قۇشاق توقۇپ باقايمۇ؟...........
بۇ مۇنبەرگە كىرەلمىدىم بىر مەزگىل،سەۋەبى شۇ ئۈزۈلدى سىم ئۇلانماي.
ئىچىم تىت-تىت بۇلۇپ كەتتى نەچچە رەت،
تىملاردا بەدەشقاقنى قۇرالماي.
كۆنگەن يامان ئىكەن دۇرۇس كۆيگەندىن،
ھۆسنىنى يا يانچۇقىنى سۆيگەندىن.
قېچىپ يۈرگەچ ئۆتتى كۈنلەر مەنسىز،
قىز كۈرۈنىپ قېزىل كۆينەك كەيگەندىن.:lol
بۈگۈن ئاچسام ئۇچۇر كەپتۇ بىرسىدىن،
يوللاپتىكەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا.
مەينەت سۆزلەر دۈۋىسىكەن توۋا دەي،
دىگۈسىمۇ كەلمەس كىشى دالدىدا.
پەلپەتىش گەپنى قىلىپ تىللاپتۇ،
بەجايكى ئۇ ئانىسىنى خورلاپتۇ.
جەننەت تۇرسا ئۇنىڭ ئاياغ ئاستىدا،
ۋادىرىخا...ۋىجدانىنى گۆللەپتۇ.
يەنە بىر تال ئۇچۇر باركەن ئوقۇدۇم،
ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوشاقنى توقۇدۇم.
تېلفۇن يۈتسە يۈتمەپتۇ بۇ ئېجىللىق،
دىمەك تاتلىق قەنىت-ناۋاتنى چۇقۇدۇم.:handshake
بولىدى قىلاي ئەمدى قوشاق توقۇيلى،
تىملارنى ئىنكاسلارنى ئوقۇيلى.
تالاش-تارتىش ئېلىپ كەلسۇن بىزلەرگە،
ئەقىل-غايە،پاسسىپلارنى نوقۇيلى.
بىر زامانلاردا ۋېيشىننىڭ كومپىيوتېر نۇسخىسى تۇراتتى تاپالمەيمەنغۇ ھازىر ەسسالام دەپ كىرىپ كەلدى توغراقگۈل،
قولىدا ھەم لىق بىر چەينەك ناۋات چاي.
بوسوغىدا تۇرۇپ قالدى تەمتىرەپ،
ـالدى بىلەك چاپسان بولسۇن پالۋانباي! ـىلىفۇندا كىرىۋىدىم مۇنبەرگە،
بەك قىينىدى ۋايفاي نورمال ۇلانماي.
مىڭ بىر تەستە نورماللاشسا تور سېگنال،
بېشىم قاتتى ھەمزىلەرنى يازالماي.
يۇقاردىكى ى بىر كۇبلىت قوشاقنى،
ساق بەش قېتىم يوللىدىمغۇ ىرىنمەي.
ھەر يوللىسام قېتىۋېلىپ بەت يۈزى،
يا الدىغا،يا كەينىگە ۆرۈلمەي.
ئاھ ئىزدىنىشسىز بۇ دۇنيا بىر ئىشمۇ
يۇرەلمەيمەن ئىزدىنىشسىز بۇ قىشمۇ
يازسا تېما گەر چوڭ كىچىك يىگىت -قىزمۇ
كۆرەي مەيلى يانفۇنۇمنىڭ ئېقىمى كەتسىمۇ Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 20:19 static/image/common/back.gif
ەسسالام دەپ كىرىپ كەلدى توغراقگۈل،
قولىدا ھەم لىق بىر ...
ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام ئەي توغراقگۈل،
كۆپ كايىپسىز كەتتى سىزگە رەخمىتىم.
ئىشىك ئوچۇق كىرىۋىرىڭ مەرھابا،
شۇل بىلەككە يەتمىسۇن زەر زەخمىتىم.:handshake birmoo يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 01:01 static/image/common/back.gif
ئاھ ئىزدىنىشسىز بۇ دۇنيا بىر ئىشمۇ
يۇرەلمەيمەن ئىزدى ...
ئىزدىنىشنىڭ مېھرى ئىسسىق بىر دۇنيا،
شۇ سەۋەپتىن جەم بولۇشقان ھەممىز.
قىزغاچقا تىما ئنىكاس كۆڭۈللۈك،
تەلپۈنىدۇ ئاڭا دائىم قەلبىمىز. مېھرىم چوڭقۇر ئول مۇنبەرگە، بولساممۇ يېڭى
كۆپ ئەمەستۇر بەرگەنلىرىم، ئالغىنىم تالاي.
بارچە يارەن-ھەمشىرىگە سالام ئۇشبۇ دەم
ھېممىتىڭلار بولدى ئىلھام، ئىزچىڭلار بولاي.
terjiman يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:08 static/image/common/back.gif
مېھرىم چوڭقۇر ئول مۇنبەرگە، بولساممۇ يېڭى
كۆپ ئەمەستۇ ...
ئۆزەم چولتا بولساممۇ بۇ قوشاققا،
قىزىقىشىم دىدى دادىل يازغىنە..
قوبۇل ئەتكەي گەرچە ئاددى بولسىمۇ،
سورۇن تۇزدۇم دوستلار ئۈچۈن ئازغىنە. تاتلىق،تاتلىق توقۇيلى دەپ قوشاقنى،
ېلىپ كەلدىم مىس چەينەكتە ناۋات چاي.
قېنى كىلىڭ! جانان چىندە چاي تۇتتۇم،
قىزىغىدا ىچىۋېلىڭ! سۇۋۇتماي. شەنبە ىىكەن ەمدىلەتىن ويلىسام،
دىككىتىلاڭ چىقىپ كىرەي بازاغا.
مىنى يوق دەپ يازماي قالماڭ قوشاقنى،
اياغ ېلىپ تېز قايتىمەن پۇتامغا. :lol:lol:lol:lol ئىزدىنىشنىڭ مېھرى ئىسسىق بەلەن جاي،
شۇڭا مەنمۇ كۈندە كىرىپ تۇرىمەن.
قۇرۇق كىرمەي دەپ ئويلىغاچ بۇ يەرگە،
ئەرزان كىتاب ئېلىپ قىممەت ساتىمەن.
...
مەنمۇ توقۇپ باقتىم! :lol پىچاق پالتا پىچاق پالتا،
پىچاق پالتا پىچاق پالتا.
پىچاق پالتا پىچاق پالتا،
پىچاق پالتا پىچاق پالتا. قىزىپتۇ.
Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:56 static/image/common/back.gif
تاتلىق،تاتلىق توقۇيلى دەپ قوشاقنى،
ېلىپ كەلدىم مى ...
توققۇز تازىم بىلەن ئالدىم چاينىمەن ،
ماغدۇر كىردى پۇت پاچاققا بىلەككە.
تاتلىق چاخچاق تاتلىق قوشاق راۋرۇس،
ھوزۇر بەردى شەنبە كۈنى يۈرەككە. zemindar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 12:11 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشنىڭ مېھرى ئىسسىق بەلەن جاي،
شۇڭا مەنمۇ كۈندە ك ...
كىتاپ ئېلىپ ساتىدىغان زىمىندار،
ئىزدىنىشتا كىتاپ بىلەن كىرىمدار.
بازار نەرخى سېتىڭ كۆپلەپ ئالايلى،
ئەجەپ ئەمەس بولۇپ قالساق بىلىمدار:lol ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تېمىغا قوشاق يازاي دەپ ،
خىيالىمدا قىلدىممەن پىلان .
خىيالىمغا ئىلھاملار كىلىپ ،
يوللىۋەتتىم قىلاي دەپ ئىلان .
زاڭلىق قىلماڭ قوشاقنى ئوقۇپ ،
دۈشكشلىمەڭ ئاچچىقلاپ نوقۇپ .
ئىسراپ قىلىپ قىممەت ۋاقىتنى ،
نىم قىلارمىز قۇرۇق گەپ توقۇپ :lol
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:56 static/image/common/back.gif
.........{:181:} ،
........{:181:} .
.........{:181:} ،
.........{:181:} .
tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 12:50 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئىسراپ بولۇپ كىتىپتۇ سىزنىڭ،
بۇ تىمغا قىممەت ۋاختىڭىز.
تۈلەم تەلەپ قىلمايدىغانسىز:lol
بولسا سىزنىڭ تاجۇ-تەختىڭىز.
چاخچاق قىلىپ قويدۇم ئانچىكە،
بۇتىمدا سىزنى ئۆزبىلىپ.
كىلۋاتمىز خېلى بۇروندىن،
مۇنبەرداشلار- ئارا‹‹توز››بىلىپ.:handshake
بەت:
[1]
2