hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 14:44:21

جوڭگو تىبابىتىدىكى بەش ئىلمىنت (خىيالچى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 15:32  

       ئادەم بەدىنىدىكى بەش چوڭ  ئىچكى ئەزانىڭ ئىقتىدارى  

        I بۆرەك
    1. بۆرەكتە ئۇرۇق ساقلىنىدۇ – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، سوغوقتىن قورقمايدۇ . ئەر- ئاياللىق تۇرمۇش ياخشى بۇلىدۇ .
    2. بۆرەك سۇنى باشقۇرىدۇ – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،سۇيۇقلۇق ماددا ئالمىشىش نۇرمال بۇلىدۇ ،ئادەم ئىششىقتىن سەمىرىپ قالمايدۇ .
    3. بۆرەك سۈڭەك يىلىك ئۈسۈشىنى باشقۇرىدۇ –بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،پۇت-قول سۈڭەكلىرى كۈچلۈك ،دۈمبە تىك چىشلىرى مۇستەھكەم ، ئاسان ئۈسەلەيدۇ .
   4. بۆرەك ھاۋا،گاز قۇبۇل قىلىشنى باشقۇرىدۇ – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ئادەمنىڭ دىمى سىقىلمايدۇ ،يۈزىدە داغ بولمايدۇ .
   5. بۆرەك ئەقلىي قابلىيەتنى باشقۇرىدۇ ، مىڭىدىن ئۈتىدۇ – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىدۇ ،ئۆگىنىشى ئازادە بۇلىدۇ ،ياشانغانلار دىۋەڭلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ .
   6. بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا چاچ قۇيۇق، پارقىراق تۈكۈلمەيدۇ .
   7. بۆرەك قۇلاققا تۇتاش بۇلىدۇ –بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، ئاڭلىشى سەزگۈر ھەم ئېنىق بۇلىدۇ .
   8. بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئىككى خىل تەرەت ياخشى بۇلىدۇ . سۈيدۈك تېمىپ قالمايدۇ قەۋزىيەت بۇلۇپ قالمايدۇ ، ئىچى سۈرۈپ كەتمەيدۇ .
   9. كىچىسى ئۇخلاشتا – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئېغىزى ناھايىتى نەمخۇش تۇرىدۇ .
   10. ئىرادىسى مۇستەھكەم بۇلىدۇ –بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،روھى تۇراقلىشىدۇ ،قايغۇرمايدۇ ، قورقمايدۇ .
  11. ئىرادە ساقلانغان بۇلىدۇ – بۆرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئىرادىسى ئۇلۇغۋار ،كۆڭلىدە يۈكسەك غايىسى بۇلىدۇ ،نىشانى ئېنىق بۇلىدۇ .
    II جىگەر
   1. جىگەر ئاجرىتىپ چىقىرىشنى باشقۇرىدۇ  ،جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،يەل راۋان بۇلىدۇ .
   2. جىگەر قان ساقلاشنى باشقۇرىدۇ – جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئادەم يەڭگىل ، يۈزلىرى قىزىل ،قانلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ،كەيپىياتى ياخشى بۇلىدۇ .
   3. جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،بولجۇڭ گۆش ۋە سۈڭەك ساغلام بۇلىدۇ ، ھەركەت جانلىق بۇلىدۇ ،تىرناقلار ئىگىلمەس بۇلىدۇ ، مەڭزى قىپقىزىل پارقىراق بۇلىدۇ .
   4. جىگەر ئەڭ چوڭ ئېلىۋەتكۈچى – جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، بەدەننىڭ ئىمۇنت كۈچى كۈچلۈك بۇلىدۇ .
   5. جىگەر كۆزگە تۇتاش بۇلىدۇ ، كۆز يېشىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ – جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،كۆزى نۇرلۇق بۇلىدۇ ،روھلۇق نۇر چاقناپ تۇرىدۇ ،نەرسىلەرنى ئېنىق كۈرەلەيدۇ .
   6. جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئىرادىسى كۈچلۈك بۇلىدۇ ،كەيپىياتى ئازادە بۇلىدۇ ، ئىش قىلغاندا ئەتراپلىق بۇلىدۇ .
  7. جىگەردە روھ ساقلانغان بۇلىدۇ –جىگەر قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، روھ ياشىرىپ تۇرىدۇ ،يۇشۇرۇن ئېڭى كۈچلۈك بۇلىدۇ .
    IIIيۈرەك
    1.  يۈرەك ئەس -ھۇشىنى باشقۇرىدۇ – يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، روھى كەيپىياتى تۇلۇپ تاشقان بۇلىدۇ ،قىياپىتى روھلۇق بۇلىدۇ .
    2. يۈرەك قان تۇمۇرنى باشقۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى يۈزدە بۇلىدۇ –يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،يۈزى قىپقىزىل پارقىراق ،تىرىلىرى سىلىق ،يۇمشاق بۇلىدۇ .
    3. يۈرەك تىلغا ئۇلاشقان بۇلىدۇ –يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا-تىل قىزىل جانلىق،يۇمشاق بۇلىدۇ .
   4. يۈرەك تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ – يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،تەر تۈشۈكچىلىرىنىڭ  تەر چىقىرىشى نورمال بۇلىدۇ .
   5. خۇشاللىق ئۈچۈن ۋەزىپىدە بۇلىدۇ –يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا –خۇشال كەيپىياتتا بۇلىدۇ ، پاراڭلىشىشنى خالايدۇ .
  6. يۈرەكتە زېھىن ساقلانغان بۇلىدۇ –يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ئەس-ھۇشى ئۈچۈن ئىنكاسى تىز بۇلىدۇ .
    IV تال
    1. تال سۇ،ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئايلىنىشى ۋە تۇشۇلىشىنى باشقۇرىدۇ – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىدۇ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشى تىز بۇلىدۇ .
   2. تال سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئايلىنىشىنى باشقۇرىدۇ – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، ئادەم خام سىمىز بۇلۇپ قالمايدۇ .يۈزى ئارتۇقچە سەمىرىپ كەتمەيدۇ .
   3. تال پاكىزلاشنى ،كۈتۈرۈشنى باشقۇرىدۇ – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئىچكى ئەزالار تۆۋەنگە چۈشىۋالمايدۇ .تىرە قورۇق بولمايدۇ .
   4. تال قان ئايلىنىشنى باشقۇرىدۇ –تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، قان سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كەتمەيدۇ ،تىرە ئاستىدا داغ پەيدا بۇلۇپ قالمايدۇ .
   5. تال مۇسكۇل پۇت- قوللارنى باشقۇرىدۇ – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،مۇسكۇل ساغلام پۇت-قوللار كۈچلۈك ، كۈچلۈك ئېلاستىكىلىققا تولغان بۇلىدۇ .
   6 . تال ئېغىز ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كالپۇك قاتارلىقلارنى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،ئېغىزى خۇشپۇراق ، كالپۇكلىرى قىزىل يۇمشاق بۇلىدۇ .
   7. ئوي –پىكىرگەباغلىنىشلىق بۇلىدۇ  – تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،تەپەككۇر تىز ، ئۇچۇق- يۇرۇق بۇلىدۇ .
   8. تالدا مەنە ساقلانغان بۇلىدۇ –تال قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،پىكرى مول بۇلىدۇ .ئەسكە ئېلىپ ئويلاش ئىقتىدارى مول بۇلىدۇ ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى بۇلىدۇ .
    Vئۆپكە
    1. ئۆپكە نەپەسنى باشقۇرىدۇ – ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا نەپەس يوللىرى ئۇچۇق ، نەپەسلىنىشى راۋان بۇلىدۇ .
    2. ئۆپكە تۇمۇرلارغا يۈزلەنگەن بۇلىدۇ – ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،قان ئايلىنىش ياخشى ،ئوكسىگىن مىقتدارى يۇقىرى ،زىھنى ۋە كۈچ قۇۋۋىتى تۇلۇپ تاشقان بۇلىدۇ .
    3. ئۆپكە سۇ يوللىرىنى باشقۇرىدۇ – ئۆپكەقۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ، سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئايلىنىشى راۋان بۇلىدۇ ،ئادەم خام سىمىز بۇلۇپ قالمايدۇ .
    4. ئۆپكە تىرە- تۈكلەرگە تۇتاش بۇلىدۇ – ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،تىرە يۇمران پارقىراق بۇلىدۇ ، ئاسان قېرىمايدۇ .
    5. ئۆپكە بۇرۇنغا تۇتاش –( ماڭقىغا ) بۇلىدۇ- ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ،بۇرنى پۇراققا نازۇك ،پۇراش سەزگۈسى ئۆتكۈر بۇلىدۇ .
    6. ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ئاۋازى ساز ،نەپەسلىنىشى راۋان بۇلىدۇ .
    7. ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا ئادەم ئارتۇقچە غەم يىمەيدۇ ،دائىم خۇشال يۈرىدۇ .
    8 . ئۆپكىدە كۈچ قۇۋۋەت ساقلانغان بۇلىدۇ – ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولسا، ئىش قىلغاندا كەسكىن ھەم ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرىدۇ . ئىرادىسى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بۇلىدۇ .

    جوڭگو تىبابىتىدىكى بەش  ئىچكى ئەزا ھەمدە بەش ئىچكى ئەزانىڭ كىسەللىك ئىنكاسى
    I بىر-بىرىنى پەيدا قىلىش مۇناسىۋىتى
ياغاچ( جىگەر، ئۆت ) ئوتنى پەيدا قىلىدۇ ( يۈرەك، كىچىك ئۈچەي )،  ئوت تۇپراقنى پەيدا قىلىدۇ ( تال ، ئاشقازان )،تۇپا مىتالنى پەيدا قىلىدۇ  ( ئۆپكە ،چوڭ ئۈچەي ) ،مىتال سۇنى پەيدا قىلىدۇ ( بۆرەك ،دوۋساق )، سۇ ياغاچنى پەيدا قىلىدۇ .
    II ئۆز ئارا يۇقۇتۇش مۇناسىۋىتى
ياغاچ تۇپراقنى يىڭىۋالىدۇ ،تۇپراق سۇنى يىڭىۋالىدۇ ، سۇ ئوتنى يىڭىۋالىدۇ ،ئوت مىتالنى يىڭىۋالىدۇ ،مىتال ياغاچنى يىڭىۋالىدۇ .
    III بەش ئەزانىڭ كىسەللىك ئىنكاسى  
    1.  يۈرەكنىڭ كىسەللىك  ئىنكاسى : كۆڭلى ئىلىشىپ نەپىسى سىقىلىدۇ ، يۈرەكنىڭ سۇقۇش قېتىم سانى تەكشى ئەمەس ، مەيدىسى  ئاغرىيدۇ ،ئۇيقۇسىز بۇلىدۇ . كۆپ چۈش كۈرىدۇ ،كۆپ تەرلەيدۇ . ئوغرى تەر چىقىدۇ ،باش قايىدۇ . يۈرەك قوزغىلىدۇ ( چۈچىيدۇ ) ، يۈرىكى ئاغرىيدۇ ،بەش مەركەز ئىسسىقلىققا مايىل بۇلىدۇ (قول ئالقىنى، تاپان ئوتتۇرسى ،كۆكرەك )، تىل گەز باغلايدۇ ، كالپۇكى كۈكىرىپ كىتىدۇ ، ئېغىزدىن قان ئاقىدۇ ،يۈزى پوكاندەك قىزىرىپ كىتىدۇ ،كۆزى يۇقۇرىغا تارتىشىپ كىتىدۇ ،گېلى قۇرۇيدۇ ، تۇتقاق كىسىلى بۇلىدۇ ،سۈيدۈكى ئىسسىق بۇلىدۇ ،سىيگەندە ئاغرىيدۇ ،قان چىقىدۇ . ،( سىيگەندە ) سۈيدۈك تامىدۇ ،ئاشقازان ۋە پۇت قوللىرى سوۋۇپ كىتىدۇ ، پۇت- قوللار تارتىشىپ قالىدۇ ،تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كىتىدۇ ، چۈچۈپ ۋارقىرايدۇ ، ئەس ھۇشى جايىدا ئەمەس ،يىغلاش ،كۈلۈش نورمال ئەمەس ،گەپ سۆزلىرى قالايمىقان ،ئۇنتۇغاق ،ھارغىن چىراي بۇلىدۇ ، كۆپ تۈكىرىدۇ ،تۈكۈرىكى سېرىق ، قۇيۇق بۇلىدۇ ،گېلىنى قىرىپ تۈكىرىدۇ ، سىمىز ھەم ئېغىر بۇلىدۇ ، كۆك ئىششىق ياكى جاراھەت بۇلىدۇ .
    2. جىگەر- كىسەللىك ئىنكاسى : ئېغىز قۇرۇيدۇ ،ئاغزى ئاچچىق بۇلىدۇ ،كۆزى مايماق ،ئاغزى قىڭغىر بۇلىدۇ  ، چىشلىرى كىرىشكەن بۇلىدۇ ،ئىككى كۈزى يۇقىرىغا تارتىشىپ قالىدۇ ، تىلى تىكلىشىدۇ ،قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ ،ئۇيقۇسىزلىشىدۇ ، باش قايىدۇ ، باشلىرى قان تىپىپ ئاغرىيدۇ ،قۇلاق گاس بۇلۇپ قالىدۇ ، باش ئاغرىيدۇ ،پۇت-قوللارنىڭ پىيى تارتىشىپ قالىدۇ ،ئۇيۇشۇپ قالىدۇ ، بۇغۇملار قېتىپ كىتىدۇ ،جىگەر رايۇنى تېلىپ ئاغرىيدۇ ،ئىككى قۇۋرۇغا ئاغرىيدۇ ،ئاسان ئاچچىقلايدۇ ،كۆپ گۇمانلىنىدۇ ،كۆڭلى ئىلىشىدۇ ،قۇسىدۇ ،بۇغزىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سىزىم بۇلىدۇ ،قورسىقى ئاشقازىنى كۈپىدۇ ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ ،مايلىق تاماقلارنى يىگۈسى كەلمەيدۇ ،كۆكسى ئىششىپ قالىدۇ ،ھەيز مەزگىلى نۇرمالسىز بۇلىدۇ ، ئاغىرتىپ كىلىدۇ ،سېرىق ئارىلاش كىلدۇ ، خاراكتىرى سوغوق مۇئامىللىك بۇلىدۇ ، ھامىلدار بۇلالمايدۇ ،衅丸 ئىششىپ قالىدۇ ،ئاسان زۇكام بۇلىدۇ ،ماغدۇرسىز بۇلىدۇ ،پىكىر قىلىش ئېغىر بۇلىدۇ ،قورقۇنچاق بۇلىدۇ ،ئىسسىق سوغوقنى ياخشى سىزەلمەيدۇ ، يول ماڭغاندا ياخشى سىزەلمەيدۇ ، يول ماڭغاندا راۋرۇس ماڭالمايدۇ .
      3. تال- نىڭ كىسەللىك ئىنكاسى : ئاغزى ئاچچىق پۇرايدۇ ،ئېغىزى چاپلىشاڭغۇ ، كىر بۇلىدۇ .ئالدىنقى چىكىسى ئاغرىيدۇ ،يۈزى ساغىرىدۇ ،ئىتىھاسى ناچارلايدۇ ، پۇت –قوللىرىنىڭ كۈچى بولمايدۇ ،تىزى ئاغرىيدۇ ،ئۇرۇق بۇلىدۇ ،ئۇنتۇغاق بۇلىدۇ ، گەپ خوشياقماس بۇلىدۇ ،ئۇيقىسىرايدۇ ، ئاسان ماغدۇرسىزلىنىدۇ ،باش قايىدۇ ، ئۇھ تارتىشقا ئامراق ،بېشى ئېغىر بۇلىدۇ ،تىرىسى قىچىشىدۇ ،ئاشقازان تەتۈر كىسلاتالىق بۇلىدۇ ،ئاشقازان ئوتتەك قىزىپ تۇرىدۇ ،ئاشقازان يۇشۇرۇن ئاغرىيدۇ ،ئىسسىق تاماقنى خالايدۇ ،قورسىقى كۈپىدۇ ،قورسىقى سوغوقتەك بىلىنىدۇ ، ئېغىز ،بۇرۇن ،چىش تۆۋىدىن قان چىقىدۇ ،تىرە ئاستىدا قان ئۇيىۋالىدۇ ،قان تۈكىرىدۇ ،قان كەم ،قان ئاقىدۇ ،چوڭ تەرىتىدىن قان كىلىدۇ ، بالياتقۇ (脱落) چۈشۈپ كىتىدۇ، ئاق خۇن سۇيۇلۇپ كىتىدۇ ،رەڭگى ئاق بۇلىدۇ ،مىقدارى كۆپ بۇلىدۇ ،مەقئەت يۇلى ساڭگىلاپ قالىدۇ ، پۈتۈن بەدەن ئىششىپ قالىدۇ .
    4. ئۆپكىنىڭ كىسەللىك ئىنكاسى :  باش ۋە بەدەنلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ ، ئاۋازى تۆۋەنلەپ ئىزىلەڭگۈلىشىدۇ ، زىگوماتىك رايۇن ( كۆزنىڭ سىرتقى ئاستى قىسىمى ) قىزىرىدۇ ،ئۇرۇقلايدۇ ،بەدىنى پۇت قۇلى مۇزلايدۇ ،ھەرىكەت قىلسا ھاسىرايدۇ، تۈز ياتالمايدۇ ،پۇرىيالمايدۇ ، كۆڭلى ئىلىشىدۇ ،مەيدىسى ئاغرىيدۇ ،يۈتىلىدۇ ، گېلى قۇرۇيدۇ ، قۇرۇق يۈتىلىدۇ ، تۈكۈرۈك ئاز ،چاپلىشاڭغۇ بۇلىدۇ ،كۆپ تۈكىرىدۇ ، يۈتەلگەندە بەتبوي تۈكىرىدۇ ،يۇقىرى بەدەن قىسىمى ئىششىپ قالىدۇ ، ئېغىز بەدەن ۋە تىرىلىرى قۇرغاقلىشىدۇ ،نەپەس كۈچسىزلىشىدۇ ، قەۋزىيەت بۇلىدۇ ،چوڭ تەرەت ئاز ،قۇرغاق ،تۇراقسىز بۇلىدۇ .
    5. بۆرەك –نىڭ كىسەللىك ئىنكاسى : تامىقى ئاز بۇلىدۇ ،كىچىك بالىلارنىڭ تىنى كىچىك ، پاكار بۇلىدۇ ،ئەقلى تەپەككۇرى تۆۋەن بۇلىدۇ ،ھەرىكىتى ئاستا ، پۇتلىرى يۇمشاق كۈچسىز يۇمشاق بۇلىدۇ ، ياشانغانلار بالدۇر زەئىپلىشىدۇ ،ئۇنتۇغاق ،ھاڭۋاقتى بۇلىدۇ ،بىلى تېلىپ ئاغرىيدۇ ، پۇتلىرى ئېغىرلىشىدۇ ،تۆۋەنكى بەدەن سوغوق بۇلىدۇ ، ئۇزاق ۋاقىت ئىچى سۈرۈپ توختىمايدۇ ،سەھەردە ئىچى سۈرىدۇ ،قورساق كۈپىدۇ ،يۈرىكى قوزغىلىدۇ ،كىچىك تەرىتى راۋان بولمايدۇ ،بەدەن قول- پۇتلىرى ئىششىپ قالىدۇ ،قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ ،يۇقىرى قان بېسىم ،قان سۇيۇقلىقى يېپىشقاق ،مىجەز سۇسلاپ كىتىدۇ ،ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسى ئاز بۇلۇپ ئەۋلات قالدۇرالمايدۇ ، ئاياللار ھەيز توختاپ ھامىلدار بۇلالمايدۇ .تاش چۈشىدۇ ،ياللۇغلىنىدۇ ،بۇغۇملار ئاغرىيدۇ ،بۇغۇملاردا كىسەللىك ئۆزگىرىشى بۇلىدۇ ،توختىماي يۈتىلىدۇ ، پۇتى ئۈلۈمگە ساڭگىلايدۇ .

       پەلسەپىدە  مۇنداق گەپ بار  : « پۈتۈنلۈك قىسمەنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ ، قىسمەنلىك پۈتۈنلىك ئىچىدە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ  «جۇڭگو تىبابىتى»دە قەدىمدىن بۇيان مۇشۇ بىر كۆز قاراش بار . مەسىلەن : «جۇڭگو تىبابىتىدە ھەر بىر بۆلەك قان تۇمۇر بەش ئەزانىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ ،قان تۇمۇرلارنىڭ تۇمۇر دىۋارى جىگەر ئارقىلىق باشقۇرىلىدۇ . جىگەر نۇرمال بولمىسا ، قانمۇ نۇرمال بولمايدۇ . قاننىڭ ئايلىنىشى يۈرەك تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ ، يۈرەك قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولمىسا ،قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستا بۇلىدۇ . قاننىڭ ئۇزۇقلىنىشىغا تال مەسئۇل بۇلىدۇ .تال ئاجىز بولسا ، قاننىڭ رەڭگى ئاچ رەڭدە بۇلىدۇ . قاننىڭ ئوكسىگىن مىقدارىغا ئۆپكە مەسئۇل بۇلىدۇ . ئۆپكە ئاجىز بولغان قاننىڭ رەڭگى غۇۋا بۇلىدۇ . قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى بۆرەك ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . بۆرەك ئاجىز بولسا ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلىدۇ »دەپ قارايدۇ ..


    جوڭگو تىبابىتىگە ئائىت مەزمۇنلاردىن مۇنبەرگە جەمئى بەش پارچە يوللانغان بۇلۇپ مەزكۇر تېما بەشىنچىسى ، قالغان تۆتىنى كۈرۈش ئادرىسى :
    بىرىنچى :
    رەڭدار پەردە ئىلىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
    http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60354&fromuid=4520
     ئىككىنچى :
      رەڭدار پەردىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك رەڭگارەڭ بۇلۇشنىڭ سىرى
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60395&fromuid=4520
     ئۈچىنچى :
    ئادەم تىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى
    http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60396&fromuid=4520
      تۆتىنچى :
     كىسلاتالىق بەدەن  ۋە  ئۇزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش
    http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60398&fromuid=4520

    جوڭگو تىبابىتىگە قىزىقمايدىغان دوستلارنىڭمۇ ھىچبولمىغاندا تۆتىنچى تېما بىلەن كىيىن يوللىماقچى بولغان ئالتىنچى تېمىدىن ئىلمىي پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

مەنبە:
        ۋاڭ لىڭنىڭ رەڭدار پەردە ئارقىلىق ساغلاملىقنى بىكىتىش (观虹膜知健康)
       چىن بوۋېينىڭ جوڭگو تىبابىتىدىن دەسلەپكى ساۋات (中医入门 )
      سەي خوڭگۇاڭنىڭ قولغا قاراپ ساغلاملىقنى بىكىتىش ۋە تۆت پەسىلللىك كۈتۈنۈش ۋە يىمەك –ئىچمەك


ئىزدىنىش مۇنبىرىگىلا خاس

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 15:35:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 15:32  


جوڭگو تىبابىتىدىكى بەش ئىلمىنت

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 15:35:09


رەسىمنىڭ مەزمۇنى :
     1. ياغاچ ئوتنى تۇغىدۇ . سۇ ئوتنى يېڭىۋالىدۇ .
    I قىزىل رەڭ يۈرەككە ماس كىلدۇ ،ئوتقا تەۋە بۇلىدۇ ،تىز ئېقىشقا ماس كىلىدۇ ،ئىسسقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى ياندۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ .
    2. ئوت تۇپراقنى تۇغىدۇ، ياغاچ تۇپراقنى يېڭىۋالىدۇ .
    II سېرىق رەڭ تالغا ماس كىلىدۇ تۇپراققا تەۋە بۇلىدۇ، كۈچنى تۇللۇقلاشقا ماس كىلىدۇ ،تازلاپ پاكىزلاش ئاساس قىلىنىدۇ .
    3 . تۇپراق مىتالنى تۇغىدۇ ،ئوت مىتالنى يىڭىۋالىدۇ .
    III  ئاق رەڭ ئۆپكىگە ماس كىلىدۇ . مىتالغا تەۋە ، تەكشى تۇلۇقلاشقا ماس كىلىدۇ ،رۇسلاپ مۇستەھكەم قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ .
    4. مىتال سۇنى تۇغىدۇ ،تۇپراق سۇنى  يېڭىۋالىدۇ .
   IV قارا رەڭ بۆرەككە ماس كىلىدۇ .سۇغا تەۋە بۇلىدۇ ، بۆرەكنى ئىسسق تۇتۇشقا ماس كىلىدۇ ،روھنى قۇۋەتلەپ بەدەننى كۈچەيتىشكە ماس كىلىدۇ .
  5. سۇ ياغاچنى تۇغىدۇ ،مىتال ياغاچنى يېڭىۋالىدۇ .
  V يېشىل رەڭ جىگەرگە ماس كىلىدۇ ،ياغاچقا تەۋە بۇلىدۇ .يۇقىرلاپ تۇللۇقلاشقا ماس كىلىدۇ ،توكسىننى ھەيدەپ  ئۇزۇقلاندۇرۇشقا ماس كىلىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:16:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 19:38  

جوڭيى تىبابىتىدىكى بەش ئىلمىنت بىلەن ئالەمنىڭ ماسلىق قانۇنىيىتى
ياغاچ ، ئوت ، تۇپراق ، مىتال ،سۇ
تەبىئەت دۇنياسى :
بەش خىل تەم : ئاچچىق ( ئاچچىقسۇ تەملىك  )، ئاچچىق  (ئەمەن تەملىك )  ،تاتلىق ( قەنت)،ئاچچىق (تۇز تەملىك )،  
بەش خىل رەڭ : كۆك ، قىزىل ،سېرىق ،ئاق،قارا
بەش خىل ئايلىنىش : تۇغۇلۇش ،ئۈسۈش ، ئايلىنىش ، قۇبۇل قىلىش ، ساقلاش
بەش خىل ئىقلىم : شامال ، تۇمۇز ، نەملىك ، قۇرغاقلىق ، سوغوق
بەش پەسىل : باھار ، ياز ،ئۇزۇن ياز ، كۈز ، قىش
بەش تەرەپ : شەرق ، جەنۇپ ، ئوتتۇرا، غەرپ ، شىمال ،
ئادەم تىنى :
بەش چوڭ ئىچكى ئەزا : جىگەر ، يۈرەك ، تال ، ئۆپكە ، بۆرەك
بەش كىچىك ئىچكى ئەزا : ئۆت ، كىچىك ئۈچەي ، ئاشقازان ،چوڭ ئۈچەي ،دوۋساق .
بەش سەزگۈ ئەزا : كۆز ، تىل ، ئېغىز ،بۇرۇن ، قۇلاق
بەش خىل ئەزا : مۇسكۇل پەي ، قان تۇمۇر ، گۆش ئەت ، تىرە-تۈك ، سۈڭەك
بەش خىل سۇيۇقلۇق : كۆز يېشى ،تەر ، شۆلگەي ، ماڭقا ،تۈكۈرۈك
بەش خىل كەيپىيات : غەزەپلىنىش ، خۇشال بۇلۇش ، ئويلاش ، غەم قىلىش ،قورقۇش
بەش گۈزەللىك : تىرناق ، يۈز ، كالپۇك ، قاش كىرپىك ، چاچ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:38:39

阴阳五行说نى تەيۋەنلىك  پروففىسور 曾仕强  «س س ت ۋ »دا  سۆزلىگەندە بەك بېرىلىپ كۆرگەن ئىدىم ، بۇ پىروگىراممىنىڭ ئىسمى «百家讲坛» 易经 。
http://tv.cntv.cn/video/C10302/b159e45784234c07882a8a8f783542b2

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:44:17

كۆپ كۈچ چىقىرىپسىز،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى،چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ.تەشەككۇر!!!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:50:45

ئېسىل تىما،مەن ئۈچۈنلا يوللانغاندەك

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 22:24:48

رەھمەت،

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 22:59:37

   1. بۆرەكتە ئۇرۇق ساقلىنىدۇ
‏------------
‏بۆرەك بىلەن ئۇرۇقنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 15:38:11

« ئۆسمۇر بالا - رۇنتۇ » ، « يۇرتۇم » ھىكايىلىرىدە رۇنتۇنىڭ ئىسمى توغرىلىق توختىلىپ ، دادىسى پال ئاچقۇزغاندا ئۇنىڭدا بەش خىل جىسمدىن پەقەت تۇپراقلا كەم بولغاچقا ، ئۇنىڭغا تۇپراق دىگەن مەنىدە ، رۇنتۇ دەپ ئىسىم قويغان دەپ چىقاتتى ، ئاشۇ بەش جىسىم مۇشۇ بەش ئېلمىنت بولسا كېرەك ...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 16:53:43

جۇڭگۇنىڭ بەش ئاناسىرى (داتۇ() ئىكەن ،   شامالنى نەزەرگە ئالمايدىكەن ھە ، ياغاچ دىگەن تۇپراقتىن ئۈنىدىغان ، باشقا ئاناسىرلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇرسا ئايرىم سانايدىكەن ، مىتالمۇ تۇپراقنىڭ بىر تەركىبى ،    بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتى خىلى ئىلمىمۇ نىمە ،    باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئاساسى ماددا قارىشى بىز بىلەن ئوخشاشمۇ ؟ ئوردۇلاردىن باشقا ئەرەبلەرنىڭ ، پارىسلارنىڭمۇ ئوخشامدۇ

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 18:20:38

ياغاچ ھاۋا.            ەرەپلەر ماتىريالىزىمغا بەكراق مايىل.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:26:04

بىلىشىمچە ئوخشاش،بەزى ئالىملار ئوتنى چىقىرىۋېتىپ ئۈچ دېگەن بولسىمۇ ئاساسى قاراشتا ئاساسى ماددىلار يەنىلا تۆت…
بەت: [1]
: جوڭگو تىبابىتىدىكى بەش ئىلمىنت (خىيالچى)