dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 09:01:14

مېنىڭ قوشنام

                                                                 (مىكرو ھېكايە) ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن  

    مېنىڭ بۇرۇنقى قوشنام ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ خىزمىتى شەھەرگە يۆتكىلىۋېدى، شەھەردىن بىريۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋىلىپ ، خوتۇن – بالىلىرىنى ئېلىپ شەھەرگە كەتتى .
ئۇلار شەھەرگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن كۆڭلىمىز بىرقىسمىلا بولۇپ خۇددى ئۆزىمىزنى بىرەر ئەزايىمىز كەمدەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق . چۈنكى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئىجىل – ئىناق ، ئۇرۇق- تۇغقاندەك ياخشى ئۆتەتتۇق .    
ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە «بىز بۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق» دەپ يېشى 45ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆزى ئورۇق ، چىرايى كۆمۈردەك قارا ، كىيىم-كېچەكلىرى رەتسىز ۋە مەينەت ، ساقال-بۇرۇتى ئۆسۈپ كەتكەن خۇددى تۈرمىدىن ھېلىلا چىققان ئادەمنى ئەسلىتىدىغان غاپپار ئىسىملىك بىر كىشى سېمىز ئايالى بىلەن بەش بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى .

مەن ، ئايالىم ۋە بالىلىرىم خۇشال بولۇشۇپ ، يېڭى قوشنىلارنىڭ ئۆي-بىساتلىرىنى توشۇشۇپ بەردۇق . چۈنكى «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دىگەن ئىدىيە ئېڭىمدا ھۆكۈمران ئىدى .
    يېڭى قوشنام غاپپارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ئېرىق بولۇپ ، ئۆيدىن چىقىش ، كىرىشتە ، ھارۋا ۋە ۋېلىسپىت ئېلىپ كىرىش ، چىقىشلىرىدا بولسۇن ناھايىتى قىيىنچىلىق تۇغۇلاتتى .   
  ئۆيۈمنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ياغاچلىرىم بولغاچقا ماگىزىندىن مىخلارنى ئەپكىلىپ ، ئېرىقنى مېتىر بىلەن ئۆلچەپ ، ياغاچلارنى كېسىپ ، بىر كۆۋرۈك ياساپ بەردىم ، بۇنىڭلىق بىلەن غاپپار ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇشۇپ كەتتى .     بىركۈنى ئەتىگەندە چېيىمنى ئىچىپ بۇلۇپ ، كىيىم-كېچەكلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ خىزمىتىمگە ماڭاي دەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىشىمغا بىر چۆگۈننى كۆتۈرگىنىچە يېڭى قوشنام غاپپار ئۆيگە كىردى ۋە :     - ئەپەندىم چاي قايناتقان بولسىلا بىرئاز بەرسىلە بوپتىكەن ، ئۆيدە ئوتۇن-كۆمۈر يوق بولۇپ قاپتىكەن ، چاي قاينىتالمىدۇق- دېدى .    
-ھە قايناتقان ، ئۆيدە بالىلار بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بەرسۇن – دەپ بالىلارنى ئىما قىلىپ ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ مەكتەپكە كەتتىم .     يەنە بىر كۈنى ئەتىگەندە ئالدىراش يەنە مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام ، توساتتىن يەنە غاپپار چۆگۈننى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى-دە :     -ئەپەندىم سۇلىرى بارمىدۇ ؟ بۈگۈن ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن ۋاقچە تۇرۇپتىكەنمىز، تۇرۇبا سۈيى توختاپ كېتىپتۇ- دەپ ھىجىيىپ تۇراتتى .     -ئېلىڭ، ئۆيدە بار- دېدىم چىرايىمنى تۈرۈپ .   
   «مېنىڭ بۇ قوشنام مىجەزى ئاجايىپ بىر قوشنىمۇ نېمە؟»     يەنە بىر كۈنى ئەتىگەندە  مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك چېكىلدى ، ئىچىمدە  ئاچچىقىم كېلىپ «كىمدۇ بۇ قاغا پوق يېمەستە ئىشىكنى چەككەن ؟» دەپ غودۇڭشىغىنىمچە ئىشكنى ئاچتىم . ئىشىك ئالدىدا ھېلىقى ئاجايىپ قوشنام غاپپار ھىجايغىنىچە:      – ھە ئەپەندىم ، ساقال ئالغۇچنىڭ پىچىقى بارمىدۇ؟-دەپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقال-بۇرۇتىنى سىلىغىنىچە سورىدى .     -بار،- دېدىمدە ، بىر پىچاقنى ئېلىپ بەردىم .     غاپپارنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ ، ئۇلار دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ بالىلاربىلەن بىزنىڭ ھويلىدا ئوينايتتى ، بىركۈنى بازاردىن بەش كىلوگرام قوي گۆشىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ پارچىلاپ قازانغا سېلىۋاتساق ، ئۇنىڭ قىزلىرى كۆرۈپ قېلىپ بىردەم ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيىگە چىقىپ كەتتى-دە ، ئىككى سائەتتىن كېيىن بىر قىزى يوغان بىركورىنى كۆتۈرۈپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ :     -ھەبىبۇللا مۇئەللىم ئاتام ئۆزلىرىنى سالغان گۆشلىرىنىڭ شورپىسىنى بەرسۇن دەيدۇ-دېدى .     مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايالىمغا قارىدىم ، ئايالىممۇ ماڭا بېرەيمۇ دېگەندەك قاراپ تۇراتتى .     -گۆشنىڭ شورپىسىنى قوشنىلارغا بېرىڭە –دېدىم .   
  ئايالىم كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ، يۇمشاق كۆڭۈل ئايال بولغاچقا قوشنامنىڭ قىزىنىڭ يوغان كورىسىنى توشقۇزۇپ دېگۈدەك شورپا بېرىپ ، گۆشنىمۇ بىر-ئىككى پارچە قوشۇپ ئاندىن ئۇنى يولغا سالدى . مەن ئۆيگە كىرىپ بېشىمنى تاتىلىغاچ ئىچىمدە " بۇ قوشنام ئاجايىپ بىرغەلىتە قىلىقى ۋە مىجەزى بارقوشنىمۇ نېمە؟ ئادەمنى تۈزۈكرەك بىرەر چۈشلۈك تاماق يىگىلىمۇ قويمىغان ؟ ئەمدى گۆش يېيىشنى خىيال قىلغىلىمۇ بولمايدىغان بولدىمۇ نېمە؟ " دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم .     قارا قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى . قاش قارايغان ۋاقىتتا ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، ئىشىك چېكىلدى .     -ھە ئەپەندىم ، ئولتۇرۇپسەنمۇ؟ - دېگىنىچە يەنە قوشنام غاپپار كىرىپ كەلدى .   
  -مۇنداق ئىش ئەپەندىم ،-دېدى ئۇ سۆزىنى باشلاپ ،- بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن لەمجىن بازىرى خاندۇ4-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلىكىم ئىسىملىك بىربالىنىڭ نىكاھ تويىنى قىلىپ بەرگەنتىم (ئۇ توي-تۆكۈندە ناغرا-سۇناي چالاتتى)ئۇ چاغدا ئۈزۈملەرنى ساتالمىدۇق ، كېيىن بىركەلسەڭ بېرەرمىز دېگەنىدى ، بۇ قېتىم موتسىكىلىت بىلەن بېرىپ پۇلنىڭ ئۆسۈملىرى بىلەن ئەكىلەي دەيمەن ، شۇڭا ماۋۇ قىشلىق ئايىقىڭ بىلەن ئىشتىنىڭنى بېرىپ تۇرغىن ، ئىككى سائەتتە قايتىپ كېلىمەن. -دېدى ئايىقىم بىلەن ئىشتىنىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .     -خاپا بولمىغىن قوشنام ، ھېلى قورساقنى ئەستەرلىۋىلىپ، سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە مەكتەپكە بېرىپ كومپىيۇتېر ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ-دېدىم .    
ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ ، ئورنىدىن تۇردى-دە :     -مەن بىلىمەن ، مۇئەللىم دىگەننىڭ مەكتەپتە بەك ئىشى كۆپ ، شۇڭا كۈندۈزى بەك ئالدىراش ئىشلەيسىلەر، ئەتە ئاخشامغۇ ئايىقىڭ بىلەن ئىشتىنىڭ بىكار بولۇر ھە؟!- دەپ چىرايىمغا تىكىلىپ تۇراتتى .     -ئەتە ئاخشام يەنە مەكتەپكە بېرىپ خەنزۇچە ئۆگىنىمەن ، ھازىرقى ۋاقىتتا خەنزۇچە ئۆگەنمىسەك ، كومپيۇتېر ئۆگەنمىسەك 21-ئەسىردىكى ساۋاتسىزلاردىن بولۇپ قالىمىز، دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشالمايمىز، بىز ياخشى ئۆگەنمىسەك سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارنى ياخشى ، لاياقەتلىك تەربىيىلىيەلمەيمىز ، شۇڭا مېنىڭ كۈندۈزىمۇ ، ئاخشىمىمۇ ، ئۆزەممۇ ، كىيىم-كېچەكلىرىممۇ بىكار ئەمەس-دېدىم ئاچچىقىم بىلەن .    
ئۇ مەندىن خاپا بولۇپ ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .   
  مەن ئويلىنىپ قالدىم . ماقال-تەمسىللەردە «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دەيدىغان گەپ بارئىكەن ، لېكىن مىنىڭ بۇ يېڭى قوشنام  كەلگىلى بىر ئاي بولا-بولمايلا ، چىرايىمنى ئېچىپ بەرسەم ، مېنى چۆمۈچ ئاخۇن كۆرۈپ قالدىمۇ –نېمە؟ ھەركۈنى دېگۈدەك تۇرۇپ سۇ دەۋاتقان ، تۇرۇپ چاي دەۋاتقان ، يەنە تۇرۇپ ساقال ئالغۇچ دەۋاتقان ، تۇرۇپ كۆمۈربولسا بەرگىن دەۋاتقان ، ئەمدى بۈگۈن ئۇ تەرەققىي قىلىپ كىيىۋاتقان كىيىملىرىمنى سورىدى .
ئۇ يەنە تەرەققىي قىلىدىغان ، مەن ئۇ سورىغان نەرسىلەرنى بېرىۋىرىدىغان بولسام مېنى كىيىمسىز يالىڭاچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويامدۇ-نېمە؟ مەن ئۆزەمگە پۇختا بولمىسام بولمىغۇدەك «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئوسالمۇ نېمە؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم .                    
           (ئاپتورى : پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە )

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 09:09:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەزمۇننى ياخشى تاللاپسىز...  لېكىن بۇ خەۋەرگىلا ئوخشاپ قالغاندەك قىلىدۇيا!

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:11:12

مەزمۇنىنى چۈشۈنىشلىك قىلىپ يېزىپسىز .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:30:31

بۇنداق ئىشتان ، ئاياغ سورايدىغان ئادەم يوقتۇ ھەرقانچە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتىن بەك چەتنەپ كىتىپتۇ

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:10:45

نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالمىغانلا بولسا خوشنىسىدىن ئىشتان سوراپ يۇرمەس؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:58:11

«....ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە :dizzy: «بىز بۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق» دەپ يېشى 45ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆزى ئورۇق ، چىرايى كۆمۈردەك قارا ، كىيىم-كېچەكلىرى رەتسىز ۋە مەينەت ، ساقال-بۇرۇتى ئۆسۈپ كەتكەن خۇددى تۈرمىدىن ھېلىلا چىققان ئادەمنى ئەسلىتىدىغان غاپپار ئىسىملىك بىر كىشى سېمىز ئايالى بىلەن بەش بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى . ....»

ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئۆي بىلەن تەۋەلىك ئالاقىسى قالمىدى. شۇڭا مۇۋاپىقراق جۈملىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىڭىز. كەچۈرۈڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 19:07:52

قوشنىسىنىڭ ئىشتىنى بىلەن قىشلىق ئايىقىنى سوراپ كىيىدىغان يۈزى قىلىن قوشنىمۇ بارمۇ تىخى؟

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:11:19

«يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئوسال»مۇ نېمە؟……


قەلىمىڭىزگە بارىكاللا، بۇ مەن ئاڭلىغان ئەڭ لاۋزا ماقال تەمسىل بولدى

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:28:19

ھەممىدىن قىززىق بولغىنى ، ‹ دادام شورپىسىدىن بەرسۇن دەيدۇ › دېگىنى بوپتۇ .:lol
خوشنىلا ئارا ئۆتنە يىرىم بوپتۇردۇ ، بىزنىڭمۇ ھاجىتىمىز چۈپ قالدۇ . ئامال بار قايتۇرمىغان تۈززۈك،
ئامما ئىشتان سورايدىغان قوشنىدىن يىراق تۇرغان تىخمۇ تۈززۈك.

nizafat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 07:14:12

ئاپتورنىڭ ئىشتىنى قانداق ئىشتان بولغىيتتى ؟ تېرە ئىشتان كىيىدىغان ئىشلار قالمىغاندۇ ھازىر

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 08:17:23

ئادەم دېگەندە نومۇس تۇيغۇسى يوق ياكى بەك ئاجىز بولۇپ كەتسە ئاشۇنداق  قىلىدۇ.. تىلەمچى(ھەقىقى قىيىنچلىقى بار كىشى ئامال بار كوچىغا چىقىپ قالمايدۇ) ،ئۇچى -بۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇ!!!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 08:23:31

مەن بۇ ھېكايىگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستمال تەلىۋىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بەت: [1]
: مېنىڭ قوشنام