شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول(YT) دەۋرىگە قەدەم قويدى
لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا (ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن قومۇلغىچە بولغان بۆلەكتە) 16-نويابىر قاتناش باشلىنىدۇ ، بۇ ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ دەسلەپكى سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىردىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇلغا بارغىچە كېتىدىغان ۋاقىت ئەسلىدىكى بەش سائەتتىن ئۈچ يېرىم سائەتكە قىسقىرايدىكەن .
بۇ بۆلەكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىر بولۇپ ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ، تۇرپان شىمالىي بېكىتى ، پىچان شىمالىي بېكىتى ، تۇرپان-قومۇل بېكىتى ، قومۇل بېكىتى قاتارلىق بەش بېكەت تەسىس قىلىنغان . قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە تۆت جۈپ ( سەككىز پويىز ) پويىز قوش يۆنىلىشتە قاتنايدىغان بولۇپ ، 1-دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 196 يۈەن ، 2-دەرىجىلىك ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 163.5 يۈەن ئىكەن .
كۈندە قاتنايدىغان ۋاقتى، ھەر بىر بىكەتكىچە بىلەت باھالىرىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى بارمۇ؟ 1-دەرىجىلىك ئورۇن ، 2-دەرىجىلىك ئورۇن ... ئورۇنىمۇ تۈرگە ئايرىپتۇ دە {:92:} تۆمۈرخانلىرى قايداراقتۇ ۇرۇمچىدىن اقسۇغا قاتنايدىغىنى يولغا قويۇلسا 1100 كىلومىتىرلىق مۇساپىنى 5 يېرم ساەتتە بېسىپ بولىدۇ دىگەن گەپ، مۇنداق بولغاندا كارۋاتلىق بىلەت ېلىشنىڭ كوپ زۇرۇرىيىتى قالمايدۇ_دە karam يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 17:43 static/image/common/back.gif
1-دەرىجىلىك ئورۇن ، 2-دەرىجىلىك ئورۇن ... ئورۇنىمۇ تۈرگە ...
1-دەرىجىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلار تېخىمۇ تېز بارىدىغان چېغىۋا. ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 17:54 static/image/common/back.gif
تۆمۈرخانلىرى قايداراقتۇ
ئاۋۇ رەسىمدە تۇرمامدۇ قاراپ:lol Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 17:58 static/image/common/back.gif
ۇرۇمچىدىن اقسۇغا قاتنايدىغىنى يولغا قويۇلسا 1100 كىلومى ...
ئۇنداق بولسا ‹‹توغراق››لىققىمۇ بىر سائەتتە بارالايتۇق.:lol paliwan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 18:59 static/image/common/back.gif
ئۇنداق بولسا ‹‹توغراق››لىققىمۇ بىر سائەتتە بارالايت ...
دۇرۇس :) 86 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 18:02 static/image/common/back.gif
1-دەرىجىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلار تېخىمۇ تېز بارىد ...
ئەمسە مەن 2-دەرىجىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇراي .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 21:59
86 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 18:02 static/image/common/back.gif
1-دەرىجىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلار تېخىمۇ تېز بارىد ...
ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ، باكادىن 33 يۈەننى ئارتۇق تۆلىمەيدۇ-دە!...
پىچاندىن قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچىگە باھاسى 80 ئەتراپىدا بۇلىدىغاندەك ھىس قىلدىم. بۇ يەردن كىچىك ماشنىغا ئولتارساق ئەتىسى ئەتىگەن ئۆيگە ئالغىلى كىلىدۇ ، ئاندىن سائەت 7 گىچە ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈپ بۇلاتتى. ئاۋۇ پويىزمۇ ئۆيگە ئالغىلى كەلسە بىلەت زاكاز قىلىشنى ئويلاشماي قويمايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا birmoo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 23:24
Bu inkas tahrirlandi ,harkandak usulda dahla taruz kilixka bolmaydu ! ۋوگىزال ئىچىدىكى ئىكرانلاردا ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدىغۇ {:87:} 86 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 17:26 static/image/common/back.gif
كۈندە قاتنايدىغان ۋاقتى، ھەر بىر بىكەتكىچە بىلەت باھا ...
بۇ خەۋەرنى تېلىۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلاردا بەك تەپسىلى تونۇشتۇرغاچقا، تەپسىلاتىنى يازمىغان .
تەپسىلاتى بۇ يەردە ؛http://zt.iyaxin.com/2014/node_112804.htm uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 19:15 static/image/common/back.gif
شۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنىمامدىكەن؟ پويىزغا قانچە كىلو ...
غۇلجا-ئۈرۈمچى تېز پويىز تۈرى تېخى پىلان ئىچىدە يوققۇ دەيمەن .
2020- يىللىق شىنجاڭ تومۈر يولىدىكى 4 تىك 4 تەكشى يۈلۈنىشتىكى تور ھاسىل قىلىش پىلانىدىمۇ بۇ پىلان تېخى كىرگەۈگەندەك ئەمەس .
بىراق ئېلىمىزنىڭ خەلقاراغا ئۇلىنىدىغان 3 چوڭ غول لېنىيىدە ( ياۋرۇ-ئاسىيا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبى ئاسىيا) ئۈرۈمچى-قورغاس-ئالمۇتا- تاشكەنت- قاتارلىق شاھەرلەر باردەك .
سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىردىن
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىر بولۇپ
ئۈچ يېرىم سائەتكە
:dizzy:{:122:} پويىز قوزغالغان ھامان 200 كىلومېتردىن مېڭىپ كەتمەيدۇ. ئاندىن بىكەتلەردە نەچچە مىنۇتتىن توختايدۇ. شۇڭا ئۈچ يېرىم سائەت دېگەنگە ھەيران قالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ھېسابى ئەمەس. uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 19:15 static/image/common/back.gif
شۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنىمامدىكەن؟ پويىزغا قانچە كىلو ...
يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چەكلىك ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ
بەت:
[1]
2