huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 08:41:44

تۇخۇم تۇغىدىغان خوراز

تۇخۇم تۇغىدىغان خوراز
                                  گوجىن


بىر كۈنى ئاق مېكىيان تۇخۇمىنى تۇغۇپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا كاتەكتىن چىقىپ، خۇشاللىقىدا " ۋاق، ۋاق، ۋاقاق، ۋاقاق، ۋاق، ۋاق"دەپ ۋاقاقلاشقا باشلىدى. ھويلىدىكى چار خوراز مېكىياننىڭ ۋاقىلدىغىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىدا چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.
ئۇ مېكىياننىڭ ئالدىغا ئۇچقاندەك كەلگەنچە كېلىپ، قانىتى بىلەن ھېلىقى مېكىياننى تازا شاپىلاقلاپ قويغىلى تۇردى. مېكىياننىڭ پەيلىرى توزۇپ، ئاپپاق پەيلىرى لايغا بۇلغىنىپ كەتتى، مېكىيان تۈكلىرىنى قېقىپ يەردىن ئېغىناقلاپ قوپۇپ خورازدىن:

   -خوراز ئاكا ، نېمىشقا باغرى تاشلىق قىلىپ، مېنى ئۇرىسەن؟مېنىڭ سېنىڭ چىشىڭغا تېگىپ قويغان يەرلىرىم بارمۇ؟-دەپ سورىدى.   خوراز ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەن ھالدا :   -بۇنىڭ سورايدىغان نېمىسى بار؟-سەن گۇي باياتىن نېمىشقا ئاغزىڭ بېسىلماي ۋاقاقلاۋېرىسەن؟   -بۇ مېنىڭ قىلغان ئەجرىمدىن كېيىنكى خۇشاللىقىم، مەنلا ئەمەس، دۇنيادا تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن قايسى مېكىيان ۋاقاقلىمايدۇ؟-دېدى مېكىيان.
   -سەن نېمىشقا ماڭا ئاڭلىتىپ ۋاقاقلايسەن ئەمىسە، بۇ بىزنىڭ خوجايىنغا خىزمەت كۆرسەتتىم دېگەنلىكىڭغۇ، غەرەزلىك ھالدا مېنى خوجايىنغا يامان كۆرسەتكەنلىكىڭ ئەمەسمۇ؟-دېدى خوراز.   -خوراز ئاكا، مەندە ئۇنداق جۈرئەت نېمە قىلسۇن؟-دېدى مېكىيان تاكاللىشىپ.   -سەن مېنىڭ نورمال ئارام ئېلىشىمغا دەخلى يەتكۈزدۈڭ!-دېدى خوراز،-مەن ساڭا ئېيتىپ قويايكى، بۇنىڭدىن كېيىن تۇخۇمنى تۇغۇپ كاتەكتىن چىققاندا ، ئۈنۈڭنى چىقارغۇچى بولما!
بولمىسا، مېنى يۈز-خاتىرە قىلمىدى، دەپ قالما جۇمۇ!   مېكىيان دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ، ئادالەتسىز بولغانلىقىنى ئويلاپ ئىگىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ، دەرد –ئەھۋال ئېيتىشنى ئويلىدى. لېكىن يەنە كۈنبويى خوراز بىلەن بىللە يۈرۈيدىغانلىقىنى ، يەنە كېلىپ ئاخشىمى بىر كاتەكتە ياتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، خورازنى خاپا قىلىپ قويماي دېدى-دە، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى.  

ئەتىسى چۈش مەزگىلىدە ، مېكىيان ئۈن-تۈنسىزلا كاتەككە كىرىپ تۇخۇمىنى تۇغۇپ بولۇپ، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋاقىراشنى ئەمدىلا ئويلاپ تۇراتتى. تۇيۇقسىزلا ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ھېلىقى خورازنىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان ئاۋازىنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ كېتىپ قالدى. خوراز مېكىياننىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا خۇشال بولۇپ، كاتەككە كىرىپ يېتىۋالدى.
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە خوراز مېكىيانغا ئوخىشاش كاتەكتىن چىقىپ، " ۋاق، ۋاق، ۋاقاق، ۋاقاق، ۋاق، ۋاق"دەپ ئاغزى بېسىلماي، توۋلاشقا باشلىدى. خوجايىننىڭ ئاچچىقى كېلىپ:   -سەن بەغەرەز خوراز، نېمىشقا دانلىشىڭنى دانلىماي، ئىتنىڭ بۇغداي مايسىسىنى يېگىنىدەك مۇغەمبەرلىك قىلىپ، بۇ يەردە ۋاقىراپ-جاقىراپ يۈرۈيسەن!   
ئەمما خوراز قەيسەرلىك بىلەن ۋاقاقلاپ، كاتەكتىن زادى نېرى كەتمىدى.
ئىگىسى كاتەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ كاتەككە قارىۋىدى، كاتەكتە تۇخۇمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇنى سىلاپ باقتى، تېخى ئىسسىقى كەتمەپتۇ، ئىگىسى كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:   -غەلىتە ئىش، ئەلمىساقتىن تارتىپ مېكىيان تۇخۇم تۇغاتتى،قىچقىراتتى. بىزنىڭ خوراز ئۇنىڭ ئەكسىچە تۇخۇم تۇغۇپتۇ، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە، ئەمدى ياخشى بولدى.   ئۈچىنچى كۈنى مېكىيان كاتەككە كىرىپ يەنە بىرنى تۇغۇپ قويۇپ، تۈتۈگۈنگە ئوخشاشلا ئۈن چىقارماستىن ئالدىراپ غىپپىدىلا چىقىپ كەتتى. خوراز بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ، كاتەككە كىرىپ يېتىۋالدى-دە، بىردەمدىن كېيىنلا خوراز" ۋاق،ۋاق،ۋاقاق،ۋاقاق،ۋاق،ۋاق"دەپ ۋاقاقلاشقا باشلىدى. خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىگىسىنىڭ ئېسىگە گۈپپىدە تۈنۈگۈنكى ئىش كېلىپ، دەرھاللا قاراپ باقماقچى بولۇپ چىقتى. خوراز ئىگىسىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ، ئاستاغىنە كاتەكتىن چىقىپ، ئاۋازىنىڭ بېرىچە ۋاقاقلاشقا باشلىدى.
بۇ قېتىم ئىگىسى ئوچۇق كۆرگەن ئىدى. دېگەندەكلا خوراز تۇخۇم تۇغۇپتۇ. ئىگىسى تۇخۇمنى قولىغا ئېلىپ، خورازغا قاراپ خۇشاللىق بىلەن:   -ۋاي خورىزىم، ۋاي خورىزىم، مەن سېنىڭ قىچقىرىدىغانلىقىڭنىلا بىلىپ، تۇخۇم تۇغالايدىغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ۋاي ئەتىۋارلىق توخام، بۇنىڭدىن كېيىن ئوبدان نەرسىلەرنى بېرىپ باقسام بولىدىكەن،-دېدى.
خوراز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بېشى ئاسمانغا تاقاشقاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ئىگىسىنىڭ مېكىياندىن بىزار بولۇپ ئېيتقان :   -ياخشى نەرسىلەرنى بېرىپ باقساممۇ قولۇڭدىن پوق كەلمەيدىكەن، ئەتە سېنى ئۆلتۈرۈپ شورپاڭنى ئىچمىسەم بولمىدى!-دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ قالدى.
  خۇدابەردى خېلىل تەرجىمىسى  
"گۈلىستان"ناملىق مەجمۇئەدىن

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 10:24:59

بۇنىڭ مەزمۇنى ماۋۇ يولداشنىڭ گىپىگە ماس كەپ قالغۇدەك.....

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 10:29:34

بوزقىر تورى ئەسلىگە كەپتۇ ....بايام ئاچسام نورمال ئىچىلدى....

Bari يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 14:59:54

تۇخۇم تۇغىدىغان خوراز :lol

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 15:45:05

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 15:50:32

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 15:45 static/image/common/back.gif
ئادىرسىنى ئەۋەتمەملا ئەمسە بىزمۇ بەھرى ئالايلى شۇ بى ...

http://bbs.bozqir.net/

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 17:09:37

خورازمۇ تۇخۇم تۇغىدۇ.  ئۆمىرىدە بىر قېتىم تۇغىدىغۇ دەيمەن.  كەپتەر تۇخۇمىچىلىك كىلىدۇ.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 20:20:13

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 17:09 static/image/common/back.gif
خورازمۇ تۇخۇم تۇغىدۇ.  ئۆمىرىدە بىر قېتىم تۇغىدىغۇ دەي ...

    ماڭىمۇ كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداق بىرى ئۇچرىغان(كاتەكتىن تۇخۇملارنى ئىلىۋاتسام). شۇغىنىسى بۇ تۇخۇمنى خورازنىڭ كاكىلىغانلىقىنى نەخ مەيدان كۆرمىگەچكە بىر نەرسە دىيەلمىگەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 17:54:25

شۇنداق خوراز توخۇم توغۇرمىش ،
قاسساپ ھۆمۈيۈپ تۇرۇرمىش،
بوران چىقماي قالسىلا ،
خۇشخۇي ھىجىيىپ يۈرۈرمىش .
چاقچاق ....ھە بۇ
خوراز نەدە توغقان بار .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 18:33:05

  ئىشەنمىسەڭلار مەيلى.  مەنمۇ كاتەكتىن تۇغۇم يىغقاچ كەپتەر تۇخۇمىچىلىك بىر تۇخۇم چىققان.  چوڭ ئانام خورازنىڭ دىگەن.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 19:43:14

خوراز  بوممىسىمۇ  مىكيان  كاكىلاۋىرەمدا ؟

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 08:58:57

خۇراز  تۇخۇم قۇيمايدۇ .  

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 09:09:28

مىكىياننىڭ خورازغا ئايلانغىنىنى كۆرگەن ئەمما خورازنىڭ تۇخۇم تۇققىنىنى ئالىماپتىكەنمەن
بەت: [1]
: تۇخۇم تۇغىدىغان خوراز