iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:42:28

قۇملۇق ئېكىسپىدىتسىيىسىدە نىمىلەرنى ئېلىۋېلىش كېرەك ؟

قۇملۇق ئېكىسپىدىتسىيىسى بىر خىل خەتەرلىك ۋە ئالاھىدە ئېكىسپىدىتسىيە بولۇپ بۇنىڭدا يۆنىلىش بەلگىلەش بىلەن سۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم . قۇملۇق زەھەرلىك يىلىنى، چايان قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشمۇ مۇھىم.
كۆپ گەپ قىلماي ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى يازايلى.

زۆرۈر نەرسىلەر
1.سۇ
2.يېمەكلىك ( گۆش كونسېرۋاسى ، پېرىسلانغان پېچىنە-كۆكتات ،تەييار چۆپ، قورۇلغان گۆش،سوقماق)
3.ئۇخلاش خالتىسى
4.پەلەي
5.پىچاق ( ئۈستىدە ھەرە چىشى بار)
6.دىيەنباڭ ئىقتىدارى بار ساقچى قولچىراق ( ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن )
7.چوكا قوشۇق قاچا
8.كومپاس
9.مۇناسىۋەتلىك خەرىتە ، يۈرۈش لىنىيىسى
15.سۈنئى ھەمراھ تېلېفونى ، ئەڭ ياخشىسى iridium ماركىلىقنى ئىشلىتىڭ .
16.كەسپىGPS ئاپپاراتى ، GARMIN ماركىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.
18.دالىدا ئىشلىتىدىغان بىر ياكى ئىككى كىشىلىك چېدىر
19.ماگنىيلىق تاياقچە ( ئوت ياندۇرۇشقا ئىشىلىتىلىدۇ )
20.قۇياش ئېنىرگىيىلىك زەرەتلىگۈچ توكدان ، GPS ۋە سۈنئى ھەمراھ تېلېفونىنىڭ زاپاس مېيى 10 تال )
22.جىددى قۇتقۇزۇش دورىلىرى
ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلاش مېيى،سالقىنلىتىش مېيى ، فورمىن ، فوپەيسۈەن ، زۇكام دورىسى،ئاغرىق توختىتىش دورىسى ، بىرىكمە ۋىتامىن تابلىتى ، تەسىرى كۈچلۈك ئانتىبئوتىك ( ياللۇغ قايتۇرغۇچى ) دورا، ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى.
23.مۈرىگە ئاسىدىغان سومكا
24.قۇياش نۇرىدىن ساقلايدىغان چۇجىن سىلاڭنىڭ قالپىقىدەك قالپاق
25. ماسكا ( قۇم بوران چىققاندا قۇمنى ئازراق يەيسىز)
26.كۆزنى قۇم بوراندىن توسقۇچ كۆز ئەينەك ( بېشىڭىزغا تاقىۋالىسىز )
26.بىر دانە قەلەم ۋە خاتىرە
27.بارومېتىر ( بوران – چاپقۇن، جۇت –شىۋىرغاندىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ)
28.بىر دانە گۈرجەك ( قۇملۇقتا سۇسىز قالسىڭىز بەزى جايلار، قۇم دۆڭلىرىنىڭ يانباغرى ياكى يۇلغۇن ،سۆكسۆك يىلتىزى بار جايلارنىڭ ئەتراپىنى 1-2 مېتىر ئەتراپىدا كولىسىڭىز سۇ يىغىلىدۇ )
تاللاپ ئالىدىغان نەرسىلەر :
ساقالئالغۇچ،تارغاق،چىش چوتكا ۋە پاستا
فوتو ئاپپارات
رادىئو
كىتاب
سەپىرىڭىزگە ئاقيول تىلەيمەن !

خەتەرگە يولۇققاندا GPS تە تۇرۇۋاتقان ئورنىڭىزنىڭ كوردىناتىنى بەلگىلەپ سۈنئى ھەمراھ تېلېفونىدا sos سىگنالى تارقاتسىڭىز ياكى كوردىناتىڭىزنى جىددى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىغا ئېيتسىڭىز يا ئايروپىلان ئەۋەتىپ قۇتقۇزار ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەر، ئىشقىلىپ بىر ئىش بولىدۇ:lol


aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:30:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 15:39  

يەيدىغان نەرسىلەر تۈگەپ كەتسە ...يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ...قۇرساق بەك ئېچىپ كەتسە ،يىقىن ئەتراپتىكى ئۆت چۆپلەرنىڭ ئەمدى دان تۇتقان ئۇرقلىرى ، ياكى پىشقان ئۇرۇقلىرنى ئىزىپ كاپ ئىتىڭ...
بەك ئۇسساپ كەتسىڭىز ،ئايەت كەرىمدىن بىرەنى ئۇقۇغاچ،ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش مەقسىتىدە ئۇششاق تاشلارنى بىرەنى تېپىپ شۇراپ مېڭىڭ. يىلان ئۇچىراپ قالسا قورقۇپ قاچماي، ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈپ خالىتىغا سېلىڭ...بەك بولمىسا شۇنى يەرسىز...ماڭغان يولغا قۇمدا بىر ئىككى kvn  كۈمۈلۈپ كەتمەيدىغان شاخ شۇمبا نى سىز ماڭغان يۆلىنىشكە توغرىلاپ قۇيۇپ مېڭىىڭ ياكى پىچاقتا بەلگە قىلىپ مېڭىڭ...ئەتىياز پەسلىدە يولغا چىقىپ قالسىڭىز ، يېڭى چىققان قۇمۇش سۇيىسى (نوتا)نى تارتىپ ئېلىپلا يىسىڭىز بولىدۇ، خام يەلىسڭىز تېخى ياخشى ، بولمىسا سۇيا شورپىسى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ...چىڭگىلەكنىڭ جاڭدۇدەك مىىۋىسى ئۇچىراپ قالسا ئۇنى  يىسڭىز بولىدۇ، تەمى ياڭاق مېغزىدەكلا شۇندا پەيزى...
چاتقال ئارسىدا قۇشلارنىڭ ئۇۋۇسى بولۇشى مۇمكىن شۇلارنىڭ توخۇمى بولسا ئېلىپ ئىچىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق 10 يىگىرمە تۇخۇمنىڭ ھەممىنى ئىچىۋالماڭ ، سىز ئۇقۇشلارنى بېقىپ چوڭ قىلمىغاندىكىن.بەش تۆت توخۇمى قالسۇن، ئۇۋىسدا..
ئاڭغىچە ئۆلمىسڭىز بىرەر بىنام يەرلەرنىڭ چۆرىسگە بېىرپ قالىسىز...شۇ يەردە قۇغۇن تاۋۇر ، ئادەم دىگەنلەرنى ئۇچرىتالايسىز{:92:}

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:42:47

تەشەككۈر.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:56:30

نىمانچە كۆپ لاقا-لۇقا بۇ ؟  ئېكىسپىدىتسىيەمۇ ساياھەتمۇ ؟؟
ماۋۇ ئۇلىنىشتىكى ساراڭدەك ئىكىسپىدىتسىيە قىلسا ....:lol
http://v.youku.com/v_show/id_XMjEwNjg3MTEy.html

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:56:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 16:00  

ئۆچۈرۈلدى

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 17:17:10

بۇ ئىنكاس يېزىلمىدى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 17:27:57

ئەمىسە قايسى مۇھىم ئەمەس باللا؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 17:48:47

  سۈنئىي ھەمرا تېلفۇنىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟  

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:25:10

ئاۋال مانچە مىنۇت ۋاقتى بار دەپ بەلگىلەنگەن كارتىنى سېتىۋالىسىز،تاۋباۋدا ساتىدۇ،كارتىنى سېلىپ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا تېلېفون ئۇرۇۋەرسىڭىز بولىدۇ،
لېكىن مىنۇتى بىر ئىككى كويدىن ئېشىپراق ماڭىدۇ،جىددى ئەھۋالدىلا ئىشلىتىدۇ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:28:04

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 18:25 static/image/common/back.gif
ئاۋال مانچە مىنۇت ۋاقتى بار دەپ بەلگىلەنگەن كارتىنى سې ...

  تىلفۇن تارتمايدىغان تاغ تۇرالاردا ئىشلەۋىرىدىغۇ دەيمەن.   سىز توردىن سېتىۋىلىپ باققان بولسىڭىز ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويمامسىز ياخشىراقىنىڭ.  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:32:12

مەن ھېچ نەرسە ئالماي ماڭغانتىم

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:38:44

ئىشچانراق ئىشەكتىن بىرنى ھەمرا قىلىۋالمىسا بۇنچىۋالا كوپ نەرسىنى كوتۇرۇپ مېڭىپ بولغىچە ئادەمىنىڭ ماڭقىسى چۇپقالا :lol:lol:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 19:24:31

正品卫星电话 全球铱星电话铱星Iridium9575铱星9575手机9555升级 http://tb.cn/HpOzZRy

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 19:25:43

سۈنئى ھەمرا تېفونى يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىشلەۋېرىدۇ

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:46:55

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 18:32 static/image/common/back.gif
مەن ھېچ نەرسە ئالماي ماڭغانتىم

دورا ئۆسۈملۈك تەرگىلى چىققانما؟:lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:57:48

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 18:32 static/image/common/back.gif
مەن ھېچ نەرسە ئالماي ماڭغانتىم

تاڭ سىڭدەكما؟

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:25:52

سۈنئىي ۋىيشىڭ تىلفۇنى خىلىلام قىممەتكانيا ....

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:49:06

مۇنداق ماڭساڭلار ئۆلۈپ قالىسىلەر،ھايا
يازمىدا مۇھىم بىر نەرسىگە سەل قارالغان،  ئۇ بولسىمۇ كىيىم كېچەك بىلەن، باش كىيىم
قۇملۇقنىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، كىچە كۈندۈز تېمپىراتۇرا پەرقىمۇ چوڭ،  شۇڭا  ئىسسىق ،سوغۇق ئۆتۈشتىن ساقلايدىغان كىيىم بەكمۇ مۇھىم، ساپ پاختىدىن تىكىلگەن ئازادىرەك كىيىملەرنى كىيىش كېرەك
باش كىيىمگە قوي تېرىسىدە تىكىلگەن تەلپەك ئېلىۋېلىش  كېرەك
قورۇلغان گۆش ئادەمنى ئۇسسىتىدۇ، ئۇنى ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 07:52:53

قىرىق تۈگىدە مال تەييارلاپ يولغا چىقىپ قانچە ئادەم نەدىن نەگە بارماقچى؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 11:30:06

ئويناپ كىلەي دەپ ماڭسىغۇ بۇ نەرسىلەرنى ئالار، ئەمما دۇچ كەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك،مۇھىمى مۇشۇ...
بەت: [1] 2
: قۇملۇق ئېكىسپىدىتسىيىسىدە نىمىلەرنى ئېلىۋېلىش كېرەك ؟