waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 22:53:23

شىنجاڭ كوماندىسى چۇڭچىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-5 23:52  

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى  ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، چۇڭچىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسنى كۈتىۋالدى.  چۇڭچىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئۈچ چەتئەللىك ماھىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بۇلۇپ 76 نۇمۇر ئالغان بولسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى كۆپ نوقتىدىن ئىچىلىپ،  ئالتە نەپەر ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئىلىپ ئاخىرى 121-116  نەتىجە بىلەن رەقىبى  چۇڭچىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
  تۇنجى ھالقا باشلىنىپلا شىرئەلىجان، ئاندىرى بىراچ، قىرانبېك ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ شىنجاڭ كوماندىسى 15-6 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. تۇنجى ھالقا ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا شىنجاڭ كوماندىسى 36-31 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئۆتتتى.
ئىككىنچى ھالقا باشلىنىپلا قىرانبېك بىلەن كراۋفورد ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىن چۇڭچىڭ كوماندىسىمۇ ئۇدا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 37- 43 كە ئۆزگەردى. ئارقىدىن چۇڭچىڭ كوماندىسى ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ نەتىجىنى 50-50 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. كېيىن جوردان كىراۋفورد  ، ئاندىرى بىراچ ۋە شىرئەلىجاننىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن گۇئاڭخۈي كوماندىسى يەنە قايتا نومۇر ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان گۇئاڭخۈي كوماندىسى 65-63 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
 ئۈچىنچى ھالقا باشلىنىپ خارىلسون يىراقتىن ئۇدا توپ كىرگۈزدى، كازىمى ئۇدا جازا توپ كىرگۈزدى، گۇئاڭخۈي كوماندىسىدىن لىيۇ ۋېي ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، جوچى ئۇدا توپ كىرگۈزدى، ئىككى تەرەپ 75-75 نەتىجىدە تەڭلەشتى. كېيىن جوچى بىلەن بىلەچ ئۇدا نومۇر ئالدى، جوردان كىراۋفورد   ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، چۇڭچىڭ كوماندىسى ئۇدا جازا توپقا تايىنىپ نومۇرنى 84-84 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. ئارقىدىن بىلەچ ئىچىدە ئۇدا نومۇر ئالدى، كراۋفورد بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئالدى، بۇ ھالقا 93-94 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
ئاخىرقى ھالقىدا، قىرانبېك ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، جوچى جازا توپ كىرگۈزدى، چۇڭچىڭ كوماندىسىدىن ۋولۇنمۇ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، كازىمى ئۇدا يەتتە نومۇر ئېلىپ، چۇڭچىڭ كوماندىسى 103-101 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئارقىدىن گۇۋاڭخۇي كوماندىسى ئاندىرى بىراچنىڭ يىتەكچىلىكىدە 11-0 نەتىجە يارىتىپ، ئۇدا نومۇر ئېلىپ 112-103 نەتىجىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. بۇ ھالقا ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا چۇڭچىڭ كوماندىسى گەرچە ئۇدا نومۇر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما گۇۋاڭخۈي كوماندىسىدىن جوچى، بىلەچ ۋە لىيۇۋېينىڭ ئۇدا نومۇر ئېلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ گۇئاڭخۈي كوماندىسى مېھمان مەيدان 121-116 نەتىجىدە چۇڭچىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىگە ئېرىشتى.

   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى   ئاندىرى بىراچ  28 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جوردان كىراۋفورد  25 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە  ۋە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 20 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 17 نومۇر،  2  قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  ليۇۋېي  14 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 13 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ساۋ فېي 2 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ شەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى چۇڭچىڭ كوماندىسىنى يەڭدى