tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 14:16:56

ئەتىر ھىكايە ياسىن ئەبەيدۇللا

ئۇنىڭغا بىر نەرسە سوۋغا قىلىشنى ئويلاپ يۇرەتتىم.
ئىشتىن قايتىپ كىلۋىتىپ كىچىك ئەمما چىرايلىق بېزەلگەن سوۋغات بۇيۇمى ساتىدىغان دۇكاننى كۆرۈپ قالدىم.
ئىدارىگە يىقىنلا  يەردە مۇشۇنداق بىر دۇكاننى ئىلگىرى كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق. بۇرۇن بولسىمۇ دىققەت قىلمىدىممۇ ياكى يىڭى ئىچىلدىمۇ ئەيتاۋۇر ماڭا بەكلا ناتۇنۇش بىلىندى. دوكان ئىشىكىگە كىلىپ ئىچىگە قارىدىم. تام ۋە پولنىڭ رەڭگى، تورۇستىكى ئاسما چىراغ ئادەمگە ھەشەمەتلىك قەدىمقى ئوردىلاردەك بىر خىل تۇيغۇ بېرەتتى. تام ياقىلاپ قۇيۇلغان جاھازىلاردا ھەرخىل سۇۋغات بۇيۇملىرى رەتلىك تىزىلغان ئىدى.  كۆزۈم دۇكان ئۇتتۇرسىغا قۇيۇلغان  ئىيىق، كۈچۈك، بۆجەنلەرنىڭ چوڭراق قورچاقلىرىغا نەزەر تاشلىغاندا، باياتىن ئىشىك تەرەپكە دۇمبىسىنى قىلىپ، بىر بۇلۇڭدا نىملەرنىدۇ رەتلەپ  تۇرغان دۇكاندار قىز، ئىشىنى تۇگەتكەن چېغى بۇرۇلۇپ مەن تەرەپكە قارىدى. ئۇ يىگىرمە بەش ياشلاردىكى كۆزلىرى يۇغان ، ئاق يۈزلۈك قىز ئىدى. مېنىڭ ئىچىگە كىرمەي شۇنچە قاراپ تۇرغىنىمغا ھەيران بولدىمۇ، ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىدىن  "تاراق -تاراق " ئاۋاز چىقىرىپ ئىشىك تەرەپكە كەلدى.

چىرايىدا بولسا سۇس تەبەسسۇم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ كىلۋاتقىننى كۆرۈپ يەنە مۇشۇنداق تۇرىۋېرىشنى ئەپسىز كۆرۈپ بۇسۇغا ئاتلاپ ئىچىگە كىردىم. ۋە جاھازىدىكى  سۇۋغاتلىق نەرسىلەرگە قاراشقا باشلىدىم. راستىنى دىسەم ئۇنىڭغا نىمە ئىلىپ بېرىش ھەققىدە كۆڭلۈمدە ئېنىق سان يوق ئىدى.
شۇڭا تىزلا دۇكاننى بىر ئايلىنىپ  بۇلاي قىلدىم. چىرايلىق  زىننەت بۇيۇملىرى، ھەميان، يانغۇنغا ئاسىدىغان تۈلۈك ئۇششاق نەرسىلەر، شارپا ، كىچىك رومانتىك بۇيۇملار ھەممىنى كۆرۈپ چىقتىم. لىكىن ھىچقايسىسى ماڭا ياقمىدى.
-نىمە ئالاتتىڭىز؟ -دەپ سوراپ قالدى قىز. - ئەتىر- دىدىم. ئەمما ئەتىر ئېلىش نىيتىمنىڭ بار -يوقلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. بۇ گەپ كاللامغا بىردەمدىلا كىلىپ قالغانىدى. لىكىن نېمە سەۋەپتىن شۇنداق دىدىم ئۇقمايلا قالدىم. - مانا بۇ ياقتا بارغۇ، سىزگە ياقمىدىمۇ؟- دىدى قىز . مەن بايا كۆرۈپ بولغان زىننەت بۇيۇملىرى جاھازىسىنى كۆرسىتىپ. قايتىپ بېرىپ قارىغانىدىم، دىگەندەك بىر رەت ئۇستۈنكى جاھازىدا ھەرخىل ئەتىرلەر تىزىپ قۇيۇلغان ئىدى.
- ئۆزىڭىز ئىشلىتەمسىز يا؟- دىدى قىز يېنىمغا كىلىپ. - ياق، قىز دۇستۇمغا سۇۋغا قىلاي دىگەنىدىم. يېقىندا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. -ئەمسە مانا بۇ ئەتىرلەر  قىزلارغا ماس كىلىدۇ. پۇرقى يىنىك، خۇشپۇراق، ئەمما ئۇزاققىچە كەتمەيدۇ.- قىز شۇنداق دەپ ئەتىرلىرىنى ماختاشقا باشلىدى. ئۇ كۆرسەتكەن ئەتىرلەرنى سىناشقا باشلىدىم. ئەتىر ئىلىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم. شۇڭا ئەپلەشتۇرەلمەي قالدىم بۇنى كۆرۈپ دۇكاندار قىز يەنە سۆزلەشكە چۈشتى. - ئەتىرنى مۇنداق سىنايدۇ،  بېغىشقا بوش پۈركەيسىز. مانا مۇنداق. پۇراپ بىقىڭە- ئۇ شۇنداق دەپ ئەتىر چاچقان بېغىشنى بۇرنۇمغا ئىلىپ كەلدى. ئۇ تۇنجى سىنىغان ئەتىر ماڭا يىقىپ قالدى. لىكىن بۇ قىز دۇستۇم ئىشلىتىدىغان ئەتىر ئەمەس ئىدى. بۇ ئەتىر پۇرىقىنى نەچچە يىل ئىلگىرى پۇرىغاندەك قىلاتتىم . لىكىن شۇ چاغدا قەيەردە پۇرىغانلىقىمنى  ئەسلىيەلمىدىم.ئەتىرنى ئىلىپ قايتتىم. ئۆزۈمنىڭ تۇيۇقسىز ئەتىر ئېىلىپ قالغىنىمغا كۈلگۈم كىلەتتى، ئۇنى بۇ سوۋغامنى چۇقۇم ياقتۇرىدۇ دەپ خۇش بۇلاتتىم.
ئۇ ئەتىرنى كۆرۈپ تۇلىمۇ ھەيران بولدى، ئەتىرگە تىكىلگەن كۆزىدە، ئىختىيارسىز ئىچىلغان لىۋىدە ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھەيرانلىق زاھىر بۇلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسدىن يا خۇشاللىقنى يا خاپىلىقنى بىلگىلى بولمايتتى. خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ قىلمىدى. - ياقتۇردۇڭمۇ؟- دىدىم مەن ئۇنىڭ ئۈنسىز ھالىغا قاراپ. ئەمما ياقتۇرمىغان ئۇخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. - قانداق بۇلۇپ ... بۇرۇن ياقتۇراتتىم.-دىدى ئۇ ماڭا غەمكىن قاراپ.  - ھازىر ياقتۇرمامسەن، نېمىشقا؟- دىدىم.
ئالدىمدىكى چاينى بىر ئىچىۋىلىپ. - بۇ ئەتىر مەرھۇم ئاپامنى ئەسلىتىپ قۇيىدۇ. بۇ ئەتىرنى ئاپام تاللاپ بەرگەنىدى، ئاپام قازا قىلغان شۇ كۈندىن ئىتبارەن بۇ ئەتىرنى ئىشلىتىپ باقمدىم. ئۇ شۇنداق دەپ بىر ئۇھ تارتىپ قويدى، ئاندىن ئەتىرنى ئىلىپ بۇرنىغا يىقىن تۇتۇپ، قىنىپ پۇرىدى. -ئاپام بۇ ئەتىرگە ئامراق ئىدى. مەنمۇ ئامراق ئىدىم.
ئەتىر ئىشلىتىشنى بىلىپ تۇنجى ئىشلەتكەن ئەتىرمۇ شۇ ئىدى. كىيىن ئاپام ئاغرىپ قالدى. ئۇقۇۋاتقان بولغاچقا شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى يېنىدا بۇلاتتىم. ئۇنىڭ كىسلى كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ كېتۋاتاتتى. دۇختۇرخانىنىڭ بىمارلار ئۈچۈن بېرىدىغان تاماقلىرىنىمۇ يىيەلمەي قىلۋاتاتتى. شۇڭا مەخسۇس تاماق ئېتىشكە تۇغرا كىلەتتى. شۇ كۈنى مەن چۈشكە يىقىن دۇختۇرخانىدىن ئايرىلدىم. بىكەتكە كەلسەم  ئاپتۇبۇس تىخى كەلمەپتۇ. خىيالمىدا ئاپاملا بار ئىدى. تۇيۇقسىز بىرى" ئاپتۇبۇس كەلدىمۇ؟" دەپ سورىدى. قارىسام ياشلا بىر يىگىت كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۈزۈك ئاچالماي  يېنىمدىلا تۇرىدۇ. قارغۇ ئۇخشايدۇ  دىسەم ئۇنداقمۇ ئەمەستەك قىلاتتى. "ياق" دىدىم ئۇنىڭغا. " مەن ھەدىيە خانىم كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسغا بارغانتىم. كۆزۈمگە قارچۇق چوڭايتىدىغان دورا تېمىتقان ئىدى. شۇڭا كۈچلۈك نۇر ئاستىدا كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىكەنمەن. دۇختۇرغۇ سەل تۇرۇپ مېڭىڭ دىگەن مەن ئالدىراپ چىقىۋاپتىمەن." دىدى ئۇ يىگىت سەل ئۇڭايسىزلىنىپ.... ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ئەتىرنى قەيەردە پۇرىغانلىقىم يادىمغا يەتتى. ئەسلى شۇ كۈنى ماڭا يادەم قىلغان قىز باشقا بىرى ئەمەس بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ لايىقىم بولغان، ئالدىمدىكى مۇنۇ قىز ئىكەن. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاجايىپ دىسە. - ئاپتۇبۇس كەلگەندە ئۇ يىگىتنى  چىقىرىپ قويدۇڭ.
يەنە تىخى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتتىڭ شۇنداقمۇ؟- دىدىم مەن كۈلۈپ. - ھە شۇنداق، قانداق بىلدىڭىز؟- دىدى ئۇ ھەيران بۇلۇپ. ۋە ماڭا باشقىدىن قاراشقا باشلىدى. - ۋاي ساراڭ، شۇ يىگىت مەن تۇرسام. كۆزۈمنى بىر داۋالاتقىنىمنى ساڭا دىگەنتىمغۇ ئېسىڭدە بارمۇ؟ سەن ماڭا ئۇچرىغان كۈنى تەكشۇرۇشكە بارغانتىم. - راسىت سىزكەنسىزدە. پەقەت ئويلىماپتىمەن. شۇ كۈنى تاماقنى ئىنچىكلەپ ئەتكۈزۈپ، دۇختۇرخانىغا كەلسەم دادام قايغۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئاپام كۆزىنى يۇمغانچە جمجىت يىتىپتۇ. قولىنى تۇتساممۇ ئىسسقلا. ئەمما دادام" قىزىم بىز ئاپىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق" دىدى. راستىنلا ئاپامدىن ئايرىلىپ قالدۇق شۇ كۈنى. مەن دەرت- قايغۇدىن تۈگشىپلا كەتتىم. بۇ ئەتىرنىمۇ شۇندىن بۇيان ئىشلەتمىگەنىدىم. -دىدى ئۇ. - ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. مېنىڭ ئېسىمدە پەقەت مۇشۇ ئەتىرنىڭ پۇرىقىلا قاپتۇ. يا شۇ كۈنى ئىسمىڭنى سورىماپتىمەن. جىقمۇ پاراڭلاشماپتىكەنمىز ئۇ چاغدا ھە.-دىدىم مەن. - مەن ئۇقۇغان كىتاپلاردا «ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمنى ئۇنۇتما، يامانلىق قىلغان ئادەمنى بولسا تىزراق ئۇنتۇپ كەت » دەپتىكەن ئەمما سىز ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىكەنسىز - دىدى ئۇ ئەتىرنى يەنە بىر قىتىم پۇرىغاندىن كىيىن رەنجىگەن قىياپەتتە. - ھى ھى ھى! ئەمسە ماڭا ياخشىلىق قىلغان ئاق كۆڭۈل قىز، ئسمىڭىزنى بىر دەپ بېرىڭە، مەڭگۇ ئۇنتۇتماس قىلىپ كۆڭۈل خاتىرەمگە يىزىپ قوياي. - رەيھانغۇ، بىلىپ تۇرۇپ سورايدىكەن- دىدى ئۇ چاقچىقىمنى بىلىپ كۈلۈمسىرەپ. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن يۈزىدە بىر جۇپ چوڭقۇر زىناق پەيدا بولدى. -ئەسلى رەيھان پۇراقلىق ئەتىر ئىكەنسىز دە- دىدىم.
گىپىم ئويلىمغان يەردىن چىققان بولسا كېرەك. ئۇ  باياتىنقى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كۈلۈمسىرەشتىن ھالقىپ   قاتتىق كۈلۈشكە باشلىدى. مەڭزىدىكى زىناق بولسا تىخمۇ چوڭقۇرلاپ كەتتى. بۇ زىناق گويا قاينامدەك، مىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقاندەك بىلىندى. - ياقتۇردۇڭمۇ؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. - ھەئە. بۈگۈن يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم. بۇرۇن بۇ ئەتىر ئاپامنى ئەسلىتىپ، ئازاپلايدۇ دەپ ئويلايتتىم. بۇنى ئۆزۈمگە يۈك ھىساپلىۋاپتىمەن. ئەمدى بىلسەم ئەسلەپ تۇرۇشۇم كېرەككەن.
ئەسلمەي ھەم مۇمكىن ئەمەستە. ئانا دىگەن بىر ئىنساننىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمى. بۇ ئەتىر ئاپامنى ئەسلەتكىنى ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتسەم بولغۇدەك، رەھمەت ساڭا. رەيھاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ ئەتىرنى ئالغىنىمدىن رازى بۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسام پۈتۈن تۇرقىدىن بىر خىل بەختىيارلىق تۈكۈلۈپ تۇراتتى.
مەنبە:تور دۇنياس

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:25:21

بۇئەسەرنى  بۇرۇن بىر مۇنبەردە ئوقۇغۇنىم ئېسىمدە  ..ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىدى..
خاتالاشمىسام بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ مۇشۇ مۇنبەردىغۇ دەيمەن ....{:87:}

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 17:15:34

بۇ ھىكايىنى مەن يازغانىدىم. تەۋپىق قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغىنىغا رەھمەت، ئەمما ئىملانى بۇزۋەتمىگەن بولسا ياخشى بۇپتىكەن. بەزى جايلىرى چاپاننى ئىگىز-پەس تۈگمىلىۋالغاندەك بۇپ قاپتۇ.

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:14:53

bayram يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 17:15 static/image/common/back.gif
بۇ ھىكايىنى مەن يازغانىدىم. تەۋپىق قېرىندىشىمىزنىڭ يو ...

شۇنداق بۇپقاپتا راس ئۆزرە....:funk:

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 01:56:04

bayram يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 17:15 static/image/common/back.gif
بۇ ھىكايىنى مەن يازغانىدىم. تەۋپىق قېرىندىشىمىزنىڭ يو ...

   « بۇ ھىكايىنى مەن يازغانىدىم. تەۋپىق قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغىنىغا رەھمەت، ئەمما ئىملانى بۇزۋەتمىگەن بولسا ياخشى بۇپتىكەن. بەزى جايلىرى چاپاننى ئىگىز-پەس تۈگمىلىۋالغاندەك بۇپ قاپتۇ.»

كەچۈرۈڭ. توغرىسى مۇنداق ئىكەن: بۇ ھېكايىنى مەن يازغان ئىدىم.  ئەمما ئىملانى بۇزۇۋەتمىگەن بولسا. ياخشى بۇپتىكەن : بولۇپتىكەن. ئىگىز - پەس. ئېگىز - پەس تۈگمىلىۋالغاندەك بولۇپ قاپتۇ
بەت: [1]
: ئەتىر ھىكايە ياسىن ئەبەيدۇللا