ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:03:19

ئالتۇن چىشلىق ئىت(ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە)

داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ”ئالتۇن چىشلىق ئىت“ ناملىق ساتىرىك ھېكايىسى

ئالتۇن چىشلىق ئىت
A dog with golden tooth
مەمتىمن ھوشۇر
Memetimin Hoshur
مۇشۇ كۈنلەردە مىش–مىش پاراڭ دېگەن شۇنچە تېز تارايدۇ.
These days, rumors spread very quickly.
«يەنە بىر–ئىككى يىلدىن كېيىن ژۇرناللارغا بېرىلىدىغان خىراجەتمۇ توختىغۇدەك» دېگەن گەپ چىقىۋېدى، تەھرىر بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ قولى ئىشقا بارماي قالدى.
Ever since a rumor spread, saying that the editing fee will be abolished within a year or two, editors’ hears haven’t been in their work.
بىر كۈنى، ژۇرنال تاقىلىپ قالغۇدەك بولسا قانداق قىلىپ كۈن كەچۈرسەك بولار؟ دېگەن خىيال بىلەن كوچىدا كېتىۋاتاتتىم، بىرەيلەنگە سوقۇلۇپ كېتىپ، ئوڭدامغا چۈشكىلى تاسلا قالدىم.
One day, while I was walking on the road, thinking what it would be like without magazines, I bumped into someone and I almost fell down.
ھېلىقى كىشىمۇ ئارقىسىغا بىر–ئىككى قەدەم سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ، ماڭا ئالىيىپ بىر قاراپ توختاپ قالدى.
That man almost fell down too, and looked at me angrily.
خىجالەتچىلىكتە «كەچۈرۈڭ» دەپ ئەپۇ سورىماقچى ئىدىم، ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ سىياقىغا قاراپ تىلىم گەپكە كەلمەي قالدى.
I was embarrassed and tried to say “sorry”, but I was speechless because of his strange dress.
بۇ كىشى ئۈستىگە تار چاقماق كاستۇم كىيىۋالغان بولۇپ، چاقماق بۇرۇلكىسى قىسقا كېلىپ قالغانلىقتىن ئوشۇقىنىمۇ ياپالمىغانىدى.
The man wore a plaid suit, and his trousers were too short to cover his heels.
ئىچىگە كىيىۋالغان زىغىررەڭ چاقماق كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى كاستۇمدىن ئېشىپ ساڭگىلاپ تۇراتتى.
His plaid shirt was longer than his coat.
ئاغزىدا يالتىراپ تۇرغان قاتار ئالتۇن چىش، پۇتىغا بولسا يېپيېڭى بىر شىبلىتنى قوڭالتاقلا سېپىۋالغانىدى.
He had a shiny golden tooth and wore a pair of new shoes.
بىر تەرەپكە قىيسايتىپ كىيىۋالغان يوغان چاقماق كەپكىسى بىلەن پۇرلىشىپ كەتكەن چاقماق گالىستۇكى ئۇنىڭ پۈتۈن سىياقىنى بىر يانغا ماكچىيىپ كەتكەندەك قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى.
He wore a very old plaid cap and an old plaid tie – those clothes made him look kind of ridiculous.
ئاشۇ رەڭگا رەڭ چاقماقلار ئىچىدىن ئۇنىڭ چىرايىنى ئاران پەرق ئەتتىم.
I hardly recognized him because of his strange appearance.
بۇ ھېلىقى «ساراڭ» نىڭ ئاپتورى ئىدى.
He was the author of the story “Stupid”.
— سالامەتمۇ سىز؟
_“How are you?”
— دېدىم ئۇنى ئۇچراتقىنىمغا خۇشال بول
I asked pleasantly.
_ھوي، مۇھەررىر ئەپەندىممۇ بۇ؟!.
–“Oh, Mr. Editor!” he replied.
ئۇ شۇنداق دېدى–دە ئىككى قولىنى بوينۇمغا ئارتىپ، مەڭزىمگە شالاپشىتىپ سۆيۈپ، قۇچاقلاپ قويدى.
He came to me, hugged me and kissed me.
خىجىللىقتا ئىتتىك ئەتراپىمغا قاراپ، ئەمدى بۇ نەچە كۆرۈشۈش بوپكەتتا؟ دەپ قالدىم.
I felt very awkward, and I looked around nervously to see if anyone else had seen.
— بۇ دېگەن چەت ئەلچە كۆرۈشۈش! — دېدى ئۇ ئىزاھلاپ، — كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بوپتۇ، شۇنداقمۇ؟
“This is how foreigners greet one another,” he explained – “It’s been a long time, hasn’t it?
— شۇنداق، مەنمۇ سىزنى پات–پات ئەسلەپ قالىمەن.
Yes, it has. I haven’t forgotten you.
—    رەھمەت، قاراڭ، ھېلىقىندەك يازىدىغان ئىشلارنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھازىر سودىگەرچىلىك بىلەن بوپكەتتىم.
Thanks! Look, I haven’t written anything for a long time. I’m a businessman now.
بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن.
Business is good.
باشتا تۇغقان يوقلاپ چەت ئەلگە چىقىۋىدىم، ئاپارغان نەرسىلىرىم سوغا–سالامدىن ئېشىپ ئوبدانلار پۇل بولۇپ قالدى.
First, I went abroad to visit my relatives. I brought some gifts to them and sold the rest for a profit.
ئەكەلگەن نەرسىلىرىمدىنمۇ يامان ئەمەس پايدا تەگدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئېلىپ–ساتىدىغان ئىشقا كىرىشىپ قالدىم.
Also, I made some profit from the stuff I brought back.
قانداق، ساتىدىغان مال–پاللىرىڭىز يوقتۇ؟… سودىگەر بولاي دېسىڭىز چەت ئەلگە چىقىڭ، قاراڭ، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىزمۇ چەت ئەلگە تولا چىقىۋېرىپ، ئاخىرىدا تولىسى سودىگەر بوپكەتكىلى تۇردى. ئۆزى سودا قىلالمىغانلىرىنىڭمۇ بالا–ۋاقىسى سودىگەر…. ماۋۇ ئۈستۈمدىكى كىيىملەر ياراشقاندەكمۇ؟
Do you have anything to sell? If you want to be a businessman, you should go abroad; lots of officials have gone abroad before, and eventually most of them became businessmen. If they weren’t able to become businessmen, their children were. What do you think – do these clothes fit me?
شۇنىڭغا ھەيران بولۇۋاتىمەن. چاقماقنىڭ ئۈستىگە چاقماق، چاقماقنىڭ ئىچىگە چاقماق كىيىۋاپسىز، قارىغان كىشىنىڭ كۆزى ئالاچەكمەن بوپكېتىدىكەن .
Um, I’m curious, you’re wearing plaid all over, it makes my eyes hurt.
_ھە، يېقىندا يەنە چەتكە چىقىپ مال ئەكىلىۋېدىم، مانا مۇشۇنداق چاقماق گۈللۈك نەرسىلەر، سېتىلماي ئېشىپ قالغانلىرىنى ئۆزۈم كىيىۋالدىم.
_Oh, recently I came back from abroad with some stuff, and nobody bought these clothes, so I put them on.
مۇنۇ ئۈستۈمدىكىنى ئاددىيلا كاستۇممىكىن، دەپ قالماڭ، بۇنىڭ دۈمبىسىدىمۇ يانچۇقى بار.
Take a look at this suit, it’s not as simple as you think! It has a pocket on its back.
بۇرۇلكىسىچۇ تېخى، مۇھىمراق بىر نېمىلىرىڭىز بولسا مانا بۇ يەردىكى مەخپىي چۆنتەككە سالىسىز…، — ئۇ شۇنداق دەپ قولىنى كىشىلەر بار يەردە ئاپارغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە سۇندى
—    Look at these trousers, you can put your important stuff in this secret pocket”- he then put his hand between his legs.
بولدى، بولدى، ئېسىللىكى تېشىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ! — دېدىم.
_Oh, alright, I believe it’s a good outfit.
— ھەببەللى، سىزگە ئوخشاش كۆزى بار ئادەم تونۇيدۇ، — دېدى ئۇ، — شۇنداق قىلىپ، سالامەت تۇردىڭىز؟ ھېلىمۇ شۇ ئۈستەلگە دۈمچىيىۋېلىپ قەغەز–قەلەمنى كىتىرلىتىپ، ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىپ ئولتۇرامسىز؟
_You got a good eye” he said, “so, you are doing good lately – are you still wasting your time writing?
— قانداق قىلىمىز؟ ئۆمرىمىز شۇ ئىش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئەمدى بۇ ياشقا كەلگەندە…
_What else can I do? I’ve spent too much time on it. Now I am an old man.
— بۇمۇ غەلىتە ھۆكۈمەتكەن، — دەپ گېپىمنى تارتىۋالدى ئۇ، — بىر زامانلاردا باي بولغانلارنى يوقىتىمىز دەپ، كۈندە ئاچىقىپ كۈرەش قىلىپ ھالىنى قويمىغانىدى، ئەمدى ماختاپ، ئۆزىنىڭ ھالى قالمايۋاتىدۇ… مەن سەل قورقۇپ قالدىم. ئاز كۈندىن كېيىن زادى باي بولالمىغان كەمبەغەللەردىن بىر–ئىككىنى ئاچىقىپ ئاتامدۇ، قانداق؟
_These are strange times,” he interrupted me. “In the past, the rich had it bad – they were punished every day, but now, the government encourages people to be rich. I’m afraid. Are they going to shoot one or two who couldn’t be able to get rich?”
«نېمە دەيدىغاندۇ بۇ؟» دەپ قورقۇنچتا ئەتراپىمغا قارىدىم، — دە:
I was scared and looked around to see if anyone else had heard us.
— ھېلىقىدەك ھېكايىلەردىن يەنە يوقمىدى؟ — دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
“Have you written that kind of story?” I interrupted him on purpose.
_دەۋاتىمەنغۇ، ھازىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پۇللا تاپىدىغان پەيت. مۇشۇ پۇل دېگەن نېمىنى خەجلىمەي ساناپ ئولتۇرسىمۇ شۇنچە ھۇزۇرغۇ…. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەندە، ئەمدى بىرنېمە . كەلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىمىز، دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتىڭىز.
_It’s easy to make money now, you can enjoy spending it or even counting it. And last time you said you were going to publish my story under my name. I would be embarrassed.
— مەيلى، ئۇنداق يېرى بولسا يەنە ئۆزۈمنىڭ نامىدا چىقىرىۋېرەي. ئۆتكەنكى ھېكايىلىرىڭىزنى ئېلان قىلىپ، خېلى شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ قالدىم. قەلەم ھەققى يەنە سىزنىڭ.
_ Ok, I will publish it under my name. Because of your stories, I’m a famous man now, but the money is all yours.
— بولدى، بولدى، قەلەم ھەققى دېگەننى ئېغىزغا ئالماڭ.
_ don’t bring the money.
سىلەرنىڭ ئۇ ئازغىنە نېمەڭلارنى «قەلەم ھەققى» دېگەندىن «سىيا پۇلى» دېگەن تۈزۈككەن.
I would just spend that money on buying more ink.
ئۇنچىلىك پۇلنىڭ كارى چاغلىق، ئۇزۇن بولدى يازالمىدىم…
That money doesn’t matter. I haven’t written for a long time.
ئاڭلىدىڭىزمىكىن، چەت ئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزى سودا قىلىپ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن.
I’ve heard that foreign authors do business during the day and write at night.
سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرلەرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن.
Editors like you have no office and edit articles while walking.
شائىرلىرى «ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ» دەپ خوتۇنمۇ ئالمايدىكەن…
In order to write a good poem, the poet can never get married.
قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن، دېسىڭىز چەت ئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ.
If you want to see interesting things, you should go abroad.
بىر شەھەرگە بارسام، پۇقرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىيىنىۋاپتۇ، شەھەر باشلىقى يالاڭئاياق يۈرىدىكەن،
In the city I went, the people are rich, but the mayor has no shoes.
ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قويۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن؛ تاماقنى بازاردا يەپ، كېچىسى مېھمانىدا يېتىپ، ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىدىكەن؛
The women have fake mustaches and the men have long hair; people eat three meals a day in restaurants, live in a hotel and rent their own house to others.
قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، ماروژنىنى ئىسسىتىپ يەيدىكەن…
They put ice in hot tea and eat hot ice-cream.
ئۇقسام، ئەسەر يازغانلارغا قارىغاندا تەرجىمە قىلىدىغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟
I’ve heard that translators make more money than writers now.
بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ، بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كېتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا…
It’s just like the man who sells rice earning more than the man who plants it.
بولۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ.
It’s really surprising.
بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھېلىقى، ئۆز ۋاقتىدا بېلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ، مەسچىت، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو، چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرۈيدىغان سەمىتاخۇننى تونۇمسىزكىن؟
Have you heard of the man named Semtahun, with a red arm band who destroyed the mosque and blamed the businessmen?
ھازىر ئۇ ئىشتان–پايپاق ئېلىپ–سېتىپ بېيىپ كەتتى. بەيتۇل ھەرەملەرگە بېرىپ، ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى.
Now he is a rich man – he just came back from Mecca. People call him Abdusemet Hajim.
يېقىندىن بېرى ئۇ: بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىز نەگە كەتتى؟ دەپ قايناپ ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ، سەڭەزدىن گالىستۇك باغلاپ، يېڭى ئالغان پىكابىنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرۈيدۇ…
He is worried about our national tradition and he always wears our national clothes recently.
كۈپكۈندۈزدىلا ئۇچراشقاندا ئۈسسۈپ يۈرگىنىڭىزگە قارىغاندا، سىزنىڭ كاللىڭىزدىمۇ مىڭ بىر خىيالغۇ دەيمەن؟ ئەمىسە خوش، خىزمەتتە بولايمۇ يە؟
Do you have a lot on your mind? How about having lunch together? My treat.
— رەھمەت، شۇنداق قىلىپ، ئەمدى ھېچنېمە يازمايدىغان بولدىڭىزما؟
_No, thanks. So you won’t write anymore?
— ھازىرچە شۇنداق… خوش، قالغان گەپ بولسا كېيىن پاراڭلىشارمىز ھە!
_I won’t for the time being. I’ll see you around.
ئۇ مېڭىپ كەتتى. ئەمدىلەتىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بۇ ھەۋەسكارىمىزنىڭمۇ پۇلنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىغا بەك ئەپسۇسلاندىم.
He went away. I felt very sorry for him to be out of writing.
ئۇ ئازراق مېڭىپلا يەنە توختاپ، ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى:
After a while, he turned around and shouted:
— ئىت توغرىسىدا بولسىمۇ بولامدۇ؟
_could I write a story about a dog?
— نېمە دېدىڭىز؟
_What did you say?
— ئىت توغرىسىدا، ئىت!
_ Write a story about a dog? A dog?
— نېمە توغرىسىدا بولسا بولىۋېرىدۇ.
_ Write about whatever – I don’t mind.
— قېنى، قاراپ باقاي.
_ I’ll see what I can do.
ئۇ ئالدىرىغىنىچە كېتىپ قالدى. ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، پوچتىدىن مەن ئۇنىڭ ئىت توغرىسىدا يازغانلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
Then he left. After ten days I received his story about a dog.
سودا–سېتىقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئاپتورىمىزنىڭ زېھنى كەتكەنمۇ، قانداق، ئەسەر مانا مۇشۇنداق چۈشىنىكسىزلا يېزىلىپ قالغانىدى.
Perhaps he was too busy doing business, because his story was very difficult to understand.
بۇ ھېكايىنى ئائىلىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس ئەزاسى — «ئاق تاپان» غا بېغىشلاپ يازدىم.
I devote this story to our family member_ “White Heel”.
«ئاق تاپان» دېگىنىمىز ئاددىيلا بىر ئىت. ئۇ يەرلىك ئىت بىلەن خور–خورنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۆرەلگەنمىكىن، جۇغى كىچىك، كۆرۈنۈشى شۇنچە سۆيۈملۈك، قۇيرۇقى ئۇزۇن، كۆزلىرى نەمخۇش نۇر چاچىدۇ.
White Heel was a very plain dog – small, cute, with a long tail and bright eyes.
قارامتۇل تۇمشۇقلىرى قاچانلا قارىسىڭىز يېڭىلا مايلاپ قويغان شىبلىتنىڭ تۇمشۇقىدەك پارقىراپ تۇرىدۇ.
His black lips were always shiny, like a pair of new shoes.
قاپقارا تۈكلىرى قۇندۇزدەك يالتىراپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
His coat was always bright.
پەقەت ئۇنىڭ تۆت پۇتىنىڭ بېغىشىدىلا خۇددى سىزىپ قويغاندەك ئازراقتىن ئېقى بار.
We called him White Heel because his leg had white hairs on it.
شۇڭا بىز ئۇنىڭغا «ئاق تاپان» دەپ ئىسىم قويغان. ئاق تاپان ئاددىي بىر ئىت بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىسىڭىز چوقۇم ھەيران بولىسىز.
So we called him “White heel”. Although White Heel was a simple dog, you would be surprised to know that it had a lot of special experiences.
ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىزنىڭ ئائىلىگە كېلىپ قېلىش تارىخىدىن سۆز ئاچساق، بۇمۇ بىر قىزىق گەپ.
First, let me tell you how he became a member of our family – it is an interesting story.
ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قويۇپ، ئايدا بىر–ئىككى قېتىم ئۆينى تېپىپ كېلەلمەي، تالادا تەمتىرەپ قالىدىغان چاغلىرىم ئىدى.
Sometimes, when I get drunk, I get lost and can’t find my way home.
. بىر كۈنى كېچىسى تازا مەست، نەق–نېسى دەسسەپ كوچىدا كېلىۋاتسام، پۇتۇمغا يۇمشاق بىرنېمە ئۇرۇلغاندەك قىلدى.
One night, I was heavily drunk and walking on the street, and a soft thing touched my foot by accident.
ئىڭىشىپ قارىسام، كىچىككىنە بىر كۈچۈك، سوغۇقتىن تىترەپ، ئاياغلىرىمنى يالاپ، يېلىنغاندەك غىڭشىپ تۇرۇپتۇ.
I looked down, and there was a puppy, shaking in the cold weather, hugging my foot, licking my shoes, making a little whimper.
رەھمىم كېلىپ، كۈچۈكنى ئېلىپ قوينۇمغا ساپتىمەن، تاڭ سەھەرگە يېقىن ئۆينى ئاران تېپىپ كەپتىمەن.
I pitied it, so I put it into my arm and took it home that morning.
شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ كۈچۈك ھويلىمىزنى ئاۋات قىلىشقا باشلىدى.
Since that day, that puppy made our house lively.
ئايالىم ئۇنىڭغا ئاشقان–تاشقان نەرسىلەرنى تۆكۈپ بېرەتتى. مەنمۇ بىكار بولساملا ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەتتىم.
My wife would give it the leftover food. I also played with it sometimes.
ئاق تاپان چوڭ بولغانسېرى ئەقىللىقلىقى بىلەن بىزنى خۇشال قىلىشقا باشلىدى.
Every day, White Heel got smarter and smarter, which made us very happy.
ئۇ ئىشىكلەرنى ئۆزى ئېچىپ ئۆيگە كىرەلەيتتى، شوتىغا ئەپچىللىك بىلەن يامىشىپ ئۆگزىلەرگە چىقىۋالاتتى.
He could open the door by itself and could go up to the roof by the ladder.
كىچىك تەرىتىنى خالىي بىر يەرگە بېرىپ قىلىپ، ئارقا پۇتلىرى بىلەن توپىنى تاتىلاپ ئوبدان كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كېلەتتى.
He buried his own dog poop.
ئاۋازىنىڭ سازلىقىنى دېمەيسىلەر تېخى. ئۇ ھويلىدا تۇرۇپ قاۋايدىغان بولسا، يولدىن، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۇششاق بالىلار ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ، دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن مارىشاتتى.
He had a very attractive voice. When he barked in the backyard, the children walking on the road would stop and take a look at our house.
بىر يەرگە بارماقچى بولساق، ئۆينى ئاق تاپانغا ئىشەنچلىك تاشلاپ قويۇپ كېتىۋېرەتتۇق.
If we wanted to go to somewhere, there would be nothing to worry about.
ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھېچنېمىگە چىقىلمايتتى. ناھايىتىمۇ سەزگۈز بولۇپ، كىچىككىنە غەيرىي شەپە بولسا قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئەتراپقا قارايتتى، قاۋاپ، خىرىس قىلىپ يات ئادەمنى بوسۇغىغىمۇ يولاتمايتتى.
He wouldn’t disturb anything in the house.
شۇ كۈنلەردە، يەنە بىر–ئىككى قېتىم كېچىسى سىرتتا ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، شەپكەمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ كەلگەنلىكىم زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
I never forget the day when I was very drunk and lost my cap on the road.
مۇنداق چاغلاردا ئاق تاپان ئەپتىمگە قاراپ بىرنەرسە چۈشەنگەندەك بولاتتى–دە، تالاغا قاراپ يۈگۈرەيتتى.
Then White Heel looked at me – he somehow understood, and ran out.
تاڭ ئاتماستىن ئىلگىرى ھېلىقى شەپكىنى نەلەردىندۇر تېپىپ كېلەتتى. ئۇ ئۆزىغۇ بازارغا ئاپارسا پۇلغىمۇ ئالمايدىغان كونا شەپكە ئىدى.
He would find my cap by morning. My cap is too old to wear.
لېكىن، ئۇنىڭ ئەستىرىدە خوتۇندىن يوشۇرۇپ، ھاراق ئېلىپ ئىچىش ئۈچۈن تىقىپ قويغان بەش–ئون تەڭگە كەم بولمايتتى….
But I always hide some money in the cap to buy a little drink. My wife doesn’t know about it.
كېيىن، بىز تۇغقان كۆرۈش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىشقا تەرەددۇت قىلدۇق.
Later we were going to go abroad.
ھېلىقى بىر يىللىرى، چەت ئەلدە ئۇرۇق–تۇغقىنىڭ بار ئىكەن، دەپ كۆرمىگەننى كۆرسىتىشكەچكە يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەن ئىكەنمەن، زادىلا بارغۇم يوق ئىدى، لېكىن يېقىندىن بېرى تۇغقانلار ئارقا–ئارقىدىن چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ، ھېچ ئارامىمنى قويمىدى.
In the past, I had been punished because I had relatives abroad. So I was in no mood for going there. But my relatives had invited me many times.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ تۇغقانلار بار يەرگە بېرىپ كەلگەنلەر: ئۇ يەردىكى تۇغقانلىرىڭلار ئۇنداق بايكەن، مۇنداق بايكەن، دەپ قىزىقتۇرغىلى تۇرۇۋېدى، بىزنىڭ خوتۇن تۇرالماي قالدى.
My friends who came back from where my relatives live said that my relatives were very rich. Then my wife wanted to go.
ئۇ يەردە بىر زامانلاردا بىز تەرەپتىن چىقىپ كەتكەن ئەل–ئاغىنە، ساۋاقداشلىرىممۇ بار ئىدى.
I had friends and classmates there from high school.
بوپتۇ، بارسام باراي، دېگەن يەرگە كەلدى. رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، ئۆينى يېقىن بىر بۇرادەرگە قاراپ قويۇشقا تاپشۇردۇق، ئاق تاپاننىڭمۇ ۋاقتى–ۋاقتىدا قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشنى جېكىلىدۇق.
So I decided to go to see them. I made all my preparations. I asked my friend to look after the house and White Heel.
ماڭىدىغان كۈنى، ئاق تاپاننى كەينىمىزدىن ئەگىشىپ كېتىپ قالمىسۇن، دەپ مەھكەم باغلاپ قويدۇق.
The day we left, I tied White Heel down, but he wanted to come with us.
مانا، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چېگرىغا قاراپ كېتىۋاتىمىز، چەت ئەل دېگەن قانداق بولىدىغاندۇ؟… ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى كىچىكىدىنلا زاكىسىغا سىيمەي–چىچماي، مەدەنىيەتلىك چوڭ بولسا كېرەك… دېگەن خىياللارغا غەرق بولۇپ ئولتۇراتتىم.
While we were in the bus going to Customs, I was thinking about where we would go, big cities, and friends.
بىر چاغدا ئايالىم: — ھوي قاراڭ، ئاۋۇ بىزنىڭ ئاق تاپان ئەمەسمۇ؟! — دەپ قالدى.
“_Look, there is our White Heel,” my wife said.
ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام، ئاق تاپان ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئۆلەر–تىرىلىشىگە قارىماي، يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ.
I looked out from the window and I saw White Heel running after the bus.
ئۇ بەزىدە يول چېتىگە ئۆتۈپ، دەرەخلەر ئارىسىدا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي قالسا، بىر دەمدىلا يەنە چوڭ يول ئۈستىدە پەيدا بولاتتى.
He would periodically disappear in the trees along the road while running after us.
بىچارە ئىتقا ئىچىمىز ئاغرىپ قالدى.
_poor dog” I said.
ماشىنىدىكىلەر بىزنىڭ بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ نېمىگە قاراۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، غۇلغۇلا قىلىشىپ كەتتى:
The other people in the bus also saw him.
— سىلەرنىڭ ئىتمىدى؟ — دەپ سورىدى بىر ئايال.
_ is he your dog?” asked a woman.
— بىزنىڭ ئىتتى، ئۆيگە باغلاپ قويۇپ كەلسەك، قانداق بوشىنىۋالغاندۇ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى قاراڭ! چېگرىغا بارغاندا، ئارقىمىزغا كىرىۋالسا قانداقمۇ قىلارمىز؟ — دېدى ئايالىم.
_ yes, he is. We tied him down – how could he come untied? He’s running after us – what should do at the Customs office?” my wife said.
ئارىدىن بىرەيلەن قوپۇپ: — ۋاھ، چېگرىغا بارغاندا كۆرۈسىلەر، چېگرا دېگەندىن ئۇچار قاناتمۇ ئۆتەلمەيدۇ، چېگرىدا مۇنداق ئىتلارنى كۆرۈپ قالسىغۇ گەپ–سۆز يوق، پاڭڭىدە قىلىپ ئاتىدۇ! — دېدى.
_ They wont allow to take animals. If they find out, they will shoot him,” someone said.
— ئاتمىسىمۇ، ئۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ئىتلىرى تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويار! — دېدى يەنە بىرەيلەن.
_ Your dog is probably going to be killed by the custom’s officer’s dogs.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئايالىمنىڭ كۆزىدە ياش ئەگىدى.
Hearing these, my wife’s tears burst out from her eyes.
— ئەجەپ، ئۇلارنىڭ ئىتلىرى بىز تەرەپكە ئۆتسە گەپ يوق ئىكەن؟ — دېدى بىرى، — ئۇياقنىڭ ئادەملىرى ئىتلارنىمۇ ئەكېلىپ سېتىۋاتمامدۇ?
_Foreigners’ dogs also come here, but we didn’t do anything to them. Foreigners sold them to us,” someone said.
— ئۇنداق ساتىدىغان ئىتلارنى ئەگەشتۈرۈپلا ئۆتىدىغان گەپ يوق، — دەپ چۈشەندۈردى بىلەرمەنرەك بىرەيلەن، — بۇنىڭدا ھۈنەر بار، ھۈنەر. ئۇنداق ئىتلارنى دورا بېرىپمۇ، ئوكۇل ئۇرۇپ دەمدۇ، ئەيتاۋۇر شۇنداق بىر ئۇستاتلىق بىلەن بىھۇش قىلىپ، كىيىم–كېچەكلەرنىڭ ئارىسىغا تىقىپ ئۆتكۈزگۈدەك…
_They sneak dogs in by giving them a kind of medicine that makes them sleep, then they hide the dogs in their clothes.
— توۋا، ئادەم دېگەننىڭ قىلمايدىغان قىلىقى يوق–ھە؟ — دېدى بىر موماي.
_Oh, my God. There are nothing that human don’t do!” said an elder woman.
چېگرىغا يېتىپ بېرىپ ماشىنىدىن چۈشكەندە، ئاق تاپاننىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدۇ، «ئەقىللىق جانۋار بىزنى مۇشۇ يەرگىچە ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۆيگە قايتىپتۇ–دە!» دەپ يېنىك تىنىشتۇق.
We got off the bus, but we didn’t see White Heel. “Smart boy, he just wanted to see me off,” I said to myself.
تۇغقانلىرىمىز كىچىك ماشىنىلىرى بىلەن كېلىپ، ئۇ تەرەپتە كۈتۈپ تۇرۇشقانىكەن، چېگرىدىن ساق–سالامەت ئۆتتۇق، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆرۈشمىگەن تۇغقانلار بىلەن يىغلىشىپ كۆرۈشتۇق.
My relatives had already come to pick us up. We hadn’t seen them for a long time, so we hugged and cried.
كىمنىڭ ئەقلى يەتسۇن دەيسىز، ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، بىر ھازا مېڭىپ تۇرۇشىمىزغا، ئاق تاپان ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يەنە ماشىنىنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ قالدى.
We got in the car. After a short time, we found White Heel near the car – none of us could have imagined it.
ئەر–خوتۇن تەڭلا: «ئاق تاپان! ئاق تاپان!» دەپ چۇرقىرىشىپ كەتكەن ئوخشايمىز، ماشىنىنى ھەيدەۋاتقان ياش بالا نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ماشىنىنى غاچچىدە تورمۇزلىۋېدى، ئالدىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.
“White Heel!” we shouted together. The driver thought something happened, and quickly pulled over the car .
ئايالىم ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ، قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئاق تاپاننى قولىغا ئېلىپ قۇچاقلاپ كەتتى.
My wife got out of the car very quickly and hugged White Heel – he was sweating all over.
ئاق تاپان قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ: مېنى نېمىشقا تاشلاپ كەتتىڭلار؟… شۇمۇ ئادەمگەرچىلىك بولدىمۇ؟ دېگەندەك چۈشىنىكسىز غىڭشىيتتى.
He wagged his tail and barked, just like he wanted to say “why did you leave me alone?
شۇنداق قىلىپ، پاسپورتتا ئىككى جان، ئەمەلىيەتتە ئۈچ جان چېگرىدىن ئۆتتۇق.
Finally, we all were together.
ئېيتقىدەك نېمە گەپ بار دەيسىلەر، چەت ئەلدىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تاماق يەيدىكەن.
There was nothing special there. People have three meals a day, just like us.
ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلايدىكەن. بىر غەلىتە يېرى كۆرۈشكەندە، ئۇزاققىچە سۆيۈشۈپ، پومداقلىشىپ كېتىدىكەن.
They will sleep if they want to. A strange thing is that they hugged and kissed when greeting one other.
باشتا «توۋا!» دەپ ياقامنى تۇتتۇم. كېيىن–كېيىن بۇنىڭغىمۇ ئۆگىنىپ ، تونۇش–بىلىشلەرنى كۆرگەندە، يىراقتىنلا غۇلاچ كېرىپ بېرىپ، ئەر–ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايلا بەھۇزۇر قۇچاقلاۋېرىدىغان بولدۇم.
At first I was very surprised, but later I got used to it, and when I greeted them, I also kissed and hugged them. I didn’t hesitate.
ھەممە ئۇرۇق–تۇغقان، تونۇش–بىلىشلەرنى ئۆزىدىن تارتىپ خوتۇن–بالىلىرىغىچە ئالا قويماي سۆيۈپ چىقتىم.
I also kissed my friends, their children, and even their wives.
قاملاشمىغان يېرى، ئۇلارمۇ مېنىڭ خوتۇنۇمنى سۆيۈۋېرىپ مەسلىھەتىنى قويمىدى.
But the bad thing is that they also hugged and kissed my wife.
خەپ، چەت ئەل دېگەنگە خوتۇن خەقنىمۇ ئېلىپ چىقامدىغان، دەپ قالدىم.
I regretted to take my wife with me.
ئامال قانچە، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق تەنتەنىلىك كۆرۈشۈش چوڭ مەدەنىيەت ھېسابلىنىدىكەن.
I couldn’t help it, that was their way of greeting.
نېمە بولسا بولسۇن، سېغىنغان ئادەملىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق، يامان ئەمەس مېھمان بولدۇق.
Whatever we met our relatives, we were impressed by their warm welcome.
ئاق تاپان چەت ئەلدىمۇ قىلچە يۈزىمىزنى تۆكمىدى. ئۇ نەگە بارساق، شۇ يەرگە ئەگىشىپ باراتتى.
White Heel did very good. We kept him with us wherever we went.
بىز ساھىپخانلار بىلەن ھېلىقىدەك تەنتەنىلىك ئامانلىشىۋاتقاندا، ئەدەب بىلەن بىر چەتكە ئۆتۈپ قاراپ تۇراتتى.
When we met with our friends, he stayed behind us, very politely.
مىجەزىمۇ ناھايىتى مۇلايىملىشىپ كەتتى. ئۇ يەرنىڭ ئىتلىرىنى كۆرسىمۇ ئۆز ئۆيىدىكىدەك يوغانچىلىق قىلماي، ئاستا بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ تۇرىۋالاتتى ياكى ھېلىقى ناتونۇش ئىتقا قاراپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، ئۇ قېشىغا كەلگۈدەك بولسا، پۇتلىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ سەمىمىي دوستلۇقنى بىلدۈرەتتى.
He became gentle. When he saw other dogs, he stayed with us and wagged his tail. If the other dog came over, he would lie on the floor and express friendship.
ئۇنىڭ يېتىپ–قوپۇش ئىشلىرىمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى.
He was also treated very well.
بىز چۈشكەن ئۆينىڭ بىر ئاپشاركىسى بار ئىكەن، ئۇ باغنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاختايدىن ياسىلىپ، ئالا–بۇلىماچ سىرلانغان بىر كاتەكتە يېتىپ–قوپىدىكەن.
The host also had a dog. His dog lived in a painted dog house in the backyard.
بۇ كاتەكنىڭ ئىچىنى كىچىكرەك بىر ساراي دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاق تاپان ئاشۇ تۇغقىنى بىلەن بىللە تۇردى.
That dog house was like a small hotel. White Heel lived with his new friend.
ئۆي خوجايىنى ئۇلارغا ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئىككى چاقماقتىن قەنت بىلەن ئازراق سۈت، چۈشلۈكى يېڭى گۆش، ئۆپكە–قېرىن، كەچتە سارماي سۈركەلگەن بولكا بېرەتتى.
The owner gave them sugar and milk for breakfast, meat for lunch and a piece of bread with butter for supper.
ئۆي خىزمەتچىسى ئۇلارنىڭ تاماق يەيدىغان يالاقلىرىنى كۈنىگە ئۈچ ۋاق يۇيۇپ تۇراتتى.
The housekeeper washed their dishes after meal.
ئاق تاپان چەت ئەلنىڭ سېمىز–ئورۇق، ئېگىز–پاكار، يۇڭى ئۇزۇن–قىسقا دېگەندەك ھەممە ئىتلىرى بىلەن چىقىشىپ كەتتى.
White Heel made all sorts of friends abroad – fat and thin, tall and short.
ئۇنىڭ چەت ئەل كوچىلىرىدىكى سۆلەتلىك قەدەم ئېلىپ مېڭىشلىرى ئۇ يەرنىڭ ئالىي نەسىللىك ئىتلىرىدىن زادىلا قىېلىشمايتتى.
He walked on the road like the local nobles dogs.
كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش، مەيلى ئۆيدە، مەيلى سىرتتا بولسۇن، چوڭ–كىچىك تاھارەت قىلماقچى بولسا، ئۇدۇل ھاجەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى.
To our surprise, if he wanted to pee or poop, he would go to the male restroom.
خۇددى چەت ئەل يېزىقلىرىنى تۇنۇيدىغان، ھەرگىزمۇ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كېتىپ قالمايتتى.
Like he knew the words, he would never go to the female restroom.
مېھماندارچىلىققا بارغا يېرىمىزدىمۇ ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە تۇتاتتى.
He also behaved himself at the dinner table.
ئۇنىڭ قىلىقلىرى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمەي قالمايتتى.
Everybody liked him.
ئەگەر بىرەر ئاق كۆڭۈل خانىم ئۇنى يېنىغا چاقىرىدىغان بولسان، ئەيمەنمەي چىقىپ، ئۇنىڭ ئاپئاق يوتىلىرىنىڭ ئۈستىدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇۋالاتتى.
If a kind woman called him over, he wouldn’t hesitate to sit across her lap.
بىر قېتىم، بىز چۈشكەن ئۆينىڭ خوجايىنلىرى بىزنىڭ شەرىپىمىزگە مېھمان چاقىرغىنى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ،
One day, the host invited some friends to a party.
ئۇ كۈنى، ئاق تاپان ھەربىر مېھمان كەلگەندە، دەرۋازىنى ئۆزى ئېچىپ، مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھەممىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.
That night, White Heel opened the door himself and shook hands with every guest. They were deeply impressed.
بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ساھىبخانلار ئاق تاپاننىمۇ ئۆيگە ئەكىرىپ، سورۇننىڭ بىر چېتىگە ئايرىم داستىخان راسلاپ بەردى.
They were so happy that White Heel was invited to the dinner with us.
ئاق تاپان مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، ھەممىگە تەكشى قاراپ كۈلۈمسىرەپ، ئالدىغا قويۇپ بەرگەن تائاملارغا ئانچە–مۇنچە ئېغىز تېگىپ، سەرەڭگە ياغىچىدا چىشىنى كوچىلاپ، ئەدەب بىلەن ئولتۇردى.
He wagged his tail and smiled at everyone. He ate a little food that was put in front of him and sat very politely,
ئىچىشۋازلىق تازا قىزىغاندا، قايسىبىر مەستنىڭ كاللىسىغا: مۇنۇ ئىتقىمۇ بىر–ئىككى رومكا ئىچكۈزۈپ باقمامدۇق؟ دېگەن خىيال كىرىپ قالسا بولىدۇ.
Everyone got drunk, and one person said, “Let the dog drink.”
—    بولىدۇ، ئۇمۇ بىزنىڭ مېھمىنىمىز–دە! — دەپ چۇرقىراشتى باشقىلار.
_ok, it also our guest.” they shouted.
ھۆرمەت يۈزىسىدىن مەنمۇ ياق دېيەلمىدىم. كۈلكە–چاقچاق، ھە–ھۈ بىلەن ئۇلار ئاق تاپانغىمۇ ئىككى–ئۈچ رومكا ئىچكۈزۈۋېتىشتى.
I couldn’t say no, and they gave it a few glasses of beer.
ئازراق قېقىۋېلىپ، قىزىپ قالغان ئاق تاپان نايناقلاپ ئوتتۇرىغا چۈشۈۋېلىپ، خانىملارنىڭ ئارىسىدىكى ياش بىر خېنىمغا ھەدەپ تىزلىرىنى ئېگىپ تازىم قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تانسىغا چۈشمەكچى بولدى.
White Heel also got drunk – he stood in the middle and invited a young lady to dance.
ئاق تاپاننىڭ بۇ قىلىقلىرىغا ھەممەيلەن ئېرى بىر تاتىرىپ، بىر قىزىرىپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ: «ماۋۇ نەدىن كېلىپ قالغان لالما ئىت؟ مېنىڭ ئايالىمنى ئۇ نېمە كۆرۈۋاتىدۇ؟» دەپ ۋارقىراپ، ئۈستەلنى بىر مۇشتلىۋېدى، چىنە–قاچىلار جىغىلداپ كەتتى.
Her husband was very angry, stood up angrily, and said, “Get away from her, who do you think she is?” He pushed the desk, and the dishes almost fell down.
ئاپلا، ئاق تاپان بىر كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىدىغان بولدى–دە، دەپ ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم–دە، ئاق تاپاننى شەرەتلەپ تالاغا ئاچىقىپ، ئاچچىقىمدا كۆتىگە بىرنى تېپىۋەتتىم.
I was very worried, so I stood up and took White Heel out of the room. I kicked his behind in anger.
ئۇ غىڭشىغىنىچە نېرىغا بېرىپ، قۇيرۇقىنى گېلىگە تىقىپ ئازراق قەي قىلىپ، شۇ يەردىلا بېشىنى ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، يېتىپ قالدى.
He whimpered and put his tail in his mouth and vomited. Put his head on his legs and had fallen asleep.
شۇنداق بولسىمۇ، ئاق تاپاننىڭ ھېلىقى ئولتۇرۇشتىكى ئوشۇقچە قىلىقلىرى ئۇنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزەلمىدى.
However, what happened that night at the dinner didn’t influence his reputation,
ھايۋان تۇرماق ئادەملەرمۇ ئوشۇقراق ئىچىۋالغاندا نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ، دەيسىز؟.
because people know that everyone does something stupid when they are drunk.
ئەتىسى تېخى ھېلىقى ئولتۇرۇشتا بىللە بولغان يەنە بىر خانىم ئۆزىنىڭ يۇڭلىرى سالپىيىپ تۇرىدىغانبىر ئالىي نەسىللىك قانجۇقىنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ.
The next day, another woman from the last party came to us with her female dog.
نېمە گەپ دەپ ئۇقسام، ئۇ خانىم بىزنىڭ ئاق تاپانغا قىزىقىپ قاپتۇدەك، ئۆزىنىڭ قانجۇقىغا چېتىشتۇرۇپ، ئاق تاپاننىڭ نەسلىنى ئېلىپ قالماقچى بوپتۇدەك.
She said she was interested in our dog, and she wanted to mate the two and keep their children,
بىز ئەدەب بىلەن رەت قىلدۇق. ئاق تاپانمۇ ھېلىقى خانىمنىڭ ئۇزۇن يۇڭلۇق قانجۇقىغا نەزەر كۆزىنى سېلىپ قويمىدى.
We refused politely. White Heel didn’t even look at her dog.
بىزنىڭ ئاق تاپن ئۇنداق كەلسە–كەلمەس قانجۇقلار بىلەن باردى–كەلدى قىلىدىغان ئىستىلى ناچار ئىتلاردىن ئەمەس–دە!
White Heel wouldn’t mate with such a bad dog.
ئاق تاپاننىڭلا گېپىنى قىلماي، ئۆزىمىزنىڭمۇ گېپىگە كەلسەك، ئېلىپ چىققان ماللىرىمىزنىڭ سوۋغا–سالامدىن ئاشقانلىرىنى سېتىۋېدۇق، يەنە بىرمۇنچە پۇل بولدى.
Let’s come to our point instead of talking about White Heel, we made a bit money by selling the rest of the gifts that we took.
توۋا دەيمەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىكارغا بەرسىمۇ كىيمەيدىغان غەلىتە بىر نېمىلەرنى چەتكە ئېلىپ چىقسىڭىز، پاسۇنىنى مودا ھېسابلىشىپ، چۈشكەن يېرىڭىزنى ئىزدەپ–سوراپ تېپىپ كېلىپ ئېلىپ كېتىشىدىكەن.
I was very surprised while abroad – the clothes that we refuse to wear out here are in fashion there, so people came to us themselves and bought them from us.
قانچە غەلىتە بولسا شۇنچە ياخشى، دەيدىكەن. نېمە قىلىشساڭ قىلىشمامسەن، دەپ پۇلىنى ئېلىپ يانچۇققا سالدۇق.
The stranger the better. Oh well, we made some money.
قايتىدىغان كۈنلىرىمىز يېقىنلىشىپ قالغاندا بىرنەچچە تېڭىق مال ئالدۇق. ھەممە پۇلغا مال ئالايلى دېسەك، چېگرىدا تەكشۈرۈش ناھايىتى قاتتىق ئىكەن.
When it was time to leave, we bought some goods. I was going to buy more, but they were very difficult to bring back.
پالانچى مۇنچىلىك مېلىنى ئۆتكۈزەلمەپتۇ، پۆكۈنچىنى خالىي ئۆيگە ئەكىرىپ يالىڭاچلاپ، مەخپىي يەرلىرىگە تىقىۋالان نەرسىلىرىنىمۇ تارتىپ ئالغانىكەن، شۇ يەردىلا ھوشىدىن كېتىپتۇدەك… دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدۇق.
I heard once that someone couldn’t bring his goods back, since he was searched at the border and his goods were confiscated, so we were very worried about ours.
ئەر–خوتۇن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ، ئازراقتىن ئالتۇن سېتىۋېلىپ، چىشىمىزغا قاپلىتىۋالماقچى بولدۇق.
I consulted with my wife and decided to buy a golden tooth.
ئۇنى دېمىسىمۇ، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇچراشقانلىكى ئادەم بىلەن سۆيۈشۈۋېرىپ، ئالدى چىشلىرىمىز لىڭشىپ قالغانىدى.
Besides, after came here, we kissed so many people, so we lost a few teeth, anyway.
ئەر–خوتۇن ئىككىمىز چىشلىرىمىزغا ئېلىپ–سېلىنىدىغان قىلىپ ئالتۇن قاپلىتىۋالدۇق.
My wife and I bought golden teeth. We could take off them any time.
شۇنىڭدىمۇ، يەنە بىر ئاز پۇلىمىز ئېشىپ قالدى.
We also had some extra money.
تەييار دۇنيانى تاشلاپ كېتىشكە كىمنىڭ كۆڭلى ئۇنايدۇ، دەيسىلەر؟
Who will leave their money behind? Customs would confiscate any money or goods we brought.
بىر كۈنى ئايالىم: — ھوي، ماڭا قاراڭ، يەنە ئازراق پۇل خەجلەپ، ئاق تاپانغىمۇ ئالتۇن چىش سالدۇرۇۋەتمەيمىزمۇ؟ — دەپ قالدى.
_ I have an idea – we should spend that money to buy more golden tooth for White Heel,” said my wife.
__نېمە دەيدىغانسەن. ئىتقىمۇ چىش سالدۇرغان بارمۇ؟ بۇنى ئاڭلىسا ھەممە ئادەم كۈلۈپ يىقىلىپ قالار! — دېدىم.
_ What? That’s crazy. If we did that, everybody would laugh at us.
— كۈلسە كۈلمەمدۇ، — دېدى ئايالىم، — چېگرىدىن سالامەتلا ئۆتۈۋالساق ئۆيگە بارغاندا سۇغۇرۇپ ئېلىۋالىمىز.
_Who cares? After get back home, we can take them off.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭ، بىزنىڭ ئاق تاپاننىڭ چېگرىدىن ساقچىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان ھۈنىرى بار ئىكەن
Besides, our dog can pass through the border,” said my wife.
بۇ مەسلىھەتنى مەنمۇ توغرا تاپتىم. خەق نېمە دېسە دېمەمدۇ، پۇلۇڭ بولسا سەنمۇ ئىت–مۈشۈكلىرىڭنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ھالقا ئاس!
I agreed with her. I don’t care what other people say. “If you have money, you can even buy your pets jewelry!”
ئۆزىمىزگە چىش قويدۇرۇپ تونۇش بولۇپ قالغان بىر چىشچى بار ئىدى.
I knew a dentist who made some golden teeth for us.
ئەتىسى ئۇرۇق–تۇغقانلارغىمۇ تىنماي، ئاق تاپاننى ئەگەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردۇق.
The second day, we went to him with White Heel without informing my friends.
بۇ قېرى چىشچىنىڭ بازارنىڭ ئىتتىكلىكىدە ئۆزىنىڭ چىشىنىمۇ ئېلىپ خەققە قويىۋەتكەندەك، بىرنەچچە چىشى كاماك ئىدى.
His business was doing quite well, so he had no time to make teeth for himself. He had only a few teeth left.
ئۇ ئۆمرىدە ئالتۇن–كۆمۈش بىلەن ھەپىلىشىدىغان غوجاملارنىڭ ھەرخىل بۇيرۇتمىلىرىنى بېجىرىپ پىشىپ كەتكەن ئادەم بولسا كېرەك، ئاق تاپانغا چىش سالدۇرىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ ھەيرانمۇ قالمىدى.
He must have done this sort of work before for rich customers, since he wasn’t surprised at all by our request.
ئۆز ۋاقتىدا بايلار ياخشى كۆرىدىغان ئاتلىرىنىڭ زەخىم يېگەن چىشلىرىنى سالغۇزاتتىكەن، بۇنى سۆلەت ئۈچۈن ئەمەس، يەم–خەشەكنى ئوبدان چايناپ يېسۇن، دەپ شۇنداق قىلاتتىكەن.
He told us, previously rich men had asked to have golden teeth made for their favorite horses in order to protect their teeth.
چىشچى: — ئىتنىڭ چىشىنى ئېلىپ–سالىدىغان قىلىپ قاپلىغىلى بولمايدۇ، — دەپ تۇرۇۋالدى.
_ I have to warn you, though,” he told us, “the golden teeth can’t be taken off.”
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىت دېگەن قاتتىق–قۇرۇق نېمىلەرنى غاجىلايدىغان بولغاچقا، ئالتۇننى ئېلىپ سالىدىغان قىلىپ ئورنىتىپ قويسا ئوڭايلا چۈشۈپ قالىدىكەن، مەھكەمرەك قىلىپ ئورنىتىۋەتمەكتىن باشقا ئاما يوق ئىكەن. بوپتۇ، دەپ باھاسىنى كېلىشتۇق…
He explained that since dogs always ate solid food, we had no choice but to make it tight.
قايتىپ كېلىشىمىز بىلەنلا چەت ئەلگە چىققىنىمىز ھەممىگە پۇر كەتتى.
After we came back, everybody knew about it.
شۇ كۈنلەردە چەت ئەلگە چىقىپ ئالتۇن چىش قۇيۇپ كەلگەنلەر يالغۇز بىزمىدۇ، دەيسىلەر؟
In these days, many people have come back from abroad with golden teeth.
بىراق، پالانچى چەت ئەلگە چىقىپ ئىتنىڭ چىشلىرىغا ئالتۇن قاپلىتىپ كەپتۇدەك، دېسە ھەرقانداق ئادەم ھەيران بولىدىغان گەپكەن.
But nobody has bought golden teeth for their dog. Every one got surprised by that.
بىزنىڭ ھال–كۈنىمىزدىن خەۋىرى يوق كىشىلەر: تازىمۇ بېيىپ كەتكەن نەرسىلەر ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىسا، ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدىغانلار: ماۋۇ زاڭلارنىڭ قلىپ يۈرگەن قىلىقىنى قارىمامدىغان، ئەزەلدىنمىغۇ بىر گىلەم تاپسا، ئۆيىگە سالماي، تالاغا يېيىپ قويىدىغان نېمىلەر ئىدى، دەپ تەنە قىلىدىغان بولدى.
People who don’t know us might think that I became a rich man, but people who do know us might think I’m a little crazy.
زەھەردەك ئاچچىق گەپ قىلىدىغان بى قوشنىمىز بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ مېنى چاقىرىۋېلىپ:
I have a neighbor who likes to mock people. One day, he said to me:
— ئوسمانجان، چەت ئەلگە چىقىپ، ئەر–خوتۇن، ئىتىڭلار بىلەن قېلىپتا قۇيغاندەكلا ئوخشاش بوپكەپسىلى–دە! — دېۋىدى، بۇ گەپ جان–جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
_ Osmanjan, since you came back, you and your wife look a lot more like your dog.” I was speechless and angry.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئەر–خوتۇن قاپلىما چىشلىرىمىزنى ئېلىپ تاشلىدۇق.
Since that day, we removed our golden teeth.
ئاق تاپاننىڭ ئاغزىدىكى ئالتۇنلارنى قومۇرۇۋالماقچى بولۇپ ئىككى–ئۈچ قېتىم ھەپىلىشىپ، تەرگە چۆمۈپ كەتتۇق، زادىلا ئالالمىدۇق.
I tried many times to take the golden teeth out of White Heel’s mouth, but my efforts were in vain.
ئاق تاپان كاڭشىپ زارلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بىزگىمۇ تۇتۇق بەرمەيدىغان بولىۋالدى.
After we tried that, White Heel dodged, and never let us get him.
ئۇنىڭ چىشىدىكى سېرىق نىجىس بىرەر قاتتىق ئۇستىخاننى غاجىلاۋاتقاندا ئۇگۇلۇپ چۈشۈپ كەتسىمۇ كاشكى.
When he ate solid food, the yellow stuff couldn’t be broken into pieces.
ھېلىقى كۆزلىرى كۆپكۆك، قېرى چىشچىنىڭ مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپلا ياخشى ئادەم ئەمەسلىكىنى پەملىگەنىدىم.
I could tell our old dentist wasn’t a good man by his wily face.
ئۇ بىزنى ئەتەي مەسخىرە قىلىپ: قېنى، بۇ ئالتۇنلارنى ئەمدى قومۇرۇۋالغىنىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي، دېگەندەك قىلىپ، شۇنچە مەھكەم ئورنىتىۋەتكەنىدى.
He seemed to laugh at us on purpose, and put the teeth in very tightly.
پالانى يەردە پۆكۈنچى باينى ئۆلتۈرۈپ، ئالتۇن–كۆمۈشلىرىنى سۈپۈرۈپ كېتىپتۇدەك، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساقلا، ئاق تاپاننىمۇ بىرەر ئۆلتۈرۈپ، ئاغزىدىكى دۇنيالىرىمىزنى بۇلاپ كېتەرمۇ، دەپ ئەندىشىدە ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق.
When we heard reports in the news about rich men being killed for their money, we worried about our dog, and never got a good night’s sleep.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاق تاپاننىڭ مىجەزىمۇ غەلىتە بولۇپ قالغانىدى، بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئىت دېگەننى كېچىلىرى قاۋاپ، ئۆينى كۆزەت قىلىدۇ، دەپ باقمىسا نېمىگە باقىدۇ، دەيسىلەر؟
Lately, White Heel’s character changed. We kept him in order to protect our house.
چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭ تۈزۈكرەك قاۋاپ باققىنىنىمۇ ئاڭلىمىدۇق.
Ever since we came back, we haven’t heard him bark.
كىرگەن–چىققانلارغا خۇددى ئاغزىمدىكى ماۋۇ ۋالىلداپ تۇرغاننى كۆردۈڭلارمۇ؟ ھەممىڭلار جېنىڭلارنى سېلىپ بېرىدىغان ئالتۇن دېگەن سېرىق نەرسە شۇ! دېگەندەك قىلىپ، ھىجىيىپ قاراپلا تۇراتتى.
He always opens his mouth and smiles to people, as if he wanted to say, “Hi, here is the gold you are trying to get.”
تېخى كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ، ياخشىراق كىينىگەن مېھمانلارنى كۆرسە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ نايناقلاپ كېتەتتى، كىيىملىرى ناچارراق مۇساپىرلار كەلسە كۆزگىمۇ ئىلمىغاندەك قىلىپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرەتتى.
When he saw people with good clothes, he would wag his tail and smile to them. When he saw poor people, he would look down on them.
بىز ئۇنى يامان كۆزدىن يوشۇرۇپ، تالاغا چىقىپ كەتمىسۇن، دەپ دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىپ قويساق، ئۇ ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، ئولتۇرىدىغان يېرىنى قۇيرۇقىدا پاكىز سۈپۈرۈۋېتىپ، چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىرتىلدىتىپ تۈكۈرگىنىچە چوڭ كوچىدىن ئۆتكەن–كەچكەنلەرگە ھىجىيىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
In order to protect him, we always closed the gate. But he would go up to the roof and look at passing people on the road.
تېخى بەزى كۈنلىرى چەت ئەلدىكى سارماي سۈركەلگەن بولكىلارنى يەپ، بىر–ئىككى رومكىدىن ئىچىپ يۈرگەن كۈنلىرىنى ئەسلەۋاتقاندەك، ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە خىيالغىمۇ كېتىپ قالاتتى.
Sometimes, he would think about those days abroad, and dream about bread with butter and wine.
توۋا، ماۋۇ ئىتنىڭ قىلىقلىرىنى، دەپ بىزار بولىدىغان بولدۇم.
Looking at his behavior, I began to dislike him.
بىر كۈنى، ئاق تاپاننىڭ ئاغزىدىكى ئالتۇننى ئالالمىغاننىڭ جېلىچىلىكىدە تازا ئىچىپ، يەنە شەپكەمنى ئۇنتۇپ قېلىپ قايتىپ كەپتىمەن.
One day, I was very angry about not taking the golden teeth out. That night, I was very drunk and came back home without my cap.
ئاق تاپان شەپكىنى نەدىندۇر تېپىپ، چىشلىگىنىچە ئۇدۇل ساقچىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ.
White Heel found my cap and handed it over to the police.
ئەتىسى ئۆزۈممۇ تونىمايدىغان بىر ساقچى: — ئوسمانجان، ماۋۇ شەپكە سىلەرنىڭغۇ دەيمەن؟ — دېۋىدى، قاراپلا قالدىم، — ئەمدى چوڭ بولدۇڭلا، ھەرقانچە ئىچسەڭلارمۇ شەپكىگە ئىگە بولغۇدەك ئەھۋالدا بولدى قىلىڭلار، بۇنىڭ ئەستىرىدە تېخى پۇلمۇ باركەن–ھە!؟ — دەپ شەپكەمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. خىجىللىقتا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.
The next day, a police officer who even I didn’t know gave me the cap and said, “This is your cap, isn’t it? You are an old man now. Don’t drink too much to loose your awareness. There’s also some money in it.” I was so embarrassed.
ئايالىمنىڭ ئارىلاپ قورسىقى مۇجۇيدىغان بىر كېسىلى بولىدىغان، بىر كۈنى كېچىسى كېسىلى يەنە قوزغىلىپ ئازابتىن تۈگۈلۈنۈپلا قالدى.
My wife had stomachaches. One night, she hurt all over.
مىڭ مۇشەققەتتە بىر ھارۋىنى تېپىپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزدۈم، جىددىي بۆلۈم دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ بالنىستقا يوللىدى.
I found a carriage with great difficulty and took her to the hospital. Doctor diagnosed and sent her to the sickroom.
بوش كارىۋات يوق، ئايالىمنى زالدىلا ياتقۇزدۇم. شۇ ياتقانچە داق يەردە بىر ھەپتە يېتىپ قالدۇق.
There were no any empty beds, so I had to lay her in the corridor. We spent a week till we had a bed.
زالدا ئۇياق–بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.
There were many passing people in the corridor.
تەرەت قاچىلىرى، ھەر خىل دورا پۇرىقى، ئىسسىقتا كىشىلەردىن كۆتۈرۈلىۋاتقان تەرنىڭ دەستىدىن تىنغىلى بولمايتتى.
It was difficult to breathe because of the smell from the bathroom, medicine, and sweat.
ئايالىمنىڭغۇ ئاغرىق ئازابىدا ئۆزىنىڭ نەدە ياتقانلىقىنى بىلگۈچىلىكى يوق ئىدى.
My wife was so sick that she even didn’t know where she was.
لېكىن، ماڭا بۇ ناھايىتى خورلۇق بىلىندى. بوش كارىۋات يوقمىكىن دېسەم ئەتراپىمدىكى ئاغرىقلارنىڭ بەزىلىرى بوشىغان كارىۋاتلارغا يۆتكىلىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا يەنە يېڭى ئاغرىقلار پەيدا بولۇپ قالاتتى.
But I was embarrassed myself. Some patients around us had already moved into the empty sickroom, and new patients took their place.
بەزى بىمارلار زالدا ئۆچرەتمۇ كۈتمەي، ئۇدۇل بوش كارىۋاتلارنى تېپىپ كىرىپ كېتەتتى. نېمە ئىش بوپكېتىۋاتقىنىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم.
Some patients could get to the sickroom directly. I didn’t understand what had happened.
بىر كۈنى، دورا بېرىپ، ئۇكۇل ئۇرۇپ يۈرگەن چىرايلىق بىر خانىمنى چاقىرىپ ھالىمنى ئېيتتىم:
One day, I came to a nurse who had been giving my wife medicine and told her our situation.
— ئۇكام، ماڭا قاراڭ، ئايالىمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋاتىسىز. ماۋۇ سېسىقچىلىقتا ياتقىنىمىزغا ھەپتىدىن ئاشتى…
_ “Miss, you know my wife’s situation – she’s been lying here for so long.”
— ئاكا، ھازىر قانداق زامان، بىلمەمسىز؟ — دېدى خانىم مۇلايىم كۈلۈپ، — مۇنداق پىخسىقلىق قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولىسىز!
_ Sir, you should understand – if you’re that worried about money, you won’t be able to save your wife.” She said that with kind of smile.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى.
I was shocked by that.
— ئۇكام، مەن نېمە پىخسىقلىق قىپتىمەن؟ دوختۇرخانا ھەققى، دورا ھەققى دېگەندەك ھەممە تاراق–تۇرۇقلارنىڭ پۇلىنى تولۇق تۆلىدىم، مانا قەغىزى. يەنە كام قالغان يېرى بولسا تۆلەي، — دېدىم.
_ Madam, am I being stingy? I have paid all my hospital bills – here are my invoices. If that isn’t enough, I will pay more.
— ئاڭلىسام چەت ئەلگە چىقىپ، ئىتىڭىزنىڭ چىشلىرىغىمۇ ئالتۇن سالدۇرۇپ كەپسىزكەن، (يائاللا! بۇ ئىشنى ئاڭلىمىغان ئادەم قالماپتۇ–دە!) چەتنىڭ ئوبدانراق كىيىملىرىكلىرىدىن باردۇ؟ — دېدى خانىم ھېلىقى مۇلايىم كۈلكىسىنى ئۆزگەرتمەي.
_ I’ve heard that you came back from abroad lately, and that your dog has golden teeth. Do you have any foreign clothes?” She never changed her kind of smile.
— چىقىپ قالار… بولدى، مەن سىزگە بۈگۈنلا ئوبدانراق بىر كىيىملىك رەخت يەتكۈزۈپ بېرەي.
_ I do, all right, I will bring them to you.
— ماڭىلا بەرگىنىڭىز بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. كارىۋاتنى بەلگىلەيدىغان ئادىمىمىز باشقا، ئۇنىڭغا بىر كىيىملىك. يەنە بىزنىڭ سېستىرالار باشلىقىمۇ بار.
_ Giving them to just me isn’t enough – you’ll have to bring some for the in-charge nurse and the room manager, too.
شۇنداق قىلىپ، بۇ سودىنىڭ نەرقى ئۈچ كىيىملىك رەختكە توختىدى.
I finished this deal with three pieces of foreign clothes.
ئۆيگە ئۇچقاندەك يېتىپ بېرىپ، ئايالىمنىڭ ساندۇقىنى ئۆرۈپ–چۆرۈپ، رەختلەرنى يەتكۈزۈپ كەلدىم. دېگەندەك، چۈشتىن كېيىن بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق.
I came home immediately and found the clothes. She was right – we moved into the sickroom that afternoon.
مەنغۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىكى ھېساب–كىتاب قىلىدىغانلاردىن تارتىپ ئاق خالات كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا دوختۇر، دەيدىكەنمەن.
In my eyes, all people with white coats in the hospital are doctors.
لېكىن، دوختۇرخانىدا ئۇزاق ياتقان بىمارلار ئۇلارنى چوڭ دوختۇر، كىچىك دوختۇر، پراكتىكانت دوختۇر، سېستىرا ۋەھاكازا دەپ ناھايىتىمۇ ئىنچىكە پەرقلەندۈرىدىكەن.
But I was wrong, they’re divided into doctors, interns, and nurses.
كارىۋاتلىق بۆلۈمگە يۆتكەلگەندىن كېيىن باشقىغا پەمىم يەتمىسىمۇ، بىز ياتقان ئۆيگە مەسئۇل چوڭ دوختۇرنى ئوبدان تونىۋالدىم.
After we moved into the sickroom, I knew the doctor in charge of my wife very well.
ئۇ ئېگىز بويلۇق، كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، ھەر كۈنى قوي سويۇپ، شورپا ئىچىپ تۇرىدىغان قاسساپلاردەك ئىككى مەڭزى پارقىراپ تۇرىدىكەن.
He was a tall, handsome man, with bright red cheeks as a butcher.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن «ئايالىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم.
He said that my wife should be operated on.
زادى قاچان ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.
But he never set a time.
ئايالىمنى قان تەكشۈرۈش، يۈرەك تەكشۈرۈش، مېڭە تەكشۈرۈش دېگەندەك ئاجايىپ–غارايىپ تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈپ، پۇل تۆلەپ، قانداقتۇر قەغەزلەرگە تامغا باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇ تۆشۈكتىن بۇ تۆشۈككە يۈگۈرۈپ ھالىمدىن كېتەي، دېدى .
I am very tired of various examines like: checking her blood, head and heart, paying the hospital bill and running from one doctor to another to get the stamps.
ھەش–پەش دېگۈچە يانچۇقمۇ قۇرۇقدىلىنىپ قالدى. بىر كۈنى، ئازراق پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ كېلەي، دەپ ئۆيگە بارسام، دەرۋازا ئوچۇق تۇرۇپتۇ.
I was running out of money. One day, in order to get some money, I went home. The gate was open.
بۇ نېمە ئالامەتتۇ؟ دەپ ھويلىغا كىرسەم، ئۆينىڭ ئىشىكىمۇ ئوچۇق. «ئوغرى» دېدىم–دە، ئۆيگە ئېتىلىپ كىردىم.
What happened? I went into the yard, and the door was also open. “Thief!” I cried, rushed into the house.
قارىسام، ھەممە نەرسە جاي–جايىدا تۇرۇپتۇ. ئۆيگە بىرى كىرگەندىمۇ ياكى ھېلىقى كۈنى كىيىملىك رەختكە كەلگەندە ئۆزۈم ئۆيلەرنى قۇلۇپلىماي كېتىپ قالغاندىمەنمۇ، دەپ تېڭىرقاپ قالدىم.
Nothing was moved, so I wondered if somebody came in or if I had left the house unlocked.
شۇ چاغدا كۆزۈم ئايالىمنىڭ نەرسە–كېرەكلىرىنى سېلىپ قويىدىغان كىچىك ساندۇققا چۈشتى. ساندۇقنىڭ ئاغزى قىيا ئوچۇق تۇراتتى. ئىچىگە قارىسام، ئەر–خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ھېلىقى قاپلىما چىشلىرى غايىب بوپتۇ.
Suddenly, I saw our jewelry box. My wife always kept her stuff in that box. It was open. I found that our golden teeth were stolen.
ئەلەمدە تالاغا چىقىپ ئاق تاپانغا قارىدىم. ئاق تاپان غېمىدە يوق، ئۆگزىدە قۇيرۇقىنى دۈپدۈگىلەك قىلىۋېلىپ، كوچىدا ئۆتكەن خېنىملارغا چىشىنىڭ پارقىرىقىنى كۆرسىتىپ، قۇيرۇقىنىڭ ئۈستىدە ھېجىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.
I left with a heavy heart, and saw that White Heel was sitting on the roof, smiling at passing girls. He looked really happy.
دەردىمنى ئىچىمگە يۈتتۈم. ئىشەنچلىك كىرىپ، توپتوغرا ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئالتۇن چىشلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىغا قارىغاندا، ھەقىچان بىلىدىغان بىرىنىڭ قىلغان ئىشى، دېگەن گۇمان كۆڭلۈمدىن كەچتى.
I couldn’t help it. I suspected that a man who knew us did this, because nothing but the golden teeth was moved.
بۇنى ئېنىقلاپ ئولتۇرۇشقا نەدە ۋاقىت. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ بازارغا يۈگۈردۈم، ئۇنى ئېلىشىغا سېتىپ، يەنە دوختۇرخانىغا چاپتى.
I had no time to prove it. I sold every valuable in the house, prepared some money and ran to the hospital again.
ھەرقانچە ئالدىراش بولغاندىمۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ئارامچىلىق تاپىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
Any busy man could make time to have a rest.
بالنىست بىناسىنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە گۈللۈك بار ئىدى. كەچتە ئاغرىقلارغا قاراۋاتقانلار ئۇ يەرگە چىقىپ، بىر تال–يېرىمتال تاماكا چېكىشىپ پاراڭلىشىپ قالاتتۇق.
There was a small garden in front of the sickroom building. In the evening, people would go there, relax, and shoot the breeze.
بىر كۈنى، گۈللۈككە يىغىلغانلار ھېلىقى چوڭ دوختۇرنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كەتتى.
One day, people in the garden were talking badly about the doctor.
مەن بىر چەتتە تاماكا چېكىپ ئاڭلاپ ئولتۇردۇم.
I was sitting near them and smoking.
— ۋاھ، بۇ دوختۇرنىڭ نەپسىنىڭ يوغۇناپ كەتكىنىنى دېمەمسىلەر، — دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى بىرەيلەن، — يانچۇقىغا پۇل چۈشمىگىچە ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قولىغا ئالمايدۇ. جېنىڭنىڭ چىقىۋاتقىنى بىلەن كارى يوق. پىچاقنى گېلىڭگە تىرەپ تۇرۇپ، جېنىڭغا تۇرامسەن، مېلىڭغىمۇ؟ دەيدىغان قاراقچىنىڭ نەق ئۆزى.
_ He only cares about money – he won’t start to operate until he sees the money. He doesn’t care at all about the patients’ lives. He is a bandit,” said someone.
__راست، شۇنداقكەن، — دەپ تەستىقلىدى ياشراق بىرەيلەن، — بالامنى ئەتە ئوپېراتسىيە قىلىمەن، ئۆگۈن ئوپېراتسىيە قىلىمەن، دەپ يۈرگىنىگىمۇ ھەپتىدىن ئاشتى.
_ yes, you are right,” said a younger one, “it had been a week since he said
نارىسىدىگە ئىچ ئاغرىتماق تۈگۈل، تۈزۈكرەك چىراي ئېچىپمۇ قاراپ قويمايدۇ.
He didn’t pity my son, even didn’t look at him with smile.
«ھە، سەن ئەبلەخ بىر نەرسە تەما قىلىۋېتىپسەن–دە!» دەپ چۈشەندىم.
I thought: “you probably want to get something from me”
بىر كۈنى، نەق تۆت يۈز تەڭگىنى خالىتىنىڭ يانچۇقىغا غاچچىدە سېلىپ قويدۇم.
One day, I put 400 RMB in his pocket without saying anything.
ئۇ ماڭىمۇ قارىماي، ئۇدۇل تەرەتخانىغا قاراپ ماڭدى. ھەقىچان، ئىشتاننى سېلىپ ئولتۇرۇپ، پۇلنى ساناپ باقتىغۇ دەيمەن، چىقىپ شۇ كۈنىلا ئوپېراتسىيە قىلدى.
He went straight to the restroom and didn’t even look at me. He probably counted the money there. He operated at once.”
— ئۆيىگە كىرىپ باقتىڭلارمۇ، مۇشۇ دوختۇرنىڭ ئۆيىگە؟… — دېدى بىر دېھقان، — ئۆتكەندە مەن بىر تۇڭ ماينى كۆتۈرۈپ، ئۆيىگە كىرگەنىدىم.
__ have you visited his house?” said a farmer, “I visited him with a bucket of cooking oil.
شۇنداق بىر سوغۇق تەلەت خوتۇنى بار ئىكەن، نەزەرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. يائاللا، دوختۇر مۇنداق مۇزدەك خوتۇن بىلەن قانداقمۇ بىر ئورۇندا ياتار، دەپ قالدىم.
He has a cold, fish-like wife. She didn’t even look at me. How could the doctor sleep with her?
— ئۇلار ئۈچۈن بىر تۇڭ مېيىڭ نېمىتى! — دېدى بىرەيلەن، — پۇلى بار غوجاملار لوق–لوق بېرىپ ئۆگىتىپ قويغان–دە!
__a bucket of cooking oil means nothing to them. Because doctors always receive a lot of money,” someone said.
— شۇ دوختۇرلىرىڭلار ھۆكۈمەتتىنمۇ مائاش ئالىدىغاندۇ؟ — دەپ سورىدى ياشتا چوڭراق يەنە بىر دېھقان
Do the doctors also get a salary?” asked an older farmer .
ئالماي، بىر تىيىنى كەم قالسا بىر ھەپتە ئىشقا چىقماي ياتىدۇ، دەڭە.
_of course, say, if they didn’t, they wouldn’t go to work for a week.
— ئەمدى، ھەم مائاش ئېلىپ، ھەم خەلقنى شىلسا بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ، دەيمىنا؟
_They get a salary, and they also blackmail patients – is there any way to get back at them?
— ھەي، قەيەردىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسىز ئاكا، — دېدى ياش يىگىت، — ئايرىملارنىڭ باي بولۇشىغا يول قويۇڭلار، دەۋاتقىنىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
__The government allowed some people to become rich first,” said a young man.
— يائاللا، بۇ جاھان نېمە بوپكېتىۋاتقاندۇ؟! — دېدى ھېلىقى دېھقان.
__who knows what will happen?” said an older farmer.
— ئۇنىمۇ دەيسىلەر، بۇنىمۇ دەيسىلەر ئاغىنىلەر، — دېدى باياتىن جىم ئولتۇرغانلاردىن بىرى سۆز قىستۇرۇپ، — ياخشىسى، دوختۇر دېگەننىڭ چىشىغا تەگمەي، ئوبدان رازى قىلىپ، ئىشنى پۈتتۈرگىنىڭلار تۈزۈك.
_we had better not make the doctor angry; we better get out of this hospital,” said another one.
بولمىسا، دىئاگنوز ئېنىق بولمايۋاتىدۇ، ئۇنداق تەكشۈرۈش، مۇنداق تەكشۈرۈش دەپ يۈگۈرۈتۈپ ۋەسلىڭنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ!
“or he’ll take more of our money”
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئەقىل تاپقاندەك بولدۇم.
A good idea came to me.
ئەڭ ياخشىسى، شۇ چوڭ دوختۇرنىڭ ئۆزىنىلا توغرىلىسام بولغۇدەك… بىراق. يانچۇقۇم قۇرۇقلىنىپ قالدى.
I had better give another bribe to the doctor. But I ran out of money.
ساندۇقتىكى قاپلىما چىشلارنى ئوغرى ئالدى. ئەمدى دوختۇرغا نېمىنى شۇڭغۇتسام بولار؟…
The golden teeth were stolen, so what could I give the doctor?
ئاۋۋال دوختۇرنى بىر چېكىپ باقماقچى بولۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە چوڭ دوختۇر كارىۋاتلارنى بىر قۇر ئارىلاپ تالاغا قاراپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زالغا چىقتىم.
I wondered what the doctor wanted. After he had made his rounds, I followed him to the corridor.
دوختۇر بىرنەرسە دېيىشكە تەمشىلىۋاتقىنىمنى پەملەپ قالدىمۇ، قەدىمىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى.
The doctor saw that I wanted to say something, so he stopped and turned around to me.
— دوختۇر، ناھايىتى جاپا چېكىۋاتىسىز. سىزگە بىرەر نەرسە لازىم…
_Doctor, you are very painstaking with your work, do you want….?” I said.
— ھە، ئون بەشىنچى كارىۋاتما؟ — دېدى ئۇ سۆزۈمنى بۆلۈپ، — ئاڭلىسام، ناھايىتى ياخشى بىر ئىتىڭىز باردەكقۇ؟ بىر كىچىك ئوغلۇم بار، ئىت دېسە ئۆلۈپ بېرىدۇ…
_oh, bed no.15?” he interrupted me. “I heard that you have a good dog, don’t you? I have a son, he likes dogs very much…”
خۇدايىمنىڭ ئىشىمنى ئوشىغىنىغا شۈكرى، دېدىم. شۇ ئىتتىن ئۆزۈممۇ زېرىكىپ تۇراتتىم.
Thanks goodness. I have already been disgusted with my dog.
مىڭ تەستە تۇتۇپ باغلاپ، ئەتىسىلا دوختۇرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ كەلدىم.
I tied it with great difficulty and brought it to the doctor next day.
ئىشىكنى چېكىپ، ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىۋاتقىنىمنى كۆرگەن دوختۇرنىڭ ھېلىقى سوغۇق تەلەت خوتۇنى:
I knocked on the door. His fish-like wife saw me and shouted:
نېمە گەپ بۇ!؟ — دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
_ what is this?
ئۇ راستتىنلا توڭلاتقۇدا ساقلىغان گۆشتەك كۆكىرىپلا تۇرىدىغان خوتۇن ئىكەن.
She was really like a fish in refrigerator.
ئاڭغىچە ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا ئاسما ئىشتان بىلەن دوختۇرنىڭ ئۆزى پەيدا بولدى.
Then the doctor showed up from inside.
— ھە، ھېلىقى ئىت شۇمىدى؟ — دېدى ئۇ، — كىرىڭ، كىرىڭ!
_is this that dog?” he said “come in, come in.”
دوختۇرنىڭ ئۆيى بىسات بىلەن تىنىپ كېتىپتۇ. نېمىلا بولمىسۇن، ئاق تاپان چەت ئەلنى كۆرگەن مەدەنىيەتلىك ئىت–دە، ئۇ تاپسىدىكى پالازغا پۇتلىرىنى سۈرتۈپ، ئالدىمغا ئۆتۈپ، ئۆي ئىگىلىرىگە قاراپ ھىجايدى.
There was so much furniture in his house. White Heel wiped his feet before he went in and smiled to them, because he was a civilized dog.
ئۇنىڭ چىشلىرىدىكى ئالتۇننى كۆرۈپ، دوختۇرنىڭ خوتۇنى ھەيران بولغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
After she saw his golden teeth, the doctor’s wife was very surprised and speechless.
ئىتنىڭ زەنجىرىنى دوختۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. نېمىشقىدۇر، كۆڭلۈم بۇزۇلغاندەك بولدى.
I gave the dog to him. I felt very upset, but I didn’t know why I felt that way.
— ئەمدى… دوختۇر، ئايالىمغا بىر ئوبدانراق قاراپ قويارسىز، — دېگەن گەپلەرنى ئارانلا دېيەلىدىم.
_ so, doctor, please take care of my wife.” I couldn’t think of anything else to say.
— بولدى، بولدى. خاتىرجەم بولۇڭ، — دېدى ئۇ، — ئايالىڭىزنى بۈگۈن كەچتىلا ئوپېراتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرىمەن
_ I will, don’t worry about it. I will arrange her operation this evening,” he said.
شۇنداق قىلىپ، ئاق تاپان ئۆز قىممىتى بەدىلىگە ئايالىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى.
So, White Heel saved my wife.
ئايالىمنى دوختۇرخانىدىن سالامەت قايتۇرۇپ چىقىۋاتقىنىمدا، ئاق تاپانغا بولغان بارلىق رەنجىشلىرىم يۇيۇلۇپ كەتكەندەك بولدى.
After I left the hospital, I was never angry with White Heel ever again.
لېكىن، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈم بىر قىسما بولۇپ قالدىم.
But since that day, I have been feeling guilty.
ئادەت بولۇپ قالغاچقىمۇ، ئىشىم بولمىسىمۇ، دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ ئايلىنىپ قالىمەن.
After the operation, when I was free, I often went for a walk around the hospital.
بەزىدە ئېسىمدە يوق قان ئالىدىغان، پۇل ئالىدىغان يەنە قانداقتۇر بىر نېمىلەرنى ئالىدىغان بۆلۈملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پالاقلاپ مېڭىپ كېتىمەن.
Sometimes I came to
بىر كۈنى، دوختۇرخانىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەت تۆكۈلىدىغان ئازگالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتىمەن. ئەخلەت ئازگىلى ئىچىدە تونۇش بىر نەرسە كۆزۈمگە غىل–پال چېلىققاندەك قىلدى.
One day, when I was passing near a rubbish pit in the hospital, I found something familiar in that pit.
ئۆتۈپ كېتىپ بولۇپ، «بۇ ئەخلەتلەرنى ئىچىدە ماڭا تونۇش نېمە بار بولغىيدى؟… ھازىر كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى زادى نېمە؟» دەپ ئويلىنىپ قالدىم.
I stopped and thought what that familiar thing in the pit was.
تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلدى. ئاق تاپان!
“White Heel!” it suddenly came to me.
ئارقامغا يېنىپ قارىسام، قان–يىرىڭلار بىلەن تولغان ئەسكىلىكلەرنىڭ ئىچىدە ئاق تاپاننىڭ جەسىتى تاشلىنىپ يېتىپتۇ.
I was back to the pit and saw his body in the rubbish.
تۈكلىرى قۇندۇزدەك پارقىراپ تۇرغان تېرە ئۈستىدە ئىپلاس چىۋىنلەر گاژىلدىشىپ يۈرىدۇ.
Dirty flies were flying over his beautiful fur.
قولۇمغا بىر تاياقنى ئېلىپ، نېرىدىن تۇرۇپ ئاق تاپاننىڭ بېشىنى كۆتەردىم، ئۇنىڭ چىشلىرىنى چېقىپ قومۇرۇۋېلىشىپتۇ.
I poked him gently with a stick. His teeth were broken.
ئىچىم ئېچىشىپ، كۆزلىرىم ياشقا تولۇپ، ئالدىمدىكى ھەممە نەرسە خىرەلىشىپ كەتتى…
I was so sorry that tears burst out from my eyes, and everything before me became blurry.
ئاز كۈن ئۆتمەي، دوختۇرخانىدىكى بىرىدىن يەنە غەلىتە بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى.
After a short time, I heard some news from my friend in that hospital.
ھېلىقى چوڭ دوختۇرنىڭ مۇز چىراي ئايالى يېڭىدىن ئالتۇن چىش سالدۇرغانىكەن، شۇ كۈندىن باشلاپ ھېچ ئىش قىلماي، دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ، كوچىدا ئۆتكەن–كەچكەن ئەر خەقلەرگە ھىجىيىپلا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇدەك…
“I heard that the doctor’s fish-like wife filled her mouth with golden teeth recently, and since then she has been sitting near the window and smiling at the passing men on the road.”
— چوڭ دوختۇرنىڭ ئۆزىچۇ؟ — دەپ ئالدىراپ سورىدىم.
_ what about the doctor?” I asked quickly.
— چوڭ دوختۇرمۇ بىر–ئىككى تال چىش سالدۇرغانىكەن، ئارىلاپ ئىتقا ئوخشاش قاۋاپ، خالىتىنىڭ يانچۇقىغا پۇل سالمىغانلارغا رەسمىي خىرىس قىلىپ ھۆرپىيىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
__he also filled his mouth with some teeth, and he would bark at people who didn’t give money, just like a dog.
«نېمە كارامەتتۇ بۇ؟!» دەپ ياقامنى تۇتتۇم.
“What! How come! ” I was deeply surprised.
شۇ كۈندىن باشلاپ دوختۇرخانا تەرەپكە قارىساملا تېنىم شۈركىنىدىغان بولۇپ قالدى.
Since then, I have feeling of dread every time I go near the hospital.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:35:20

تەرجىمىسىگە كىم ئىشلىگەن؟ تەرجىمىسى سۈپەتلىك چىققان بولسا،  ئېنگىلىزچە چىقىدىغان ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› دەيدىغان ژورناللار بولسا ئىلان قىلغانمىدۇ؟:lol

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:37:07

مومكىن بولسا لىيغان بۇلاق دىگەندەك رومانلىرىمىز تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئىنگىلىزلارغا تازا يارايتى مىنىڭچە ...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:56:04

kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 09:37 static/image/common/back.gif
مومكىن بولسا لىيغان بۇلاق دىگەندەك رومانلىرىمىز تەرجى ...

ئوھ.....
:lol

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:56:34

ماۋزۇسىنى the dog with golden teeth دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 10:32:59

تەرجىمىسى مىنىڭچە ئەسلىدىكى تەسۋىر، سۈپەتلەشلەرنى يوقىتىپ قۇيۇپتۇ. ئەدەبىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلماق بەسى مۈشكۇل ئىش.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 12:43:14

بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى ئۇزۇندىنبېرى ئاڭلاۋاتاتتىم ئاخىرى ئوقۇشقا نىسىپ بوپتۇ.:)

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 12:48:10

بۇ ئەسەر ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچە ئەمەس، مەمتىمىن ھۇشۇر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ مۇشۇنداق جانلىق ، ساتىرىك ، تىلغا باي تۈسكە كىرگەن...

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:26:20

— ئۇكام، ماڭا قاراڭ، ئايالىمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋاتىسىز. ماۋۇ سېسىقچىلىقتا ياتقىنىمىزغا ھەپتىدىن ئاشتى…
_ “Miss, you know my wife’s situation – she’s been lying here for so long.”

Uyghurbufet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 19:43:31

تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن……!

بولسا قىسقىراق ، قىزىقارلىق،تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار ئوقۇشلۇقلارنى ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە يوللاپ تۇرساق، ئېنگىلىس تىلىنى ئۈگۈنىۋاتقانلار ئۈچۈن ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى……

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 20:14:19

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 12:48 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسەر ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچە ئەمەس، مەمتىمىن ھۇشۇر تەر ...

نېمە گەپ ئۆزى؟

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 20:56:01

Good job

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:46:03

داۋاملىق تىرىشىڭ.:)

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 00:44:36

ياخشى ئەسەر بۇ

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 04:16:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 04:40  

— ئۇكام، ماڭا قاراڭ، ئايالىمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋاتىسىز. ماۋۇ سېسىقچىلىقتا ياتقىنىمىزغا ھەپتىدىن ئاشتى…
_ “Miss, you know my wife’s situation – she’s been lying here for so long.”
— ئاكا، ھازىر قانداق زامان، بىلمەمسىز؟ — دېدى خانىم مۇلايىم كۈلۈپ، — مۇنداق پىخسىقلىق قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولىسىز!
_ Sir, you should understand – if you’re that worried about money, you won’t be able to save your wife.” She said that with kind of smile.

ئۆزگەرتىلگىنى :

— ئۇكام، ماڭا قاراڭ، ئايالىمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋاتىسىز. ماۋۇ سېسىقچىلىقتا ياتقىنىمىزغا ھەپتىدىن ئاشتى…
_ “Excuse me Miss, you see my wife’s situation – we’ve been lying in this foul smell more then a week.”
— ئاكا، ھازىر قانداق زامان، بىلمەمسىز؟ — دېدى خانىم مۇلايىم كۈلۈپ، — مۇنداق پىخسىقلىق قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولىسىز!
_ Sir,Do you know what century is this? – if you’re too stingy to spend money, you won’t be able to save your wife.” She said with a kindly smile.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 04:20:39

ئۇ ماڭىمۇ قارىماي، ئۇدۇل تەرەتخانىغا قاراپ ماڭدى. ھەقىچان، ئىشتاننى سېلىپ ئولتۇرۇپ، پۇلنى ساناپ باقتىغۇ دەيمەن، چىقىپ شۇ كۈنىلا ئوپېراتسىيە قىلدى.
  :lol:lol
بەت: [1]
: ئالتۇن چىشلىق ئىت(ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە)