jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 08:47:58

سۈزۈك سەۋزە (مويەن)


ئاپتورى: مويەن (خەنزۇ)


ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

(پوۋېست)
1

كۈزنىڭ بىر ئەتىگىنى ھاۋا ناھايىتى نەمخۇش ئىدى، ئوت-چۆپلەرنىڭ ياپراقلىرىدا، كاھىشلارنىڭ ئۈستىدە سۈپسۈزۈك شەبنەم يالتىراپ تۇراتتى. يوپۇرماقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاچ سېرىق رەڭگە كىرىپ بولغان تۇخۇمەك دەرىخىگە ئېسىقلىق داتلىشىپ كەتكەن مىس داڭمۇ شەبنەمدە نەملىشىپ كەتكەنىدى. چاپىنىنى يېپىنچاقلىۋالغان ئەترەت باشلىقى بىر قولىدا زاغرا، يەنە بىر قولىدا پوستى سويۇلغان غولپىيازنى تۇتقىنىچە سۆرەلمىلىك بىلەن داڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. داڭنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغىچە قولىدىكى نەرسىلەرنى سوقۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئىككى قۇۋۇزى كۈزدە ئۇۋىسىغا توختىماي ئوزۇق توشۇيدىغان قېرى چاشقاننىڭ قورسىقىدەك تومپىيىپ تۇراتتى. ئۇ داڭنىڭ ئارغامچىسىنى بىر لىڭشىتىۋىدى، داڭ توقمىقى داڭ دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ، داڭ-داڭ-داڭ قىلغان ئاۋاز ئەتراپنى بىر ئالدى. ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ ھەممىسى تار كوچىلاردىن چىقىپ داڭ تۈۋىگە يىغىلىپ، ئەترەت باشلىقىغا خۇددى ياغاچ قورچاقتەك قاراپ تۇرۇشتى. ئەترەت باشلىقى ئاغزىدىكىنى تەستە يۇتۇۋېتىپ، يۆگىمەچ ساقال ئاغزىنى يېڭى بىلەن سۈرتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بەزەپ گەپلەر يېغىپ كەتتى:

‐‐ ئاناڭنى! كوممۇنادىكى ئىتنىڭ بالىلىرى، بۈگۈنى ئىككى تامچى دەۋاتقان، ئەتىسى ئىككى ياغاچچى دەۋاتقان… نەچچە ئەمگەك كۈچىنى بىردىن-ئىككىدىن ئېلىپ كېتىشتى. تاشچى،‐‐ دېدى ئۇ ئېگىز بوي، يەلكىسى كەڭ يىگىتكە قاراپ،‐‐ كوممۇنا كەنتىمىزنىڭ كەينىدىكى كەلكۈن توسمىسىنى كېڭەيتمەكچىكەن، ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرى بىردىن تاشچى، بىردىن قارا ئىشچى ئەۋەتسۇن دەيدۇ، سەن بارمىساڭ بولمىدى ئەمدى.

چىشى ئاق، قېشى قارا، كېلىشكەن، قامەتلىك تاشچى يىگىت بېشىنى يېنىككىنە سىلكىپ ماڭلىيىغا چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەپ قويدى.

‐‐ قا… قارا ئىشچىلىققا كىم بارىدۇ؟‐‐ دېدى ئۇ سەل دۇدۇقلاپ.

ئەترەت باشلىقى سوغۇق ئۆتكەندەك سەل دۈگدەيدى، كۆزلىرىنى پىقىرىتىپ كىشىلەر توپىغا نەزەر تاشلىدى:

‐‐ ئاياللار بارسۇن دەپتىكەن، لېكىن ئۇلار پاختا تېرىدىغان تۇرسا، ئەرلەرنى ئەۋەتسەم زايا كېتىدۇ.

ئاخىرى ئۇنىڭ نەزەرى بۇلۇڭدا توختىدى. تامنىڭ بۇلۇڭىدا ئون ياشلاردىكى بىر بالا تۇراتتى. بالا يالاڭئاياغ، بەدىنىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ بولۇپ، يېشىل سىزىقلىق ئاق ئىشتان كىيىۋالغانىدى، بەزىسى ئوت-چۆپ شىرنىسىگە، بەزىسى قۇرۇپ قالغان قان ئىزىغا ئوخشايدىغان داغلار قاپلىغان ئىشتان بالىنىڭ تىزىنى ئارانلا يېپىپ تۇرغاچقا، پاچىقىدىكى  يارا-تارتۇقلارنى يوشۇرالمىغانىدى.

‐‐ قارىۋاي، ھوي ئىتنىڭ بالىسى، تىرىكمۇسەن؟‐‐ دېدى ئەترەت باشلىقى بالىنىڭ توخۇنىڭ تۆشىدەك بۆرتۈپ چىققان مەيدىسىگە قاراپ،‐‐ سېنى دوزاخقا كەتتىمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن تېخى. ساقايدىڭمۇ بەزگەك؟

بالا قاپقارا، نۇرلۇق كۆزلىرىنى ئەترەت باشلىقىغا تىككىنىچە جىم تۇردى. يوغان بېشىنى تىرەپ تۇرغان ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بوينى ھامان سۇنۇپ كېتىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى.

‐‐ بىر نەچچە نومۇرغا ئىشلىگۈڭ بارمۇ؟ ئوسۇرۇقتا ئۇچۇپ كەتكۈدەك بۇ تۇرقۇڭدا نېمىمۇ قىلالارسەن-ھە، تاشچى بىلەن توسمىغا بارغىن، بولامدۇ؟ ئۆيۈڭگە بېرىپ بولقىدىن بىرنى ئېلىپ كەل، تاش چاقىسەن، مادارىڭ بولسا جىقراق چاق، بولمىسا ئازراق چاقارسەن، تارىخىي تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، كوممۇنا سالغان ھاشارنىڭ ھەممىسى ئەجنەبىيلەرنىڭ كۆزىنى بوياشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بالا تاشچىنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، ئۇنىڭ پېشىنى يېنىك تارتتى.

‐‐ ئۆيۈڭگە بېرىپ ئۆگەي ئاناڭدىن بولقا سوراپ كەل،‐‐ دېدى تاشچى ئۇنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ،‐‐ مەن كۆۋرۈك بېشىدا ساقلاپ تۇراي.

بالا يۈگۈرۈپ كەتتى. يۈگۈرگەندەك ھەرىكەت قىلدى-يۇ، يۈگۈرگەندەك سۈرئەتكە يېتەلمىدى، كۈچەپ شىلتىۋاتقان بىلەكلىرى خۇددى شامالدا پۇلاڭلاۋاتقان قارانچۇقتەكلا كۆرۈنەتتى. كەينىدىن قاراپ قېلىشقان كىشىلەر ئۇنىڭ يالىڭاچ گەۋدىسىگە تىكىلگىنىدە بەدىنىگە تىترەك ئولاشقاندەك بولدى.

‐‐ ھەي، ئۆگەي ئاناڭدىن بىر چاپان ئېلىپ كىيىۋال جۇمۇ،‐‐ دېدى ئەترەت باشلىقى چاپىنىنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ بەكرەك تىقىلىپ،‐‐ ھەي، بىچارە گۇي.

بالا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆيگە كىردى. ھويلىدا بۇرنىدىن كۆك ماڭقىسى ئېقىپ قالسىمۇ كارى يوق، سۈيدۈكىنى لاي ئېتىپ ئويناۋاتقان كىچىك بالا ئۇنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپلا ”ئا…گا…، كۆتە…“ دەپ قوللىرىنى سۇندى. ئۇ يەرگە ئېڭىشىپ قىزغۇچ ئۆرۈك يوپۇرمىقىنى ئالدى-دە، ئۆگەي ئانىسى تۇغۇپ بەرگەن ئىنىسىنىڭ بۇرنىنى ئېرتىپ قويدى، ئاندىن ماڭقا يۇقى يوپۇرماقنى تەشۋىق ۋارىقى چاپلىغاندەك، تامغا پاققىدە چاپلاپ قويدى. ئۇ ئىنىسىگە قول پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، غىپپىدە ئۆيگە كىرىپ، بۇلۇڭدىن تۆمۈر دەستىلىك مۈڭگۈزسىمان بولقىنى ئالدى-دە، يەنە تۇيدۇرماستىن قايتىپ چىقتى. ئىنىسى يەنە ئۇنىڭغا قاراپ گۇڭراشقا باشلىدى. قارىۋاي يەردىن بىر تال شاخنى ئېلىپ، ئىنىسىنى چۆرىدەپ چوڭ بىر چەمبەر سىزدى-دە، شاخنى تاشلىۋېتىپ كەنتنىڭ كەينىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. كەنتنىڭ كەينىدە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر دەريا، دەريادا توققۇز سۈڭگۈچلۈك تاش كۆۋرۈك بار ئىدى. دەريا بويىدىكى باراقسان مەجنۇنتاللار يازىچە كەلكۈنگە چىلىشىپ ياتقاچقا، غوللىرىدىمۇ قىپقىزىل يىلتىزلار ئۆسۈپ كەتكەنىدى. ھازىر كەلكۈن توختىغاچقا يىلتىزلار قۇرۇپ كەتكەن، مەجنۇنتالنىڭ ياپراقلىرىمۇ سولۇشۇپ، غازاڭلار دەريادا ئاستا ئېقىشقا باشلىغا-نىدى. قاش بويلاپ ئۈزۈپ يۈرگەن بىر نەچچە ئۆردەك ”غاق-غاق-غاق“ قىلىشقىنىچە قاشتىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا بېشىنى تىقىپ نېمىنىدۇر ئىزدەپ يۈرۈشەتتى، بىر نەرسە تېپىپ يېيەلىگەن-يېيەلمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

بالا دەريا بويىغا كەلگۈچە ھېرىپ ھالسىراپ كەتتى. بۆرتۈپ چىققان كۆكرىكىدىن گويا چۈجە مىكىيان قە-قەسلىگەندەك ئاۋاز چىقاتتى.

‐‐ قارىۋاي!‐‐ تاشچى كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ۋارقىرىدى،‐‐بولە تېزرەك!

قارىۋاي يۈگۈرگەندەك مېڭىپ تاشچىنىڭ ئالدىغا كەلدى، تاشچى ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ ”توڭمىدىڭمۇ؟“ دەپ قويدى.

قارىۋاي ئەنسىزلىك بىلەن تاشچىغا قارىدى. تاشچى قېلىن كۆك رەختتىن ئىشتان-چاپان كىيگەن، ئىچىدىكى ئوتقاشتەك قىپقىزىل تەنتەربىيە مايكىسىنىڭ ياقىسىنى چاپان ياقىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋالغانىدى. قارىۋاي ئۇنىڭ ياقىسىغا ئوتقا قارىغاندەك تىكىلىپ تۇرۇپلا قالدى.

‐‐ نېمىگە قارايسەن؟‐‐ تاشچى يېنىككىنە سىلكىپ قويۇۋېدى، ئۇنىڭ بېشى ئاسما دۇمباقتەك پۇلاڭلاپ كەتتى،‐‐ سېنىزە، ئۆگەي ئاناڭ ئۇرۇپ ساراڭ قىلىپ قويدى-دە سېنى.

تاشچى ئىسقىرتقاچ بالىنىڭ بېشىغا يېنىك چېكىپ ماڭدى، ئىككىيلەن كۆۋرۈك بىلەن يۈرۈپ كەتتى. قارىۋاي بېشىنى تاشچىنىڭ توختىماي چېكىپ مېڭىشىغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئاۋايلاپ ماڭدى. تاشچىنىڭ تاياقتەك توم، ئۇزۇن، قاتتىق بارماقلىرى بېشىغا تەگكەندە ناھايىتى ئاغرىتسىمۇ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ، ئاۋاز چىقارمىدى، پەقەت ھەر قېتىم تەگكەندە ئاغزى قىيسىيىپ كېتەتتى. تاشچى ئىسقىرتىشقا ئۇستا ئىدى، ھېلى ئۇچلىنىپ، ھېلى ئېچىلىپ تۇرغان كالپۇكلىرىدىن يېقىملىق، جاراڭلىق ناۋا ياڭراپ، ئەتراپقا تارايتتى.

ئۇلار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ قارشى قىرغاققا چىقتى، غەربكە قاراپ يەنە يېرىم چاقىرىم ماڭسىلا كەلكۈن توسمىسىغا يېتىپ باراتتى، توسما دېيىلگىنىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر كۆۋرۈك ئىدى، ئېتىپ قويسا كەلكۈن توسىدىغان، ئېچىۋەتسە كەلكۈننى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغان تاقىقى بولغاچقىلا كۆۋرۈكتىن پەرقلىنەتتى. دەريا قېشىدىكى يانباغىردا جىرمىلەر قالايمىقان ئۆسۈپ كەتكەنىدى. قاش بويىدىكى نەچچە ئون مېتىر كەڭلىكتىكى سايدا كەلكۈندىن كېيىن بىر مۇنچە ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ چىققانىدى. ئۇنىڭ نېرىسى پايانسىز دالا بولۇپ، يىلدا بېسىپ كېلىدىغان كەلكۈن قۇمساڭغۇ توپىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ دالانىڭ ئەسلىدىكى قاتتىق قارا توپىسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇر-غانىدى. بۇ يىل كەلكۈن توسمىغا خەۋپ يەتكۈزمىگەچكە، توسمىنىڭ چۈشۈرگىسى ئېچىۋېتىلمىدى. يىللاردىن بۇيان كەلكۈن ئېقىتىۋېتىلىدىغان بۇ كەڭرىلىككە بۇ يىل بېنگال سېرىق كەندىرى تېرىلغان بولۇپ، ئىپتىدائىي ئورماندەك زىچچىدە ئۆسۈپ كەتكەنىدى. سەھەر پەيتىدە ئۈستىدە ئەگىپ يۈرگەن نېپىز بىر قەۋەت تۇمان كەندىرلىكنى چىرايلىق دېڭىزغا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

تاشچى بىلەن قارىۋاي توسما ئۈستىگە چىقىپ، توسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قۇملۇقتا ئىككى توپ ئادەمنىڭ تۇر-غانلىقىنى كۆردى. بىر توپ ئەر بىلەن بىر توپ ئايال تىركىشىپ تۇرغان ئىككى قوشۇندەك كۆرۈندى. بىر كوممۇنا كادىرى ئىككى توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، قولىدىكى كىچىك دەپتەرگە قاراپمۇ قويماي سۆزلەۋاتاتتى، بىلەكلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر چۈشەتتى. تاشچى قارىۋاينى يېتىلىگىنىچە توسمىنىڭ بىر بېشىدىكى سېمونت پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، كادىرنىڭ ئالدىغا كەلدى.

‐‐ ليۇ مۇدىر، بىز كەلدۇق،‐‐ دېدى تاشچى. ئۇ كوممۇنانىڭ ھاشىرىغا جىق چىققاچقا، دائىم ھاشارچىلارغا باشچىلىق قىلىدىغان ليۇ مۇدىر بىلەن ئوبدان تونۇشاتتى. قارىۋاي مۇدىرنىڭ كەڭ ئاغزىغا قارىدى. بۇ ئېغىزنى شەكىللەندۈرگەن بىنەپشە رەڭلىك كالپۇكلار بىر-بىرىگە سوقۇلۇش ئارقىلىق بىرقاتار تاۋۇشلارنى ساھىل قىلدى:

‐‐ ھە تاشچى، يەنە سەن گۇينى ئەۋەتتىما! ئادەم تاللاشقا بەك ئۇستا جۇمۇ باشلىقىڭ، سەندەك مەككارنى ئەۋەتىپ، ئەمدى مېنىڭ ئىشىممۇ تەسكەن دېگىنە، ئىشچىچۇ؟

قارىۋاي بېشىغا تاشچىنىڭ بارمىقى چېكىلگەنلىكىنى سەزدى.

‐‐ مۇشۇمۇ بىر ئادەمگە ھېسابما؟‐‐ مۇدىر پاتىڭىدىن تۇتۇپ بىر نەچچىنى لىڭشىتىپ قويىۋىدى، قارىۋاينىڭ پۇتلىرى يەردىن ئاجراب كېتەيلا دەپ قالدى. مۇدىرنىڭ چىرايى تۈرۈلدى،‐‐ مۇشۇنداق بىر قوتۇر مايمۇننى ئەۋەتكىنىنى قارىمامدىغان، بولقىنى كۆتۈرەلەمسەنوي؟

‐‐ بولدى قىلىڭ ليۇ مۇدىر، ليۇ تەيياڭ. سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكى دېگەن ھەممە ئادەمگە نان بېرىش. قارىۋاينىڭ ئائىلىسى ئۈچ ئەۋلادتىن بۇيان كەمبەغەل دېھقان، بېشىنى سوتسىيالىزم سىلىمىسا كىم سىلايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۈگەپ كەتكەن، ھازىر ئۆگەي ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، دادىسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ گۇەندۇڭ تەرەپلەرگە كەتكەن، بۆرە يېدىمۇ، ئېيىقمۇ، ئۈچ يىل بولدى ئىز-دېرىكى يوق. سىنىپىي ھېسسىياتىڭىز نەگە كەتتى سىزنىڭ؟‐‐ دېدى تاشچى قارىۋاينى ليۇ تەيياڭ مۇدىرنىڭ قولىدىن بوشىتىۋېلىپ چاقچاق ئارىلاش.

سىلكىنىشتىن قارىۋاينىڭ بېشى سەل قايدى. بايا مۇدىرنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ يوغان ئېغىزىدىن گۈپۈلدەپ تۇرغان ھاراق پۇرىقىنى سېزىپ قالغانىدى. بۇ پۇراقتىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشاتتى، ئۆگەي ئا-نىسىنىڭ ئاغزىدىنمۇ شۇنداق پۇراق كېلەتتى. دادىسى كەتكەندىن كېيىن، ئۆگەي ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا بەرەڭگە قېقىنى كۆتەرتىپ قويۇپ، ماگىزىنغا بېرىپ ھاراققا تېگىشىپ كېلىشكە بۇيرۇيدىغان بولۇۋالغانىدى. ئۆگەي ئانا ھاراق ئىچسىلا مەست بولاتتى، ئۇ مەستلا بولسا قارىۋاي ئۇرۇلاتتى، چىمدىلاتتى، چىشلىنەتتى.

ليۇ مۇدىر «ھەي ئورۇق مايمۇن!» دەپ تىللاپ قويۇپلا ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، باشقىلارغا تەنبىھ بېرىشكە چۈشتى.

قارىۋاي كۇسۇلدىغىنىچە بولقىسىنى كۆتۈرۈپ توسمىغا ماڭدى. ئۇزۇنلۇقى يۈز مېتىر، ئېگىزلىكى ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان بۇ توسمىنىڭ شىمالىدا توسما بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا چاسا كۆلچەك بولۇپ، يازدا ياغقان يامغۇرنىڭ قالدۇق سۇلىرى يىغىلىپ قالغانىدى. قارىۋاي توسما ئۈستىگە چىقىپ، تاش سالاسۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ، سۇنىڭ ئاستىدىكى تاشلارغا، تاشلار ئارىسىدا كالامپايلارچە ئۈزۈپ يۈرگەن ئورۇق، قارا بېلىقلارغا قارىدى. توسمىنىڭ ئىككى ئۇچى ئېگىز دەريا قېشىغا تۇتىشىپ تۇراتتى، دەريا قېشىنى بويلاپ ماڭسا ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولاتتى. توسما بەش مېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، ئىككى ياقتا يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە تاش سالاسۇن بار ئىدى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ۋېلىسپىتلىك نەچچەيلەننى ئات ھارۋىسى ئىتتىرىپ توسمىدىن چۈشۈرىۋەتكەندە، بىرىنىڭ پۇتى، بىرىنىڭ بېلى سۇنغان، بىرلىرى شۇ يەردىلا جان بەرگەنىدى. ئۇ چاغدا دادىسى گۇەندۇڭغا كەتمىگەن، ئۆگەي ئانىسىمۇ ھاراق ئىچمەيتتى، شۇڭا قارىۋاي ھازىرقىدىن كىچىك بولغان بىلەن خېلى سېمىز ئىدى. ئۇ تاماشا كۆرگىلى توسمىغا كەلگەندە كېچىكىپ قالغانىدى، ئۆلگۈچى ئېلىپ كېتىلگەن، كۆلچەكنىڭ بىر نەچچە يېرىدە قىزىل داغلا قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر بۇرنى سۇدىن كېلىۋاتقان قان ھىدىنى ئېنىق پۇرىغانىدى…

ئۇ مۇزدەك سالاسۇننى تۇتۇپ تۇراتتى. مۈڭگۈزسىمان بولقىسى بىلەن سالاسۇنگە ئۇرۇپ بېقىۋىدى، سالاسۇندىنمۇ، بولقىدىنمۇ ئاۋاز چىقىپ كەتتى. ئۇ سالا-سۇن بىلەن بولقىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ تۇرغىنىدا، ئۆتكەن ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولدى. قۇياش بىپايان كەندىرلىككە نۇرىنى ئايىماي سەپمەكتە ئىدى، ئۇ كەندىرلىك ئارىسىدا لەيلەپ يۈرگەن سۇس تۇماننى كۆردى. كەندىر شۇنچە بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، تۈۋىدىمۇ شاخلىرى باردەك قىلاتتى، ئۈستىدىكى شاخ-يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، نەم ۋە پارقىراق كۆرۈنەتتى. ئۇ غەربكىرەك قارىۋىدى، سۆسۈن رەڭلىك يوپۇرماقلىرى سۇس پارقىراپ تۇرغان تاتلىقياڭيۇلۇقنى كۆردى. بۇ تاتلىقياڭيۇ-لارنىڭ پېلىكى قىسقا، مېۋىسى كۆپ، چوڭ ۋە تاتلىق، پوستى ئاق، گۆشى قىزىل كېلىدىغان يېڭى سورت ئىكەنلىكىنى، پىشقاندا يېرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ شىمالى كۆكتاتلىق ئىدى، كوممۇنا ئەزالىرىنىڭ قالدۇرۇق يەرلىرى كوللېكتىپقا ئۆتكۈزۈۋېلىنغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرى كۆكتات تېرىشقا مەجبۇر بولغانىدى. قارىۋاي بۇ كۆكتاتلىقنىڭ بەش چاقىرىم يىراقلىقتىكى ھېلىقى باي كەنتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. كۆكتاتلىققا يىسىۋىلەك، سەۋزە قاتارلىقلار تېرىلغان بولۇپ، سەۋزىنىڭ مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇرغان ياپيېشىل كۆكلىرى تازا ئوخشىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. قارىۋاي كۆكتاتلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ساتمىدا يالغۇز بىر بوۋاينىڭ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. كۆكتاتلىقنىڭ شىمالى يەنە كۆز يەتكۈسىز كەندىرلىك ئىدى. ئۈستىدىن قارىماققا، ئۈچ تەرىپىنى كەندىرلىك، بىر تەرىپىنى توسما قورشاپ تۇرغان تاتلىقياڭيۇلۇق بىلەن كۆكتاتلىق خۇددى چوڭ چاسا قۇدۇقتەك كۆرۈنەتتى. قارىۋاي خىيالغا پاتتى، ئۇنىڭ خىيالىدا بىنەپشە رەڭلىك، يېشىل رەڭلىك يوپۇرماقلارنىڭ ھەممىسى قۇدۇقتىكى سۇغا ئايلاندى، ئارقىدىنلا كەندىرلىكمۇ سۇغا ئايلىنىپ كەتتى، كەندىرلىكنى ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشقاچلار سۇ يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ بېلىق، راك ئوۋلاۋاتقان كۆكتارغاقلارقا ئۆزگەردى…

ليۇ مۇدىرنىڭ يوليورۇقلىرى تېخى تۈگىمىگەنىدى.

‐‐ يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىشتە، سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇش لازىم. دېھقانچىلىقنىڭ سەككىز سۆزلۈك ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرى سۇ، سۇسىز دېھقانچىلىق ئانىسىز بالىغا ئوخشايدۇ، ئانىسى بولغان بىلەن ئەمچىكى بولمىسا، ئەمچىكى بولغان بىلەن سۈتى بولمىسا بالا ياشىيالمايدۇ، ياشىدى دېگەندىمۇ ئاۋۇ قوتۇر مايمۇندەك بولۇپ قالىدۇ،‐‐ مۇدىر توسما ئۈستىدىكى قارىۋاينى كۆرسەتتى. كەينىنى قىلىپ تۇر-غان قارىۋاينىڭ ئومۇرتقىسىدىكى ئىككى تال چوڭ تارتۇق ئاپتاپتا پارقىراپ تۇراتتى،‐‐ بۇ توسما بەك تار، خەتەرلىك، يىلدا ئادەم ئۆلۈۋاتىدۇ، شۇڭا كوممۇنا ئىنقىلابىي كومىتېتى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئار-قىلىق توسمىنى كەڭلىتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كوممۇنامىزغا قاراشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىدىن ئىككى يۈز نەچچە ئىشچى يۆتكەپ كەلدۇق. بىرىنچى باسقۇچتىكى ۋەزىپە مۇنداق: قىزلار، ئاياللار، كەمپىرلەر، يەنە ئاۋۇ قوتۇر مايمۇن،‐‐ مۇدىر يەنە توسمىدا تۇرغان قارىۋاينى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى تارتۇقلار ئاپتاپتا خۇددى ئەينەكتەك پارقىراپ تۇراتتى،‐‐ ئاۋۇ بەش يۈز كۇب تاشنى چېقىپ ئارچا قۇۋۋەت كومىلىچىدەك ياكى توخۇم سېرىقىدەك شېغىلغا ئايلاندۇ-رىدۇ. تاشچىلار تاش ماتېرىياللىرىنى كېسىپ، سىلىقلاپ بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تەييارلايدۇ. ماۋۇ ئىككىسى تۆمۈرچى،‐‐ ئۇ ئىككى قوڭۇر ئادەمنى كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ بىرى ئېگىز، بىرى پاكار، بىرى قېرى، بىرى ياش ئىدى،‐‐ تاشچىلارنىڭ بىسى قايرىلىپ كەتكەن ئىسكىنەلىرىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل. تاماققا كەلسەك، ئۆيى يېقىنلار ئۆيىگە قايتىپ يەيدۇ، ئۆيى يىراقلار ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىكى كەنتتە ئاشخانا تەييارلىدۇق. قونىدىغان ئىشقا كەلسەك، ئۆيى يېقىنلار ئۆيىگە قايتىدۇ، ئۆيى يىراقلار كۆۋرۈك سۈڭگۈچىدە قونىدۇ،‐‐ مۇدىر توسما ئاستىدىكى نەچچە ئون سۈڭگۈچنى كۆرسەتتى،‐‐ ئاياللار شەرق تەرەپتىكى، ئەرلەر غەرب تەرەپتىكى سۈڭگۈچلەردە قونىدۇ. ھەممىسىگە مەڭگەن يېيىتىلدى، لۆم-لۆم كارىۋاتتەك راھەت، پۇخادىن چىقىدىغان بولۇشتۇڭ-دە، ئىتنىڭ بالىلىرى.

‐‐ مۇدىر، سىزمۇ سۈڭگۈچتە قونامسىز؟

‐‐ مەن دېگەن رەھبەر، ۋېلىسىپىتىم بار. بۇ يەردە قونامدىم-قونمامدىم ئۆزۈمنىڭ ئىشى، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋېرىپ يۈرىكىڭ زېدە بولۇپ كەتمىسۇن. گېنېرالنىڭ ئات مىنگىنىنى كۆرۈپ ئەسكەرلەر مەنمۇ ئات مىنىمەن دېسە بولامدا؟ ئاناڭنى، ياخشى ئىشلەش، كۈندە نومۇرۇڭنى كەم قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە بىر جىڭدىن ئاشلىق، ئىككى مودىن پۇل قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئىشلىگىڭ كەلمىسە يوقىلىش. ئاۋۇ ئورۇق مايمۇننىڭمۇ تەقسىماتى كەم بولمايدۇ، توسما پۈتكىچە سەمىرىپ كەتمىگىنىنى كۆرەي ئۇنىڭ…

قارىۋاي مۇدىرنىڭ بىر ئېغىز گېپىنىمۇ ئاڭلىيالمىدى. ئۇ قولىدا بولقا، ئىنچىكە بېلەكلىرى بىلەن سالاسۇننى قۇچاقلاپ تۇراتتى. ئۇ كەندىرلىكتىن كېلىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئۈنىگە ئوخشايدىغان مۇزىكىغا ۋە مۇزىكىغا ئوخشايدىغان قۇرت-قوڭغۇز، ئۇچار قۇشلار ساداسىغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. ئېزىتقۇ تۇمان كەندىرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا، قىپقىزىل ياكى ئاچ يېشىل رەڭلىك غولىغا ئۇرۇلۇپ شاۋقۇن چىقىرىۋاتاتتى. چېكەتكىنىڭ قاناتلىرىنى مىدىرلاتقان ئاۋازى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان پويىزنىڭ ئاۋازىدەك كۈچلۈك ئىدى. قارىۋاي چۈشىدە پويىزنى كۆرۈپ باققان، ئۇ يەكچەشمە مەخلۇق يېتىۋېلىپمۇ ئاتتىن تېز چا-پىدىكەن، قوپۇپ كەتسە قانچىلىك چاپار؟ شۇ كۈنى پويىز ئەمدىلا ئۆرە بولۇشىغا، ئۇ ئۆگەي ئانىسىنىڭ كاڭ سۈپۈرىدىغان ئۇزۇن سۈپۈرگىسىنىڭ زەربىسىدىن ئويغىنىپ كەتكەنىدى. ئۆگەي ئانىسى ئۇنى دەريادىن سۇ ئەكىلىشكە بۇيرۇغانىدى. سۈپۈرگە تەگكەن ساغرىسى ئاغرىمىدى، سەل كۆ-يۈشكەندەك بولدى. كاسىسىغا سۈپۈرگە ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋاز يىراق بىر يەردە بىر تاغار پاختىنى توقماق بىلەن ئۇرغاندىكىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ ئەپكەشنىڭ ئىلمىكىنى سەل ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ئەپكەشنى مۈرىسىگە ئېلىۋىدى، ئىككى بېشىغا ئىلىنغان چېلەك يەردىن ئارانلا كۆتۈرۈلدى. ئۇ لىق سۇ قاچىلانغان ئىككى چېلەكنى كۆتۈرگىنىدە ئۇستىخانلىرى غا-راسلاپ كەتتى، قوۋۇرغىلىرى داس سۆ-ڭىكىگە چاپلىشىپلا قالدى. ئۇ ئەپكەشنىڭ ئىككى بېشىنى چىڭ تۇتۇپ، تىك كەتكەن دەريا قىرىنى بويلاپ دەلدەڭشىگىنىچە يۇ-قىرىغا ماڭدى. دۆڭگە چىقىدىغان چىغىر يول سۆگەت دەرەخلىرى ئارىسىدا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ ياتاتتى. سۆگەت غوللىرى قاڭالتىر چېلەكنى خۇددى ماگنىتتەك تار-تىپ لەپەڭشىتەتتى. دەرەخ چېلەككە ئۇرۇلدى، چېلەك سۇنى چېچىپ يولنى تېيىلغاق قىلىۋەتتى، ئۇ شۇنداق بىر قەدەم بېسىشىغا خۇددى تاۋۇز شاپىقىغا دەسسىۋالغاندەك تېيىلىپ يىقىلدى. ئۇ قانداق يىقىلغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرغىنىدا چېلەكتىكى سۇ شارقىراتمىدەك قۇيۇلۇپ، ئۇنى چىلىق-چىلىق ھۆل قىلىۋەتتى. يولغا سوقۇلغان يۈزى يارا بولدى، بۇرنى ماكچىيىپ، ئوت-چۆپ غولى بۇرنىدىن ئىز چىقىرىۋەتتى. ئۇ ئاغزىغا ئېقىپ كىرگەن قاننىڭ يېرىمىنى تۈكۈرۈۋېتىپ، يېرىمىنى يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ داراڭ-داراڭ قىلىپ دەرياغا يۇمىلاۋاتقان چېلەكنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. چېلەكنىڭ بىرى دەريا بويىدىكى ئوت-چۆپكە ئىلىشىپ توختىدى، يەنە بىرى سۇدا ئېقىپ كەتتى. قارىۋاي دەريا بويىدا چېلەككە ئەگىشىپ ماڭدى، ئايىغى ئاستىدا ئۇ ۋە تەڭتۇش بالىلار «ئىتتۇخۇم» دەپ ئاتايدىغان تۆت قىرلىق ياۋا رويانئوت تازا بولۇق ئۆسكە-نىدى. ئۇ پۇت بارماقلىرى بىلەن چۆپنى چىڭ قىسىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا تېيىلىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتتى. ئىللىق دەريا سۈيى ئۇنىڭ كىندىكىگىچە كەلدى. ئىشتىنى سۇدا لەيلەپ بىر پارچە مىدوزا تېرىسىدەك بىلىگە قاپلىشىپ قالدى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە يېتىشىۋېلىپ، چېلەكنى ئالدى-دە، ئېقىنغا قارشى ئۆي تەرەپكە ماڭدى، بىر قولىدا چېلەكنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قولىدا سۇنى ھەدەپ كەينىگە ئىتتىرىپ، كۈچلۈك سۇدا دەلدەڭشىپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ ئېڭىشىپ كۈچەپ كېتىۋاتقاندا خۇددى بىر توپ بېلىق ئۇنى قورشىۋالغاندەك بولدى، بىر نەچچىسى ئىككى يوتىسىنى سۆيگىلى تۇردى. ئۇ بۇ سەزگۈدىن ئوبدانراق ھۇزۇرلانماقچى بولۇپ توختىۋىدى، سۇ تۇيۇقسىز جىمىپ، بېلىقلار قېچىپ كەتكەندەك، بايىقى شېرىن سەزگۈمۇ غايىب بولدى. يەنە مېڭىۋىدى، خۇددى بېلىقلار قايتىپ كەلگەندەك تاتلىق سېزىم يەنە پەيدا بولدى. شۇڭا ئۇ كۆزىنى يېرىم ئاچقىنىچە توختىماي ماڭدى، مېڭىۋەردى…

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ قارىۋاي!

ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى، بېلىقلار يەنە ئاللىقاياققا قېچىپ كەتتى. بولقا ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقىپ، توسما تۈۋىدىكى كۆپكۆك سۇغا چۈشۈپ، ئاپئاق سەبدەر گۈلىدەك بۇژغۇن چاچراتقىنىچە چۆكۈپ كەتتى.

‐‐ بۇ قوتۇر مايمۇننىڭ كاللىسى چاتاقكەن،‐‐ دېدى مۇدىر ۋە توسما ئۈستىگە چىقىپ قارىۋاينىڭ قۇلىقىنى تولغاپ ۋارقىرىدى،‐‐ ماڭ، بېرىپ ئاۋۇ خوتۇنلار بىلەن تاش چاق، ئارىسىدىن بىرەر ئاتاق ئانا تېپىۋالامسەن تېخى.

‐‐ بارغىن،‐‐ دېدى تاشچىمۇ توسمىغا چىقىپ قارىۋاينىڭ مۇزدەك بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،‐‐ بولقاڭنى تېپىپ كەل. قانچىلىك چاقساڭ شۇنچىلىك ھېساب، چاققىڭ كەلمىسە ئۇنى-بۇنى قىلىپ كۈن توشقۇز.

‐‐ ھورۇنلۇق قىلىپ ئىشنى ئاقسىتىپ قويىدىغان بولساڭ، قۇلىقىڭنى كېسىپ ھاراققا زاكۇسقا قىلىمەن،‐‐ دېدى ليۇ مۇدىر ئاغزىنى يوغان ئېچىپ.

قارىۋاي غۇدۇڭشىپ قويۇپ، سالا-سۇننىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ، ئەڭ ئاستىنقى بالداقنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، تېنى ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى.

‐‐ ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ!‐‐ تاشچى چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتى، ئۇ ئىگىلىپ قارىۋاينىڭ قولىنى تۇتۇۋالماقچى بولىۋىدى، قارىۋاي كۆۋرۈك پوتىيىنىڭ چوقچىيىپ تۇرغان رومبىسىمان قىرىغا چاپلىشىۋېلىپ، كەسلەنچۈكتەك ئەپچىللىك بىلەن سېرىلىپ چۈشتى. كۆلچەكتىن بولقىسىنى سۈزۈۋېلىپ، كۆۋرۈك سۈڭگۈچىگە كىرىپ كەتتى.

‐‐ بۇ قوتۇر مايمۇن-زە!‐‐ دېدى ليۇ مۇدىر ئېڭىكىنى سىلاپ،‐‐ ئاناڭنى قوتۇر مايمۇن!

قارىۋاي سۈڭگۈچتىن چىقىپ، ئارىسالدىلىق بىلەن ئاياللارنىڭ قېشىغا ماڭدى. ئاياللار سەت پاراڭلار بىلەن كۈلۈشۈپ، تىللىشىپ ئولتۇراتتى، بۇ گەپلەرنى ھودۇقۇش ئىچىدە بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقان بىر نەچچە قىزنىڭ يۈزى تاجگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىرىپ كەتكە-نىدى. قارىۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىدا قارا سايىدەك پەيدا بولىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئاغزى بېسىقتى، بىر دەملىك تېڭىرقاشتىن كېيىن، بىر نەچچىسى قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ پىچىرلاشتى، قارىۋايدىن ھېچبىر ئىنجا چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى.

‐‐ قاراڭلار بىچارىلىكىنى! مۇشۇ كۈندىمۇ بالىنى يالىڭاچ قويغىنىنى.

‐‐ ئۆزىنىڭ قوڭىدىن چىققان بالا بولمىغاندىكىن كارى يوقتۇ ھەقىچان.

‐‐ ئۆگەي ئانىسى ئۆيدە ھېلىقىدەك ئىشنى قىلارمىش…

قارىۋاي ئاياللارغا قارىغۇسى كەلمەي دەرياغا قارىۋالدى. دەريا سۈيى ھېلى قىزىل، ھېلى يېشىل جۇلالىنىپ تۇراتتى، جەنۇبىي قىرغاقتا سۆگەت يوپۇرماقلىرى كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرەتتى.

بىنەپشە رەڭلىك چاسا ياغلىق چېگىۋالغان بىر قىز قارىۋاينىڭ كەينىدە تۇرۇپ سورىدى:

‐‐ ھەي بالا، سەن قايسى كەنتتىن؟

قارىۋاي بېشىنى سەل ئېگىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قىزغا سەپسالدى. قىزنىڭ لېۋىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇندەك تۈكلەر قارىۋايغا ئېنىق كۆرۈندى، قىزنىڭ كۆزلىرى چوڭ، كىرپىكلىرى قويۇق ۋە ئۇزۇن بولغاچقا، كۆزلىرى ئۇيقۇدىن تېخى ئېچىلمىغاندەك كۆرۈنەتتى.

‐‐ ئىسمىڭ نېمە؟

شۇ تاپتا قارىۋاي قۇملۇقتىكى قېرى تىكەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئالتە قىرلىق ياكى سەككىز قىرلىق تىكەننى پۇت بارماقلىرى بىلەن تارتىپ ئۈزۈۋېلىپ، تاپىنى بىلەن دەسسەپ مىجىيتتى. پۇتى خۇددى ئاتنىڭ تۇيىقىدەك تۆمۈرتىكەننىڭ تىكىنىنى بىر-بىر سۇندۇرۇپ، غولىنى ئېزىۋەتتى.

‐‐ قالتىسكەنسەنغۇ ھوي بالا، تاپىنىڭ تۆمۈردىن سوقۇلغانمۇ نېمە،‐‐ قىز خۇشال كۈلۈپ كەتتى،‐‐ ھەي، نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟‐‐ قىز ئىككى بارمىقى بىلەن بالىنىڭ مۈرىسىگە نوقىدى،‐‐ ئاڭلاۋا-تامسەن، سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن!

قارىۋاي ئىللىققىنە ئىككى بارماقنىڭ مۈرىسىدىن ئاستا سىرىلىپ چۈشۈپ دۈمبىسىدىكى تارتۇقتا توختىغانلىقىنى سەزدى.

‐‐ ھەي، بۇ يېرىڭ نېمىشقا تارتۇق بولۇپ قالغان؟

بالىنىڭ ئىككى قۇلىقى مىدىرلاپ كەتتى. قىز شۇندىلا ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ بەكلا غەلىتە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

‐‐ قۇلىقىڭ مىدىرلايدىكەن-ھە، بۆ-جەننىڭكىدەك.

قارىۋاي بايىقى قولنىڭ قۇلىقىغا كەلگەنلىكىنى، ئىككى بارماقنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى مىجىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

‐‐ ئېيتە قارىۋاي، بۇ تارتۇقلىرىڭ…،‐‐ قىز قۇلىقىدىن يېنىككىنە تارتىپ ئۇنى ئۆزىگە قاراتتى، قارىۋاي قىزنىڭ مەيدىسىگە كېلەتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرمىدى، ئۇدۇل تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە تال-تال قىزىل سىزىقلارنىڭ كېسىشىشىدىن شەكىللەنگەن كاتەكچىلەر كۆرۈندى، ئۇچى سارغىيىپ كەتكەن بىر تال ئۆرۈمە چاچ چاقماق رەخت ئۈستىدە ياتاتتى،‐‐ ئىت چىشلىۋالغانما؟ يارا چىقىپ قالغانمۇ-يا؟ دەرەخكە چىققاندا شاخلار ئىلىۋالغانمۇ؟ ھەي بىچارە…

تەسىرلەنگەن قارىۋاي بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ يۇمىلاق ئېڭىكىگە قاراپ، بۇرنىنى تارتىپ قويدى.

‐‐ جۈزى، ئاتاق ئوغۇللۇق بولاي دېدىڭمۇ نېمە؟‐‐ دېدى يۈزى ئەتلىك بىر ئايال قىزغا قاراپ ۋارقىراپ.

قارىۋاينىڭ كۆزى نەچچە پىرقىراپ توختىدى، كۆزىنىڭ ئېقى كۈلرەڭ پەرۋا-نىدەك قېتىپ قالدى.

‐‐ ھە، ئىسمىم جۈزى، ئون چاقىرىم نېرىدىكى چيەنتۇن كەنتىدىن. گەپ قىلغۇڭ بولسا مېنى جۈزى ئاچا دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ،‐‐ دېدى قىز قارىۋايغا.

‐‐ جۈزى، كۆزۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟ بالا كۈيۈئوغۇل قىلىۋالاي دەمسەن؟ جىق ساقلاپ قالارسەنمىكىن، بۇ چۈجە ئۆردەكنىڭ قونداققا چىقىشىغا نەچچە يىل كېتىدۇ جۇمۇ…

‐‐ سېسىق خوتۇن، گەپ قىلساڭلا ئاغزىڭدىن پوق ئاقىدىكەن،‐‐ قىز سېمىز ئايالنى تىللىدى. ئاندىن قارىۋاينى يېتىلەپ تاغدەك چوقچىيىپ تۇرغان شېغىل دۆۋىسىگە باشلاپ كېلىپ، سىلىقراق بىر تاشنى ئوبدان جايلاشتۇردى،‐‐ ئورنۇڭ مۇشۇ بولسۇن، يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي چاق.

قىز سىلىقراق تاشتىن يەنە بىرنى تېپىپ ئۆزىگە ئورۇن راسلىدى-دە، قارىۋايغا ياندىشىپ ئولتۇردى. توسما ئالدىدىكى بۇ قۇملۇقنى بىر دەمدىلا تاڭ-تۇڭ، تاڭ-تۇڭ قىلغان ئاۋاز بىر ئالدى. ئاياللار قارىۋاينى تېما قىلغان ھالدا ھايات مۇشكۈلاتلىرى ۋە بۇ مۈشكۈلاتلارنى شەكىللەندۈرگەن تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. جۈزى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت بىلەن چويلىدا توختىمايدىغان قۇرۇق پاراڭلار ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ «خوتۇنلار پەلسەپەسى»نى ئاڭلىماي، پۈتۈن دىققىتى بىلەن بالىنى كۆزىتىۋاتاتتى. قارىۋاي دەسلەپتە يوغان كۆزلىرىدە بىرە-بىرە قاراپ قويۇش ئارقىلىق قىزنىڭ سىجىل نەزەرىگە جاۋاب قايتۇردى، بىردەمدىن كېيىن كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان پېتى قېتىپ قالدى، نېمىگە قارىغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى، قىز سەل جىددىيلىشىپ قالدى. قارىۋاي سول قولىدا تاشنى سىيلاپ تېپىپ، ئوڭ قولىدىكى بولقا بىلەن ئۇراتتى، بولقىنى ھەر قېتىم كۆتۈرگەندە بارلىق كۈچى تۈگەپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندەك، بولقا ئۇرۇلغاندا چۆرۈلگەن ئېغىر نەرسە ھېچقانداق كونتروللۇقسىز يەرگە چۈشكەندەك كۆرۈ-نەتتى. قىز تۇرۇپ-تۇرۇپ ۋارقىرىۋەتكىلى ئارانلا قالاتتى-يۇ، ھېچ ئىش يۈز بەرمەيتتى، بولقا ھاۋادا چۆرۈلۈپ چۈشكەن بىلەن، ھامىنى تاشنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلاتتى.

قارىۋاينىڭ كۆزى تاشقا دىققەت بىلەن تىكىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ دەريادىن كېلىۋاتقان بىر غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى. بېلىقلار بىر نەرسە يېگەندە چىقىدىغان ئاۋازغا ئوخشايدىغان بۇ زىل ئاۋاز گاھ يىراقتىن، گاھ يېقىندىن ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئۇ كۆزى بىلەن قۇلىقىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ شۇ ئاۋازغا دىققەت قىلدى. ئۇ دەريا يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان پارقىراق تۇماننى كۆردى، ئاۋاز ئاشۇ تۇماننىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتاتتى. ئۇ تۇمانغا تىكىلىپ تۇرسىلا، بۇ يېقىملىق ئاۋاز قېچىپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ يۈزىگە قان يۈگۈردى، مىيىقىدا تاتلىققىنە كۈلكە پەيدا بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەدە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى، بىر كۆتۈرۈلۈپ-بىر چۈشۈپ تۇرۇۋاتقىنىنى خەقنىڭ قولىدەكلا ھېس قىلدى. كېيىن ئۇ سول قولىنىڭ بېگىز بارمىقىنىڭ بىر پەس ئۇيۇشۇپ قالغانلىقىنى، سول بېلىكىنىڭمۇ تۇيۇقسىز تارتىشىپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئاغزىدىن پەريادقىمۇ، خۇرسىنىشقىمۇ ئوخشايدىغان بىر تاۋۇش چىقتى. ئېڭىشىپ قارىسا، بېگىز بارمىقىنىڭ تىرنىقى يېرىلىپ نەچچە پارچە بولۇپ كەتكەن، يېرىقلاردىن قان سىرغىپ چىقىۋاتقان…

‐‐ قارىۋاي، قولۇڭغا ئۇرۇۋالدىڭما؟‐‐  قىز ئورنىدىن تۇردى، ئىككى چامداپلا بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇر-دى،‐‐ ۋاي ئانىمەي، بوپ كەتكىنىنى قارا، مۇشۇنداقمۇ ئىش قىلغان بارمۇ؟ ئۆزۈڭ بۇ يەردە بولغان بىلەن خىيالىڭ نەدىكىن سېنىڭ!

قىز ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. قارىۋاي ئوڭ قولى بىلەن يەردىن بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ يارا بارمىقىغا سەپتى.

‐‐ ئالجىپ قالدىڭمۇ قارىۋاي؟ توپا دېگەن پاسكىنا تۇرسا!‐‐ قىز قارىۋاينىڭ قولىنى تارتىپ دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى. بالىنىڭ پۇتلىرى پارقىراپ تۇرغان قۇملۇق ساھىلغا پاق-پاق قىلىپ ئۇرۇلاتتى. قىز دەريا بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىنىڭ قولىنى سۇغا چىلىدى. بالىنىڭ بارماقلىرى تۈۋىدە كىچىككىنە دۇغ ئېقىن پەيدا بولدى. دۇغ ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن، قان يەنە تەپچىپ چىقىپ، سۇ يۈزىدە قىزىل يىپتەك تەۋرىنىشكە باشلىدى. بالىنىڭ تىرنىقى سۇنغان قاشتېشىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

‐‐ ئاغرىۋاتامدۇ؟

قارىۋاي ئۈندىمىدى. ئۇنىڭ كۆزى سۇ ئاستىدىكى پارقىراق راكقا تىكىلگەنىدى، ئىككى تال ئۇزۇن بۇرۇتى لەرزان تەۋرىنىپ تۇرغان راك تولىمۇ چىرايلىق ئىدى.

قىز ئەتىرگۈل كەشتىلەنگەن ئاپئاق قولياغلىقىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تېڭىپ قويدى ۋە ئۇنى يېتىلەپ تاش دۆۋىسىگە كېتىۋېتىپ: ”بولدى، ئولتۇرۇپ ئوينا، ئەمدى سەن بەڭۋاش بىلەن كارىم يوق“ دېدى.

ئاياللار بولقىسىنى توختىتىپ، بالىغا ئىچ ئاغرىتىپ قاراشتى، تاش دۆۋىسى بىردىنلا جىمىپ كەتتى. قوي پادىسىدەك توپ-توپ ئاق بۇلۇتلار كۆپكۆك ئاسماندا تېگىپلا كەتسە يوقايدىغان ئىز قالدۇرۇپ ئۈزۈپ ئۆتۈپ، ئاپئاق ساي بىلەن دەريانى گاھ ئىسكەنجىگە ئالسا، گاھ ئازاد قىلاتتى. ئاياللارنىڭ تاتىراڭغۇ چىرايى گىياھ ئۈنمەس شورلۇققا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇلار خېلىدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ يەنە تاش چېقىشقا كىرىشتى، ئاندا-ساندا ئاڭلىنىۋاتقان بولقا ئاۋازى ئىلاجىسىزلىقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

قارىۋاي قولياغلىقتىكى قىزىل گۈلگە تىكىلگىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى. تىرنىقىدىن ئاققان قان قولياغلىقتىن تەپچىپ چىقىپ، قىزىل گۈلنىڭ يېنىدا يەنە بىر تال گۈل پەيدا قىلدى. ئاياللار ئۇنى تېزلا ئۇنتۇپ، يەنە گۇدۇڭ-گۇدۇڭغا چۈشۈپ كەتتى. قارىۋاي يارا قولىنى ئاغزىغا ئەكىلىپ، چىگىكنى چىشلەپ يەشتى-دە، ئوڭ قولى بىلەن بىر سىقىم توپا ئېلىپ يارىسىغا سەپتى. قىز گەپ قىلماقچى بولدى-يۇ، بالىنىڭ چىشى ۋە ئوڭ قولى بىلەن قولياغلىقنى يەنە قايتىدىن چىگىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. قىز ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن، بولقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىر پارچە قوڭۇر تاشقا ئېغىر-ئېغىر ئۇرۇشقا باشلىدى. تاش بەكلا قاتتىق بولغاچقا، تاشنىڭ پىچاق بىسىدەك ئۆتكۈز قىرلىرىغا بولقا ئۇرۇلغاندا كۆندۈزىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئۇچقۇنلار چاچراپ چىقتى.

چۈشتە ليۇ مۇدىر قارا ۋېلىسىپىتكە مېنىپ قارىۋاي بىلەن تاشچىنىڭ مەھەللىسىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ توسما ئۈستىدە تۇرۇپ ئىشتىن چۈشۈش پۈشتىكى چالدى ۋە ئارقىدىنلا ئاشخانىنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى، ئۆيى بۇ يەردىن بەش چاقىرىم يىراقتىكىلەرنىڭلا غىزا-لىنىش سالاھىيىتى بارلىقىنى جاكارلىدى. كىشىلەر جابدۇقلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. قىز ئورنىدىن تۇردى، بالىمۇ تۇردى.

‐‐ قارىۋاي ئۆيۈڭ قانچىلىك يىراق؟

قارىۋاي ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن، بېشىنى ئايلاندۇرۇپ نېمىنىدۇر ئىزدەشكە كىرىشتى. قىزمۇ بېشىنى بالىغا ئەگىشىپ ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى، بالىنىڭ بېشى توختىغاندا، ئۇمۇ بېشىنى توختىتىپ ئالدى تەرەپكە نەزەر سالدى، دەل شۇ چاغدا قىزنىڭ كۆزى تاشچىنىڭ ئويناق كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، نەچچە ئون سېكونت قېتىپ قالدى.

‐‐ يۈر قارىۋاي،‐‐ دېدى تاشچى،‐‐ ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيلى، كۆزۈڭنى ئالايتما ، ئالايتساڭمۇ بىكار، ئۆيىمىز ئىككى چا-قىرىممۇ كەلمەيدۇ، ئاشخانىدىن غىزا-لىنىش بىزگە نېسىپ بولمايدۇ.

‐‐ ئىككىڭلار بىر كەنتتىنمۇ؟‐‐ دېدى قىز تاشچىغا.

تاشچى ھاياجانلانغىنىدىن سەل دۇ-دۇقلاپ قالدى. ئۇ قولى بىلەن كەنتنى كۆرسىتىپ، قارىۋاي ئىككىسىنىڭ شۇ كەنتلىك ئىكەنلىكىنى، كۆۋرۈكتىن ئۆتسىلا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. قىز بىلەن تاشچى ئادەتتىكىچە، ئەمما ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتى. تاشچى قىزنىڭ  كەنتىدنىن ئىكەنلىكىنى، ئاشخا-نىدىن غىزالىنىپ، سۈڭگۈچتە قونسا بولىدىغانلىقىنى بىلدى.

‐‐ ئاشخانىدىن تاماق يېسەم بولىدۇ، لېكىن كۈزنىڭ شامىلى سوغۇق تۇرسا، سۈڭگۈچتە قونغۇم يوق،‐‐ دېدى قىز ۋە ئاۋازىنى پەسەيتىپ تۇرۇپ ”قارىۋاي گاچىما؟“ دەپ سورىدى.

‐‐ ۋاي ياق، بەك زېرەك بالا بۇ. تۆت-بەش ياش چاغلىرىدا چۈچۈك گەپ قىلاتتى. كېيىنچە گېپى بارغانچە ئازلاپ، بۇتتەك ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىدىغانلا بولۇپ قالدى، نېمە ئويلاۋاتقىنىنى كىم بىلىدۇ دەيسىز. قاراڭە قاپقارا كۆزلىرىگە، تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

‐‐ زېرەكلىكىغۇ چىقىپلا تۇرىدۇ، نېمىشقىكىن ئۇنى  ئۆز ئىنىمدەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم.

‐‐ ئەمىسە سىز ئاق كۆڭۈل، ئوڭلۇق قىز ئىكەنسىز.

تاشچى، قىز، قارىۋاي ئۈچى بىلىپ-بىلمەيلا سەپنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالدى، ئىككىسىنىڭ پارىڭى قىزىپ كەتكەچكە، ئالدىغا بىر قەدەم ماڭسا، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىيتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاستا كېلىۋاتقان قارىۋاي تام ياقىلاپ تىمىسقىلاپ كېتىۋاتقان ئاسلانغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇلار كۆۋرۈككە كەلگەندە، بايا جىرمىلىك ئارىسىدا ھايال بولۇپ قالغان ليۇ تەيياڭ مۇدىر ۋېلىسىپىتنى تاراقشىتىپ كېلىپ قالدى. كۆۋرۈك تار بولغاچقا، ۋېلىسپىتتىن سەكرەپ چۈشۈۋالدى.

‐‐ ھەر قايسىڭ تېخىچە مىسىلداپ يۈرۈشەمسەن؟ قانداقراق ئىشلىدىڭ ھوي مايمۇن؟ تىرنىقىڭغا نېمە بولدى؟

‐‐قولىغا بولغا تېگىپ كەتتى.

‐‐ ئاناڭنى. تاشچى، چۈشتىن كېيىن ئەترەت باشلىقىڭنى تېپىپ دە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەم ئەۋەتسۇن، ئۆلۈپ بەرسە مەن ئىگە بولالمايمەن.

‐‐ ئۇ ئىش ئۈستىدە يارىلانغان تۇرسا، نېمىشقا قوغلايسىز،‐‐قىز ۋارقىرىدى.

‐‐ ليۇ مۇدىر، ئىككىمىز كۆپ يىللىق قەدىناسمۇ بولۇپ قالدۇق،‐‐ دېدى تاشچى،‐‐ دەپ بېقىڭە، شۇنچە چوڭ قۇرۇلۇشقا مۇشۇ بىر بالا ئارتۇقلۇق قىلارمۇ؟ بىر قولىنى چولاق قىلىپ ئەترەتكە قايتسا نېمە قىلالايدۇ؟

‐‐ئاناڭنى قوتۇر مايمۇن ،‐‐ دېدى مۇدىر ئىككى ياققا قاراپ،‐‐ سېنى باشقا ئىشقا قوياي، تۆمۈرچىلەرگە كۆرۈك بېسىپ بەر، قانداق، باسالامسەن؟

بالا ئاۋۋال تاشچىغا، ئاندىن قىزغا يېلىنغاندەك قارىدى.

‐‐ باسالايدۇ، ھە قارىۋاي،‐‐ دېدى تاشچى.

قىزمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.

2

قارىۋاي تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقىغا كۆرۈك باسقىنىغا بەش كۈن بولغاندا، چىشى ۋە كۆزىنىڭ ئېقىدىن باشقا ھەممە يېرى ئېسىل كۆمۈردەك قاپقارا ۋە پارقىراق بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۆزى تېخىمۇ جەلپكار بولۇپ كەتتى، ئاغزىنى يۇمۇپ كىمگىلا قارىسا، شۇنىڭ يۈرىكى داغلانغاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ زاڭاقلىرى، زىناقلىرىنى كۆمۈر توزىڭى قاپلاپ، يېرىم سۇڭ ئۆسۈپ چىققان چاچلىرىنىڭ ئارىسىنىمۇ كۆمۈر توزىڭى بېسىپ كەتتى. ھازىر بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قارىۋاي دەپ چاقىرىدىغان بولۇشتى، ئەمما ئۇ ھېچكىمگە پەرۋا قىلمايتتى، بىرسىگە قاراپمۇ قويمايتتى. پەقەت جۈزى دېگەن قىزچاق بىلەن تاشچىنىڭ گېپىگىلا كۆزى ئارقىلىق جاۋاب بېرەتتى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئىش مەيدانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تاماققا كەتكەندە، تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ بولقىسى بىلەن پولات-تۆمۈر چىلايدىغان قەلەي چېلىكى ئوغرىلاندى. ليۇ تەيياڭ توسما ئۈستىدە تۇرۇۋېلىپ يېرىم سائەتكىچە ۋارقىراپ تىللىدى. ئۇ قارىۋايغا يېڭى بىر ۋەزىپە تاپشۇردى، چۈشلۈكى ئىشچىلار تاماققا كەتكەندە ئۇ ئىش مەيدانىدا قېلىپ جابدۇقلارغا قارايدىغان، تۆمۈرچى ئۇستا ئاشخانىدىن ئۇنىڭغا تاماق ئالغاچ كېلىدىغان بولدى. ليۇ مۇدىر گېپىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ”بۇ ئىتنىڭ كۈچۈكى بىر ۋاق تاماقتىن پايدا ئالىدىغان بولدى-دە“ دېدى.

ھەممەيلەن تاماققا كەتكەندە، چۈشكىچە شاۋقۇن-سۈرەن تولۇپ تاشقان ئىش مەيدانى جىمىپ قالدى. قارىۋاي سۈڭگۈچتىن چىقىپ، توسما ئالدىدىكى قۇملۇقتا قولىنى كەينىگە قىلىپ ئاستا چامداپ مېڭىشقا باشلىدى، ئىككى قولى بىلەن ساغرىسىنى تۇتقان ھالدا قاپىقىنى تۈرىۋىدى، پېشانىسىدە تىرەن-تىرەن ئۈچ قورۇق پەيدا بولدى. ئۇ سۈڭگۈچلەرنى سانىدى، قايتا-قايتا سانىدى، ساناۋېرىپ ئاغزىدىن كۆپۈك ئۆرلەپ كەتتى. ئۇ كۆۋرۈكنىڭ يەتتىنچى پوتىيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختىدى، ئاندىن ئىككى پۇتى بىلەن پوتەينىڭ رومبىسىمان قىرىنى چىڭ قاماللاپ ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى. يېرىمىغا چىققاندا سېرىلىپ چۈشۈپ، قورسىقىنىڭ خېلى جىق يېرى سۈرۈلۈپ كەتتى، سۈرۈلۈپ يارا بولغان جايدىن قان تەپچىپ چىقتى. ئۇ ئېگىلىپ بىر سىقىم توپا ئېلىپ قورسىقىغا سەپتى. ئاندىن كەينىگە نەچچە قەدەم يېنىپ، قولىنى كۆزىگە سايىۋەن قىلغان ھالدا پوتەي بىلەن كۆۋرۈك يۈزىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى قىسىلچاققا قاراپ باققاندىن كېيىنلا كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

ئۇ بىردەمدىلا ئاياللار تاش چېقىۋاتقان جايغا كەلدى، ئۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان تاش كۆرۈنمەيتتى. جۈزى قىزچاقنىڭ ئورنىنى ئاسانلا تېپىۋالدى، ئۇ جۈزىنىڭ ئالتە قىرلىق بولقىسىنى تونۇيتتى. ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرۇش يۆنىلىشى ۋە شەكلىنى توختاۋ-سىز ئۆزگەرتتى، كۆزى يەتتىنچى پوتەيدىكى ھېلىقى قىسىلچاق بىلەن بىر تۈز سىزىققا كەلگەندىلا، ئاندىن شۇ قىسىلچاقتىكى نەرسىگە تىكىلىپ جىم ئولتۇردى…

شۇ كۈنى چۈشتە، ئۇ توسما تۈۋىگە بالدۇرلا يېتىپ كېلىپ، غەرب تەرەپتىكى بىرىنچى سۈڭگۈچتە زوڭزىيىپ ئولتۇردى. كۆز نۇرى ئارقىلىق ئوچاق، تۆمۈر قىسقۇچ، بازغان، بولقا، قاڭالتىر چېلەك، كۆمۈر گۈرجىكى، ھەر بىر پارچە كۆمۈر، ھەتتا داشقالغىچە نەچچە رەت سىلاشتۇرۇپ چىقتى. ئىش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، ئۇ ئوڭ قولىغا گۈرجەكنى ئېلىپ ئوتى باستۇرۇپ قويۇلغان ئوچاقنى چۇقچىلىدى، سول قولى بىلەن كۆرۈكنى باستى، ئىس بىلەن كۈل تەڭلا ئۆرلەپ چىقىپ كۆزىگە كىرىپ كەتتى، ئۇ كۈچەپ ئۇۋىلاۋەرگەچكە، كۆز چانىقىغا قان تولۇپ قىزىرىپ كەتتى. كۆرۈك توخۇ پېيى بىلەن يېڭىدىن چىڭىتىپ دىتلانغانلىقتىن ئېغىرلاپ كەتكەچكە، بىر قول بىلەن باسماق بەكلا تەس ئىدى. يارىدار بارمىقى تېگىپ كەتكەندىلا، قولىغا تېڭىقلىق قولياغلىق ئېسىگە يەتتى. ياغلىق قارىداپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەتىرگۈل يەنىلا ئەسلى رەڭگىدە جۇلالاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خىيالىغا بىر ئوي كەچتى-دە، سۈڭگۈچتىن چىقىپ ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىدى. يەتتىنچى پوتەينىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولياغلىقنى يېشىپ چىشلەپ تۇرۇپ يۇقىرىغا ياماشتى، ئاندىن ياغلىقنى ھېلىقى قىسىلچاققا تىقىپ قويدى…

ئوت نەچچە چۇقچىلاش بىلەنلا ئۆچۈپ قالدى. ئۇنىڭ پېشانىسىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. سىرتتىن تاق-تۇق، تاق-تۇق قىلغان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋىدى، ئۇ قورقۇپ سەنتۈرۈلۈپ كەينىگە داجىپ، دۈمبىسى مۇزدەك تاش تامغا يۆلىنىپ قالغاندا ئاندىن توختىدى. قارىۋاي كالتە پۇت يىگىتنىڭ سۈڭگۈچنىڭ شۇنچە پاكار، ئۆزىنىڭ شۇنچە ئېگىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ئېگىلىپ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھىجايدى. كالتە پۇت يىگىت ئاۋۋال چۇقچىلاپ ئۆچۈرۈپ قويۇلغان ئوچاق بىلەن دەستىسى يېرىم چىقىپ تۇرغان كۆرۈككە، ئاندىن تامغا يۆلىنىپ تۇرغان قارىۋايغا قاراپ: ”ئىتنىڭ بالىسى! نېمە بار دەپ ھە-پىلەشتىڭ بۇنىڭ بىلەن؟ ئوتنى ئۆچۈرۈپسەن، كۆرۈكنىمۇ مايماق قىلىپ قويۇپسەن، تاياق قېپى شۇم“ دەپ تىللىدى. قارىۋاينىڭ بېشىدىن شامال ئۇچتى، ئاندىن تارشىدەك بىر قول بېشىغا كېلىپ تەگدى، ئارقىدىنلا يەرگە چۈشكەن پاقىدەك پاققىدە ئاۋاز چىقتى.

‐‐ يوقال، بېرىپ تېشىڭنى چاق شۇم!‐‐ يىگىت يەنە ۋارقىراپ تىللىدى.

قارىۋاي شۇندىلا ئۇنىڭ شاگىرت تۆمۈر-چى ئىكەنلىكىنى تونۇدى. تۆمۈرچىنىڭ يۈزىنى دانىخورەك باسقان بولۇپ، مو-زاينىڭكىدەك ياپىلاق بۇرنىدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەر چىقىپلا تۇراتتى. قارىۋاي ئۇنىڭ ئوچاقنىڭ ئوتىنى چاققانلىق بىلەن تازىلىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. تۆمۈرچى سۈڭگۈچنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ئالتۇنرەڭ مەڭگەندىن بىر سىقىم ئېلىپ كېلىپ ئوتخانىغا سالدى، ئوت يېقىپ، كۆرۈكنى يېنىككىنە بىر نەچچىنى باستى، پاخالدىن ئاپئاق ئىس ئۆرلەپ، بىردەمدىلا تۇتاشتى. تۆمۈرچى بىر گۈرجەك نەم كۆمۈرنى كۆيۈ-ۋاتقان پاخالنىڭ ئۈستىگە نېپىز قىلىپ سالدى، كۆرۈكنى توختىماي باستى، يەنە بىر قەۋەت كۆمۈر سالدى، يەنە بىر قەۋەت سالدى. ئوچاقتىن قىزغۇچ سېرىق ئىس كۆتۈرۈلدى، كۆمۈرنىڭ پۇرىقى دىماغلارنى ئېچىشتۇرۇشقا باشلىدى. تۆمۈرچى گۈرجەكنىڭ قىرى بىلەن ئوچاقتىكى كۆمۈرنى ئۇرۇپ قويىۋىدى، تۇتۇق قىزىل رەڭلىك كۈچلۈك يالقۇن ئۆرلەپ، كۆمۈرگە ئوت تۇتاشتى.

قارىۋاي ھاياجاندىن ئۇھ دەپ تىندى.

‐‐ يوقالماي نېمىگە تۇرىسەن شۇم!

‐‐ ئوتنى كۆمۈپ قويغانغۇ؟ يەنە باشقىدىن يېقىپسەنغۇ؟‐‐ دېدى ئورۇق، ئېگىز بىر بوۋاي ئاستا مېڭىپ كىرىپ. ئۇنىڭ ئاۋازى قورسىقىدىن چىقىۋاتقاندەك بوغۇق ۋە ئېغىر ئىدى.

‐‐ ماۋۇ شۇم چۇقچىلاپ ئۆچۈرۈپ قويۇپتۇ،‐‐ دېدى تۆمۈرچى گۈرجەك بىلەن قارىۋاينى كۆرسىتىپ.

‐‐ ئۇ باسسۇن،‐‐ دېدى بوۋاي. ئۇ سېرىق كىليونكىنى بېلىگە پەرتۇق قىلىپ تارتتى، كىچىكرەك ئىككى پارچىسىىنى پۇتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئوشۇقىغا تاڭدى. كىليونكىنىڭ ئۈستىدە چاچرىغان ئۇچقۇن كۆيدۈرۈۋەتكەن نۇرغۇن تۆشۈكلەر بار ئىدى. قارىۋاي ئۇنىڭ تۆمۈرچى ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلدى،‐‐ ئۇ كۆرۈك باسسۇن، سەن بازغىنىڭنى ئۇر، ئىشىڭمۇ يەڭگىللەپ قالىدۇ.

‐‐ مۇشۇ سېرىق تۈك كۆرۈك باسامدا؟ قاراڭە ئەبگالىقىغا، ئوچاق تۈۋىدە ئولتۇرۇپ چۈچۈلە بولۇپ كەتمىسۇن يەنە!‐‐ دېدى شاگىرت نارازى بولۇپ غۇدۇڭشۇپ.

ليۇ تەيياڭ كىرىپ كەلدى.

‐‐ يەنە نېمە گەپ؟‐‐ دېدى ئۇ كۆزىنى ئالايتىپ،‐‐ ئۆزۈڭ كۆرۈك باسىدىغان ئادەم بەر دېمىگەنمىدىڭ؟

‐‐ ئادەمغۇ لازىم، لېكىن ئۇنى ئالمايمەن! قاراڭە ئۇنىڭ ئەپتىگە، ئوڭلاپ گۈرجەكنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغاندەك تۇرسا، ئۇنى ئەۋەتىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ سان توشقۇزۇش ئۈچۈنلىما!

‐‐ سەن نېمىنىڭ قورسىقىدىكىنى مەن بىلمەمدىم. چىرايلىق قىزدىن بىرنى ئەكىلىپ بەرسەم بولامتى باسىدىغانغا؟ بېغىررەڭ ياغلىق سالغان چىرايلىق قىزنى ئەكىلىپ بېرەيما؟ گېپىنى قارا نومۇسسىز-نىڭ! قارىۋاي، سەن كۆرۈك باسالايسەن،‐‐ دېدى مۇدىر، ئاندىن يەنە تۆمۈرچىگە قاراپ ۋارقىرىدى،‐‐ ئاناڭنى، ئاۋۇنىڭغا ئوبدان ئىش ئۆگەت!

قارىۋاي قورقۇپ تەمتىرەپ يۈرۈپ كۆرۈكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ يۈزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلدى. ئۇ ئۇستىنىڭ يۈزىنىڭ كۆيۈپ سارغىيىپ كەتكەن بۇغدايغا، بۇرنىنىڭ مەي باغلاپ پىشقان دولانەگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، قارىۋايغا ئوت قالاشنىڭ ئېپىنى ئۆگەتتى. قارىۋاينىڭ قۇلىقى مىدىرلاپ تۇرۇپ، ئۇستىنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

ئۇ دەسلەپتە راسا پايپېتەك بولۇپ، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى، تېرىسى ئوتتا كۆيۈپ يىڭنە سانچىغاندەك ئاغرىشقا باشلىدى. ئۇستىنىڭ ھېچقانداق ئىپادە يوق چىرايى كاھىشتەك جانسىز ئىدى، ئۇنىڭغا قارار كۆزى يوق ئىدى. قارىۋاي ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلىگەن ھالدا، قاپقارا بولۇپ كەتكەن بېلىكى بىلەن كۆزىگە كىرىپ كېتەي دەپ قالغان تەرلىرىنى سۈرتەتتى. توخۇنىڭكىدەك ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان كۆكرىكى بىر كۆتۈرۈلۈپ-بىر پەسەيگەندە، خۇددى كۆرۈككە ئوخشاش ”خىر-خىر، گاژ-گۇژ“ ئاۋاز چىقىراتتى.

تاشچى ئۇچى ئۇپراپ كەتكەن ئىسكىنەنى ئوڭشاتقىلى ئېلىپ كەلدى.

‐‐ بۇ ئىشقا پايلامدىكەنسەن؟‐‐ دېدى ئۇ قارىۋاينىڭ ھالىنى كۆرۈپ،‐‐ پايلىيالمىساڭ دە، بېرىپ تاش چاقساڭ بولىدۇ.

قارىۋاي بېشىنىمۇ كۆتۈرمىدى. تاشچى ”بۇ تەرسانىزە!“ دېدى-دە، ئىسكىنەنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. لېكىن بىر-دەمدىلا جۈزى قىزچاق بىلەن بىللە يەنە كەلدى. جۈزى ياغلىقىنى بوينىغا چۈشۈ-رىۋالغان بولۇپ، چىرايى تولۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

سۈڭگۈچتە تۇرغان شاگىرت تۆمۈر-چىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى، تۈكۈرۈكىنى كۈچەپ يۇتۇپ، قۇرۇپ كەتكەن كالپۇكىنى قېلىن تىلى بىلەن يالىدى. ئۇنىڭ كۆزى قارىۋاينىڭكىدىن كىچىك بولمىسىمۇ، لېكىن رەڭگى ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ پوستىغا ئوخشايدىغان ”سەۋزە چېچىكى“ ئوڭ كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى توسۇۋالغانىدى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت سول كۆزى بىلەنلا كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغاچقا، بېشىنى ئوڭغا قىيسايتىپ قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بېشىنى ئوڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، سول كۆزىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق نۇرنى ئۇدۇل قىزنىڭ قىپقىزىل مەڭزىگە سانچىدى. ئۇ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان 18 قاداق ئېغىرلىقتىكى بازغاننىڭ سېپىغا ھاسىغا تايانغاندەك تايىنىپ تۇراتتى.

ئوچاقتا ئوت يېلىنجاپ كۆيۈۋاتاتتى، ئۇچقۇن ئارىلاش قاپقارا ئىس سۈڭگۈچنىڭ تورۇسىغا ئۇرۇلۇپ يەنە پەسكە قايتىۋا-تاتتى. بېشى ئىسنىڭ ئارىسىدا قالغان قارىۋاي قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى. تۆمۈرچى ئۇستا قارىۋايغا سوغۇقلا بىر قاراپ قويۇپ، پارقىراپ كەتكەن يانچۇقىدىن غاڭزىسىنى چىقىرىپ تاماكا باستى، ئاندىن ئوچاقنىڭ ئوتىدا تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى دەستە ئاق ئىسنى قارا ئىسقا پۈۋلىدى، بۇرۇن تۆشۈكىدىكى قاپقارا تۈكلىرىمۇ لىڭشىپ كەتتى. ئۇ ئىس ئارىسىدا تۇرۇپ سۈڭگۈچ ئېغىزىدىكى تاشچى بىلەن جۈزىنى كۆرۈپ، قارىۋايغا قاراپ: ”كۆمۈرنى ئازراق سال، تەكشىرەك كۆيسۇن“ دەپ قويدى.

قارىۋاي كۈچەپ كۆرۈك بېسىۋاتقاندا، ئورۇق بەدىنى بىر ئالدىغا ئېگىلسە، بىر كەينىگە داجىيتتى، قوۋۇرغىلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان مەيدىسى ئوتتا قىزىپ تەرلەپ كەتكەنىدى. سول كۆكرىكىدىكى قوۋۇرغىلىرى ئارىسىدا يۈرىكى خۇددى چاشقاندەك بىچارىلەرچە سەكرەۋاتاتتى.

‐‐ ئۇزۇن-ئۇزۇن باس، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ،‐‐ دېدى ئۇستا.

جۈزى قارىۋاينىڭ ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ قاناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئالدى.

‐‐ قارىۋاي، بولدى بۇلارغا ئىشلىمە. يۈر، مەن بىلەن بېرىپ تاش چاق،‐‐ قىز شۇنداق دېدى-دە، كۆرۈكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قارىۋاينىڭ قاقشال ئوتۇندەك ئىنچىكە بېلىكىدىن تارتتى. قارىۋاي چىشلىگىلى تەمشەلگەن كۈچۈكتەك غىڭشىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇ بەكلا يېنىك بولغاچقا، قىز ئۇنى بېلىكىدىن تارتىپ كۆتۈرۈپلا سۈڭگۈچنىڭ سىرتىغا ئېلىپ ماڭدى، يەرگە سۆرۈلۈپ قالغان پۇت بارماقلىرى شېغىل تاشلارغا ئۇرۇلۇپ شارت-شارت قىلغان ئاۋاز چىقتى.

‐‐ قارىۋاي، ئۇلارغا ئىشلىمىگىن، ئىستا ئىسلىنىپ، ئوتتا قاقلىنىپ ئىشلەشكە سەن چىدىمايسەن، ئورۇق بەستىڭدىن تەرىڭ ئېقىپ تۈگىسە قازاندىكى قىسماقتەك قۇرۇپ كېتىسەن، مەن بىلەن بىللە تاش چاقساڭ ئاسان ئەمەسمۇ،‐‐ دېدى قىز ۋە ئۇنى يەرگە قويۇپ، قولىدىن يېتىلەپ تاش چاقىدىغان جايغا ماڭدى.  قىزنىڭ توم، كۈچلۈك ئەمما يۇمشاق قولى قارىۋاينىڭ بېغىشىنى خۇددى ئوغلاقنىڭ پۇتىنى تۇتقاندەك چىڭ قاماللىۋالغانىدى. قارىۋاي سۆرىلىۋېلىپ، پۇتى بىلەن يەردىكى شېغىللارنى جىراپ تىركىشىپ كېتىۋاتاتتى. قىز توختاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، قارىۋاينىڭ بېغىشىنى چىڭ سىقتى،‐‐ ۋۇ ئەخمەق، كاجلىق قىلماي ماڭە. مۇنۇ پاچىقىڭغا قارىغىنە، مۇنداقلا كۈچەپ قويسام سۇنۇپ كېتىدۇ، شۇنچە ئېغىر ئىشقا قانداق چىدىسۇن؟

قارىۋاي ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، بېشىنى ئەگدى-دە، قىزنىڭ سېمىز بىلىكىنى كۈچەپ چىشلىۋالدى. قىز ۋايجانلاپ ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى، قارىۋاي بۇرۇلۇپلا سۈڭگۈچكە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى.

قارىۋاينىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى قىزنىڭ بېغىشىدا ئىككى رەت چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. ئىككى قوزۇق چىشىنىڭ ئىزىدىن قان سىرغىپ چىقىشقا باشلىدى. تاشچى ياخشى كۆڭلى بىلەن پۇرلىشىپ كەتكەن قولياغلىقىنى چىقىرىپ قولىنى تېڭىپ قويماقچى بولىۋىدى، قىز ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن ئىتتىرىۋېتىپ، يەردىن بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ يارىسىغا سەپتى.

‐‐ مىكروپ بار،‐‐ دەپ ۋارقىرىۋەتتى تاشچى چۆچۈپ.

قىز تاش دۆۋىسىدىكى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى، ئەمما تاش چاقماستىن، دەريا يۈزىدىكى ساناقسىز مەيىن دولقۇنلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇردى.

‐‐ قاراڭلار، يەنە بىرى ئالجىدى.

‐‐ قارىۋاي جادۇ ئىشلىتىشنى بىلەمدۇ نېمە.

ئاياللار قۇلاق يېقىپ كۇسۇرلىشىپ كەتتى.

‐‐ قارىۋاي، چىقە بۇياققا ئىتنىڭ بالىسى! ئاق-قارىنى ئۇقمايدىغان، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تۇزكور،‐‐ تاشچى تىللىغان پېتى تۆمۈرچىلەر جايلاشقان سۈڭگۈچكە مېڭىۋىدى، باش-كۆزىگە ئىسسىق ۋە پاسكىنا سۇ چېچىلدى. تاشچىنىڭ كىرىشى بىلەن سۈڭگۈچتىكىلەرنىڭ يۇندىنى چېچىشى شۇنچىلىك ئۇدۇل كېلىپ قالدىكى، يېرىم چېلەك سۇدىن بىر تامچىمۇ زايە كەتمىدى. يۇمشاق، سارغۇچ چاچلىرىغا، كۆك چاپىنى ۋە قىپقىزىل تەنھەرىكەت مايكىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ تۇرغان ياقىسىغا تۆمۈر قىرىندىسى ۋە كۈل چاپلىشىپ كەتتى، يۇندى ئېرىق ياساپ پەسكە ئېقىشقا باشلىدى.

‐‐ كۆزۈڭ نەگە كەتتى!‐‐ تاشچى تىللىغان پېتى يۈگۈرۈپ كىردى،‐‐ قايسىڭ؟ ئېيتە، قايسىڭ قىلدىڭ؟

ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. سۈڭگۈچتىكى ئىس تارقاپ كەتكەن بولۇپ، ئوچاقتا ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتاتتى. رەڭگى قوڭۇر ئۇستا ئوچاقتىكى قىزىپ ئاقىرىپ كەتكەن پولات ئىسكىنەنى ئۇزۇن قىسقۇچ بىلەن قىسىپ ئالدى، قىسقۇچنىڭ ئۇچىدىن پاراس-پۇرۇس قىلىپ ئۇچقۇن چاچراپ كەتتى. ئۇستا ئىسكىنەنى سەندەلگە قويۇپ، بولقا بىلەن قىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئىسكىنەمۇ جىرىڭلاپ جاۋاب قايتۇردى. ئۇستا سول قولىدىكى ئۇزۇن ساپلىق قىسقۇچتا ئىسكىنەنى قىسىپ ئويان-بۇيان ئۆرۈپ، ئوڭ قولىدىكى بولقا بىلەن تېز-تېز ئۇراتتى. ئۇنىڭ بولقىسى نەگە تەگسە، يەكچەشمە تۆمۈرچىنىڭ 18 قاداقلىق بازغىنىمۇ دەرھال شۇ يەرگە ئۇرۇلاتتى. ئۇستىنىڭ بولقىسى توخۇ دان تەرگەندەك ئىتتىك-ئىتتىك ئۇرۇلسىمۇ، تۆمۈرچىنىڭ بازغىنى تاپ بېسىپلا ئۇرۇلاتتى. كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان تاڭ-تۇڭ ساداسىدا، پولات ئىسكىنەدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلار ئۇستا بىلەن شاگىرتنىڭ پەرتۇق ۋە پۇتلۇق كىليونكىلىرىغا چاچراپ، پىژ-پىژ قىلىپ كۆيۈپ ئاق ئىس چىقىراتتى. ئۇچقۇن قارىۋاينىڭ يالىڭاچ تېرىسىگە چاچرىغاندا، ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىككى قاتار ئاپئاق چىشىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. قورسىقىنىڭ بىر نەچچە يېرى كۆيۈپ قاپىرىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھېچبىر ئاغرىۋاتقاندەك ئىپادە يوق ئىدى، كۆزلىرىدە سىرلىق يالقۇن پىلىلدايتتى، ئىنچىكە بېلەكلىرىنى مەيدىسىدە كېسىشتۈرۈپ، ئاغزىنى ئېڭىكى بىلەن قوشۇپلا قاماللاپ تۇتۇۋالغاچقا، بۇرنىنىڭ ئۈستى تەرىپى پۈرۈم-پۈرۈم بولۇپ كەتكەنىدى.

ئۇچى سۇنغان ئىسكىنىگە بىس چىقىرىلدى، رەڭگى توق قىزىلدىن ئاستا-ئاستا كۈمۈشرەڭگە ئۆزگەردى. يەرگە چۈشكەن تۆمۈر ئۇۋاقلىرى بەك قىزىق بولغاچقا، قۇرۇق چۆپلەردىن ئاپئاق ئىس كۆتۈرۈلدى.

‐‐ ئاناڭنى، قايسىڭ دەۋاتىمەن؟‐‐ تاشچى تۆمۈرچىگە قاراپ ۋارقىرىدى.

‐‐ مەن چاچتىم، گەپ بارمۇ؟‐‐ تۆمۈرچى بازغاننىڭ سېپىنى قوش قوللاپ تۇتقان ھالدا بېشىنى بىر يانغا چىرايلىق ئېگىپ تۇراتتى.

‐‐ كۆزۈڭ كۆرمەمدۇ سېنىڭ؟

‐‐ بىرسى كۆرمەيدۇ. ھېلىمۇ مەن چاچقان سۇغا ئۇدۇل كېلىپ قاپسەن.

‐‐سەن غەرەز ئۇقامسەن-يوق؟

‐‐ بۇ ئاي-بۇ كۈنلەردە مۇشتۇمى چوڭنىڭ گېپى ئوڭ،‐‐ تۆمۈرچى مۇشتىنى تۈرۈپ كۆرسىتىۋىدى، بېلەك مۇسكۇللىرى بۆرتۈپ چىقتى.

‐‐ كېلە، ۋۇ يەكچەشمە! بۈگۈن ماۋۇ ئىت كۆزۈڭنىمۇ كۆرمەيدىغان قىلىۋېتەي،‐‐ تاشچى غەزەپ بىلەن مېڭىۋىدى، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئالدىغا بىر قەدەم چامدىغان تۆمۈرچى ئۇستىغا سوقۇلۇپ كەتتى. تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ ئورا كۆزلىرىدىن چاچراپ چىققان بىر خىل نۇر نېمىدىندۇر بېشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلغاچقا، تاشچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتتى. تۆمۈرچى ئۇستا بېشىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ، ئاھاڭىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قايسىدۇر چاڭچىلىگە ياكى قايسىدۇر بىر غەزەلگە غىڭشىشقا باشلىدى:


«جەڭگە قابىل، ئىلمى كامىل، ياش-قىران دەپ مەپتۇن بولۇپ،

ئاچ-توق ئولدۇم، سايدا قوندۇم، سەن بىلەن سەرسان بولۇپ.»


ئۇستا مۇشۇ ئىككى مىسرانى ئېيتىپلا چىپپىدە توختاپ قالدى، بۇ ھەسرەتلىك غەزەلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئۇ تاشچىغا يەنە بىر قاراپ قويۇپ، يېڭىلا سوقۇپ بىس چىقارغان ئىسكىنەنى سۇغىرىشقا كىرىشتى. سۇغىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئوڭ يېڭىنى تۈرۈۋېتىپ، قولىنى چېلەكتىكى سۇغا تىقىپ ھارارىتىنى پەملەپ كۆردى. ئۇنىڭ بېلىكىدە ئوتتۇرىسى دۆڭرەك، ئەتراپى تىرەن، سۆسۈن رەڭلىك يۇمىلاق بىر تارتۇق بار ئىدى، گەرچە بۇ تارتۇق كۆزگە ئوخشىمىسىمۇ، تاشچىغا خۇددى ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان غەلىتە كۆزدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ جىن چاپلاشقاندەك گاراڭ ھالەتتە سۈڭگۈچتىن قايتىپ چىقتى، تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقىغا چۈشتىن كېيىن پەقەت يولىمىدى.

… قارىۋاينىڭ كۆزى تورلىشىپ، بېشى ئاپتاپتا كۆيۈشۈپ كەتتى. ئۇ قىز ئولتۇرغان يەردىن قوپۇپ، تۆمۈرچىلىك ئىش ئورنىغا قايتتى. سۈڭگۈچنىڭ ئىچى غۇۋا قاراڭغۇ بولغاچقا، ئۇ سىلاپ-سىپاپ يۈرۈپ ئۇستىنىڭ قاتلىما ئورۇندۇقىنى تېپىپ ئولتۇردى، ھېچنېمىنى ئويلىماي ئولتۇرۇ-ۋىدى، ئىككى قولى كۆيۈشۈپ ئاچچىق ئاغرىپ كەتتى، ئۇ دەرھال قولىنى مۇزدەك تاش تامغا يېقىپ، يەنە ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى.

ئۈچ كۈن بۇرۇن، تۆمۈرچى ئۇستا رۇخسەت سوراپ پاختىلىق كىيىم ۋە يوتقان-كۆرپە ئېلىپ كەلگىلى ئۆيىگە كەتتى. مېڭىشتىن بۇرۇن ”قېرىغاندا پۇت ئەتىۋا بولۇپ كېتىدىكەن، كۈندە ئۆيگە قاتراۋەرگۈم يوق، ئوچاقنىڭ قېشىغا ئورۇن سېلىپ ياتسام مۇزلاپمۇ كەتمەسمەن“ دېدى. (قارىۋاي تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ تۆشىكىگە قارىدى. سۈڭگۈچنىڭ شىمالى تاختاي بىلەن توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، يوچۇقىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن نەچچە دەستە نۇر ئۇستىنىڭ پاختىلىق چاپىنى بىلەن تۈكى تۆكۈلۈپ كەتكەن تېرە كۆرپىسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.) ئۇستا ئۆيىگە كېتىشى بىلەنلا، تۆمۈرچى سۈڭگۈچكە خاقان بولۇۋالدى. شۇ كۈنى ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەيدىسىنى كېرىپ كۆرەڭ ھالدا سۈڭگۈچكە كىردى-دە، مەردانە ئاۋازدا ”قارىۋاي، ئوت ياق، قېرى ئەبلەخ كەتسىمۇ، بىز ئىشلەۋېرىمىز“ دېدى.

قارىۋاي ئۇنىڭغا قارىدى.

‐‐ نېمە چەكچىيىسەن، ھارامزادە! مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسەن؟ بۇ قېرىنىڭ كەينىدە يۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى، قورسىقىدىكى ئۇمىچىنى بىلىپ بولدۇم مەن.

قارىۋاي مىسىلداپ يۈرۈپ ئوت قالىدى. تۆمۈرچى مەمنۇنىيەت بىلەن نېمىگىدۇر غىڭشىغان ھالدا، ئالدىنقى كۈنى ئوڭشاپ بولالمىغان ئىسكىنەلەرنى ئوچاقنىڭ ئوتخانىسىغا سالدى. قارىۋاي كۆرۈكنى بېسىپ ئوتنى تازا ئۇلغايتتى، ئوتنىڭ  تەپتىدە قارا چىرايىغا قىزىللىق يامرىدى.

‐‐ قارىۋاي،‐‐ دېدى تۆمۈرچى تۇيۇقسىز كۈلۈپ كېتىپ،‐‐ سەن شۇمتەك قىزىل ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ رولىنى ئالساڭ بولىدىكەن جۇمۇ، ھەممە يېرىڭ تارتۇق بولغاندىكىن.

قارىۋاي كۈچەپ كۈرەك بېسىۋەردى.

‐‐ ھېلىقى چىرايلىق ئاتاق ئاناڭ نەچچە كۈن بولدى كەلمەيدىغۇ؟ قولىنى چىشلىۋېلىپ رەنجىتىپ قويدۇڭ-دە، ئىتنىڭ بالىسى. تەمى قانداقكەن؟ چۈچۈكمىكەن يا تاتلىقمىكەن؟ تەلەيلىك نېمىكەنسەن جۇمۇ. مەن بولغان بولسام، ئۇنداق ئاپئاق، يۇمشاق بېلەكنى تەرخەمەك يېگەندەك بىر چىشلەم-بىر چىشلەمدىن يەپ تۈگىتەتتىم.

قارىۋاي ئۇزۇن قىسقۇچ بىلەن قىزىپ ئاقىرىپ كەتكەن بىر ئىسكىنەنى قىسىپ ئېلىپ، سەندەلگە قويدى.

‐‐ ۋاھ، ئوغلۇم، چاققانغۇ!

تۆمۈرچى بازغاندىن كىچىكرەك، بولقىدىن چوڭراق بىر ئارا بازغاننى ئېلىپ، بىر قولىدا قىسقۇچنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۈچەپ سوقۇشقا باشلىدى. قارىۋاي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. تۆمۈرچى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى، ماھىرلىق بىلەن سوقۇپ، ئىسكىنەنى يېڭى ئۇچلىغان قېرىنداشتەك ئۇچلۇق قىلىۋەتتى. قارىۋاي ئۇستىنىڭ بولقىسىغا ھەسرەتلىك قاراپ قويدى. تۆمۈرچى سوقۇلغان ئىسكىنەنى قىسقۇچتا قىسىپ سۇغىرىش ئۈچۈن چېلەكنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇنىڭ ئىسكىنە سۇغارغان ھەرىكىتى ئۇستىسىنىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش ئىدى. قارىۋاي يەنە بۇرۇلۇپ، سەندەل تۈۋىدە تاشلىنىپ ياتقان بولقىغا قارىدى، بولقىنىڭ دەستى قېرى كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك پارقىراپ تۇراتتى.

تۆمۈرچى ئون نەچچە ئىسكىنەنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئوڭشاپ بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا ئۇستىسىنىڭ قاتلىما ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تاماكا ئورىدى، ئوراپ بولۇپ، قارىۋاينى كۆمۈر چوغىنى قىسىپ كېلىپ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرىدى.

‐‐ كۆردۈڭمۇ ئوغلۇم، ئۇ قېرى بولمىسىمۇ ئىشلەۋېرىمىز!

تۆمۈرچى ئەمدى ماختىنىپ تۇرۇشىغا، بايىلا ئىسكىنەنى ئېلىپ كەتكەن تاشچىلار يەنە ئىزدەپ كەلدى.

‐‐ قانداق ئوڭشىدىڭ بۇنى ھوي؟ ھېلى سۇنغان، ھېلى قايرىلغان… بىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسى كەسمەيمىز، تاش كېسىمىز تاش! كۈلەلمىسەڭ ھىجايما دەپتىكەن، ئىسكىنەمىزنى مەشىققە ئىشلەتمەي، ئۇستاڭنىڭ كېلىشىنى ساقلا.

تاشچىلار بايىقى ئون نەچچە ئىسكىنەنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ كەتتى. تۆمۈرچىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى-دە، قارىۋاينى كۆرۈك بېسىشقا بۇيرۇدى.

ئۇ ئىسكىنەلەرنى بىردەمدىلا سوقۇپ، سۇغىرىپ بولدى-دە، تاشچىلارغا ئۆزى ئاپىرىپ بەردى. ئۇ سۈڭگۈچكە قايتىپ كىردى، تاشچىلارمۇ ئۇنىڭغا سوڭدىشىپلا كىرىپ كەلدى. ئىسكىنەلەر يەرگە تاشلاندى، تىل-ئاھانەت تۆمۈرچىگە ياغدى:

‐‐ ئاناڭنى، بىزنى كولدۇرلىتىۋاتامسەن؟ قاراپ باقە سوققان نېمەڭگە! ھەممىسى سۇندى، ھاراملىق!

قارىۋاي تۆمۈرچىگە قارىدى، جاۋغىيىدا ئىككى تال قورۇق پەيدا بولدى، ئۇ خۇشال بولدىمۇ، ئازابلاندىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. تۆمۈرچى جابدۇقنى غەزەپ بىلەن يەرگە ئېتىۋىدى، خۇددى يەرمۇ دوق قىلىۋاتقاندەك تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز چىقىپ كەتتى. تۆمۈرچى موخوركا چەكتى، يەكچەشمە كۆزى پىقىراپ ئايلىنىپ، غۇۋا، تېرىككەك نۇرلار پارلىدى، قۇمچاققىلا ئوخشايدىغان قاشلىرى تېز-تېز قىمىرلاپ كەتتى. ئۇ تاماكا قالدۇقىنى چۆرىۋېتىپ ۋارقىرىدى:

‐‐ ئاناڭنى، ئەمەن يېيەلمەيدىغان قوي بار دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن! قارىۋاي، كۆرۈكنى باس، قايتا ئوڭشايمىز!

قارىۋاي خۇشياقمىغان ھالدا كۆرۈك باستى-يۇ، ھەرىكىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كەتتى. تۆمۈرچى ئۇنى ئالدىرىتىپ تىللىغىلى تۇردى، ئەمما قارىۋاي بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويمىدى. ئىسكىنە قىزىپ تەييار بولىۋىدى، تۆمۈرچى قولىنىڭ ئۇچىدىلا سوقۇپ، تەخىرسىز-لەنگەن ھالدا چېلەكنىڭ تۈۋىگە ماڭدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۇستىسىدەك ئاز-ئازدىن سۇغارماستىن، ئىسكىنەنى بىراققا چېلەككە تىقىۋەتتى. چېلەكتىكى سۇ كۈچلۈك پىژىلداپ، ئاپئاق ھور تولغىما قۇيماقتەك تولغىشىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. تۆمۈرچى ئۈشكىنى كۆتۈرۈپ كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى سىڭايان قىلىپ سىزىقلىرىغا ۋە رەڭگىگە قارىدى. بىر دەم قارىغاندىن كېيىن، ئۈشكىنى سەندەلگە قويۇپ، بولقا بىلەن بوش ئۇرۇپ بېقىۋىدى، سۇنۇپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا قولىدىكى بولقىنى تاشلىۋېتىپ، قىسقۇچتىكى يېرىم ئىسكىنەنى سۈڭگۈچنىڭ سىرتىغا چۆرۈۋەتتى. سۈڭگۈچ سىرتىدىكى تاشلىق يەردە ياتقان چولاق ئىسكىنىگە قاراپ تېخىمۇ ئازابلىنىپ كەتتى.

‐‐ ماڭ، تېرىپ كەل!‐‐ تۆمۈرچى غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى. قارىۋاينىڭ قۇلىقى قىمىرلىدى-يۇ، پۇتى مىدىرلىمىدى. قارىۋاينىڭ كۆتىگە تېپىلدى، مۈرىسىگە قىسقۇچ نوقۇلدى، قۇلاق تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك بىر ئاۋاز ياڭرىدى،‐‐ ئىسكىنىنى تېرىپ كەل دەۋاتىمەن!

قارىۋاي بېشىنى سالغان پېتى ئىسكىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاستا ئېگىلىپ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتى. ئۇ قولىدىن تومۇزغىنىڭ ئۈنىدەك پىژ-پىژ ئاۋاز چىققانلىقىنى ئاڭلىدى. بۇرنىغا قورۇلغان گۆشنىڭكىدەك پۇراق پۇرىدى. ئىسكىنە پوككىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. تۆمۈرچى ھاڭۋېقىپ، ئارقىدىنلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى:

‐‐ ۋاي ئاناڭنى، تۆمۈرنىڭ قىز-زىقلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ، قولۇڭ پىشىپ قالغان بولسا، يەپ باقە!

قارىۋاي سۈڭگۈچكە كىردى، تۆمۈرچىگە قاراپمۇ قويماستىن، كۆيگەن قولىنى چېلەكتىكى سۇغا چىلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە مىسىلداپ سۈڭگۈچتىن چىقتى. يەردە ياتقان كېرەكسىز ئىسكىنىگە سىنچىلاپ قارىدى. ئاقۇچ كۈلرەڭ ئىسكىنەنىڭ قوپال يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق دانچىلار بار ئىدى. ئاستىدىكى نەم توپىدىن سۇس، ئاقۇچ ھور چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ساغرىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئېگىلىۋىدى، كالتە ئىشتىنىنىڭ پۇشقاقلىرى تېقىمىغىچە تۈرۈلۈپ بېرىپ، پاچىقىدىن ئاقراق يوتىسى ئېچىلىپ قالدى. ئۇ بىر قولىنى دۈمبىسىگە قىلىۋېلىپ، يەنە بىر قولىنى ئىسكىنىگە ئۇزاتتى، بارمىقىنىڭ ئۇچىدىن تامغان سۇ ئۈشكىگە چۈشۈپ پىژىلدىغان ھالدا سەكرەپ كەتتى، بارا-بارا كىچىكلەپ، ئىسكىنە يۈزىدە چەمبەر شەكىللىك نەقىش ھاسىل قىلدى، چەمبەر دەسلەپتە سەل كېڭەيدى، لېكىن ناھايىتى تېزلا كىچىكلەپ، ئاخىرى غايىپ بولدى. بارقىمىقىنىڭ ئۇچى تۆمۈرنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدى ھەم بۇ ھارارەت ناھايىتى تېزلا يۈرىكىگە يېتىپ باردى.

‐‐ نېمە قىلىۋاتىسەن ھارامزادە!‐‐ تۆمۈرچى سۈڭگۈچ ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى،‐‐ كۆتۈڭنى چىقىرىپ كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارنى دوراۋاتامسەن؟

ئۇنىڭ ئىسكىنەنى تۇتقان قولى تىترەپ كەتتى، سول قولىدا ساغرىسىنى كۈچەپ تۇتقان پېتى سۈڭگۈچكە ئاستا قايتىپ كىردى. قارىۋاينىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان سېرىق ئىسنى كۆرۈپ تۆمۈرچىنىڭ كۆزى پالەچنىڭ كۆزىدەك قىيسىيىپ كەتتى.

‐‐ تاشلا، تاشلىۋەت!‐‐ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرىپ، مۈشۈك چىرقىرىغاندەك ئاڭلاندى،‐‐ تاشلىۋەت دەۋاتىمەن شۇم!

قارىۋاي تۆمۈرچىنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قولىنى بوشىتىپ ئىككى سىلكىدى، ئىسكىنە يەرگە چۈشۈپ ئىككى دومىلاپ تۆمۈرچىنىڭ پۇتىنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى. قارىۋاي زوڭزايغان پېتى بېشىنى كۆتۈرۈپ تۆمۈرچىنىڭ چىرايىغا قارىدى.

‐‐ ماڭا قارىما،‐‐ تۆمۈرچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ، باشقا تەرەپكە قارىۋالدى،‐‐ ئىتنىڭ بالىسى، ماڭا قارىما.

قارىۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى… ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ سۈڭگۈچتىن چىققاندىن كېيىن، غەرب تەرەپتىكى ئاسمانغا قاراپ بىردەم تۇردى، ئاسماندا بۇلۇتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، يېرىم دۈگىلەك ئاي ئاپئاق ۋە نېپىز سىياقتا خۇددى بىر پارچە كىچىك بۇلۇتتەك ئېسىلىپ تۇراتتى…

ئويلا-ئويلا، ئۇ بەكلا ھېرىپ كەتتى، قۇلىقى ھەرە كىرىۋالغاندەك غوڭۇلداپ كەتتى. ئۇ قاتلىما ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ، تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ تۆشىكىگە بېرىپ، پاختىلىق چاپاننى بېشىغا قويۇپ ياتتى، كۆزلىرى بىردىنلا ئۇيقۇغا ئىلىندى. ئۇ بىراۋنىڭ يۈزىنى سىيلىغانلىقىنى سەزدى، قولى سىيلانغاندا قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ چىداپ جىم ياتتى. تامچىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنىڭ بىرى لەۋلىرىگە چۈشتى، ئۇ يۇتىۋەتتى؛ يەنە بىرى قاڭشىرىغا چۈشىۋىدى، بۇرنى ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى.

‐‐ قارىۋاي، تۇرە قارىۋاي، بۇنى يەۋالغىن.

بۇرنى بەكلا قىچىشىپ كەتكەچكە، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغا قارىدى. چا-ناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققىلىۋاتقان ياشنى كۈچەپ بېسىپ، ئاخىرى يۇتىۋەتتى.

قىز بىنەپشە رەڭلىك باش ياغلىقىنى يەشتى، ئىچىدىن ئىككى قوناق مومىسى چىقتى، بىرىنىڭ ئارىسىدا تۇزلانغان تەرخەمەك، يەنە بىرىگە غولپىياز قىستۇ-رۇلغانىدى. ئۇچى سارغىيىپ كەتكەن بىر ئۆرۈم چاچ قوناق مومىسىنىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. قىز ئىككى بارمىقى بىلەن چاچنى تۇتۇپ يېنىككىنە كەينىگە سىلكىدى، قارىۋاي چاچنىڭ دۈمبىگە ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدى.

‐‐ يېگىنە كۈچۈك!‐‐ دېدى قىز ئۇنىڭ بوينىنى سىلاپ تۇرۇپ.

قارىۋاي قىزغا قاراپ ئولتۇرۇپ، مومىنى، تەرخەمەكنى، غولپىيازنى چايناشقا باشلىدى.

‐‐ قولۇڭ قانداق كۆيۈپ قالدى؟ يەنە شۇ يەكچەشمە بوزەك قىلدىما؟ مېنى يەنە چىشلەمسەن؟ قارىغىنە چىشىڭنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى.

قارىۋاينىڭ قۇلىقى مىدىرلاپ كەتتى، ئۇ سول قولىغا قوناق مومىسىنى، ئوڭ قولىغا غولپىياز بىلەن تەرخەمەكنى ئېلىۋېلىپ، يۈزىنى توسىۋېلىپ چايناشقا باشلىدى.

3

كېچىدە تۇيۇقسىزلا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. سەھەردە ئىشقا كەلگەن كىشىلەر شېغىللارنىڭ يۇيۇلۇپ پاكىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى، قۇملۇقنىڭ يامغۇرنىڭ زەربىسىدە تۈزلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتى. كۆلچەكتىكى ئىككى غېرىچ ئۆرلەپ قالغان سۇنىڭ يۈزىگە ئاسماندىكى قالدۇق قارا بۇلۇتلارنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇراتتى. ھاۋا بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى، سۈڭگۈچتىن سوققان كۈز شامىلى كەندىرلىكنى دېڭىزدەك تەۋ-رەتكەندە چىققان شار-شۇر ئاۋازلارمۇ كىشىنى شۈركەندۈرەتتى. تۆمۈرچى ئۇستا پارقىراپ كەتكەن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىۋالدى، تۈگمىلىرىنىڭ بىرى قالمىغاچقا، ئىككى پېشىنى جۈپلەپ، بېلىدىن قىزىل توك سىمى بىلەن باغلىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. قارىۋاينىڭ ئۇچىسىدا چوڭ كالتە ئىشتاندىن باشقا كىيىم يوق ھەم يالاڭئاياغ بولسىمۇ، توڭغاندەك قىلمايتتى. بېلىنى باغلاپ كەلگەن لاتىنى تاشلىۋەتتىمۇ ياكى يوشۇرۇپ قويدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇمۇ ھازىر بېلىنى قىزىل توك سىمىدا باغلىۋالغانىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەسەبىيلەرچە ئۆسۈپ ئىككى سۇڭغا يەتكەن چاچلىرى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك دىڭگىيىپ تۇراتتى. قارىۋاينىڭ يالاڭئاياغ پۇتلىرى بىلەن تاش ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى دەسسەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىشچىلارنىڭ چىرايىدا ئېچىنىش ۋە قايىللىق پەيدا بولاتتى.

‐‐ توڭۇۋاتامسەن؟‐‐ دېدى تۆمۈرچى ئۇستا پەس ئاۋازدا.

قارىۋاي تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇستىغا قارىدى، ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەكلا قىلاتتى.

‐‐ گەپ قىلىۋاتىمەن، توڭلىدىڭمۇ؟‐‐ دېدى ئۇستا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ.

قارىۋاينىڭ چىرايىدىكى تەشۋىش يوقىدى-دە، ئىڭىشىپ ئوت قالاشقا تۇتۇندى. ئۇ سول قولىدا كۆرۈك بېسىپ، ئوڭ قولىدا گۈرجەكنى تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، كۆزلىرى كۆيۈۋاتقان بۇغداي پاخىلىدا ئىدى. ئۇستا تۆشىكىدىن مايلىشىپ كەتكەن بىر كۆڭلەكنى ئېلىپ ئۇنىڭغا يېپىپ قويىۋىدى، قارىۋاي ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقاندەك تولغىشىپ كەتتى ۋە ئۇستا نېرى كېتىشى بىلەنلا كۆڭلەكنى سېلىپ تۆشەككە قويۇپ قويدى. ئۇستا باش چايقاپ قويۇپ، تاماكا چېكىشكە ئولتۇردى.

‐‐ قارىۋاي، سېنى بۇ يەردىن نېمانداق كەتمەيدىكىن دېسەم، ئەسلىدە ئوچاقنىڭ ئوتىدا ئىسسىناي دەپتىكەنسەن-دە. ئاناڭنى، مۇشتەك بولغىنىڭ بىلەن ئىچىڭدە جىن تولىكەنغۇ،‐‐ دېدى تۆمۈرچى خۇشياقمىغان ھالدا ئەسنەپ تۇرۇپ.

ئىش مەيدانىدا پۈشتەك چېلىندى، ليۇ مۇدىر كۆپچىلىكنى يىغىلىشقا بۇيرىدى. ئىشچىلار توسما ئالدىدىكى كۈنگەي يەرگە يىغىلدى، ئەرلەر قول قوشتۇرۇپ، ئاياللار تىكىۋاتقان ئاياغ چەمىنى  تۇتۇپ تۇرۇشتى. قارىۋاي يەتتىنچى پوتەينىڭ ئۈستىدىكى تارچۇققا دەككە-دۇككىدە قاراپ قويدى.

‐‐ ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئىش ۋاقتىنى كۆپەيتىپ، مۇز تۇتۇشتىن بۇرۇن بېتون ئۇلنى پۈتتۈرمىسەك بولمايدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، كەچ سائەت يەتتىدىن ئونغىچە ۋاقىت قوشۇپ ئىشلەيمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم جىڭدىن ئاشلىق، ئىككى مودىن پۇل قوشۇپ بېرىلىدۇ.

ھېچكىم باشقىچە پىكىر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىككى يۈز نەچچە چىرايدا  خىلمۇ خىل ئىپادىلەر زاھىر بولدى. قارىۋاي تاشچىنىڭ قىزىرىپ، قىزنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، توسما تۈۋىدىكى ئىش مەيدانىغا ئۈچ گاز لامپا يېقىلدى. كۆزنى قاماشتۇرغۇچى ئاق نۇر چاچىدىغان گاز لامپىنىڭ بىرى تاشچىلارنىڭ يېنىغا، بىرى ئاياللار تاش چاقىدىغان جايغا ئورنىتىلدى. كۆپىنچە ئاياللارنىڭ باقىدىغان بالىسى، قىلىدىغان ئۆي ئىشى بولغاچقا، يېرىم جىڭ ئاشلىق بىلەن ئىككى مو پۇلنىڭ مەرىدىن كېچىشكە مەجبۇر بولدى، لامپا تۈۋىدە ئون نەچچە قىزلا چۆرىدەپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيى يىراقلار بولغاچقا، يۈرىكىنى توملاپ سۈڭگۈچتە قونماقچى بولۇشتى، سۈڭگۈچنىڭ ئىككى تەرىپىنى تاختاي بىلەن توسۇپ، ئالدى تەرەپكە ئۆمىلەپ كىرىپ-چىققىلى بولىدىغان بىرلا تۆشۈك قالدۇردى. جۈزى بەزى كۈنلىرى سۈڭگۈچتە قونسا، بەزىدە كەنتكە بېرىپ قوناتتى. (كەنتتە ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاچىسى بولۇپ، يولدىشى شەھەردە ۋاقىتلىق ئىشچى ئىدى، يولدىشى كېچىدە قايتىپ كەلمەيدىغان كۈنلىرى جۈزىنى قونۇشۇپ بېرىشكە چاقىراتتى.) ئۈچىنچى گاز لامپا تۆمۈرچىلەر جايلاشقان سۈڭگۈچتە بوۋاي، ياش ۋە بالىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. تاشچىلىق مەيدانى تاراڭ-تۇرۇڭ بولقا-بازغان ئاۋازى بىلەن تولغان، تاشقا سېلىنىۋاتقان ئىسكىنەلەرنىڭ ئۇچىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۇچقۇن چاچراپ چىقاتتى. تاشچىلار تىرىشىپ ئىشلەۋاتاتتى، كىچىك تاشچى بوغما چاپىنىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، قىپقىزىل تەنھەرىكەت مايكىسى ئوتقاشتەك ۋالىلداپ تۇراتتى. چىراغنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان قىزلار شېرىن خىياللارغا غەرق بولغان بولۇپ، بىر دەم قاقاخلاپ كۈلۈشسە، بىر دەم قۇلىقىنى يېقىشىپ پىچىر-لىشاتتى، تاش چاققان ئاۋاز بىرە-بىرە ئاڭلىناتتى. ئۇلار چىقارغان تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ ئۈزۈكچىلىكىنى دەريادىكى سۇنىڭ ئاۋازى تولدۇرۇپ تۇراتتى. جۈزى بولقىنى قويۇپ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە، دەريا بويىغا ماڭدى. چىراغ نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن قۇملۇقتا ئۇنىڭ ئۇزۇن سايىسى پەيدا بولدى. بىر قىز ئۇنىڭ كەينىدىن «بىرەر بويتاق سېنى ئېلىپ قاچمىسۇن يەنە» دەپ ۋارقىرىدى. جۈزى يورۇق دائىرىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا چىراغ خۇددى  ئاق توزغاقتەك، ئۇچى قىزىل، يۇمشاق پۆپۈكلىرى بۇرنىغا كېلىپ توختاپ قالغاندەك كۆرۈندى. ئاندىن ئۇ يەنە بىر چىراغ تەرەپكە يېقىنلاپ باردى. ئۇ بىردىنلا قارىۋاينى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇپ، چىراغ يورۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىرىنچى پوتەينىڭ سايىسىدە دالدىلاندى.

ئۇ قارىۋاينىڭ جىندەك چاققانلىق بىلەن مىدىرلاپ يۈرگەنلىكىنى، پارقىراق لامپا يورۇتۇپ تۇرغان يالىڭاچ دۈمبىسىنىڭ مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇنىڭ تېرىسى خۇددى مىس رەڭدە سىرلانغان ئىلاستىكىلىق ساپالدەك ئەۋرىشىم، چىداملىق، يىرتىلماس ۋە تېشىلمەس ئىدى. قارىۋاي ئازراق سەمىرىپ، قوۋۇرغىسى بىلەن تېرىسىنىڭ ئارىلىقى قېلىنلاپ قالغاندەك كۆرۈندى. قىز كۈندە ئاشخانىدىن ئوبدان تاماق توشۇپ بېرىۋاتسا سەمىرمەي قالاتتىمۇ. قارىۋاي تاماق يېگىلى ئۆيىگە بېرىپ كەتمەيتتى، كەچتە ئۇخلاش ئۈچۈنلا قايتاتتى، بەزى كېچىلىرى قايتمايدىغان بولسا كېرەك، بىر كۈنى سەھەردە قىز سۈڭگۈچتىن چىققان قارىۋاينىڭ بېشىغا سانچىلىپ قالغان پاخالنى كۆرۈپ قالغانىدى. قوش قوللاپ كۆرۈك بېسىۋاتقان قارىۋاينىڭ ھەرىكىتى يېنىك، ئاستا بولۇپ، ئۇ كۆرۈكنى ئەمەس، كۆرۈك ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭ تېنى ئالدىغا-ئارقىغا تەۋرەنگىنىدە، بېشى خۇددى لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان دەريادا لەيلەپ كېتىۋاتقان تاۋۇزغا ئوخشاپ قالاتتى. بىر جۈپ قاپقارا كۆزىدىكى ئىككى يورۇق چېكىت خۇددى لەرزان ئۇچۇپ يۈرگەن پارقىراق قوڭغۇزدەك يۇقىرى-تۆۋەن تەۋرىنىپ تۇراتتى.

تۆمۈرچى ئىسكىنەنىڭ يېنىدا ئادىتى بويىچە بازغاننىڭ سېپىنى قوش قوللاپ تۇتۇپ تۇراتتى، سىڭايان بېشى، چەكچەيگەن كۆزى گويا بىر نەرسىگە تىكىلىپ تۇرغان چۈجە خورازغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

تۆمۈرچى ئۇستا ئوچاقتا تاۋلىنىپ تەييار بولغان ئىسكىنەنى قىسىپ ئالدى، قارىۋاي يەنە بىر بۇزۇق ئىسكىنەنى بوشىغان ئورۇنغا سېلىپ قويدى. راسا قىزىپ ئاقىرىپ كەتكەن ئىسكىنەدىن سۇس يېشىل نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئۇستا ئىسكىنەنى سەندەلگە قويۇپ، بولقىسى بىلەن سەندەلنىڭ بېقىنىغا بىر نەچچىنى بوش ئۇردى، شاگىرت ئېرىنچەكلىك بىلەن بازغاننى ئېلىپ، كەندىر غولىنى سوققاندەك سوقۇشقا باشلىدى. بازغان ئىسكىنەگە يېنىك ئۇرۇلغاندا، كۆزنى چاقنىتىدىغان پولات ئۇچقۇنلىرى ئەتراپقا چاچراپ چىقتى. تاش تامغا ئۇرۇلغان ئۇچقۇنلار تېخىمۇ ئۇششاق پارچىلىنىپ يەرگە چۈشتى، قارىۋاينىڭ سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قورسىقىغا تەگكەنلىرى بولسا، يۇمشاققىنە قاڭقىپ چىقىپ، ھاۋادا چىرايلىق ياي ھاسىل قىلىپ ئاندىن يەرگە چۈشتى. قارىۋاينىڭ قورسىقىغا تېگىپ قاڭقىپ چىققان ئۇچقۇنلار ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ ئىسسىقلىق ۋە ئاۋاز چىقاردى. بىرىنچى بازغاننى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، شاگىرت خۇددى چۆچۈپ ئويغانغاندەك مۇسكۇللىرى  تۈرۈلۈپ، ھەرىكىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ كەتتى. قىز تامغا ئۇنىڭ غەلىتە سايىسىنىڭ سەكرەۋاتقانلىقىنى كۆردى، قۇلىقىغا تاڭ-تاڭدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمىدى. تۆمۈرچىنىڭ تۆمۈر سوقۇش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئۇستىسىنىڭ قولىدىكى كىچىك بولقىغا پەقەت سەندەلنىڭ بېقىنىغا ئۇرۇش ئىشىلا قالغانىدى. ئۇ ئۈشكىنىڭ نەرىگە بازغانلاش كېرەكلىكىنى بىر قاراپلا بىلىپ بولاتتى. ئۇستا ئىسكىنەنى ئۆرۈپ، بازغانلاشقا تېگىشلىك يېرىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭقىرىپ بولغان ھامان شاگىرتنىڭ بازغىنى دەل شۇ يەرگە تېگەتتى، ھەتتا ئۇستىسىنىڭ كۆزىدىنمۇ تېز ئىدى.

قىز شاگىرتنىڭ كارامىتىدىن ھەيرانلىق ئىلكىدە ھۇزۇرلاندى، ئۇستا بىلەن قارىۋايغا قاراشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. بازغانلاش ۋايىغا يەتكەن چاغدا قارىۋاي گومۇشلا بولۇپ قالاتتى (ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، كۆرۈك بىلەن تەڭ نەپەسلىنەتتى)، ئۇستا بولسا بازغاننى ئىسكىنىگە ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا ئۇرۇلۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ بەكلا ھەسرەتلىنەتتى.

ئىسكىنە سوقۇلۇپ بولدى، ئۇستا سۇغىرىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرىلىدىغان چاغدا شاگىرتىغا مەنىلىك نەزەر تاشلاپ، مەنسىتمىگەن ھالدا ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى. شاگىرت ئۇستىسىنىڭ ھەرىكىتىگە مىت قىلماي قاراپ تۇردى. ئۇستا قولىنى چېلەككە تىقىپ سۇنىڭ ھارارىتىنى پەملىدى، ئۈشكىنى كۆتۈرۈپ سىنچىلاپ قارىدى، ئاندىن ئېگىلىپ چېلەكتىكى سۇغا كۆز يۈگۈرتتى، ئىسكىنەنىڭ ئۇچىنى سۇنىڭ يۈزىگە ئاۋايلاپ تۇرۇپ بوشقىنە تەگكۈزدى، چېلەكتىن پىژ-پىژ قىلغان ئاۋاز چىقتى، سۇسقىنە ھور كۆتۈرۈلۈپ ئۇستىنىڭ قىزىل بۇرنىغا ئۇرۇلدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇستا ئىسكىنەىنى كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بىسىغا يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ئىنچىكىلىك بىلەن قارىدى ۋە ئۇنىڭدا ئاجايىپ ئېسىل رەسىمنى كۆرۈپ قالغاندەك كۈلدى، تال-تال قورۇقلىرى ئارىسىدىن خۇشاللىق سىرغىپ چىقتى. ئۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشكەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ئىسكىنەنى بىراقلا سۇغا تىقتى، كۆتۈرۈلگەن بولۇق ھور سۈڭگۈچتە ئېشەكمەدىكى شەكىللىك تۇمان ھاسىل قىلدى. گاز لامپىنىڭ نۇرىمۇ قىزىرىپ، ئەتراپ بىردىنلا غۇۋالىشىپ كەتتى. ھور-تۇمانلار تارقاپ، سۈڭگۈچ جىملىقىغا قايتتى، قارىۋاي چۆچەكلەردىكىدەك سىرلىق ھالەتتە كۆرۈك بېسىۋاتقان، شاگىرت تۆمۈرچى خورازدەك تۈرۈلۈپ چوڭقۇر خىيالغا پاتقان، ئۇستىنىڭ چىلانرەڭ يۈزى، قاپقارا كۆزى ۋە بېلىكىدىكى تېزەكچى قوڭغۇزغا ئوخشايدىغان تارتۇقىمۇ يەنە شۇ پېتى ئىدى.

ئۇستا قىزىپ تەييار بولغان يەنە بىر ئىسكىنەنى ئالدى، بايىقى ئىشلار ئاۋالقى تەرتىپ بويىچە تەكرارلاندى، لېكىن ئىسكىنەنى سۇغىرىدىغان چاغدا ئەھۋالدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. ئۇستا سۇنىڭ ھارارىتىنى پەملەپ، ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ قوشتى. چىرايىغا رازىمەنلىك يامرىدى. ئۇستا قولىدىكى ئىسكىنەنى سۇغا سالاي دەپ تۇرغاندا، شاگىرت بىر سەكرەپلا چېلەكنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئوڭ قولىنى سۇغا تىقتى. ئۇستا ھېچبىر ئويلانماستىنلا ئىسكىنەنى شاگىرتىنىڭ قولىغا يېقىۋەتتى. سۈڭگۈچتىن كۆيگەن گۆشنىڭ بەتبۇي پۇرىقى چىقىپ، قىزنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى.

شاگىرت قاتتىق ۋايجانلاپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇستىسىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ: ”ئۇستام، ئۈچ يىل بولدى، ئۈچ يىل!“ دەپ ۋارقىرىدى.

ئۇستا ئىسكىنەنى چېلەككە تاشلىدى، چېلەكتىن يەنە قويۇق ھور كۆتۈرۈلۈپ، سۈڭگۈچنى بىر ئالدى. قىز ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدى، تۇمان ئارىسىدىن ئۇستىنىڭ ”ئېسىڭدە چىڭ تۇت!“ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

قىز تۇمان تارقىماستىلا قاچتى، ئاشقازىنىدىن ئاچچىق بىر نەرسە يېنىۋاتقاندەك بولۇپ، ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. تاش دۆۋىسىگە قايتىپ كەلگەندە، يېنىدىكى قىزنىڭ ”جۈزى، ھايال بولۇپ قالدىڭغۇ، بىرەر يىگىت بىلەن كەندىرلىككە كەتمىگەنسەن-ھە؟“ دېگەن سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇردى، مەسخىرە قىلىشىغىمۇ مەيلى دېدى. ئىككى بارمىقى بىلەن گېلىنى سىقىۋېلىپ، ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشتى.

ئىشتىن چۈشۈش پۈشتىكى چېلىندى. بۇ ئۈچ سائەت ئىچىدە، قىز چۈش قوينىدا لەيلەپلا يۈردى.

‐‐ ئەرسىرەپ قالدىڭمۇ نېمە؟

‐‐ يۈر، ماڭايلى.

قىزلار چاقىردى، لېكىن ئۇ چىراغ نۇرىدا لەلەڭشىپ تۇرغان سايىگە قاراپ قىمىر قىلماي ئولتۇردى.

‐‐ جۈزى،‐‐ تاشچى ئۇنىڭ كەينىدە مىخلاپ قويغاندەك تىككىدە تۇراتتى،‐‐ نەۋرە ئاچىڭىز گەپ ئەۋەتتى، بۈگۈن قونۇشۇپ بەرسۇن دەيدۇ، بىللە ماڭايلىمۇ؟

‐‐ ماڭايلىمۇ؟ كىمدىن سوراۋاتىسىز؟

‐‐ نېمە بولدىڭىز؟ سوغۇقتا ئاغرىپ قالمىغانسىز؟

‐‐ كىم ئاغرىپ قاپتۇ؟

‐‐ سىزنى دەيمەن!

‐‐ مېنى دېمەڭ.

‐‐ ماڭامسىز؟

‐‐ ماڭىمەن.

كۆۋرۈك ئاستىدىن سۇنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى، قىز توختىدى. تاشچى ئۇنىڭدىن بىر قەدەملا نېرىدا ئىدى. قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ، توسمىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىرىنچى سۈڭگۈچتە چىراغ يورۇق تۇرغانلىقىنى، باشقا ئىككى چىراغنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى-دە، ئىش مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

‐‐ قارىۋاينىڭ يېنىغىما؟

‐‐ كۆرۈپ كېلەي.

‐‐ بىللە بارايلى، بۇ شۇمتەكنىزە، گاراڭلىقتا كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتمەڭ يەنە.

جۈزى تاشچىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى يېقىن كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ھەتتا يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنىمۇ ئاڭلىغاندەك بولدى. ماڭا-ماڭا، بېشىنى مۇنداقلا ئېگىۋىدى، تاشچىنىڭ مەزمۇت يەلكىسىگە تەگدى، كەينىگە سەللا سەنتۈرۈلىۋىدى، تاشچىنىڭ توم بېلىكى ئۇنى كەينىدىن قولتۇقلىدى. كەڭ ئالىقان كەينى تەرەپتىن سوزۇلۇپ چىقىپ، قىزنىڭ مومىدەك كۆكسىنى قاماللاپ مىجىقلاشقا باشلىدى. قىزنىڭ كۆكرەك قەپىزىدىكى يۈرىكى كەپتەردەك تىپىرلاپ كەتتى، پۇتلىرى پەسكە سۆرەپ، ئۇنى چىراغ تۈۋىگە باشلاپ كەلدى. قىز تاشچىنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى. غەرەز ئۇقىدىغان تاشچىمۇ رايىشلىق بىلەن قول بوشاتتى.

‐‐ قارىۋاي!‐‐ دېدى قىز.

‐‐ قارىۋاي!‐‐ دېدى تاشچى.

تۆمۈرچى ئۇلارغا يەكچەشمە كۆزىدە قاراپ، ئېڭىكىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئۇستا تۆشىكىدە غاڭزىسىنى ماۋزېر مىلتىقنى تۇتقاندەك تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ قىزىل جۈزى بىلەن ئاق سېرىق تاشچىغا باشتىن-ئاياغ سەپسالغاندىن كېيىن، ھارغىن ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن: “ئولتۇ-رۇپ بىر دەم ساقلاڭلار، ئۇ ھازىرلا كېلىدۇ“ دېدى.

… قارىۋاي قۇرۇق چېلەكنى كۆتۈرۈپ، دەريا قېشىغا ياماشتى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، تۆمۈرچى بەللىرىنى سوزۇپ كېرىلىپ تۇرۇپ: ”قورساق ئەجەب ئاچتى. قارىۋاي، چېلەكنى ئېلىپ بېرىپ، تاتلىقياڭيۇ بىلەن سەۋزىدىن نەچچە باش يۇلۇپ كەل، كەچلىك تاماق يەيلى“ دېدى. قارىۋاي ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى ئۇستىغا تىكتى. ئۇستا تۆشىكىدە سوقۇشتا ئېلىنىپ كەتكەن پاخپاق خورازدەك ئولتۇراتتى.

‐‐ نېمىگە قارايسەن؟ ئىتنىڭ كۈچۈكى، مەن بار دېگەندىكىن بارمامسەن،‐‐ دېدى تۆمۈرچى بېلىنى رۇسلاپ، بوينىنى سوزۇپ تۇرۇپ. ئۇمۇ تۆشەكتە دەرمانسىز ئولتۇرغان ئۇستىسىغا قاراپ قويدى. كۆيۈپ يارىلانغان بېلىكى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى، لېكىن قولىدىكى شادلىق سېزىمى ئاغرىق ئازابىنى بېسىپ چۈشكەنىدى، شۇ ھارارەت مىسلىسىز راھەت، تەڭداشسىز شىرىن ئىدى.

قارىۋاي قۇرۇق چېلەكنى كۆتۈرۈپ داراڭشىتقان پېتى سىرتقا ماڭدى. سۈڭگۈچتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ پولتۇڭڭىدە قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەندەك قاپقارا زۇلمەتنىڭ ئىچىدە قالدى، زۇلمەتنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئۇنىڭ كۆزىگە چاقماقسىمان مەۋھۇم نۇرلار كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ قورقۇپ كەتكەنلىكتىن جايىدىلا ئولتۇرۇپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى. سەل ئۆتۈپ كۆزىنى ئاچقىنىدا زۇلمەت سەل سۇسلاپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئۇنى ۋە كۈلرەڭ زېمىننى سۇس يورۇتۇشقا باشلىغانىدى…

ئۇ قاشتىكى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن جىرمە شاخلىرىنى قولى بىلەن ئاجرىتىپ، يانچە بولۇپ يۇقىرىلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ قولى جىرمىنىڭ نەم شاخلىرىنى ۋە شاخ ئۇچىدىكى پىشقان ئۇرۇقلىرىنى سىيلىدى، جىرمە شاخلىرىدىن تارىغان سۇس قىرتاق پۇراق ئۇدۇل ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. تۇيۇقسىز پۇتلىرى يۇمشاق ۋە ئىسسىق بىر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ، جىر-جىر قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، قورقۇپ جان-پېنى چىققان ئالاباش بۆدۈنە ئالا-توپىلاڭ كۆتۈرۈپ پالاقشىپ ئۇچۇپ، قاشنىڭ نېرىسىدىكى كەندىرلىككە بىر پارچە قارا تاشتەك چۈشتى. ئۇ بۆدۈنە بايىلا ياتقان يەرنى پۇتى بىلەن ئاۋايلاپ سىيپاشتۇردى، قۇرغاق جايغا تىزىلغان قۇرۇق ئوت-چۆپلەردە قۇشنىڭ ھارارىتى بار ئىدى. ئۇ قاشتا تۇرۇپ، قىز بىلەن تاشچىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ چېلەكنى ئۇرۇپ قويىۋېدى، ئۇلارنىڭ ئاۋازى توختىدى. ئالدى تەرەپتىكى دەريادىن سۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى كەلدى، مەھەللىدىكى قايسىدۇر بىر دەرەخكە قونۇۋالغان مۈشۈكياپىلاق ئېچىنىشلىق سايرىدى. ئۆگەي ئانىسى بىر گۈلدۈرمامىدىن، بىر مۈشۈكياپىلاقتىن قورقاتتى. شۇڭا قارىۋاي كۈندە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىشىنى، مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ دېرىزىسى تۈۋىدە كېچىچە سايراپ چىقىشىنى تىلەيتتى. ئۇ شاخلاردىكى شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتكەن بېلىكىنى ئىشتىنىغا سۈرتىۋەتتى. دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن، قاش ئۈستىدىكى يول پەسلەشكە باشلىدى. قارىۋاينىڭ كۆزى قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولدى، ھەتتا جىگەررەڭ تۇپراق بىلەن تاتلىقياڭيۇنىڭ سۆسۈن يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگىدىكى ئىنچىكە پەرقنىمۇ ئايرىيالىدى. ئۇ ئېتىزدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، چۆنەكنى كولاپ تاتلىقياڭيۇنى چىقىرىپ، بېشىنى ئۈزۈپ چېلەككە تاراقشىتىپ تاشلىدى. بىر ھازا يۇلغاندىن كېيىن، بارمىقىدىكى بىر نەرسە چۈشۈپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ، ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ باقتى، سۇنۇپ كەتكەن تىرنىقى تولۇق ئاجراپ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئېغىرلاپ كەتكەن چېلەكنى كۆتۈرۈپ شىمالغا ماڭدى. ئۇ سەۋزىلىكتىن ئالتە باش سەۋزىنى يۇلۇپ ئېلىپ، كۆكىنى تاشلىۋېتىپ، سەۋزىنى چېلەككە سالدى…

‐‐ قارىۋاينى نەگە يوقاتتىڭ؟‐‐ دېدى تاشچى بىتاقەتلىنىپ.

‐‐ نېمىگە ئەنسىرەيسەن؟ بالاڭمىتى ئۇ؟

‐‐ قارىۋاي قېنى؟‐‐ قىز تۆمۈرچىنىڭ يەكچەشمە كۆزىگە مىقتەك قادالدى.

‐‐ سەل ساقلاڭ، ئۇ تاتلىقياڭيۇ ئالغىلى كەتتى،‐‐ دېدى تۆمۈرچى مۇلايىملىق بىلەن،‐‐ كەتمەڭ، تاتلىقياڭيۇ پىشۇرۇپ يەيمىز.

‐‐ ئۇنى ئوغرىلىققا سالدىڭما؟

‐‐ ئوغرىلىق؟ يەيدىغاننى ئۆيىگە ئەكەتمىسىلا ئوغرىلىققا ھېساب ئەمەس،‐‐ دېدى تۆمۈرچى مەمەدانلىق بىلەن.

‐‐ ئەمىسە نېمىشقا ئۆزۈڭ بارمىدىڭ؟

‐‐ مەن ئۇنىڭ ئۇستىسى تۇرسام.

‐‐ قويە بۇ گېپىڭنى!

‐‐ نېمە دېسەڭ دە!‐‐ تۆمۈرچىنىڭ كۆزى بىردىنلا چاقناپ كەتتى-دە، سۈڭگۈچ سىرتىغا قاراپ ۋارقىرىدى،‐‐ ھەي قارىۋاي، سەۋزە يۇلىمەن دەپ نەگە كەتتىڭ؟ ئالبانىيەگە كەتتىڭما؟

قارىۋاي مۈرىسىنى قىيپاش قىلىپ، چېلەكنى قوش قوللاپ كۆتۈرۈپ دەلدەڭشىپ كىرىپ كەلدى. ئۈستىبېشى يەردە دومىلىغاندەك توپىغا مىلىنىپ كەتكەنىدى.

‐‐ ئوھوي، ئوغلۇم! قاراملىقىڭنى قارا، نەچچە باش يۇلۇپ كەل دېسەم، بىر چېلەك ئېلىپ كەپسەنغۇ!‐‐ دېدى تۆمۈرچى ئاغرىنىپ،‐‐ ماڭە، سەۋزىنى كۆلچەككە ئاپىرىپ يۇيۇپ كەل.

‐‐ بولدى، ئۇنى بۇيرىۋەرمەڭ،‐‐ دېدى قىز،‐‐ سىز تاتلىقياڭيۇنى پىشۇرۇڭ، سەۋزىنى مەن يۇيۇپ كېلەي.

تۆمۈرچى تاتلىقياڭيۇلارنى ئوچاقنىڭ چۆرىسىگە ئايلاندۇرۇپ تىزىپ، كۆرۈكنى بوش-بوش باستى. قىز سەۋزىنى يۇيۇپ كېلىپ، بىر پارچە پاكىز تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر كىچىك سەۋزە دومىلاپ چۈشۈپ، تۆمۈر ئۇۋاقلىرىغا مىلەنگەن ھالدا تاشچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، تاشچى ئۇنى قولىغا ئالدى.

‐‐ ئەكىلىڭ، باشقىدىن يۇيىۋېتەي.

‐‐ بولدىلا، بەش سەۋزە يېتىدۇ يېيىشىمىزگە،‐‐ دېدى تاشچى قولىدىكى سەۋزىنى سەندەلگە قويۇپ.

قارىۋاي كۆرۈكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كۆرۈك دەستىسىنى تۆمۈرچىنىڭ قولىدىن ئېلىۋالماقچى بولدى. تۆمۈرچى قىزغا بىر قاراپ قويۇپ:

‐‐ ئارام ئېلىۋال، ھارامزادە. بىكار-چىلىقتا قولۇڭ قىچىشىپ كەتتىما، مەيلى ئالە، مەندىن ئاغرىنما-ھە. ئاستىراق باس، قانچە ئاستا بولسا شۇنچە ياخشى، بولمىسا كۆيۈپ كېتىدۇ.

تاشچى بىلەن قىز سۈڭگۈچنىڭ غەربىي تېمىغا يۆلىنىپ يانمۇيان جايلاشتى. تۆمۈرچى قارىۋاينىڭ كەينىدە ئولتۇردى. ئۇستا شىمال تەرەپتىكى تۆشىكىدە غاڭزىسىدىكى موخوركىنىڭ تۇتىشىپ كەتكىنىنى سەزمىگەندەك، ئىككى جەينىكىنى تىزىغا تىرەپ، غاڭزىنى تۇتقان ھالدا جەنۇبقا قاراپ ئولتۇراتتى.

تۈن نىسپىغا يېقىنلاشتى، قارىۋاي كۆرۈكنى مۇلايىملىق بىلەن بېسىۋاتاتتى، كۆرۈكتىن بوۋاقنىڭ خورىكىدەك ئاۋاز چىقىۋاتاتتى. دەريادىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى، خۇددى شەكلى ۋە رەڭگى باردەك، پۇرىغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدىغاندەك. خىرە ساھىلدا قوغلىشىپ ئويناۋاتقان كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە پۇتلىرى يۇمشاق قۇمغا ئۇرۇلۇپ تىۋىتتەك يۇمشاق ئاۋاز چىقىراتتى، تال-تال ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن كۈمۈش يىپلار دەريانىڭ شاۋقۇنىنى تېشىپ ئۆتتى. توسمىنىڭ شىمالىدىكى كەندىرلىكتىن قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، كەندىرلەر بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ، خېلىغىچە پولاڭلىدى. ئىش مەيدانىدا پەقەت مۇشۇ لامپىلا يورۇق ئىدى، دەسلەپتە باشقا ئىككى لامپىنىڭ نۇرىغا ئاشىق بولغان ھاشاراتلار بىردەملىك گاڭگىراشتىن كېيىن مۇشۇ لامپا ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئوتنىڭ ئىشقىدا ئۆزىنى لامپىغا پاق-پاق ئۇرۇشقا باشلىدى. لامپا شىشىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، بىر موزايبېشى ئۈسسۈپلا كىرىپ كەتتى، گاز لامپىنىڭ كۆيۈپ تۇرغان تاشپاختا تور سېتكىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، سۈڭگۈچ قاراڭغۇلۇققا غەرق بولدى. بىر دەمدىن كېيىن، ئاندىن بىر-بىرىنىڭ چىرايىنى ئىلغا قىلالىدى. قارىۋاينىڭ كۆرۈك بېسىشى بىلەن ئوچاقتىكى ئوت لەرزان تەۋرىنىۋاتقان قىزىل يىپەكتەك كۆيۈشكە باشلىدى، سۈڭگۈچ تاتلىقياڭيۇنىڭ  مېزىلىك پۇرىقىغا تولدى. تۆمۈرچى تاتلىقياڭيۇلارنى بىر-بىرلەپ ئۆرۈپ چىقتى، مېزىلىك پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇلار بىر قولىغا تاتلىقياڭيۇ، بىر قولىغا سەۋزىنى ئېلىۋېلىپ يېيىشكە باشلىدى. پوستى سويۇلغان تاتلىقياڭيۇدىن ئاپئاق ھور ئۆرلەپ تۇراتتى، ئۇلار ئىسسىق تاتلىقياڭيۇنى ئالدىرىماي چاينىسا، سوغۇق سەۋزىنى تېز-تېز چايناپ، مالاچلىتىپ ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى، ئىسسىق باسقىنىدىن بۇرۇنلىرىمۇ تەرلەپ كەتتى. تۆمۈرچى سەۋزىدىن بىرنى، تاتلىقياڭيۇدىن ئىككىنى ئارتۇق يېدى. ئۇستا بىرنىمۇ يېمەي، تۆشىكىدە ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇردى.

‐‐ قارىۋاي، ئۆيگە كېتەمسەن؟‐‐ دېدى قىز.

قارىۋاي كالپۇكىغا چاپلىشىپ قالغان تاتلىقياڭيۇ يۇقىندىسىنى تىلى بىلەن يالىدى، ئۇنىڭ قورسىقى تومپىيىپ چىققانىدى.

‐‐ ئۆگەي ئاناڭ ئىشىكنى ئېچىپ بېرەمدۇ؟‐‐ دېدى تاشچى،‐‐ پاخالدا قونامسەن-يا؟

قارىۋاي يۆتىلىپ كەتتى. ئۇ بىر تال تاتلىقياڭيۇ پوستىنى ئوچاققا تاشلاپ، كۆرۈكنى نەچچە قېتىم بېسىۋىدى، پوستلاق قورۇلۇپ كۆيۈپ، سۈڭگۈچنى كۆيۈك پۇرىقى بىر ئالدى.

‐‐ نېمىنى كۆيدۈردۈڭ، ناكەس؟‐‐ دېدى تۆمۈرچى،‐‐ كەتمىگىن، مەن سېنى ئاتاق ئوغۇل قىلىۋالاي، ھەم ئوغلۇم، ھەم شاگىرتىم بولىسەن، پېشىمگە ئېسىلساڭ ياغ چاينايسەن.

تۆمۈرچىنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا سۈڭگۈچتە مۇڭلۇق ۋە ھاياجانلىق ناخشا ياڭرىدى. خۇشاللىقتىن تاشچىنىڭ تېنى جۇغۇلداپ كەتتى، قايسى كۈنى بۇ ناخشا (ياكى ئەلنەغمە)نىڭ بېشىنى ئازراقلا ئاڭلىغانىدى.


«جەڭگە قابىل، ئىلمى كامىل، ياش-قىران دەپ مەپتۇن بولۇپ،

ئاچ-توق ئولدۇم، سايدا قوندۇم، سەن بىلەن سەرسان بولۇپ.»

ياشانغان تۆمۈرچى ئۇستا دۈمبىسىنى تاختايغا يۆلەپ ئولتۇردى، كەندىرلىكنىڭ شامىلى تاختاي يوچۇقىدىن كىرىپ بوۋاينىڭ باش ئۈستىدىن سىيپاپ ئۆتتى، ئۇنىڭ نەچچە تاللا قالغان ئاپئاق چېچى ئوچاقتىكى لىپىلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئەگىشىپ تەۋىرىنىپ كەتتى. چىرايىدا تۈگىمەس ھەسرەت، ئىككى تال قوۋۇز مۇسكۇلى خۇددى ئىككى تال قۇمچاقتەك قىمىرلايتتى، كۆزلىرى يېلىنجاپ تۇرغان چوغقىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

… ئۇنۇتتۇڭغۇ بۈگۈن نىتەي ئۈچ يىللىق قەدىناسىڭنى،

ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىم تاشلاندى قىغ-توپان بولۇپ.

يازدا يەلپۈپ سەگىتەتتىم، قىشتا ئوت بوپ ئىللىتاتتىم،

قوينۇڭ ئىچرە ئەتىر-ئەنبەر، باغرىڭ تامان ۋولقان بولۇپ…

مەن مەزلۇمنى تاشلاپ كەتتىڭ، چوڭ ۋەزىرگە كۈيۈ بولدۇڭ،

يېرىڭ مىڭ مو، ئېتىڭ تۇلپار، نام-ئەمەلىڭ ئۈستۈن بولۇپ.

ئاھ، بۇ ماڭا نە تارتقۇلۇق…


يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئاغزى ئېچىلىپ قالغان قىز تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ سەل-پەل كۆتۈرۈلگەن بېشىغا، چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان چىرايى ۋە سىماب تامچىسىدەك غىلدىرلاپ تۇرغان بۇغدىيىكىگە  كىرپىكىنى ئوقيا قىلىپ تىكىلىپ تۇراتتى. مۇڭلۇق ۋە ھەسرەتلىك كۈي ئۇنىڭ قەلب ئېتىزىغا خۇددى كۈز يامغۇرىدەك تاراسلاپ چۈشمەكتە ئىدى، ئۇ يىغلىۋېتەي دەپ قالغاندا، كۈيلەر بىردىنلا كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن ۋە روھلۇق تۈسكە كىردى، قىزنىڭ قەلبى شامالدىكى مەجنۇنتالدەك لەرزان تەۋرىنىشكە باشلىدى. ۋۇجۇدىدىن تارىغان شېرىن سېزىم ئۇدۇل كاللىسىغا چىقتى-دە، بەدىنى ئىختىيار-سىز قىيسىيىپ، بېشى تاشچىنىڭ مۈرىسىگە يۆلەندى، تاشچىنىڭ قېلىن قاداق باسقان قولىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلدى، روھىمۇ، جىسمىمۇ ئۇستىنىڭ ناخشىسى باشلىغان مەنزىلگە كېتىپ قالدى. ئۇستىنىڭ ياداڭغۇ يۈزىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر زاھىر بولدى، قىز شۇ نۇردىن ناخشىدەك مۇڭلۇق كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدى…

تاشچىنىڭ قىزنى مېھرىبانلىق بىلەن تۇتۇۋالغان قولى يەنە ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ قىزنىڭ چىڭ كۆكسىنى تۇتتى. قارىۋاينىڭ كەينىدىكى تۆمۈرچى ئولتۇرالماي قالدى، ئۇستىسىنىڭ ناخشىسى ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدەك سەت ئاڭلىنىپ، قاتتىق بىئارام بولدى. بىردەمدىن كېيىن قۇلىقىغا ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىمۇ كىرمىدى. ئۇ يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى سىڭايان قىلدى، تىكلىنىپ قالايلا دېگەن سول كۆزىنىڭ نۇرلىرى تىرناقلىرى ئۆسكىلەڭ پەنجىگە ئايلىنىپ، قىزنىڭ يۈزىنى مورلاشقا، چاڭگاللاشقا باشلىدى. تاشچى قولىنى مولايىملىق بىلەن قىزنىڭ كۆكسىگە قويغىنىدا، تۆمۈرچىنىڭ ئىچىگە تۇتاشقان ئوت ئاۋۋال ھەلقۇمىغا كەلدى، ئارقىدىن ئاغزى-بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنى قىسىلغان پۇرژىنا ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك، سەللا بىخەستەلىك قىلسا پۇرژىنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، توسما كۆۋرۈكىنىڭ پولات-بېتون قۇرۇلمىلىق يېرىم مېتىر قېلىنلىقتىكى يۈزىگە ‐‐ سۈڭگۈچنىڭ تورۇسىغا زەرب بىلەن سوقۇلىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ، چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردى.

قارىۋاي قوش قوللاپ كۆرۈك بېسىۋاتاتتى، ئوچاقتىكى ئوت ئۆچەي دەپ قالغانىدى، كۆمۈر پارچىسى ئۈستىدە سەكرەپ-سەكرەپ كۆيۈۋاتقان كۆك يالقۇن بىلەن سېرىق يالقۇن شامالنىڭ كۈچى بىلەن ئوچاقتىن خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ لەپەڭشىپ قالاتتى-يۇ، ئادەم مىدىرىغان ھامان يەنە ئوچاققا چۈشۈپ كېتەتتى. قارىۋاي ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن، بىر كۆزىدە كۆك يالقۇنغا، يەنە بىر كۆزىدە سېرىق يالقۇنغا قاراشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئىككى كۆزىنى ئايرىۋېتىشكە قادىر بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەيۈسلەنگەن ھالدا نەزەرىنى ئوچاقتىن يۆتكەپ ئەتراپىغا قارىدى، ئوچاقنىڭ ئالدىدىكى سەندەلگە كۆزى چۈشۈپ قالدى. سەندەل زور مەخلۇقتەك تۇراتتى. قارىۋاي تۇنجى قېتىم ئاغزىنى يوغان ئېچىپ خۇرسىندى (ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۇستىنىڭ ناخشىسى بېسىپ كەتتى). قارىۋاينىڭ چوڭ ۋە نۇرلۇق كۆزلىرى لامپۇچكىدەك تېخىمۇ يورۇپ كەتتى. ئۇ ئاجايىپ غەلىتە ۋە گۈزەل سۈرەتنى كۆردى: كۆپكۆك ۋە ياپيېشىل جۇلالاپ تۇرغان پارقىراق سەندەلدە بىر باش ئالتۇن رەڭلىك سەۋزە تۇراتتى. شەكلى ۋە چوڭلۇقى ئامۇتچىلىك كېلىدىغان سەۋزىنىڭ ئۇزۇن قويرۇقىدىكى تال-تال تۈكلىرى ئالتۇن رەڭلىك قوي يۇڭىغا ئوخشايتتى. سەۋزە كىرىستالدەك سۈزۈك ۋە نەپىس ئىدى. ئالتۇن رەڭلىك پوستى ئىچىدە كۈمۈشرەڭ سۇيۇقلۇق بولۇپ، يايسىمان سىزىقلىرىدىن ئالتۇنرەڭ نۇر چاقناپ تۇراتتى، بۇ نۇرلارنىڭ ئۇزۇنلىرى بۇغداي قىلتىرىقىغا، قىسقىلىرى كىرپىككە ئوخشايتتى، ھەممىسىلا ئالتۇنرەڭ ئىدى… ئۇستىنىڭ ناخشىسى يىراق-يىراقلارغا تاراپ، چىۋىننىڭ غىڭىلدىشىدەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى. قارىۋاي سەندەلنىڭ تۈۋىگە سايىدەك لەيلەپ بېرىپ، توپا ۋە تۆمۈر توزىڭىغا مىلىنىپ كەتكەن، كۆيۈك ۋە يارا باسقان كىچىك قولىنى تىترىگەن ھالدا ئۇزاتتى… قولى سەۋزىگە تېگەي دېگەندە تۆمۈرچى سەكرەپ قوپۇپ، چېلەكنى تېپىپ ئۆرۈۋەتتى، سۇ شىرىلداپ ئېقىپ بېرىپ، ئۇستىنىڭ پاخال تۆشىكىنى ھۆل قىلىۋەتتى. تۆمۈرچى سەۋزىنى يۇلۇپ ئالدى، كۆزىگە قان تولدى:

‐‐ ۋۇ ھاراملىق! ۋۇ ئىت! ۋۇ قانجۇق! سەۋزە يېگۈڭ كېلىۋاتامدا تېخى؟ ئاكاڭنىڭ ئىچى قىززىپ، كارنىيىدىن بۇس چىقىپ كەتتى، ئۇسسۇزلۇقۇمنى باسمىسام بولمايدۇ!‐‐ تۆمۈرچى چىشلىرى قارىداپ كەتكەن ئاغزى بىلەن سەۋزىنى چىشلىمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، قارىۋاي كەم كۆرۈلىدىغان چاققانلىقى بىلەن تۆمۈرچىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى، بىر نەپەس ئېسىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، سىيرىلىپ يىقىلدى، سەۋزە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. تۆمۈرچى ئۇنىڭ قوڭىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىۋىدى، قىزنىڭ قۇچىقىغا بېرىپ يىقىلدى، تاشچى يوغان قولى بىلەن سەۋزىنى تېرىۋالدى.

ئۇستا بوغۇق ناخشىسىنى توختىتىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى. قىز بىلەن تاشچىمۇ تۇردى. ئۈچ جۈپ كۆز تۆمۈرچىگە تىكىلدى. قارىۋاينىڭ بېشى قېيىپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە پىر-قىراۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇ بېشىنى سىلكىۋېتىپ، تۆمۈرچىنىڭ سەۋزىنى يەنە ئاغزىغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر پارچە داشقالنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى، داشقال تۆمۈرچىنىڭ ئېڭىكىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، تاختايغا تەگدى، ئاندىن ئۇستىنىڭ تۆشىكىگە چۈشتى.

‐‐ ئاناڭنى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام،‐‐ دەپ ھۆركىرىدى تۆمۈرچى.

‐‐  كىچىك بالىنى بوزەك قىلماقچىما؟‐‐ دېدى تاشچى ئالدىغا دىۋەيلەپ.

‐‐ سەۋزىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەر،‐‐ دېدى قىزمۇ.

‐‐ بەر؟ بەرمەيمەن قانداق،‐‐ تۆمۈرچى سۈڭگۈچتىن ئېتىلىپ چىقىپ، سەۋزىنى غۇلاچلاپ تۇرۇپ كۈچەپ ئاتتى، سەۋزە ۋىژىلداپ ئۇچۇپ كەتتى، بىر ھازادىن كېيىن دەريا تەرەپتىن پولتۇڭ قىلغان ئاۋاز كەلدى.

قارىۋاينىڭ كۆز ئالدىدا ئالتۇن رەڭلىك ئۇزۇن بىر ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولدى، ئارقىدىنلا پۇت-قولى بوشىشىپ، تاشچى بىلەن قىزنىڭ ئارىسىدىكى يەرگە يىقىلدى.

4

ئالتۇنرەڭ سەۋزە دەريا يۈزىگە ئۇرۇلۇپ بۇژغۇن چاچرىتىپ، بىر دەم لەيلەپلا چۆكۈپ كەتتى، چۆكۈۋاتقاندا قات-قات قۇملار ئۇنى كۆمۈپ تاشلىدى. قاق سەھەردە، سەۋزە تېشىۋەتكەن دەريا يۈزىدىن ئېغىر تۇمان كۆتۈرۈلۈپ ساينى بىر ئالدى، دەريا تۇمان ئاستىدا ھەيۋەتلىك ئېقىۋاتاتتى. سەھەر تۇرۇپ كەتكەن بىر نەچچە ئۆردەك دومىلاۋاتقان تۇمانغا غەمكىن تىكىلىپ تۇراتتى. يۈرەكلىك بىر ئۆردەك چىدىيالماي ئىرغاڭشىغىنىچە دەرياغا ماڭدى. بۇلۇق ئۆسكەن سۇ ئوتلىرى ئالدىدىكى قويۇق تۇمان خۇددى چىمىلدىقتەك ئۇنى توسۇپ قويدى. ئۇ بوينىنى ئوڭ-سولغا، ئالدىغا سوزۇپ قاراپ، تۇماننىڭ بۇلۇتقا ئوخشاش ئەۋرىشىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، ئىلاجسىز توپقا قايتىپ كېلىپ، غاق-غاق قىلىپ غۇدۇڭشىپ كەتتى. كېيىن قۇياش چىقتى، دەريادىكى تۇمانغا قىلىچ ئۇرۇپ تال-تال يول ۋە تونېللارنى ئاچتى، ئۆردەكلەر ئاشۇ تال-تال يوللاردىن ئېگىز بويلۇق بىر بوۋاينىڭ بىر بېشىغا كۈدە-كۆرپە، يەنە بىر بېشىغا تۆمۈر جابدۇقلار سېلىنغان ئېغىر ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ، دەريانى بويلاپ غەربكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بوۋاي بەكلا مۈكچىيىپ قالغانىدى، ئېغىر ئەپكەش يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغاچقا، بوينى ئاققۇنىڭكىدەك سوزۇلۇپ چىققانىدى. بوۋاي كەتكەندىن كېيىن، كالتە ئىشتاندىن باشقا كىيىم كىيمىگەن، يالىڭاياغ بىر بالا پەيدا بولدى. ئەركەك ئۆردەك يېنىدىكى چىشى ئۆردەككە مەنىلىك بېقىپ، ”ئېسىڭدىمۇ؟ ئۆتكەندە سۆگەتلىك چىغىر يولدا پاقىچىلاپ يىقىلغان، دەرياغا دومىلاپ كەتكەن چېلىكىنى سۇغا چۈشۈپ سۈزۈپ چىققان بالا شۇ، ئۇ چېلەك ھېلىقى تادورنا ئۆردىكىنى بېسىپ مىجىۋەتكىلى تاسلا قالغانغۇ… “ دەۋاتقاندەك قىلاتتى. چىشى ئۆردەكمۇ ”شۇ، شۇ، شۇ، ئەجەب ئۆچ بولدۇم ئۇ تادورنا ئۆردىكىگە، كۈندە كەينىمگە كىرىۋېلىپ سەت گەپ قىلىدۇ، مىجىقىنى چىقىرىۋەتسىمۇ بوپتىكەن شۇ چاغدا…“ دېگەندەك قاراپ قويدى.

قارىۋاي دەريا بويىدا ئاستا كېتىۋاتاتتى، كۆزلىرى تۇماننى تېشىپ ئۆتمەكچى بولاتتى، ئۇ قارشى قىرغاقتىكى ئۆردەكلەرنىڭ غاق-غاقلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئېڭىكىنى تىزىغا قويۇپ، مۇزدەك پاچىقىنى قۇچاقلاپ ئولتۇردى؛ كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ دۈمبىسىنى قىزىتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئارقىسىدا بىر ئوچاق باردەك تۇيۇلدى. كېچىدە ئۇ ئۆيىگە كەتمەي، بىر سۈڭگۈچتە مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلىدى. خوراز چىللىغان مەھەلدە، ئۇ ئۇستىنىڭ سۈڭگۈچتە تۇرۇپ نەچچە قېتىم قاتتىق ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدى، كېيىن يەنە جىمىپ كەتتى. ئۇ ئۇخلىيالماي، مۇزدەك قۇمغا دەسسەپ دەريا بويىغا كەلدى. ئۇ ئۇستىنىڭ قارىسىنى يىراقتىن كۆرۈپ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يېتىشىۋالماقچى بولدى، ئەمما تېيىلىپ كېتىپ ئولتۇرۇلۇپ قالدى، ئورنىدىن تۇرغاندا بولسا ئۇستا تۇمان ئارىسىدا غايىب بولغانىدى. ئۇ قۇياشنىڭ تۇماننى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى توغرىغاندەك پارچە-پارچە قىلىۋېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇردى، ئۇ قارشى قىرغاقتىكى ئۆردەكلەرگە نەزەر سالدى، ئۆردەكلەرمۇ ئېسىل سۈپەت قاراپ قويدى. يۈز ئاچقان دەريا يۈزى بەكلا پارقىراق بولغاچقا تېگىنى كۆرگىلى بولمايتتى، قارىۋاي بۇنىڭدىن بەكلا ئۈمىدسىزلەندى. ئىش مەيدانىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ليۇ تەيياڭ مۇدىر ۋارقىراپ تىللاۋاتاتتى:

‐‐ ئاناڭنى، تۆمۈرچىلەرگە جىن چاپلاشتىمۇ نېمە، قېرى ئەبلەخ مۆرەپمۇ قويماي كۈدە-كۆرپىسىنى ئېلىپ تىكىۋېتىپتۇ، ھېلىقى شۇممۇ كۆرۈنمەيدۇ، تەشكىلىي ئىنتىزام دېگەن نەرسە بارمۇ-ھە؟

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ ئاۋۇ قارىۋايغۇ، قاراڭلار، سۇ بويىدا ئولتۇرمامدۇ.

قىز بىلەن تاشچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئىككى بېلىكىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى.

‐‐ ئىچىمنى ئاغرىتىپ بۇ يەردە ئولتۇرۇپسەنغۇ؟‐‐ قىز ئۇنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ قالغان پاخالنى ئېلىۋەتتى،‐‐ بۇ يەردە ئولتۇرمىغىن، بەك سوغۇق.

‐‐ ئاخشام ئازراق تاتلىقياڭيۇ ئېشىپ قالغان، يەكچەشمە ساڭا پىشۇرۇپ بەرسۇن.

‐‐ ئۇستا كەتتى،‐‐ دېدى قىز.

‐‐ شۇ.

‐‐ قانداق قىلىمىز؟ ئۇ يەكچەشمە بىلەن ئىشلەمدا؟ بوزەك قىلسىچۇ؟

‐‐ ھېچقىسى يوق، بۇ بالا ھەرقانداق جاپاغا چىدايدۇ. بىز بولغاندىكىن يەكچەشمىمۇ بەك بوزەك قىلالماس.

ئۇلار قارىۋاينى ئېلىپ ئىش مەيدانىغا ماڭدى، قارىۋاي قەدەمدە بىر كەينىگە قارايتتى.

‐‐ تارتىشماي ماڭە، دەريادا كۆرگىدەك نېمە بار؟‐‐ دېدى تاشچى ئۇنىڭ بېلىكىنى سىقىپ.

‐‐ سەن ھاراملىقنى مۈشۈك ئەپ قاچتىمىكىن دەپتىمەن تېخى!‐‐  ليۇ مۇدىر قارىۋايغا ۋارقىرىدى. ئارقىدىنلا تۆمۈرچىدىن سورىدى،‐‐ ھە؟ قېرىنىغۇ پاتقۇزماي كەتكۈزۈۋېتىپسەن، لېكىن ئىشقا دەخلى قىلساڭ بولمايدۇ. ئىسكىنەنى ئوبدان ئوڭشىمايدىغان بولساڭ ئاۋۇ سىڭار كۆزۈڭنىمۇ ئويۇۋالىمەن.

‐‐ خاتىرجەم بولۇڭ باشلىق،‐‐ دېدى تۆمۈرچى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ،‐‐ لېكىن قېرىنىڭ ئاشلىقى بىلەن پۇلىنى ماڭا قوشۇپ بېرىسىز، بولمىسا ئىشلىمەيمەن.

‐‐ ئاۋۋال ئىشىڭنى كۆرەي، يارىسا يارىدى، يارىمىسا سەنمۇ كەشىڭنى توغرىلا!

تۆمۈرچى قارىۋايغا بۇيرۇق قىلدى:

‐‐ ئوغلۇم، ئوت قالا.

قارىۋاي چۈشكىچە روھى چىقىپ كەتكەندەكلا يۈردى،  ھەرىكىتى قولاشمىدى، ئىشىمۇ ئەپلەشمىدى، تۇرۇپ چوڭ بىر گۈرجەك كۆمۈرنى بىراقلا ئوچاققا سېلىپ، سۈڭگۈچنى قارا ئىسقا تولدۇرۇۋەتسە، تۇرۇپ ئىسكىنەنى چوغدانغا تەتۈر سېلىپ، قىزىتىدىغان يەرنى قىزىتماي، قىزىتمايدىغان يەرنى قىزىتىپ ھەقدادىغا يەتكۈزۈۋېتەتتى. تۆمۈرچى ”ئاناڭنى، خىيالىڭ نەدە يۈرىدۇ“ دەپ غەزەپ بىلەن تىللايتتى. تۆمۈرچىنىڭ بەدىنىدىن قۇيۇلۇۋاتقان چىلىق-چىلىق تەر تامچىلىرىدىن ئۇنىڭ ئالاھىدە ماھارەتنى ئىگىلىۋالغانلىقتىن تۇغۇلغان ھاياجانلىرى تېشىپ چىقىۋاتاتتى. قارىۋاي ئۇنىڭ ئىسكىنەنى سۇغىرىشتىن بۇرۇن قولىنى چېلەككە تىقىپ سۇنىڭ ھارارىتىنى پەملىگەنلىكىنى كۆردى، بېلىكىدىكى  ئەسكى لاتا بىلەن تېڭىۋالغان كۆيۈك يارىسىدىن ئۆلۈك بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقى كېلىۋاتاتتى. قارىۋاينىڭ كۆزىنى سۇس بۇلۇت قاپلىۋالغاندەك، كەيپىياتى ناھايىتى چۈشكۈن ئىدى. سائەت توققۇزلاردىن كېيىن چىرايلىق ئاپتاپ چىقتى، سۈڭگۈچنىڭ غەربىي تېمىغا چۈشكەن نۇرنىڭ قايتىشى بىلەن خىرە سۈڭگۈچ يورۇپ كەتتى. تۆمۈرچى ئىسكىنەنى سۇغا سېلىپ بولۇپ، تاشچى ئۇستاملارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى. قارىۋاي قولىدىكى سايماننى تاشلاپ قويۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سۈڭگۈچتىن چىقتى، تۇيۇقسىز ئاپتاپقا چىقىپ قېلىشمۇ خۇددى تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇققا كىرىپ قالغاندەك بېشىنى قايدۇرۇپ، كۆزىنى تورلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇ سەل ئارىسالدى بولدى-يۇ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، ئون نەچچە سېكۇنتتىلا دەريا بويىغا يېتىپ باردى. تۆت قىرلىق رويانئوت ئۇنىڭغا ئەجەبسىنىپ قارىدى، سۆسۈن ئېچىلغان سۇ لەيلىسى بىلەن قوڭۇر باش قىياق ئۇنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان كۆمۈر پۇرىقىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇرىدى. دەريادىن كېلىۋاتقان سۇ ئوتلىرىنىڭ تاتلىق پۇرىقى بىلەن بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھىدلاپ،  بۇرنى قىمىرلاپ، ئۆپكىسىنىڭ ئىككى قانىتى پاختەكتەك تىپىرلاپ كەتتى. دەريا يۈزىنىڭ ئاقلىقىغا قارا ۋە قوڭۇر رەڭ ئارىلىشىپ  كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ، سىمابتەك پارقىراق سۇ يۈزىنى تېشىپ ئۆتمەكچىدەك كۆزىنى مىتمۇ قىلماي قارىدى. كېيىن ئۇ ئىككى قولى بىلەن پۇشقىقىنى كۆتۈرۈپ، سۇغا ئاۋايلاپ كىردى ۋە ئالدىغا قاراپ ئۇسسۇل ئوينىغاندەك ماڭدى. دەسلىۋىدە تىزىغا كەلگەن سۇ ئۆرلەپ يوتىسىنىمۇ چۆكۈرۈپ كەتتى، ئۇ پۇشقىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى تارتىۋىدى، ئۈزۈم رەڭلىك ساغرىسى ئېچىلىپ قالدى. بۇ چاغدا ئۇ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا يېتىپ باردى، ئەتراپتىكى نۇر تەڭلا ئۇنىڭغا ئېتىلدى، ئۇنى بويىدى، ئۇنىڭ كۆزىگە شۇڭغۇپ، قاپقارا كۆزلىرىنى بوياپ كۆك باناننىڭ رەڭگىگە كىرگۈزۈپ قويدى. شىددەتلىك دەريانىڭ تۈرۈم-تۈرۈم سۈيى ئۇنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلدى. ئۇ دەريانىڭ تېگىدىكى قاتتىق قۇمغا دەسسەپ تۇردى، لېكىن تاپىنى ئاستىدىكى قۇم ئېقىپ كېتىپ، ئازگالغا چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن كالتە ئىشتىنى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ، ئالدى يوتىسىغا چاپلىشىپ قالدى، ئارقىسى ساغرىسىنىڭ كەينىگە لەيلەپ چىقتى، ئىشتانغا چاپلىشىپ قالغان تۆمۈر چاڭلىرى سۇنى قىسمەن قارايتىۋەتتى. تاپىنىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇم پاچاقلىرىنى سىيلىدى، ياڭىقىغا كەھرىۋا رەڭلىك ئىككى تامچە سۇ چاچراپ چىقىۋىدى، جاۋغىيى تىترەپ كەتتى. ئۇ سۇدا ئاستا مېڭىپ، پۇتى بىلەن سىيلاپ-سىيپاشتۇرۇپ سەۋزىنى ئىز-دەشكە باشلىدى.

‐‐ قارىۋاي! قارىۋاي!

ئۇ تۆمۈرچىنىڭ سۈڭگۈچ ئالدىدا تۇرۇپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدى.

‐‐ قارىۋاي، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟

ئۇ تۆمۈرچىنىڭ دەريا بويىغا كەلگەنلىكىنى تۇيغان بولسىمۇ، بۇرۇلۇپ قاراپمۇ قويمىدى، تۆمۈرچى ئۇنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن دۈمبىسىنىلا كۆرەلىدى.

‐‐ چىقە بۇياققا!‐‐ تۆمۈرچى يەردىن بىر چاڭگال لاينى ئېلىپ ئۇنى چەنلەپ ئاتتى، لاي ئۇنىڭ بېشىنى سىپاپ ئۆتۈپ سۇغا چۈشۈپ، ئېلىپىسسىمان دولقۇن پەيدا قىلدى. يەنە بىر چاڭگال لاي ئۇدۇل كېلىپ دۈمبىسىگە تەگدى، ئۇ ئالدىغا دەلدەڭشىپ، ئاغزىغا سۇ كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ، سۇنى كېچىپ قىرغاققا ماڭدى. قارىۋاي پۈتۈن بەدىنىدىن سۇ تامچىپ تۇرغان ھالدا تۆمۈرچىنىڭ ئالدىغا كەلدى. سۇ تامچىلىرى كىچىك ئېقىن ياساپ ئۇنىڭ تېرىسىنى بويلاپ پەسكە ئېقىپ چۈشتى. پىلە قۇرۇتىدەك چۇچىقى تېنىگە چاپلىشىپ تۇرغان ئىشتىنىنى تىرەپ دىڭگىيىپ تۇراتتى. تۆمۈرچى ئېيىق تاپىنىدەك يوغان ئالىقىنىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۇرماقچى بولغىنىدا يۈرىكى مۈشۈك مورلىغاندەك بولۇپ كەتتى، قارىۋاينىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا قادىلىپ تۇراتتى.

‐‐ چاپسان بېرىپ كۆرۈك باس، مەن سۇغارغان ئىسكىنە قېرى گۇينىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن،‐‐ دېدى ئۇ قارىۋاينىڭ بوينىغا مەمنۇنىيەت بىلەن ئۇرۇپ قويۇپ.

تۆمۈرچىلىك ئىش ئورنىدا ۋاقتىنچە قىلغۇدەك ئىش بولمىغاچقا، تۆمۈرچى ئاخشام ئېشىپ قالغان تاتلىقياڭيۇلارنى ئوچاققا سېلىپ پىشۇرۇشقا كىرىشتى. كەندىرلىكتىكى شامال يەنە يېنىككىنە بۆسۈپ كىردى. ئاپتاپ سۈڭگۈچكە ئۇدۇل چۈشۈپ تۇراتتى. تۆمۈرچى قىسقۇچ بىلەن يېغى تەپچىشكە باشلىغان تاتلىق ياڭيۇلارنى ئۆرۈپ تۇرۇپ، خۇشال ھالدا سۆزلەپ كەتتى:

‐‐ بېيجىڭدىن نەنجىڭغىچە، ئېغىغا چىراغ ياققاننى كۆرمىگەنمەن. قارىۋاي، سەن كۆرگەنمۇ؟ ئاتاق ئاناڭ ئېغىغا چىراغ ياقىدۇ-ھە…،‐‐ تۆمۈرچى تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك گېپىنى داۋاملاشتۇردى،‐‐ ماڭ، بېرىپ سەۋزىدىن ئىككى باش يۇلۇپ كەل، قايتىپ كەلسەڭ تاتلىقياڭيۇ بىلەن تارتۇقلايمەن.

قارىۋاينىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، تۆمۈرچى ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى ئارىسىدىكى كىچىككىنە يۈرىكىنىڭ كۈچلۈك-كۈچلۈك سەكرىگەنلىكىنى كۆردى، ئۇ بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، قارىۋاي توشقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

قارىۋاي قاشقا يامىشىپ چىققاندا، جۈزىنىڭ يىراقتىن چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قارىدى، لېكىن ئاپتاپ كۆزىنى ئاچقۇزمىدى. ئۇ قاشتىن چۈشۈپ، كەندىرلىككە كىرىپ كەتتى. كەندىر چېچىپ تېرىلغاچقا، چۆنىكىمۇ، رېتىمۇ يوق بولۇپ، ئۇرۇق كۆپ چۈشۈپ قالغان يەردىكى كەندىرلەر بارماقتەك، قەلەمدەك ئىنچىكە، شالاڭ يەردىكى كەندىرلەر ئورغاق دەستىسىدەك، بېغىشتەك توم ئىدى، لېكىن ئېگىزلىكى ئاساسەن تەكشى ئىدى. ئۇ توسما ئۈستىدە تۇرۇپ بۇ ياققا قارىغان چېغىدا، كەندىرلىكنى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا ئوخشاتقانىدى. ئۇ قولى بىلەن كەندىرلەرنى ئىككى يانغا قايرىپ يول ئېچىپ ماڭدى، كەندىر غولىدىكى تىكەنلەر قولىغا سانچىلدى، پىشقان يوپۇرماقلار يەرگە چۈشتى. ئۇ بىردەمدىلا سەۋزىلىككە يانداش جايغا يېتىپ كەلدى-دە، غەربكە بۇرۇلۇپ ماڭدى. سەۋزىلىككە يېقىنلاشقاندا، يەردە يېتىپ ئاستا ئۆمىلەشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئېتىزلىققا تولۇپ ياتقان ياپيېشىل سەۋزە كۆكلىرى كۆزگە تاشلاندى. كۆكلەرنىڭ ئاراچلىرىدا، ئاز بىر قىسمى يەر يۈزىگە چىقىپ تۇرغان سەۋزىلەر ئاپتاپقا چىلىنىپ ياتاتتى. ئۇ كەندىرلىكتىن چىقىپلا، يەنە كەينىگە يېنىپ كىرىپ كەتتى. سەۋزىلىكتە بىر بوۋاي ئۆمىلەپ يۈرەتتى، ئۇ بىر ياقتىن ئۆمىلەپ، بىر ياقتىن يانچۇقىدىن بۇغداي ئۇرۇقى ئېلىپ چۆنەكلەر ئارىسىغا تېرىۋاتاتتى. كۈزنىڭ مەغرۇر ئاپتىپى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى، مەيىن شامال توپا-توزاننى ئۇچۇرۇپ كېلىپ، ئاق كۆڭلىكىنىڭ تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن دۈمبىسىنى سېرىق رەڭگە كىرگۈز-گەنىدى. قارىۋاي كەينىگە يەنە نەچچە مېتىر يېنىپ، ئېڭىكىنى ئىككى قولى بىلەن تىرەپ يېتىپ، كەندىر غوللىرى ئارىسىدىن سەۋزىلىككە قارىدى. سەۋ-زىلىكتە سانسىز قىزىل كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلدى، سەۋزە كۆكلىرىمۇ بىردىنلا قاپقارا چاچقا ئايلىنىپ، قۇشنىڭ قۇيرۇ-قىدەك توختىماي مىدىرلاشقا باشلىدى…

قىزىل يۈزلۈك بىر ئەر تاتلىق ياڭيۇلۇقتىن چوڭ-چوڭ چامداپ مېڭىپ كەلدى-دە، بوۋاينىڭ كەينىدە تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:

‐‐ ھەي قېرى، ئاخشام ئوغرى كىرىپتۇ دېدىڭما؟

‐‐ شۇ، ئوغرى تېگىپتۇ،‐‐ دېدى بوۋاي ئالاقزادىلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قول باغلاپ،‐‐ ئالتە باش سەۋزە، يەتتە باش تاتلىقياڭيۇ يوق، كۆكىنى تاشلاپ قويۇپتۇ.

‐‐ توسما ئوڭشاۋاتقان ئاشۇ ھاراملىقلار قىلدى تايىنلىق، تېخىمۇ پەخەس بول، چۈشلۈك تاماققا كېچىكىپرەك بارغىن.

‐‐ ئۇقتۇم، ئەترەت باشلىقى.

قارىۋايمۇ، بوۋايمۇ قىزىل يۈز قاشقا چىقىپ كەتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇردى. بوۋاي سەۋزىلىكتە قارىۋاي تەرەپكە قاراپ ئولتۇردى، قارىۋاي ئالاقزادە بولۇپ كەينىگە يەنە ئازراق چېكىنىۋىدى، قويۇق كەندىرلەر ئالدىنى توسۇۋالدى.

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ قارىۋاي!

قىز بىلەن تاشچى توسما ئۈستىدە كەندىرلىككە قاراپ ۋارقىرىدى. چىڭقى چۈشنىڭ قۇياشى ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە ۋە ئىشتىن چۈشكەن كىشىلەرگە نۇر چېچىپ تۇراتتى.

‐‐ مەن ئۇنىڭ كەندىرلىككە كىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم،‐‐ دېدى قىز،‐‐ ھاجەتكە بارىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

‐‐ يەكچەشمە ئۇنى يەنە بوزەك قىلغان ئوخشىمامدۇ؟‐‐ دېدى تاشچى.

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ قارىۋاي!

قىز بىلەن تاشچىنىڭ تەڭلا ۋارقىرىغان ئاۋازى خۇددى قارلىغاچتەك كەندىرلەرنىڭ ئۇچىنى بويلاپ ئۇچتى، كەندىرلەرنىڭ ئۇچىدىن كۈلرەڭ پەرۋانە تۇتۇپ يەۋاتقان ئۆي قارلىغاچلىرى چۆچۈپ ئۇچۇپ كېتىپ، خېلىدىن كېيىنلا قايتىپ كېلەلىدى. سۈڭگۈچنىڭ ئالدىدا بۇ قىز-يىگىتكە بىر كۆزىدە قاراپ تۇرغان تۆمۈرچى قورسىقىنىڭ كۆپۈپ يوغىناپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. بايا قىز بىلەن تاشچى قارىۋاينى ئىزدەپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ زۇۋانى ۋە سىياقى بالىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. ”ھارامدىن بولغانلار، خەپ توختاپ تۇرۇش!“ دېدى تۆمۈرچى غەزەپ بىلەن پىچىرلاپ.

‐‐ قارىۋاي، قارىۋاي!‐‐ دېدى قىز،‐‐ كەندىرلىككە كىرىپ ئۇخلاپ قالمىغاندۇ-ھە!

‐‐ بېرىپ قاراپ باقايلى،‐‐ دېدى تاشچى ئۆتۈنۈش نەزىرىدە قىزغا قاراپ.

ئۇلار قاشتىن قول تۇتۇشۇپ چۈشتى ۋە كەندىرلىككە كىرىپ كەتتى. تۆمۈرچى سوڭدىشىپلا  قاشقا يۈگۈرۈپ چىقىپ، كەندىر يوپۇرماقلىرىنىڭ دولقۇنلىغاندەك تەۋرەنگەنلىكىنى كۆردى، كەندىر شاخلىرىنىڭ شاراقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قىز-يىگىتنىڭ قارىۋاينىڭ ئىسمىنى توۋلىغان ئاۋازى سۇنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلاندى…

دۈم يېتىپ ھارغان قارىۋاي ئېغىر ”ئۇھ“ تارتىپ، ئۆرۈلۈپ ئاسمانغا قاراپ ياتتى. ئاستىدا قۇرغاق قۇمساڭغۇ توپا، توپا ئۈستىدە نېپىز بىر قەۋەت كەندىر غازىڭى بار ئىدى. ئۇ قولىنى ياستۇق قىلىپ ئوڭدا ياتقىنىدا قورسىقى كىچىكرەك بىر ئويمانلىققا ئوخشاپ قالدى، قىزىل چېكىتلىك بىر تال غازاڭ ئۇنىڭ كۆمۈر توزىڭى باسقان كىندىكىگە ئاستاغىنە لەيلەپ چۈشتى. ئۇ ئاسمانغا قاراپ يېتىپ، بىرى توم، بىرى ئىنچىكە ئىككى تال كۆك نۇرنىڭ يوپۇرماقلار ئارىسىدىن بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، كەندىر يوپۇرماقلىرىنىڭ بولسا ئۇچۇپ يۈرگەن بىر توپ ئالتۇنرەڭ قۇشقاچقا ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆردى. بۇ قۇشقاچلار تۇرۇپلا بىر توپ قاپاق پەرۋانىسىگە ئوخشاپ قالاتتى، پەرۋانە قاناتلىرىدىكى چېكىت داغلار تۆمۈرچىنىڭ كۆزىدىكى قوڭۇر چېچەكتەك خۇشال ھالدا لىپىلدايتتى.

‐‐ قارىۋاي!

‐‐ قارىۋاي!

تونۇش ئاۋازلار ئۇنى خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقتى، ئۇ ئولتۇرۇپ يېنىدىكى توم كەندىرنى قولى بىلەن لىڭشىتتى.

‐‐ بۇ بالا ئۇخلاپ قاپتۇ-دە؟

‐‐ ئۇنداق ئەمەستۇ، بۇنچە قاتتىق ۋارقىراۋاتساق. ئۇ قايتىپ كەتكەن گەپ.

‐‐ بۇ پىستەكنىزە…

‐‐ بۇ يەر ئوبدانكەن…

‐‐ شۇنداق…

ئاۋاز بارغانسېرى پەسلەپ، خۇددى سۇ يۈزىدە كۆپۈك چىقىرىۋاتقان بېلىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ قالدى. قارىۋاينىڭ بەدىنىگە ئاجىز بىر توك ئۆتكەندەك بولدى، ئۇ سەل جىددىيلىشىپ، تىزلىنىپ ئولتۇردى، قۇلىقى يەنە قىمىرلاپ كەتتى، ئۇ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدى، كۆز نۇرى مىڭلارچە توسالغۇلاردىن ئۆتتى، دوستلىرىنىڭ بەدىنى كەندىر شاخلىرى تەرىپىدىن كېسىپ مىڭ پارچە قىلىۋېتىلگەندەك غۇۋا كۆرۈندى. بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆمگەن كەندىرلىكتىن يېنىككىنە شامال چىقىپ، يوپۇرماقلارنى لىڭشىتتى، ئەمما كەندىر غوللىرىنى قىمىرلىتالمىدى. يەنە بىر نەچچە تال غازاڭ تۆكۈلدى، قارىۋاي غازاڭنىڭ شامالنى تەۋرەتكەندىكى ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ  بىنەپشە رەڭلىق ياغلىقنىڭ لەرزان ئۇچۇپ بېرىپ كەندىر شېخىغا ئىلىنىپ قالغانلىقىغا ھەيرانلىق ۋە قىزىقسىنىش ئىلكىدە نەزەر سالدى، شاختىكى تىكەنگە ئىلىنىشىپ تۇرغان ياغلىق سۈكۈتتىكى بايراقتەك كۆرۈندى، قىزىل چاقماق چاپانمۇ يەرگە چۈشتى. كەڭرى كەندىرلىك خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك ئۇنىڭ ئالدىغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇرۇلۇپ كەينىگە ماڭدى، باشقىچە بىر تۇيغۇ ئۇنىڭغا زەرب بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.

5

قىز بىلەن تاشچى قارىۋاينى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇنى يوقلاپ كەلمىگىلى ئون نەچچە كۈن بولدى. ھەر كۈنى چۈشتە ۋە كەچتە، قارىۋاي كەندىر-لىكتىن كېلىۋاتقان يېقىملىق بۇلبۇل ناۋاسىنى ئاڭلايتتى، خۇددى بۇلبۇلنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىدىغاندەك، يۈزىگە سوغۇق كۈلكە يامرايتتى. تۆمۈرچى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنى قارىۋايدىن نەچچە كۈن كېيىن بايقىدى. ئۇ سۈڭگۈچكە مۆكۈپ تۇرۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق، ئاخىر بۇ سىرنىڭ تەكتىگە يەتتى: بۇلبۇل سايراشقا باشلىغاندا، ئىش مەيدانىدا تاشچىنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، جۈزى قىزچاق ئولتۇرالماي قالاتتى، ئەتراپىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بولقىسىنى تاشلاپ قويۇپ نەگىدۇر غايىپ بولاتتى. قىز غايىپ بولۇپ بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلبۇلنىڭ ناخشىسىمۇ توختايتتى. بۇنداق چاغدا تۆمۈرچىنىڭ چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ، مىجەزى تېخىمۇ ئوساللىشىپ كېتەتتى. تۆمۈرچى ھاراق ئىچىدىغان بولۇۋالدى. قارىۋاي كۈندە مەھەللىدىكى دۇكانغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بىر شېشە ئاق ھاراق ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.

سۈتتەك ئايدىڭ بىر كېچىسى بۇلبۇل يەنە سايرىدى. كەندىرلىكتىن كەلگەن ئىللىق شامال خۇددى ئوتلۇق مۇھەببەتتەك ئىش مەيدانىغا تارىدى. تۆمۈرچى شېشىنى قاماللاپ، بىر كۆتۈرۈپلا ھاراقنىڭ يېرىمىنى ئىچىۋەتتى، سىڭار كۆزىدە ياش لىغىرلاشقا باشلىدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، ليۇ مۇدىر ئوغلىنىڭ توي ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئىش مەيدانىغا كېلەلمىگەچكە، ئىشچىلارنىڭ رايى يېنىپ كەتتى، كېچىدە ئىش قوشۇپ ئىشلەۋاتقان تاشچىلارنىڭ تولىسى سۈڭگۈچكە كىرىپ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ يېتىۋالدى، ئوڭشىغىلى ئىسكىنە بولمىغاچقا، تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقىدىكى ئوتمۇ ئاجىز پىلىلداپ تۇراتتى.

‐‐ قارىۋاي… ماڭ، ئاكاڭغا سەۋزە ئەكىلىپ بەر…،‐‐ ھاراق ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى قىزىتىپ، ئاغزىدىن ئوت پۈركۈيدىغاندەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

قارىۋاي كۆرۈكنىڭ يېنىدا تۆمۈرچىگە قاراپ تاياقتەك قېتىپ تۇردى.

‐‐ ھوي… تاياق سېغىنىپ قالدىڭما؟ بولە ئىتتىك…

قارىۋاي ئايدىڭغا شۇڭغۇپ كىردى، ئايدىڭدا سىرلىق تۈس ئالغان كەندىرلىكنى ئايلىنىپ ئۆتتى، ئالىيېشىل تاتلىق ياڭيۇلۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقتىكى سەراپتەك تەۋرىنىپ تۇرغان سەۋزىلىككە يېتىپ كەلدى. ئۇ بىر باش سەۋزىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندە، تۆمۈرچى پاخال تۆشەككە قىيسىيىپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. قارىۋاي سەۋزىنى سەندەلگە قويۇپ قويدى، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئوتنى چۇقچىلىدى، ئەمما ھېلىقىدەك بىر سېرىق، بىر يېشىل يالقۇن ئەسلا پەيدا بولمىدى، ئۇ ئورنىنى يۆتكەپ، سەندەل ئۈستىدىكى سەۋزىگە قارىۋىدى، تۇتۇق قىزىل رەڭلىك ئەسكى لاتىدەك ناھايىتى سەت كۆرۈندى، ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.

كېچىدە قارىۋاي ياخشى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ بىر سۈڭگۈچتە ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ياتاتتى. ليۇ مۇدىر بولمىغاچقا، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە كېتىشكەنىدى. سۈڭگۈچتە نېپىز بىر قەۋەت پاخاللا قالغانىدى. يانتۇ چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىدا سۈڭگۈچ سوغۇق شولىغا چىلىشىپ ياتاتتى، دەريانىڭ مەيىن شىلدىرلىشى، كەندىرلىكنىڭ يېنىك شىرىلدىشى، غەرب تەرەپتىكى بىرىنچى سۈڭگۈچتە ئۇخلاۋاتقان تۆمۈرچىنىڭ خورىكى ۋە باشقا غەلىتە ئاۋازلار تەڭلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرەتتى. تاش ئۈستىدىكى پاخال ئايدىڭدا پارقىراپ ئۇنىڭ كۆزىگىلا سانچىلاتتى. ئۇ ھەممە پاخالنى بىر يەرگە دۆۋىلەپ ئارىسىغا كىرىۋالدى، ئەمما شامال پاخالنىڭ ئارىسىدىن شۇڭغۇپ كىرىپ ئۇنى يەنە تېپىۋالدى، توڭلاپ تۈگۈلۈپ كەتكەن قارىۋاي قىمىرلاشقىمۇ پېتىنالمىدى. ئۆزىنى ئۇيقۇغا شۇنچە زورلاپ باقسىمۇ ئۇخلىيالمىدى. ھېلىقى سەۋزە ئۇنىڭ خىيالىدىن بىردەممۇ نېرى بولمىدى. ئالتۇنرەڭ، سۈپسۈزۈك سەۋزە … ئۇنىڭ خىيالى ھېلى دەريا بويىغا، ھېلى سەۋزىلىككە بېرىپ ئىزدەيتتى، توختىماي ئىزدەيتتى…

ئەتىسى كۈن تېخى چىقمىغان، ئاي تولۇق پاتمىغان چاغدىلا بىر توپ قاغا ئىش مەيدانى ئۈستىدىن ھودۇققان ھالدا پالاقشىغىنىچە ئۇچۇپ ئۆتتى، تۆكۈلگەن مەينەت پەيلىرى توسمىغا چۈشتى. شەرقتىكى ئۇپۇق سىزىقىدا، كۈلرەڭ بۇلۇتلار خۇددى شاخلىرىغا ئەسكى لاتىلار ئېسىلغان ئون نەچچە تۈپ چوڭ دەرەختەك تىكلىنىپ تۇراتتى. قارىۋاي سۈڭگۈچتىن چىقىشىغىلا پۈتۈن بەدىنى غۇژژىدە مۇزلاپ، ئۆتكەندە بەزگەك بولۇپ قالغان چېغىدىكىدەك غالىلداپ تىترەپ كەتتى. تۈنۈگۈن ليۇ مۇدىر قايتىپ كېلىپ، ئىش مەيدانىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ، ھەممە ئىشچىنى سەتلەپ تىللىدى. شۇڭا بۈگۈن ئىشچىلار سەھەردىلا كەلدى، بېرىلىپ ئىشلىدى، بولقا-بازغان ئاۋازلىرى كۆلچەكتىكى پاقىلارنىڭ بەس-بەستە كۇرۇلدىشىدەك جاراڭلىق ۋە ئۇزاققىچە ئاڭلاندى. بۈگۈن ئوڭشايدىغان ئىسكىنە جىق چىقتى، تۆمۈرچى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تېز ۋە ياخشى ئوڭشىدى. كېلىپ-كېتىپ تۇرغان تاشچى ئۇستىلار ئۇنى: «ھۈنىرىڭ ئۇستاڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپتۇ جۇمۇ، سوققان ئىسكىنىلىرىڭ ئۆتكۈر ھەم چىداملىق، تاشقا دەم تارتىپ تۇرىدۇ تېخى» دەپ ماختاپ كېتىشتى.

كۈن ئىككى غۇلاچ ئۆرلىگەندە، تاشچى ئىككى ئىسكىنەنى ئوڭشاشقا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىسكىنەلەرنىڭ ھەر بىرى تۆت-بەش يۈەنگە يارايتتى. تۆمۈرچىنىڭ ئاپتاپ چىراي تاشچىغا سىڭايان تىكىلگەن كۆزىدىن سوغۇق نۇر چاقناپ كەتتى. بەختلىك تاشچىنىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە يېقىملىق كۆرۈنگەچكىمىكىن، تۆمۈر-چىنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى پەقەتلا بايقىيالمىدى. قارىۋاي تۆمۈرچىنىڭ تاشچىنى كولدۇرلاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى. تۆمۈرچى ئىسكىنىلەرنى ئوچاقتا كۈمۈشتەك ئاقارغانغا قەدەر قىزىتىپ، سەندەلگە قويۇپ قول ئۇچىدىلا سوقۇپ شەكىلگە كەلتۈردى-دە، چېلەكتىكى سۇغا بىراقلا تاشلىدى…

تاشچى ئىسكىنىلەرنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، تۆمۈرچى رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى ۋە قارىۋايغا قاراپ: «مەن سوققان ئىسكىنەنى ئىشلىتىشكە بۇ ھارىمىنىڭ سالاھىيىتى توشمايدۇ، شۇنداقمۇ قارىۋاي؟» دېدى. قارىۋاي بۇلۇڭدا تىترەپ ئولتۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن تاشچى بايىقى ئىسكىنەلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، تۆمۈرچىنىڭ ئالدىغا ئاتتى.

‐‐ يەكچەشمە، قانداق سوقتۇڭ بۇ ئىسكىنەلەرنى؟

‐‐ نېمىگە ھۆركىرەيسەن ئۇكا؟

‐‐ يەكچەشمە كۆزۈڭنى يوغانراق ئېچىپ قاراپ باقە!

‐‐ ئىسكىنەڭ ناچاركەن.

‐‐ ماڭەۋا، مېنى كولدۇرلىتىمەن دەمسەن تېخى.

‐‐ كولدۇرلىتىمەن قانداق؟ سېنى كۆرسەملا جۇدۇنۇم تۇتىدۇ مېنىڭ!

‐‐ سەن، سەن،‐‐ تاشچى تاتىرىپ كەتتى،‐‐ نوچى بولساڭ چىقە بۇياققا!

‐‐ سەندىن قورقامدىمەن تېخى!،‐‐ تۆمۈرچى بېلىدىكى كىليونكا پەرتۇقنى تاشلىۋېتىپ، يېرىم يالىڭاچ ھالدا قوڭۇر ئېيىقتەك ئاستا مېڭىپ چىقتى.

تاشچى توسما ئالدىدىكى قۇملۇققا چىقىپ، چاپىنى بىلەن قىزىل مايكىسىنى سېلىۋەتتى، ئۇچىسىدا ئاسما مايكىسىلا قالدى. ئۇ تالىپ چىراي بولغان بىلەن، بويى ئېگىز، بەستلىك، بەدىنى دەرەختەك مەزمۇت ئىدى. تۆمۈرچىنىڭ كىليونكا پۇتلۇقلىرىنى ئېلىۋەتمىگەن پۇتلىرى يەردىكى ئۇچلۇق تاشلارغا دەسسىگەندە غاراس-غۇرۇس ئاۋاز چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇتى قىسقا بولغان بىلەن بېلىكى ئۇزۇن، تەرەققىي قىلغان مۇسكۇللىرى چىڭ ھەم كۈچكۈك ئىدى.

‐‐ تىللىشامدۇق يا مۇشتلىشامدۇق؟‐‐ دېدى تۆمۈرچى ئۇنى كۆزگە ئىلمىغاندەك.

‐‐ ئىختىيار سەندە،‐‐ دېدى تاشچىمۇ مەنسىتمەي.

‐‐ ياخشىسى ئۆيۈڭگە بېرىپ داداڭغا ئۆلۈپ كەتسە دەۋايىم يوق دەپ تىلخەت يازدۇرۇپ كەل.

‐‐ سەنمۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆيۈڭگە بېرىپ ئۆزەڭگە ئۈكەك تەييارلاپ قويساڭ بولارمىكىن.

ئىككىيلەن تىللاشقان ھالدا بىر-بىرىگە يېقىن كېلىشتى. قارىۋاي يىراقتا غالىلداپ تىترىگىنىچە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تۇتۇشۇ-شى چاقچاقلىشىۋاتقاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. تاشچى تىلىنى يۆگەپ تۇرۇپ تۆمۈرچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى، تۆمۈرچى ئۇزۇن بېلەكلىرىنى شىلتىپ مۇشت ئاتتى، تاشچى كەينىگە بىر ماڭدام يېنىپ ئۆزىنى قاچۇردى، مۇشت تەگمىدى. تۈكۈردى، مۇشت ئاتتى، چېكىندى، تەگمىدى. لېكىن ئۈچىنچى قېتىمدا تۈكۈرۈكى ئېغىزدىن چىقماي تۇرۇپلا، تاشچى مۈرىسىگە بىر مۇشت يېدى-دە، ئۆزىنى توختىتالماي پىرقىراپ كەتتى.

كىشىلەر «ئۇرۇشماڭلار، ئۇرۇشماڭلار» دەپ ۋارقىراشقان پېتى ئولىشىپ كېلىشتى-يۇ، ھېچكىم ئارىغا چۈشۈپ ئاجراتمىدى. سەل ئۆتۈپ ۋارقىراشتىنمۇ يالتىيىپ، بوي-تۇرقى بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان ئىككى يىگىتنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ تۇرۇشتى. يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن جۈزى يېنىدىكى قىزنىڭ مۈرىسىنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئاشنىسىنىڭ مۇشت يېگەنلىكىنى كۆرۈپ پەس ئاۋازدا ۋاي دېگىنىدە، كۆزلىرى قارا جۇخارگۈلگە ئوخشاپ قالدى.

ئۇلار بىر-بىرىگە تەن بەرمىدى، ئۇ بىر مۇشت ئاتسا، بۇمۇ بىر مۇشت ئاتاتتى. تاشچىنىڭ بويى ئېگىز، مۇشت ئېتىشى چىرايلىق بولغان بىلەن كۈچسىزرەك ئىدى، مۇشت ئاتقاندا سەل دەلدەڭشىپ قېلىۋا-تاتتى؛ تۆمۈرچىنىڭ ھەرىكىتى ئاستىراق بولغان بىلەن مۇشتى كۈچلۈك ئىدى، زەرب بىلەن تېگەتتى. ئۇنىڭ مۇشتى ھەر تەگكەندە تاشچى ئورنىدا پىرقىراپ كېتەتتى. بىر چاغدا تۆمۈرچىنىڭ بېشىغا بىر مۇشت تېگىپ، بېشى قېيىپ كەتتى، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن تاشچى ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى بېسىۋېلىپ، باش-كۆزىگە خۇددى تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇردەك مۇشت ياغدۇردى. تۆمۈرچى بىر ئېگىلىپلا تاشچىنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالدى، ئۇزۇن بېلەكلىرى تاشچىنىڭ بېلىگە يىلانبېلىقتەك چىرماشتى. تاشچى دەرھال تۆمۈرچىنىڭ بېشىنى چىڭ قىسىۋالدى. ئىككىسى ئالدى-كەينىگە ئىتتىرىشىپ خېلىغىچە تىركەشتى. ئاخىرى تاشچى بەرداشلىق بېرەلمەي، قۇملۇققا ئوڭدىسىغا يىقىلدى.

توپتىن ئالقىش ياڭرىدى.

تۆمۈرچى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاغزىدىكى قاننى تۈكۈرۈۋېتىپ، سوقۇشتا يەڭگەن خورازدەك بېشىنى سىڭايان قىلىپ تۇردى. تاشچىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۆمۈرچىگە ئېتىلدى. بىر ئاق، بىر قارا ئىككى تەن يەنە تىركەشكىلى تۇردى. بۇ قېتىم تاشچى بەكرەك ئېڭىشىپ، بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى قوغدىدى. تۆت بېلەك بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى، تاشچى تۆمۈرچىنى يەردىن سەل-پەل ئاجرىتالىدى-يۇ، ئىرغىتىپ تاشلىۋېتەلمىدى. تاشچى ھالسىراپ، چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتتى، ئەمما تۆمۈرچىدىن بىر تامچە تەرمۇ چىقىپ قويمىدى. تاشچى ماغدۇر-سىزلىنىپ، پۇت-قولى قولاشماي، كۆزى قاراڭغۇلاشتى، سەللا بوشاڭلىق قىلىۋىدى، تۆمۈرچى ئۇنىڭ بېلىكىنى قايرىپ، بېلىدىن قاماللاپ تۇتۇۋالدى، تاشچى يەنە بىر قېتىم يەر چىشلىدى.

ئۈچىنچى مەرتەم تۇتۇشۇشتا، تاشچى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، تۆمۈرچى ئۇنىڭ چاترىقىغا بېشىنى تىقىپ كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىككى مېتىر نېرىغا چۆ-رىۋەتتى.

جۈزى يىغلىغان پېتى بېرىپ تاشچىنى يۆلىدى. جۈزىنىڭ يىغىسى بىلەن تەڭ تۆمۈرچىنىڭ يۈزىدىكى خۇشاللىق بىردىنلا يوقىلىپ، يۈزى ئېچىنىشلىق تۈسكە كىرىپ، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. تاشچى ئۆمىلەپ قوپۇپ قىزنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى، يەردىن بىر چاڭگال قۇمنى ئېلىپ تۆمۈرچىنىڭ يۈزىگە چاچتى. كۆزىگە قۇم كىرىپ كەتكەن تۆمۈرچى ياۋايى ھايۋاندەك ھۇۋلاپ كۆزىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى. بۇ پۇرسەتتە تاشچى ئېتىلىپ بېرىپ تۆمۈرچىنىڭ بوينىنى ئىككى قوللاپ سىقىپ يەرگە يىقىتىپ، بېشىغا دۇمباق چالغاندەك قالايمىقان مۇشتلىدى…

دەل شۇ چاغدا توپ ئارىسىدىن بىر قارا سايە ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ قارىۋاي ئىدى. ئۇ خۇددى چوڭ قۇشتەك تاشچىنىڭ ئارقىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ، توخۇنىڭ پەنجىسىگە ئوخشايدىغان قاپقارا قوللىرى بىلەن تاشچىنىڭ ئېڭىكىدىن قاماللاپ كەينىگە تارتتى، تاشچى چىرايى پۈرۈشكەن، ئىڭرىغان ھالدا قۇملۇققا يەنە بىر قېتىم گۈپپىدە يىقىلدى.

تۆمۈرچى تىرمىشىپ ئۆرە ئولتۇرۇپ، يوغان قوللىرى بىلەن يەردىن تاش پارچىلىرىنى ئېلىپ ئەتراپقا قارىقويۇق ئېتىشقا باشلىدى. «ۋۇ ھايۋان! بېشىڭنى يەيدىغان!» دېگەن تىل-ئاھانەتلەرمۇ تاش پارچىلىرى بىلەن بىللە كىشىلەر توپىغا مۆلدۈردەك يېغىپ كەتتى، ئالاقزادە بولغان كىشىلەر ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشتى. جۈزى تۇيۇقسىز ئېچىنىشلىق چىرقىراپ كەتتى. تۆمۈرچىنىڭ قوللىرى شاپپىدە توختاپ قالدى، كۆزىدىكى قۇملار ياش بىلەن ئېقىپ چانىقىغا چىقىپ كەتكەن، قارىچۇقى ئېچىلغانىدى. ئۇ جۈزىنىڭ كۆزىگە ئاپئاق بىر تاش پارچىسىنىڭ سانچىقلىق تۇرغانلىقىنى غۇۋا كۆردى، تاش خۇددى ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تال ئاققۇلاق ئۆسۈپ چىققاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. تۆمۈرچى غەلىتە چىرقىراپ، كۆزىنى تۇتقان پېتى يەردە ئازاب بىلەن تولغىنىشقا باشلىدى.

قارىۋاي قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ۋار-قىرىغىنىنى ئاڭلاپ قولىنى بوشاتتى. ئۇنىڭ قوللىرى تاشچىنىڭ ئېڭىكىدە ئىككى قاتار كۆمۈر يۇقى ئارىلاش قان ئىزى قالدۇردى. ئۇ پاتپاراقچىلىقتىن پايدىلىنىپ سۈڭگۈچكە كىرىۋالدى، قاراڭغۇ بۇلۇڭدا چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قالايمىقان مىدىرلاپ يۈرگەن كىشىلەرگە قارىدى.

6

ئەتىسى ئىش مەيدانىدا تاشچى بىلەن قىزنىڭ سايىسى يىتتى، ئىش مەيدانىنى بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىدى. قۇياش تەلۋىلەرچە تىترەيتتى، سۆرۈن تەلەت كۈز شامىلى كەندىرلىكنى دېڭىزدەك دولقۇنلىتاتتى، توپ-توپ قۇشقاچلار كەندىرلەرنىڭ ئۇچىغا قونۇۋېلىپ ساراسىمە ئىلكىدە ۋىچىرلىشاتتى. شامال سۈڭگۈچتىن ئۆتۈپ، توپا-توزاننى ئۇچۇرۇپ، ئاسماننىڭ يېرىمىنى سېرىققا بويىۋەتتى. سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا، شامال توختاپ، قۇياشمۇ ئاستا-ئاستا نورماللىقىغا قايتتى.

ئوغلىنىڭ تويىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپلا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ليۇ مۇدىرنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچتى، تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقى ئالدىدا تۆمۈرچىنى تىللاپ رەسۋايىنى چىقىرىۋەتتى، يەكچەشمە كۆزۈڭنى ئويۇۋېلىپ جۈزىگە تۆلەپ بېرىمەن دەپ داۋراڭمۇ سالدى. تۆمۈرچى لام-جىم دېمىدى، ئەمما قاپقارا يۈزىدىكى كىچىك مونەكلىرىگە قان تولۇپ قىزىرىپ دىڭگىيىپ كەتتى، ئۇ ئېغىر-ئېغىر خۇرسىندى، غورتىلدىتىپ ھاراق ئىچتى.

تاشچىلار غايىبتىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشكەندەك، جان تىكىپ ئىشلەپ كەتتى، سۇنغان، قايرىلغان ئىسكىنىلەر تۆمۈرچىخانىدا دۆۋىلىنىپ كەتتى. لېكىن تۆمۈرچى تۆشەكتە راكتەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ غۇرتىلدىتىپ ھاراق ئىچەتتى، سۈڭگۈچ ھاراقنىڭ بەتبۇي پۇرىقىغا تولدى.

‐‐ قورقتۇڭما؟ بىچارە بولۇپ يېتىۋالساملا ئىش تۈگەيدۇ دەپ قالدىڭما؟‐‐ ليۇ مۇدىر ئاچچىقىدا ئۇنى نەچچىنى تېپىۋەتتى،‐‐ قوپە، ئىسكىنەلەرنى ئوڭشا، تۆھپە كۆرسىتىپ گۇناھىڭنى يۇ.

تۆمۈرچى قولىدىكى ھاراق شېشىسىنى پىرقىرىتىپ ئېتىۋىدى، شېشە سۈڭگۈچنىڭ ئۈستىگە تېگىپ چېقىلدى، ئەينەك پارچىلىرى ھاراق بىلەن تەڭلا ليۇ مۇدىرنىڭ بېشىغىلا چۈشتى.

‐‐ ئاكاڭ قارىغاي نېمىدىن قورقاتتى، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايمەن،‐‐ ئۇ توۋلىغان پېتى سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كالاڭپايلارچە يۈگۈرۈپ چىقىپ توسمىغا يامىشىشقا باشلىدى،‐‐ ھېچكىمدىن قورقمايمەن!

ئۇنىڭ پۇتى تاش سالاسۇنغا ئۇرۇلۇپ، تېنى دەلدەڭشىپ قالدى.

‐‐ تۆمۈرچى، دىققەت قىل، يىقىلىپ چۈشمە يەنە،‐‐ پەستىكى بىرەيلەن ۋارقىرىدى.

‐‐ يىقىلىپ چۈشمە؟ ھا-ھا-ھا…،‐‐ ئۇ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە سالاسۇننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قولىنى قويۇۋەتتى-دە، دەلدەڭشىپ مېڭىشقا باشلىدى. پەستىكىلەر كۈچلۈكرەك تىنىشقىمۇ پېتىنالماي قېتىپ قېلىشتى.

تۆمۈرچى غۇلىچىنى كېرىپ، قولىنى قۇش قانات قاققاندەك يۇقىرى-تۆۋەن قىلىپ، تارغىنە سالاسۇن ئۈستىدە دەلدەڭشىپ ماڭدى، ئاۋۋال ئاستا ماڭدى، كېيىن بارا-بارا تېزلىشىپ، ئاخىرى ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈشكە باشلىدى. پەستىكىلەر كۆزىنى قولى بىلەن ئېتىۋېلىشتى-يۇ، يەنە ئېچىپ مارىلاشتى.

پەستىكى كۆپكۆك سۇدا سالاسۇن ئۈستىدە دەلدەڭشىپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن تۆمۈرچىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن سايىسى لەيلەپ تۇراتتى. ئۇ سالاسۇننىڭ غەربىي بېشىدىن شەرقىي بېشىغا يۈگۈرۈپ باراتتى، يەنە قايتىپ كېلەتتى، بىر ناخشىنى قايتا-قايتا توۋلايتتى:

نەنجىڭدىن بېيجىڭغىچە، گېلىلۇڭ،

ئېغىغا چىراغ ئاسقان يوق، گېلىگېلۇڭ،

نەنجىڭدىن بېيجىڭغىچە، گېلىلۇڭ،

ئېغىدا ئوقيا ئاتقان يوق، گېلىگېلۇڭ…

يۈرەكلىكرەك تاشچى ئۇستامدىن ئۈچ-تۆتى توسمىغا چىقىپ، تۆمۈرچىنى سالاسۇننىڭ ئۈستىدىن چۈشۈردى.

‐‐ مەن بىلەن چاتىقىڭلار بولمىسۇن،‐‐ تۆمۈرچى تىركىشىپ ۋارقىرىدى،‐‐ مەن دېگەن ماھىر سېرىكچى، كىنودىكى گۇيلا ئارغامچىدا ماڭسا، غوجىكاڭ سالاسۇندە ماڭىدۇ، ئېيتىشە گۇيتوزىلار، كىم نوچىكەن…

تاشچىلار ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنى سۈڭگۈچكە ياندۇرۇپ كىردى. ئۇ بىر پارچە لايدەك تۆشەككە چاپلىشىپ يېتىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك يانغان، گېلىنى چاڭگاللىغان ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ:

‐‐ ئانا… بەك قىينىلىپ كەتتىم، قارىۋاي، ئوبدان شاگىرتىم، ئۇستاڭنى قۇتقۇزۇۋالساڭچۇ، بېرىپ سەۋزىدىن بىر باش يۇلۇپ كەلگىنە…

كىشىلەر تۇيۇقسىزلا قارىۋاينىڭ قېلىن ھەم ئېغىر، يېڭى كاناپتىن تىكىلگەن، ساغرىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان چوڭ چاپان كىيىۋالغانلىقىنى بايقىدى. بۇنداق رەختنىڭ چىڭلىقىدىن بەش يىل كىيسىمۇ ھېچنېمە بولمايتتى. كالتە ئىشتىنىنىڭ چاپاننىڭ ئاستىدىن ئازراقلا چىقىپ تۇرغان پۇشقىقى خۇددى چاپاننىڭ چىلتىكىدەكلا كۆرۈنەتتى. قارىۋاي پۇتىغا يېپيېڭى تەنتەربىيە ئايىغى كىيىۋالغان بولۇپ، چوڭ كېلىپ قالغان ئاياغنى چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ چىڭ چىگىۋالغاچقا، ئاياغ خۇددى يوغان باش ئامور بېلىقىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

‐‐ قارىۋاي، ئاڭلىدىڭمۇ؟‐‐ دېدى بىر قېرى تاشچى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە غاڭزىسى بىلەن نوقۇپ،‐‐ ئۇستاڭ نېمىگە بۇيرۇ-ۋاتىدۇ؟

قارىۋاي سۈڭگۈچتىن چىقىپ، قاشقا يامىشىپ، كەندىرلىككە كىرىپ كەتتى. كەندىرلىكتە ئاللىقاچان غۇۋا ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان بىر يول شەكىللەنگەن بولۇپ، يولدىكى كەندىرلەر ئىككى يانغا قىيسىيىپراق تۇراتتى. ئۇ ماڭا-ماڭا توختىدى. بۇ يەردىكى كەندىرلەر يېتىپ كەتكەن بولۇپ، بىر كىملەر دومىلىغاندەك قىلاتتى. ئۇ قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن كۆزىنى سۈرتۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ ئالدىغا ماڭدى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن ئۆمىلەپ، سەۋزىلىككە كىردى. ھېلىقى ئورۇق بوۋاي كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئۆرە بولۇپ مېڭىپ سەۋزىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى، ئاندىن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، چۆنەككە تېرىلغان بۇغدايلارنىڭ يىڭنىدەك ئىنچىكە بىخ چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، سەۋزىدىن بىرنى يۇلدى، سەۋزىنىڭ قىلدام يىلتىزلىرى تۇپراقتىن ئاجرىغاندا سۇلۇق قاپارتما يېرىلغاندىكىدەك ئاۋاز چىقاردى. قارىۋاي بۇ ئاۋاز ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنگە قەدەر زەن قويۇپ ئاڭلىدى. ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق، كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپى تولۇق چۈشۈپ تۇراتتى. قارىۋاي قولىدىكى سەۋزىنى كۆتۈرۈپ، كۈنگە تۇتۇپ قارىدى. ئۇ ھېلىقى ئاخشىمى سەندەل ئۈستىدە كۆرگەندەك مەنزىرىنى كۆرۈشنى، بۇ سەۋزىنىڭمۇ دەرياغا چۆكۈپ كەتكەن ھېلىقى سەۋزىگە ئوخشاش مەرۋايىتتەك سۈزۈك بولۇشىنى ھەم ئالتۇنرەڭ نۇر چېچىشىنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن بۇ سەۋزە سۈزۈكمۇ ئەمەس، چىرايلىقمۇ ئەمەس، ئالتۇنرەڭ نۇرىمۇ، سۈزۈك پوستى ئىچىدە كۈمۈشرەك شىرنىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇ يەنە بىر باش سەۋزىنى يۇلدى، كۈنگە تۇتۇپ قارىدى، ئۈمىدسىزلەندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىشى بەكلا ئاسانلاپ كەتتى. ئۇ تىزى بىلەن بىر چامدىدى، بىر باش يۇلدى، كۆتۈرۈپ قارىدى، تاشلىدى. يەنە بىر چامدىدى، يۇلدى، كۆتۈردى، قارىدى، تاشلىدى…

كۆكتات باققۇچى بوۋاينىڭ كۆزلىرى ئىككى تامچە دۇغ سۇغا ئوخشايتتى، ئۇ يېسىۋىلەكلىكتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قۇرت تېرىۋاتاتتى، قۇرۇتتىن بىرنى تۇتۇپ بارمىقى بىلەن مىجىپ ئۆلتۈردى، يەنە بىرنى تۇتتى، يەنە مىجىدى. چۈش بولۇپ قالغاچقا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆكتاتلىققا قارايدىغان ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ئەترەت باشلىقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ماڭدى. كېچىچە ئىشلىگەن ئەترەت باشلىقى كۈندۈزى مەھەللىدە ئاۋارە قىلىدىغاننىڭ جىقلىقىدا ياخشى ئۇخلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كۆكتاتلىقنى تىنچ دەپ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كېلىۋالغانىدى. بوۋاي ئورنىدىن تۇرىۋىدى، ئومۇرتقىسى غىرىسلاپ كەتتى. ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقان سەۋزىلىك ئۇنىڭغا يالقۇن قاپلىغاندەك قىپقىزىل كۆرۈندى. ئۇ قولىنى كۆزىگە سايىۋەن قىلىپ، تېز-تېز مېڭىپ سەۋزىلىككە كەلدى ۋە ئۇ قىزىللىقنىڭ باشقا نەرسە ئەمەس، يۇلۇپ تاشلىۋېتىلگەن خام سەۋزىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردى.

‐‐ نېمە ئىش بۇ!‐‐ دېدى بوۋاي ۋارقىراپ. ئۇ بىر بالىنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇ-رۇپ، بىر باش سەۋزىنى كۈنگە تۇتۇپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى. بالىنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك چوڭ ۋە نۇرلۇق ئىدىكى، قارىغان كىشىنى بىئارام قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ بوۋاي بالىنى سىلكىپ تۇرغۇزدى، ساتما ئۆيگە تارتىپ ئەكىرىپ، ئەترەت باشلىقىنى ئويغاتتى.

‐‐ ئەترەت باشلىقى، چاتاق بولدى، مۇنۇ ئېيىق سەۋزىنىڭ تېڭىنى يۇلۇپ بوپتۇ.

ئەترەت باشلىقى ئۇيقۇچان ھالدا چىقىپ كېتىپ، ئادەم يەيدىغاندەك ئەلپازدا قايتىپ كىردى. ئۇ قارىۋاينىڭ ساغرىسىغا غەزەپ بىلەن بىرنى تېپىۋىدى، بىر ھازادىن كېيىن ئاران ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە، ئەترەت باشلىقى ئۇنى بىر شاپىلاق سالدى.

‐‐ سەن قايسى كەنتتىن، ھارىمى؟

قارىۋاينىڭ پارقىراپ كەتكەن كۆزلىرىگە ياش تولدى.

‐‐ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا كىم ئەۋەتتى سېنى؟

قارىۋاينىڭ كۆزلىرى سۇدەك سۈزۈلدى.

‐‐ ئىسمىڭ نېمە؟

قارىۋاينىڭ كۆزىدىكى سۇ دولقۇنلىدى.

‐‐ داداڭنىڭ ئېتى نېمە؟

قارىۋاينىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى.

‐‐ ئاناڭنى، گاچا شۇمكەنغۇ بۇ.

قارىۋاينىڭ لەۋلىرى يېنىك قىمىرلىدى.

‐‐ ئەترەت باشلىقى،‐‐ دېدى بوۋاي،‐‐ رەھىم قىلىپ ئۇنى قويۇۋەتسىڭىزچۇ.

‐‐ قويۇۋەت؟‐‐ دېدى ئەترەت باشلىقى كۈلۈپ،‐‐ قويۇۋېتىمەن.

ئەترەت باشلىقى قارىۋاينىڭ يېڭى چاپىنى، يېڭى ئايىغى ۋە كالتە ئىشتىنىنى سالدۇرۇۋېلىپ، بۇلۇڭغا چۆرۈۋەتتى.

‐‐ بېرىپ داداڭغا دە، كىيىملىرىڭنى ئۆزى كېلىپ ئېلىۋالسۇن. ئەمدى يوقال!

قارىۋاي بۇرۇلۇپلا ماڭدى، دەسلىپىدە ئۇيىلىپ ئەۋرىتىنى قولى بىلەن توسۇۋالغان بولسا، بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن قويۇۋەتتى. بوۋاي قىپيالىڭاچ كېتىۋاتقان قارىۋايغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.

قارىۋاي خۇددى بېلىق دېڭىزغا شۇڭغىغاندەك كەندىرلىككە كىرىپ كەتتى. كەندىرلىك دەم-دەم تەۋرىنەتتى، قۇياش يالت-يۇلت پارقىرايتتى.

‐‐ قارىۋاي… قارىۋاي…


«جۇڭگو يازغۇچىلىرى» (1985.2)دىن تەرجىمە قىلىندى

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 11:36:24

قېنى مويەننىڭ ئەسىرىنى بىر ئۇقۇپ باقاي،نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپتىمىشكەن.

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 12:22:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جەۋلان ئەپەندى. مىنىڭ تېمام نىمە ئۈچۈن تەستىقلانمىدى؟ جاۋاپقا ئېرىشسام دەيمەن. ئىلگىرى ئىككى قېتىم تېما يوللىدىم. ھەممىسى تەستىقلانمىدى. ئۈندىداردا كىتابخۇمارلار توپى قۇرۇش توغرىسىدا يوللىغان تېمام تور بەتنىڭ قايسى تۈزۈمىگە خىلاپ بۇلۇپ قالغىنىنى بىلمەي قالدىم. چۈشەنچە بەرسىڭىز.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 20:26:22

مەن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلمىدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:35:46

رەھمەت  ئاغا،يەنە بولسا يوللاپ تۇرغايلا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 14:10:16

  يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا يوللاۋەرسەك بۇلامدۇ ، ئەسەر ھۇقۇقى سۈرۈشتە قىلىنامدۇ ؟

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:41:56

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 14:10 static/image/common/back.gif
يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا يوللاۋەرس ...

جۇڭگۇ  ئىچىدە  نەشىر  قىلىنغان  بولسا چىقىرىۋەسە  بولىمىش،چەتئەللىك  بولسا يازما رۇخشەت  ئىلىش  كىرەكمىش
بەت: [1]
: سۈزۈك سەۋزە (مويەن)