MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:15:58

SIE تور كۆرگۈچ ئۇيغۇرچىلاشتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇپ تورغا يوللايمەن يۈرگىلى نەۋاخ، لېكىن مۇشۇ كەمگە قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇمنىڭ ئۇچىدا تېما يېزىشنى خالاپ كەتمىگەچكە ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم، ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
دېتال ئىسمى: SIE تور كۆرگۈچ(ئىلىم-پەن تور كۆرگۈچ)   Science Internet Explorer
چۈشەندۈرۈش: ئىلگىرى تور يۈزىدە ماتېماتىكا سوئالى ئىشلەيدىغان بولۇپ قېلىپ، سوئال بار تور بەتنى ئاچساق بەزى فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر نورمال كۆرۈنمىگەن ئىدى. نەچچە تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرساقمۇ ئوخشاش، كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مۇشۇ تور كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلغان. يېقىندا يەنە ئىشلەتمەكچى بولۇپ قېلىپ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بولۇپ قارىسام تىل ھۆججىتى ئوچۇقكەن، يۇنىكود قوللايدىكەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.
تىلى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە
نەشرى: 1.0.3.3
ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىدا Win9X Win2000 WinXP Win2003 Vista Win7 دەپتۇ. مەنwin7 64bit تا سىناپ باقتىم.
ھالىتى: 32&64 بىت
ئىقتىدارى: ئادەتتىكى IE تور كۆرگۈچ بىلەن كۆپ پەرقى يوق تور كۆرگۈچ. ئاساسلىقى توردا تەبئىي پەن سوئاللىرىنى ئىشلىگەندە فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى نورمال كۆرسىتىشتەك ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار. سىغىمى كىچىك، ئەپچىل دېتال.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئېكراندا IE تور كۆرگۈچنىڭ سىنبەلگىسىگە ئوخشايدىغان سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

دېتالنى قوزغىتىمىز، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجىكىدە خەنزۇچە يېڭىلاش ئەسكەرتىشى چىقىدۇ (تورغا ئۇلانغان ھالەتتە). يېڭىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سىزگە تور كۆرگۈچنىڭ مۇھىم قىستۇرمىسىدىن ئىككىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭىلىنىپ بولغاندا دېتال قايتا ئېچىلىدۇ. ئەمدى دىققەت قىلىڭ. دېتالدىن چېكىنىپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئاچىسىز. مەن دېتال بىلەن تەمىنلىگەن تىل ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى language ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ چاغدا «بۇ ھۆججەت بار، ئالماشتۇرامسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، ھەئە دەپ ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئەمدى ئېكرانغا قايتىپ دېتالنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تىلى ئىنگلىزچە بولۇپ قالغان بولسا ئۈستىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن Language نى تاللاپ، ئاندىن Chinese نى تاللىسىڭىز ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، ئىشلىتىش ئۇنچە تەس بولمىغاچقا تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدىم.


تەڭشەكتىن بىر قىسىم تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

يەنە دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

mathQ نومۇرىڭىز بولسا دېتالغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

تەڭشەكنىڭ يېنىدىكى ساقلانما تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بەتلەرنى ساقلىۋالغىلى ۋە ساقلانمىلارنى تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.

ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىدىكى بىر قىسىم قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈڭلار بىر-بىرلەپ ئىشلىتىپ باقارسىلەر

سىغىمى: دېتال ۋە تىل ھۆججىتى بىلەن 4.17mb
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
链接: http://pan.baidu.com/s/1gdrc5BP 密码: br8p
https://kanbox.com/f/9K0e
http://mail.sina.com.cn/netdisk/download.php?id=c8751d1fba59bc1a3d157a07c245af2553

قايسى ئادرېستىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تەشەككۈر: مەزكۇر دېتالنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن كۈلكە(يۈسۈپجان تۇرسۇن) ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:24:39

قاچىلاپ كۆردۈم. سىز دېگەندەك قىلسام ئۇيغۇرچە بولمىدى. قايسىلا تور بەتنى ئاچسام «سىزنىڭ تور كۆرگۈڭىزنىڭ نەشرى بەك تۆۋەنكەن» دەپ تور بەتنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمىدى.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:43:38

boran0998 يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 11:24 static/image/common/back.gif
قاچىلاپ كۆردۈم. سىز دېگەندەك قىلسام ئۇيغۇرچە بولمىدى....

تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ، مەن قىلىشقا تىگىشلىك ھەممە ئىشلارنى يازغان.
يەنە بولمىسا يېڭىلاڭ دېسە يېڭىلىماي ئىشلىتىۋېرىڭ.
تىل ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
بەت: [1]
: SIE تور كۆرگۈچ ئۇيغۇرچىلاشتى