waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 22:26:04

CBA دىكى ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى ئەزمەتلىرىمىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-4 23:59  

  2014-يىلى11- ئاينىڭ 1- كۈنى،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى جۇڭگۇدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.  يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە،  جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قايسى كوماندىلىرى تەركىۋىدە توپ ئۇينايدىغان ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىزنى تۈۋەندىكىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن؛



  1. شىرئەلىجان مۇختەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1991-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.92مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 20-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، يىراقتىن توپ ئېتىش تەنھەركەتچىسى، 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يىۇقۇرى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى نەتىجە ياراتقان. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلگەن. CBA چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋە ئادىلجان سۇلايمان، دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ۋاسكىتبول چولپىنىغا ئايلانغان.
   
  

  2. مەۋلان تۇرسۇن،  ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدىن، 1984-يىلى 17-ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 2.05 مېتىر. بەدەن ئېغىرلىقى131 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇچى، 32-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
1997-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناشقا باشلىغان، 2006-يىلى تۇنجى قېتىم چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسېكىتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2-بولىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە فوشەن كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2014-يىلى 2-ئايدا  NBL كوماندىسى  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلغان.  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسى دەرىجىسى ئۆسۈپ 2014-يىلى جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) گە قۇشۇلغان.
مەۋلان تۇرسۇن يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا ۋاكالىىتەن جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) گە قاتنىشىدۇ.



  3. مەردان تۇرسۇن، ئۇيغۇر.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدىن، 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 2.05مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى131 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇچى، 33-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
مەردان تۇرسۇن ئىلگىر-ئاخىرى بۇلۇپ جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، بېيجىڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى، شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2014-يىلى 9-ئايدا ئاكىسى مەۋلان تۇرسۇن توپ ئوينىۋاتقان جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلغان.

   

  4. ئارىسلان ئادىلجان ئۇيغۇر، 18 ياش،  بوي ئىگىزلىگى 1.85مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 81 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 5-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  ئارىسلان ئادىلجان داڭلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئادىلجان سۇلايماننىڭ ئوغلى، ئۇ ئىلگىرى 1-ئاۋغۇسىت ياشلار كوماندىسىدا تەربىيەلەنگەن. دۆلەت ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 1-ئاۋغۇسىت  كوماندىسىغا ۋاكالىىتەن جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.



5. مۇرات ئادىلجان، ئۇيغۇر، بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر، ئېغىرلىقى 86 كىلوگىرام، مۇرات ئادىلجان 1985-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2000-يىلى يەنى 15 يېشىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2002-يىلى شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ ئۇزۇن يىل شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن. 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



بىز  ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىزنىڭ جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىلەكداشمىز.


ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 09:58:18

ئالدىنقى پەسىللەردە ھەربىيلەرنىڭ كوماندىسىدا شاۋكەت دەپمۇ ياكى شۆھرەت ئىسىملىك بىر بالا باردەك قىلغان. ھازىر نەدىدۇ؟
مۇراتنىڭ تېرىنىرلىق ساھەسىگە قەدەم قويغىنى ياخشى بوپتۇ. بىزگە مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلا لازىم بولۇپ قالماستىن مۇنەۋۋەر تېرىنىرلارمۇ لازىم.
ئادىلجان ئاكىمىزنىڭ داڭقىنى بەك ئاڭلىدىم. ھەم كىتابىنىمۇ ئوقۇۋاتىمەن. ياش ۋاقىتلىرىدا ئوينىغان مۇسابىقىلىرىنىڭ سىنلىرىنى تاپقىلى بولارمۇ؟ مۇشۇ ئاكىمىزنى دۆلەت كوماندىسىنى يا ئارمىيە كوماندىسىدىن باشقا كوماندىسىنى تۇتۇپ باقسا چوقۇم ياخشى نەتىجە ئالالايدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 10:22:42

ئارمىيە كوماندىسىغا كىرگىلى بولىدۇ، چىققىلى بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 10:43:04

ئارمىيە كوماندىسى  ساپ جۇڭگو كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ، چەتئەللىك چولپانلارنى ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇڭا مېنىڭچە ئادىلجان ئاكىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى نەتىجىلىرىمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم توپ تۈرىدە بۇنچە ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرىشىنىڭ ئۆزى يەنە بىر چوڭ نەتىجىسى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 11:03:10

مۇراتنىڭ كىينكى كەسپى ھاياتىغىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 11:55:05

تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ چىقىشىنى ،ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئەللىرىگە نامايەندە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 12:10:42

بۇ ئوغلانلىرىمىزنىڭ كەسپىي ھاياتى مەنىگە لىق تولسۇن!

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:19:14

ئاكا_ئۇكا ئىككىسىنىڭ بويىمۇ، ئېغىرلىقىمۇ تەڭكەن دېسە...

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 15:15:16

تەنھەركەتچىلىرىمىز ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر گۇرپا بولسا مەبلەغ ۋە قوللاش يىتەرلىك بولسىلا دۇنيا چولپىنى بولالايتى چوقوم ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 17:36:41

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 10:22 static/image/common/back.gif
ئارمىيە كوماندىسىغا كىرگىلى بولىدۇ، چىققىلى بولمايدۇ  ...

شۇنى دەڭە .بولمىسا ئادىلجان ئاكىمىز .....................

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 17:37:03

kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 15:15 static/image/common/back.gif
تەنھەركەتچىلىرىمىز ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر گۇرپا بولسا ...

دۇنيا چولپىنى؟
مىللەتنى ھەرقانچە سۆيسەكمۇ، ئەمەلىيەتتىن بەكلا يىراقلاپ كەتمەيلى. كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەردىن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەلىرىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتالايدىغانلىقىنى سوراپ بىقىڭ. يالغۇز مەبلەغ ۋە قوللاش بولسىلا 5-10 يىلنىڭ ئىچىدىمۇ دۇنيا چولپىنى بولۇپ كەتكىلى بولمايدۇ، 20-30 يىللىق تەربىيەلەش ۋە تەجىربە بولسا قانداقكى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 17:39:07

بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنىڭ گېپى چىقسىلا تىنىم يايراپ كىتىدۇ دىسە  شىرئالى ئىنىمىزقاتارلىق لارغا بەرىكەت ھەم يەنىمۇ جەۋلانلىق تىلەيمەن .    ئاپىرىنلا دىيەلەيمەن چىن دىلىمدىن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 20:55:23

بۈگۈن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن خېلى ياخشى ئوينىغان ئىدى…تاكى تۆتىنچى ئايلانمىغىچە ئالدىدا ئىدى ئەپسۇس يەنىلا ئۇتتۇرۇپ قويدى…مابولى بىلەن مولىس مەيدانغا چۈشۈپلا بېيجىڭ كوماندىسى جانلىنىپ كەتتى…

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:23:33

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-05 20:55:23 static/image/common/back.gif
بۈگۈن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسى بىلە
توردىن كۆردۈڭلارما؟ ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئادىلجان قانداراق ئوينىدى؟ ئالدىنقى ھەپتە CBA دىكى ئاتا_بالا توپچى_تېرىنىرلار تونۇشتۇرغاندا قىسقىلا تونۇشتۇرغانتى. مۇسابىقە فىلىمىدىن كۆرۈشۈمچە يولداشلاردىن چاققانلىقى چىقىپلا تۇرغانتى. تىرشسىلا NBA غا بارالمىسىمۇ، جۇڭگۇدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى بولۇشىدا مەسىلە يوقتەك.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:24:49

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-05 21:23:33 static/image/common/back.gif

توردىن كۆردۈڭلارما؟ ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئادىلجان قاندا
* ئادىلجان_ ئارسلان:(

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:30:36

ئادىلجان سۇلايماننىڭ ئوفېتسىرلىق ئۈنۋانى بار ئوخشىمامدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 21:35:47

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-05 21:30:36 static/image/common/back.gif
ئادىلجان سۇلايماننىڭ ئوفېتسىرلىق ئۈنۋانى بار ئوخشىما
قول ئاستىدا توپ ئوينايدىغان ۋاڭ جېجې دېگەننى 2008-ئولىمپىكتا «تۈەنجاڭ» دەرىجىسى بار دەۋاتاتتى. ئۇ توپچى بۇ يىلدىن باشلاپ ئادىلجانغا ياردەمچى تېرىنىر بولدى تېخى.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 23:49:43

ئادىلجان پودپولكوۋنىك(داشىياۋنى شۇنداق دەرمۇ؟).
شىرئەلىجانغا گەپ كەتمەيدۇ.
مۇرات شۇنداق چاققان، پاس ئېلىشى ياخشى، بولۇپمۇ گار ئاستىدا.
مەردانجان ئۇكام ئازراق ھورۇن{:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 02:40:01

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 21:23 static/image/common/back.gif
توردىن كۆردۈڭلارما؟ ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئادىلجان قاندا ...

تېلىۋىزوردىن كۆردۈم. ئارىسلان مەيدانغا چۈشمىدى. لېكىن 1-ئاۋغۇست كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ مەيداندا ئىزچىل ئالدىدا ماڭدى ھەتتا 16 نۇمۇر ئېشىپ كەتكەن ئىدى تۆتىنچى مەيدانغا كەلگەندە ئاندىن بېيجىڭ كوماندىسى يىتىشىۋالدى. 1-ئاۋغۇست كوماندىسىدىكى ماھىرلار ئىچىدە ياش ماھىرلار جىقكەن. ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن جىق نۇمۇر ئېلىپ كەتتى. مابۇلى دىگەن ئاداشنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ قالدى بولمىغان بولسا بېيجىڭ كوماندىسىنى ئۇتۇۋالغان بولسا كېيىنكى مۇسابىقىلەردە خېلى ئېچىلىپ قالاتتى دە...

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 07:09:11

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201411/04/222416wqllsvm7qh2o577v.jpg.thumb.jpg
بەت: [1] 2
: CBA دىكى ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى ئەزمەتلىرىمىز