Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 08:36:43

نەۋائى غەزىلى تەھلىلى : جانغە چون ديرمين

بسم اللە الر‌حمن الرحيم

نەۋائى غەزىلى تەھلىلى : جانغە چون ديرمين
ئەلدەر
رەبىئۇل ئەۋۋەل 1436

مەتن :

                جانغە چون ديرمين نى ايردى اولماكيم كيفيتى
ديرکه باعث ايرى جسم ايچره مرضنينک شدّتى

جسمدين سورسامكە بو ضعفينكغە نى ايردى سبب
دىر آنكا بولدى سبب اوتلوغ باغيرنينک حرقتى

چون باغيردين سوردوم آيتور آندين اوت توشتى منكا
كيم كونكولكا شعلە سالدى عشق برقِ آفتى

كونكلوما قيلسام غضب آيتورکه كوزديندور كنە
كورماىين اول توشمادى بيزكا بو ايشنينک تھمتى

كوزكا چون ديرمين که اى تردامنُ يوزى قرا
سىندين اولميش خستە كونكلومنينک بلا و وحشتى

ييغلاب آيتور كوزکى يوق ايردى منكا هم اختيار
كيم كوروندى ناكھان اول شوخٍ مھوش طلعتى

اى نواىى بارچى اوز عذرين ديدى اولكونچى كوى
كيم سنكا عشق اوتى اوق ايرميش ازلنينک قسمتى

«فوائد الكبر»

ژانىر : شېئىر
تۈر : قەسىدە (لىرىكا)
تارماق : غەزەل
ۋەزن : ئارۇز
تۈركۈم : بەھرى تەۋىل (ئۇزۇن بەھىرلەر )
بەھر : رەمەلى مۇسەممەنى مەقسۇر (قىسقارتىلغان سەككىزلىك رەمەل)
تەفائىيل : فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلۇن ، - د - -   - د - -   - د - -   -  د -  (سىزىق ئۇزۇن بوغۇمغا، د قىسقا بوغۇمغا ۋەكىل)
بېيت سانى : يەتتە
بوغۇم سانى : ئون بەش (جىسم، ئىشق سۆزلىرى بەزەن ئىككى بوغۇم سانىلىدۇ)


تەھلىل :

1. غەزەلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ياراتقان ئاساسىي ئۇسلۇبچىل (ئىستىلىستىكىلىق) ۋاستىلەر.

        سۇئال ۋە جاۋاب شەكلى - ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بۇ غەزىلىدىكى چېلىقارلىق نۇقتىدۇر. ئۇ ئۇسلۇبچىل ۋاستىدىن تەشخىس (ئىنسانلاشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش) نى قوللىنىپ سۇئالۇ جاۋاب نى قوللىنىشقا ئىمكانىيەت ھازىرلىغان. ئالدىنقى ئالتە بېيىتتا قوللىنىلغان ئۆزى (جېنى، ئەزالىرى) بىلەن سۆزلىشىش شەكلى ئاۋۋال بۇ غەزەلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ياراتقان بولسا، ئاندىن تەجاھۇلى ئارىفانە (بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش) ئۈنۈمىنى ياراتقان.

        سۇئالۇ جاۋاب : بىرىنجىدىن، جېنىدىن «نە ئەردى ئۆلمەكىم كەيفىياتى؟» دەپ سوراش ئارقىلىق نەۋائىي ئىپادىلەنگەن ۋەقەنىڭ ئۇشتۇمتۇتلىقىنى ۋە مۇھىم (يەنى جانغا تاقىلىدىغان) لىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىككىنجىدىن، ئۈزلۈكسىز، ئىز قوغلاپ سوراش نەتىجىسدە، شائىر غەزەلنىڭ داۋاملىشىشىنى تەبىئي ھالەتتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزمۇن باغلىنىشلىق چىققان. سوراق يۆنىلىشى « جان > جىسم > باغىر > كۆڭۈل > كۆز > قىسمەت(تەقدىر)» بولۇپ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كېلىپ غەزەلنىڭ مەنتىقىلىقىنى ئاشۇرغان. ئاندىن كېيىن، سۇئال سوراش تەجاھۇلى ئارىفانە بىلەن پۈتۈنلەي ماسلاشقان، چۈنكى سۇئال سوراش بىلمەسلىكنى چۈشەندۈرىدۇ،شۇندىلا بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا « كۆڭلۈمە قىلسام غەزەپ، كۆزدىندۇر گۇناھ، بۇ ئىشنىڭ تۆھمەتى، ئۆزرىن دېدى» ئىبارىلىرى ئۆلۈم ھالىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ ۋەقەنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سۇئال - سوراققا تەپتىش قىلىش تۈسىنى بەرگەن.

        تەجاھۇلى ئارىفانە : ئاۋۋال سۇئالۇ جاۋاب قا ئوخشاشلا، بۇمۇ ۋەقەنىڭ ئۇشتۇمتۇتلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى نەۋائىي تۇيۇقسىز ئۆلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ جېنىدىن <نېمىشقا بۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالدىم؟> دەپ سورايدۇ. بىر يۈرۈش سوئال سوراقلاردىن كېيىن سەۋەب - يارىنىڭ «ناگاھان شوخى مەھۋەش تەلئەتى»نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى بولۇپ چىقىدۇ.  بىر كىشىنىڭ كۆرگىنىنى بىردەمدىلا ئۇنتىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئىش بولغان تەقدىردە، مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇنىڭ ئارقىلىق شائىر «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش» تەسۋىرىنى ناھايىتى بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن. گەرچە «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش» شېئىرىيەتتە كۆپ قوللىنىلغان ماۋزۇ بولسىمۇ، مەسىلەن نەۋائىينىڭ  :
كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا
نە بالالىغ كۈن ئىدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا
        مۇتلەئلىق غەزىلىمۇ شۇ مەزمۇندا؛ ئەمما تەجاھۇلى ئارىفانە بىلەن سۇئالۇ جاۋاب دەل يېڭىلىق يارىتىپ بۇ تېمىنىڭ تەكرارلىق تۈسىنى يوقاتقان. تەجاھۇلى ئارىفانە ۋاستىسىدە بىر ئېنىقلاش يولى قۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، نەۋائىينىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلمىگەنگە سېلىپ بىر – بىرلەپ سۈرۈشتۈرىشى ۋە مۇقتەئدە بۇنىڭغا بىر يەكۈن چىقىرىشىغا شارائىت ھازىرلىغان.


2. باشقا ئۇسلۇبچىل ۋاستىلەر.

        نەۋائىي شېئىرلىرى ناھايىتى بەدىئىي يېزىلغان بولغاچقا بۇ شېئىردىمۇ ئاساسىي ھەم چېلىقارلىق ئۇسلۇبچىل ۋاستىلەردىن باشقا، يەنە مۇنۇلارمۇ قوللىنىلغان :

        «مەھۋەش تەلئەت» يەنى «ئايدەك يۈز» بولۇپ شېئىرىيەتتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئوخشىتىشتۇر، شۇ ئارقىلىق بىرخىل تەبىئىي تۈس يارىتىلغان. يەنە مەشھۇر مەجاز نۇسخىسىدىن سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان «ئوت، ئاتەش» كە ئائىت سۆزلەردىن «ئوتلۇق باغىر، ھىرقەت، ئىشق، بەرق، كۆي، ئىشق ئوتى» قاتارلىقلار باغلىنىپ، غەزەل بويى ئۇلانما مەجاز ھاسىل قىلغان.

        تەجاھۇلى ئارىفانە بىلەن بىللە قوللىنىلغان «ئۆلمەكىم كەيفىيەتى» ئىغراق (مۇبالىغەنىڭ بىر تۈرى) بولۇپ، شائىر بۇ ئارقىلىق سۆيگۈسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلىگەن. «ئۆلگۈنچە كۆي» ئىبارىسىمۇ ئىغراق بولۇپ <ئۆلسەڭمۇ سۆي، ئۆلگىچە سۆي> مەنىسىنى بىلدۈرۈپ ئوخشاش ئۈنۈم ياراتقان.

        «ئوق ئەرمىش» ئىبارىسى «ئۆلمەكىم كەيفىيەتى» دا ئىپادىلەنگەن تۇيۇقسىزلىقنى تەكىتلەيدۇ، ھەم «ئۆلمەكىم كەيفىيەتى» نىڭ سەۋەبىنى ئوچۇقلايدۇ. يەنى <ئىشق ئوتىدەك ئوق تۇيۇقسىز تەگكەچكە ئۆلۈم كەيفىياتى> شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ يەردە «ئىشق ئوتى» ئوققا، يەنى «ئەزەلنىڭ قىسمەتى» نىڭ «ئوقى»غا ئوخشىتىلغان.

        كۆزىنى «يۈزى قارا» دېيىش ئارقىلىق نەۋائىي بىرىنجىدىن، كۆز قارچۇغىنى يۈزگە مەجاز قىلغان. ئىككىنجىدىن، ئۇسلۇبچىل ۋاستىدىن ئىھام نى قوللانغان. بۇ ھالدا «يۈزى قارا» ئىبارىسى ھەم كۆز قارچۇغىنىڭ قارىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەم «تەردامەن» سۆزى بىلەن كېلىپ، كۆچمە مەنىدىكى «قارا يۈز» يەنى ئىنسابسىز دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

        غەزەلدە يەككە ئەزا\ ئۇقۇم  بىرلا بېيىتتا تىلغا ئېلىنغان بولسا  كۆزگە ئىككى بېيىت ئاجرىتىلغان. يەنى،  ئادەمدە بىردىنلا بولىدىغان جان، جىسم، باغىر، كۆڭۈل دېگەندەكلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن بېيت ئاجرىتىلغان. بىر جۈپ كۆزگە ئىككى بېيىت ئاجرىتىلغان بولۇپ، تەشرىھ (ئاناتومىيە) قا رىئايە قىلغان بۇ نۇقتا، شېئىر قۇرۇلمىسىنىڭ مەنتىقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرسى «ئەزەلنىڭ قىسمەتى» يەنى <تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى> غىمۇ بىرلا بېيت ئاجرىتىلغان بولۇپ، يۇقارقى مۇلاھىزە بويىچە ئويلانساق، نەۋائىي كىشىنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ بىرلا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

        يۇقارقى سۇئال ۋە جاۋاب شەكلىنى ئېلىپ بارغاندا، شائىر جېنىنى، كۆڭلىنى، جىسمىنى، باغرىنى ۋە كۆزىنى سوراق قىلىدۇ. دېمەك شائىر ئۆزى بىلەن جېنى، جىسمى ۋە كۆڭلى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئايرىغان. ئۇنداقتا <نەۋائىيغا ۋەكىللىك قىلغان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قايسى نەرسە؟> دېگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى بولسا، غەزەلدىكى سوراقچى : ئەقىلدۇر. يەنى نەۋائىينىڭ جاننى، كۆڭۈلنى، جىسىمنى سوراق قىلىپ ئەقىلنى سوراق قىلماسلىقى ئۇنۇتقانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن نەۋائىينىڭ :
ئەقلۇ جان قەستىدە كۆردۈم ئول كۆزۇ مۇژگاننى ھەم
چەكتىم ئول مۇژگانۇ كۆز ئاللىدا ئەقلۇ جاننى ھەم
        بېيىتىدە ئەقىل ۋە جان تەڭ تىلغا ئېلىنغان؛ شۇڭا بۇ غەزەلدە ئەقىلنىڭ سوراق قىلىنماسلىقى بولسا ئەقىلگە سوراقچىلىق رولىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىندۇر. ھەمدە بۇ، غەزەلنىڭ ناھايىتى مەنتىقىلىق قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغان - كۆپ قوللىنىلغان ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئېرىشكەن، تەبىئىيلىك (نورماللىق)، باسقۇچلۇق سوراقنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغان مەنتىقىلىق، تەشرىھقا رىئايە قىلىشتىكى ئەقلىيلىك ... قاتارلىقلار، دەل سوراقچىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكى بىلەن بىرلىشىپ، غەزەلنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنىڭ بەدىئىي بىردەكلىكىنى ھاسىل قىلغان. يەنە، «بائىس، سەبەب» سۆزلىرى ۋە «كۆرمەيىن ئول تۈشمەدى بىزگە، سەندىن ئولمىش» قاتارلىق جۈملە شەكىللىرى غەزەلدە ئوچۇق بىر سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغان، ۋە سوراقچىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكىنى كۈچەيكەن.  دېمەك بۇ، شېئىردا « بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشنى ئەقلىي سوراق قىلغانلىق» تەك يېڭىچە بىر ئارقا كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان .

        شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شېئىردا تىلغا ئېلىنغان سۆيگۈ، ئىلاھىي ئىشق ئەمەس، مەجازىي ئىشق (ئاللاھتىن باشقىغا بولغان سۆيگۈ) بولۇپ، «كۆرمەيىن ئول»، «ئۆلگۈنچە كۆي» ئىبارىلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئىسلام ئەقىسىدە ئاللاھنى ئۆلگىچە كۆرگىلى بولمايدۇ. يەنە «ئۆلگۈنچە كۆي» ئىبارىسى ئارقىلىق مەجازىي ئىشقنىڭ پەقەت ئۆلۈمگىچىلا بولىدىغانلىقى، ھاياتى دۇنيادىلا بولۇپ ئاندىن داۋاملاشمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.


3. مۇقتەئدىكى يەكۈن :

        بۇ غەزەلدە نەۋائىي ئۆلۈش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن سەۋەبنى ئىزدەيدۇ، ئەڭ ئاۋۋال جاندىن سوراپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەقدىردە توختايدۇ. ھەمدە <بىر كۆرۈپلا ئاشىق> بولىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان ئۆلمەك ھالىتىنى  <تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى> سەۋەبىدىن بولغان دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. ھەمدە بۇ خۇلاسىدە بىر قانچە نۇقتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ :

        ئۆلۈم. نېمىشقا «ئۆلمەكىم كەيفىيەتى»؟ مەلۇمكى ئۆلۈم ھەربىر نەفسكە ئوخشاشلا كېلىدۇ، ھەم ھېچكىم ئۇنىڭدىن قۇتىلالمايدۇ. ئۆلۈمنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى مەزكۇر غەزەلدە ئۆلۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەۋەبى بولغان «ئەزەلنىڭ قىسمەتى» نىڭمۇ مۇقەررەرلىكىنى ۋە قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

        «ئوق ئەرمىش ئەزەلنىڭ قىسمەتى» ئىبارىسى ئوقۇرمەنگە <شائىرغا ئوق تېگىپ ئۇنىڭ ئۆلۈم كەيپىياتىنى ھاسىل قىلغان> چۈشەنچىنى بېرىپ، يەنە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى بۇ تەقدىردە بېكىتىلگەن ئوق بولۇپ، چوقۇم تېگىدۇ ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. « ىوق ئەردى ماڭا ھەم ئىختىيار» ئىبارىسى غەزەلدە ئىپادىلەنگەن قۇتۇلالماسلىق ۋە ئامالسىزلىقنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىڭ ئوق بولغانلىقى يەنە تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ، خۇددى تەگكەن ئوقنى ئۆزگەرتىپ تەگمىگەن قىلغىلى بولمىغىنىدەك.

        ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، شېئىرنىڭ مەنتىقىلىقنى، ئەقلىيلىقىنى ئاشۇرىدىغان كۆپلىگەن ئۇسلۇبچىل ۋاستىلەر، خۇسۇسەن سۇئال جاۋاب شەكلى ۋە ئەقىلنىڭ سوراق قىلىشى، نەۋائىينىڭ تەپتىش قىلىپ ئېرىشكەن يەكۈنىنىڭ «ئىلمىي يەكۈن» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى نەۋائىينىڭ يەكۈنى زادى نېمە ؟ بۇنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ تەھلىل قىلساق :
        بىرىنجىدىن، «كۆرۈندى ناگاھان» دېيىش ئارقىلىق كۆز شېئىردىكى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تاساددىبىيلىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.
        ئىككىنجىدىن، كېيىنكى بېيىتتلا، «ئىشق ئوتى ئوق ئەرمىش ئەزەلنىڭ قىسمەتى» ئىبارىسى ئارقىلىق، ھەقىقىي سەۋەبنىڭ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەنلىكىنى سوراقچى رولىدىكى ئەقىل يەكۈنلەيدۇ. چۈنكى بۇ بېيىتتا سۇئال- سوراق شەكلى يوق، شۇڭا سوراقچىنىڭ ئەقىل بولغانلىقى بۇنىڭ ئالدىنقى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان بىر ئەقلىي يەكۈن ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
        ئۈچىنجىدىن، ئۆلۈمىنىڭ «ئەزەلنىڭ قىسمەتى» ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، نەۋائىي ئالدىنقى « كۆڭلۈمە قىلسام غەزەپ، كۆزدىندۇر گۇناھ، بۇ ئىشنىڭ تۆھمەتى، ئۆزرىن دېدى، تەردامەنۇ يۈزى قارا» ئىبارىلەردە ئىپادىلەنگەن ئاچچىقلىنىش ھالىتىنى، سۇئال سوراق قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئەجەبلىنىش ھالىتىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ «ئۆلگۈنچە كۆي» دەپ غەزەلنىڭ ئەڭ بېشىدا دېيىلگەن «ئۆلمەكىم كەيفىياتى» دىكى ھالەتنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىدۇ.
        خۇلاسەن، ئاخىرقى بېيىتتا «بارچە ئۆز ئۆزرىن» تىلىگەن، ئۆزرىخاھلىق دېگەن. شۇڭا سەۋەب ھېچكىمدە ئەمەس، دېمەك بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى. شۇنىڭ ئۈچۈن نەۋائىي«ئۆلگۈنچە كۆي» دېيىش ئارقىلىق تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلغان.

        غەزەلدە ئىپادىلەنگەن ئومۇمىي ۋەقەلىكنى يىغىنچاقلىساق : نەۋائىي ئۆلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەزالىرىدىن ئىزدەيدۇ. ئاخىر كۆز باش جىنايەتچى بولۇپ چىققاندا،كۆز يارنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ تاساددىبىيلىق ئىكەنلىكىنى ئۆزىگە ئۆزۈر قىلىدۇ. لېكىن نەۋائىي بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولغانلىقىنىڭ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەنلىكىنى ئەقلىي يەكۈنلەپ، تەقدىرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىدۇ ۋە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن رازى بولۇپ، ئۆزى باشتا دۇچ كەلگەن ئۆلۈم (ئىشق) نى <ئۆلگىچە كۆيۈش> ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ.

        بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە، نەۋائىي باشتا ئەزالىرىنى قىلغىنىدەك تەقدىرنى سوراق قىلمىغان. ھەمدە غەزىلىدە «ناگاھان كۆرۈندى» دىكى تاساددىبىيلىق بىلەن «ئوق ئەرمىش ئەزەلنىڭ قىسمەتى» دىكى مۇقەررەرلىك ۋە ئۆزگەرمەسلىكتەك ئىككى زىت ئۇقۇمنىڭ بىرىنى كۆزگە، يەنە بىرىنى ئەقىلگە مەنسۇب قىلىش ئارقىلىق بەدىئىي مۇجەسسەملىگەن. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شائىر تاساددىبىيلىقنى ماددى، كۆزگە كۆرۈنگەن يەكۈن، تەقدىرنى بولسا ئەقلىي يەكۈن دەپ خۇلاسىلىگەن. خۇلاسە كالام، نەۋائىينىڭ ھايات - مامات ئارلىقىدا قىلغان ئىشى، يەنى «ئۆلمەكىم كەيفىياتى» دىن «ئۆلگۈنچە كۆي» گە كەلگىچە قىلغان ئىشى بولسا بىر قاتار سوئال جاۋابلاردىن كېيىن، سەۋەبنىڭ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، تەقدىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولۇش.
       
        يەنە دېسەك، سۆز يەنە ئۇزىرايدۇ. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بۇ غەزىلىدە، ۋەزنى بولغان رەمەل (ئاۋۇن) بەھرىدەك، دېيىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار. ئاخىردا، نەۋائىينىڭ بۇ مەجازىي ئىشق تەسۋىرلەنگەن غەزىلىدە <ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش> مەزمۇنىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنمۇ ؟ دېگەن سۇئال كاللىمىزدا پەيدا بولىشى مۇمكىن. بەلكى شۇنداقتۇر، ئەمما ھازىرچە بۇ غەزەلدە ئۇنى ئىسپاتلاپ چىققۇدەك دەلىلىمىز يوق ...  


پايدىلانما :
شېئىرى سەنئەتلەر توغرىسىدا
ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسىي بەھىرلىرى
مىزانۇل ئەۋزان

سۆزلۈك :
ئاشىنا : دوست.
بائىس : سەۋەب.
بەرق : چاقماق، يېشن، چاقناش.
تەردامەن : (كۆچمە) ئىپلاس، بۇزۇق، ئەخلاقسىز.
تەجاھۇلى ئارىفانە : بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش.
مەتلەئ : غەزەلنىڭ تۇنجى بېيتى.
مەجاز : ئوخشىتىش يولى بىلەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆز ياكى ئىبارە ؛ ئىستىئارە.
مەھۋەش : ئايدەك.
مۇقتەئ : غەزەلنىڭ ئاخىرقى بېيتى.
ھىرقەت : ئۆرتەش.
ئۇسلۇبچىل : ئىستىلىستىكىلىق.
ئىشق : كۆيۈك، كۆيۈش.
ئىغراق :  بەلگە ياكى ھەرىكەتنى ئەقلەن ئىشنىش مۇمكىن بولغىنىدا، تۇرمۇشتا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمىغان تەرىزدە كۈچەيتىپ تەسۋىرلەش.
ئىيھام : كۆپ مەنىلىك سۆز- جۈملىلەر. كۆپ خىل مەنىنى بىلدۈرۈپ ھەربىر مەنىسىدە سۆز بولىۋاتقان شارائىتقا ماس كېلىدىغان سۆز- جۈملىلەر.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 12:37:04

مۇشۇ غەزەلنىڭ تېكسىتىنى ھازىرقى زامان تىلى بويىچە قۇراشتۇرۇپ چىقساق، يەنە مۇشۇنداق پاساھەتلىك بولارمۇ؟

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 15:21:24

http://bbs.izdinix.com/thread-59051-1-1.html

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 17:50:37

  تەۋبە...

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:26:08

يېزىقىنى ھازىرقى بويىچە ئالسىڭىز مەنمۇ ئوقۇسام دەيمەن.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:26:57

چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىمۇ؟

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 21:07:22

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 12:37 static/image/common/back.gif
مۇشۇ غەزەلنىڭ تېكسىتىنى ھازىرقى زامان تىلى بويىچە قۇر ...

ناتايىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلۈك باشقا ئېنگىلىسچە، فرانسۇسچە دېگەندەك چاغداش تىللاردىن ياكى چاغاتايچىدىن ئاز بولغاچ ئۇ غەزەلنى ئاددىيلاشتۇرساق ئانچە پاساھەتلىك چىقماسمىكىن.

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 21:09:53

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 20:26 static/image/common/back.gif
يېزىقىنى ھازىرقى بويىچە ئالسىڭىز مەنمۇ ئوقۇسام دەيمەن ...

ئىككى قېتىم ئىنكاس قىپ يوللىغان، باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپۇ ئۆچۈرۈپ بىر نېمىلەرنى قىلىپتۇغۇ...

ھەئە تۈركىي تىلى.

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:17:19

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 20:26 static/image/common/back.gif
يېزىقىنى ھازىرقى بويىچە ئالسىڭىز مەنمۇ ئوقۇسام دەيمەن ...

ئوقۇلىشى :

جانغا چۈن دەرمەن نە ئەردى ئۆلمەكىم كەيفىيەتى ؟
دەركى بائىس ئەردى جىسم_ئىچرە مەرەزنىڭ شىددەتى

جىسمدىن سورسامكى بۇ زەئفىڭگە نە ئەردى سەۋەب
دەر ئاڭا بولدى سەۋەب ئوتلۇق باغىرنىڭ ھىرقەتى

چۈن باغىردىن سوردۇم_ئايتۇر ئاندىن_ئوت چۈشتى ماڭا
كىم كۆڭۈلگە شولا سالدى ئىشق بەرقى ئاپەتى

كۆڭلۈمە قىلسام غەزەپ ئايتۇركى كۆزدىندۇر گۇناھ
كۆرمەيىن ئول چۈشمەدى بىزگە بۇ ئىشنىڭ تۆھمەتى

كۆزگە چۈن دەرمەنكى ئەي تەردامەنۇ يۈزى قارا
سەندىن_ئولمىش خەستە كۆڭلۈمنىڭ بالاۋۇ ۋەھشەتى

يىغلاپ_ئايتۇر كۆزكى يوق ئەردى ماڭا ھەم ئىختىيار
كىم كۆرۈندى ناگاھان ئول شوخى مەھۋەش تەلئەتى

ئەي نەۋائى بارچە ئۆز ئۆزرىن دېدى ئۆلگۈنچە كۆي
كىم ساڭا ئىشق_ئوتى ئوق ئەرمىش ئەززەلنىڭ قىسمەتى

« فەۋايىدۇل كىبەر» (چوڭلۇق پايدىلىرى)

(سىزىق بار يەرنى ئۇلاپ ئوقۇڭ)
بەت: [1]
: نەۋائى غەزىلى تەھلىلى : جانغە چون ديرمين