ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 02:05:04

خىزمەت! سەن قانچىلىك نىمىتتىڭ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArslanTekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 03:21  

-ئاڭلىدىڭلىمۇ ؟ توختى خىزمەتتىن ئىستىپا سوراپتۇ ؟
- ھە ، شۇنداق بوپتۇمۇ ؟ نىمسىگە ئىستىپا سورايدىكەن ئۇ قۇڭالتاق ؟ يا  لاتارىيىدىن مىليۇن چىقىپتۇمۇ يە ؟
- ياقەي ، ئاڭلىسام توختى ئۆزىنىڭ بىلىم قابىليىتىنىڭ بۇ خىزمەتكە ماس كەلمەيدىغىنىنى دەپ شۇجىغا ئىستىپا تاپشۇرۇپتۇ .
- ۋاي قوۋرۇغامەي ... بىلىم قابىليىتى ماس كەلمىگۈدەك ئۇ شۇ ئونۋىرسىتىتنى چالا پۈتتۈرگەنغۇ ؟
- ...
جىددى بىر تەكشۈرۈشكە ماتىرىيال تەييارلاپ ئولتۇرۇپ ، كاللامنى ئىشخانىغا ئىش بىجىرگىلى كىرىپ شۇجىغا  ساقلاپ ئولتۇرغان ئىككى خوتۇننىڭ شەيتىنىغا ئالدۇرۇپ قويدۇم ، ئامال يوق كومپىيوتىردىن ئۇنى - بۇنى ئاختۇرغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ پاسار باسماس سۆزلىرىگە قولاق سالدىم .
- شۇنى بىر دىمەڭلا ، ئۇ نىمە ھېلىقى ئىقتىساد باشقۇرۇشمۇ ، ئىشقىلىپ سەنپەنچىلىكنى پۈتتۈرۈپتىكەنمىشقۇ ؟ شۇڭا شۇنداق دىگەن چېغۋا .
- ئەمىسە مەكتەپنىڭ قېرى بوغالتىرىغا شاگىرت بولۇپ كىلەر يىلى ئۇ تۆمۈر خوراز پىنسىيىگە چىققاندا شۇنىڭ قېيسىق ئورۇندىقىغا چاپلاپ مەزمۇت ئولتۇرسىلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ ؟ مانا بىزگىمۇ 25 يىلدىن ئاشتى ، بىزمۇ ۋايسىماي ئىشلەۋاتىمىزغۇ ؟
- بۇ كەمدىكى باللانى بىرنىمە دەپ بولمايدۇ ، ھازىر ئايلىق مائاشنى ساناپ يانچۇقىغا قاتلاپ تىقىپ قويمىغانلا يىرى قالدى .
- ھە شۇنداق قىلىپ ، نىمىش قىلغۇدەك ئۇ توختەك ؟
- ئاڭلىسام ئايالىنىڭ ئاكىسى ئىچكىرىدە پايپاق - پىتەك شىركىتى دەمدۇ بىر نىمە قۇرۇپتىمىش ، شۇنىڭغا ئىش باشقۇرغۇچى بولامىش .
ئېغىزىم قىچىشىپ گەپ قىستۇرۇپ قويدۇم :
- ئىش باشقۇرغۇچى ئەمەس ، باش دىرىكتور.
- ۋاي ئۇكام ، باش دىرىكتورمۇ ياكى پايپاق سانىغۇچىمۇ ، چۆچىنى كۈزدە سانايلى . توختەك چوكا پاچاق خوتۇنىنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ ، كۈزەككە پايتمىسىنى تەتۈر يۆگىمىسە قاراپ تۇرۇڭ .
- شۇنى دەيمەن ، - دىدى يەنە بىر خوتۇن ئۇنىڭ گىپىنى قۇۋۋەتلەپ ، - قاراپ تۇرۇڭ ، ئۇ بىر يىلغا قالماي پوتلىسى ئاچىماق چۇۋۇلۇپ ، مەكتەپنىڭ درۋازىسىغا نەچچە تەلمۈرىدۇ تېخى ...
بۇ پاراڭلار ئۈلۈشكۈن  مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىستىپانامە تاپشۇرغان خىزمەتدېشىم توختى ئۈستىدە بولىۋاتاتتى . توختى ئۆزى يۇۋاش ، چىقىشقاق ، مىجەزى ئوڭلۇق بالا ئىدى . بايا دەپ ئۆتكەندەك ، ئۇ نوقتىلىق ئونۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، تەقدىر چاقىغا يۆگىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتقىلى 5 - 6 يىلدەك بولۇپ قالغان تىرىشچانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى ، خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ ، مەن قاتارلىق بىرقانچەيلەن بىلەن يېقىن ئۆتكەن ، بىر يەرگە كەلسەك گىپىمىز تۈگىمەيتتى ، لېكىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئىستىپا بىرىشى مىنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى ، مىنىلا ئەمەس پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا قىزىق نوقتىغا ئايلانغاندى ، مەنمۇ بۇ قىزىق نوقتا ساھىبىلىرىنىڭ بىرى ئىدىم ، شۇڭا بىردەم كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىدە بۇ كوت - كوت خوتۇنلارنى گەپكە سېلىپ باقماقچى بولدۇم .
- مەن توختىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن . ئادەم ئۆزى تاللىغان نىشاننى توغرا دەپ قارىسا ئىككىلەنمەي مېڭىشى كېرەك . خىزمەت قىلىشتىن مەقسەت نىمە ؟ يەنە شۇ مائاش ئېلىپ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ خىزمەت قىلماي تىجارەت قىلسىمۇ ئوخشاشلا تۇرمۇشنى قامدىغىلى ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقىلى بولىدىغۇ ؟
بۇ گىپىم ئۇلارنى «گۇم» قىلىپ بىراقلا پارتلىتىۋەتتى .
- نىمىنى تۆھپە قوشىدۇ ئۇكام ، - دەپ بوينىنى سوزدى تەمبۇر يۈز خوتۇن ، - تۆھپە قوشتى دىسە ، مانا ئايشەم ئىككىمىزنى دىسە بولىدۇ ، بىزدەك ھۆكۈمەت بەرگەنگە شۈكرى قىلىپ ، خىزمەت ئورنىمىزدىن ئايرىلماي ئىشلىگەنلەرنى تۆھپە قوشتى دەيمىز .
-ھە ... شۇنداق ،ھۆكۈمەت بەرگەن مائاشنى ياراتمىسا ، ھامىنى بىر كۈنى نەس باسقىنى شۇ ...
- ئۇنداق دىگىلى بولماس ، - دىدىم مەن رەدىيە قايتۇرۇپ ، - دۆلىتىمىز تېخى خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ ، باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى چەكلەيدىغان يول تۇتقىنى يوققۇ ؟ توختى ئىستىپا سورىسا ، مەكتەپتە بىر ئىش ئورنى بىكاربولدى دىگەن گەپ ، جەمئىيەتتە ئىش ئورنى كۈتۈپ تۇرغان بىر نەپەر ياشقا پۇرسەت يارىتىلدى دەيمىزغۇ ، ئەگەر قانۇنغا ، ئەخلاق مىزانىغا خىلاپ بولمىسىلا ، ئادەم ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تۇرمۇشىنى قامدىسا ، بۇنى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلات چەكلىمەيدۇ .
تەمبۇر يۈز خوتۇن گىلىنى قىرىپ گەپ باشلىماقچى بولىۋىدى ، شۇجى  كىرىپ پارىڭىمىز توختاپ قالدى . ئۇلار ئىشىنى بىجىرىپ كىتىپ قالدى . پاراڭ ئۈستىگە كىرگەن شۇجى نىمىنىدۇر ھىس قىلغاندەك مەندىن سورىدى :
- ھە باشلىق غوجام ، بۇ خانىملار بىلەن نىمىنى تالىشىپ ئولتادىڭىز ؟ دەڭە مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقاي .
پىشقەدەم باشلىقىم بولغاچقا ئادەتتە مەنمۇ ئەركىلىگەندەك چاقچاق قىلىپ قوياتتىم .
- نېمىنى تالىشاتتۇق ؟ سىلىنى قاچان پىنسىيىگە چىقىدىكەن دېدى ، مەن مېنى پىنسىيىگە چىقىرىۋېتىپ ئاندىن كېتىدىغان ئوخشايدۇ ئۆيىگە دېدىم ، بوپتۇمۇ ؟
شۇجى تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرىۋىتىپ قېقىلىپ كەتتى ...
- ئۆھھۆ ... دىمىسىمۇ مىنى قويىۋەتسەڭلار بولاتتى ئەمدى ، ھېلىمۇ كۆپ قىيناپ كەتتڭلا...
- چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، توختىنىڭ گىپى بولدى .
شۇجى :
- مەنمۇ شۇ گەپنى سىزگە دىمەكچىدىم ، ئۇ ئۈلۈشكۈن مىنى ئىزدەپ كەپتىكەن ، ئىستىپانامە كۆتۈرۈپ كەپتۇ ، گەپ سورىسام ، راستىنى دىگىلى ئۇنىمىدى ، سىز ئۇنىڭ بىلەن يېقىن بولغاندىن كىيىن پاراڭلىشىپ بېقىڭ ، ئەگەر ئەرزىمەس ئىشلارغا قېيداپ قېلىۋاتقان بولسا ، ئوقۇشماسلىقنى تۈگىتەيلى ، ئۇ بىر ياخشى كادىردە ، مىنىڭ ئۇنى قويىۋەتكۈم كەلمەيدۇ .
تېلىفۇندا توختى بىلەن كۆرىشىدىغانغا  كىلىشىپ ئىشخانىدىن چىقتىم ...
(داۋامى بار)

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 02:36:46

قەلىمىڭىز سۈپەتلىك ئىكەن. ئىملاسىغا يەنە بىر  ئاز  كۆڭۈل بۆلگەن بولسىڭىز......

نىمىنى تالىشاتتۇق ؟ سىلىنى قاچان پىنسىيىگە چىقىدىكەن دىدى ، مەن مىنى پىنسىيىگە چىقىرىۋىتىپ ئاندىن كىتىدىغان ئوخشايدۇ ئۆيىگە دىدىم ، بوپتۇمۇ ؟

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 02:58:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArslanTekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 03:26  

توختى بىلىملىك بولۇپلا قالماي ، گەپ قىلغاندا ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىپ قويىدىغان يەرلىرى بار ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ قالسام پايدىسى بولار دەپ قاسىم ئىسىملىك يەنە بىر خىزمەتدېشىمنى چاقىرىپ قويدۇم . توختىنىڭ ئۆيى بازارنىڭ چېتىدىرەك بولۇپ ، يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتاتتى . بىز تېلىفۇنلىشىپ ھاياللاشمايلا ، قاسىم بىلەن بىللە توختىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق . توختىمۇ بىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ، قىزغىنلىق بىلەن مىھمانخانىغا باشلىدى .
- قانداق توختاخۇن ؟ زوڭتۇڭ ئىستىپا سورىغاندەك تەۋرىتىۋەتتىڭلىيا مەكتەپنى ، - قاسىم مىھمانخانا بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا داڭقان پۇتى گەپ باشلىدى .
- ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىش ، يىڭى ئىش تېپىپ ئىشلەش دىگەن بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلارغۇ - دىدى توختى جاۋابەن ، - بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نەرى بار ؟
- راست ، دىمىسىمۇ بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولغاچقا ، بىزمۇ گاڭگىراپ قالدۇق . زادى نىمە بولدى ئۇكام سىزگە ؟
- نىمە بولدى دىگىنە ؟ دەردىڭ بولسا تەڭ تارتىمىز جۇما - دىدى قاسىم .
توختى بىزنىڭ كىلىشىمىزدىنلا مەقسىدىمىزنى چۈشىنىپ بولغاندەك ، بىزگە چاي سۇنىۋىتىپ ئالدىرىماي گەپ باشلىدى .
- سىلەرنىڭ كىلىدىغىنىڭلارنى بىلەتتىم ، مىنى يوقلاپ كەلدىڭلىمۇ ياكى سوراق قىلغىلىمۇ ؟
- ياقەي ئۇكام ، - دىدىم مەن ئارىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتمەكچى بولۇپ ، - سىزنى يوقلاپ ، پاراڭلىشايلى دەپ كەلدۇق . بولدى مۇشۇ چېيىڭىز يىتەرلىك ئۇكام ،داستىخانغا ئارتۇقچە كايىماڭ ،  ئولتۇرۇپ نىمە گىپىڭىز بولسا دەڭ ، كۆڭلىڭىزدىكى بىزدىن يۇشۇرماڭ .
- بولىدۇ ، ئۇنداق بولسا كۆڭلىڭلاردىكى تۈگۈننى يىشىۋىتەي ، بۇ يىل 30 غا يېقىنلىشىپتىمەن . بالام 2 ياشتىن ئاشتى ، - دىدى توختى سان - سىفىرلىق گەپ باشلاپ ، - مۇشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا مەن يەنە 20 يىل ئىشلىسەم بالام ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە تاپقان تەرگىنىمنى بالامنىڭ ئوقۇشىغا سەرپ قىلىپ بولغۇدەكمەن ، مائاشنى ئۆستىمۇ دەيلى ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەممە نەرسە ئوڭ تاناسىپ يۆنىلىشتە مېڭىۋىرىدىكەن . زۆھرەگۈلنىڭ ئاكىسى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئىشلەۋاتقىلى 15 يىل بولغان خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن . ھازىر ئىچكىرىدە سودا كارخانىسى قۇرۇپ ، يىنىك سانائەت ئىكىسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خېلى ھاللىنىپ قالدى ، يېنىدا باشقۇرۇغۇچى كەم بولغاچقا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ مىنى تەكلىپ قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتىپ كەلگەن ، مىنىڭمۇ دەسلەپتە كاللامدىن ئۆتمىگەن ، لېكىن ئويلاپ باقسام ... ھەي نىمە دىسەم بولا ، ئىشقىلىپ بۇ خىزمەتنى قىلمايدىغان يىرىگە يەتتى زادى ...
- توختى ، - دىدىم مەن ئۆزەمنى سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ ، -ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىمىز بىلەن ئىلگىرىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ، خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىقلىقى راست ، لېكىن سىزمۇ كەتسىڭىز ، مەنمۇ كەتسەم ، ئۇمۇ كەتسە ، مائارىپىمىز قانداق تەرەققى قىلىدۇ ؟ ئەۋلادلىرىمىزنى كىم تەربىيلەيدۇ ؟ سىزنىڭ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا تارتقان جاپالىرىڭىزنى بىز بىلىمىز ، لېكىن بىزدىن جاپالىق شارائىتتا ئىشلەۋاتقانلارمۇ شۈكرى قانائەت قىلىپ ئۆتىۋاتمامدۇ ؟ مائاش ئاز بولسىمۇ تۇرمۇشقا يىتىدۇ ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ يىتەرلىك ئەمەسما ؟
قاسىم گەپ قىستۇرۇشنىڭ پايدىسىزلىقىنى ھىس قىلىغاندەك «قېنى بىر نىمە دىمەمسەن؟» دىگەندەك توختىغا قارىدى .
- راستىنى ئېيتسام ئاكا ، مەن بۇ خىزمەتكە كۆنەلمىدىم . يىڭى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەن ئىدىم . لېكىن رىئاللىق ئادەمنىڭ ئىدىيىسىگە باقمايدىكەن . ئىسىڭىزدە باردۇ ؟ مەن 3 يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان بىرقانچە سىناقنى ئۆزۈم مەسئۇل بولغان دائىرە ئىچىدە يولغا قويغان ئىدىم ، لېكىن باشباشتاقلىق قىلىپ تۈزۈمنى بۇزغان ئاتاققا قالدىم . سىلەردەك رەھبەرلەرنىڭ دىگىنىچە بولغاندا ، بىز ئانىسىنىڭ ئىزىدىنلا ماڭىدىغان ئۆردەك چۆجىسىكەنمىز ، بىزدە مۇنداق بىر ناچار ئادەت بار . بالا يىڭى ئەقلىگە كەلگەندە ئۇنىڭغا «ئانىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ» دەپ تەربىيە بىرىمىز ، مەكتەپكە بارغاندا بولسا «ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ» دەپ تەربىيە بىرىمىز ، چوڭ بولۇپ خىزمەتكە چىققاندا بولسا ، «باشلىقىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ» دەيمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىزدە باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان ئىدىيە چوڭقۇر بىخ سۈرگەن . بۇ قالاق ئىدىيە بىزنى مۇستەققىل پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان . ئۆتكەن يىلى ئىسىڭىزدە بولىشى مۇمكىن ، مەن سىرتقا 3 ئايلىق تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلدىم ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارغا تەجىرىبە تۇنۇشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇڭلار ، نىمە گەپنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمەيمەن ، لېكىن كىيىن يەنىلا مىنى ياغاچ ھەرىدەڭ دىسەك كىسەك قۇيدى دەپ مازاق قىلىشتى ، مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىم ئىقتىساد باشقۇرۇش ، ئەمەلىيەتتە ئوقۇغان كەسپىم بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ماس كەلمەيدىغىنىنى بىلىمەن . مەن پەقەت رەھمەتلىك دادامنىڭ ئىدىيىسى بويىچىلا ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، خىزمەتكە چىققان . دادام بىر ئۆمۈر مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، مىنى بۇ كەسپكە ئەكىرگەن . لېكىن مەن نىمىگە ئېرىشتىم ؟ تۆت تەڭگە مائاش شۇنداقمۇ ؟ ئەسلى مىنىڭ ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغىنىم بۇ ئەمەس ئىدى ، مىنىڭ ئارزۇ  قىلىدىغىنىم بولسا ، ئەۋلاد تەربىيلەش ئۈچۈن يۈرەك قېنىمىزنى سەرپ قىلىدىغان كەڭرى سەينا ، مائارىپ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان بىيپايان بوشلۇق ، داش قازان چېقىلغان ، قابىليەتلىكلەر ئەتىۋارلىنىدىغان جەڭگاھ ئىدى ، بىراق ، بۇنى ھازىرلاپ بىرەلىدىڭلارمۇ ؟
توختى سۆزلىگەنسىرى ھاياجانلىنىۋاتاتتى .
- سىزنىڭ بەزى ئىشلارنى ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقىنىڭىزنى مەن بىلىمەن ، - دىدىم ئارلىقتا گەپنى تارتىۋىلىپ ، - لېكىن نۇرغۇن ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشگە ئەگىشىپ ، ئاستا - ئاستا ئوڭشىلىدۇ ، بۇ ئىشلار بىر - ئىككى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ - دە ؟
- شۇنداق ئاكا ، بۇ تەرىپىنى مەنمۇ بىلىمەن ، ئۆتكەن يىلى مەن ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىش ئىلتىماسى سۇندۇم ، مىنىڭ ئۆيۈم يېزىدا ، ئايالىمنىڭ خىزمىتىمۇ مۇشۇ يەردە ، ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ناھىيىگە يۆتكىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشىمدا باشقا مەقسەت يوق ، پەقەت ئۈزۈمنىڭ ئۈگەنگەنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرارمەنمىكىن ؟ دىگەننى ئويلىغانىدىم ، لېكىن بۇنىڭغىمۇ يەنە شۇ داش قازان ، چوڭ تاۋاق يول قويمىدى . سۆزلەپ كەلسەم ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلار كۆپ ...

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 03:18:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArslanTekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 03:28  

قاسىم توختىنىڭ گەپلىرىدىن ھاڭۋېقىپلا قالغانىدى . توختىغا گەپ يىگۈزەلمەيدىغانلىقمغا كۆزۈم يىتىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدم .
- ئۇنداقتا ، خىزمەتتىن چىكىنگەندىن كىيىن ئىچكىرىگە چىقىپ ، زۆھرەگۈلنىڭ ئاكىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەمسىز ؟
- شۇنداق ئاكا ، شۇ ئاكىمىزنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيمەن . گەرچە مەن ئۇنىڭ شىركىتىگە رەسمىي ئىشقا چۈشمىگەن بولساممۇ ، لېكىن يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا سودا ئىقتىساد جەھەتتە كۆپ مەسلىھەت بەردىم . ھازىر ئۇنىڭ يۈرۈشتۈرىۋاتقىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ يىنىك سانائەت ماللىرى ، گەلگۈسى بەش يىلدا ئۇنىڭ يەنە يۇرتىمىزغا مەبلەغ سېلىش زاۋۇت قۇرۇش نىيىتى باركەن . مەن جەمئىيىتىمىزدە ئىشلىگۈچى قابىليىتىگە ئاساسەن ئىىشلەتكۈچىنى تاللايدىغان ، قابىليەت ، بىلىم ، ئىقتىدار ھوقۇقنىڭ قۇربانى بولمايدىغان شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى بەك ئارزۇ قىلىمەن ، بەلكىم كۆرىۋاتقانسىز ، ھازىر چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلار ، ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىۋاتقانلارمۇ ئىلگىرى چوڭ تاۋاقنىڭ نېنىنى يەپ باققان ، ئۇلار ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ھىساپلىنىدىغان ئايلىقتىن ۋاز كىچىپ ، قابىليىتىگە يارىشا يول تۇتقانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشەلىگەن . مەن دۆلەت شىتاتىدىكى خىزمەتنى قىلساق بولمايدۇ دىمەكچى ئەمەس ، ئەگەر سەن ئىش ئورنۇڭدىن رازى بولمىساڭ ، باشقا  ئورۇنغا ئىنتىلسەڭ نىمىشقا بولمايدىكەن ؟ بىر ئورۇنغا مەھكەم يېپىشىۋىلىپ ، رامكىدىن چىقىپ كىتەلمەيدىغانلارنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىگە ئىچ ئاغرىتىپ كىتىمەن . ئەگەر خىزمەت دىگەن كۆرگىلى ، تۇتقىلى بولىدىغان نەرسە بولسا تازا ياقىسىدىن ئېلىپ تۇرۇپ «خىزمەت! سەن قانچىلىك نىمىتتىڭ؟» دىگۈم كىلىدۇ ...
توختى خېلى كۆپ سۆزلىدى ، چەتئەلنىڭ ئىش ئورنى تۈزۈلمىسى ، خەلقئارا سودا ، پايچېكى ، ... يەنە ئاللىقانداق شىركەتلەردىن مىسال ئالدى ، قىسقىسى ، پىشقەدەم شۇجىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قۇيۇپ ، بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى ئىتىپ يولغا سالدى . توختى بىلەن خوشلىشىپ چىققاندا ، قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى ، يولدا خېلى بىر يەرگىچە قاسىم بىلەن گەپلەشمەي ماڭدىم . مىنىڭمۇ خىيالىم چىگىلىشىپ كەتكەنىدى ،
- راست ئېيتتى ، - دىدى قاسىم تۇيۇقسىزلا .
- نىمىنى راست ئېيتتى ؟ - دىدىم قاسىمنىڭ گىپىدىن چۆچۈپ .
- نىمىنى دەيسەنغۇ ؟ خىزمەتنىڭ گىپىنى بولمامدۇ ؟
- راست ، دىگىنىڭ توغرا ئاداش ، توختى راست ئېيتتى ، بەزىدە مىنىڭمۇ «خىزمەت ، قانچىلىك نىمىتتىڭ؟» دىگۈم كىلىدۇ ، بىراق ...
سۈزۈمنىڭ ئاخىرىنى ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم ، چۈنكى نىمە دىمەكچى بولغىنىم قاسىمغا ئايان ئىدى ...

paylasof يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 06:08:40

بولىدىكەن ئارزۇ ئارمانى كۈچلۈك گۇيكەن بۇ؟ توغرا دەيدۇ. خىزمەت دىگەن ئولمەسنىڭ دورىسدەكلا

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 07:10:03

ھازىر خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگىلى بولماسمىكى

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 07:38:41

ھازىرقى جەمىيەتتە ئەمىلىي مەۋجۇت بولۇۋاتقان رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۇرۇلۇپتۇ،ئەگەر راستىنلا قابىلىيىتىڭز بولسا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشمۇ بىر ئاقلانە تاللاشتۇر.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 10:15:13

پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئۇستاز روھى ئىنجىقلاپ ياتىدۇ{:101:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:03:06

مەن تېخى ئەسقەر داۋۇتنىڭ بىر چاغلاردىكى ماقالىسى شۇ ئوخشايدۇ دەپتىمەن،تېمىسىغا قاراپلا.....
ئەسقەر داۋۇت2000-يىللاردا مۇشۇنداق بىر ماقالە يازغان ئىدى«خىزمەت،سەن قانچىلىك نىمىتىڭ»؟دەپ...{:87:}{:87:}

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:03:57

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 10:15 static/image/common/back.gif
پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئۇستاز روھى ئىنجىقلاپ ياتىد ...

;P

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:26:18

ھېكايىنى ئوقۇپ ، كارتون قىرىندىشىمىزنى ئەسلەپ قالدىم. نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدىكىن .

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:33:16

سىرتتا ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىشەنچ  بولسا تېمىتىپ سۇغۇۇشنىڭ پۇلىغا قاراپ ئولتۇرغاندىن ئۆزئالدىڭغا ئىگىلىك تىكلىگەن ياخشى .

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:34:40

تېمىتىپ سۇغۇرۇش  ھە   ر  بېسىلماي قاپتۇ :lol:P

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:32:56

بۇ ھەقىقەتەن رىئال يازما بۇپتۇ.  مۇنبەر ئاتامانلېرى مەن ئىزدىنشقا ئەزا بولغىلى بىر ئايدىن ئاشتى  تۇنجى يازمامغىمۇ بەش كۈن بۇپتۇ ئەمما بۇ مۇنبەرنىڭ تۈزۈمى قانداق بۇنى بىلىپ بۇلالمدىم. مىنىڭ يازمامغۇ ھىچقانچە نەرسە ئەمەس شۇ ئىنكاس يازىۋەرگەندىن كۆرە مەنمۇ بىر كىشىلىك ئىپادە بىلدۈرۈپ قۇياي دىگەن.  يەنى بىرى ئەلى قۇربان مۇئەللىم شۇ كۈنى تىزىملىتىپ شۇ كۈنى يازما يازسا ئېلان قىلىنىپتۇ. ئەلۋەتتە مەن ئەلى قۇرباندەك كۆپچىلىككە مۇھىم بولماي قىلىشىم مۇمكىن. ئەمما دىمۇكىراتيە نۇقتىسىدىن بۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس ، بۇ بىيروكىرتلىق .  مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ماڭا بىر چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىڭىزلە. ئۇنداق بولمىغاندا مۇشۇنداق مىڭلىغان ئەزالىق ئىزدىنشنىڭ يۈزى چۈشۈپ كىتىدۇ. تور دۇنياسىدىكى تەڭسىزلىك.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:36:44

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 10:15 static/image/common/back.gif
پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئۇستاز روھى ئىنجىقلاپ ياتىد ...

ماۋۇ ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم!:handshake

gitlr يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:56:25

ئىجدىئامى پەن قانۇن ئۇقۇغانلار  خىزمەتتىن  باشىقا نېمە قىلساق بۇلار   

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:00:03

ھازىرقى شارائىتتا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، بەش يىلغا قالماي قارا باسماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماق تەس بولۇپ كەتتى- جۇمۇ...:shutup:

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:56:35

  مەن شۇنداق ئويلايمەن ، باشقىلارغا ئىشلىگەن ھامان ئۆزىگە ئىشلىگەنگە يەتمەيدۇ .

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:10:29

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 12:32 static/image/common/back.gif
بۇ ھەقىقەتەن رىئال يازما بۇپتۇ.  مۇنبەر ئاتامانلېرى مە ...

300 يىلدىن كىيىن تەستىقلىنىدۇ.:D

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:40:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 15:43  

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 12:32 static/image/common/back.gif
بۇ ھەقىقەتەن رىئال يازما بۇپتۇ.  مۇنبەر ئاتامانلېرى مە ...

سىز تېخىچە بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ ئەلى قۇربان «دانىشمەن» تۇرسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭكىنى تەستىقلايدۇدە.
بەت: [1] 2
: خىزمەت! سەن قانچىلىك نىمىتتىڭ ؟