىتىدىكى ئۇسۇل بويىچە قىستۇرسىڭىز، خالىغان جايغا قىستۇرغىلى بولىدۇ.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=redirect&goto=findpost&ptid=56487&pid=331588&fromuid=2

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:27:24

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 17:39 static/image/common/back.gif
ئېسىل تىما بوپتۇ بۇرادەر،بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بېسىپ ...

بىز تۇنجى كۈرۈشكەندە گىپىنى قىلغان ماتىرىياللار شۇ ، شۇنىڭدىن بىزگە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغانلىرىنى يوللاۋاتىمەن ....
خاتا يەرلىرى بولسا كەسكىن رەددىيە بەرسەڭلار بۇلاتتى ...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:01:20

ئەلقىسسە ھەكىم بايلىق تېپىۋاپتۇ

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 23:51:20

ياخشى تېما بوپتۇ ... {:92:}

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 08:31:10

تەيجى گۇمپىسىنىڭ بەلگىسى تۇرۇدىيا رەسىمدە؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 08:36:11

رەسىم ئۈچۈن ئاز ۋاقىت كەتمىدى ....

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:37:16

تەيجى مەزھىپىدىكىلەر كەلگۈسىدە،ئادەم تىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەتنى بىز بايقىغان دەۋالمىسىلا بولدى.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:48:46

لازىملىق بىلىملەركەن،رەھمەت قېرىندىشىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:03:14

ismail يوللىغان ۋاقتى2014-11-8 08:31 static/image/common/back.gif
تەيجى گۇمپىسىنىڭ بەلگىسى تۇرۇدىيا رەسىمدە؟

تەيجى گۇمپىسى دېگەن كىنونى كۆرسىڭىزبىلىسىز.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:05:44

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 19:27 static/image/common/back.gif
بىز تۇنجى كۈرۈشكەندە گىپىنى قىلغان ماتىرىياللار شۇ ،...

ئۆگىنىۋاتىمەن، رەددىيە بەرگۈدەك ھالدا ئەمەسمەن .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:14:00

dolqun يوللىغان ۋاقتى2014-11-8 13:37 static/image/common/back.gif
تەيجى مەزھىپىدىكىلەر كەلگۈسىدە،ئادەم تىنىدىكى بىئول ...

ئىشقىلىپ خەنزۇچە مەنبەدىن كەلگەن ماتىرىيال ئىكەنلىگى ئېنىق ، بەلكىم تەيجى گۇمپىسى بىلەن باغلىنىشلىقى بارمۇ تېخىكىم بىلىدۇ ؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:49:24

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-11-8 14:03 static/image/common/back.gif
تەيجى گۇمپىسى دېگەن كىنونى كۆرسىڭىزبىلىسىز.

كۆرگەچكە دېدىم. ھەنىم بولسا خەيگىلاسىزماپتۇ بۇ خىيالچى;P

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:12:29

ismail يوللىغان ۋاقتى2014-11-9 12:49 static/image/common/back.gif
كۆرگەچكە دېدىم. ھەنىم بولسا خەيگىلاسىزماپتۇ بۇ خىيا ...

غەلۋە قىلماي ئۆزىڭىز سىزىڭە خەيگە ....
بەت: [1] 2
: ئادەم تىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت (6) ( خىيالچى )