bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 10:57:56

NASA: يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 12:17  

يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى


يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر ماڭا ئۇچۇر يېزىپ، مەندىن «بويد بۇشمەن» (Boyd Bushman) ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئالىم تور ئارقىلىق تارقاتان، «تاشقىي پلانېت ئادەملىرى راستىنلا بار بولۇپ، ئۇلار يەر شارىنى زىيارەت قىلىپ باققان» دېگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە سىن ھۆججىتىدە دېيىلگەن خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى  سورىدى  (ئۇ سىن ھۆججىتىنى ھازىرمۇ يۇتيۇبتىن تاپقىلى بولىدۇ).  مەن ئۆزەمگە خەت يېزىپ، بۇ ئىشنى سورىغان تورداشلارغا ھازىرغىچە ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم.  بۈگۈن مۇشۇ قىسقا يازمىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىشنى ھەممەيلەنگە بىراقلا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  

بۇ ئىش يالغان.  ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ.

ئامېرىكىدىكى «Lockheed Martin» شىركىتى ناسا ئۈچۈن بىر قىسىم ئالەم تېخنولوگىيىسىگە ئائىت نەرسىلەرنى ياساپ بېرىدىغان شىركەت بولۇپ، بويد بۇشمەن دېگەن كىشىنىڭ بۇرۇن ئاشۇ شىركەتتە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم بولۇپ ئىشلىگىنى راست.  بۇ كىشى 2014-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر سىن ھۆججىتى تەييارلاپ، ئۇنى تورلارغا چىقىرىپ قويغان.  ئۇ سىن ھۆججىتى ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولۇپ، پەقەت يېقىندىلا بۇ ئىش تورلاردا بىر قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالغان.   بويد بۇشمەننىڭ دېيىشىچە تاشقىي پلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا كېلىپ باققان ئىكەن.  ئۇ ھېلىقى سىن ھۆججىتىدە ئۆزىنىڭ بىر «تاشقىي پلانېت ئادىمى» بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.  ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىت بىر قىسىم يالغان گەپلەرنىمۇ قىلىدۇ.  ئۇ گەپلەر يالغان بولغاچقا، مەن بۇ يازمىدا ئۇلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايمەن.

ناسا ۋە «Lockheed Martin» شىركىتى قاتارلىق رەسمىي ئورۇنلارنىڭ ھېچ قايسىسى بويد بۇشمەننىڭ ھېكايىسىغا بىرەر ئىنكاس قايتۇرمىدى.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچار تەخسە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېلېۋىزور ئوبزورچىلىرى بولسا ئۇ كىشىنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ.  

مېنىڭ ئۆتكەندە بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە، ئامېرىكا ئۇچار تەخسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، «مەن ئۇچار تەخسىگە چىقىپ، تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى بىلەن بىر ھەپتە بىللە بولۇپ چۈشتۈم» دەۋالغان، ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە كىشىلەردىن 176 نەپەر كىشىنى تىزىملاپتىكەن.  كېيىن يالغانچىلارنى تاپىدىغان ئەسۋاپقا سېلىپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى پۈتۈنلەي يالغان چىقىپتىكەن.  بەزى كىشىلەر راستلا شۇنداق ئىش بولغاندەك بىر خىل روھىي ھالەتكە كىرىپ قالىدىكەن.  مېنىڭچە بۇ ئادەممۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرسى بولىشى مۇمكىن.  ناسا دىكىلەر ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى 1978-يىلى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن.  

شۇڭلاشقا مەن ھەممە قەرىنداشلاردىن بۇ خەۋەرگە ئىشەنمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى ھەققىدە بىر ئايرىم تېما يوللاپ، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلى ئۇچۇر بەرىمەن.

تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىكىسى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


Video emerges of 'Lockheed Martin scientist' claiming aliens are REAL and that he worked at Area 51 on UFO technology


On Deathbed, Former ‘Lockheed Martin Engineer’ With ‘Top Secret Clearance’ Opens Up About…Aliens



1-رەسىم: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  تۆۋەندىكى قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.









مەن «51-رايون» ھەققىدە بۇرۇن بىر پارچە قىسقا ماقالە تەييارلىغان.  بۇ «51-رايون» بۇ قېتىمقى بويد بۇشمەننىڭ «مەن بۇرۇن 51-رايوندا ئىشلىگەن»  دېگەن سۆزىدىكى «51-رايون» نىڭ نەق ئۆزى شۇ.  قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مېنىڭ ئۇ يازمامنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:

ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html
= ==================================== =
بەزى قېرىنداشلار مەندىن ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ.  ئاشۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مېنىڭ تۆۋەندىكى قىسقا يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭلار:

  ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟
http://bbs.misranim.com/thread-110012-1-1.html

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:13:39

شۇنچە كاتتا ئالىم تۇرۇپمۇ يالغان ئېيتىشتىن ئۇيالمايدىكەن توۋا {:136:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:18:42

ئەركىنكامنىڭ ئەستايىدىللىقىغا رەھمەت{:112:}

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:29:56

ئامېرىكا ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى 1978-يىلى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن
دىمەك ئەقىللىق سام تاغىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاللىقاچان بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشلار ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىپتىكەندە.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:30:24

قېرىغاندا مىڭە يىگىلەش كېسىلىغا گىرىپتار بوپقالغان ئوخشايدۇ .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:33:10

تاشقى پىلانت ئادىمىنى بىرنى يىتىلەپ چىقىپ سەھنىدە پۇتۇن دۇنياغا كۆرسەتمىگىچە بىكار زادى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:39:11

نەچچە كۈن ئىلگىرى تېلىۋىزۇردا كۆرەەن بۇ خەۋەرنى .
ئەركىن ئاكىدىن سوراپ باقسام : ئۇنداقتا 51- رايۇن دىگەنمۇ يالغان ئەمەستۇ ؟ مىش -مىش پاراڭلاردىن  بىلىشىمچە  ئۇ يەردە تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ جەسەتلىرى بارمىشقۇ .


MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:04:10

بىلىمخۇمار ئەپەندى: ئامېرىكىنىڭ تۈنجى ئايغا چىققانلىقى ھەققىدىكى مەشھۇر سۈرەتنىمۇ يالغان دەيدىغان ئالىملار باركەن. راس يالغانمۇ؟  

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:08:33

ئەركىنكامنىڭ بۇ تېمىسى بولمىسا بىز تاشقى پىلانىت ئادىمى ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشىپ يۈرەركەنمىز...:lol

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:08:38

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 11:39 static/image/common/back.gif
نەچچە كۈن ئىلگىرى تېلىۋىزۇردا كۆرەەن بۇ خەۋەرنى .
ئەرك ...

مەن «51-رايون» ھەققىدە بۇرۇن بىر پارچە قىسقا ماقالە تەييارلىغان.  بۇ «51-رايون» بۇ قېتىمقى بويد بۇشمەننىڭ «مەن بۇرۇن 51-رايوندا ئىشلىگەن»  دېگەن سۆزىدىكى «51-رايون» نىڭ نەق ئۆزى شۇ.  قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مەنىڭ ئۇ يازمامنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:

ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:10:23

MOHADDIS يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 12:04 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئەپەندى: ئامېرىكىنىڭ تۈنجى ئايغا چىققانلىق ...


  ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟  
http://bbs.misranim.com/thread-110012-1-1.html

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 13:52:52

ئامېرىكىدا ئاشۇنداق سەت ، قورقۇنچلۇق بالىلار ئويۇنچۇقىنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىدىكەن ھە :dizzy:

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:23:39

ناسا دىكىلەر مۇنداق 2 نەرسىگە ئىشىنىدۇ: (1) كائىناتتا بىزگە ئوخشاش جانلىقلار بار پلانېتىلاردىن چوقۇم باشقىلىرىمۇ بار. (2) تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئادەملىرى بىزدىن بەكراق ئەقىللىق ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزدىن بەكراق ئەقىللىق بولغان بولسا، بۇ چاققا ئۇلار بىزنى ئىزدەپ كېلىپ بولغان بولاتتى.  ئۇلار كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز. كائىناتتا 200 مىليارد تىن ئارتۇق گالاكسى بار.  بىزنىڭ سامان يولى گالاكسىدا 200 مىليارد تىن ئارتۇق يۇلتۇز بار.  شۇڭا جانلىقلار ياشايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
---------------------------------------------------------
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يۇلتۇز قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر قاتار پىلانىتلىرى بولغان يۇلتۇز سىستېمىسىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مارىس، يۇپىتېر دېگەندەك پىلانىتلار يۇلتۇزنىڭ ھەمراھلىرى ھېسابلىنامدۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:33:09

ئاپلا، ماۋۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلىنغان ئادرىسلاردىن بىرىدىكى مەزمۇنغا ئىنكاس يازدىم دەپ بۇ يەرگە يېزىپتىمەن.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:37:21

ناۋادا بىزدىن مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا، ئەقلىمۇ بىزدىن قانچە ھەسسە يۇقۇرى جانلىق بار بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ياشاش ئۆمرى 100 يىلدىن ئاشمىسا، ئۇلار نۇر تېزلىكىدە ئۇچىدىغان نەرسە ياساپ بىزگە قاراپ ئۇچسا، يەر شارىغا كېلىش ئېھتىماللىقى، يەنى بىزنى تېپىۋېلىش ئېھتىماللىقى نەچچە پىرسەت؟ (بۇنى ناسادىكىلەرنىڭ 2-ھۆكۈمىگە قارىتا ئېيتتىم. ئىزدەپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىزدەك ئەقىللىق ئەمەس دىگىنى ئىلمىي ئەمەسمىكىن)

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:48:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 14:50  


(28) اﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. اﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر  (29)

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:52:55

مەن ئاۋۇ رەسىملەرنىڭ راست يالغانلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ لېكىن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.
جەمئىيەتنى بىر خىل ۋەھىمە قاپلاپ ، قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ ، تەرتىپ قالايمىقانلىشىدۇ دەپ خەۋەر قامال قىلىنىپ، ئىنكار قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ بار دەپ قارايمەن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئىنكار قىلغىنى بىلەن......

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:56:39

ئېدۋارد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ جەسىتى، ۋە پاچاقلىنىپ كەتكەن ئۇچار تەخسە پارچىلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ دەپ كۆردۈم
روسۋېردىكى ئۇچار تەخسە ۋەقەسىنى ھازىرمۇ يا ئىنكار قىلماپتۇ يا راست دىمەپتۇ، گەپ قىلماي تۇرۇۋاپتۇ دەپ كۆردۈم

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:11:14

ئالىملار دىۋەڭ بولۇپ قالسا ، دۇنيانى قالايمىقان قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەم بەلكىم ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا نورمال بولمىغانلىقى مۇمكىن...

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:13:19

رەخمەت سىزگە .سىزنىڭ ئاشۇنداق ئىلىم پەننىڭ يۇقۇر قاتلىمىدىكىلەر يىغىلغان ئورۇندا بولۇپ قالغىنىڭىز بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بەخرى. نىمىلا بولمىسۇن سىز بار ، بىز دۇنيادىكى يىڭىلىقلارنى ۋە مۇشۇنداق يالغانچىلىقلارنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز.بىزگە ئوخشاش تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەتكە نىسبەتەن ناھايىتى زور خەۋەر دەپ قارايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىتىمىز ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل ،ساددا مىللەت ، خەقلەرنىڭ گىپىگە ئاسانلا ئىشىنىپ ،بىلەرمەنلەر كۆپىيىپ ،ئۆزىچە بەس مۇنازىرىلەر كۆپۈيۈپ ،ئا ئالەمدە بولغان ئىشقا بۇيەردە چاچلىشىپ ، دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ كىتىدۇ.
  بەك ياخشى يىزىۋاتىسىز.يىڭىلىقلاردىن بىزنى ئالدىن خەۋەر قىلىپ تۇرىۋاتىسىز.ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي. سالامەت بولۇڭ.
بەت: [1] 2 3 4
: NASA: يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان