dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:58:09

«ئەينەك»تىن نېمىلەرنى كۆردۈم

ساجىدەسۇلايمان نىڭ ئەينەك ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە
مەلىكە  مۇھەممەد ئايزىت  
  ئەينەك ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئۆزۈمگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن، چۈنكى مەن بەك چىرايلىق،مەن دادام بىلەن ئانامنىڭ بىردانىسى، چۈنكى مەن بەك چىرايلىق.     ئەسەرنىڭ  باشلانمىسىنى ئۇقۇۋېتىپ «مەن»نېرۋىسىدىن ئاداشقانمىدۇ؟ شۆھرەتپەرەسمىدۇ،شەخسىيەتچى ئوخشىمامدۇ،ھەسەتخورمىدۇ،كىمنىڭ يالغۇز قىزىدۇ،نۇمۇر تەييارلاۋاتقان بىرئاكتىيورمىدۇيا؟...ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن، قارىغاندا ئادەمنىڭ ھەقىقى تەبىئىيىتىنى دىگۈزۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھېكايىنى ئۇقۇپ چىقمايمۇ، دېدىم-دە ئەسەرنى تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقتىم.
بىراق، پۈتكۈل ئەسەرنى ئۇقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىنكى خىياللىرىم دەسلەپكى ئەسەرنى ئۇقۇۋېتىپ سۈرگەن ئەگەشمە خىياللىرىمدىنمۇ جىق بولدى.     «ئەينەك»ھېكايىسىدىكى ھېكايىنى بىزگە سۆزلىمەي ، كۆرسىتۋاتقان «مەن»نىڭ چەكلىك كۆرۈش دائىرىسىدە بايان قىلىنۋاتقان ھېكايىسىدىن چىقىپلا تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، كىشلىك مۇناسىۋەت، ماددى ھەم مەنىۋى بايلىق، ئىجتىمائىي مۇھىت، ئادىمىيلىك،دوستلۇق، مېھرى-مۇھەببەت، ھايات – مامات ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا چۆكتۈم.     توۋا،ئاجايىپ ئىش . «ئەينەك»ھېكايىسىدە«مەن»ئىككى قىتىم ئەينەككە قارىغان ئىدى.
مەنمۇئەسەرگە «مەن»گە ئەگىشىپلا ئىككى خىل خىيالنى ئۇلۇدۇم.
«مەن»ئەينەكتىن ئىبارەت ئوبيېكتىپقاقاراپ كۆڭلىدىكىنى ئۆز-ئۆزىگە ئېيتۋاتقاندا، باشلانغان خىياللىرىمغا تۇرمۇشتىكىمەن بىلدىغان قايسىدۇ بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ يالغۇز قىزىنىڭ ئۇقۇغاندىن تارتىپ،تاكى خىزمەتكە چىققانغا قەدەر كۆزۈم كۆرگەن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ، شۇنچە ئېسىل تۇرمۇش شارائىتى ئىچىدىكى باشقىلاردىن ئۆلگۈدەك يۇشۇرۇشقا تىرىشسىمۇ بىريەرلىرىدىن چىقىپ قالدىغان غېرىبلىقى، قاينام تاشقىن تەڭ دېمەتلەر يىغىلىشلىرىداكۆزلىرىدىن بالقىيدىغان يالغۇزلۇقى ئىلناشتى.
«مەن»دادىسىغىمۇ ، ئانىسىغىمۇ ھەتتائەڭ يىقىن دوستۇم دەپ  ئۆزىنىڭ روھىيغالبىيىتىنى ئىتراپ قىلغۇسى كەلمەي مۇڭدىشىدىغان«ئەينەك»ىگىمۇ ئۆچ بولۇپ چىقىپ چۇل-چۇل قىلىۋېتىپ، تىراگىدىيىسىنى باشلاپ بىر بۇتۇلكا دورا بىلەن ئاخىرلاشتۇرغاندىكى، كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلغان، قۇلىقىغا كىرۋاتقان ئاۋازلار، يولدىشىنى كۆرۋىلىشتىكى ئىستەكلىرى بىلەن ئاخىرلاشقاندا سۈرگەن خىياللىرىم تولىمۇ ئېغىربولدى.
كۆزۈم كۆرگەن يېقىن قوشنىمىزنىڭ يالغۇز قىزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن قىيداپلا چاشقان دورىسى يەپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كىتىشى، بىرئۇقۇغۇچى قىزنىڭ دورا ئىچۋىلىش سەۋەبى سىرلىق ھالدا مەكتەپتىلا ئۈلۈپ كىتىشى، تۇنۇيدىغان بىر قىزنىڭ توي كۈنى چاشقان دورىسى يەۋىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنىپ ھايات قېلىپ،ھازىر ئىككى بالىسىنىڭ بارلىقى...دېگەندەك يەنە رىئاللىقتا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ  ، ئەمەليەتكە قاتناشمىساممۇكىنولاردىن كۆرگەن، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان  پاجىئەلەر بىلەن  «ئەينەك»تىكى «مەن»نىڭ تۇرمۇشىدەك ئىشلار ، ئاكتىپ تەپەككۈرىمدىكى ئەگەردىن باشلانغان قىياسلىرىم شۇ تاپتا مېنى ھەممىگە جىددىيقاراتماقتا. تەسەۋۋۇرۇم ئالەمنىڭ بۇ چىتىدىن ئۇ چىتىگىچە قاناتلانماقتا ئىدى.  
  «ئەينەك»تىكى رېئال ۋە يېقىنلىق تۇيغۇمدا، ئاپتورنىڭ ھېكايىدىكى بەدىئىي مۇۋاپىقىيەتلىرىگەئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. ئەقىللىق كىتابخانلىرىمىز شۇنى چۇقۇم ھېس قىلالايدۇكى، «ئەينەك» ھېكايىسى قارماققا ئاددىي، بىرىنچى شەخىس «مەن» ھېكايدىكى بىر پېرسۇناژ سۈپىتىدە ھېكايىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى ، ئىچكى روھىي كەچۈرمىشىنى پەرداسسىز، ئۇدۇل ئادەتتىكىچە دەۋاتقانلىقىنى،ھېكايىدە ھىچ پېرسۇناژنىڭ  تاشقى قىياپەت، سۆز–ھەركەتلىرىگە ئېزاھات بېرىش ، مەلوم ئىدىيەنى شەرھلەش، قىسمەن ھېكايلەردىكىدەك ئاجاديىپ –غارايىپ ۋەقە، ئىجابىي، سەلبىي پېرسۇناژلارنى   ئىش –ھەركەت، گەپ سۆزلىرىدىن بىلەرمەنلەرچە بايان قىلىپ قۇرۇق ھېكايە سۆزلەپ تەسىرلەندۈرۈش كۈچەلمىگەن. ئەمما، كىتابخانلىرىمىزنى ھىسيات ئارقىلىق تەسىرلەندۇرگەن. ھېكايىنىڭ بىشىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە، سىيۇژىت قۇرۇلمىسىدىن «مەن»نىڭ تەغدىر –قىسمىتىگىچە،كەچۈرمىشىدىن تا  كەيپىيات ئۆزگىرىش، مۇھىت تۈزلىشىگىچە ھىسيات چۆرىدەپ راۋاجلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئاپتور«مەن»دە سۈنئىي ھاياجان، ساختا ئىش -ھەركەت، سەمىيمىيەتسىز سۆزلەش خائىشلىرىنى سادىرقىلماي ھىسياتنى   ھېكايدىكى سىمۋوللۇق مەنا«ئەينەك»نىڭ مەزمونىغا ئوراپ «مەن»نىڭ روھىيتىدىكى ئاددىيلىقتىن لەيلىتىپ تىراگدىيىسىدە چەكلىك ھەم چەكسىزلىكتە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بىر تەرپتىن كىتابخانلارنى نېمە ئۈچۈن ئەينەككە كۈلۈپ قارىساق ،ئەينەكمۇ بىزگە تەبەسسۇم قىلدىغاندۇ، ئەينەككە كۆڭۈلسىز قارىساق ئەينەكمۇ بىزگەسۇغۇق قارايدىغاندۇ، ئەينەككە يىغلاپ قارساق ئەينەكمۇ بىزگە يىغلاپ قارايدىغاندۇ. ئىھتىياتسىزلىقتىن يۈزىگە قاراسۈركىۋالغان مەلوم ئادەم يۈزىدىكى قارىنى ئۆزى ياكى باشقىلار تەرپىدىن بايقاپ يۈزىنى يۇيۋىتىپ ئەينەككە قارىسا ئەينەكتە يۈزىدىكى يۇقۇشقان  قارا بىلەن ئەمەس يۇيۋەتكەندىن كېيىنكى پاكىزھالىتىنى كۆردىغاندۇ، ئەينەككە كۈندە كۈلۈپ قاراش ئۈچۈن قانداق قىلساق بولار، ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى ئەينەكتىن كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىدىنمۇ ۋە ياكى ئۆزگىندىنمۇ،ئەينەكنى چىقىش بىلەنلا  ئىشھەل قىلىش نىمىگە ئېرىشتۈرۈپ ، نېمىدىن مەھروم قىلار، ئەينەك تاسادىپىي  چىقىلىپ كەتسە، دەز بولسىمۇ يەملەپ قويسابولىدۇ، چاقاي دەپلا چىقىلغان  ئەينەك پارە–پارە بولۇپ كەتسە...ئەينەك سىلىق ئەمما، نېمىشقا شۇنچە  قاتتىقتۇ دېگەندەك، ھېكايىدىن ھالقىتىپ كەڭ ، چوڭقۇرھايات ھەقىيقەتلىرى ، ئۆزگۈرۈشچان شەئىيلەر باغلىنىشى، سوبىكتىپ ھەم ئوبىكتىپدۇنياغا يۈزلەنگەن بوشلۇققا  ئىگە قىلسا،  يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەرنى ئالىي ھىسياتقاتۇيۇندۇردى. شۇڭا ھەر بىر ئۇقۇرمەن «ئەينەك»تىكى«مەن »نىڭ ئەينەك چىقىشىدىن ھالقىپ   چىقىپ ئۆزگىرىشچان دۇنياغاشوڭغۇيدۇ.     «ئەينەك»ھېكايسىنىڭمۇئەييەنلەشتۈرگىدەك بەدئىي ئالاھىيدىلىكلىرى نۇرغۇن. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەرەپلىرى: ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاپتورنىڭ ھېكايە قۇرۇلمىسىنى پىلانلاشتىكى ماھىرلىقى دىققىتىمىزنى ئۆزىگە ئىختىيارسىزتارتىدۇ. ئاپتور ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىنچىكە تەسەۋۋۇر قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىپ«ئەينەك»نى سىغىمچان لاھىيلەپ چەكلىك ماكان ئىچىدە ، چەكسىزلىكنى نامايەن قىلدى.
چىقىلغان ئەينەكتىكى ھاسلاتلىرىمىزكۆپ مەنىلىك ھەم كۆپ خىل جاۋاپلىق . تۇرمۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىمە توغرا كەسمە يۈزىنى ئەينەككە قاراش ، ئەينەك چىقىشقا يۆلەپ تۇرۇپ «ئەينەك»كە سىغدۇرۋەتكەن. ھېكايە باشتېمىسىدىكى ئۆزگىچىلىك     ئاپتورئۆزىنىڭ شەئىيلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئىقتىدارى ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش خاراكتىرىنى ھېكايىنىڭ باش تېمىسىنى تاللاشتىكى «ئەينەك»دىتالىنى تاللىشىغا چوڭقۇرسىڭدۈرۈپ پىروزىدا ئوبرازنىڭ ئىدىيىدىن مۇھىملىقىنى يورۇتتى.
ھېكايە باش تېمىسىنىڭ كۆپ بىسلىقلىقىىنى گەۋدىلەندۈردى . دۇنيادىكى شەيئىيلەرنىڭ بەزىلىرى بىزگە  بىلىنگەن . بەزىلىرى بىلىنمىگەن، ئىنسانتەبىئىيىتىگە يۇشۇرۇنغان ماھىيەتلەر مۇرەككەپ. «ئەينەك» ھېكايىسىدىكى «مەن»نىڭ ئەينەك چىقىشىغا سەۋەپ بولغان قىسمەن ئىشلار كىتابخانلارغا  ئېنىق بولسىمۇ ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەينەككەقاراشتىكى ھىس تۇيغۇسى ، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش خائىشى ،ئۆزلىكىنى تۇنۇشى ، يۇشۇرۇن ئىڭىدىكى ئۆزگىرىشلەر ، ئەينەك چىقىشقا باغلىنىشلىق ئوسۇل، سەۋەپ ، مەقسەد، نەتىجەكۆزگە روشەن چىلىقىماي باغلىنىپ تۇرغان ئەمەليەت ئىچىگە يۇشۇرۇنغان. دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ جاۋابى پەقەت بىرخىللا ئەمەس.«ئەينەك»دىكى «مەن»نى ئۆزىگە ئامراق قىلىپ قاراتقان ،شۇنداقلا ئۆچ قىلىپ چۇل-چۇل چاققان ئەينىكىنى تۇرمۇش دەپ چۈشەنسەكمۇ  ياكى كونكېرت بىر ئادەتتىكى كۆرگۈ  ياكى قەلىب دەپ قارىسىاقمۇ خاتالاشقان بولمايمىز.  باش تېمىنى بۇخىل كۆپ مەنبەلىك،كۆپ قۇتۇپلۇق، تۇتۇق ئىپادىلەش ھېكايىگە بەدىئىي سېھرى كۈچ بەرگەن. ھېكايەماۋزوسىنى تاللاشتىكى ئالاھىيدىلىكى     ھېكايەماۋزوسىنىڭ «ئەينەك»دەپ قۇيۇلۇشى ھېكايىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز يۈكسەك بەدىئىي جەزىبدارلىق ئاتا قىلغان. ھېكايە «مەن»نىڭ ئەينەككە قاراش جەرياندىكى ئوبىكتىپ ، سوبىكتىپ ئىش تەپسىلاتلىرى روھىي غالىبىيەتچىلىك، شۇنداقلا ئەينەك چىقىشتىن كېيىنكى خىياللىرى تىراگىدىيلىك بولسىمۇكىتابخانلارغا كۆپ ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. ماۋزو «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىچىپ بېرىشتە كۆۋرۈك بولۇشتىن سىرت ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن سىمۋوللۇق مەنا يارقىنلىقى، پەلسەپىيۋى مەنتىقىغىمۇ ماسلىشىپ ئەسەردىكى كەيپىياتنى مۇقۇملاشتۇرغان. سىمۋولىنىڭ رولى     ئاپتورھېكايىدە قۇيۇق سىمۋول تۈسى ئارقىلىق ھېكايە ۋەقەلىكىنى تۇرمۇشنىڭ  سىرتقى كۆرنىشىدىن ، ئىچكى ماھىيىتىگە كۆرسىتىپ باش تېمىدىكى ئۆزگىرىشنى كونكىرىتلىقتىن ئابىسكىراتىكىلىققا يۈزلەندۈرۈپ «مەن»نىڭ خاراكتىرىنى تۇيغۇسىنى  يېڭى، تەبىئىي سۈرەتلەپ «مەن»نىڭ چوڭقۇر   روھىي قاتلىمىدىكى ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەركىتىدە ئىپادىلىتىپ «مەن»بىلەن كىتابخاننىڭ ئارلىىقىنى يىقىنلاشتۇرۇپ ھىسياتنى ئەركىن ئىپادىلەپ ھېكايدىكى چىنلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.  
  ھىكايىدىكى «ئەينەك»ئادەتتىكى بىز ئشلىتىدىغان كۆرگۈ ئەمەس. ئاپتورئەينەكتىن ئىبارەت ئوبىكتىپ جىسىمنى سىمۋوللاشتۇرۇپ ھېكايىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرغان.     ئەينەك ئەمەليەتتە «مەن»نىڭ قولىدىكى كۆرگۈ. شۇنداقلا، ئۇششاق گىرىم بۇيىمى بولسىمۇ لېكىن يۇقۇردا  ھېكايدە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەنىدىن كىتاپخانلارغا نۇرغۇن  ئىلھام ئاتاقىلدىغان سىمۋول تۈسىگە ئىگە.     بىز«ئەينەك»تىن قىسقارتىپ ئىلىنغان بۇ قۇرلارنى ئۇقۇغىنىمىزدا :     ئۆيۈمگىمۇ،ئۆزۈمگىمۇ، دادام-ئانامغىمۇ ئۆچ بولدۇم. ئامراق ئەينىكىمگە قارىۋىدىم، ئۇنىڭغىمۇئۆچ بولغانلىقىمنى بىلىپ قالدىم-دە، شۇ ھامان ئۇنىمۇ چېقىپ چۇل-چۇل قىلىۋەتتىم.     ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، «مېنىڭ يانا ياشاشقا يۈزۈم بارمۇ؟ باشقىلارمېنى ئېرى تاشلىۋەتتى دېمەمدۇ؟ بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلۈپلا قۇتۇلسام بولمامدۇ»،دېگەننى ئويلىۋىدىم ئۆزۈممۇ سەل يېنىكلەپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر پوتۇلكا دورىنىڭھەممىسىنى ئىچىپ ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم، ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كېتىۋاتىمەن،چۈشۈممۇ يا ئوڭۇممۇ بىلمەيمەن، بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە يولدىشىمنىڭ ئاۋازىمۇ بار، كۆزلىرىمنى ئېچىپ ئۇنى كۆرمەكچى بولدۇم، بىراق قاپاقلىرىم شۇنداق ئېغىر، مەن تىرىشىۋاتىمەن، ئاخىرقى قېتىم ئۇنى بىر كۆرۈۋالسام بولاتتى، مېنى ئۇرغىنىغا، سوتقا ئەرز سۇنۇپ مەن بىلەن ئاجراشقىنىغا قانچىلىك پۇشايمان قىلغاندىكى چىرايىنى بىر كۆرۈۋالسام بولاتتى... «ئەينەك»ناملىق ھېكايىدىن ئىلىندى.    
«مەن »نىڭ سىرتقى كۆرنىشكەئاددىي، قولىدىكى ئەينەكنى شۇنداقلا چېقىىپ چۇل-چۇل   قىلۋەتكەن خائىشىدىن ئۇنىڭ كەڭ، قاتلاملىق، چوڭقۇر  تىراگدىيىسىنى كۆرىمىز. ئەسەرنىڭ بىشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرغىچە ئىزچىل «مەن»نىڭ تەبىئىيىتىگە يۇشۇرۇنغان گۈزەللىك بىلەن چاكىنلىقنىڭ پاسىلىنىڭ پاللىدە روشەن پارلىنىپ «مەن»نىڭ ۋوجودىدىكى رەزىللىكنى يەنە،«مەن»نىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئەپۇچانلىقنى تۇرمۇش ھەقىيقىتىدە تۇنۇپ يىتىمىز.
روھىي غالىپلىق ئىچىدە كۆز يۇمىۋاتقان ، شەخسىيەتچى، شۆھرەتپەرەس كىشىنىڭ ھەقىيقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتىنى ، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ، تۇرمۇشنىڭ قىزغىنلىقىنى، يۈكسەكگۈزەللىكنىڭ ئىنساننىڭ روھىيىتىدە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلىشكە نائىل بولالماي ئاخىرقى تىنىقلىرىنى رەزىللىك ۋە رەھىمسىزلىك ئىلكىدە  توختايدىغانلىقىدەك ھايات پەلسەپىسىنى تۇنۇتۇپ قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى.     ئەمما ، ئاپتورنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. كىتابخانلىرىمىزئۆزلىرىنىڭ تەپەككۈر بوشلۇقىنى كىڭەيتىپ كۆرسە بولىدۇ.
    يىغىنچاقلىساق ئاپتور«ئەينەك»ھېكايىسىدە سۇبيېكتىپ دۇنياغا ھەم ئوبىكتىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن ، ھەم ئىنسان روھىيىتى، تەبىئىيىتى ، مۇھىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، «ئەينەك»ئىماگ ئارقىلىق شەئىيلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى، ئىنسان تەبىيىتىگە يۇشۇرۇنغان ھىسيات مۇرەككەپلىكىنى، خاراكتىرنىڭ يىتىلىشىنى،تۇرمۇشنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىكى كۆپ قىرلىقىنى، توغرىسىى، دېمەكچى بولغان ، دىيىش ئالدىدا تۇرغان مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىزنى ئەڭ قىسقا بىر ئېغىز سۆزگە تۈگەللىگىنىمىزدە«روھىي چىنلىقنى»ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.
مەنبە: «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2012- يىل 5-سان

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 23:11:38

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 23:27:15

ۋەلەيكۇم ئەسسىلام
بەت: [1]
: «ئەينەك»تىن نېمىلەرنى كۆردۈم